مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىدىكى سەۋەپلەر

يوللىغۇچى : albay يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-11 17:36:55

مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىدىكى سەۋەپلەريۈسۈپجان ياسىن1- ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچىبۇ، 610- يىلى ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ئىسلامىيەتنى تەبلىغ قىلىشقا باشلىغان ۋاقتىدىن 750- يىلى ئۈمەۋ...



     

    مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىدىكى سەۋەپلەر

     

    يۈسۈپجان ياسىن

     

    1- ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچى

     

    بۇ، 610- يىلى ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ئىسلامىيەتنى تەبلىغ قىلىشقا باشلىغان ۋاقتىدىن 750- يىلى ئۈمەۋىلەرنىڭ يىقىلىشىغىچە بولغان بىر يېرىم ئەسىرلىك مەزگىلدۇر. بۇ باسقۇچتا ئىسلامىيەت ئاۋۋال ئەرەب يېرىم ئارىلىغا، كېيىن تۆت خەلىپە دەۋرىدە  كۆپۈنچىسى تىنچلىق يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئىشغالىيەت ئارقىلىق سۈرىيە، پەلەستىن، ئىراق، شىمالىي ئافرىقا، شەرقىي ئاق دېڭىز بويلىرى، ئىران، ۋە خوراسان توپراقلىرىغا يېيىلدى. بۇ جايلاردىكى خەلقنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلدى. ئەسلى دىنىدە قالغانلارمۇ دىنىي ئەركىنلىك ۋە قانۇنىي مۇختارىيەتكە ئىگە بولۇپ، مەۋجۇتلىقىنى داۋاملاشتۇردى. ئۈمەۋىيلەر دەۋرىدە(661-750)مۇ ماۋرەئۈننەھرى، سىندى دەرياسى بويلىرى ۋە ئەندۈلۈس ئىسلام دائىرىسىگە كىردى. ئىسلام دۇنياسى شەرقتە ئوتتۇرا ئاسىيادىن غەرپتە فرانسىيەنىڭ جەنۇبىغىچە، شىمالدا كاۋكازدىن جەنۇپتا ھىندىستانغىچە  كېڭەيدى.

    بۇ باسقۇچتا ئىسلام مەدەنىيەتىنىڭ ئەسلى قوغدىغۇچىلىرى ئەرەبلەر بولدى.  ئۇزۇنغا بارماي بەربەرىلەر، پارسلار ۋە تۈركلەر ئىسلامىيەت بىلەن تۇنۇشتى، ئىسلامىيەت بۇلارنىڭ ئارىسىدا تىز يېيىلدى. مەدەنىيەت نوقتىسىدىن قارىغاندا بۇ دەۋردە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان قىممەت ھۆكۈملىرى ھاياتقا سېڭىپ كىرىپ، تەپەككۇر ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتا ئۆزگىرىش ياسىدى. ئىلىم ساھەسىدە دىنىي ئىلىملەرنى ئاساس قىلغان ھالدا  يېڭى تەرەققىياتلار بارلىققا كەلدى، يېزىق ئومۇملاشتۇرۇلدى، تۈرلۈك ساھەلەردە قۇرۇملار(مۇئەسسىسەلەر) تەشكىل قىلىندى. بولۇپمۇ ئەرەبلەر ئۆزى ئۇچراشقان قەدىمكى كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتنى چۈشىنىشكە تىرىشتى. شەھەرلىشىش تىز ئەمەلگە ئاشقان بۇ دەۋردە ئىسلام مەدەنىيىتى ئاساسەن مەدىنە، بەسرە، كۇفە، قاھىرە ۋە شامدا بىخ سۈرۈشكە باشلىدى. 

    دېمەك ، 610- يىلىدىن 750- يىلىغىچە بولغان 140 يىللىق   مەزگىل ‹‹ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەرەبلەر دەۋرى››دۇر. بۇ ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ  بىخ سۈرۈشكە يەنى شەكىللىنىشكە باشلىغان دەۋرىدۇر.

     

    2- ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلغان ۋە يۈكسەلگەن دەۋرى

     

    بۇ دەۋر ئىككى باسقۇچقا ئايرىلىدۇ.  8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىدىن 11- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سەلجۇق تۈركلىرى ئىسلام دۇنياسىدا ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان مەزگىلىگىچە بولغان ئارىلىق بىرىنجى باسقۇچنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ باسقۇچتا ئىسلام مەدەنىيىتىگە ئەرەبلەردىن باشقا پارسلار بىلەن تۈركلەرمۇ ناھايىتى مۇھىم ھەسسە قوشتى. بۇ باسقۇچتا مۇسۇلمانلار پەرقلىق كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتتىن ئالغان ئامىللارنى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ئاساسلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۇنى ئىنسانىيەتكە تەقدىم قىلدى. بولۇپمۇ ئىسلام مەدەنىيىتى شەرقتە بۇخاردىن غەرپتە قۇرتۇباغا قەدەر كېڭىيىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ، شىمالىي ئافرىقا ۋە ئەندۈلۈستە ئالاھىدە نەتىجىلەرنى ياراتتى.

    دېمەك، بۇ دەۋرنىڭ 750 - يىلىدىن 1055-يىلىغىچە بولغان    1- باسقۇچى ‹‹ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەرەب، پارس ۋە تۈركلەر دەۋرى››دۇر.

    بۇ دەۋرنىڭ 2- باسقۇچى 11- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سەلجۇق تۈركلىرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قولغا ئالغان ۋاقىتتىن تاكى 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان مەزگىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ باسقۇچتا ئىسلام مەدەنىيىتىگە ئەڭ چوڭ ھەسسە قوشقان مىللەت  ئىسلام دۇنياسىنىڭ سىياسىي، ھەربىي ۋە كۈلتۈرەل يىتەكچىسىگە ئايلانغان تۈركلەردۇر. تۈركلەر بىر تەرەپتىن مۇسۇلمانلارنىڭ بىلىم ۋە سانئەت پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشى ئۈچۈن ئازادە ۋە راھەت مۇھىت ياراتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرى مەدرىسە قاتارلىق  ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ ئالاھىدە بولغان بىلىم يۇرتلىرىنى قۇردى.  بۇ باسقۇچتا بۇخارا، سەمەرقەند، قەشقەر، ھېرات، مەرۋ، ئىستانبۇل، كونيا، بۇرسا قاتارلىق تۈرك شەھەرلىرى ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەركەزلىرىگە ئايلاندى. بۇ ‹‹ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تۈركلەر دەۋرى››دۇر.

     

    3- ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تۇرغۇنلۇق دەۋرى

     

     ئىسلام دۇنياسىنىڭ يىتەكچىسى بولغان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى  1699- يىلى ئىمزانغان   كارلوفچا  كېلىشىمى ئارقىلىق   ياۋروپادا ئۈستۈنلۈكنى قولدىن بىرىپ قويغان ۋاقىتتىن باشلاپ 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان مەزگىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مەزگىلدە  مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ قىسمى سىياسىي ھاكىمىيىتىدىن ئايرىلىپ قالدى. 18- ئەسىرنىڭ كىرىشى بىلەن باشلانغان بۇ باسقۇچ ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تۇرغۇنلۇق دەۋرىدۇ.

    ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تۇرغۇنلۇق دەۋرىدە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا   كۆرۈلگەن  ئاجىزلىق، ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەپلەر  مۇنداق:

    1- ئىسلامىيەتنىڭ قىممەت سىستېمىسى جانلىق – ھەرىكەتچان ھالەتتە تۇتۇلمىدى ۋە ئۆزگىرىۋاتقان شارائىتلارغا لايىق شەرھىيلەنمىدى.

    2- ئىلمىي پائالىيەتلەر جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەشغۇل بولىدىغان ساھەسىگە ئايلانمىدى. باشقىچە ئېيتقاندا، بىلىم ھاۋزىسى شەكىللەنمىدى.

    3- مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىچكى زىددىيەت كۈچەيدى.

    4- يېڭى بايقاشلار نەتىجىسىدە سودا يولى قۇرۇغلۇقتىن جەنۇبىي دېڭىزغا يۆتكەلگەندىن كېيىن مۇسۇلمانلار دۇنياسى شەرق – غەرپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا يولى بولۇشتىن قالدى.

