بالىلىرىڭىز ئالدىدا ھايا بىلەن يۈرۈڭ

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-17 10:13:31

مائارىپشۇناسلار، جەمئىيەتشۇناس، پسىخولوگلارنىڭ بىردەك ئىسپاتلىشىچە، ئادەملەرنىڭ ئۆسۈپ- يىتىلىشىگە مىھىتنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدىكەن. يەنى ئىناق، بىر - بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئائىلىدە ئ...



    مائارىپشۇناسلار، جەمئىيەتشۇناس، پسىخولوگلارنىڭ بىردەك ئىسپاتلىشىچە، ئادەملەرنىڭ ئۆسۈپ- يىتىلىشىگە مىھىتنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدىكەن. يەنى ئىناق، بىر - بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئائىلىدە ئۆسۈپ - يېتىلگەن بالىلار بىر - بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ھەمكارلىق روھى كۈچلۈك، چىقىشقاق كېلىدىكەن، ھەدېسىلا جېدەل ئۆكسىمەيدىغان ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بالىلار ئۇرۇشقاق، جېدەلخور، ئۆكتەم، كىشىلەردىن قۇسۇر ئىزدەپ، ماجرا تېرىشقا ئامراق ياكى بولمىسا قورقۇنچاق كېلىدىكەن......... دېمەككى، بىز بۇنىڭ ئۆزىدىنلا ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ خاراكتېر يىتىلىشىگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئاتا- ئانىلارنىڭ ھەر بىر ھەركىتىگە دىققەت قىلىشىنىڭ لازىملىقىنى چۈشىنۋالالايمىز.
        بالىلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا ئەدەپ - ھايا بىلەن يۈرۈڭ. بالىلىرىڭىز كىچىك بولسا كۈندىن- كۈنگە چوڭ بولىدۇ، ئىش ئاڭقىرىدۇ، مەسلىلەرنىڭ ياخشى - يامىننى بىلىش چۈشىنىشكە باشلايدۇ. يەنە كىلىپ بالىلار كۆپىنچە نەرسىنى ئاتا - ئانىسىدىن ياكى ئەتراپتىكى مۇھىتتىن تەقلىد قىلىش، دوراش ئارقىلىق ئۆگىنىدۇ. دىققەت قىلىڭ، بالىلىرىڭىز سىزنىڭ يامان، ناچار تەرىپىڭىزنى ئۆگىنىپ قالمىسۇن.
        1. ئۆي ئىچىدە ھاياسىز چاقچاق، سەت، قوپال، گەپ - سۆزلەرنى قىلماڭ، بولۇپمۇ، بالىلىرىڭىز بار يەردە. بالىڭىز كىچىك بولسا سىزنىڭ بىزەب، بەدىۋىي سۆزلىرىڭىزنى دەرھاللا ئۆگىنىپ، ھەممىلا يەردە ۋاتىلداپ سۆزلەپ يۈرۈپ، سىزنىڭ يامان تەرىپىڭىزنى ئاشكارلايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ نىمە دەۋاتقىننى چۈشىنىپ كەتمەيدۇ. نىمە دەۋاتقان، قىلۋاتقىنىنى چۈشىندىغان سىزدەك چوڭلار ئېغىزىنى چايقىمىسا، كىچىكلەرنىڭ ئېغىزىدىن بېزەپ، ھاياسىز گەپلەرنى تۆكمە قىلىشنى ھار ئالمىساقمۇ بولىدۇ. بالىڭىز چوڭ بولسا ھاياسىز گەپلەر بىلەن ئۇنى خىجىل قىلىپ قويىسىز. ئەگەر بۇ ھال تەكرارلىنىۋەرسە ئۇ بارا - بارا بۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلاش، دېيىشتىن ئۇيالمايدىغان، قېلىن، ئىزا تارتمايدىغان، ئەدەپسىز ئادەتلىنىپ قالىدۇ.
        2. ئۆي ئىچىدە تار، نېپىز ئىچ كىيىملەر بىلەن مېڭىپ يۈرمەڭ.
        3. ئۆيدە بالىلىرىڭىز ئالدىدا ھاراق ئىچمەڭ، تاماكا چەكمەڭ. ئۆيگە مەست كىلىپ بالىلارغا ھەيۋە كۆرسىتىپ، ئۇلارنى قورقۇتماڭ ياكى ئۆزىڭىزنىڭ يىرگىنىشلىك ھالىتىڭىزنى بالىڭىزغا كۆرسەتمەڭ. ئۇلار سىزدىن نەپرەتلەنمىسۇن. دادىنىڭ بالا ئالدىدىكى ئۇياتسىزلىقى ئۇنى بالىسىنىڭ نەزىرىدىن تىزلا چۈشۈرۋىتىدۇ ۋە بالا دادىسىدىن ئەيمەنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
        4. بالىلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا ئايالىڭىزغا ھەر قانداق شەكىلدە يېقىنچىلىق قىلماڭ. ھاياسىز، ياپتا گەپلەر بىلەن چاقچاقلاشماڭ.
        5. ئامالنىڭ بارىچە بالىلىرىڭىز بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ تېلېۋېزور كۆرمەڭ. شارائىتىڭىز يار بەرسە بالىلىرىڭىز ئايرىم ئولتۇرۇپ ئۆسمۈرلەر پىروگراممىسى كۆرسۇن. لېكىن مۇنداق قىلىش بالىلار بىلەن چوڭلارنىڭ بىرگە بولۇش ۋاقتى ۋە ئارىدىكى يېقىن ھېس - مىھرىنى بۇزىۋىتىدۇ. بىرگە كۆرمەكچى بولسىڭىز قولىڭىزغا تىزگىنەكنى ئېلىپ ئولتۇرۇپ < ھاياسىز ئات - ئىشەك> لەر خۇدىنى بىلەلمەي قالسا < تىزگىن> تارتىپ يول - قانال ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ. بولمىسا بالىلىرىڭىز ئالدىدا خىجالەتتە قالىسىز. قېزىڭىزدا بالىلىرىڭىز ئولتۇرسا، بىھايا كۆرۈنۈشلەرگە كۆزىڭىزنى پارقىرىتىپ ئولتۇرۇۋەرسىڭىز، بالىلىرىڭىز بىلەن ئارىڭىزدىكى نومۇس پەردىلىرى يىرتىلىپ كېتىشى مۇمكىن.
        بالىلىرىڭىز بىلەن ئارىڭىزدا ھايا پەردىسىگە ئورالغان پاكىز مېھرى- ھۆرمەت بولسۇن. شۇندىلا ئۇ سىزدىن تەپتارتىدۇ، ئەيمىنىدۇ، گېپىڭىزنى ئاڭلايدۇ، ھۆرمىتىڭىزنى قىلىدۇ. ئىپپەت قوغلىشىدىغان مىسكىندىن، ئەقىدىسى دۇرۇس، تەقۋا پەرزەنت يېتىشىپ چىقىدۇ.

    مەنبە:تارىمى تورى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ھايا