كامىل ئەپەندىگە يېزىلغان خەت(3)

يوللىغۇچى : Biliwal يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-15 20:56:00

ئۈچىنچى خەت مەن ئۈچۈن ئەڭ ھۈرمەتلىك ۋە قەدىرلىك بولغان دوستۇم كامىل ئەپەندىگەبۇرادىرىڭىز قاسىم ئاخۇندىن چەكسىز سېغىنىپ سالام. گەرچە سىزگە خەت يازغىلى تېخى بىرقانچە ھەپتە بولغان ھەمدە سىزنى...

    ئۈچىنچى خەت

       مەن ئۈچۈن ئەڭ ھۈرمەتلىك ۋە قەدىرلىك بولغان دوستۇم كامىل ئەپەندىگە   بۇرادىرىڭىز قاسىم ئاخۇندىن چەكسىز سېغىنىپ سالام.

    گەرچە سىزگە خەت يازغىلى تېخى بىرقانچە ھەپتە بولغان ھەمدە سىزنىڭ جاۋاپ خېتىڭىزنى تاقەت بىلەن كۈتۈۋاتقان بولساممۇ، مەن يەنىلا سىزگە خەت يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم.
       ئائىلىمىزدە ، يېقىندا بىر قازا يۈز بەردى. مېنىڭ بىر تاغام _سۈپۈرگە باي، ئالتە كۈنلۈك كېسەل ئازاۋىدىن كېيىنلا ساقىيىپ كېتەلمەي ، ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى جامائەتچىلىك ئىچدىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. ماڭا قانداق تەسىرى بولىدۇ ئۇنى بىلمەيمەن ، لېكىن بۇ يىل ئىچىدە مەنمۇ چوقۇم سوت ۋە باشقا دەۋا ئىشلىرىغا قاتنىشىشىم مۇمكىن.
       سىزنىڭ قىزىقىش دائىرىڭىزنىڭ كەڭلىكىنى بىلىمەن ، شۇڭا، تاغامنىڭ ئۆلۈمىدىن پايدىلىنىپ ، مەن سىزگە بۇ يەردىكى ئۆرپ –ئادەتلەر توغرىسىدا سۆزلەپ بېرەي.
       ئۇنىڭ كېسىلى ئۇشتۇمتۇتلا قوزغالدى. بىز يەرلىك دوختۇر ۋە يېڭى دوختۇرنىمۇ ئەكەلدۇق. تاغام ئۇلارنىڭ خىلمۇ خىل دورىلىرىدىنمۇ ئىچىپ باقتى، لېكىن كار قىلمىدى. ئاخىرى دۇرۇت ئوقۇيدىغان ۋە قۇرئاندىكى ئايەتلەرنى ئوقۇيدىغان كىشىلەرنىمۇ چاقىرىپ كەلدۇق. چۈنكى كېسەل نەپەس ئېلىشى قىيىن بولسا، چوقۇم يامان ئەرۋاھلار ئۇنى چىرمىۋالغانىكەن، شۇڭا ئۇلارنى قوغلاش مەقسىدىدە دۇرۇت ئوقۇپ تۇرۇش كېرەك.
        بۇلارنىڭ ھىچقايسىسى ئۇنىڭ كېسىلىگە شىپا بولالمىدى. ئاخىرى مەن يەنە بىر تاغام بىلەن بىرلىكتە باشقىلارنى قايىل قىلىپ، كېسەلنى شىۋىت مىسسىيونېرلىرىنىڭ دوختۇرخانىسىغا ئاپاردۇق. ئۇلار بۇنىڭ ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكى ۋە كېسەلنىڭ يۈرىكىنىڭ ناھايىتى ئاجىز ئىكەنلىكىگە دىئاگنوز قويدى.
        تۈنۈگۈن كېچىدىن بۇيان قۇرئان تالاۋەت قىلغۇچى يۇقىرى ئاۋازدا خۇددى ناخشا ئېيتىۋاتقاندەك ئىنتوناتسىيىدە باپنىڭ كەينىدىن باپ ئوقۇپ ئولتۇرغانىدى. «ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، مۇھەممەت ئۇنىڭ ئەلچىسىدۇر». گەرچە مەن بىلەن دوختۇرخانىغا بىللە بارغان تاغام كېسەلنىڭ ئەھۋالىنى ئەڭ ياخشى بىلسىمۇ، لېكىن ئۇ باشقىلارغا تەسەللىي بېرىپ:«ئۇ ھازىر ئۇيقىغا كەتتى. ئۇ ئازراقلا ئۇخلىۋالسا ساقىيىپ كېتىدۇ»دەيتتى.
       كېيىن كېسەل نەپەستىن توختىغان چاغدا، ئۇ يىپ بىلەن مېيىتنىڭ پۇتىنىڭ چوڭ بارماقلىرىنى ئۆزارا چەگدى ۋە داكا بىلەن مېيىتنىڭ ئېڭىكىنى تاڭدى. ئاندىن يۇقىرى ئاۋازدا يىغلاشقا باشلىدى. ئارقىدىنلا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باشقا ئاياللارمۇ كېچىچە ھۆكىرەپ يىغلاشتى.
        ئەتىسى مېيىتنى يەرلىككە قويۇش تەييارلىقگەرلىرى قىلىندى. مېيىت سۇدا يۇيۇلۇپ، چېچى چۈشۈرىلدى. ئاندىن مېيىت ئەق كېپەنگە ئورۇلۇپ، خۇددى خالتا چەككەندەك، باش تەرىپىدىن چېگىلىدى. ئاندىن مېىيت تاختىغا ياتقۇزۇلۇپ تاۋۇتقا سېلىندى. تاۋۇت ئۈستىگە ئەرلەرگە ئاق پاختا يوپۇق ، ئاياللار ۋە بالىلارغا رەڭلىك يوپۇق يېپىلىدۇ. ۋاپات بولۇپ كەتكەن تاغامنىڭ چوڭ ئوغلى موسا ئاخۇن باش بولۇپ، تاۋۇتنىڭ ئالدىدا يىغلاپ ماڭدى. تۆت ئادەم تاۋۇتنى كۆتۈردى.
       تاۋۇت شەھەرنى ئايلىنىپ، ئاپپاق خوجا مازارلىقىغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ يەرگە پەقەت ئەرلەر ۋەئوغۇل بالىلارغىلا كېلىشكە رۇخسەت قىلىناتتى. زەرەتكارلىققا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ھەممەيلەن قايغۇ ئىچىدە تاۋۇتنى يەرگە قويدى، ئاندىن مېيىتنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلدى.
        سىزنىڭ قەۋرە توغرىلىق تېخىمۇ چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولۇشىڭىز ئۈچۈن، مەن تۆۋەندە بىزنىڭ قەۋرىلىرىمىزنى تەسۋىرلەپ ئۆتەي:مېنىڭچە بۇ بارلىق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلاردا ئوخشاش بولىدۇ. ئاۋۋال 1 يېرىم مېتىر چوڭقۇرلۇقتا تۆت بۇرجەك ئورەك كولايدۇ، گۆر ئاغزى 2 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا بولىدۇ. ئاندىن ئىچىگە قاراپ يول ئېچىلىدۇ، بۇ گۆر ئىشىكى دىيىلىدۇ. ئىچى تەرەپكە قۇرۇق توپا تاشلىنىدۇ. جەسەت يۇقىرىدا تىلغا ئالغان تاختىغا ياتقۇزۇلۇپ، گۆر ئىچىگە ئالدىن چۈشۈپ تۇرغان كىشىگە بېشى تەرەپتىن سۇنۇلىدۇ. بۇ يەردە ئاندىن چىگىلگەن كېپەن يېشىلىپ، جەسەتنىڭ يۈزى مەككىگە قارىتىلىپ قويۇلىدۇ. ئاندىن ھەممەيلەن بىر چاڭگالدىن جەسەت ئۈستىگە توپا تاشلايدۇ. گۆر ئىشىكىنى خام كېسەك بىلەن ئېتىپ، گۆر ئاغزىغا يەنە توپا تاشلايدۇ. قەۋرە ئەتراپىغا كېيىن كېلىپ قۇرئان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بىر رىشاتكا توساپ قويۇلىدۇ.
       كەمبەغەللەر ئادەتتە قۇرئان ئوقۇيدىغانلارنى تەكلىپ قىلىشقا قۇربى يەتمەيدۇ، بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ئىلكىدە بولغاچقا تاغام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن قەۋرە بېشىدا ئادەم ياللاپ قۇرئاننى ئۈچ قېتىم باپلار بويىچە ئوقۇپ تۇردى. ئۆلۈم بولۇپ ئۈچ كۈنگىچە بىزنىڭ ئۆيدە تاماق ئېتىلمىدى. بۇ جەرياندا خولۇم- خوشنىلار ۋە يېقىنلار ھاردۇق سوراپ ئېلىپ كەلگەن تائاملارنى يىدۇق. ھەر قېتىم كىشىلەر كەلگەندە بىر قېتىم قوشاق توقۇلۇپ يىغا باشلىناتتى.
        ھال سوراپ كەلگەنلەر ئۆلۈم بولۇپ 3-كۈنىدە نەزىرگە چاقىرلىدۇ. 7-كۈنىدە ۋە 40-كۈنىدەتېخىمۇ چوڭراق نەزىر بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرەتلىك ئىشلارمۇ ئاخىرلىشىدۇ. بۇ دېگەنلىك ئەرلەر ئەمدى ساقال-بۇرۇتلىرىنى ئېلىپ، ئاياللار يۇيۇنۇپ چاچ- پاچلىرىنى تارىسا بولىدۇ دېگەنلىك. ئۆلگۈچىنىڭ ۋاپاتى خاتىرلىنىپ بىر يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم نەزىر بېرىلىدۇ.
       ئائىلىمىزدىكى مۇشۇ پاراكەندىچىلىكلەر بىلەن بولۇپ قېلىپ، مەنمۇ باشقا ئىشلىرىمنى قىلالمىدىم ، چۈنكى ئادەم خۇشاللىق ۋە قايغۇنى بىرلا ۋاقىتتا كۆرەلمەيدىكەن. ئۇندىن كېيىنكى ئىشلاردىن كېيىنكى خەتلىرىمدە سىزنى خەۋەرلەندۈرىمەن.

    سالام ئەلەيكۇم.

    1332-يىلى، باراتنىڭ 7-كۈنى، قەشقەر

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق