مەۋجۇتلۇق

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-23 13:03:40

مەۋجۇتلۇق· 200ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﻣﻪﯕﮕﯜﺳﯩﺮﻟﯩﻖ، ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺟﻪﻟﭙﻜﺎﺭ، ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻳﯧﯖﻰ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﺍﺕ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻧﻪﺳﻠﻰﻗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺩﯨﻨﻮﺯﺍﯞﺭﻻﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯘﺭﺕ - ﻗﻮﯕﻐﯘﺯ، ﭘﯩﺖ - ﺑﯜﺭﮔﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﯞﻩﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﭘﻪ...

    مەۋجۇتلۇق

     

    ·         200ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﻣﻪﯕﮕﯜﺳﯩﺮﻟﯩﻖ، ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺟﻪﻟﭙﻜﺎﺭ، ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻳﯧﯖﻰ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﺍﺕ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻧﻪﺳﻠﻰﻗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺩﯨﻨﻮﺯﺍﯞﺭﻻﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯘﺭﺕ - ﻗﻮﯕﻐﯘﺯ، ﭘﯩﺖ - ﺑﯜﺭﮔﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﯞﻩﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﭘﻪﻟﻪﻙ ﺷﻪﻣﺸﺎﺩ، ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﺳﻜﻪﻱ ﺯﻩﻳﻜﻪﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﺧﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ۋە ياكى ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺗﺎﺵ- ﺷﯧﻐﯩﻠﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﻣﯚﺟﯩﺰﻩ، ﺑﯩﺮ ﮬﯧﻜﻤﻪﺕ، ﺋﻪﺳﺮﺍﺭﻻﺭﻏﺎ ﺑﺎﻱ ﻛﯩﺘﺎﺏ. نۇرغۇنلىزىمىز ﻏﻪﭘﻠﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ ﺑﯘﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ. ﺳﯩﺰ ﺗﺎﻏﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﭘﯘﺗﻠﯩﺸﯩﭗﻳﯩﻘﯩﻠﺪﯨﯖﯩﺰ، ﻗﺎﺭﯨﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺷﻜﻪﻥ، ﺳﯩﺰ ﺋﻮﺭﻧﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﻮﻟﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺭﺍﯞﺍﻥﺑﻮﻟﺪﯨﯖﯩﺰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﭘﯘﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯩﻘﯩﻠﺪﯨﯖﯩﺰ، ﻗﺎﺭﯨﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻗﯧﺘﯩﻢ ﭘﯘﺗﻼﺷﻘﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﺳﺎﺋﯩﺘﯩﻜﻪﻥ، ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥﻗﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰ، ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺗﺎﺷﻘﺎ ﭘﯘﺗﻼﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﻣﯧﯖﯩﯟﻩﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﯖﯩﺰ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎﻣﯧﯖﯩﯟﻩﺭﻣﻪﻳﺴﯩﺰ؟ ﺗﺎﺷﻘﺎ ﭘﯘﺗﻠﯩﺸﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﭘﯘﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﺑﺎﺭ؟ ﻳﺎﻛﻰﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺩﺩﯨﻴﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺗﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺳﺎﺋﻪﺕﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯗ؟ ﺗﺎﺵ ﻗﻮﺯﻏﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ؟ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻳﺎﻛﻰﺯﺍﻻﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ.

           ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﮔﯜﻟﻠﻪﭖﻳﺎﺷﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻕ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﺎﻳﯟﺍﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ، ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﯩﮕﻪﻣﻮﮬﺘﺎﺝ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﺘﻪ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﻮﻕ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ؟       ﻣﺎﻧﺎﺩﻩﻝ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﺗﯧﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ» ﻧﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻯ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﻳﺎﺷﯩﺸﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ، ﻳﯧﻤﻪﻙ - ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻜﻪ، ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﻐﺎﻣﻮﮬﺘﺎﺝ، ﺑﯘ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺷﻪﺭﺕ. ﺑﯘ سەۋەبلىك ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﻤﻪﻙ- ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ، ﻛﯩﻴﯩﻢ-ﻛﯧﭽﻪﻛﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﻮﻕ، ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ-ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻕ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟

    ·           شەخسلەر توپىنىڭ بەلگىلىك قانۇنىيەت ئاساسىدا توپلىشىشى بىر قوۋمنى شەكىللىلەندۈرىدۇ،  بىر ﻗﻮﯞﻣﻨﯩﯔ ﻧﻪﺳﻠﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻱ، ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺴﺎﺋﻮﺧﺸﺎﭖ، ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﻣﯩﺪﯨﺮﻻﭖ ﻳﯜﺭﮔﯩﻨﻰ بۇ يەردە بىز ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘق ﺋﻪﻣﻪﺱ، بۇ يەردە دېيىلمەكچى ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﻮﻗﯘمى ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻟﯜﭖﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﺎﺷﺎﺷﺘﻪﻙ ﺋﻪﯓ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ، ﺋﻪﯓ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ - ﺯﯦﻤﯩﻦ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. يەنى، بۇ ﺋﯘﻗﯘم ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠۇقىدۇر. ۋەھالەنكى، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩىنىڭ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺯﯨﭻ ﮬﻪﻡ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﺱ.

    ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ، ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﻰ، ﺷﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ  ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔﺋﯩﻠﻐﺎﺭ- ﻗﺎﻻﻕ بولۇشى، تېخنىكا تەرەققىياتى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﻣﺒﻪﺭﭼﺎﺱ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ﺷﯘ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ، ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢﺋﯚﻟﭽﻪﻡ بولۇپ قالدى . ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز، جۈملىدىن يېيىش، ئىچىش، كىشىلىك مۇناسىۋەت، ئېتىقاد، تەن ساقلىق، ئۆگىنىش.........قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ ھەممسىدىلا ئىقتىسادنىڭ رولى ھەقىقەتەن گەۋدىلىك، نورمال ئىقتىسادى كېلىش مەنبەسى بولمىغاندا، بۇ تۈرلۈك پائالىيەتلەر مەلۇم دەرىجىدە توسالغۇغا ئۇچرىشى، بۇ سەۋەپلىك مەۋجۇتلۇقىمىز توغرىسىدا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋاقىت چىقىرالماس بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن.

    ئۇنىڭدىن باشقا خاسلىقمۇ مەۋجۇتلۇقنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئاساسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جەمئىيەتلەرنى نامايان قىلىشتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان، ﺧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺷﻪﻳﺌﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻼ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻧﻰﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﺎﻻﻣﻪﺕ، ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ. ﺑﯘ ﺋﺎﻻﻣﻪﺕ، ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺷﯘ ﺷﻪﻳﺌﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﺘﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ، ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕﺷﯘ ﺷﻪﻳﺌﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺋﯚﺯﯨﮕﯩﻼ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ،   ﻳﺎﺕﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ . ئۆز خاسلىقىنى يۈتتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن تىرىشىشمۇ، مەۋجۇتلۇقنى قوغداشتىكى بىر ئامىل.

    يېڭى دەۋر ئىنسانلارنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىشتا، مەۋجۇتلۇق رىقابىتىگە ماس ھالدا، ئىلغار، ئۆزگىچە تەپەككۇر ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، يېڭى تەپەككۇر مېۋىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلماقتا، بۇ تەلەپ ھەممەيلەنگە ئورتاق، ئۇنداقتا بىز مەۋجۇتلۇق رىقابىتىگە قانداق تەپەككۇر، قانداق تىرىشچانلىق ۋە قانداق نەتىجىلەر بىلەن يۈرلەنمەكچى؟

     

    رىشتە تور خاتىرىسىدىن ئۆزگەرتىپ ئېلىندى

    [hotanboy تەستىقلىدى . 2010-9-24 11:15:50]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.