نىكاھ پاسىلى

يوللىغۇچى : gulnar يوللىغان ۋاقىت : 2007-06-24 12:25:00

نىكاھ پاسىلى گۈلنار تىيىپ(ئۆز مۇخبېرىمىز) گۇۋاھلىق ئاستىدىكى «قوبۇل قىلدىم» ۋە «ئالدىم» كەلىمىلىرى بىلەن قۇرىلىدىغان نىكاھتىن ئىنسانغا مەنسۇپ بولىدىغان ھېكمەتلەر بىزگە نىكاھنىڭ قۇدرىتىنى ك...

                       نىكاھ پاسىلى
                     گۈلنار تىيىپ(ئۆز مۇخبېرىمىز)

       گۇۋاھلىق ئاستىدىكى «قوبۇل قىلدىم» ۋە «ئالدىم» كەلىمىلىرى بىلەن قۇرىلىدىغان نىكاھتىن ئىنسانغا مەنسۇپ بولىدىغان ھېكمەتلەر بىزگە نىكاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ھاياتنىڭ، تۇرمۇشنىڭ ماددى تەرىپىگە باغلانغان ئائىلە تۇرمۇشى نىكاھنىڭ تاشقى قاتلىمى بولسا، ھاياتلىق ۋە تۇرمۇشنىڭ مەنىۋى تەرىپىگە باغلانغان ئائىلە تۇرمۇشى نىكاھنىڭ ئىچكى قاتلىمى ھىسابلىنىدۇ.
    نىكاھنىڭ تاشقى قاتلىمىدىن قارىغاندا ئۆز ئارا نىكاھلانغۇچىلار ئەر-خوتۇن، بىر ئۆيدە بىللە ياشىغۇچى، ئوخشىمىغان ئىش تەقسىماتىنى ئۈستىگە ئالغۇچىلاردۇر. ئەگەر نىكاھنىڭ ئىچكى قاتلىمىدىن قارايدىغان بولساق نىكاھلانغۇچىلار ھالال جۈپتىلەر، ھاياتلىق سەپىرىنىڭ ھەمراھلىرى، مۇئەييەن ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت ئىگىلىرىدۇر.
    ئەلۋەتتە، نىكاھقا مۇئامىلە قىلىشتا ئۇنىڭ ھەر ئىككى قاتلىمىنى نەزەردە تۇتۇش ئىنتايىن مۇھىم. «نىكاھ مۇھەببەتنىڭ قەبرىسى» دېگەن قاراش پەقەت نىكاھنىڭ تاشقى قاتلىمىدىلا توختاپ قالغۇچىلارنىڭ يەكۈنى خالاس. ئەمەلىيەتتە نىكاھ يېڭى بىر مۇھەببەتنىڭ شەكسىز بېغىشلاشنىڭ باشلىنىشى. شۇڭلاشقا نىكاھ چەكسىز ھاياتى كۈچكە تولغان بىر تۈپ كۆچەتكە ئوخشايدۇكى، ئۇنى ھەرخىل بورانلاردىن قوغداش ۋە پەپىلەش ياخشى بولغان كىشىلىك ئەخلاقتۇر.
    بىرىنچى ھېكايە
    خەيرىگۈل توي قىلغىلى ئەمدىلا ئالتە ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ، مۇشۇ كۈنلەردە يولدىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تازا ياخشى بولمايۋاتاتتى. ئەمەلىيەتتىغۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تالاشقۇدەك ئالاھىدە بىرەر زىددىيەتمۇ يوق. ئۇنداقتا، ئۇلار نېمە سەۋەپتىن باشقا ئەر-ئاياللاردەك كىچىك ئىشلاردا بىر بىرىگە يول قويماي، تولا ئۇرۇش تالاش قىلىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ھەر قېتىملىق ئۇرۇش تالىشىغا پىلتە بولىدىغان ئىشتىن قارىغاندا، بۇنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى، خەيرىگۈلنىڭ ئالىي مالۇماتلىق بولغانلىقى، يولدىشىنىڭ ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن ئىشچى بولغانلىقى سەۋەپ بولغاندەكلا تۇيۇلىدۇ. چۈنكى يولدىشى خەيرىگۈلنىڭ بىرەر قېتىم ئۆز پىكىرىگە قارشى چىققانلىقىنى قەتئىلا قوبۇل قىلالمايدۇ. ۋە « مېنى ياراتمىدى، ئۆزىنى چوڭ تۇتتى» دەپ چۈشىنىدۇ- دە، شۇ ھامان ئۆزىنىڭ ئەرلىك غۇرۇرى ۋە ئورنىنىكۆرسىتىپ قويماقچى بولىدۇ.
    بۇ قېتىم خەيرىگۈل ئۆيىدىن ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا، يۇرتىغا قايتىپ كەتمەكچى بولۇپ يېنىپ چىقىدۇ. ئەمما ئۇنداق قىلالماي ئۈچ كۈنگىچە دوستىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ كۆڭلى شۇنچە ئازار يىسىمۇ كېتەلمەسلىكىدىكى سەۋەپ، توي قىلغىلى ئەمدىلا ئالتە ئاي بولغانلىقى سەۋەپ بولۇپلا قالماي، قورسىقىدا ئۈچ ئايلىق بولغان بالىسىنىڭ بولغانلىقىمۇ سەۋەپ بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتا-ئانىسى ئەينى چاغدا ئۇنى بۇ تويدىن كۈچەپ توسقان. ئۇ بۇلارنى ئويلىغانسىرى خۇددى ئىككى تاش ئارىسىدا قالغاندەك ئازابلىىناتتى. ئېرىنىڭ يېنىغا قايتسىچۇ؟ تۈگىمەس جىدەلنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئامالنى تېخى تاپقىنى يوق. خەيرىگۈلنىڭ خىيال ئىكرانىدىن ئۆيدىن يىنىپ چىققان كۈندىكى كۆرۈنۈش چاقماق تېزلىكىدە ئۆتتى.
    خەيرىگۈل شۇ كۈنى ئىشلەيدىغان تاللا بازاردىن ناھايتى ھېرىپ قايتتى. ئۇ كىچىككىنە بىر ئېغىزلىق ئىجارە ئۆيىگە كىرىپلا بىر بۇلۇڭدا ئۆرۈلگەن يوتقان-كۆرپىنى، ئۆينىڭ ئوتتۇرىدا ئېرىنىڭ يەڭگۈشلەپ تاشلاپ قويغان كىر كېيىملىرىنى كۆرۈپ، غۇژژىدە ئاچچىقى كەلدىيۇ، ئەمما ئولتۇرمايلا ئۇلارنى يۇغۇشتۇرۇشقا كىرىشتى. شۇ ئەسنادا ئىشىك چېكىلىپ يولدىشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
    ــ ھەي، ئۆينى يۇغۇشتۇرۇپ بولدۇڭمۇ، ئۆيگە مىھمان كەلدى.
    ــ ھە يۇغۇشتۇرۇۋاتىمەن...
    ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئىشىكنى ئاچتى. ئىشىك ئالدىدا يولدىشى بىر دوستى بىلەن ئىدى.
    ــ سىزنىڭمۇ قولىڭىز بولغاندىكىن سالغان كېيىملىرىڭىزنى بولسىمۇ جايىغا قويۇشنى بىلمەيدىكەنسىز -يا، تاشلىغىنى تاشلىغان يەردە تۇرغان...
    ــ سەن خوتۇن كىشى بولغاندىكىن قىلماي نىمە ئىش قىلىتىڭ...
    ــ ئۆي ئىككىمىزنىڭ بولغاندىن كېيىن سىز قىلىۋەتسىڭىز يامان بولماستى....
    ــ تولا كوتۇلدىماي چاي تەييارلىغىنە...
    گەپ شۇ يەردە توختىدى. مىھمان يېرىم سائەتچە ئولتۇرۇپ قايتتى.
    ــ سەن بىر مىھماننىمۇ خاتىرجەم ئولتۇرغىنى قويمىدىڭ، ئۇ ئەسلى كەچلەپ تاماق يەپ قايتاتتى، ئىتتەك ۋالاقلاپ قاچۇردۇڭ مانا..
    ــ مەن قانداق قاچۇردۇم، مەن يا يامان گەپ قىلمىسام.
    ــ سەن بىر نېمە دائىم دوستلىرىمنىڭ ئالدىدا ماڭا يوغانچىلىق قىلىپ يۈزۈمنى تۆكىسەن.
    ــ مەن نەدە سىزگە يوغانچىلىق قىلدىم، تەتۈرلۈك قىلماڭ تولا..
    ــ توغرا دەيسە، مەن دېگەن تەتۈر، ئوقۇمىغان قارا قورساق بولغاندىكىن تەتۈر بولىمەن سەن دېگەندەك، يا سەنمۇ ماڭا تەككىچە، ئاشۇ يوغان داشۆسىڭلىرىڭغا تەگسەڭ بولمامتى...
    ــ ساراڭدەك گەپ قىلىدىكەن ماۋۇ...
    گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە تۇيۇقسىز تەگكەن تەستەك خەيرىگۈلنى ئوڭدىسىغا چۈشۈرىۋەتتى.
    ــ سەن بىر نېمە كىمنى ساراڭ دەۋاتىسەن؟ ئوقۇمىغان، سەندەك داشۆسىڭ بولمىساممىچۇ مەنمۇ گەپ چۈشىنىمەن، سەن ئۆز كۆڭلۈڭدە مېنى ياراتمايۋاتامسە...
    خەيرىگۈل سىرىتقا قاراپ ماڭدى. شۇ ماڭغانچە بىر نەچچە سائەت كوچىدا لاغايلاپ يۈردى. ئۇ راستىنلا ئۆزىنى داشۆسىڭ دەپ چوڭ تۇتامدىغاندۇ؟ توي قىلغاندىن بۇيان ئۇ ھىچقاچان ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرمىدى. ئېرىنى پۇلنى ئاز-كۆپ تاپتىڭمۇ دېمىدى. كاتەكتەك بىر ئېغىزلىق ئىجارە ئۆيدە ئولتۇردى. كېيىم كەيدىم-كەيمىدىم دېمىدى. ئۇ يەنە زادى قانداق قىلىشى كېرەك؟
    2-ھېكايە
    ئەخمەتنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى باشقىلارنىڭ ئۇنىڭدىن «ئايالىڭىز نېمە ئىش قىلىدۇ» دەپ سۇئال سورىشى. چۈنكى ئۇ بىرەر قېتىممۇ «ئايالىم ئوقۇمىغان، ئائىلە ئايالى» دېگەن جاۋابىغا قوللاش خاراكتىرىدە سۆز قىلغان كىشىنى ئۇچىرىتىپ باقمىدى. كىشىلەرنىڭ قارىشىچە بولغاندا ئۆزى ماگىستىر ئاسپىرانتلىققىچە ئوقۇغان بىراۋنىڭ خىزمىتى يوق بىر ئائىلە ئايالىنى ئېلىشى چوڭ بىر ئەخمىقانىلىق ۋە كېيىنكى ياخشى بولغان ئىقتىسادى تۇرمۇشىنى ۋەيران قىلغانلىق بولاتتى.
    بىر يىل بۇرۇنقى توينىڭ ئالدىدىكى نەچچە كۈنلەر ھېلىمۇ ئۇنىڭ ئېسىدە. شۇ چاغدا ئۆزىمۇ ھازىرقى ئايالى بىلەن توي قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرغان ئىدى. ئەگەر دادىسى توينى قىلىشتا مەھكەم تۇرمىغان، شۇنداقلا بۇ تويغا كۆنمىسە، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزىدىغانلىقىنى دەپ، قورقاق سالمىغان بولسا، ئەخمەتمۇ بۇ توينى قىلمىغان بولاتتى.
    ئەمما ئۇ دادىسى، ئۇرۇق-تۇققانلىرى ۋە بىر قانچە ساناقلىق دوستىنىڭ ھەرخىل شەكىلدىكى تۈرتكىسىدە ئاخىرى بۇ توينى قىلدى. ھەتتا توي كۈنلىرىمۇ ئۇنىڭ خىيالىدا «ھامان بۇ خوتۇننى قويىۋىتىمەن» دېگەن ئوي بار ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭچىمۇ ئوقۇمىغان ۋە خىزمەت ئورنى يوق بىر قىز بىلەن ئۆي تۇتۇش شۇنداقلا بىر ئادەمنىڭ مۇئاشى بىلەن ئائىلىنى قامداش تولىمۇ تەس ئىدى.
    ھەش-پەش دېگۈچە تويغا بىر يىلدىن ئاشتى. ئۇلارنىڭ ئوماق بىر بالىسىمۇ بولدى. ھازىر ئەخمەتنىڭ ئۆز نىكاھ ئىشى توغرىسىدا كەيپىياتى بۇرۇنقىدىن كۆپ تۇراقلاشقان بولسىمۇ، ئەمما بەزى كۈنلىرى تۇرۇپلا يەنە شۇ «كونا خىياللىرى» قوزغىلىپ قالاتتى. ئۇنداقتا بۇ نىكاھنىڭ ئاقىۋىتى زادى قانداق بولار؟
    كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بۇنداق ھېكايىلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان نىكاھ سەرگۈزەشتىسى بولىدۇ. ئوخشىمىغان سەرگۈزەشتىلەر ئوخشىمىغان تۇرمۇش ھېكايىلىرىنى تۇغىدۇ. ئۇنداقتا بۇ خىل ھېكايىلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە ئۆزگەرتىپ يازغىلى بولمامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر ئالدى بىلەن نىكاھنى قانداق چۈشىنىشنى ۋە ئۇنى قانداق پەپىلەپ چوڭ قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىشى كېرەك.
    بىز ئېيتقاندەك، نىكاھ بىر پاسىل. ئەمما ئۇ ئوخشىمىغان كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي ئورۇن، سالاھىيەتنى پەرقلەندۈرىدىغان پاسىل ئەمەس بەلكى ئىككى جىنىسنىڭ بېرىكىش ۋە ئۈزلۈكسىزلىك يولىدىكى ھالا-ھارامنى ئايرىيدىغان پاسىل. نىكاھ كىشىلەر ئۈچۈن ئالدى بىلەن شەكسىزلىكنىڭ، ئۆمۈرلۈك ھەمراھلىقنىڭ يول خېتى. نىكاھنىڭ كىشىلەرگە بېرىدىغان بەخىت تۇيغۇسى پەقەتلا تۇرمۇشنىڭ تاشقى قاتلىمىدىلا ئەمەس ئەلۋەتتە. ئىجتىمائىي ئورنى، سالاھىيىتى تەڭداش ئەمەس، خىل-خىلىغا كەلمىگەن نىكاھمۇ ئوخشاشلا بەخىتلىك نىكاھ. ئەگەر بىراۋ نىكاھلانغىلى 40يىل بولۇپ، ئۇ «مەن توي قىلغىلى 40 يىل بولدى، ئۇرىشىۋاتقىلى 40يىل بولدى» دېسە بىز بۇ نىكاھنىمۇ ئوخشاشلا ياخشى نىكاھ دەيمىز. شۇنداقلا ئۇ كىشىگە «سىزگە بەخىت تىلەيمىز، سىز 40يىل بەخىتلىك ياشاپسىز» دەپ قوشۇپ قويىمىز. چۈنكى ياخشى بولمىغان بىر نىكاھ 40 يىل داۋاملىشالمايدۇ ۋە 40يىل ئۇرۇشالمايدۇ.
    نىكاھنى پەپىلەپ يېتىلدۈرۈش جەريانى ئۇزۇن بىر جەريان. نىكاھ بىر كۈن مەۋجۇت بولىدىكەن، ئۇ بىر كۈن پەپىلەشكە مۇھتاج.ئۇنداقتا، ئۇنى قانداق پەپىلەش كېرەك؟
    بۇ ھەقتە گېزىتخانىمىزنىڭ پىنسىيونورى تۇرسىناي يۇنۇس ئاپپاي بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردىم. تۇرسىناي يۇنۇس ئاپپاي قىزىقارلىق قىلىپ تۆۋەندىكىلەرنى سۆزلەپ بەردى:

    ئەگەر نىكاھنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە دەپ پەرەز قىلىدىغان بولساق، ئۇنداقتا بۇ بوۋاقنىڭ ھامىلىسى ئەڭ دەسلەپ ئىككى تەرەپنىڭ سەمىمىيلىكى، مىھرى-مۇھەببىتى ۋە پاكلىقىدىن پەيدا بولىدۇ. كۆپىنچە مەغلۇپ بولغان نىكاھلارنىڭ سەۋەبى بولسا ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدىلا تۇنجۇقۇپ قالغانلىقىدىن بولغان. بۇنىڭ سەۋەبى، بىر بولسا بالىياتقۇ بەك كىچىك يەنى ھەقىقى سۆيگۈ كەمچىل، يەنە بىر بولسا قورساق بەكلا تار يەنى سۆيۈلۈش ئېڭى يوق. بەزى نىكاھلار مەجبۇرىي تۇغۇلىدۇ ئەمما ئۇزاق داۋاملىشالمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ھەقىقى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس. بەلكى قارشى تەرەپنى ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي ۋە تۇرمۇش ئامىللىرى تۈپەيلى ئۆزىگە لايىق كۆرگەنلىكتىن ئىبارەت. بۇ باسقۇچتا توختاپ قالغان نىكاھنى ئادەم نىكاھلاندى. ئەمما يۈرىكى نىكاھلانمىدى دەپ سۈپەتلەش مۇمكىن.
    توي بولغان ئالدىنقى ئىككى يىل دەل نىكاھنىڭ بوۋاقلىق مەزگىلى. ئۇ غېرىپسىنسا يىغلايدۇ، ئۇسسىغاندا سۈت ئىچىدۇ. ئۇ يەنە باغرىغا بېسىلىشنى، ئاستى ھۆل بولغاندا زاكىسىنىڭ ئالماشتۇرۇلىشنى...تەلەپ قىلىدۇ. نىكاھنىڭ بۇ مەزگىلىدە ھەر ئىككى تەرەپ ئۇنىڭ ھالىدىن ئالاھىدە خەۋەر ئېلىشى كېرەك. ئەگەر نىكاھ بۇ باسقۇچتا توختاپ قالسا، ئۇنداقتا، ئىككى تەرەپ خۇددى بالىلارنىڭ خىيالىدەك خىيالى بىر رىئاللىقتا ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبى خام خىيال بىلەن تولغاچقا، ھەتتا بىر تامچە سۇنىمۇ سىغدۇرالمايدۇ.
    توينىڭ ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ بەشىنچى يىلغىچە نىكاھ كۈلۈمسىرەيدۇ، ئىككى تەرەپ ماددى تۇرمۇش ئاساسىي يارىتىش ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدۇ. نىكاھ شۇندىلا «بالىلىق» باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ. بۇ «بالا»غا ئوخشايدىغان نىكاھ رىئاللىقنىڭ سايىسى بولۇپ، نىكاھنىڭ بالىلىق دەۋرىدە تۈرلۈك زىددىيەتلەر كۆرىلىدۇ. پەقەت مىھرى-مۇھەببەتلىك كۆيۈم ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئىخلاسلا، بۇ خىل زىددىيەتتىن كىشىلەرنىڭ ئايلىنىپ ئۆتىشىگە يول ھازىرلاپ بېرىدۇ.
    توينىڭ بەشىنچى يىلىدىن 10-يىلغىچە نىكاھنىڭ قايتا ئويلىنىش باسقۇچىدۇر. بۇ باسقۇچتا شىرىن-شىكەر گەپ مۇھىم بولۇپلا قالماي، كىمنىڭ گېپى گەپ بولۇش، قارار قىلىش ھوقۇقى كىمدە بولۇش قاتارلىقلارمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ باسقۇچ يېڭى تەرتىپلەر تۇرغۇزۇلۇپ، كونا تەرتىپلەر بۇزۇلىدىغان بىر مەزگىل بولۇپ، كەيپىياتنىڭ تۇراقسىزلىشىشى ۋە ھېسسىياتنىڭ قالايمىقانلىشىشى تەبئىي ھادىسە. ئەگەر نىكا بۇ باسقۇچتىن ئۆتەلمىسە ئۇرۇشۇش، تالاش-تارتىش ۋە قارشىلىشىشلار ئۈچ ۋاقلىق تاماقتەك ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.
    توينىڭ 10-يىلىدىن 15-يىلىغىچە نىكاھ تەڭپۇڭلىشىپ، نىكاھنىڭ ئىللىقلىقى بايقىلىدىغان باسقۇچ.ئەر-ئايالدا ئاستا-ئاستا ئۆز ئارا كۆيۈنۈش، مىھرى-مۇھەببەت، ھۆرمەت ئاساسىي ئورۇننى ئىگەللەپ، نىكاھ ئاللىقاچان ئۆسۈپ يېتىلگەن دەۋرگە كىرىدۇ. ئەمما نىكاھ بۇ باسقۇچتىلا توختاپ قالماسلىقى ئەكسىچە يەنە ئۈزلۈكسىز ئىلگىرلەپ پىشىپ يېتىلىشى كېرەك.
    توينىڭ 15-يىلىدىن تاكى 25-يىلىغىچە بولغان ئون يىل ۋاقىت نىكاھنىڭ ئاددى ۋە بېسىم تۇيغۇسىدا بولىدىغان بىر باسقۇچى ھىسابلىنىدۇ. بالىلار چوڭ بولۇپ ئۆيدىن ھەر تەرەپكە ئايرىلىدۇ، ئەر-ئاياللار قايتىدىن بىر-بىرىگە ئىللىق نەزىرى بىلەن باقىدۇ، ئائىلىدە كۆيۈنۈش، ئىللىقلىق كەيپىياتى قايتا كۆتۈرىلىدۇ، كۆپىنچە ئىشلاردا ئىككىلى تەرەپ ئالدى بىلەن قارشى تەرەپنى ئاساس قىلىدۇ. ئەگەر نىكاھ بۇ باسقۇچتا توختاپ قالسا، ئاساسىي جەھەتتىن يېتىلگەن ھىسابلىنىپ، ئائىلە تۇرمۇشى داۋام قىلسىمۇ ئەمما ئادەم يەنىلا نىكاھ بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كېتەلمەيدۇ.
    ھامىلىلىك، بوۋاقلىق، بالىلىق ، قايتا ئويلىنىش، تەڭپۇڭلىشىش، بېسىم تۇيغۇسىدىكى باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، يەنىلا پەپىلەشتىن توختاپ قالمىغان نىكاھلا ھەقىقى يېتىلگەن، ئەبەدىيلىك نىكاھ ھىسابلىنىدۇ. ئىككى كىشىنىڭ كۆڭلىدىن رىئاللىقىغىچە، روھىدىن جىسمىغىچە ھەممە تەرەپ نىكاھ بىلەن زىچ بېرىكىپ كەتكەن بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر گۈلنار تىيىپ