كامىل ئەپەندىگە يېزىلغان خەت(2)

يوللىغۇچى : Biliwal يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-15 20:55:00

ئىككىنچى خەت قەدىرلىك دوستۇم كامىل ئەپەندىگە، سىزنى سېغىنىپ تۇرغۇچى بۇرادىرىڭىز قاسىم ئاخۇندىن سالام.ئەڭ ئاۋۋال جاۋاپ خېتىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن. سىزنىڭ ۋە ئائىلىڭىزنىڭ تېنچ –ئامانلىقى...

    ئىككىنچى خەت

       قەدىرلىك دوستۇم كامىل ئەپەندىگە، سىزنى سېغىنىپ تۇرغۇچى بۇرادىرىڭىز قاسىم ئاخۇندىن سالام. 
       ئەڭ ئاۋۋال جاۋاپ خېتىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن. سىزنىڭ ۋە ئائىلىڭىزنىڭ تېنچ –ئامانلىقى ماڭا زور خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى. مەنمۇ جانابى ئاللاھنىڭ ۋە سىزنىڭ دۇئالىرىڭىز ئاستىدا قەدىر ئەھۋال كېتىۋاتىمەن.
       خوشال بولىدىغان ئىشىم يەنە مەكتەپكە بېرىش ۋە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىستىكىدە بولۇۋاتقانلىقىم، ئوقۇشنى توختىتىپ قويغانلىقىم ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۆكۈنىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى. 
        ھايات بۇ يەردە باشقىچە بىر خىل خوشاللىق ئىچىدە داۋام ئەتمەكتە. بۇ يەردىكى كۆڭۈل ئېچىش ئىستامبۇل ۋە ياۋروپادىكىگە ئئوخشىمايدىغان شەكىلدە بولىدۇ. ئادەتتە مەزمۇنى ئۇنچىلىك مول بولمايدۇ. 
        بىزدە مۇنداق گەپمۇ بار: «ئۇيقۇڭ كەلمىسە بازارغا بار» دەپ. شەھەرگە كىرىپ ئايلىنىش ۋە بازار كۆرۈش بىزنىڭ قېنىمىزغا ئورناپ كەتكەن خۇسۇسىيەتتۇر. ئەگەر بۇنىڭغىمۇ قانمىسا ، مازار- ماشايىقلارغا بارسىمۇ بولىدۇ. پەيشەنبە كۈنلىكى چوڭ بازار كۈنى بولۇپ، بۇنداق كۈنلەردە بىرەر قول ھۈنەرۋەن ياكى باپكانى تېپىش قىيىن ئىدى، چۈنكى ھەممىسى «تاماشا» قىلاتتى يەنى كوچا ئايلىنىپ ، تونۇش بىلىشلەر بىلەن پاراڭلىشاتتى. ئۇلارنىڭ يەنە بىر ئۇچرىشىش نۇقتىسى غىزا ۋاقتى ئىدى.
        بۇ زېمىنغا تۇنجى قار ياققاندا كىشىلەر بىر خىل ئويۇن ئوينايتتى ، بۇ خىل ئەنئەنە پەقەت شىنجاڭدىلا بولسا كېرەك. بۇ بەلكىم خەنزۇلارنىڭ قىشنى قارشى ئېلىش پائالىيەتلىرىدىن كەلگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ ئويۇن قارلىق تاشلاش ئويۇنى بولۇپ، بىراۋ ئۆزىنىڭ دوستىنىڭ ئۆيى ئالدىغا قار سېلىنغان كىچىك خالتا بىلەن بىر پارچە قوشاق يېزىلغان خەت تاشلاپ قويۇدۇ. ئۇ خىل قوشاقلارنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ:
       «ئېلىپ كەلدىم قار توشقۇزۇپ سىزگە،
        ئوينايلى دەپ خۇشال بىرگە.
        تەييارلارسىز چاينى بىزگە،
    تەڭشىدىم دۇتارنى ۋە تەمبۇرنى.
    قار ياققاندا چىللىمىساق دوستلارنى،
    بولار قانداق كۆڭۈللەر شادى. 
    ئەگەر خەت تاشلىغان ئادەمنى تۇتۇۋالسىڭىز يۈزىگە ئەڭلىك سۇرتۈپ ئايالچە ياساپ قويۇڭ. »
       ئەگەر ئۇ قارلىق تاشلىغۇچى تۇتۇۋېلىنسا ئايالچە كىيگۈزۈپ كوچىمۇ- كوچا ئايلاندۇرىلاتتى ۋە بىر تەرەپتىن «قارلىق تاشلىغۇچىنىڭ جازاسى» دەپ توۋلىناتتى ئاندىن ئۇ كىشى قارلىق تاشلىغان ئادەم ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنى قوشۇپ مېھمانغا چاقىراتتى. ئەگەر ئەكسىچە بولۇپ، ئۇ ئادەمنى تۇتالماي قالسا، قارلىق تاشلانغان ئادەم چوقۇم بىر ھەپتە ئىچىدە زىياپەت بېرىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر بۇ قەرەل ئۆتۈپ كېتلسە، ئەتىسى ئەتىگەندە ، ئۇ كىشىنىڭ دەرۋازىسىغا ئارغامچىلار ئېسىپ قويۇلىدۇ. ئەگەر يەنە بىر كۈن مۆھلەتكىچە يەنە تەكلىپنامە ئەۋەتمىسە ، يەنە بىر خىل جازاغا ھىچكىم ئۇچراپ قېلىشنى خالىمايتتى. بۇ خىل جازادا ، ئۇ كىشىنىڭ ئىشىكىگە كېچىدە بىر جىنازا قويۇپ قويۇلاتتى.
       يېزىلار ئارا يەنە بىر خىل يىغىلىش بولۇپ «مەشرەپ » دەپ ئاتىلاتتى. قىش كۈنلىرى كىشىلەر مەشرەپكە كېچىدە يىغىلىپ، ئەتىسى ئەتىگەندە تارقىشاتتى.
        مەن بىر قېتىم يۈز بېشى(باشقۇرغۇچى دىگەندەك مەنىدە)چاقىرغان بىر مەشرەپكە قاتناشتىم. بىز ئىشىك تۈۋىدە ساھىپخان تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىپ مېھمانلار بار خانىغا باشلاپ كىرىلدۇق. يەرگە گىلەملەر سېلىنغان، بولۇپ تامغا ، ئادەم ئولتۇرسا دۈمبىسى تامغا تەككۈدەك يەرگىچە رەختىن زەدىۋال تارتىلغان ئىدى. مەشتە ئوت يېقىلغانىدى، ئۇنىڭ يېنىدىكى تۆردىن شەھەرنىڭ قازىسى ئورۇن ئالغانىدى. داستىخانغا بىرقانچە يەرگە نانلار تىزىلغان بولۇپ، تۆپىسىگە كىچىك پىشۇرۇقلار قويۇلغانىدى. ئەگەر بۇ نانلار ئېشىپ قالسا كېيىن كەمبەغەللەرگە بۆلۈپ بېرىلەتتى. تىزىلغان نانلارنىڭ ئارىسىغا يەنە مېغىز ۋە تاتلىقلار كەلتۈرۈلگەنىدى. مەن كىرگەندىن كېيىن ئىشىككە يېقىن يەردىن ئورۇن ئىزدىدىم ، لېكىن جامائەت مېنى تۆرگە ئۆتكۈزۈپ قويدى. بۇ يەردە ئولتۇرغان ئادەم قائىدىمىز بويىچە دۇئاغا ئاۋۋال قول كۆتۈرەتتى. مەن ئولتۇرغاندىن كېيىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاۋۋال ساھىپخان ئاندىن مېھمانلار بىلەن يەنە بىر قېتىم سالاملاشتىم. ساھىپخان ماڭا چاينى قۇيۇپ ، ئەدەپ يۈزىزىدىن چىنىدىكى چايغا ئۆزى ئاۋۋال ئېغىز تەگدى ئاندىن ماڭا سۇندى. ئاندىن مەن چايغا ئېغىز تېگىشتىن بۇرۇن، ئەتراپىمدىلەرگە «چايغا كەلمەمسىلەر» دىدىم، ئۇلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ماڭا ئىگىلىپ سالىمى بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇشتى. مەن شۇندىلا چېيىمغا ئېغىز تېگىشكە نېسىپ بولدۇم. بىر ھازادىن كېيىن ساھىپخان بىزگە «ئەركىن ئولتۇرۇش» نى ئېيتتى. بۇ چاغدا بىز ئىككى تىزىمىزنىلا ئىگىپ ، ئوشۇقىمىزنى كۆرپىگە تەككۈزۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنىغا پۇتىمىزنى ئالماشتۇرۇپ، ياكى تىزىمىزنى ئېڭىكىمىزگە تاقاشتۇتۇپ ئولتۇرۇشقا ياكى كۆرپىدە ئولتۇرماي بىۋاستە گىلەمدە ئولتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغانىدۇق. ئاندىن داستىخاندىكى تاتلىقلار يىغىۋېتىلىپ دەسلەپكى تاماق __قوي گۆشى شورپىسى تارتىلدى. تاماقتىن بۇرۇن ھەممىمىز چوقۇم ئاپتۇۋىدا ئېلىپ كېلىنگەن سۇ بىلەن ئېچ قېتىم قولىمىزنى چايقىشىمىز شەرت ئىدى.
        رەڭگى ساپ سېرىق كەلگەن مايلىق شورپىغا مېھمانلار ناندىن سېلىپ ئىچەتتى، ئاندىن ناننى بارماقلىرى بىلەن ئېلىپ يەپ ، شۈيىنى پىيالە بىلەنلا كۆتۈرۈپ ئىچىشەتتى. ئاندىن كېيىن بىز يوغان نېپىز نانلار ئستىگە تىزىپ ئەكىرىلگەن گۆشكە ئېغىز تەگدۇق. داستىخاندا ئاخىرى سۆڭەكتىن باشقا ھىچنىمە قالمىدى.
        بۇ يەردە قوي گۆشى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى. ئادەتتە كالا گۆشى ۋە قوتاز گۆشلىرىمۇ يىيىلىدۇ، لېكىن مېھمانغا پەقەت قوي گۆشىلا تارتىلىدۇ. بەزىدە بىز تېخى ئات گۆشىنى قوتاز گۆشى دەپمۇ ساتىمىز بۇ خۇددى ياۋروپانىڭ بەزى جايلىرىدا ئات گۆشىنى بۇغا گۆشى دەپ ساتقىنىغا ئوخشاش ئىش. سۆڭەكلەرنى غاجاپ بىر يەرگە بارغاندا ، بىرەيلەن دۇئاغا «ئامېن» دەپ قولىنى كۆتۈردى. قالغانلار ھەممىسى ئۇنىڭغا ئەگەشتى. بىز ياغلىقلارغا قولىمىزنى سۈرتۈپ تويغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق، ساھىپخان كېلىپ بىزگە رەھمەت ئېيتتى. ياۋروپادا بولسا دەل ئەكسىچە بولۇپ، مېھمانلار ساھىپخانغا رەھمەت ئېيتاتتى. بىز بۇ يەردىكىلەر باشقىچە تەپەككۈر قىلاتتۇق. ساھىپخاننىڭ داستىخانغا تەييارلىغان بارلىق نېمەتلىرى مېھمانلارغا تەۋە بولۇپ، ئېشىپ قالغان تاماقنىمۇ ساھىپخاننىڭ سوۋغىسى سۈپىتىدە ئۆيىگە ئېلىپ كېتەتتى. بۇ ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ناھايىتى تەبىئىي ۋە ئاددىي قاراش ئىدى. ئاندىن كېيىن مىۋە- چىۋە ۋە چاي تارتىلدى. كېچىچە ساھىپخان ئۆزى بىرقانچە قېتىم ئۇسسۇلغا چۈشۈپ بەردى، بۇ ئۇنىڭ مېھمانلارغا كۆرسەتكەن ھۈرمىتى ئىدى. مېنىڭ بىر ئاغىنەم شۇ ئەسنادا ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتتى. بۇ خىل ئۇسسۇلنىڭ راھىتىنى غەرپنىڭ بالىلىرى تەستە چۈشىنەتتى. بارات ئاخۇن تەكرارلانغان ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى بىلەن مېنى ئۇسسۇلغا تارتىۋاتاتتى، باشقىلارمۇ بىزگە قاراپ كۈلۈپ، ۋارقىرىشىۋاتاتتى. بارات ئاخۇن لۈكچەك مىجەزرەك بولۇپ، ئەگەر ئوينىمىساممۇ بىرقانچە تەگگە تاشلاپ قويمىسام بولمايتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئۇسسۇلدىنمۇ ئاخىرى قۇتۇلدۇم. 
        تاڭ ئاتايغا يېقىن دېگەندە خىزمەتچىلەر دەسلەپتە قول يۇيىدىغانغا سۇ كەلتۈردى، ئارقىدىن يوغان تاۋاقلاردا پولو كەلتۈرۈلدى. ئۈچ- تۆت ئادەمگە بىر تاۋاقتىن توغرىلاپ ئاش كەلتۈرۈلگەن ئىدى. سىزمۇ بۇ تاماقنى بىلىسىز، لېكىن شىنجاڭدا بۇ خىل تاماق غەربىي ئاسىيا ۋە تۈركىيىدىكىگە ئوخشىمايدىغان ئۇسۇلدا ئېتىلىدۇ. بۇنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى مۇنداق:ئاۋۋال قوي يېغى قىزىتىلىپ، ئۈستىگە نېپىز توغرالغان پىياز سېلىنىدۇ، ئاندىن ئۈستىگە پارچىلانغان قوي گۆشى سېلىنىپ ، ئۇزاق داغلىنىدۇ ئاندىن قەلەمچە قىلىنغان سەۋزە سېلىنىپ ، ئۈستىگە سۇ قۇيۇلۇپ ئازراق قارىمۇچ ۋە تۇز سېلىنىدۇ. بۇلار بىر ھازا قاينىتىلغاندىن كېيىن، ئايرىم –ئايرىم ھالدا ئىسسىق ۋە سوغۇق سۇغا ئالدىن چىلانغان گۈرۈچ سېلىنىپ ، پەس ئوتتا بىرەر سائەت ئەتراپىدا دۈملىنىدۇ. بۇ خىل پولو كىشمىش ئۈزۈم ۋە باشقا تاتلىقلار بىلەن ئېتىلگەن پولوغا قارىغاندا ئۇنچە تاتلىق بولمايدۇ، تېخىمۇ يىيىشلىك بولىدۇ. بىز ئۈچۈن بۇ بارلىق تائاملارنىڭ پادىشاسى ھىساپلىنىدۇ. بۇ تاماق چوقۇم قول بىلەن يىيىلىدۇ، بولمىسا تەمى قېچىپ كېتىدۇ. ياۋروپالىقلار بۇ خىل قول بىلەن يىيىش تېخنىكىسىنى ھەرگىز قوبۇل قىلىپ بولالمايدۇ. زىياپەت داۋامىدا تاماق ۋاقتىدا ۋە تاماقتىن كېيىن پىيالىلەرگە چاي جىقلىنىپ تۇردى. بىز قوللىلىمىزدىكى ياغ يۇقى بىلەن ئۆتۈكلىرىمىزنى مايلىشىپ تۇرغاندا، مىچىتتىن بامدات نامىزىغا ئەزان توۋلىدى. ئەمدى ئالدىراش تارقىشىپ ، ناماز ئوقۇش ئۈچۈن بەزىلىرى ئۆز ئۆيلىرىگە ، بەزىلىرى مىچىتكە قاراپ يول ئېلىشتى. ياز پەسلىدە بولدا بۇ خىل مەشرەپلەر ئاساسەن باغلاردا كۈندۈزى ئۆتكۈزۈلىدۇ. كىشىلەر ئەتىگەندىلا يىغىلىشىپ تاكى كۈن ئولتۇرغاندا ئاندىن تارقىشىدۇ. بۇنداق ئىجتىمائىي يىغىلىشلاردا سۇ چىلىمى كەم بولسا بولمايتتى. قىشتىكى يىغىلىشلاردا ئادەتتە چىلىم چېكىلمەيدۇ. بىزنىڭ چىلىمىمىز باشقە ئەللەرنىڭكىگە قارىغاندا ئىپتىدائىيراق كەلگەن بولۇپ، چىلىم بېشى چوڭراق بولۇپ، يەنە بىر ئىنچىكە تەرەپتىن چېكىلەتتى. چىلىم بىلەن چاي پىيالىسى بىزنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىمىزدە ناھايىتى مۇھىم ئىككى نەرسە ھىساپلىنىدۇ. مەسىلەن، كېلىشىم تۈزۈشتە ۋە دەۋادا بۇ خىل ئىككى نەرسە چوقۇم بولۇشى كېرەك. دەۋادا ئۇتتۇرۇپ قويغۇچى تەرەپ، يەڭگۈچى تەرەپتىن چاي ئىچىشكە ۋە چىلىم چېكىشكە تەكلىپ قىلىنسىلا، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپلارمۇ تۈگەپ كېتىدۇ، بۇ قاتۇرۇپ چوڭ سۆزلەر بىلەن قەغەز يۈزىگە خەت يازغاندىنمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بولىدۇ. لېكىن بىزنىڭ بۇ ئەنئەنىۋىي چىلىمىمىز بىر قىسىم ئاز ساندىكى نېشىكەش كىشىلەر تەرىپدىن نېشە چېكىشكىمۇ ئىشلىتىلىپ قالىدۇ. سىزمۇ بىلىسىز نېشە ئەپيۈنگە ئوخشاش بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، تاماكىنىڭ ئورنىغا چېكىلىدۇ، ۋە ئۇنىڭ كەيپى ناھايىتى پەيزى بولىدۇلېكىن ئۇنى چەككەن ئادەمنى ئۆز قۇلىغا ئايلاندۇرۇپ يېرىم ساراڭ قىلىپ قويىدۇ. شىنجاڭدا ئەڭ ياخشى نېشە چىقىدۇ دەپ قارىلىدۇ.

       مۇسۇلمانلار ھاراق، تاماكىدىن يىراق تۇرۇشى شەرت. شىنجاڭدا بۇ جەھەتتە ئەھۋال ئىستامبۇل ۋە غەربىي تۈركىستانغا قارىغاندا كۆپ ياخشى. ئەمما لېكىن بىر قىسىم كىشىلەر خەنزۇلار ۋە روسلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئەپيۈن چەككەنلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئاز بىر قىسىمنى ئىگىلەيدۇ.
        بۇ يۇرتتتا، باھار پەسلى ۋە ياز پەسلىدە كىشىلەرنىڭ يەنە بىر ياقتۇرۇپ قىلىدىغان ئىشى مازار-ماشايىقلارنى زىيارەت قىلىش ئىدى. ئەسلىدە مازار يوقلاش ھەجگە بېرىشنىڭ ئالدىدا ئەرۋاھلاردىن رازىلىق ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن ئىدى. لېكىن يەنە بەزىلەر قەۋرە ئالدىغا كېلىپ بىر ھازا ياش تۆكىدۇ ياكى ياكى ئۆز كېسەللىرىگە شىپالىق تىلەيدۇ. ئىشقىلىپ مەقسەت ئىچىنى بىر بوشىتىۋېلىش ئىدى. بەزى نۇقتىدىن ئالغاندا، بۇ جاي ياش قىز-ئوغۇللارنى ئۆزارا ئۇچراشتۇرىدىغان ئورۇنغا ئايلانغان.
       مەن بىرقانچە يىل بۇرۇن ھەزرىتى ئاپپاق خوجا مازىرىغا بارغاندا مۇنداق بىر ئىش يۈز بەرگەنىدى. بىز ئاغىنىلەر بىلەن بىللە چوڭ تۈگمەننىڭ يېنىدا چاي ئىچىپ ئولتۇراتتۇق. بىرقانچە كۈن بۇرۇن، مەن بۇ يەرگە چاقىرىلغاندىلا نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ بولغانىدىم. شۇڭا ئۇلار مېنى باغقا مۆكۈنىۋالغان قىزلارنىڭ يېنىغا باشلاپ بارغاندىمۇ ئانچە ھەيرانمۇ قالمىدىم.
       ئۇ يەردە چۈمبەلگە ئورالغان ئىككى قىزچاق شاخ-شۇمبىلارنىڭ ئارىسىغا مۆكۈنىۋالغانىدى. مەن قولۇمنى قوسۇقۇمغا قويۇپ ئۇلارغا ئىگىلىپ سالام قىلدىم، چۈنكى بىزدە ئاياللار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش مەنئىي قىلىنغانىدى. ئۇڭغىچە مېنىڭ بىر ھەمرايىم كېلىپ بىر قىزنىڭ چۈمبىلىنى ئاستا قايرىدى.
       مەن ئۇ قىزنىڭ چىرايىنى بىرلا كۆرۈپ قالدىم ، لېكىن شۇ ماڭا تېگىل بولدى. مەن « قىز گۈزەللىكىگە يارىشا ، خۇلقى ئىسىلمىدۇ؟» دەپ سورىدىم، مېنىڭ ۋاكالەتچىم جاۋاپ بېرىپ: «ئۇ قىز ئىسمى -جىسمىغا لايىق گۈزەل » دىدى. ئۇ قىز 14 ياشلار چامىسىدا بولۇپ، بۇ يەردىكى نورمال توي قىلىش يېشىدىن ئۆتۈپ كەتكەنىدى. بىزنىڭ بۇ يەردىكى 14 ياشلىق قىزلار ياۋروپادىكى 20 ياشلىق قىزلارغا ئوخشاش يېتىلىپ بولاتتى.
        مەن بۇ كىچىك قىستۇرمىدىن كېيىن سىزگە يەنە داۋاملىق يۇرتىمىزدىكى ئويۇنلار توغرىلىق سۆزلەپ بېرەي. ئەڭ قىزىيدىغىنى داۋازلىق ئويۇنى بولۇپ، ئادەتتە مەزمۇت بىر خادىغا چاق ئورنىتىلىدۇ. ئاندىن چاققا ئارغامچىلار ئېسىلىپ، چاقنى پىرقىراتقاندا، ئارغانچىغا ئېىسلغان ئادەم ھاۋادا ئىگىز-پەس بولۇپ پىرقىراپ ئۇچالايدۇ. بۇ خۇددى غەرپ ئەللىرىدىكى ئايلانما ياغاچ ئات ئويۇنىنىڭ دەسلەپكى ئىختىراسىغا ئوخشايدۇ. بۇ خىل ئويۇننى كۆپىنچە ئاياللار كۆپرەك ئوينايدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە قاراڭغۇ بازارمۇ بار. بۇ دېگەنلىك قىمارنىڭ بىرقانچە خىل تۈرلىرىمۇ كىشىلەر كۆڭۈل ئېچىش قاتارىدا ئوينايدۇ. ئەڭ ئومۇملاشقىنى قوي ياكى ئۆچكىنىڭ ئوشۇقى بىلەن ئوينىلىدىغان قىمار. بۇنىڭدا كىشىلەر تەلەي كېلىشى ئۈچۈن كۆپ ھاللاردا تۈلكىنىڭ سۆڭىكىدە ياسالغان بىلەيزۈك تاقىۋالىدۇ. كېيىنكى يىللاردا يەنە قەرت ۋە شىشغالمۇ بۇ يۇرتقا يېتىپ كەلدى. يامان ئىش ئوڭاي تارقىلىدىغان ئوخشايدۇ ، شۇنداق قىلىپ ، بۇ خىل قىمارلار خۇددى تەڭگە پۇلدەك كىشىلەر تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى.
    ئەمدى كۆپ سۆزلەپ تاقىتىڭىزنى قويمايۋاتقىنىمدىن ئوڭايسىزلىنىۋاتىمەن. ئامان بولۇڭ!
    1332 -يىل، تالاشنىڭ 20-كۈنى، قەشقەر

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق