سىز توغرا بولسىڭىز، دۇنيامۇ توغرا بولىدۇ

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-22 13:21:31

سىز توغرا بولسىڭىز، دۇنيامۇ توغرا بولىدۇبىر ئىشنى قىلالايمەن دەپ قارىسىڭىز، چوقۇم قىلالايسىزناپولېئون خېئول مۇنداق بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگەن: يامغۇر يېغىۋاتقان بىر شەنبە كۈنى سەھەردە بىر پوپ...



    سىز توغرا بولسىڭىز، دۇنيامۇ توغرا بولىدۇ

    بىر ئىشنى قىلالايمەن دەپ قارىسىڭىز، چوقۇم قىلالايسىز

    ناپولېئون خېئول مۇنداق بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگەن: يامغۇر يېغىۋاتقان بىر شەنبە كۈنى سەھەردە بىر پوپ ۋەز ئېيتىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ ئولتۇرسا، كىچىك ئوغلى قىلغىلى ئىش تاپالماي زېرىكىپ ئولتۇرغان ئىكەن، ئۇ قولىغا بىر كونا ژورنالنى ئېلىپ، ئۇنى ۋاراقلاپ ئولتۇرۇپ، ناھايىتى چىرايلىق رەڭلىك خەرىتىگە كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ. ئۇ دۇنيا خەرىتىسى ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن پوپ بۇ خەرىتىنى ژۇرنالدىن يىرتىۋېلىپ پارچە-پارچە قىلىپ يىرتىپ يەرگە تاشلاپ:

    -يوھان، سەن بۇ خەرىتىنى قايتىدىن قوراشتۇرۇپ چىقساڭ، ساڭا 25 سىنىت بېرىمەن،-دەپتۇ.

    پوپ ئوغلىنى بۇ ئىش ئۈچۈن يېرىم كۈن ھەلەك بولىدۇ دەپ پەرەز قىلغان ئىكەن. ئويلىمىغان يەردە ئون مىنۇت ئۆتمەيلا، ئۇ ئولتۇرغان كىتابخانا ئۆينىڭ ئىشىكى چىكىلىپتۇ، ئۇنىڭ ئوغلى خەرىتىنى قوراشتۇرۇپ بولغانىكەن، پوپ بۇنىڭدىن بەكلا ھەيران بوپتۇ. ئۇ ئوغلىنىڭ خەرىتىنى بۇنچە تېز قوراشتۇرۇپ بولىشىنى زادىلا خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىكەن. ئەمما پارچە قەغەزلەر ناھايىتى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ پۈتكۈل خەرىتە ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەنىدى.

    -ئوغلۇم، قانداق قىلىپ بۇنچە تېز قوراشتۇرۇپ بولدۇڭ،-دە] سوراپتۇ پوپ.

    -ناھايىتى ئاددىيغۇ:-دەپتۇ يوھان،-بۇ خەرىتىنىڭ ئارقا تەرىپىدە بىر كىشىنىڭ سۈرىتى بار ئىكەن. مەن ئالدى بىلەن پارچە قەغەزلەرنى يەرگە قۇيۇپ، ئادەمنىڭ سۈرىتىنى قوراشتۇردۇم، ئارقىدىن بىر ۋاراق قەغەزنى قوراشتۇرۇلغان قەغەزنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ ئۇنى ئۆرىدىم. مېنىڭچە، ئادەمنىڭ سۈرىتى توغرا قۇراشتۇرۇلسا، خەرىتىنىڭ قوراشتۇرۇلۇشىمۇ خاتا بولمايدۇ.

    پوپ ئۆزىنى تۇتالماي كۈلۈپ كەتكەن ۋە 25 سىنىت پۇلنى ئوغلىغا بېرىپ:-سەن ئەتە سۆزلەيدىغان ۋەزىمنىڭ تېمىسىنى تېپىپ بەردىڭ. بىر ئادەم توغرا بولسىلا، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيامۇ توغرا بولىدۇ، دېگەن. بۇ ھېكايىنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭقۇر:ئەگەر سىز مۇھىتىڭىزدىن نارازى بولۇپ، ئۇنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ. يەنى «ئەگەر سىز توغرا بولىسڭىز، سىزنىڭ دۇنيايىڭىزمۇ توغرا بولىدۇ.» ئەگەر سىزدە ئاكتىپ روھىي ھالەت بولسا، ئەتراپىڭىزدىكى بارلىق مەسىلە ئۆزلۈكىدىن ھەل بولىدۇ.

    ئارى بان كۇپېر ئامېرىكىدىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر سوتچىلارنىڭ بىرى، بىراق ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ناھايىتى جانسىز بالا ئىدى.

