شىۋىتسىيە جەمىيىتىگە نەزەر

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-14 00:54:08

شىۋىتسىيە جەمىيىتىگە نەزەر شىۋېت مىللىتىنىڭ يالغۇزلۇقنى ياقتۇرىدىغان ۋە يالغۇزلۇق ئىچىدىن ھوزۇر ئالىدىغان مىجەز-خاراكتېرى «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»دولقۇنىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە ئانچە يوچۇن...

    شىۋىتسىيە جەمىيىتىگە نەزەر

     

          شىۋېت مىللىتىنىڭ يالغۇزلۇقنى ياقتۇرىدىغان ۋە يالغۇزلۇق ئىچىدىن ھوزۇر ئالىدىغان مىجەز-خاراكتېرى «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»دولقۇنىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە ئانچە يوچۇن ئەمەس بولۇپ قالدى. مەن بۇ تۇپراققا ماكانلىشىپ تۇرۇپ قېلىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ بۇ خىل يالغۇزلۇق پەلسەپىسىنىڭ سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىشقا ئۇرۇندۇم.

        1827-يىلى شىۋېتسىيە تارىخىدا بۇرۇلۇش ياسىغان بىر يىل بولۇپ،يېڭى قانۇن تۇرغۇزۇلغان.يېڭى قانۇندا ،يېزىلارنى تارقاقلاشتۇرۇلۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ،شۇندىن كېيىن بۇرۇنقى ئورتاق ئىجتىمائىي ۋە ئەمگەك مۇھىتىدا ياشاپ كەلگەن كىشىلەر ھازىرقى ئولتۇراق جايلىرىدىن تارقاقلاشتۇرۇلدى .1700-يىلى بىر يېزىدىكى 15 ئائىلىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق ئۇ چاغدا شۇ 15 ئائىلىدە  400 ئادەم ئالمىشىپ ئولتۇرغانىدى.ھەر بىر ئائىلىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 90 ئادەم ئۆي ئىگىسى بولۇپ ئالمىشاتتى.يېڭى قانۇن تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن دېھقانلار ئۇرۇق –تۇققانلىرى،دوستلىرى،چېركاۋ ۋەئەل-جامائەتچىلىكتىن  ئايرىلىپ،ئۆز يەرلىرىنى تېرىپ ،ئۆز ئائىلىسى ئۈچۈن باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان.ئاندىن كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىنى يوقىتىپ قويۇشتىكى يەنە بىر سەۋەبى شۇ يىللاردا شىۋېتسىيىدە قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ پۈتۈن شىۋېتسىيە ئاھالىسىنىڭ  ئۈچتىن  بىر  قىسمى ئامېركىغا كۆچمەن بولۇپ بىر قېتىملىق چوڭ كۆچۈش يۈز بەرگەن.

       بۇنىڭغا ئەگىشىپ سانائەت ئىنقىلابىنىڭ گۈدۈكى بىلەن شىۋېتسىيەمۇ  تېز سۈرئەتتە شەھەرلىشىشكە قاراپ قەدەم قويىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ياشلار ئىش پۇرسىتى ئىزلەپ شەھەرلەرگە ئاقسا، ياشانغانلار يېزىلاردا قېلىپ قالىدۇ، شۇنداق قىلىپ  ئائىلىنىڭ  بىر پۈتۈنلۈكى بۇزۇلۇپ، پەقەت يادرولۇق ئائىلىلا ئۆزارا ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالغان. يادرولۇق ئائىلە دېگىنىم ئاتا-ئانا ۋە بالىدىن تەركىپ تاپقان ئائىلە تەركىبىنى كۆزدە تۇتىدۇ.

