خەنزۇتىلىدا زادى قانچىلىك خەت بار؟

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-11 00:00:00

خەنزۇتىلىدا زادى قانچىلىك خەت بار؟ ئىلگىرى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى پروفېسسور بوۋىسىدىن: خەنزۇچىدا قانچىلىك خەت بار؟ دەپ سورىغان. بوۋاي خېلىغىچە ئويلىنىپمۇ جاۋاب بېرەلمەي ئامالسىز كۈ...

    خەنزۇتىلىدا زادى قانچىلىك خەت بار؟

     


        ئىلگىرى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى پروفېسسور بوۋىسىدىن: خەنزۇچىدا قانچىلىك خەت بار؟ دەپ سورىغان. بوۋاي خېلىغىچە  ئويلىنىپمۇ جاۋاب بېرەلمەي  ئامالسىز كۈلۈپ تۇرۇپ، سەن ياخشى ئۆگەنگىن، چوڭ بولغاندا بىلىپ قالىسەن، دېگەن. نەۋرىسى كۈلۈپ تۇرۇپ، بوۋىسىنى كۆرسىتىپ: بوۋام شۇنچە چوڭ تۇرۇپمۇ بىلەلمىسە، مەن چوڭ بولسام قانداقمۇ بىلەي، دەپتۇ. شۇنداق، خەنزۇچىدا زادى قانچىلىك خەت بار، بۇنى بىرەرسى ئېيتىپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. بىز پەقەت بەزى لۇغەتلەردىن بىر قىسىم تەخمىنىي سانلارنىلا بىلەلەيمىز. شەرقىي خەن دەۋرىكى "سۆز-خەتلەر ئىزاھاتى" غا 10516 خەت كىرگۈزۈلگەن، چىڭ سۇلالىسى "كاڭشى لۇغىتى" گە 47035 خەت كىرگۈزۈلگەن، ھازىرقى زامان "خەنزۇ يېزىقىنىڭ چوڭ لۇغىتى" گە 54678 خەت كىركۈزۈلگەن."جۇڭخۇا خەتلەر دېڭىزى" گە 85000 خەت كىركۈزۈلگەن.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر خەنزۇتىلى خەت سانى