لاياقەتلىك يېتىلىش ئۈچۈن

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-08 19:22:13

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} لاياقەتلىك يېتىلىش ئۈچۈنئەنۋەر ئۆمەر گۈزەل ياز پەسلىدە بىر دادا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ

    لاياقەتلىك يېتىلىش ئۈچۈن
    ئەنۋەر ئۆمەر

       گۈزەل ياز پەسلىدە بىر دادا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوغلىنى ئېلىپ، ئوغلىغا سەھرانى كۆرسىتىپ كېلىش ئۈچۈن ئېلىپ چىقىپتۇ. ئۇلار يېزىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ساپ ھاۋا، گۈزەل تەبىئەتتىن قانغۇدەك ھۇزۇر ئېلىپ بىر نەچچە كۈننى ئۆتكۈزۈپتۇ. بىر ئەتىگەنلىكى دادا-بالا سالقىن شامال، يېقىملىق قۇشلار ناۋاسىغا ھەمراھ بولۇپ باغ ئارىلاپ كېتىپ بارغاندا، دادا ئوغلىغا يۈزلىنىپ، ئەتراپتىكى مۇھىتنى بىرمۇبىر كۆرسىتىپ:
    −بالام، سەن پات ئارىدا باشلانغۇچ مەكتەپنى تاماملاش ئالدىدا تۇرىسەن. ماڭا دەپ بەرگىنە، سەن بىرنەچچە كۈندىن بېرى تەبىئەتنىڭ ھەممە ھىممىتىدىن قانغۇدەك بەھرىمەن بولدۇڭ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق ئىكەن؟ ئۆز چۈشەنچەڭنى سۆزلەپ باققىنا؟−دەپتۇ.
    بالا بۇ سوئالنى ئاڭلاش بىلەن تەڭلا ئارقىغا ئۆرۈلۈپ ئۆي تەرەپكە يول ئاپتۇ.
    ئوغلىنىڭ بۇ ئىشىدىن ھېچنەرسىنى  چۈشىنەلمىگەن دادا ئوغلىنى چاقىرىۋېلىپ نەگە بارىدىغانلىقىنى سوراپتۇ.
    بالا دادىسىغا يۈزلىنىپ، بايىقى سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن دەرسلىك كىتابىنى كۆرمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.
    ئوغلىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان دادا بالىسىنى ئالدىغا  چاقىرىۋېلىپ:
    −  ئوغلۇم، سەن مەكتەپتە ئۆتۈلگەن دەرسلەر ئۈستىدە دەرسلىك كىتابىڭدىن جاۋاب ئىزدىسەڭ بولىدۇ. ئەمما، مەن سورىغان سوئالغا سەن بىرنەچچە كۈندىن بېرى كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىڭ بويىچە جاۋاب بەرسەڭ ئەڭ ياخشى بولاتتى. بالام، دۇچ كەلگەن ھەممىلا سوئالغا كىتابتىنلا جاۋاب ئىزدەشنى ئادەت قىلىۋالساڭ بولمايدۇ، مانا قارا، دېھقان تاغىلار بۇ ئېرىقنى نېمە ئۈچۈن قازغان؟ سۇ ئاققۇزۇش ئۈچۈن. شۇنداق، دېھقانلار نۇرغۇن ئەجىر ۋە تەر تۆكۈپ بۇ ئېرىقتا سۇ ئاققۇزۇش ئۈچۈن قازغان. بۇ ئېرىقتا ئاققان سۇ دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھ، زىرائەتلەرنى سۇغىرىدۇ. ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. بۇ ھاياتلىق ئاخىرقى ھېسابتا ئىنسانلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ، چۈشەندىڭمۇ؟ بالىلار دەرسلىكلارنىلا چۈشىنىش، بىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالسا بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ لاياقەتلىك يېتىلىشى ئۈچۈن ئەتراپلىق يېتىلىشى تېخىمۇ مۇھىم.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەنۋەر ئۆمەر