       يۇقىرقىلاردىن باشقا يەنە شىۋېتسىيىنىڭ سوتسىيال دېموكراتىك پاراۋانلىق سىياسىتىمۇ ئۇلارنىڭ يالغۇزلۇق تەرەپدارى خاراكتېرىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن.جەمىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي باغلىنىش تورى شەخسنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ.بۇ سىياسەتتە ھەر بىر ئادەم ھۆكۈمەتنىڭ  ئاساسىي كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇشى بەلگىلەنگەن. ھەقسىز تۇرالغۇ ئۆي،ئىجتىمائىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى،ھەقسىز مائارىپ قاتارلىقلار تۆمۈر تاۋاق بولۇپ، مېيىپلار بولسۇن ياكى بىمارلار بولسۇن باشقىلارنىڭ ياردىمىسىز مۇشۇ كاپالەتلەر بىلەن جەمىيەتتە ياشاپ كېتەلەيدۇ.

      قارىماققا بۇ سىياسەتتە ھۆكۈمەتنى ئالداش ، قانۇندىن يوچۇق ئىزلەش ناھايىتى ئاساندەك كۆرۈنىدۇ.لېكىن بۇ سىياسەتلەردە لىبېرال قانۇن بىلەن ئەخلاق ئۆزارا بىرىككەن ھالدا جەمىيەتنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى ساقلاپ كەلگەن ۋە شۇنداق  دەۋرلىنىپ تۇرىدۇ .مەسىلەن، خىزمەتچىلەر ئاغرىپ قالغاندا 3-10 كۈنگىچە دوختۇرنىڭ رۇخسەت قەغىزىسىز ،دۆلەت سۇغۇرتا خەزىنىسىدىن مائاشىنىڭ %80دىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ.لېكىن ئۇلار ئاغرىش تۈپەيلىدىن ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ياردىمىنى ئېلىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ.ئۇلار  39گىرادۇس قىزىتما بىلەن خىزمەتكە كېلىشنى خالايدۇكى، ئۆيدە يېتىپ ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى ئېلىشنى خالىمايدۇ.چۈنكى ئۇلار ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان بولۇپ ،باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئىچ ئاغرىتىشىنى خالىمايدۇ.

       مانا مۇشۇ خىل سەۋەبلەر شىۋېتلارنڭ جەمىيەتتە كۈچلۈك ئىندىۋىدۇئاللىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.ئۇلاردا يالغۇزلۇق_كۈچلۈكلۈك،بۈيۈكلۈك،مۇستەقىللىقنىڭ ئىپادىسى دەپ ھېساپلىنىدۇ.باشقىلارغا تايانماسلىق ،ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقىش ئۇلارنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقىدۇر.

       كۆپلىگەن غەرپ دۆلەتلىرىدە ئۆلۈم جازاسى چەكلەنگەن بولۇپ، شىۋېتسىيەمۇ شۇ قانۇننى ئىجرا قىلىدۇ.بۇ قانۇننى يولغا قويۇشتىكى ئەڭ تۈپ بىر سەۋەب ،ئۇلار ئىندىۋىدنىڭ مۇھىملىقىنى كۆزدە تۇتقان.ھەر بىر ئىندىۋىدنىڭ تەپەككۈر قىلىش،ئېتىقاد قىلىش،ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەش ھوقۇقىنى مۇھىم بىلگەن.

       ھەتتا خىزمەتكە ئېلىش تەلەپلىرىدىمۇ مۇنداق نۇقتىلار مەۋجۈت:

    _مۇستەقىل ئىش بېجىرىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇش.

    _ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان بولۇش.

    _ئىجاتچانلىق روھى كۈچلۈك بولۇش.