    5- غەرپ تەرەققىي قىلغان تېخنولوگىيەسى ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن غالىپ كەلدى.

    6- ئىسلام دۇنياسى تېخنولوگىيەنىڭ ئەۋزەللىكىنى كېچىكىپ چۈشەندى. باشقىچە ئېيتقاندا، تېخنولوگىيەدە ئارقىدا قالدى. 

    7- رۆنىسانىس، دىنىي ئىسلاھات، تەپەككۇر ئىنقىلاۋى، مەرىپەتچىلىك ۋە سانائەت ئىنقىلاۋى ئارقىلىق تىز ئۆزگەرگەن ۋە بۇرۇلۇش ياسىغان غەرپ بىلەن رىقابەتلىشەلمىدى.

    8- ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇھىم قىسىملىرى مۇستەملىكە ئاستىدا قالدى.

    9- دىندارلار گۇرۇھى ئىسلام دۇنياسىنىڭ تۇرغۇن ھالەتتە قېلىشىدا كاتالىزاتورلۇق رول ئوينىدى. دۇنياۋىي مەسىلىلەر بىلەن مەشغۇل بولۇشنى ئىمانسىزلىق، دەھرىيلىك ۋە دىنسىزلىق بىلەن ئەيىپلەپ  جەمئىيەتنى غەپلەتكە باشلىدى. مەسىلەن، ئوسمان ئېمپېرىيەسىنىڭ  غەرپنىڭ تېخنولوگىيەسىنى ئۈگىنىش تەشەببۇسىغا 200 يىل توسقۇنلۇق قىلدى.

    مانا بۇلار ئىسلام مەدەنىيىتىنى تۇرغۇن ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى  ھەتتا بىر قېتىملىق مەۋجۇتلۇق كۈرۈشى ئېلىپ بارىدىغان ھالەتكە كەلتۈردى.

    ئىسلام مەدەنىيىتى بۈگۈنگىچە بولغان 14- ئەسىرلىك تارىخىدا ئەھلى سەلپ يۈرۈشى، موڭغۇل ئىستىلاسى ۋە ئېمپېرىيالىزمدىن ئىبارەت سىرتتىن كەلگەن ئۈچ چوڭ ھوجۇمغا دۇچ كەلدى.

    1- ئەھلى سەلپ يۈرۈشى : ئىسلامىيەت ئەھلى سەلپكە قەدەر داۋاملىق كېڭەيدى. ئەھلى سەلپ ئۇرۇشى ئىسلام دۇنياسىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق كەڭ كۈلەملىك ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك بىر  ھۇجۇمدۇر. ئەھلى سەلپ ھەم ئىسلام دۇنياسىغا ھەم خىرىستىئانلارغا چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. ئەھلى سەلپكە قاتناشقان خىرىستىئانلار ياۋايى ۋە قالاق دەپ ئويلىغان بىر دۇنيادا ئىلغار بىر مەدەنىيەت بىلەن ئۇچرىشىپ  قاتتىق ھەيران قالدى.

    2- موڭغۇل ئىستىلاسى : ئىسلام دۇنياسىدا ئېغىر ۋەيرانچىلىق پەيدا قىلغان ۋە چىكىنىشكە سەۋەپ بولغان بىر ئېقىمدۇر. ئىسلام مەدەنىيىتى ئۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلغان، كەلگۈسىنى نەزەرگە ئالمىغان ۋە مەدەنىيلەشتۈرۈشتىن بىشارەت بەرمىگەن بۇ ئىككى چوڭ ھۇجۇم ئۈستىدىن  ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچى بىلەن غالىپ كەلدى. بولۇپمۇ ئوسمان ئېمپېرىيەسى موڭغۇل ئىستىلاسىدىن غالىپ كەلگەن بىر سىنتېزدۇر.

    3- ئېمپېرىيالىزم : مۇسۇلمانلار يېقىنقى دەۋرگە كەلگەندە  مۇستەملىكىچىلىك - ئىمپېرىيالىزم پەيدا قىلغان مەسىلىلەر ۋە  زەئىپلىشىشكە دۇچ كەلدى. بۇ ھەرىكەت ئۇرۇش بىلەن بىرلىكتە  زىھنىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلغاچقا ئۇنىڭ تەسىرى ھالا بۈگۈنكى كۈندىمۇ داۋام قىلماقتا. بۇ ئۈچ ۋەقە ئارقىلىق ئىسلام مەدەنىيىتى بىر قاراشقا دۇنيا بىلەن يۈزلەشتى، ئۆزىنىڭ ھاياتىي  كۈچى ئارقىلىق مەۋجۇتلىقىنىمۇ  داۋام قىلدۇردى.

    تارىخ 20- ئەسەرگە كىرگەندىن كېيىن مۇسۇلمان ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ مىللىي زىددىيەت ئاشكارىلاندى. ياۋروپا ئوسمان ئېمپېرىيەسىدىكى قارام مىللەتلەر ئارىسىدا مىللەتچىلىك ئېقىمىنى تارقىتىپ، ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ پارچىلىدى. ئوسمان ئېمپېرىيەسىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىمۇ 1- دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەرەبلەر ۋە پارسلارنىڭ ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە گىرىتسىيە  قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ تۈركلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشى نەتىجىسىدە ۋەيران بولدى.  پارس ۋە ئەرەب مىللەتچىلىكى  بىر مۇنچە مۇستەقىل مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار سىياسەت ۋە قانۇن بىلەن دىن ۋە مەدەنىيتنىڭ پەرقى ۋە مۇناىسىۋىتىنى، ئۆز دۆلىتى بىلەن غەرپنىڭ سىياسىي ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ھەل قىلالمىدى. زاماننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان يېڭى بىر ئىسلام مەدەنىيتىنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىرالمىدى. پەقەت ئەڭ ئاخىرىدا مىللەتچىلىك يولىغا ماڭغان تۈركلەر مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئىچىدە پەرقلىق بىر  ھالەتنى  ياراتتى.  بۇ دۆلەت سىياسەت بىلەن دىننى ئايرىپ، ۋىجدان ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇپ، پۇخرالارنىڭ ئىبادەت ئەركىنلىكىنى قوغدىغاچقا، مىللەت ئەزالىرىنىڭ جىسمى، روھى ۋە زىھنىدىن بۈيۈك  بىر ماددىي  ۋە مەنىۋىي قۇدرەتنى  مەيدانغا كەلتۈردى ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قۇدرەتلىك بىر دۆلەتكە ئايلاندى. تۈركىيە شەخسلەرنىڭ ئىمانى، ۋىجدانى ، قەدرى ۋە تەپەككۇر ئەكىنلىكىنى قوغداش ئارقىلىق،  ئائىلە مۇقەددەس،  جەمئىيەت تەرتىۋى مۇقىم، مىللەت، ۋەتەن ۋە دۆلەت ئېڭى  يۈكسەك بولۇشتەك جەمئىيەتنى يارىتىپ، يېڭى بىر ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىلىگە ئايلانماقتا. تۈركىيەنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن  قارىغاندىمۇ  مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بۇ دۆلەتنىڭ يېڭى بىر ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى ۋە ئەڭ چوڭ قورغىنىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقا بولىدۇ. ئەلبەتتە بۇنداق بىر قۇۋۋەتنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە تۈركلەرنىڭ مەنىۋىي داھىسى بولغان زىيا گۆكئالىپ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان،  تۈركىيە قۇتۇلۇش ئۇرۇشىنىڭ قۇماندانى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك تەرىپىدىن تۈرك مىللىتىنىڭ شۇئارىغا ئايلاندۇرۇلغان ‹‹تۈركلەشمەك، ئىسلاملاشماق ۋە زامانىۋىيلاشماق››(‹‹تۈرك مىللىتىدىنمەن، ئىسلام ئۈممىتىدىنمەن ، غەرپ مەدەنىيىتىدىنمەن››) تىن ئىبارەت ئۈچ سۆزلۈك مىللىي غايىنىڭ مەنبەلىك رولىنى ئوينىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.