بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟(يالقۇن روزى)

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-02 19:11:00

بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟يالقۇن روزى دادىلار قەيسەرلىكتە، چىدام -جاسارەتتە، ئىلىم - ھۈنەردە، ۋاپادارلىقتا، ئەل - يۇرتقاھىممەت كۆرسىتىشتە ... پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولالىشى كېرەك. » بالىلىرىمى...

    بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟
    يالقۇن روزى

                                  

             دادىلار قەيسەرلىكتە، چىدام -جاسارەتتە، ئىلىم - ھۈنەردە، ۋاپادارلىقتا، ئەل - يۇرتقاھىممەت كۆرسىتىشتە ... پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولالىشى كېرەك.
     »       بالىلىرىمىز مەدەنىيەت ۋە دۇنيا قاراشلار  ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتىدۇ. بۇنداق مۇھىتتابىزگە مېھىر - شەپقەتنى  غەپلەت بۆشۈكىگە ئايلاندۇرۇۋالغان ئانىلار كېرەك ئەمەس، بەلكى ئۇنى يۈكسەك ئېتىقاد ئىستراتېگىيىسىگەئايلاندۇرغان ئانىلار كېرەك. «
           بۇ بىر ئابزاس سۆز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 2004 - يىللىق 2 - سانىدا ئېلان قىلىنغان «بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟» دېگەن ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى كەسكىن خىتابى. مېنىڭچە، سۆيۈملۈك ئانىلىرىمىزغا قىلىنغان بۇ خىتاب يەنە ئۆز نۆۋىتىدە قەدىرلىك دادىلارغىمۇ ئوخشاشلا ماس كېلىدۇ! مەن ئاشۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن «بىزگە  قانداق دادىلار كېرەك؟» دېگەن مەسىلەئۈستىدە جىددىي ئويلىنىپ قالدىم.
            لۇشۈن ئەپەندى 1920 - يىللىرى «بىز ھازىرقانداق دادا بولۇشىمىز كېرەك» دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، ئەينىيىللاردىكى جۇڭگولۇق دادىلار توغرىسىدا ئۆتكۈر  تەنقىدىيمۇلاھىزە يۈرگۈزگەنىكەن. شۇ يىللاردا جۇڭگو زىيالىيلىرى «يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى»نى قوزغاپ، مىللىي ئويغىنىش دولقۇنىنى ئەۋج ئالدۇرغان. مىللىي خورلۇقنى  يەتكۈچە تارتقان جۇڭگو زىيالىيلىرى غەزەپ - نەپرەتكە تولغان كۆزىنى ئۆزلىرىنى قاتمۇقات مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان جاھانگىرلارغا، تەسلىمچى ھۆكۈمەتكە، ھوقۇقپەرەس مۇستەبىتلەرگە تىكىش بىلەن بىرگە، مەھكۇملۇققا كۆنۈكۈپ كەتكەن جاسارەتسىز دادىلارغىمۇ تىككەن. شۇڭائەينى ۋاقىتتىكى ئەدەبىي ئەسەرلەردە دادىلارنىڭ ئوبرازى ئاساسەن دېگۈدەك سەلبىي ئوبراز سۈپىتىدە يارىتىلىپ ئۆتكۈر ئىبارىلەر بىلەن تەنقىدلەنگەن. ئەدەبىي تەنقىدچىلەر «يوللارغا ئەسكى دادا توشۇپ كەتتى» دەپ ئېيتىشقان. شۇڭىمۇ بەزى ئەربابلار بۇيىللارنى جۇڭگو تارىخىدىكى «دادىنى دۇمبالاش» يىللىرى دەپ ئاتاشقان، شۈبھىسىزكى، بىر مىللەت ئۆزىنىڭ كېلەچەك - ئىستىقبالى ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلانغاندا، مەۋجۇت ھالىتىدىن ئۆكۈنۈپ قانائەتسىزلىك ھېس قىلغاندا ۋە  ئەندىشىگە چۆمگەندە، تەبىئىي ھالدا كرىزىس ئېڭى كۈچىيىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ قانداق قىلىش كېرەك؟ بىزگە نېمە كېرەك؟ چىقىش يولى -  تەرەققىيات يولى زادى قەيەردە؟ دېگەندەك نۇقتىلاردىن چىقىپ تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىدۇ.    بايانىمىزدىكى «بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟»، «بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟» دېگەن تېمىلار ئۈستىدىكى ئويلىنىشلارمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
           بىلىپ تۇرۇپتىمىز: نۆۋەتتە، خەلقىمىز مەۋجۇت بولۇش، تەرەققىي قىلىش، ئەنئەنە ۋە مىللىيخاسلىقنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە قاتمۇقات خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. گەرچە پۈتكۈل يەرشارى مىقياسىدا تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە كۆرۈلۈۋاتقان كەسكىن رىقابەت ۋە خىرىس ھەممە مىللەتكە ئوخشاش بولسىمۇ، ھەربىر مىللەتنىڭ ئەھۋالى مەلۇم جەھەتلەردە يەنىلا پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھازىر ئەڭ مۇھىمى ۋە خەۋپلىك     بولۇۋاتقىنى ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتىكى يىمىرىلىشتۇر. بۇنى«بىز دۇچ كېلىۋاتقان بارلىق خىرىسلار ئىچىدىكى ئەڭ زور خىرىس» دەپ ئېيتىشقابولىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر بەلكىم، «ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتىكىچۈشكۈنلىشىش پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلە»دەپ ئويلىشى مۇمكىن. توغرا، ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتە غايەت زور ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىپ، مۆجىزە خاراكتېرلىك پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن ئەللەردىكى كىشىلەردىمۇ  ئەخلاقىي چۈشكۈنلىشىش مەسىلىسى مەۋجۇت. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ھەقىقەتەنمۇئەخلاق كرىزىسى مەسىلىسى تەرەققىي تاپقان ۋە تەرەققىي تاپمىغان بارلىق ئەل خەلقلىرى ئۈچۈن ئورتاق مەسىلە بولۇپ قالدى، دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمما مەن بىزنىڭ ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتە يىمىرىلىشىمىز باشقىلارنىڭكىدىن ئۆزگىچىرەك، دەپ قارايمەن. سەۋەبى شۇكى، بىزنىڭ كىشىنىڭ زوقى كېلىدىغان ھەققانىيەت، گۈزەللىك، مەردانىلىك، ئوچۇق - يورۇقلۇق، باتۇرلۇق، مېھرىبانلىق بۈيۈك ھېسابلىنىدىغان نوپۇزلۇق ئەخلاق ئۆلچەملىرىمىز قاياقلاردىندۇر يۇقتۇرۇۋېلىنغان چاكىنا ئەخلاق قاراشلار تەرىپىدىن يەكلەنمەكتە، بىر چەتكە چۆرۈپ تاشلانماقتا. قارايدىغان بولسىڭىز پارىخور ئەمەلدارلارنىڭمۇ، خۇشامەتچى جان باقتىلارنىڭمۇ، نومۇسسىز ئىپپەت سودىگەرلىرىنىڭمۇ، ھارام تاماق ھۇرۇنلارنىڭمۇ، ئەيتاۋۇر، خروئېن سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭمۇ... ئۆزى ئۈچۈن توغرا ھېسابلىنىدىغان بىر تالاي ئەخلاق سەپسەتىلىرى بار. ئۇلار بۇ خىل بىر تەرەپلىمە، چاكىنا، كۈلكىلىك ئەخلاق سەپسەتىلىرىنى ھېيىقماستىن سۆزلەپ يۈرۈۋېرىدۇ. ئۇنداقلاردا نە گۇناھ تۇيغۇسى، نە ۋىجدانىي ئازاب تۇيغۇسى، نە نومۇس تۇيغۇسى يوق. ئۇلار ئۆز قىلمىش - ئەتمىشلىرىدىن ماختانساماختىندۇكى، قىلچىمۇ ئۆكۈنمەيدۇ، ئەپسۇسلانمايدۇ. نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىلى ئۇزۇن، گەپ - سۆزى ياڭراق، يۈرۈش - تۇرۇشى شۇنچە كۆرەڭ؟ سەۋەبى، ئۇلار نوپۇزلۇق ئەخلاق - پەزىلەت ئۆلچەملىرىنىڭ چەكلىمىسىنى دېيەرلىك ھېس قىلمىغان، ئالىيجاناب ئەخلاق - پەزىلەتنىڭكۈچىنى تولۇق تونۇپ يەتمىگەن. شۇڭا، ئۆزلىرى كېتىۋاتقان يولنىڭ نومۇسسىز يول ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماق تۈگۈل، ئەكسىچە ئۇنى جاھاندارچىلىقنىڭ شەرەپلىك يولى، دەپ بىلىدۇ. ئەخلاق ئۆلچەملىرىمىزنىڭ بۇنداق ئاستىن - ئۈستۈن بولۇپ كېتىشىدىكى تۈپ سەۋەب مېنىڭچە، بىزنىڭ ئايرىم ساندىكى دادىلىرىمىزدا. بىزنىڭ ھازىرقى دادىلىرىمىز ئۆتكەن ئەسىردىكى 50 -، 60 -، 70 - يىللاردا ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئۇ چاغلاردا كىشىلەرنىڭ « ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەردىكى ئىنقىلابىي قىزغىنلىقى» بەكرەك تەكىتلىنىپ، « ھەق - ناھەق تۇيغۇسىغا ئىگە، مۇھەببەت - نەپرەت تۇيغۇسى روشەن، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ھالال بىلەن ھارامغا بولغان مۇئامىلىسى سەزگۈر ئادەملەردىن بولۇشنى تەكىتلەش » كە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمىگەن. بۇ دادىلار ئارقا - ئارقىدىن تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىگە ئەخلاق جەھەتتە زۆرۈر بولغان تەلەپلەرنى قويۇپ، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا ئالىيجاناب پەزىلەت گۈللىرىنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىشقا، ئۇلارنىڭ قەلبىدە نوپۇزلۇق ئەخلاق ئۆلچەملىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرەلمىگەن. پەقەت، قانداق قىلىپ تىرىشىپ ئوقۇپ ياكى تىرىشىپ ئىشلەپ ياخشى كۈن كەچۈرۈش توغرىسىدىلا گەپ - سۆز قىلالىغان. نەتىجىدە ماددىي مەنپەئەتكە سەزگۈر قىلىپ ئادەتلەندۈرۈلگەن بۇ پەرزەنتلەردىن مال - دۇنيانى، ھوقۇق - ئىمتىيازنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، بۇ نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن، ھەرقانداق بولمىغۇر ۋاسىتىلەرنىقوللىنىشتىن يانمايدىغان بىر تۈركۈم مەخلۇقلارمۇ   يېتىشىپ چىقتى. ئۇلار بۇ جەھەتتەئېرىشكەن نەرسىلىرىدىن ماختاندى، ھۇزۇرلاندى. ۋەھالەنكى، قۇربان قىلىۋەتكەن ئادىمىيلىكلىرىدىن قىلچىمۇ ئەپسۇسلانمىدى، ھەتتامەھرۇم بولغان ئادىمىيلىكىنى بىلىشكىمۇ قادىر بولالمىدى.   ئادىمىيلىكىدىن بارغانسېرى ياتلىشىپ كەتكەن بۇ ئەۋلادتىن ئىلگىرىكىگە تېخىمۇ ئوخشىمايدىغان يەنەبىر ئەۋلاد بارلىققا كەلدى(بۇ يەردە بىز ھەممىنى قارا - قويۇق بىر تاياقتا ھەيدىمەيمىز. ھەممىلا ئادەمنى ئەخلاقتا يارىماس دېگەننىمۇ تەرغىب قىلمايمىز، ئەلۋەتتە) 
           ئادەتتە، دادىلار ئائىلىۋى ئەخلاقنىڭ ھامىيلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارغا ئائىلە ئەزالىرىنى ئەخلاق جەھەتتە راۋۇرۇس يېتەكلەش مەجبۇرىيىتى يۈكلەنگەن؛ ئائىلىگە ئۈلگە ۋە نەمۇنە بولۇش ۋەزىپىسى ئەجدادلاردىن مىراس قالغان. دېمىسىمۇ بالىلارنىڭ قەلبىدە ئانىلار كۆيۈمچانلىقىبىلەن ئورۇن ئالسا، دادىلار تەلەپچانلىقى بىلەن ئوبراز تىكلەيدۇ. دادا «ئۆز پادىلىرى»نى ھەر جەھەتتىن ياخشى ھىمايە  قىلمىسا، تەبىئىي ھالدا «پادىلىرى» بۆرىگە يەم بولۇپ كېتىدۇ، بۆرىنىڭ ئۆڭكۈرىگە بىلىپ - بىلمەي ھەتتاكى ئۆزى خالاپ كىرىپ كېتىدۇ. مانا بۇ بارلىق پاجىئەنىڭباشلىنىشى. 
    خوش، بىزنىڭ دادىلىرىمىز ئۆز «پادىسى»نى ھەر جەھەتتىن ھىمايىسىگەئالالايدىغان ئەخلاق ساپاسىغا ئىگىمۇ - يوق؟ مەن ھازىرقىبىر قىسىم دادىلىرىمىزنىڭ ياراملىق ئەۋلاد تەربىيىلەش، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، خەتەر ۋە قىيىنچىلىققا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش، قەيسەر ۋە چىدامچان بولۇش، ھالال مېھنەت بىلەن ياشاش جەھەتتە ئويناۋاتقان رولىغا، پاراسىتى ۋە دىيانىتىگە ئاپىرىن ئېيتىش بىلەن بىر چاغدا يەنە بىر قىسىم دادىلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ساپاسىدىن گۇمانلىنىمەن. مەرد - مەردانە، جاسارەتلىك، غۇرۇرلۇق، نومۇسچان، چىداملىق، ئەركەكلەرگە خاس دادىلارنىڭ سانى ئازلاپ «نەسلى قۇرۇپ كېتىش خەۋپى»گە دۇچ كېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن. ئەكسىچە، «ئۆيۈڭنىڭ دېرىزە پەردىسى چىرايلىقكەن» دەپ قويسا، ھەپتىلەپ خۇشال يۈرىدىغان خېنىم مىجەز دادىلارنى؛ باشلىقى «ئايالىڭ كۆرۈنمەيدىغۇ؟» دەپ سورىسا، باشلىقىم ماڭا ئامراق دەپ ماختىنىپ يۈرىدىغان يۇمشاقباش دادىلارنى؛ يېلىنىپ - يالۋۇرۇپ ياشاشقا كۆنۈكۈپ كەتكەن لايغەزەل دادىلارنى؛ ھىممەت - غەيرىتىگە تايانماستىن تەمەخورلۇق بىلەن ياشاشنى ئادەت قىلىۋالغان لالما مىجەز دادىلارنى؛ ئەمەل - مەنسەپنىڭ سايىسىگە ئېرىشىپ قالسا چاي ئويناپ ھارمايدىغان پاخپاق دادىلارنى؛ ئۆزى ئەركەك تۇرۇپ ئەرلەر بىلەن تانسا ئويناشنى نومۇس  بىلمەيدىغان زەيپانە مىجەز دادىلارنى؛  بىر بوتۇلكا بەدبۇي ھاراقنىڭ قۇلى بولۇپ، سورۇنمۇ سورۇن سوكۇلداپ، تېتىقسىز يۇمۇرلارنى ئېيتىشىپ ھارمايدىغان ھاماقەت دادىلارنى؛ لەۋزىدە تۇرمايدىغان، خىيانەتكارلىق، ساتقىنلىق، ساختىپەزلىك، سۇخەنچىلىكتەك پەسكەشلىكلەرنى جاھاندارچىلىق يولى قىلىۋالغان ئاتالمىش دادىلارنى كۆپلەپ كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا،  دادىلىرىمىزنىڭ ساپاسىدىن ئۈمىدۋار بولۇش مۇمكىنمۇ؟ بۇنداق دادىلار ئەۋلادلىرىنىڭ قىسمىتىنى قېيىن كۈنلەرگە قويمايدۇ، دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ بۇنداق دادىلار ئۆز ئائىلىسىنى ئالىيجاناب ئەخلاق ئۆلچەملىرى بىلەن تۇتۇپ تۇرالامدۇ؟
           كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇنداق دادىلار بىزنىڭ ئىجتىمائىي ئەخلاقىمىزنى بۇلغاپ، ئەۋلادلىرىنىڭ روھىنى كاردىن چىقىرىپ ئۇلارنى پاجىئەنىڭ پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويىدۇ.
    ئەندى بۇنداق »دادا«لىق ئوبرازىمىزغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىدىغان پەيتكەلدى. چۈنكى بىزنى مۆلچەرلىگۈسىز كېلەچەك كۈتۈپ تۇرماقتا. شۇڭا  ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلەپ قويۇش كېرەك: دادىلار  _ مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى، قول، قانىتى. دادىلارنىڭ ۋۇجۇدى ھەققانىيەت بىلەن، باتۇرلۇق بىلەن، چىۋەرلىك بىلەن، ئەقىل ۋە دىيانەت بىلەن تولۇشى كېرەككى، ئۇيەردە دېلىغۇللۇق، مۈجمەللىك، پەمسىزلىك، بېلى بوشلۇق، ساداقەتسىزلىك، ھاماقەتلىك، ھۇرۇنلۇق ئىللەتلىرى بولماسلىقى كېرەك. دادىلار قەيسەرلىكتە، چىدام - جاسارەتتە، ئىلىم - ھۈنەردە، ۋاپادارلىقتا، ئەل - يۇرتقا ھىممەت كۆرسىتىشتە ... پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولالىشى كېرەك.
           مۇشۇلارنى قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلۋەتتە مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دادىلار ئۆزىمىزنى بىر قېتىم دەڭسەپ كۆرۈشىمىز ۋە ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم.

    ( ئاپتور: «شىنجاڭ مائارىپى» گېزىتى تەھرىر بۆلۈمىدە)
    <جۇڭگۇ مىللەتلىرى >ژورنىلى  2004.4 - سانىدىن

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.