    كۇپېر مىسسۇرى شىتاتىنىڭ سان-جوس شەھەرىدىكى نامراتلار مەھەللىسىدە چوڭ بولغان. ئۇنىڭ دادىسى كۆچمەن بولۇپ، تىككۈچىلىك بىلەن شۇغۇللىناتتى، كىرىمى ناھايىتى ئاز ئىدى، ئۆينى ئىسسىتىش ئۈچۈن، كۇپېر دائىم تۆمۈر يول بويىدا كۆمۈر تېرەتتى. كۇپېر بۇ ئىشنى مەكتەپتىن قايتقان بالىلار كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ، دائىم ئارقا يولدىن ماڭاتتى. بىراق، بالىلار ئۇنى كۆرۈپ قالاتتى. بۇلۇپمۇ بىر توپ كەپسىز بالىلار كۇپېرنىڭ تۆمۈر يولدىن ئۆيىگە قايتىدىغان يولىغا يوشۇرۇنىۋېلىپ، ئۇنىڭغا قورشاپ ھۇجۇم قىلاتتى، ئۇلار دائىم كۇپېر تېرىغان شاخارلارنى كوچىغا چېچىۋېتەتتى، شۇنىڭ بىلەن كۇپېر يىغلىغان پېتى قايتىپ كېتەتتى. مۇشۇنداق قىلىپ كۇپېر ھەمىشە قورقۇنچ ۋە ئۆزىنى پەس كۆرۈش ھالىتىدە ياشايتتى.

    بىر كۈنى كۇپېر ھېراشۇئالگېرنىڭ «روبىرتنىڭ كۆرىشى» دېگەن كىتابنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن زور ئىلھام ئالدى. كۇپېر بۇ كىتاپتىن ئۆزىگە ئوخشاش بىر ئۆسمۈرنىڭ كۈرەش قىلغانلىقىغا ئائىت ۋەقەلىكنى ئوقۇغان. ئۇ ئۆسمۈر غايەت زور بەخىتسىزلىكىگە ئۇچرىغان، لېكىن ئۇ جاسارەت، ئەخلاق كۈچىگە تايىنىپ، بەخىتسىزلىك ئۈستىدىن غەلبە قىلغان. كۇپېرمۇ مۇشۇنداق جاسارەت ۋە كۈچكە ئىگە بۇلۇشنى ئۈمىد قىلىپ قىش چىققۇچە سوغۇق ئۆيدە ئولتۇرۇپ قەھرىمانلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئائىت ھېكايىلارنى ئوقۇپ، بىلىپ-بىلمەي ئاكتىپ روھىي ھالەت ھاسىل قىلغان.

    كۇپېر ھىراشۇنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، يەنە تۆمۈر يول بويىغا شاخار تەرگىلى بارغان، يىراقتا ئۈچ بالىنىڭ بىر ئۆينىڭ كەينىگە قاراپ يۈگرەۋاتقانلىقىنى بايقىغان، ئۇ دەسلەپتە ئارقىغا بۇرۇلۇپلا قاچماقچى بولغان، بىراق ئۆزى ئوقىغان كىتابتىكى باش قەھرىماننىڭ باتۇرلىقىنى ئەسكە ئېلىپ، چىلەكنى چىڭ تۇتۇپ ئالغا قاراپ چوڭ قەدەم تاشلاپ ماڭغان، ئۆزىنى ھېراشۇنىڭ كىتابىدىكى قەھرىماندەك چاغلىغان.

    شۇ كۈنى بىر مەيدان قاتتىق ئېلىشىش بولغان. ئۈچ بالا كۇپېرغا قاراپ ئېتىلغان، كۇپېر قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاجىزلارنى بوزەك قىلىپ ئۆگىنىپ قالغان بۇ ئۈچ بالا بەكمۇ چۆچۈپ كەتكەن. كۇپېر بىر بالىنىڭ بۇرنىغا كىلىشتۈرۈپ بىرنى ئۇرغان، سول مۇشتى بىلەن قورسىقىغا بىرنى قويغان، بۇ بالا دەرھال مۇشت ئېتىشتىن توختاپ، ئارقىغا قاراپ قاچقان، بۇ كۇپېرنىمۇ چۆچىتىۋەتكەندى  بۇ چاغدا قالغان ئىككى بالا ئارقىغا بۇرۇپلا قېچىپ كەتكەن. بۇ كۈن ئۇنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم بىر كۈن بولغان، شۇ كۈنى ئۇ قورقۇنچ ئۈستىدىن غەلبە قىلغان.

    كۇپېر بۇلتۇرقىغا قارىغاندا بەك كۈچلىنىپ كەتكەن ئەمەس، ھېلىقى جىدەلچى بالىلار يامانلىقىنى يۇغۇشتۇرۇۋالغانمۇ ئەمەس، ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇنىڭ روھىي ھالىتى ئۆزگەرگەن، ئۇ قورقۇنچنى يېڭىشنى، خەتەردىن قورقماسلىقنى، يامان كىشىلەرنىڭ بوزەك قىلىشقا يول قويماسلىقىنى ئۆگىنىۋالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئۆز مۇھىتىنى ئۆزى ئۆزگەرتمەكچى بولغان، دەرۋەقە شۇنداق قىلالىغان.

    كۇپېرPMAدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ئاجىزلىق، قورقۇنچ ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ، ئامېرىكا بويىچە ھۆرمەتكە ھەممىدىن سازاۋەر سوتچىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. كۇپېر ھېلىقى كۆرۈنمەس تۇمارنىڭ PMAيۈزىنى ئۆرىگەن، ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ سىرىنى ئاچقان.

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.