       ياشانغانلار پاراۋانلىقىنى ئېلىپ ئېيتىدىغان بولساقمۇ، ياشانغانلار پەرزەنتلىرى تەرىپىدىن ياشانغانلار ساناتورىيىسىگە ئەپ كېلىپ قويۇلىدۇ.بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى بىز ئاتا-ئانىلارنى بېقىش، خەۋەر ئېلىشنى مەجبۇرىيەت ،بۇرچ ۋە ساۋاب دەپ بىلىمىز.لېكىن بۇلار پەرزەنتلىرى بىلەن بىرگە ياشاپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا يۈك بولۇشنى خالىمايدۇ.ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھالىدىن ئۆزلىرى خەۋەر ئېلىش ئىستىكى كۈچلۈك،مانا بۇ ئۇلارنىڭ يالغۇز ياشاشنى تالللىشىدىكى تۈپ سەۋەپچى ئىدىيىسى.

       ئۇلارنىڭ يالغۇزلۇقنى خالاش ئىدىيىسى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ``مېنى ئۆز ئارامىمدا قوي``دېگەندەك قاراشنىمۇ ئۆزىگە بىللە ئېلىپ يۈرىدۇ.ئاساسەن ئۇلار ئۇشتۇمتۇت كەلگەن مېھماننى، كەچ سائەت 10 دىن كېيىن تېلفۇن قوبۇل قىلىشنى خالىمايدۇ.چۈنكى ئۇلار ``مېنىڭ ئۆز ئالدىمغا ئورۇنلاشتۇرۇشۇم بار،مېنى ئاۋارە قىلما، ئارامىمدا قوي``دېگەندەك ئويدا بولىدۇ.ئۇلارنىڭ ئولتۇراق داچىلىرىغىمۇ قارايدىغان بولساق، ھەر بىر ئائىلە ئۆز دائىرىسىنى رىشاتكا بىلەن چىتلىۋالغان.دېڭىز بويىغا بارغاندا، ئۇلار ئۆزارا ئارلىق تاشلاپ كىشىلەردىن يىراق جايلاردا ئاپتاپقا قاقلىنىدۇ.بۇنداق يەرلەردە يەنە باشقىلارنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا مۇزىكا قويۇشىنى ،ئۆزارا ۋارقىرىشىشىنى قوبۇل قىلالمايدۇ.تاققا يالغۇز چىقىش، ئورمانلىقتا يالغۇز ئايلىنىش كۆپ قىسىم شىۋېتلارنىڭ ياقتۇرىدىغان پائالىيەتلىرىدۇر.

       غەرپ ئەللىرىدە ئەۋج ئالغان Yuppie مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە ئۆزلۈكنى ،ئىندىۋىدۇئاللىقنى مەركەز قىلىش گەۋدىلەنگەن.چوڭ شەھەرلەردە كىشىلەر يولدا پۇتىغا پۇتلاشقان تاشنىمۇ ئېلىۋەتمەيدۇ.ئۇلار بۇنى ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى دەپ قارايدۇ.

    2003-يىلى بىر كۈنى شىۋېتسىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Anna   Lindنىڭ قەتلى قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدىم.خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە ۋەقە كۈپ-كۈندۈزدە ئەڭ چوڭ بىر سودا سارىيىنىڭ ئىچىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، مىنىستېرغا پىچاق سالغۇچى بىر روھىي كېسەل بىمارى ئىكەن.ئۇ دەسلەپتە مىنىستېرنى يەرگە يىقىتىپ ،بىراز ئېلىشىپ ئاندىن پىچاق سالغان.بۇ جەرياندا سودا سارىيىدىكى نۇرغۇن كىشىلەردىن دەل ۋاقتىدا قاتىلنى توسقىدەك ئادەم چىقمىغان،قاتىل بەلكىم دەل ۋاقتىدا توسۇپ قېلىنغان بولسا، كىشىلەر سۆيىدىغان ئۇ ئايال مىنىستېرمۇ ھاياتىدىن ئايرىلمىغان بولاتتى. مەن شۇ چاغدا بۇ مىللەتنىڭ «باشقىلارنىڭ  ئىشىغا ئارلاشماسلىق»پىسخىكىسىنى يۈزەكى چۈشەنگەندەك بولغانىدىم.  

    [admin تەستىقلىدى . 2010-9-25 13:53:27]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.