قانداق قىلىش كېرەك؟(2)

يوللىغۇچى : qasimjan يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-24 13:29:00

قانداق قىلىش كېرەك؟ (2) داۋۇت ئوبۇلقاسىم ئالەم كېرەكمۇ، ئادەم كېرەكمۇ؟ ئىچكىرىدە ماڭا ناھايىتى سالاپەتلىك بىر باي يولۇقتى. ئۇ ئادەتتە ئىشتىنىڭ قىرىنى بۇزماي پاكىزە كىيىنىپ يۈرەتتى. گەپ- سۆزلى...

    قانداق قىلىش كېرەك؟
    (2)
    داۋۇت ئوبۇلقاسىم

           ئالەم كېرەكمۇ، ئادەم كېرەكمۇ؟ 

        ئىچكىرىدە ماڭا ناھايىتى سالاپەتلىك بىر باي يولۇقتى. ئۇ ئادەتتە ئىشتىنىڭ قىرىنى بۇزماي پاكىزە كىيىنىپ يۈرەتتى. گەپ- سۆزلىرى ئوڭ، يۈرۈش- تۇرۇشى جايىدا ئىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئونىڭ مۇنداق بىر ھېكايىسىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئەسلىدە بۇ كىشى 80- يىللاردا ئىچكىرىگە ھالى ئىنتايىن بەتتەر چۈشكەن ئىكەن.
       چۈشكەن كۈنىدە قورساققا يېگۈدەك بىر نەرسىگە پۇلى يوق ئۇيان چۆگلەپ، بۇيان چۆگىلەپ ، ئاخىرى شۇ شەھەردە ئاشخانا ئاچقان بىر ئويغۇر ئايالنىڭ ئاشخانىسىنى تېپىپتۇ. بۇ ئايال ئۇنى بىر نەچچە كۈن بېقىپ، ئاشخانىسىدا ئىشلىتىپ قاپتۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلار چىقىشىپ توي قىلىپتۇ. بىرنەچچە يىللار ئۆتۈپتۇ. ئۇلار تۇققان يوقلاش باھانىسى بىلەن شىنجاڭغا مېڭىپ، تۇرپانغا كەلگەندە، ئەر بولغۇچى ھاجەتخانىغا بېرىپ كېلەي دېگەن باھانە بىلەن بۇ ئايالنىڭ 150 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئېلىپ قېچىپتۇ. ئايال بولغۇچى شۇ ۋاقىتتا 70كە يېقىنلىشىپ قالغان بولۇپ، 4-5 يىلدىن كېيىن ئۆلۈپتۇ.
       ئايال ئۆلگەندىن كېيىن بۇ مۆھتىرەم باي بۇ شەھەرگە قايتا دەسسەپتۇ. بۇ ھېكايىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭغا جىق دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. ئونىڭ ھېچ كىشىنى كۆزگە ئىلماي مەغرۇر يۈرۈشلىرى، ئادەم جىق يەردە ئۆزىنى كۆرسىتىپ مەرتلىك قىلىشلىرى، كۆپچىلىك ئادەملەرنىڭ ئەكسىچە مەندە ئۇنىڭغا بىرخىل ئىچ ئاغىرىتىش تۇيغۇسىنى قوزغىدى.
       قەلبىمنىڭ چۈڭقۇر يەرلىرىدىن قۇرئان كەرىمدىكى ھەممە ئادەم مۇسۇلمان توغۇلىدۇ، دېگەن ئايەتكە قاتتىق قايىل بولدۇم. گويا دەل مۇشۇ ماھىيەت ئۇنى بىئارام قىلىپ مۇشۇنداق قىلدۇرۇۋاتقاندەك بىلىندى، شۇڭلاشقا ھېچقاچان ۋە ھەرقانداق يەردە ئۇنى كۈندە ئۈچ - تۆت قېتىم ياتاقنى يوقلاپ بولىدىغان ئاق شاپاقلىق دىۋانىلەردىن ئارتۇقراق كۆرۈشكە بىر يەرلىرىم يول قويمايدىغان، ھەتتا ناگان-ناگاندا سودا ئىشلىرى بىلەن ئونىڭغا ئاز -تولا خوشامەت كۈلكىسىنى بېرىپ قويغان يېقىن بۇرادەرلىرىممۇ كۆزۈمگە ئەمەس كۆرۈنۈپ قالىدىغان بولۇپ قالدى.


        پات- پاتلا ئۆزۈمگە: ياق، بۇ باينىڭمۇ بېشىغا كەلگەنلىرى باردۇر، ھېسياتقا بېرىلىپ كەتمەي دەپ تەسەللى بېرىپ تۇردۇم. بۇ كىسپۇرۇشنى ھەر كۆرگىنىمدە بىر ئىنسانغا كامالى باھا بېرىشنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدىغانلىقىنى ئۆزۈمگە جىكىلەپ، مۇئامىلىلەردە سۈننەتنى زورۇقۇپ تۇتۇپ كەلدىم.
       كېيىن يەكەندە يۈرگەن كۇنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىزلا سىرتتىن ئانچە-مۇنچە تۇنۇشىدىغان يۇرتداش بىلەن ئۇچرىشىپ قالدۇق. دەسلەپتە ئۇچرىشىپ ئۇلار بىرئىشقا كەلگەن دەپلا يۈردى. كېيىن گەپتىن - گەپ چىقپ ئۆزلىرىنىڭ كېلىش سەۋەبىنى سۆزلەپ بەردى.
        پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىدا بىزدىن 3 - 4 ياش كىچىك بىر قىز بولىدىغان. ئەينى مەزگىلدە مۇساپىرلىق سەۋەبىدىنمۇ ۋە ياكى ئۈرۈمچىدە تۇققانلىرى بولۇش چوڭ ئىش سانىلامدۇ بىلمىدىم، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى نەگە باردىڭ؟ دېسە، ئۆيگە بېرىپ كەلدىم، دەپ ئېيتىش ئوقۇغۇچىلارغا، بولۇپمۇ قىزلارغا ئابروي سانىلاتتى. باي ئائىلىدە چوڭ بولغاچقىمىكىن بۇ قىزمۇ ئاشۇنداق قىزلاردىن ئىدى.
        كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ قىز ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بىر سودىگەر بىلەن تۇنۇشۇپ قاپتۇ ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىدىغانغا پۈتۈشۈپتۇ. قىز مەكتىپىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئوغۇل قىز تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسىغا خىزمەت ئىشلەپ يۈرۈپ توينى توختىتىپ قومۇل بىلەن ئۈرۈمچىدە خېلى ئۇبدانلا ھەشەمەت بىلەن توي قىلىپتۇ. توي تۈگىگەندىن كېيىن يىگىت بىلەن قىز يىگىت سالىمىغا قۇمۇلغا بېرىپتۇ. قۇمۇلدا ئۇ ئۆي، بۇ ئۆيلەردە بىر ئايدەك مېھمان بولۇپتۇ.
        شۇ چاغدا كۈيئوغۇل قېيىنئاتىنىڭ قۇرۇق ئۈزۈمىنى كۆرۈپ:
       ـ نېمىشقا ساتمايمىز، ئۈرۈمچىگە ئېلىپ چىقىپ پۇل قىلىپ ئەكىلىلى.. دېگەندەك گەپلەرنى قىلغاندىن كېيىن، قېيىن ئاتا قول تېلېفون كۆتۈرىۋالغان بۇ ئوغۇلغا يەتتە توننا قۇرۇق ئۈزۈمنى بېرىپتۇ. ماڭار كۈنى ھېلىقى يىگىت ئايالىغا سىز پويىز بىلەن مېڭىڭ مەن مالنى ئېلىپ ماشىنا بىلەن چىقاي، دەپ قاپتۇ ۋە شۇ كۈنىلا ماشىنا تېپىپ قۇمۇلدىن يولغا چىقىپتۇ. قىز ئۈرۈمچىدە ھەپتە ساقلاپتۇ يوق، بىر ئاي ساقلاپتۇ يوق. شۇ يوقالغىنىچە ئالتە ئاي ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كېتىپتۇ. كېيىن ئۆيدەقالدۇرۇپ قويغان نەرسىلىرىدىن ئونىڭ بۇۇنلا تەييارلىق قىلغانلىقى بىلىنىپتۇ.
       شونىڭ بىلەن بىردىن - بىر يىپ ئۇچى بولغان كىملىك بويىچە تۇققانلار ئۇنى يەكەنگە ئىزدەپ كەپتۇ. كېلىپ كۆرۈپتۇكى، كىملىك گۇۋاھنامىسدىكى ئادەمنىڭ ئۆلگىنىگە تۆت يىل بولغان ئىكەن.

         بەلكىم ئالدىنقى ھېكايىدىكى قېرى ئايال ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچكىرىگە ئېقىپ كىرگەن نېمىكەن، پالانى -پۇستان دەپ بىرتالاي ئاقلايدىغان نەزەرىيىنى بازارغا سېلىشىمىز مۇمكىن. بوپتۇ بونىڭغا مەيلى دەيلى. لېكىن ماۋۇنۇڭغا نېمە دەيمىز؟! بەلكىم بۇ يىگىت قايسىدۇر بىر يەردە 70 مىڭ يۈەننىڭ ئىگىسى بولۇپ ئىشتىنىنىڭ قىرىنى بۇزماي، ئاياغلىرىنى ئادەمنىڭ سۆرىتى كۆرۈنگىدەك مايلاپ، سۈپەتسىز ئادەملەرنىڭ خوشامەتلىرى ئىچىدە يۈرۈيدىغاندۇر.
       قولىدا دەسمايىنىڭ تايىنى يوق، دوقمۇش دوقمۇشتا قوغلىنىپ، ئاران گېلىغىلا ئىشلەۋاتقان ئاقكۈڭۈل گادايلارغا ئىچ ئاغرىتىۋاتقاندۇر

        ھەر قېتىم كولبىدا ئادەم يېتىشتۈرگەن ئالىملارنىڭ رەسىمىنى ئۇچراتقىنىمدا، ئاتۇم بومبىسى، خىمىيىلىك قوراللارنى ياسماقچى بولغان ھەربىي سانائەت مۇتەخخەسسىسلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ئاڭلىغىنىمدا، تەنلىرىم شۈركۈنۈپ كېتىدۇ. ئۇلار گويا بىر ئالۋاستىدەك ئەركىن سۇقۇۋاتقان يۈرىكىمنى نىجىس قوللىرى بىلەن تۇتماقچى بولغاندەك ھېس قىلىپ قالىمەن. چۈنكى، شۇ ھامانلا كاللامدا ئۇلار شۇنچىۋالا جاپا تارتىپ ئىگىلىگەن بىلىملىرىنى ئىشلىتىپ نېمە قىلماقچى؟ دېگەن سوئال پەيدا بولىدۇ. شۇبھىسىزكى، ئۇلار بەخىت ۋە گۈزەللىك ئىزدىمەكچى ئەمەس. بەلكى ئاشۇ بىلىملەرنى ۋاسىتە قىلىپ، ئابروي تاپماقچى، ئۈزىنى كۆز - كۆز قىلماقچى، تەستىقلاتماقچى، قايسىدۇر بىر سەھنىلەرگە چىقماقچى. ئۇلارنىڭ ھېلىقى150 مىڭ يۈەننى ئېلىپ قاچقان باي بىلەن نېمە پەرقى، توينى ۋاسىتە قىلغان ھېلىقى يىگىتتىن نېمە پەرقى؟
        ئىنسان بىلىپ بىلمەي نەرسىنى ھەقىقەتنىڭ ئۈستىگە قۇيۇۋالغان ئەقىلگە مۇۋاپىق شەرھى ۋە مەنتىقىنىڭ ئاخىرى چىقماس كوچىسىغا كىرىۋالغان چاغدا مۇناپىقلىق ئەۋج ئالىدۇ. ئۆز ئەتراپىدىلا چۆگىلەپ تۇرغان پاسكىنىچىلىقتىن خالىيراق تۇرۇش ئۈچۈن ئەقىدىگە شۇنچە مۇھتاج بولىدۇ. بۇنداق مۇھتاجلىق ئۇنى ئەينەن ئىنكاس قىلىشتىمۇ ياكى ھەممىدىن ۋاز كېچىشتىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. يەنە تېخى تارىخنىڭ كىشىلىك ھۇقۇققا قاراپ تەرەققىي قىلىشى تەنتەكلەر ۋە ساقسىزلارنىڭ دۇنياسىدا تەبىئىكى، قەلەندەرگە ئات مىنگۈزسەڭ چىقمىغان دۆڭى كىرمىگە ئۆيى قالماسلىقنى ئەۋىج ئالدۇرىدۇ. بۇ بىز ياشاۋاتقان بۇ دەۋرنىڭ ئازابىنىڭ مەنبەلىرىنىڭ بىرى.

       مەجازى ئېيتقاندا جىنىسنىڭ نېمىلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان شەھەرلىك بۇنىڭ بىر دەلىلىدۇر. راست «جالالىدىن رۇمى» ناملىق روماننى ئۇقۇغانلارغا مەلۇمكى، مەيلى قانداقلا بولسۇن ھەممىدىن ھالال كەسىپ جاڭگالدىن ئۇتۇن ئەكىلىپ سېتىش، دېگەن ھۈكۈمنى چىقارغان ئادەم قانداق ئادەم، كۈندە بىكارچىلىقتىن گېزىت كۆرىدىغان، مەيلى قىلىدىغان ئىشى ئۆز قىممەت قاراشلىرىغا، كۆڭلىگە ياقسۇن، ياقمىسۇن تەمىناتى ياخشى ئىدارىنى ئارمان قىلىپ تىپپىرلايدىغانلار قانداق ئادەم؟! ھېچنېمىگە قارىماي ھۆكۈمەتنىڭ دەپتىرىگە ئىلىنىشنى غايە قىلغان ئادەم قانداق ئادەم؟! ھەق ئىشقىدا ئالەمچە دىشۋارچىلىق تارتىۋاتقانلار قانداق ئادەم ئوقۇغۇچىلارغا بىر نېمىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس مەزمۇنىنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مۇئاش ۋە ئۇنۋان ئېلىشقا، لاياقەتلىك دەرس سائىتىنى توشقۇزۇش ھەلەكچىلىكىدە ئۆتىدىغانلار قانداق ئادەم. موشۇنىڭدىن ئويلىغاندا 150 مىڭ يۈەننى ئۆزىنىڭ قىلۋالغان باي، قىزنى ئالدىغان يىگىت 15 يىل ئوقۇپ خىزمەتكە ئېرىشكەندەك ئىش قىلدىمۇ قانداق؟ ئالدىدىكىلەر ئاڭلىق ھالدا ئالدامچىلىقنى ۋاسىتە قىلدى. كېيىنكىلەر خىزمەتچى دېگەن نامدا ھەر ئايدا ئالىدىغان نەچچە يۈزمىڭ پۇل ئۈچۈن ئوقۇشنى ۋاسىتە قىلدى. ئالدىدىكىلەر ئالدانغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتتى. كېيىنكىلەر ئۈزىنى بىر مەزگىل ئاۋارە قىلدى دېيىشكە بولامدۇ نېمە؟


        ئاللا كارامەت! مەن بىر پاھىشىنىڭ ئىشچى ئەمگىكىنى ساتىدۇ، تەرجىمان تىلىنى ساتىدۇ، خىزمەتچى ۋاقتىنى ساتىدۇ، مەن بولسام ئاياللىقىمنى ساتىمەن، بۇ پەرقسىز، دەپ بىر مەزگىل پاھىشە سالاھىيىتىدە پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ فرانسىيىنى قايىل قىلغانلىقىغا ئەمدى ئىشەندىم . چۈنكى، ئالدىدىراق ئويلىغاندا گال ئۈچۈن ھەرقانداق خىزمەت پەرقسىز، مۇرەككەپرەك ئويلىغاندا مۇنداق ئىجادى ھاياتنىڭئىجادىلىقى قۇرۇسۇن، ئاتا - بوۋىلىرىمىزدا ئەقىل دېگەن ئەدەپ بىلەنلا بولىدۇ، دەيدىغان گەپ بار، بۇنى زامانىۋىي تىل بىلەن ئېيتساق ئىنتىزامنى ھېس قىلالمىغان كىشىدە ئەقىل نېمىش قىلسۇن، دېمەكتىن ئىبارەت، شۇڭا بىز ئادەتنى بالىلارنىڭ ئەقلى يېتىلمىگەن بولىدۇ، دەپ ئېيتىمىز. ئىش مۇشۇنداق ئىكەن ئەقىلنىڭ تايىنى يوق ئۇئىجادىيەت قانچىلىك بولماقچىتى؟ بەلكىم بۇ كامالەتكە بولغان ئىشقى مۇھەببەتنى يادرۇ قىلغان ئوتتۇرا ئەسىر تۇرمۇش ئەندىزىلىرىنىڭ قاتمال كىيىملىرىنى يىشىندۈرگەندە پەيدا بولغان لۈكچەكلىك ئامىللىرىنى شەكىللەندۈرگەن يارىنىڭ ئەمدى چېلىقىشلىق ئېغىز ئېلىشى بولىشى مۇمكىن.
        توغرا، بىر چاغلاردا مەن ئېينىشتىين، رۇسسىل قاتارلىق 20- ئەسىنىڭ مەشھۇر كىشىلىرى بىلەن بىللە تىلغا ئېلىنىدىغان 20 -ئەسىر پەلسەپە ساھەسىدىكى ئەڭ مۆتىۋەر شەخسلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئېرىنسىت كاسسىرئېرنىڭ «ئىنسان ھەققىدە » دېگەن كىتابىنى سۆيۈپ ئوقۇغان. ئۇنىڭدىن «ئىنساننىڭ تۈپ ماھىيىتى مەڭگۈ تۇرغۇزۇلۇش جەريانىدا تۇرىدىكەن، ئادىمىيلىك تەقلىنىپ بولغان نەرسە ئەمەسكەن، بەلكى ئۇ ئىنسان يارىتىدىغان بىر جەريانكەن ھەقىقىي ئادىمىيلىكنى ئىنساننىڭ پۈتمەس تۈگىمەس ئىجادىيەت پائالىيىتىنىڭ ئۆزى شۇ دېگەن تۈزۈككەن» دېگەندەك خۇلاسىلەرگىمۇ كەلگەن، لېكىن ئېرىنسىت كاسسىرئېرنىڭ ئاشۇ يۈكسەك مىخانىك ئەقلى ئۇسلۇبلىرىدا ئويلىغاندىمۇ ئۇ ئېيتىۋاتقان «پۈتمەس تۈگىمەس ئىجادىيەت» بۇلۇڭ پۇشقاقلاردىكى پەسلىكلەرنى توغرا چۈشىنىشكە قارىتىلىپ ئەمەس، كامالەت ئېتىبارىدا ئېيتىلمىغاندىمۇ؟! ئەقەللىيەتتىن نەزەر سالغاندىمۇ ھايۋانلارنىڭ ئېسىلى بولمىش بۈركۈت بىلەن يولۋاس جېنىدا قورسىقىم تويىدۇ دەپلا تاپ يەپ كەتمەيدىغۇ!


        كۆز ئالدىمدىن ئۇزاق تارىخلار مابەينىدىكى مەشھۇر سىمالار پىروزىلاردىن تارتىپ30 يىللىق رېئال تۇرمۇشۇمدا كۆزۈمگە ئادەمدەك كۆرۈنگەن كىشىلەر بىرمۇ بىر ئۆتۈشكە باشلىدى.ئۇلارنىڭ كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان جايلىرى نېمىدېگەن ئوخشاش -ھە، ئۆمۈر بويى ئۆز ئەقىدىسى ئۈچۈن كۆرەش قىلدى…
        ….ئۇلار قايسى بىر دوقمۇشتىن بۇرۇلۇپلا يۇقىرىقىدەك سۈپەتلەر ئۈچۈن ئۆزىنى ھاياجانلاندۇرۇپ سۈنئىي كۆرەش قىلدىمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ جىسمىدا ئاشۇنداق تەبىئەت ئەسلى بارمىدى؟ ھالبۇكى مەن مۇشۇ ياشقا كىرىپ ئەينى ھۆكۈم خاتا بولمىغانلا بولسا بالىلىقىدا نامەرت بالىنىڭ چوڭ بولغاندا مەرتلىشىپ كەتكىنىنى، بالىلىقىدا مەيدانى يوق بالىنىڭ چوڭ بولۇپ يۈرىشى بار بولۇپ قالغىنىنى، بالىلىقىدا شۇم بالىنىڭ چوڭ بولۇپ سەمىمىيەت ئىچىگە كۆمۈلگىنىنى كۆرمىدىم. ئەكسىچە تەڭ تۈشلىرىمنىڭ بۇرۇن مۆكۈ-مۆكۈلەڭ، پاق- پاق، گاگار ئوينىغاندا بالىلىق مۇئامىلىلەردە، ئۇرۇشۇپ قالغاندا ئىپادىلەنگەن خاراكتېر سىمالىرىنىڭ ئەمدى چوڭلار ئىجتىمائىيىتىدە ئۆز پېتى ياكى ئۇ بۇ يېپىنچىلاردا، ئۇپا -ئەڭلىكلەر بىلەن ياسىداقراق ئىپادىلىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.مەن ئۆزۈم ئوقۇغان كىتابلاردىن ۋە كۈندىلىك سۆز ئىستېماللىرىدىن بەزىلەرنىڭ بۇنى خاراكتېر دەپ ئاتىغانلىقىنى يەنە بەزىلەرنىڭ ئىندىۋىدوئاللىق دەپ ئاتىغانلىقىنى بىلدىم. ئەمما «جاھىل، ئىلمى، قوپال، سەپرا، قىتىغۇر، مۇلايىم » دېگەندەك سۈپەتلەرنىڭ تېگىدە مۇشۇ ئىپادىلەرنى ئۆزىگە قوندۇرغان يەنە بىر نەرسە يوقمىدۇ؟ ئىنسان ۋۇجۇدىدا ئەشەددى دۈشمەنلەرنى بىر -بىرىگە قايىل قىلدۇرۇۋاتقان، مىجەزى پەقەتلا كېلىشمەيدىغان كىشىلەرنى بىر -بىرىگە ئىجىل قىلىۋاتقان بىر ماھىيەت يوقمىدۇ؟! بار، ياخشىسى يەنىمۇ كۆزىتەيلى!كۆزۈمگە دەسلەپتە چېلىققىنى ئوخشاش بىر ۋەقەنى ئەينەن سۈرەتلەپ بېرىش تەلەپ قىلىنغاندا ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ بايانىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقى بولدى. كېيىنچىرەك ھەتتا چىچەنلىكنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە بېقىپ ئوخشاش بىر بەت خەتنى ئوقۇتساڭمۇ ئوقۇلمىنىڭ تېكىستتىن ھامان پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى كۆردۈم. مەسىلەن: تەبىئىتىچە بولغان بولساتەبىئەتچە بولۇپ كېتىۋېرىدىكەن. مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پىكىر ۋە مۇنازىرىدە شۇ مەسىلىنى چۆرىدىشىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندىم. بۇنداق مىساللار كىچىكرەك بولسا ئىملا خاتا بولۇپ، بىر تاۋۇش ياكى باغلىغۇچى ئۇيان-بۇيان بولۇپ قالىدىكەن. چوڭراق بولسا ۋەقەلىكنىڭ جەريانى قىسقىراپ ياكى ئۇزىراپ قالىدىكەن ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم بىر نىيەتنى يادرو قىلىپ، قايتا چېتىلىدىكەن. كىشىلەر بالىلارچە ھېسسىيات ئۈستىگە قۇرۇلغان قەھرىمانلىق سىياقلىرىدا، پو ۋە لاپلارنىڭ سايىسىدا ياشايدىكەن. مەلۇم ئىش قىلىنغاندا شۇنداق ئالىي جاناپ مەقسەتنىڭ كۆڭۈلگە پۈكۈلگەن بولۇشى ناتايىن بولسىمۇ، لېكىن بولىدىغان ئىش بولۇپ بولغاندىن كېيىن ئادەملەر بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ ئەقىللىقلىقىنى ياكى دېتى بار ئىكەنلىكىنى ۋەياكى ئالدىن كۆرەر ئىكەنلىكى ۋەھاكازالارنى نامايان قىلىپ سۆزلەيدىكەن. ئۆتمۈشنى ئۆزىنى ئىسپاتلاۋاتقاندەك تەرىزدە بايان قىلىپ مۇشۇنداق ئويدۇرۇلما رېئاللىق ئىچىدە ياشاۋېرىدىكەن. بۇنداقلارنىڭ قاراڭغۇلۇق، ئويدۇرمىچىلىق، رەڭۋازلىق، نامەردلىك ۋە بولۇمسىزلىققا بولغان سېزىمى گال كېلىدىكەن. نېمىشقا مۇشۇنداق بولىدۇ؟

       مەرھۇم تېبابەت ئالىمى ئابلىمىت يۈسۈف ھاجىمنىڭ مۇنداق بىر گېپىنى ئاڭلىغانىدىم: ياش ۋاقتىمدا يۇرتنىڭ بەرگەن ئاش -تۇزىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ساۋاپ تېپىش ئۈچۈن كېرىيىنىڭ يېزىلىرىدا ئۆيلىرىگە ئۆزۈم بېرىپ نۇرغۇن نامراتلارنىڭ كېسىلىنى داۋالىدىم. خالىس قىلىپ كەتكەن ئىشلىرىم نۇرغۇن. بىر تىيىن پۇلى يوق سەكراتتىكى كېسەللەرنى ھەقسىز داۋالاپ ساقايتتىم. كېيىن ۋەزىيەت يامانلاشتى. بىزلەرگە قالپاق كىيگۈزۈپ كۈرەش قىلغىلى تۇردى. كۈرەش قىلغانسېرى تىللايدىغان ئادەم جىقلاپ كەتتى. ھەممىدىن ئېغىر كەلگىنى دەل مەن داۋالاپ ئۆلۈمدىن بېرى قىلغان نامراتلار بىر سېۋەتكە تېرەك غازىڭى، بىر سېۋەتكە ئۆرۈك غازىڭى، بىر سېۋەتكە ئالما غازىڭى ئېلىپ كېلىپ، بۇ ئۇنسۇر ئەمگەكچى خەلقنى ئات -ئۇلاغ ئورنىدا كۆرۈپ، ئۇلارنى مۇشۇنداق نەرسىلەرنى يېيىشكە قىستىغان، دەپ شۇئار توۋلاپ، ئۇرۇپ ھالىمنى قويمىدى. شۇ جىنايەت بىلەنمۇ تۈرمىدە بىر نەچچە يىل ئۇزاق يېتىپ كەتتىم. شۇنىڭدىن كېيىن ياخشىلىقنىمۇ بىلگۈدەك ئادەمگە قىلىش كېرەككەن دەپ قالدىم. شۇڭا، قارا قورساق، كاللىسىدا ھېچنەرسە يوق ئادەمنىڭ كېسىلىنى كۆرۈشتىن ئۆزۈمنى تارتىمەن. راست، ئادەم دېگەن ئۆرە مېڭىپ گەپ قىلسىلا ھېساپ ئەمەس.

     ئابلىمىت يۈسۈف ھاجىمنى كۈرەش قىلغان نامراتلارغا ھۆكۈمەت ئەينى چاغدا قايسىدۇر بىر باينىڭ مەلۇم نەرسىسىنى ئېلىپ بەردى. ئۇلارنىڭ پۈتكۈل جەريانىنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى ئويلىغۇدەك ھالى يوق بولۇپ، قانداقتۇر بىر نېمىنى ئۆزىگە بەرگىنىلا بەرگۈچىنىڭ مۇتلەق ھەقلىقىنى ئىسپاتلاشما يېتەرلىك ئىدى. ئەمما خەلق نېمىشقا شۇنداق بولۇپ قالىدۇ؟ ئۇ بۇرۇن شۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈندىكى، چۈنكى ئۇنىڭدا ئەسكىلىك قىلغۇدەك قابىلىيەت يوق ئىدى. ئەلۋەتتە دۇنيادا ئوبدان ئادەملەر كۆپ. ئەمما سۈرۈشتۈرۈپ كەلگەندە بۇ توغرا بايان ئەمەس. دۇنيادا ئوبدان ئادەملەر كۆپ ئەمەس، بەلكى ئوبدان ئادەم بولۇشقا كۆنۈپ جاھانغا غەرق بولۇپ كەتكەنلەر كۆپ.ئۇلارنىڭ ئەجەللىك يېرى ئۆزلۈكنى قورامىغا يەتكۈزەلمىگىنىدە. بۇ قانداق گەپ؟بارلىق مەنىۋىي پائالىيەتلەردە ئۆزلۈك بىلەن دۇنيانىڭ ئايرىم- ئايرىم ئىككى مەۋجۇتلۇق ئىكەنلىكىنى ئاڭلىق ھېس قىلىدىغان، ئۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئادالىتى، كەيپىياتى، مەزمۇنى ۋەھاكازالارغا قارىتا روشەن ھۇۋۋىيەتكە ئىگە بولالىغان كىشى ھەم ھەر قانداق بىر شەكىللەنگەن ئۆزلۈكنى رەسمى ھالدا مەۋجۇتلۇق ساناپ مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە ئۇيان بۇيانغا ئېغىپ كەتمەي ھەقىقەتنى تۇتۇشنىڭ ئېپىنى بىلەلەيدىغان بولىدىكەن. شۇڭا بالىلاردا ئادىمىيلىك تۇيغۇسى بولسىمۇ، لېكىن ئادىمىيلىك ئىشلىرىنى يەنىلا چوڭلار قىلىدىكەن. لېكىن بۇ گاچا قىزنىڭ تىلى ئەسلى شۇ كىشىنىڭ ۋۇجۇدىدىن قايناپ چىقماي قورساق بېقىشنىڭ قەززاچىلىقىدا ئۆگىنىۋېلىنغان « تىل» بولۇپ قالسا شەكىللەنگەن ئۆزلۈكنى تۇتۇش گويا قۇرۇپ قالغان دەرەختەكلا قاقشال ۋە سوغۇق بولىدىكەن. مەن بۇنداق جاھالەتنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان پاجىئەسىنى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى سۈننەت ئەھلىنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈشلىرىدىن تاھازىرغىچە خېلى كۆپ كۆردۈم. ئۇلار ئۆزلۈك ئەھلى بولمىغان ئەھۋالداسۈننەتنى تۇتۇش شۇئارلىرىنى قەتئىي توۋلاپ، قەيەرنىلا تۇتساڭ سوغۇق بىلىنىدىغان تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى بولۇشىچە ياراتتى. نوپۇس كۆپەيدىيۇ، ئادەملىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئازىيىپ كەتتى.


        ئادەم ئەسلىدە يالىڭاچ توغۇلىدۇ، كىيىم ئاندىن كىيدۈرۈلىدۇ. شۇنىڭلىق بىلەن ئۇ پەرقلىنىشكە باشلايدۇ. ئىجتىمائىي ئورۇن، كىشلىك مەزمۇن، بىلىم، مۈلۈك دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى تەدرىجىي پەيدا بولىدۇ. ئادەم ھەرگىز ئىجتىمائىي ئورۇن، بىلىم ۋە مۈلۈك ئۈچۈن ياشىمايدۇ، بەلكى ياشاش ئۈچۈن ئاشۇنداق نەرسىلەرگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىدۇ. لېكىن، بۇنى شۇنداق دەپ قويغانلىق بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. چۈنكى، ھاياتلىقنىڭ ھەربىر تىنىقلىرىدا ئۇلار ئادەم بىلەن تەقەززالىق مۇناسىۋىتىنى پەقەتلا ئۈزمىگەچكە، بۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئاسانلا ساقسىزلىق كۆرۇلۈپ قالىدۇ. يەنى ئىنسانىي ھېسياتلىرى مەجروھ ياكى تەسلىمچىل روھلار تەقەززالىق قىستاپ كەلگەندە ھاياتنى ئۇنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بىز تارىخىمىزدا مۇنداق ئادەملەرنى جىق كۆرگەن. مەشھۇر شاپتۇل داموللام بىر نەچچە ئېغىز گېپى بىلەن لەنەتگەردى بولغانلارنىڭ ئەمەس بەلكى تۈپكىي ماھىيەت جەھەتتە ئۆز ھاياتىنى بىلىم ئېلىشنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرغانلارنىڭ داڭلىق ۋەكىلى. بىزدە شەرىئەتنى مۇكەممەل ياشاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى، ئۇنىڭغا شەرمەندىلەرچە قۇللۇق قىلىش ئۈچۈن ئۆگەنگەنلەر، قۇرئاننى ياشاش ئۈچۈن ئەمەس، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش ئۈچۈن كۆتۈرۈۋالغانلار ئاز ئەمەس.
        بىر كۈنى ئايرىلغىلى ئۇزۇن بولغان بىر كومپىيۇتېرشۇناس ئاغىنىمىزنىڭ ئۆيىگە مەلۇم ئىش بىلەن بېرىپ قالدىم، ئۇ بۇرۇنقىدەكلا سۇسىراپ قالغان دەرەختەك كۆرۈنەتتى. بىز كىرگەندىن كېيىن، ئۇ بىردەم كومپيوتېردىن، بىردەم ئۆزىنىڭ نۇرغۇن بالىلارنى كومپيوتېردا تەربىيىلىگەنلىكى، قايسىدۇ سەۋىيىگە يەتكەنلىكى توغۇرلۇق سۆزلەپ كەتتى. مەن بىرھازا ئۇنىڭ روھىدىن نە بىر ماھىيەتلىك مۇھەببەتنى، نە بىر سىستېمىنى، نە بىر ۋەزىننى ھېس قىلالمىدىم. ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ پاسىقلارنىڭ بىلگەنلىرى ئۇلار ئەمەل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ھەقىقى ئىلىم ھېسابلانمايدۇ، دەيدىغان ھۆكمى ئىختىيارسىز يادىمغا يەتتى. راست، ئۇ ئون نەچچە يىللاپ ئۆگەنگەن بىلىم ئۇنىڭ روھىنى ماھىيەت تۆكۈلۈپ، سىستېمىسى گۈپۈلدەپ، ۋەزنى بىلىنىپ تۇرىدىغان مۇقامغا ئېلىپ كېلەلمىگەن بولسا، قەلبىدە مۇھەببەت بولمىغان ئادەم قانداقمۇ كەسىپ ئىگىسى بۇلالار؟ كومپيوتېرنى دەرسلىك كىتاپلاردىن ئەمەس گېزىتلەردىن ئۆگىنىش كېرەك دېگەن گەپلىرىدىن ھەش-پەش دېگۈچە ئالا - جۇقىلىقنىڭ بىرئىلىمنىئۆگىنىشتە ئاخىرى بىر ئالاھىدىلىك بولۇپ ئىسپاتلانغانلىقى كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ قالدى.
        ئىچىمدە: ناۋادا ئۇ مۇشۇنداق ئۆگەنگە چۇشلۇق خەلقنىڭ ئالقىشىغا ۋە ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشەلمىسە قانداق قىلار؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن ئوقۇغاندۇ؟ دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم. ئۇنىڭ ئۆز نامىغا مۇخالىپ تاقا - تۇقا گەپلىرى ۋە سەبىيلەرچە خۇلق ئەندىزىلىرى، پىكىر رامكىلىرى قەلبىمگە بىرخىل قاراڭغۇلۇق ئېلىپ كەلدى. تەبىئى ھالدىلا مۇنداق بىر ۋەقەلىكنى ئەسلەپ قالدىم: بىر چاغلاردا تىجارەتچىلەر ئارسىدا بىر يۇرتلۇق ئىككى ھاجىم بار ئىدى. ئونىڭ بىرسى دىنىي ئائىلىدە چوڭ بولغان بولۇپ، تا شۇ كەمگىچە بەش ۋاقلىق نامازنى تاشلىمىغان ئىكەن. يەنە بىرسى، نامازغا ئانچە - مۇنچە چىقىپ قويىدىغان ئادەم ئىدى. شۇ يىلى ناماز ئۆتەيدىغان ھاجىمنىڭ تىجارىتى ئوڭغا تارتماي جىق زىيان تارتقان بولدى. ئەمما ناماز ئۆتىمەيدىغان ھاجىمنىڭ تىجارىتى ناھايىتى ئوبدان بولدى.
         بىر كۈنى ناماز ئۆتەيدىغان ھاجىم پەرھىز نامازنى ئۆتەپ بولۇپلا:
       ـ مۇنداق ئەسقاتمىغان نامازنى ئۆتىگەندىن ئۆتىمىگەن ياخشى ئىكەن. خەق ناماز ئۆتىمىسىمۇ تىجارىتى ئوبدان بولسا، مەن ناماز ئۇقۇساممۇ بولمىسا.قۇيە بۇنداق نامازنى دەپلا مەسچىتتىن چىقىپ كېتىپ ناماز ئۆتىمەيدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. راست بۇ دوستۇمدىن يەنە بەش يىلدىن كېيىن دۇنيا ئاخىرلىشدىغان بولسا، سەن ھازىر نېمە ئىش قىلاتتىڭ، دەپ سوراپ باقسامچۇ؟ بۇ چاغدا ئۇ ئەمدى كومپيوتېرنىڭمۇ، قايسىدۇر چوققانىڭمۇ گېپىنى قىلماي ناھايىتى تەبىئىلا ھېچ ئىش قىلماي ئوينىمامسەن شۇ، دېدى. خىيال -تەسەۋۋۇرۇم ئۇنى ئىستىراھەت مېھمانخانىسىغا كىرىپ كېتىۋاتقان سەۋىيىلىك بۇزۇق قىزغا ئوخشىتىپ كېلىپ يەنە ھېلىقى ھاجىمدا توختىدى. بۇ ۋەقەلىكتىكى توغرا-خاتالىق ھەممىمىزگە خېلى ئېنىق. قېنى دەپ باقايلى، رەسمى ئىلىم ئۇقۇغانلارنىڭ ئىچىدە ھاجىمدەك روھى ھالەتتە ئەمەسلەردىن قانچىلىكى بار؟ موشۇنىڭدا ھەقىقەت بار ئىكەن دەپ بىلىپ ئۆگىنىۋاتقانلار ياكى مۇشۇ نەرسە كېرەككەن دەپ ئۆگىنىۋاتقانلار قانچىلىك؟ يېقىنچىلاردا چەتكە نۇرغۇن ئوقۇغۇچى چىقتى. لېكىن مەن ئاڭلىغان كەسىپلەرنىڭ ئىچىدە مۇشۇ كەسىپ ھەقىقەتەنمۇ بىزگە لايىقكەن دەپ قارغىغىنىم ناھايىتى ئاز. يەنە كېلىپ مەن ئۇچراشقان چەتكە چىققانلارنىڭ ئىچىدە ئۆز كەسپىدىكى ھەقىقەتكە سۈيۈنۈپ تۇرغانلار يوق دېيەرلىك.ئۇلارنىڭ ھەممىسى كەسىپنى ئۆزى تاللىغىنى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغىنى ئۈچۈن ئۇقۇۋاتىدۇ. مۇشۇنداق تۇرۇپ بۇلارنىڭ ئىچىدە بولدى بۇنى ئۆگەنگەندىن ۋاقىت زايە قىلماي ماۋۇنى ئۆگىنەي ياكى ماۋۇ ئىشنى قىلاي دەيدىغانلار نېمىشقا چىقمايدۇ؟ نېمىشقا ھە دېسىلا ئۇنۋان ئۈچۈن بىزگە كېرەككە كەلمەيدىغان كەسىپلەردە ئوقۇيمەن دەپ قان شورىغۇچى ئەزرائىلنىڭ يېنىدىن بېرى بولمىغان ئادەمدەك سارغىيىپ، قاقشال بولۇپ يۈرگەنلەر ئۇچراپلا تۇرىدۇ.


        ئەسلىدە مېنىڭ بۇ ئاغىينەم ئىجتىمائىي قىزغىنلىقى يوق بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ئۆزلىرىنى ناھايىتى تۆۋەن كۆرەتتى. ۋىجىكلىكى تۈپەيلى باشقا بىر ئىشنى قىلىپ جان باقالايدىغاندەكمۇ ئەمەس ئىدى. ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى ناھايتى تۆۋەن بولغاچقا، بالىلىرىغا داۋاملىق ئۆزلىرىنىڭ ئەرزىمەس كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، قوللىرىدىن ھېچنېمە كەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ياخشى ئوقۇپ ئۆزلىرى ئامال قىلىشلىرى كېرەكلىكىنى، ئىنچىكە، ھېسسىياتلىق دەپ تۇراتتى. شۇڭا بۇ بالىلار مەنىۋىي يىلىكلىرى تولمايلا چوڭ بولدى ۋە بىلىپ - بىلمەي چوققىلاردا ئالتۇن بار، پەقەت شۇلا مېنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ دەيدىغان تۇرمۇشنى ئۆزلىرىگە ئۇدۇم قىلدى. مۇنداق ئۇرۇق ھايات تەبىئىكى ئۆزى قوينىدا تۇرغان كەسىپنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە مەزمۇن قىلىۋالماي قالمايتتى. شۇڭا بۇ مۆھتىرەم دوستىمىزنىڭ كومپيوتېرغا ئوخشاپ قالغانلىقىدىن ئەجەپلەنگىلى بولمايدۇ. لېكىن دۇنيادا بۇنىڭدىن ئارتۇق پاجىئە بولامدۇ؟
        ماھىيەت جەھەتتە شاپتۇل داموللامغا ئوخشايدىغان بۇ بۇرادىرىمىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە شاپتۇل داموللامدىن ساپالىقراق90 -يىللارغا مۇۋاپىق مۇناپىقلىقنى قىلماي قالارمۇ؟ ئۇقۇۋاتقان چېغىمدا بىزگە ياش بىر ئوقۇتقۇچى ياپونيىدىن يېڭىلا بىلىم ئاشۇرۇپ كېلىپ دەرس بەردى. ئونىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلەر ھېلىمۇ يادىمدا تۇرۇپتۇ. ئۇ دەرسنى ناھايىتى ياخشى ئۆتتى. ئەمما ئۇنىڭ دائىم مەست ھالەتتە لاغايلاپ يۈرگىنىنى ئۇچۇرتۇپ قالاتتىم. ئاڭلىسام ئۇ بەك ياخشى ئۇقۇغان ئىمىش. ياپونىيىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوقۇغىنىنى ئىشلىتەلمەي ئىچى پۇشۇپ كەتكەن ئىمىش. لېكىن، شۇ چاغلاردا ئۇنىڭدىكى ئادىمىيلىك ماھىيەت، ئالىي بىلىم ئىگىسىدە بولۇشقا تېگىشلىك ساپا ئۇنىڭدا بار بولۇپ، ئۇنى ئوڭۇشلۇق ھالدا خەلق ۋە ھەقىقەت چىگەلىگەن بولسا، قىلىدىغان ئىش بەك تولا ئىدى. ئەمما ئۇ بۇ ئىشلارنى كۆرمىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگۈلۈۋاتقان بىر چاغلاردا ئون قاپاق پىۋىمىزغا تەڭ شېرىك بولدى. بىرقاتار خۈنىك، چۈشكۈن گەپلەردىن ئۇنى چۈشەندۇق. ئالىي مەكتەپتە قولۇڭلاردىن كېلىشىچە ئويناڭلار، ھەر نېم بولسا ئوينىۋاپتىكەنمەن دەپ قالساڭلارمۇ چوڭ ئىش، دېگەن راستچىل سۆزلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، خۇددى ئەخمەتجان ئوسمان دېگەندەك ئۆز شېرىلىرىمىزنى تۇتىۋېلىپ،راسا نۇمۇسىغا تەگدۇق. كېيىن بەڭگىدەك كەيپكە چۈمۈلۈپ ئۇستاز ۋە شاگىرت بىرلىكتە دوڭ كۆۋرۈككە توشقان ئىزدەپ ماڭدۇق. مانا مۇناپىقلىق باشلانمىدىمۇ؟! ئۇغۇ ئۆزىنى يۇپۇرماي كۆڭلىدە نېمە بولسا شۇنى دېدى. ئەمما ئەمەل، ئۇنۋان، ئىمتىياز ئۈچۈن يالغان سۆزلەشتىن، ساختىلىق قىلىشتىن ھېيىقمايدىغانلار بىز ئوقۇغان ئاشۇ مەكتەپتە يوق دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ شۇڭلاشقا ھالى شۇنچىلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇشۇنچىلىك سەمىمىيىتىمۇ بىزگە يېقىملىق تۇيۇلغان ئەمەسمىدى؟شۇنىڭدىن بىر نەچچە يىلدىن كېيىن بىر تەبىئىي پەن ئاسپىرانتى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ شۇنچىلىك ئېغىر -بېسىق، سوغاققان ئىدىكى، ماجاڭ ئويناشتىن باشقىنى خالاپ كەتمەيتتى. تېبابەت نەزىرى بىلەن قارىغاندا يۈرىكىدە ئىسسىقلىق دەپ بىر نېمە بولمايتتى. ئۇنىڭغا بەك ئىچىم ئاغرىدى. لېكىن، بۇ مەخلۇق خۇددى دەسمايە تىجارەتچىنىڭ پۈتكۈل سودا پائالىيىتىنىڭ ماددىي ئاساسى بولغىنىغا ئوخشاش ئاشۇ ئىسسىقلىقنىڭ ئۆز ھاياتىدىكى مەنىلەرنىڭ دەسمايىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمايتتى. ناھايىتى چۈشىنىشلىك قىلىپ ئېيتقاندا، روشەن ئىدىكى، ئۇنىڭدىن ئاشۇنداق كېچە -كۈندۈز تاراقشىتىپ ماجاڭ ئوينىغاندىن كۆرە، بىرەر قىز بىلەن مۇھەببەتلەشسەڭ بولمامدۇ دېگەندەك ئىنتايىن تۆۋەن ھايۋانىي ھەۋەسلەردىن ئىمتىھان قىلىنغان تەقدىردىمۇ چوقۇمكى، ئۇنىڭمۇ خوش ياقماس بولۇپ قالغانلىقىنى دېيىشتىن تەپ تارتمايتتى.


        ئەمەلىيەتتە دۇنيانىڭ مەنىسى قالمىغان ئەمەس، يۈرەكنىڭ ئوتى قالمىغانىدى. بارلىق يوقسۇزلۇق، قابىلسىزلىق، بىچارىلىك يۈرەكنىڭ ئوتىنى سۇسلاشتۇغىنى ئۈچۈن قورقۇنچلۇق ئىش ئىدى. ئاخىرقى ھېسابتا يۈرەكنىڭ ئوتىنى يېلىنجىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن ھەر قانداق شەكىلدىكى نامراتلىقنى خالىمايتتۇق، قابىلسىزلىقنى ياقتۇرمايتتۇق، يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە ئىنتىلەتتۇق. خەقتىن قالماي يۈرۈشنى، خەقتىن قالماي كىيىنىشنى، خەقتىن قالماي يېيىشنى ئىستەيتتۇق. لېكىن بۇ مەخلۇقنىڭ 20 يىل ئوقۇپ يەنە مۇشۇنداق پاجىئەنىڭ مىسالى بولۇپ قالغىنى نېمىسى؟ ئادەم ھاياتىدا كۆرمىگەننى كۆرىدۇ. كۈچ توپلاپ، تەڭپۇڭلۇق تاپىدۇ ۋە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ يەردىن بۆسۈپ چىقماي قالمايدۇ. لېكىن ئۇ نېمىشقا مۇشۇنداق قىلالمايدۇ؟! بىر چاغلاردا كىملەردىندۇر قارىقاشنىڭ قارا ساي دېگەن يېرىدە ئەمەت داموللام دېگەن كىشىنىڭ يەر ئىسلاھاتى تۈپەيلى كىشىنىڭ ھەققى كىشىگە ئۆتۈپ قالايمىقانلىشىپ كەتكەچكە مەشھۇر فېقىي ئىمام ئەزەمنىڭ دىيانىتىنى تۇتۇپ، يۇرتتىن چىققان نەرسىنىڭ ھەممىسىنى ھارام ۋە مەكرۇھ ھېسابلاپ، ئۆز بېغىدىكى بىر تۈپ شاپتۇلدىن باشقا يېمەكلىكتىن ئۆزىنى تارتىپ ياشىغانلىقى، ئۆز بېغىغا تېرىغان ئاشلىقى يەتمەي بىر يىلنىڭ خېلى مەزگىللىرىگىچە شاپتۇل ئۈچكىسىنى ئېغىزىغا سېلىۋېلىپ شۈمۈپ يۈرۈپ جان ساقلىغانلىقى ۋە ئاخىرىدا قاقشال بولۇپ جان تەسلىم قىلغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىغانىدىم. ئەمدى كاللامدا بۇ نىمجان كىشىنىڭ مەزلۇم تۇرقى سىرلىق رەۋىشتە ئەكس ئەتمەكتە ئىدى. توغرا، ئاللاھەزەل باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىلىقلىرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمغۇ دەيمەن، كىتابلاردىكى ماركس، ئېنگلسلارنىڭ رەسىمىنى بوۋامغا ئوتلۇق ھېسىياتلار ۋە خانىملار ئۆگەتكەن ياڭراق ئىبارىلەر بىلەن تەرىپلەپ كۆرسەتكىنىمدە، ئۇ تەمكىن ئولتۇرۇپ:
       ـ  بالام ئۇ دېگەن كاپىر، دېگەندى. بۇ گەپ كۆڭلۈمنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر بىر يەرلىرىگە سىرلىق بىر ھەيرانلىق سالغان. ھالا مانا بۇگۈن بۇ ھەيرانلىققا جاۋاپ چىقتى. ئۇلارنىڭ ئۇلۇغۋار تۆھپىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ھەتتا تەركىبى كەمبەغەل دېھقان بولۇپ ئايرىلغان بوۋامنىمۇ ھاياجانغا سالالمىغانلىقىنى چۈشەندىم. ھەر قايسى ئىجتىمائىي توپلارنىڭ تارىخىي دەۋىرلەردىكى قىممەت قاراشلىرىغا زەن سېلىشقا باشلىدىم. كونىلارنىڭ ئىماننى بەلگە قىلغان ئادەمىيلىك ئۆلچىمىنىڭ ھەر قانداق ئۇلۇغ تۆھپە ۋە جۇلالىنىشتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تارازا ئىكەنلىكىگە كۆزۈم يەتتى. ئۇلارنىڭ تاكاممۇل تارازىلىرىنىڭ مالادۇنانى نازۇك ۋە نەپس پۇتبول ھەرىكەتلىرىگە قارىمايلا ئەخلەتخانىدا تۇرغۇزۇپ كۆزىتىدىغانلىقىغا، جېكسۇننىڭ مۇڭلۇق ئاۋازلىرىغا باقمايلا، ئۇنى ھەزىلەكلەر ۋە تەنتەكلەر بابىدىن بەك بېرى قىلىۋەتمەيدىغانلىقىغا ئىشەندىم.
        راست، ستالىن جۇلالىق خىزمەتلىرىدىن ئايرىلغان كۈنى ئۇ زادى قانچىلىك ئادەم؟ پەزىلەت بابىدا ھەتتا بالىلىرىنىڭ نەزىرىگە ئاران چۈشەلىگەن ئەمەت داموللامنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالالارمۇ؟ ناپالېئون مەشھۇر ئۇرۇش تالانتىدىن خالى تۇرغىنىدا قەلپ تارازىسىدا قانچە تاشنى باسالار؟ بىر كۈنى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالدىكى قويۇق ئائىلىكلەر جايلاشقان بىر قورۇدا قانداقتۇر بىر ئوي بىلەن كېتىپ بېرىپ تاڭخولۇ ئالدىدا تۇرغان 6 -7 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى بىر توپ بالىلارغا دوقۇرۇشتۇم. ئۇلارتاڭخۇلۇنىڭ پاسكىنىلىقى توغرۇلۇق بىر دەم مۇنازىرلىشىپ تۇرۇپ، ئاخىرى يېنىدىكىلا دۇكاندىن يالتىراق خالتىغا چىرايلىق ئورالغان بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ قاياقلارغىدۇر ماڭدى. ئۇلاردا مۇشۇ يېشىدىلا پاسكىنا ۋە پاكىزلىق ئېڭىنىڭ ئۆرە بولغىنىغا سۈيۈندۈم، تۇرۇپلا ئۇلارنىڭ بۇ ئېڭى ئوڭۇشلۇق بولسا بارغانسېرى ۋەزىن ئېلىپ قىلىدىغان خىزمەت ۋە ئادەمگىچە كېڭىيىپ ئۇلارنىمۇ پاسكىنا، پاكىز دەپ ئايرىيدىغاندەك بىلىندى. بۇنىڭدىكى قانداقتۇر بىر مۇقەررەرلىك نېمىشقىكىن بوۋامنىڭ ئەندىزىسىنى تەستىقلاپ تۇراتتى. گويا ئۇلارنىڭ مۇشۇ تەرزدە ۋايىغا يېتىشى كىتابتا بار يا يوق ئىمانلىق ئىمانسىز دېگەن يەرگە ئېلىپ كېلىدىغاندەك ئىدى. كۆز ئالدىمغا ھازىرقى زاماننىڭ كىتابلىرىغا يېزىلغان پاكىزلىق، پاسكىنىلىق توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ياشاۋاتقان ئادەملەر، بېزەلگەن ئئۆيلەر، چىرايلىق زىننەتلەنگەن ئاشخانا، رېستۇرانلار، ئالىي ياتاقلار كەلدى. ئاجايىپ بىر ئورتاقلىقنى ھېس قىلدىم. بوۋام ئۆتمۈش بولۇپ ئەمەس بۈيۈك بىر مۇنازىرچى بولۇپ نامايان بولماقتا ئىدى.
        شۇئان ئۆز زامانىسىدا چوڭ ھوقۇقدار ۋە زەردار بولۇپ تۇرغان مانجۇنىڭ خانىمى بولۇپ تۇرۇشتىن قېچىپ قۇمۇشلۇقلاردا زور كۈلپەتلەرگە قالغان نۇزۇگۇم بىلەن زامانىمىزدىكى سالاپەتلىك پاھىشىلەر ئارىسىدىكى ماھىيەتلىك پەرق جۇلالىنىشقا باشلىدى. بىلدىم ،قاش- كۆز، بۇرۇن، ئېغىز، پۇت - قول دېگەندەك ئوبيېكتىپ نەق نەرسىلەرگە قاراپلا ئادەملىككە ھۆكۈم قىلىدىغان ماتېرىيالىستىك تارازا ئەسقاتمامدۇ -نېمە؟ كاللامدا قەدىمكىلەرىڭ پېشانە - تەقدىر ئۇقۇملىرى پىرقىراشقا باشلىدى. تەسەۋۋۇرۇمدا گويا ئادەملەرنىڭ بەزىلىرى بەگ، بەزىلىرى قۇل، چۆرە بولۇپ روياپقا چىقىدىغاندەك ئىدى. ئۆز ئۆزۈمگە قەدىمكى جەمئىيەتلەردىكى تەبىقە، قۇل -چۆرە بىكارلا پەيدا بولماپتىكەن، دېدىم. راست، زامانىمىزدا تەبىقە، قۇل -چۆرە ئۇقۇملىرىنى تەستىقلايدىغان ئىجتىمائىي تۈزۈلمە يوقالغىنى بىلەن300- 400 كوي پۇل ياكى ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەر نېمە قىلىشقا كۆنۈك قۇللۇق ھادىسىلىرى، ئەقىدە ۋە ئىرادىلىرى ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلىشقىچە ئايانمايدىغان بەگلىك ھادىسىلىرى تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرمامدۇ. كونىلارنىڭ خاتا قىلغىنى تەبىقىلەرنى پەرقلەندۈرگەندە قان، تېرە دېگەندەك ماتېرىيالىستىك نەرسىلەرگە ئېسىلىۋالغانلىقى ئوخشايدۇ.
       شۇنىڭغا كېسىپ ئېيتىش كېرەككى، تەبىقە تۈزۈلمىسىنى يوق قىلغان روھ بىر مەزگىل ھۆرلۈك، تەڭلىك، كۆيۈم دەپ شۇئار توۋلاپ تۈرلۈك ياشاشلارغا قورسىقىنى كەڭ تۇتۇپ بەگ بىلەن چۆرىنى باراۋەر ھالدا بىر يەرگە قويۇشقا بەل باغلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ پەقەت بايلىق ۋە مۈلۈككە ئىگە بولسىلا بەگ بولالايدىغاننىڭلا ئەركىنلىكىنى پەيدا قىلالىدى. بەگلىك تېخىمۇ مەركەزلىك ھالدا ئاقچا بىلەنلا ئۆلچىنىدىغان بولدى. ئىنسانلار جەمئىيىتى مىسلىسىز دەرىجىدە ئەخلاقسىزلىق پاتقىقىغا پاتتى. تاكاممول مەنىۋىيەتكە ھەرقانداق دەۋردىكىدىنمۇ بەكرەك تەشنا بولدى. تۈرلۈك - تۈرلۈك مەسلەكلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. ھېچكىم - ھېچكىمنى قايىل قىلالمىدى. جەڭگە - جېدەل قۇرمىدى. تۈپكى ماھىيەت جەھەتتىن ئادىمىيلىكنى قوغلۇشۇپ تۈرلۈك- تۈرلۈك مىللىي ئۆزلۈكلەرنى تىكلىدى. مىللىي تىل مۇشۇ ئۆزلۈكلەرنىڭ مۇجمەللىكىنى تولۇقلىغۇچى سۈپىتىدە تېخىمۇ قەدىرلىنىشكە باشلىدى. مىللىي دۆلەتلەر ئارقا -ئارقىدىن باش كۆتەردى. ئەجەبا بۇ قۇتۇپنىڭ ئالدى بىلەن ئادەم بولۇشتىن ئىبارەت بىر تۇرۇچتىن بىلىپ-بىلىمەي يۆتكىلىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئاقىۋىتى ئەمەسمىدۇ؟! 
      بىر كۈنى ئىككەيلەنگە 60 يەشىك مالنى 3 قەۋەتكە ئاچىققۇزدۇم. ئۇلارنىڭ تەن قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولسىمۇ، بىرسى ئىشقا بولۇمسىزراق ئىدى. يەنە بىرسى تۆت يەشىك مالنى توختاۋسىز ئاچىقىپ تۇرسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۈچ يەشىكتىن يۈدۈپ ئىككى قەۋەتتە بىرھازا ئارام ئېلىۋېلىپ ئاندىن ئاچىقاتتى.
        شۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن كېيىنلا تۆتەيلەن ئوخشاش شۇ مالدىن 300يەشىكنى 3 -قەۋەتكە ئاچىقتى. بۇ تۆتەيلەننىڭ ئىچىدە ئۆزى ۋىجىك، شۇنداقلا تۆت يەشىك مال چىرايىدىن قارىغاندىلا ئېغىر كەلگەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدىغان بىرسى بار بولۇپ، ئۇ يەنىلا ھېچكىمدىن قالماي مال ئاچىقماقتا ئىدى. ئۇنىڭ بۇ غەيرىتى بۇ ئىككى ئادەم ئارىسىدىكى پەرققە نەزىرىمنى ئاغدۇرماي قالمىدى. راست، ئالدىدىكىسى پۇلنى ئوخشاش ئالغاندىن كېيىن ئوخشاش ئىشلىمىسەم بولمايدۇ دېگەندە قەتئىي تۇرالماي ئۆز تېنىنىڭ سېزىمىگە ئەھمىيەت بەردى. كېيىنكىسى تۆت ئادەمنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆزىنى تەربىيىلەپ كەلدى. ئەلۋەتتە بۇ ئىنساننىڭ تەبىئىتى ئەزەلدىن ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەشكە، پرىنسىپسىزلىققا مايىل، ئەمما ھەقىقىي دىن بىر قاتار ئۆلچەملەر بىلەن ئىنسانغا چەك قويىدىغانلىقى ئېنىق. بەدەننىڭ ھەمدەم خىيالىغا بايلىقىنىڭ، يېقىنلىقىنىڭ ئەكسىچە ھەقىقىي دىن ھەممىنى تارازىغا سېلىپ « ماۋۇنى قىل، ماۋۇنى قىلما دەپ قىلنى قىرىق يارىدۇ» دېگەندەك، دىنىي ۋەزلەر بىلەن دوست تارتىشىپ تۇراتتى.
        خوش، بىز بۇ دوست تارتىشىشتا بېشارىتى بولۇۋاتقان ئۆزگىچە بىر نەرسىنى ئېتىراپ قىلىمىزمۇ؟ ياكى ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ تونىلى بىلەن تۇتاشقان قەدىمىي گرىكلەردىن تارتىپ، «خۇدا ئۆلدى» دەپ ساراڭلىق سەۋداسىغا غەرق بولۇپ كەتكەن نىتچەدەك چېكىتكىچە بولغان يولنىڭ راۋاجلىرى بولۇپ تۆت ئادەمنىڭ ئوخشاش پۇل ئالىدىغانلىقىغىمۇ پەرۋا قىلماي ئۆز ھالىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ھېلىقى بۆلۇمسىزنىڭ مەۋقەسىدە ئۆتىمىزمۇ؟! بۇ ئىدراكلىرىمغا « ئونكۈنلۈك سۆھبەت »تىن باشلانغان تارىخنىڭ ئىلاھ تىندىنسىيىسىنى تەبىئەتكە ئەكەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭدا داۋاملىق ئىلگىرىلەپ تەبىئەتنى ئەقلىي بىلىشكە، تەبىئەتنى ئەقلىي بىلىشتىن ئادەمنى ئەقلىي بىلىشكە، ئادەمنى ئەقلىي بىلىشتىن تەبىئەتنى بارلىق سۇبىيېكتتىن خالىي بىلىشكە، جۈملىدىن ئادەمنى ساپ ماتېرىياللىق مۇقامدا بىلىشكە كېتىۋاتقىنىنى غەيرىي بىر ھېسلىرىمنىڭ ئويچان نەزەرلىرى بىلەن يولۇقتۇردى. راست، ھەرىكەت نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئىنسانلار ئىلاھقا بولغان ئىشق مۇھەببەتلىرىنى تەبىئەتكە بەردى. بۇ گۈزەل مەنزىرىلەرنى، مۇكەممەل كۆرۈنۈشلەرنى ئىپادە قىلىش بىلەن خاراكتېرلەندى. كۆزنى ھەل قىلغۇچ ئامىل قىلغان ئۇ نەرسە ھامىنى ئەقەللىي تۇرمۇش ساۋاتلىرىنىڭ تەسىرىدە گۇمان قوزغاپ سەزگۈدىن بىر دەرىجە يۇقىرى بولغان ئەقلىي كۆز ئاساسىدا گۈزەللىك، مۇكەممەللىك مۇقامىنى ئىزدەش دەرىجىسىگە تەرەققىي قىلماي قالمايتتى. شۇنداق قىلىپ ئەقلىي دەۋر مۇنازىرىلەر بىلەن خاراكتېرلەندى. شەيئىنىڭ ئۆز تەبىئىتىنى ئەينەن تونۇش، تەبىئەتنىڭ ئۆزىدە بار ئىنتىزاملار بىلەن تۇنۇشۇش ۋە شۇ ئاساستا چۈشەندۈرۈش ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ تۈپ ئەندىزىسى بولدى.
    ئۇزاق ئەمەلىيەت ئۇنىڭ خورىكىنى بارا - بارا ئۆستۈرۈۋەتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ تەپەككۇر ساھەسىدىن ھەتتا روھ، ئەخلاق دېگەندەك شەيئىلەرنى رەسمىي ھالدا سۈپۈرۈپ تاشلىدى. ئوتتۇرىغا چىققان شەيئىنى شۇ شەيئى پېتىلا كۆرۈش تەۋەسىيە قىلىندى. ئىنسانىي كەيىپلەردىن قانداقتۇر بىر مۇكەمەللىك ئىزدەيدىغان ئېتىقاد ۋە ئۈمىد يوقىدى. يەر شارى، ئادەم، تاش، كۆمۈر، ئات، ئېشەك ئارىسىدىكى پەرق بايىقى سۈپۈرۈشلەردە بىراقلا ئەخلەتخانىغا چۆرۈلۈپ، ئىنساننىڭ شەخسىيەتچىلىكىنى نەزەرگە ئالمىغاندا ھەممىنىڭ ئارىسىغا تەڭلىك قويۇلدى. ئۇلار ئۆزىچە ئەڭ راستچىل ياشايدىغان ئادەملەر ئىدى. ئەمدى تۆت ئادەم ئارىسىدىكى كېلىشىمگە تۇيغۇن بولۇپ مال توشىغان ھېلىقى ئىشلەمچى كەيپىنىڭ مەنىسى قالمىدى.
        ئۇلارنىڭ ئىشلىرى خۇددى ئادلېر ئېيتقاندەك: پەقەت ۋە پەقەت ئەينەنلىك قوينىدا ياشىماقنى ئىرادە قىلغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ چوقۇم ئۇخلاىماي چۈش كۆرگىنى، بۇنداقلار جەزمەن باشقىلارنى تەرك ئېتىدۇ. قىلغان ھەرقانداق ئىشى، مەيلى ئۆزى ئۈچۈن بولسۇن، ياكى باشقىلار ئۈچۈن بولسۇن، بەرىبىر تېتىقسىز ۋە ئەھمىيەتسىز(ھاياتقا تەھلىل، قىسمەتكە ئاچقۇچ-ئادلىر ) ئىدى. بۇ جەھەتتە ئىنساننى پەقەت ئىجتىمائىيلىقنىڭ بىر كۇزۇرى دەپ بىلىدىغان بىر يول بىلەن، ئۆرە ماڭىدىغان بىر نېمىنىڭ ئويى بولسىلا بولىدىغان ئىككى خىل خاھىش ئەۋج ئالدى. ئاخىرىدىكىسى نوقتىنەزەرلەرنىلا ئەمەس ھەتتاكى ئەڭ تەبىئىي ئۇقۇملارنىمۇ ئۆزگەرتمەكچى بولۇشتى. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئادىمىيلىك مۇقامىنى قۇتۇپ قىلىپ ئەمەس، بەلكى كارخانا ۋە دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنى رۋان يۈرۈشتۈرۈش زۆرۈرىيىتىدە پىرقىراشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەنخىزمەت ۋە ئۆگىنىشكە قولايلىق يارىتىلغاندەك بولۇپ،جىنسىي ئەركىنلىكئىدىيىسى ھەممىلا يەرگە يامراپ كەتتى. نىكاھ، ئائىلە ئىشلىرى كەچلىك بەزمىخانىلارنىڭ قولىدىكى كەسپىي مۇلازىمەت بولۇپ قالدى.
        بىر مۇنچە دۆلەتلەردە، ئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببىتى (بەچچىۋازلىق ) ، ئانىنىڭ قورسىقىدىكى 8 - 7 ئايلىق بالىنى ئۆلتۈرۈش قانۇنلاشتۇرۇلدى. بىزدە بولسا سۇغۇرتا پۇلى ئۈچۈن ئۆز بالىسىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدىغان مەخلۇقلار چىقتى.
       بىر كۈنى پۇلدار بىرسى تايلاندتا ئەرلىكتىن ساھىپجامالغا ئۆزگەرگەنلەرنىڭ بارلىقىنى، ئۆزىنىڭ 10 مىڭ كوي تۆلەپ ئۇلار بىلەن رەسىمگە چۈشۈۋالغانلىقىنى دەپ رەسىمىنى كۆرسەتكەنىدى. نېمىشقىكىن، شۇ ۋاقىتتىكى كەيپىم قايتا قوزغىلىپ قالدى. ئاۋات گېزىت خەۋەرلىرى بولغان خەقلەرگە بالا تۇغۇپ بېرىپ پۇل تېپىۋاتقان بىر بۆلۈك تۇغۇت ماشىنىلىرى توغرىسىدىكى خەۋەر يادىمغا يېتىپ، قەلبىمنى زۇلمەت قاراڭغۇسى قاپلىدى. 
       ئېيتىمىزكى، بەزىدە بىز قىسمەن ئۇنسۇرلارنىڭ سېزىم ۋە ئۆز مەيلىچە ھەرىكىتى بارلىقىنى كۆرىمىز ياكى بەزى ئۇنسۇرلارنىڭ ئۆزۇقلۇق تېپىشتۇرىدىغىنىنى، يېتىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۆزىگە ئوخشاش نەرسىنى تۇغۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇلاردا شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ خىل رول باركى، بۇ ھەرگىز ئۇلارنىڭ ماددىي تەبىئىتىدىن ئەمەس. دېمەك، ئۇلارنىڭ ماھىيىتىدە ماددىي تەبىئىتىدىن ئايرىم بىر تۈپكى ماھىيەت بار. ئۇ مۇشۇ ئۇنسۇردىكى مەنلىكلەرنى )خۇسۇسىيەتلەرنى)جارى قىلدۇرغۇچى نەرسە بولۇپ، ئومۇمەن مۇشۇ سۈپەتتىكى ۋۇجۇتنى بىز روھ دەيمىز.( روھ ھەققىدە- ئىبن سىنا،سودا نەشرىياتى نەشرى)بۇنىڭدىن مىڭ يىل ئىلگىرى ئىبن سىنا مۇشۇنداق تەلىم بىرەر ئىدى. بەلكىم مۇشۇنداق تەلىم بېرىدىغانلار بولۇپ تۇرغاچقا ئىددىيالىست ئاتالسىمۇ مەنىۋىي قىياپەتلىرىگە تولىمۇ سەزگۈرلۈك بىلەن ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىش بولۇپ باقسۇن ئويلۇشۇپ بىر ئىش قىلارمەن، دەيدىغان ئەمەس بەلكى لەۋزىنى ئىمان جۈملىسىدىن ساناپ ھەق يول نېمىنى تەلەپ قىلسا شۇنى تۇتۇقا تەق تۇرىدىغان، چىرايىدىن نۇر، ئۈستى -بېشىدىن مەرىپەت، ئۇچىسىدىن ئەتىر پۇراپ تۇرىدىغان كېلىشكەن يىگىتلىرىمىز بىزگە ئۇچراپ تۇرىدۇ، لېكىن 15 يىل مۇنتىزم تەلىم - تەربىيە كۆرگەن مەن ئۇلاردىكى بۇ يارشىملىقلىقنى تاكى ھازىرغىچە ئۆزلەشتۈرەلمەي ئاۋارە.
        بۇ ھەتتا ئاتا-ئانامنىڭمۇ مەندەك 15 يىل ئوقۇغانلىقى سەۋەبلىكمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ؟ ھەتتا ئاتا - ئانامنىڭمۇ سۈزۈك ۋە ۋەزىنلىك ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمىز ئارىسىدا كۆپۈكتەك لەيلەپ قالىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەسمىدۇ؟ راست، مىسالەن: كىرئالغۇنى ئالايلى، ماگىزىندا سېتىۋاتقان كىرئالغۇلارنىڭ شەكلى تۈرلۈكچە بولغان بىلەن ئۇنىڭ ماھىيىتى يەنى پرىنسىپى ھەممىسىنىڭ ئوخشاش. رېمونتچى ئۇنىڭ ماھىيىتىنى بىلىدۇ، ئۇنىڭ ھەر قانداق ئىپادىلىرىگە توغرا مۇئامىلە قىلالايدۇ. ئەلۋەتتە ئۇلارغا مۇنداق-مۇنداق تەرتىپتە ئىشلىتىسەن،مۇنداق بولغاندا كاللاڭنى توختۇتۇپ رېمونتچىنى چاقىرىسەن دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما خېرىدار ئۇنىڭ شەكلىنىلا بىلىدۇ، ئۇنى ياسىيالمايدۇ. شۇڭا خېرىدارلارنىڭ ئىشلىتىش جەريانىغا يۈرۈش يوسۇنلار بەلگىلىنىدۇ. مەلۇم موھىم ھالقىلارغا نىسبەتەن ئەقىدە تۇرغۇزىلىدۇ، ئەمما كىرئالغۇنىڭ ماھىيىتىنى بىلمەكچى بولغان 3- بىر ئادەمگە ھەرقانداق يوسۇن ۋە ئەقىدىلەرگە قارىماي ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەش، ئۆگىنىش تەلىپى قويۇلىدۇ. مۇشۇنداق تۇرسا خېرىدار ۋە رېمۇنتچى ئۈچۈنمۇ كۆز بىلەن كۆرگەننى، قول بىلەن تۇتقاننىلا تونۇيمەن، قالغىنى نۆلگە ھېساب دەپ ھەقىقەتەنمۇ كۆز بىلەن كۆرگىلى، قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان نەرسىلەردىن سانىلىدىغان ماھىيەت، يوسۇن، ئەقىدە، روھ دېگەنلەرنىڭ ھەممىسنى توقۇلما دەپ بىراقلا ئۆچۈرۈۋەتسەك قاملىشامدۇ؟ بۇ تەپەككۇرنىڭ قۇيرۇقىنى كەسكەنلىك ئەمەسمۇ؟
        ئوخشىمىغان چىقىش نوقتا، ئوخشىمىغان ھۆكۈملەرنىڭ بولۇشىدا نازۇك رول ئوينايدۇ. ئەمما ھەممە يۇغۇرۇلغان جەمئىيەت قايسىدۇر چىقىش نوقتىنى ئەمەس، بەلكى مۇكەممەللىكنى تۇتۇشى كېرەك. يەنە ئالىلى ئادەم يوقسۇزلۇققا يولۇققاندا، توختا، ھەممە نېمىنى قوياي، ئالدى بىلەن قورسىقىمنى تۇيغۇزاي دېگەندەك تەدبىرنى ئۇدۇم قىلىدۇ. بىراق، بۇ بەزىدە بىر پۈتۈن جەمئىيەتكە ئۇدۇم بولۇش زۆرۈر بولۇپ قالغاندا، ھەدەپ نەزەرىيىلەر بىلەن دەلىللىنىپ، ئىشلار مەڭگۈ مۇشۇنداق بولۇشى كېرەكتەك بولۇپ كېتىدۇ. تەدبىر ھەقىقەتنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ ۋە مۇشۇنىڭلىق بىلەن گېلىنى تويغۇزۇپ، ئۇچىسىنى پۈتۈن قىلالىغان بىلەن گال تويغاندىن كېيىنكى دەۋرگە ۋە كۆز -قارنى توق ئادەملەرگە بىكاردىن-بىكار ئورەكلەرنى كولاپ قويىدۇ. مەنىۋى تەرەققىياتقا توسالغۇ بولىدۇ. ئاتا -ئانامنى ۋە مېنى مۇشۇ بىر تەرەپلىمىلىكتە تەربىيىلەنمىگەن دەپ كىم مەيدىسىگە مۇشتلاپ چىقىدۇ؟ دېمىسىمۇ زامانىمىزدىكى قانچىلىك زىيالىنىڭ تۇرمۇشىدىن نان، ماكان، كىيىم-كېچەك تەل بولۇش مۇمكىنچىلىكى يوق تۇرغاندىمۇ ئېتىقاد، دىن، ئىلىم-پەن دېگەنلەرنى ئويلاش كېرەك، دەيدىغان روھ ئىپادىلىنىدۇ؟ شۇڭا ئۇلار ئاتالمىش بىلىملىرى بىلەن نان يەپ، ئىززەت - ئېكراملارغا مۇيەسسەر بولغان بولسىمۇ بالىلىرىنىڭ بولۇمسىزلىقىغا ھەيران بولۇۋاتمامدۇ! مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەمەت داموللام كىمۇ؟ بۇلار كىمۇ؟ دۇرست. ھەر قانداق يوسۇن - قائىدە ۋە ئەقىدىلەرگە قارىماي باشقا كەلگەندە كۆرۈش ئۆگەنگۈچىلەر، ئىلگىرىلىگۈچىلەر ئۈچۈن پايدىلىق، لېكىن ئادەمگە بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش نوقتىسىدا تۇرماي بىر نېمە دېگىلى بولمامدۇ؟ داۋۇتجان ناسىر ئاشۇ جاراڭلىق ئاۋازى بولمىغىنىدا بىز بىلگەندەك ئېسىل ئادەم ئەمەس بۇلار بولغىيتىمۇ؟ بىر ئادەم ھېچكىم قىلمىغان بىر ئىشنى قىلىش بىلەن ئادەمىيلىك پەزىلىتىنى نەچچە ھەسسە كۆپەيتىپ ئالامتى؟

       بىر كۈنى مۇھاجىرلارنىڭ كەمبەغەللىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: بايلار يۇقىرى دەرىجە ۋە مۇقىم نېمەتلەر بىلەن ئۆتىدىكەن، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
       ـ نېمە دېگىنىڭلار بۇ؟ دەپ سورىۋىدى. كەمبەغەللەر:
        - ئۇلار خۇددى بىز ناماز ئوقۇغاندەك ناماز ئوقۇپ ھەم بىز روزا تۇتقاندەك روزا تۇتۇپلا قالماي، ئاللا يولىدا پۇل - مال سەرپ قىلىدۇ ،سەدىقە قىلىدۇ. بىز بولساق پۇل -مال سەرىپ قىلالمايمىز، ئۇلار قۇل ئازاد قىلىدۇ، بىز ئازاد قىلالمايمىز، دەپ جاۋاپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
        - مەن سىلەرگە بىر نەرسىنى ئۆگىتىپ قويايمۇ، سىلەر ئۇ نەرسە بىلەن سىلەردىن ئېشىپ كەتكەنلەرگە يېتىشۋالىسىلەر ۋە كەينىڭلاردىكىلەردىن ئۇ نەرسە بىلەن ئېشىپ كېتىسىلەر، سىلەر قىلغان نەرسىنى قىلمىغۇچە ھېچكىم سىلەردىن ئارتۇق بولالمايدۇ. دېۋىدى، كەمبىغەللەر: -شۇنداق قىلسىلا ئىي رەسۇلىللاھ دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: -ھەر بىر نامازنىڭ كەينىدىن 33 قېتىم تەسبىھ«ئىنشا ئاللا» تەكبىر «ئاللاھۇ ئەكبەر»، تەھمىد «ئەلھەمدۇلىللا» ئېيتىڭلار دېدى. ئاندىن كېيىن كەمبەغەل مۇھاجىرلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ:
        -پۇلدار قېرىنداشلىرىمىز بىز قىلغان نەرسىنى ئاڭلاپ بىزدەك قىلىۋېتىپتۇ، دېۋىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
       -ئۇ بولسا ئاللانىڭ پەزىلى، ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ ،دەپ جاۋاپ بەردى «سەھىھۇل بۇخارى جەۋھەرلىرى» ئەجىبا ئادەمىيلىككە قابىللىقنى چىقىش قىلماي باھا بېرىش ئىدىيىسى بۇنىڭدا ئىپادە بولماي تۇرۇپتىمۇ؟

        مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گېرمانىيە پەيلاسوپى نىتچە گېگېلنىڭ تارىخ پەلىسەپىسى ۋە ئېتىكا قارىشىدا تۇرۇپ كىشىلەرنى تارىخىيلىقنى ۋە ئاتالمىش خرىستىيان دىنىنىڭ تەسلىمچىل ئەخلاقىنى ئەمەس، بەلكى ھاياتنىڭ ئۆزىنى ئىززەتلەشنى تەۋسىيە قىلىپ، «خۇدا ئۆلدى » دېگەن مەشھۇر ھۆكۈمگە ئىنسان ئىرادىسىنىڭ ئۇلىنى قويدى.
    ھاياتنىڭ يۈگىنىنى دوزاخ ۋە جەننەتتىن ئېلىپ ئىرادىگە تۇتقۇزدى. ئەلۋەتتە بۇنى گېتلېرنىڭ ھوقۇق ئىرادىسى يالتىراپ تۇرغان ئاشۇ تەكەببۇر پورترىتىدىن ئېنىق كۆرىمىز. نىتچە ئۆز دەۋرىگىچە ئۇلىشىپ تۇرۇۋاتقان ئەقىدە، ئېتىقاد كۈچىگە توپلانغان ئېنېرگىيىنى ئۆزىنىڭ ئىنسان ئىرادىسىنى تەگ قىلغان ئىدىيىلىرىگە چىقاردى، ئەمما 80- يىللارغا كەلگەندە سارتىردا بۇ ئېنېرگىيە ئازلاپ، ئەقلىي تەپەككۇرنىڭ ئۆزى دېگۈدەكلا قالغاندى. شۇڭا ئۇ تېخىمۇ سوغاققانلىق بىلەن «خۇدا ئۆلگەن»دىن كېيىنكى ئىنساننى پۇخادىن چىققۇدەكئەينەنكۆردى ۋە بايان ئەتتى. مەۋجۇتلۇق ھەممىدىن يۈزلۈك، مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇم مېنىڭ كىملىكىمدىن مۇھىم. نەرسىلەر نەفىسدە مەۋجۇت، ئىنسان نەفىس ئۈچۈن مەۋجۇت دەپ ۋەز ئېيتىپ كېلىپ، ئىنساندا تۇغما تۈپلۈك بولمايدۇ، شۇڭا ئۇ چاما ئۆزنى ئۆزى روياپقا چىقىرىدۇ، دەپ خۇلاسە چىقاردى. بۇ نەچچە مىڭ يىللىق ئىنسانلار تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن مەنا نىتىزشىنىڭ ھۆكۈمى بىلەن رەت قىلىندى، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە ئۆزى مەنا بېكىتىشى پېشانىگە پۈتۈلگەن دېگەن گەپ ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ گويا ئىنساننى بالا - چاقا، ئۆي - بىسات، ئاتا- ئانا، ئۇرۇق- تۇققان، يوسۇن -قائىدە دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئايرىپ قاق سەنەم قىلىۋېتىپ، سەندە پۈتمەس ئەركىنلىك بار دەپ قولىقىغا ۋەزىنلىك پىچىرلاپ قويدى. غېرىبلىق، يوقسۇزلۇق ئازابىغا بۇ ئەركىنلىككە تۆلىنىدىغان بەدەل دەپ تەسەللى سۆزى ئېيتتى.
        ئادەم دۇنيادا روياپقا چىقىۋاتقىنىدا ئۇ چۇقۇم ئۆزىنىڭ ھەر بىر ئىشىغا مەسئۇل بولۇشى لازىم، دەيدىغان مەرتلىك تۇيغۇسىنى تارازا قىلىپ تۇرۇپ، ئىنسان ھاياتىدىكى تۈگىمەس تاللاشلارنى ئىجتىمائىي مەنىگە ئىگە قىلدى. ئۇنىڭ ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە غايىسى تىرىكلىك ئىدى. لېكىن يۇقىرىدا دېيىلگەن تاش كۆمۈر، ياغاچ ئادەم، ھايۋان، يۇلتۇزلار ئارىسىدا تۇرغان تەڭلىكنىڭ ناھايىتىمۇ پىنھان مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى يەنە نېمىلا دېگەن بىلەن مۇشۇ گەپلەرگە قوش كېزەك ھالدا ھېچقانداق ئىشتا ۋاي دەپ كەتكىدەك مەنا يوق، قانداق قىلساڭ بولىۋېرىدۇ، دەيدىغان نەزەرىيىنى روياپقا چىقاردى. گەرچە بۇ سارتىرنىڭ نەزەرىيىسى ئەمەس، دەپ ھەرقانچە كاپشىپ باقساقمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا سارتىر روھىنىڭ ئىككى شېخى ئىدى، پەقەت ئوخشاش بىر سارتىر روھى خاراكتېرى ئۈمىدۋار ئادەمدە يۇقىرىقىدەك خاراكتېرى، چۈشكۈنرەك ئادەمدە ھازىرقىدەك ئوينى پەيدا قىلماي قالمايتى.
       بىز يۇقىرىدا 10 قاپاق پىۋىمىزغا شېرىك بولغان ھېلىقى ئوقۇتقۇچىمىزدىن بۇ ئىدىيىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. لايغەزەل تەبىئىي پەن ئاسپىرانتىدىن بۇنىڭ پاجىئەسىنى كۆردۇق. ھەممىدىن قىزىقى شۇكى، بىز يولۇققان رېئاللىقنىڭ ئەمەلىيىتى تۈپەيلىدىن سارتىرىنىڭ مۇنداق پەلىسەپىسى بولغان، دەپ تۇنۇشتۇرۇپ كەتمىسەكمۇ بىزدىن بىر مۇنچىلار بۇ سەنەمگە دەسسەپ بولدى. سىموئۇن بالىۋېر ئىككىنچى جىنسنى يېزىپ ئىككىنچى جىنسلىققا جەڭ ئېلان قىلىۋاتقاندا، شەھەرلىرىمىزدە ئوغۇللاردىن پەرقسىز قىزلار، قىزلاردىن پەرقسىز ئوغۇللار كۆرۈلۈشكە باشلىدى. قانداقلا ياشىسا بولىدىغان بولدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ قانداق سەنەم بۇ دېگۈچىلەرگە، ئۆزىنى ئاقلاپ ئاشۇ نەزەرىيىنى دەپ بېرىدىغانلا يېرى قالغانىدى.
        « يۈز يىل غېرىپلىق »تا ئاجايىپ بىر دەۋرىي ئايلانمىنى ھېس قىلغانىدىم، بەلكىم بۇمۇ قايسىدۇر بىر دەۋرىي ئايلانمىنىڭ مەلۇم بىر ھالقىسىدۇر. دېمىسىمۇ تارىخلار مابەينىدە راستلا ھەممە ئادەم ئۆزى بىلگىنىچە ياشىغان، ئاندىن ئۆزئارا ئۇچراشقان، ئاندىن خۇلاسە قىلغان، ئاندىن دىن، ئۆرۈپ- ئادەت، يوسۇن- قائىدىلەر ئوتتۇرىغا چىققان. مانا بۈگۈن بۇ قائىدىلەر چۇۋۇلدى. ئەمدى ھەممە كىم ئۆز مەيلىچە ياشاش تەكىتلەندى. ئەجىبا بۇ يۇقىرىقى دەۋرىي ئايلانمىنىڭ بىر ھالقىسىغا ئوخشىمايدىغاندەك تۇرامدۇ؟ 
        قايسىدۇر بىر تارىخىي ماتېرىيالدىن قەشقەرلىك بىر ئايالنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەسلەپ يازغان ماقالىسىنى ئوقۇغانىدىم. ئۇ ئۆز مەھەللىسىدىكى كىمدۇر بىرسىنىڭ پاكىستان، ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيادا تىجارەت قىلغاندا40 نەچچە خۇتۇن ئالغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى نارازلىق بىلەن يازغانلىقى يادىمدا تۇرۇپتۇ. دۇرست، ئۇ كىشىغۇ 40 خۇتۇننى «مانا مەن ئىگە» دەپ تۇرۇپ ئاپتۇ ۋە« ئىگە ئەمەس »دەپ تۇرۇپ سۆزىنى بېرىپتۇ. لېكىن بۇ ئايالنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلاتلىرى، رېستۇران ۋە دوقمۇش - دوقمۇشتىكى مېھمان- سارايلاردا قانچە خۇتۇن ئېلىپ كەتكەندۇ؟ ھېلىقى ئادەم رەسمىي سورۇنلاردا 40خۇتۇن ئالغانلىقىنى جاكا قىلالىغان بىلەن ئۇ ئايالنىڭ ئەۋلاتلىرى بۇنداق گەپنىڭ بىر يەردە چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئالاق -جالاق يۈرمىگەنمىدۇ؟
        دۇرۇست. ئىنسانلارنىڭ ئىشى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. سەن مەلۇم شەكىلنى خالىمىساڭ، ئۇ يەنە بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىۋېرىدۇ. ئىجتىمائىي جەمئىيەت تارىخلار مابەينىدە روياپقا چىقارغان روھىيەت ۋە تۇرمۇش مۈكەممەللىكىنى تەرك ئەتسەڭ، ئەجدادلار تېتىغان ئاچچىق ساۋاقنى ئەۋلادلارنىڭ پىشانىسىگە يازىسەن. تاش ئېتىۋارسىز ھالدا بىر بۇلۇڭدا جىمجىت تۇرغان بىلەن ئۇنىڭدا فىزىكىنىڭ بارلىق قانۇنىيەتلىرى ئىجرالىنىۋاتقان بولىدۇ. سارتىر ئادەمنى سەھنە سۆزىنى يادلىمايلا سەھنىگە چىقىپ قالغان ئەرتىسكە ھەرقانچە ئوخشاتقىنى بىلەن ئۇ تىرىكچىلىك ئۈچۈن بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتمىسا بولمايدۇ، جەمئىيەتنىڭ بىتىملىك ئەزاسى بولمىسا بولمايدۇ، ئائىلە ۋە ئۈسۈۋاتقان روھلار ئالدىدا بەلگىلىك مۇقامدا بولمىسا تېخىمۇ بولمايدۇ. ۋۇجۇت ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە ئۆز ئىشىدا بولىۋېرىدۇ. ۋەھاكازا.
       ئۆمرىنىڭ تولىسىنى كافىيخانىدا ئۆتكۈزگەن سىموئۇن بالىۋېر «ئىككىنچى جىنس»ناملىق كىتابىدا: «مەدەنىيىتىمىزدە ئاياللار ئىككىنچى جىنس ھېساپلىنىدۇ. ئەرلەر ئاياللارنى ئۆزىگە پۇقرادەك، ئۆزلىرىنىڭ مۈلىكىدەك كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆز ھاياتىغا بولغان ھوقوقىنى تارتىۋالىدۇ، لېكىن، بىز خالىساقلا ئەركىن ۋە مۇستەقىل بولالايمىز. » دەپ ئەركەك زەدەكلىككە دەستەك تۇرغۇزغان بولسىمۇ، لېكىن، كافىيخانا مۇزىكىلىرى ۋە ئىس -تۈتەكلىرىنى تۇرمۇشنىڭ تەڭپۇڭلۇق تاپقان ماكانى دەپ بىلەلمىگەن ئادەملەر يەنىلا ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئايلىنىشىنى باراۋەرلىكنىڭ بەلگىسى دەپ بىلمىدى، بەلكى ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇقلۇق دەپ ئاتىلىۋاتقان ئاجايىپ سىرلىق بىر ماھىيەتكە تېخىمۇ بەكرەك سېغىندى. ئادەملەرنىڭ ئىش قولاشتۇرۇشى ئۈچۈن تاۋلاۋاتقان تەپەككۈرنىڭ ئىنسان ھەققىدىكى تەپەككۈرغىمۇ ئارىلىشىپ يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلىۋاتقىنىنى سەل-پەل ھېس قىلىپ قالدى. ئىنسان بىلەن ئالەمنى روبرو ئولتۇرغۇزۇپ بۇلۇۋاتقان ئويلار سەل ھوشىنى تاپتى.
        تاگۇرنىڭ: ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئېرىشىش ئەمەس، بەلكى ھېس قىلىش، ئۆز ئېڭىنى كېڭەيتىش، ئەتراپتىكى شەيئىلەر بىلەن يۇغۇرۇلۇش. ئۇلار ھەقىقەت ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ... ئۇلاردا مۇتلەق ئايرىم بىرەر نەرسە يوق، شۇنداقلا ھېس قىلىش ھەقىقەتنىڭ بىردىن-بىر يولى، ئۇ ھاياتىمىزنى بارلىق شەيئىلەرگە يۇغۇرۇۋېتىدۇ، دەيدۇ... ئەمما غەربلىكلەر تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇشنى گويا بىر ئابروي ھېساپلايدۇ، خۇددى دۈشمەنلىك قاپلىغان دۇنيادا ياشاۋاتقاندەك. بىز ئېھتىياجلىق ھەرقانداق نەرسە خالىمىغان يات نەرسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن تارتىپ ئېلىنىدىغاندەك تەسىرات بېرىدۇ.ھاياتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىن ئېلىندى. (تاگور، سودا نەشرىياتى نەشرى)دېگەن گەپلىرى دۇنياغا قېنى قىزىغان تەپەككۈردىكى نازۇك پەسكەشلىكنى كۆرسىتىپ بەردى. «ئالەم كېرەك» دېگەن تۈپكى ماھىيەتتىن چىقىۋاتقان خۇپىيانە پەسكەشلىكنىڭ ئاخىرى ھوشىنى تاپىدىغىنىدىن بېشارەت بولدى. لېكىن، بۇ بېشارەت مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدا ئەمەلىيلىشىپ بىزگە كەلگۈچە قانچە ۋاقىت كېتەر؟ ئادەم بولۇش بىلەن ئىلىم-پەن ئۆگىنىش قاچانغىچە ھازىرقىدەك بىر نەرسە دەپ قارىلىپ تۇرىۋېرىدۇ؟ ئىش قولاشتۇرۇش ئۈچۈن تاۋلاۋاتقان تەپەككۈرنى ئادەم بولۇش ھەققىدىكى تەپەككۈردىن پەرقلەندۈرۈۋاتقان ئىكەنمىز ،ئۇنداقتا بۇ ئىككى مائارىپ يولىدىن دېرەك بەرمەي قاچانغىچە تۇرىدۇ. بىزنىڭ بالىلىرىمىز قاچانغىچە بىلىمنى ئالدى بىلەن خىزمە تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئادەم بولۇش ئۈچۈن ئۆگىنىدۇ؟ مائارىپىمىز قاچانغىچە بۇ جەھەتتە سالاھىيىتىنى تاپمايدۇ؟
        بەس، قىزىپ كەتمەيلى. بىر كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ ئۆگىنىش شارائىتى ناھايىتى ياخشى بىر يېرىدە 800 - 900يۈەن مائاش بىلەن خىزمەتكە چۈشكەن بىر ئۈمىدلىك ياش بىلەن سۆھبەتلىشىۋېتىپ، ئۇنىڭ مېنىڭ پەرەز قىلغىنىمنىڭ ئەكسىچە پۇل تېپىش ئۈچۈن باشقا ئىشلارنى ئويلاپ يۈرگەنلىكىنى سەزدىم. قەلبىمنىڭ بىر يەرلىرىدىن ئاچچىق كىنايە ئۆرلەپ كەتتى. يۈزىگىلا سىلىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمىغۇدەك، دېدىم. چۈنكى، ھازىرقى شەرائىتتا 800- 900 كوي خېلى پۇل بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئايدا قورساقنى توقلاپ، خەجلەپ، ئازراق ئېشىنغىلى بولاتتى. شۇنىسى ماڭا روشەنكى، ئۇنىڭ باشقىلار ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالغۇسى، كەمسىنگۈسى كەلمىدى. لېكىن، بىر پۈتۈن مىللەت يېتىم - يېسىرنىڭ ئورنىدا بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئويغۇرنىڭ زىيالىسى قانچىلىك ئىززەتكە ئېرىشەلەيتتى؟ قانچىلىك خورلۇق تارتمايتتى؟ ئاشۇنچىلىك بويۇن قىسىشقا چىداشقا بېلىنى باغلىيالمىغان ئادەمدىن ئالەمچە خورلۇقلارغا چىداپ ئىش قىلالايدۇ دەپ ئۈمىد كۈتكىلى بولاتتىمۇ؟ مانا بۇ بىزدىكى بىر قەدەر ئالىي ئادەم بولۇش تەپەككۈرى.
        دالى كارنىگنىڭ جاھاندارچىلىق سەنئەتلىرىنى تۈركۈم - تۈركۈم ئىزدەتكۈزگەن ئادەم بولۇش تەپەككۈرى. بۇنى قەلەندەرچىلىك روزىغارىدىمۇ باھادىرلىق بىلەن ياشىغان مەشىرەپ ۋە كىيىم پۈتۈنلۈكىنى توققۇزى تەللىكنى تاشلاپ قومۇشلۇقتا يۈرگەن نۇزۇگۇم، ئەڭ ئاخىرقى ئازابنى تارتماسلىق ئۈچۈن بولسىمۇ ئەنگلىيە پۇقراسى بولۇشنى تىلنىڭ ئۇچىدىمۇ دېمەي ھۆرلۈك دەپ ۋارقىراپ ئۆلگەن ۋىليام ۋاللاتسى بىلەن قانداقمۇ سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ؟
        دۇرست، گەپنى يىغىپ كەلسەك ھەممىسى بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنى چىقىش قىلمىغان پەلىسەپىنىڭ بولماسلىقىدىن، ئاشۇ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق دېگەن نام بىلەن ئىپادىلىنىۋاتقان بۈيۈكلۈكنى ھېس قىلالمايۋاتقانلىقىدىن، ئۇنىڭغا بولغان ئەركەكتەك ئېتىقاد ۋە ئەقىدىلەرنى تاپالمايۋاتقانلىقىدىن، بولمىسا ئاتا - ئانىلار، بالىلار ئۆگەنگەنلىرىگە خىزمەت بولمايۋاتقانلىقىدىن شۇنچە ئۆكۈنۈپ كېتەتتىمۇ؟ ئاقمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇران نەرسىلەرنى قايتا - قايتىلاپ يادلاپ يۈرەتتىمۇ؟
        كىچىك ۋاقلىرىمدا كاللامغا نېمە كەلسە، ھېسىياتىم قانداق بولسا شۇنى قىلاتتىم. بىرەر ئىش ئارزۇيۇمغا توغرا كەلمىسە، يېرىلغۇدەك بولۇپ كېتەتتىم. كېيىنچە ئۆزۈمگە مەنپەئەتلىك خاھىشنىڭ بۇرنۇمدىن يېتىلىشىدىن بارا-بارا يادا مەنىۋىيەتنىڭ مەيدانىدا ئىشلارغا ھۆكۈم قىلىشنى ئۆگەندىم، لېكىن مۇشۇ پەزىلدىن كېيىنكى بىر مەزگىللەردە، مۇشۇ تەرەققىيات جەريانىنىڭ ھەر قايسى مۇساپىلىرىدە تۇرغان بالىلار، سۈرەت مەيدانىدا تۇرۇپ ھەممىنى باراۋەر ئورۇنغا قويۇۋاتقان ھازىرلىقىم تۈپەيلى ئۆزلۈكسىز تۈردە تەپەككۇرلىرىمغا سوئال بولۇپ كېلىۋەردى. ئىنشائاللاھ، بوۋامنىڭ تاتلىق ھېكايىلىرى، ئانامنىڭ تۈگىمەس مېھرىبانلىقى قەلبىمدە ئەقىدىگە ئوخشاپ كەتكەن بىر خىل روھى قۇۋۋەت پەيدا قىلغانىدى. شۇنىڭ كۈچى بىلەن ئېجتىھاتلىرىم يولسىزلىققا تەسلىم بولماي ئاخىر روھىيەت، مەنىۋىيەت دەيدىغان نەرسىنى كۆز ئالدىمدا غۇۋا نامايەن قىلدى. ئوغرۇلۇق ئىزتىراپىدىكى توپلار بىلەن قانچە - قانچە قېتىملاپ دۇكانلارنى، بازارلارنى ئايلانغان بولساممۇ، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئېلىۋېلىشقا يۈرىكىم پەقەتلا توم بولمىدى. پىقىراپ-پىقىراپ كىتابخانىلاردىن بىرى بولالمىدىم. ھەزرىتى ئەلى شاھى مەردان، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، توختى چامباش،قىزىقارلىق تەبىئەت ھادىسلىرى، تەجرىبىلەر، بىلىملەر روھىمنىڭ شۇ چاغدىكى سىماسى ئىدى. شۇڭا ۋۇجۇدۇم شۇ چاغلاردىن باشلاپ ئۆز تىرىكلىكىدە گەپ قىلىپ كەلدى. ئەمما نېمىلا دېگەن بىلەن ئەينى چاغدا ئاشۇ بىر تالاي نەرسىلەرنىڭ مىجەزى روھ ئىكەنلىكىنى ئۇقمايتتىم. روھ دەپ شۇنداق بىر نەرسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ بىلمەيتتىم. كېيىن ھەتتا كىچىكلىكىمدىكى مەنمۇ، قاچانمۇ رادىيۇلارنى ياسىيالايدىغان بولارمەن دەيدىغان ئارزۇلىرىممۇ ئەھمىيەتسىز بولۇپ قالدى. رادىيۇنى ئەمەس تېلېۋىزورلارنى ياساۋېتىپمۇ زىرىكىشلىكنى نېرى قىلالامىدىم
       . تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ چوڭقۇر نەزەرىيىلىرىنى ئىگىللىۋېتىپ ئادەملەر تارتىشىش كۈچى قانۇنىيىتىدىن پايدىلىنىپ يۇپىتىرنىڭ ھەرىكەت ئوربىتىسىنى، قاچاندا، نەگە بارىدىغانلىقىنى ھېساپلاپ چىقارمىسا نېمە بوپتۇ؟ دەيدىغان سوئاللار پەيدا بولۇپ قالدىغان بولۇپ قالدى. ھاياجان بىلەن سوئال تەڭ پەيدا بولۇپ، سەپراس ھالدا شۇ سوئالغا جاۋاپ تېپىش ناھايىتى زور خوشاللىق پەيدا قىلىدىغان بۇرۇنقى بىر مەزگىللەرنىڭ گۇماندا قېلىشى ئۆگىنىش، تۇرمۇشۇمنى بىر تالاي يۇمۇرىستىك، ساراڭلارچە كەيىپكە تەققەزا قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن بىز بىلەن بەش يىل ئوقۇغان ئوقۇغۇچى كۆپىنچە كىيىملەرنى رەتلىك كىيىپ، ئاياغلىرىنى مايلاپ يۈرىيدىغان بولمىدى. يۈزلىرىدىن نۇر، ئۇچىسىدىن مەرىپەت تۆكۈلمىدى. ھەتتا ۋەدە ۋە دوستلۇقلىرىدىنمۇ ساراڭلىقنى ئاجرىتالمىدى، لېكىن، مەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن يۇمۇر ۋە ساراڭلىقمۇ يوق بولۇپ كەتسە قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن.بارا - بارا ئۆگۈنۈشنىڭ ئىككى خىل يولىنى كۆردۈم. بىرى، كاللىنى توختىتىپ يادلاش، ئەپلەپ - سەپلەپ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش؛ يەنە بىرى، يۈرەكنىڭ سۇئاللىرىغا زەڭ سېلىپ، ئۇنىڭ بىلىملەرنى رەت- رېتى بىلەن سەرەمجانلاشتۇرۇپ، قەلبىدە ئىلمى سەپ تۈزۈشىگە كۈچەش.
       مەن نېمىلا دېگەن بىلەن كېيىنكى يولنى تۇتۇپ ماڭدىم. شۇڭا ئېرىنسىت كاسسىرئېرنىڭ تۆۋەندىكى گېپىنى گويا ئۆزۈم خۇلاسىلەپ چىققاندەك ھېس قىلدىم. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تۈرلۈك ئوخشىمىغان پائالىيەتلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۈرلۈكچە يۆنىلىشلەردە تەرەققىي قىلىدۇ. ئوخشىمىغان مەقسەتلەرگە يەتمەكچى بولىدۇ. ناۋادا بىز ئۆزىمىزنى مۇشۇ پائالىيەتلەرنىڭ تەتىجىسىگە زەڭ سېلىش بىلەنلا قانائەتلىنىدىغان قىلىپ قويساق، ئۇنداقتا ئۇلارنى ئورتاق بىر تەسىرگە چىگىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بولىدۇ. ھالبۇكى، بۇ يەردە بىزنىڭ ئىزدەۋاتقىنىمىز نەتىجىدىكى بىردەكلىك ئەمەس، بەلكى ئىنسانلار پائالىيىتىدىكى بىردەكلىك. ناۋادا ئادەمىيلىك دەيدىغان بۇ ئاتالغۇ قانداقتۇر بىر نېمىنى كۆرسىتىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، گەرچە ئادەمىيلىكنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرىدە بارلىق پەرقلەر ۋە قارمۇ -قارشىلىق مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما بۇ شەكىللەرنىڭ ھەممىسى ئورتاق بىر نىشان ئۈچۈن تىرىشىدۇ. يىراقنى كۆزدە تۇتقان نۇقتىنەزەردىن قارىغاندا چوقۇمكى، چېلىقىشلىق بىر ئالاھىدىلىك، ئاممىباب بىر خۇسۇسىيەت بايقىلىدۇ. بۇ خىل ئالاھىدىلىك ۋە خۇسۇسىيەتتىكى بارلىق شەكىللەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئارا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ناۋادا بىز بۇ خۇسۇسىيەتكە تەبىر بېرەلەيدىغان بولساق، كۆزلىرىمىز ئالا - بۇلىماچ بولۇپ، تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن نەزەرلىرىمىز بىر ئىدىيە تۈگىنىگە مەركەزلىشەتتى. خۇددى كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك ئىنسانىيەت مەدەنيەت ئەمەلىيەتلىرىدىكى بۇ خىل سەرەمجانلاشتۇرۇش ئىشى تىلشۇناسلىق تارىخىي، سەنئەت تارىخىي دېگەندەك تۈرلۈك ئالاھىدە پەنلەردە ئاللىقاچان باشلىنىپ بولدى.
        بۇ پەنلەرنىڭ ھەممىسى بار كۈچى بىلەن تىرىشىپ قانداقتۇر بىر مىزاننى ئىزدەپ، شۇنىڭ بىلەن بۇمىزاننىڭ ياردىمىدە دىن ھادىسىلىرى، سەنئەت ھادىسىلىرى، تىل ھادىسىلىرىنى بىر سىستېما ئىچىگە سەرەمجانلاشتۇرماقچى بولىۋاتىدۇ. ناۋادا پەننىڭ ئۆزى ئاللىقاچان مەشغۇل بولۇۋاتقان مۇشۇنداق خۇلاسىلەش خىزمىتى بولمىسا، پەلسەپىنىڭ چىقىش نۇقتىسى بولمايدۇ. )ئىنسان توغرىسىدا90- بەت.)پەلسەپە، روھ دەيدىغان نەرسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ماڭا مۇشۇنداق رېئاللىقتىن تېخىمۇ بىر يۈكسەك پەللىدە ئەقلىي مەلۇم بولدى. 
       «فىزىكا تارىخى» مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان دەرسىم بولدى. بارلىق نەرسىلەرنى بىر روھ نوقتىسىدا تۇرۇپ ئۆگىنىدىغان بولدۇم. مەردۇ - مەردانە ياشىمىسام نېمە بوپتۇ؟ قورقۇش، خوشامەت، ساختىلىق جاھاندارچىلىقتا بولىدىغان ئىشلار. غۇرۇر بىلەن قورساق تويامدۇ؟ دەپ ھەممە گال ۋە نەپىس ئۈچۈن دەيدىغانلارنىڭ ھاياتىنى ھايۋانى ھاياتقا ئوخشىتىۋاتقانسېرى ئىنسانى روھنىڭ نوپۇزى قەلبىمگە سالماق ئورۇنلىشىشقا باشلىدى. خۇددى كاسسىرئېر ئېيتقاندەك چۆچەك، دىن، سەنئەت، پەن ئەمدى ئوخشاشبىر ئاساسىي مىلودىيىنىڭ بىر مۇنچە ئاكورىتلىرىدەك بىلىندى. ئاشۇ ئاساسىي مىلودىيىنى ئاڭلىغىلى ۋە چۈشەنگىلى بولغۇدەك قىلىشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلغان پەلسەپە ھاياتىمدىكى مۇھىم بىر نەرسىگە ئايلاندى. ئابدۇقادىر داموللا، مەمتىلى تەۋپىق، سارتىر، روسسېل، فىروئىد، ئادلېر، يۇڭ، پىئاگىتلار بىلەن يەنە بىر سەلىقىدە ئۇچرىشىشقا باشلىدىم. ئادەملەرنى باراۋەر كۆرىدىغان ئەقىدەمگە مۇناسىپ رېئاللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش روھىنىڭ ماھىيەتلىكلىكى جۇلالانغانسېرى ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى.
       «قابۇسنامە» نى ئالاھەزەل9- يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئوقۇغانىدىم. ئۇ پەقەت كەسپىي قابىلىيەت ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈش نوقتىدسىدىنلا يېزىلغان دەرسلىكلەرنىڭ مەۋقەسىدىن ئۆزگىچە بولسىمۇ نېمە ئۈچۈنكىن ئۇنىڭدا مەدھىيلىنىدىغان كىشىلەر ماڭىمۇ يېقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭدا ياقتۇرۇلمىغان كىشىلەر ماڭىمۇ ياقمىغانىدى. كېيىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانسېرى بۇ تەسىرات پىنھان بولغىلى تۇردى، لېكىن ھەر ھالدا روشەن كىشلىك ھايات پەلىسەپىسىگە تېخى ئىگە بولمىغاچقا، يەنىلا ئاشۇ پىنھانلىقنىڭ شەپىسىز رەۋىشتىكى ئىلكىدە ياشىدۇق. كېيىن تەپسىلىي ئويلاپ، روھ نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھەقىقەتنىڭ بارلىق مەۋجۇتلۇقنى ئېتىراپ قىلىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. كىچىكىمدە ئەسكى بالا دەيدىغان بالىلارنىڭ ماھىيەتتە باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئۆزىنى قۇيۇپ ئويلىمايدىغان، كېيىنچىرەك يادا مەنىۋىيەتلەرنى، ئورتاق ھېس ۋە ئۇقۇملارنى ھېس قىلمايدىغان ئۆزىگە مەنپەئەتلىك خاھىش بويىچىلا ئىش قىلىدىغان بالىلار ئىكەنلىكىنى بىلدىم، لېكىن بۇ كەمتۈكلۈكنىڭ بارلىق مەۋجۇتلۇقنى قانچىلىك دەرىجىدە ھېس قىلىدىغانلىقى ۋە شۇنۇڭلىق بىلەن ئۇنى قانچىلىك دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ئالدىمدا يوغان بىر سوئال بولۇپ قالدى. كېيىن 80يىللاردىكى ياشلار قاتارىدا دالى كارنىگنىڭ كىتابىدىن خەقنىڭ كۆزىنى چاقنىتىش، ئەمىلىنى ئۆستۈرۈش، جىقراق كىرىمگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئادىمىيلىك تونىنى قانداق قاملاشتۇرۇپ كىيىش كېرەكلىكى ۋە بۇنىڭ پايدىسى توغرىسىدىكى بايانلارنى ئوقۇدۇم. قابۇسنامە قاتارىدىكى ئەنئەنىۋى دىداكتىك ئەسەرلىرىمىزنىڭ قارىشىچە ئامېرىكىلىقلارنىڭ كىتابىدا ئادىمىيلىك گويا ۋاسىتە ئورنىدا بايان قىلىنىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ، ئوقۇغانسېرى غەربلىكلەرنىڭ ھەتتا بىرەر كۈلكىسىنىڭ تېگىدىمۇ بىر مەنئەپەت غەرىزى باردەك تۇيۇلدى. خەلقئارا مۇھىتنىڭ كۆزۈمگە بۇرچىدىن چىقىپ كەتكەن ئەرۋاھلارنىڭ سىياسەت بىلەنبەتلىنىپ ئۆز ئارا سۈركىلىشلىرى ۋە ئۆز تەبىئىتىدىن يۇلقۇنالمىغان ھالدا ئاخىر بېرىپ ئادىمىيلىك ئوقۇرلىرىغا بېشىنى سېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىگە كۆزۈم يەتتى. ئاتالمىش« مەدەنىيەتلىك» كىشىلەرگە ئادىمىيلىك زادى بار نەرسىمۇ ياكى يوق نەرسىمۇ؟ دەيدىغان گۇماننى ئاتا قىلىۋاتقان تۈپكى مەنبەنى سەل-پەل ئىلغا قىلغاندەك بولدۇم. لېكىن مەيلى قانداقلا بولسۇن دالى كارنىگنڭ ئىلھامبەخش كۈچىگە كۆز يۇمغىلى بولمايتتى. شۇڭا ئۇنى ئۆزۈمچە رەببانى دېگۈم كەلدى. ئەمما مۇشۇنداقراق پەسكويغا چۈشكەن چېغىمدا كىشىلەرنى ھەقىقەتەنمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرەلەيدىغان جىق زورۇقۇشلار بىلەن رەببانىلار سىلسىلىسىگە تىزغىلى بولىدىغان كىشىلەردىكى پاسكىنىچىلىق يۈرۈكىمنى ئىزچىل تۈردە ئازاپلاپ كەلدى.

        شوپنخاۋرنىڭ «بىلىم ئازابنىڭ مەنبەسى »دېگەن گېپىنىڭ ۋەزنىنى تازا دەڭسىدىم. دائىم ئۆزۈمگە نېمە ئامال؟ ئات تېپىلمىسا ئېشەكمۇ، ئات ئەمەسمۇ، دەپ تۇردۇم. دالى كارنىگنىڭ كىتابىنى نۇرغۇن كىشىلەرگە تەۋسىيە قىلدىم. لېكىن ئادىمىيلىككە بولغان تۇيغۇ بولسىمۇ بىلىنىپ تۇرسا بولاتتى.بارلىق مەنىۋى ۋە مادىي مەۋجۇتلۇقنى ھېس قىلىش ئەلۋەتتە سەزگۈرلۈككە باقىدۇ. سەزگۈرلۈك ساغلاملىققا بولۇپمۇ مەنىۋى ساغلاملىققا باقىدۇ. بىر كۈنى مەخسۇس ئولتۇرۇپ كىچىكى بالىلارنىڭ ئۇيۇنىنى كۈزىتىپ باقتىم. ئەلۋەتتە ھەرقانداق ئۇيۇننىڭ ئورتاق رىئايە قىلىدىغان قائىدىسى بولىدۇ. شۇنىسى روشەنكى، ئۇيۇندا ئاشۇ قائىدىنى ئەڭ بەك ھېس قىلغانلىرى مەكتەپتىمۇ ياخشى ئوقۇيدۇ. لېكىن جاھاننىڭ مۇرەككەپلىكى تۈپەيلى مۇشۇنداق قابىلىيەتنىڭ تېگى بولغان ساغلاملىق ئىزچىل بولالمايدۇ.
       مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمدا بىزدىن بىر نەچچە يىللىق يۇقىرى ئوقۇغان كېلىشكەن بىر توپچى بالىنى تۇنۇيتتۇم. بىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئۇ ئەزىمەت خېلى پۇلدار سىياقتا ئۈرۈمچىدە پەيدا بولدى. ئۇ ھەقىقەتەن خېلى پۇل تاپقانىدى. بىر مەزگىللەرگىچە ئۇنىڭ ياپونىيىگە چىقىپ جىق پۇل تاپقانلىقى سورۇنلاردا كۆپرەك دېيىلىدىغان، ھەۋەس قىلىنىدىغان گەپ بولۇپ تۇردى.
        كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ بۇرادەر بىلەن قانداقتۇر سەۋەب بىلەن بىر سورۇندا بولۇپ قالدىم. سورۇن قىزىپ تازا ئەۋجىگە چىققاندا ئۇنىڭ ياپونىيىدە بىر بۆرىكىنى سېتىۋەتكەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇ گەپ قۇلىقىمغا قانداق كىرىۋاتىدىكىن ئاڭقىرالماي قالدىم. كۆزۈم ئۇنىڭ ھاراقتىن قىزىشقان يۈزىدە توختاپ قالدى. «بۆرەك ئىككى بولغاندىن كېيىن...،-مېنىڭ ئانامنىڭمۇ بىر بۆرىكىنى ئېلىۋەتكەن...، كۈنۈڭ ياخشى بولسىلا بولدى...» دېمىسەممۇ بۇنىڭغىمۇ بىر شەرھى چىقتى. كاللامدا يەنە نە ئىككىدۇ؟ دەيدىغان سوئال غۇۋا ئەكس ئېتىۋاتقاندەك ئىدى. لېكىن مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، مۇشۇ سورۇندا مۇشۇنداق ئەقىلگە مۇۋاپىق شەرھىنى ياساپ چىققان سورۇن ئەھلىنىڭ ھەممىسىدەبۆرەك سېتىشقايۈرىكىدە قۇرقۇنۇش، ھۇدۇقۇش بارلىقىنى تۇيۇپ تۇراتتىم.
       ـ بولدى بۇ گەپنى قىلىشمايلى. ئاشۇ بۆرىكىڭ ئۈچۈن خوشە. ئالىمكا چالە سازىڭنى سازنىڭ پەيزىنى سۈرەيلى بۇ ئىشمۇ باشقا بارلىق ئىشلارغا ئوخشاش مانا مۇشۇنداقلا ھازىرقى خاتىرجەملىكنىڭ قۇربانىغا ئايلانغىلى قوپتى. سورۇن ئۆز پېتىچە داۋاملاشماقتا ئىدى. بۆرەكنىڭ پۇلىغا نازۇ - نېمەتلەر، ھاراق- شاراپلار بۇرۇنقىدەكلا كېلىۋەردى. پەقەت چاقچاقلاردا سېتىلغان بۆرەكنىڭ ياپونىيىدىكى باتۇرلۇقى ئاندا - ساندا تىلغا ئېلىنىدىغان بولۇپ قالدى.لېكىن، مەن غەزىپىمنى باسالمىدىم. كاللامغا داليەندىكى مۇنداق بىر زىددىيەت كەلدى. بىر يىلى داليەنگە بېرىپ داليەن پورتىنىڭ مەلۇم بىر بىناسىدا ياپونىيە، كۇرىيىلەردىن كېلىدىغان كونا ئېلېكتر سايمانلىرى بازىرىغا كىرىپ قالدىم. بۇ بازاردا بىر نەچچە كۈن ئايلىنىپ يۈرۈپ ئاخىرى مۇشۇ يەردىن بۇ ماللارنىڭ يېڭى قاپلىرىنى تاپقىلى بولىدىغانلىقى، كونا ماللارنىڭ دۆۋىسنىلا ئېلىۋېلىپ ئۇ يەر - بۇ يەرلىرنى رېمۇنت قىلىش بىلەن يېڭىدىن كىيىم كىيگۈزۈپ ناھايىتى ئوبدان باھادا ساتقىلى بولىدىغانلىقىنى پەملىدىم. دېمىسىمۇ مەملىكەتتىكى بىر مۇنچە كارخانىلار ئەينى چاغدا مۇشۇنداق تىجارەت قىلاتتى. لېكىن نېمىشقىكىن بۇ ئىشقا كۆڭلۈم تارتمىدى. ئۇزاق داۋالغۇپ ئاخىرى باشنى سىلكىپلا بۇ يەردىن كەتتىم. ئەمما ھەر قېتىم كومپيۇتېر بازىرىغا كىرىپ قانۇنسىز نەشر قىلىنغان يۇمشاق دېتاللارنى كۆرسەم بۇ ئىشنىڭ جۇڭگودا كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن قانچىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئويلىسام ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ ۋاقىتتىكى ئىشىمنى بولۇمسىزلىققا مىسال قىلىپ يادىمغا ئالغۇم كېلەتتى. مانا بۈگۈن ئۈرۈمچىنىڭ سوغاق بۇ كېچىسى ئۆزۈمنىڭ بۇ بۇلۇمسىزلىقىمنى نېمىشقىكىن بۆرەك ساتقۇچىنىڭ كەسكىنلىكىگە سېلىشتۇرغۇم كېلىپ قالدى. راست، مەن ئۇنىڭدەك پۇل تاپالمىدىم ھەم تاپالمايمەن. مەن پۇل تېپىشتىن ئىبارەت ئاشۇ مەسىلىنى ئويلاشقان چېغىمدا ئۆزۈمنىڭ قىممەت قاراشلىرى، ئىستەكلىرىم قىسقىسى، قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ ئۇلارغا بولغان تەھلىكىسنى ھېس قىلىپ تۇراتتىم. دۇرۇست، ئەلۋەتتە بۇ ئادەتتە كۆڭۈل تارتماي تۇرىدۇ، دەپ ئىپادىلىنىدىغان ئىستىخىيىسىز ھالدىكى ئۆزلۈكنى ھىمايە قىلىش پائالىيىتىدىن ھالقىغانىدى. توغرا گەرچە مەن بۆرىكىنى ساتقان دەۋردىشىمدەك كەسكىنلىك بىلەن پۇل تاپالمىغان بولساممۇ، ئەمما مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇمىغانىدىم. مۇشۇنىڭ ئۆزى پۇل تاپقاندىن قەدىرلىك ئەمەسمۇ؟! كۆڭلۈم ۋىللىدە يورۇغاندەك بولدى.
       ئىچ - ئىچىمدىن سالماق بىر سوئال ئۇرغىماقتا ئىدى. ئۇنداقتا نۇرغۇن نەرسىلەرنى توغرا چۈشىنىش، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆزىنى دەۋرگە ماسلاشتۇرۇش رەسمى تەلەپە بولۇپ، ئىنساننىڭ ئالدىغا قويۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مۇقەددەس چاما ئۆزنىڭ تېرىتورىيىسى زادى نەدىن نەگىچىلىك؟! ئۇنىڭغا خورلۇق، دەپسەندىلىك، تاجاۋۇزچىلىق يەتكىنىنى نېمە خەۋەر قىلىدۇ؟ قىسقىسى؛ ئادەمى ئادەمنىڭ ئادەم ياكى ئەمەسلىكىنى بەلگىلەيدىغان تارازا زادى بارمۇ - يوق؟مېنىڭچە يۇقىرىقى بايانلىرىمنى تەپسىلىي ئوقۇغان ئادەم مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە يۈرىكىنى تۇتۇپ باقسا ئۇنىڭغا جاۋاب بىلىنىدۇ. شۇنىڭغا مەن كۆپ ھاللاردا خەلقىمنىڭ مىللىتىڭ نېمە دېسە، ئىبراھىم خەلىلۇللا دېيىشىدىن ئۆز مىللىتىنىڭ نامىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان ئەمەسمۇ؟! دەپ ئاچچىقلىمايلا خۇرسەن بولۇپ كېتىمەن. چۈنكى، بۇ ئىنسانلار تارىخىدىكى تۇنجى مەسچىدنى سالغان بۇ پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئالدىغا قەلبنى ساپ ۋە پاك قىلىپ كەلگەن دېگەن مەلۇمات مۇناسىۋىتى بىلەن ئېيتىلغان بولۇپ، ئادەمىيلىك مەزمۇنىنىڭ تەۋەلىكىگە قارىتىلغانىدى. يەنە كېلىپ بىز شۇنچە ئۇزۇن تارىختىن بۇيان بۇنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلگەنىدۇق.
    شۇنداق، بىرسىڭ مەردۇ - مەردانىلىقىڭنى ساتساڭ، يەنە بىرسىڭ ئىپپەت نومۇس، بۆرەك - پۆرىكىڭنى ساتساڭ بولىۋېرىدىغان ئىش يوق. سەن ئېشەك سۈرىتىدە بولمىغاچقىلا ئادەم بولۇپ قالمايسەن، بەلكى ئادەمىيلىك مەزمۇنى بىلەن ئادەم بولىسەن. ئادەمنى ئادەم قىلىدىغان مەزمۇن سەن نېمە دەپ چۈشەندۈرۈپ كېتەلىسەڭ شۇنداق بولىدىغان ئۇستىخانسىز مەسلەك ئەمەس، بەلكى، ساغلام ۋە تۇيغۇن روھ چوقۇم ھېس قىلىدىغان يەنە كېلىپ ساپ ۋە پاك قەلىبتىن ئۇرغىغان جاسارەت بىلەن ئېنىق تەستىقلىنىدىغان رەسمىي بىر مەۋجۇتلۇق. ئۇ خۇددى تاغ، تاش، سۇ، دەريا، ئۆستەڭلەردەك مۇشۇ زېمىندا بار. ئۇنى كۆرۈش بالاغىتىگە يەتمىگەن ئادەم مەلئۇندۇر. چۈنكى ئەرىشتىكى ئەڭ چوڭ بىلىمدار شەيتاننىڭ مەلئۇن بولغىنىدەك، مۇنداق ئىنسانلاردىكى ھەرقانداق بىلىم، ھۈنەر، ھوقۇق ئۆزى ئاغرىتىپ قويغان ئىشەكنى ئادەم قىلالمايدۇ. جاھان ئۆز خىسلىتى بىلەن كاجنى بازاردا ئوڭشاپ ساغلام، تۇيغۇنلىكى ئادەمنى بۇرنىغا يېگۈزۈپ ئىلگىرى باستۇرۇپ، كۈلپەت تارتقۇزۇپ بۇبالاغەتكە دەۋەت قىلىدۇ. ئادەمنىڭ مەلۇم پەيتتىكى ئەھۋالى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىلگىرى ياكى كېيىن بولسۇن، ھامىنى بالاغەتنى تونىتىدۇ. ئەمما ئادەمنىڭ مۇشۇ جەرياندا ساقسىز ياكى مەجرۇھ بولۇپ قېلىشى، بۇلغانغان قەلىبنىڭ جۇشى يوقاپ ھېچنېمىنى يورۇتالماسلىقى ھەممىدىن خەتەرلىك بولىدۇ. لېكىن مۇشۇنداق ئادەملەرمۇ ئازمۇ؟
       مېنىڭ بىر ساۋاقدىشىم بولىدىغان. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇ ئالدىمدىكى ئۇرۇندا ئولتۇراتتى. ئۇ شۇنداق ئادەتلەنگەن ئىدىكى، دەرس ۋاقىتلىرىدىلا ئەمەس ھەتتا مۇئەللىم يوق تەكرار ۋاقىتلىرىدىمۇ تىككىدە ئولتۇراتتى. مەن ھەيرانلىقىمدىن ئونىڭ بوينىدىكى سېرىق تۈكلىرىنى تارتىپ قېرىشىپ قۇياتتىم. لېكىن ئۇ شۇنداقتىمۇ بوينىنى سىلاپ قويۇپ پېتنى بۇزماي ئولتۇرۇۋېرەتتى. تۇلۇقسىزنى پۇتتۈرىدىغانغا يېقىن ئۇ ئاستا - ئاستا ئىلگىرىلەپ، سىنىپتىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ قالدى. كېيىن شۇ ئىلگىرىلىگىنىچە ئىلگىرىلەپ ئالىي مەكتەپتىمۇ شۇنداق ياخشى ئوقۇدى. ئۇ شۇ چاغلاردىمۇ بەك ئىنتىزامچان ئىدى. ئۆلچەملىك كىيىنىپ، ئۆلچەملىك يۈرەتتى. كېيىن ئۇ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا ياخشى بىر خىزمەتكە بۈلۈندى. مەن ئونىڭ نەچچە يىللىق روھى ھالىتىگە، تۇرمۇشىغا قاراپ، دائىم ئۇ قانداق ئادەمدۇ دەپ ئويلاپ قالاتتىم. ئۇنىڭ ھېچنېمىگە ئاچچىقى كەلمەيتتى ۋە ھېچنېمىگە ئۆزىنى ئۇرۇپمۇ كەتمەيتتى. ئەلۋەتتە ئۇ بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ياخشى ئادەملەر قاتارىدىن ئۇرۇن ئالاتتى. ئونىڭ ئۈستىگە بۇنداقلار بەك جىق ئۇچۇرىدى. ئويلۇرۇممۇ كۆزىتىشلىرىمدا ئاۋۇدى. توغرا ئۇلار ئاشۇنداقلاردىن ئىدى. شۇ چاغدا غۇچچىدە ئاچچىقىم كەلدى.
        مەن بىر دېھقان بالىسنى تۇنۇيتتۇم. ئۇنىڭ ئائىلىسىدە نوپۇس كۆپ بولۇپ، ئاتا ئائىلىنىڭ كۈندىلىك چىقىمىنى ئاران-ئاران قامداپ كېتەلەيدىغان ئادەم ئىدى. بالىلارنىڭ چوڭى ھۆكۈمەت خىراجەت چىقىرىدىغان چاغلاردا ئوقۇپ خىزمەتكە چىقىۋالغانىدى.ئائىلە تۈزۈمىنىڭ نامۇۋاپىقلىقى تۈپەيلى ئىچكىرگە قېچىپ كەتكەنلەر بىرىدىن باشقىلىرى ئىزچىل ئوقۇشتا ئىدى. ئەمما ئۇلاردىن بىرەرسىنى ئوقۇشقا ماڭدۇرۇپ قالسا بۇ ئائىلە بالىنىڭ خىراجىتىگە چىقىش قىلىپ بالىنى ئوقۇتالمايتتى. شۇنداق كۈنلەردە بالىنىڭ ئۈچىنچىسگە ئالىي مەكتەپتىن چاقىرىق كەلدى. ئەخلاقلىق ئاكىسى بارى يوق ئارانلا 15 يۈەن پۇل بېرىپ ئارانلا كەلدىڭمۇ، كەتتىڭمۇ دەپ بولدى قىلغىنى بىلەن ئىچكىردىكى ھېلىقى ئوغرى، يانچۇقچى ئاكىسى ئۇنى ئوقۇتتى. قالغانلىرىمۇ مۇشۇ ئەنئەنە بىلەن ئوقۇشنى تاماملىدى. ئاخىرى نېمە بولدى؟! ئاكا بولغۇچى ئىنىلىرى ئۈچۈن 15 كويلا بېرەلىگىنى بىلەن ئۆز رەسمىيىتى بويىچە تويىنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزەلىدى. ئەل نەرقى يۈرۈپ، ئەل نەرقى ئۆتۈپ ئەمەلى ئۆسۈشكە باشلىدى. ئىچكىردىكى تېخىمۇ يوغىناپ ئاق چېكىشكە ئۆگەندى. ئۇكىسى ئاددى  ساددا، لېكىن چىن مەنىدە تويىنى قىلدى. بىر كۈنى ئۇلارنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپ ئىنتىزامچان ئاكا بىلەن ئۇكىنى ئوقۇتىدىغان ئوغرىنى بىر يەرگە ئەكىلىپ بىردىن گۈپۈلدەپ سوقۇۋاتقان، بىرىدىن نىمجان ئىڭراۋاتقان يۈرەكنى تەسەۋۋۇر قىلدىم. نەزىرىم يەنە بېرىپ ھېلىقى ساۋاقدىشىمغا چۈشتى، مۇشتۇملۇرۇم ئىختىيارسىز ھالدا تۈگۈلۈپ كەتتى. ئەمما، دېمىسىمۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىرەر يۈزگە يېقىن ساۋاقداشلىرىمنى، تونۇشلىرىمنى بىرمۇ بىر كۆز ئالدىمغا ئەكەلسەم، ساپلا رېجىمغا يىپتەك ئىلىشىپ كېتەلەيدىغان مۇشۇنداق ئۇستىخىنى يوق بالىلار يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇپ، سەل -پەل جىگىرى ۋە نوچىلىقى بار بالىلار نەلەردىدۇ شاللىنىپ قالغاندەك بىلىندى.
        بەس، ئاچچىققىمدا ۋارقىراپ تاشلىدىم. ئۇنداق ياخشى ئادەملەرنىڭ بېشىغا مىڭ. بىزگە ھەقىقىي ئىنسانلار كېرەك. گۈلنى كۆرگەندە سۆيىنىدىغان، نىجىسنى كۆرگەندە يىرگىنىدىغان، توغرىنى كۆرگەندە توغرا، خاتانى كۆرگەندە خاتا دېيەلەيدىغان ھەم شۇنداق قىلالايدىغان، مەجبۇرىيەتنى زۈرۈرىيىتى تېپىلغاندا ئۆتەيدىغان ئادەملەر كېرەك. ئنسانى خىسلەتلىرى، ئىنسانى ھېسسىياتلىرى، ئىنسانى قۇۋۋەتلىرى بولغانلارنىڭ بىرسىنى غۇرۇرلۇق يەنە بىرسىنى ھېسياتلىق دەپ قۇيۇپ يۈرۈيدىغانلار ئەمەس، بەلكى ئاشۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز جىسمىدە تۇلۇق، گال، ئۇرۇن، مەنپەئەت دېگەندەك نەرسىلەر ئۈچۈن ئۇ يەر بۇ يېرىنى كېسىپ، بۇغۇپ ئاختا قىلىۋالمىغان ئادەملەر كېرەك. ئەنە شۇلار ساغلام، بېجرىم ئادەملەردۇر. دۇنيا مەيلى قانداق تەرەققىي قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر ساغلام، بېجىرىم ئادەم بولۇش مۇقەددەستۇر. ئۇنداقتا بۇنداق ئادەملەرنىڭ كۆپ بۇلۇشىغا قانداق ماھىيەت كېرەك؟

    مەرھۇم تېبابەت ئالىمى ئابلىمىت يۈسۈف ھاجىمنىڭ مۇنداق بىر گېپىنى ئاڭلىغانىدىم:
    - ياش ۋاقتىمدا يۇرتنىڭ بەرگەن ئاش -تۇزىغا جاۋاپ قايتۇرۇپ، ساۋاپ تېپىش ئۈچۈن كېرىيىنىڭ يېزىلىرىدا ئۆيلىرىگەئۆزۈم بېرىپ نۇرغۇن نامراتلارنىڭ كېسىلىنى داۋالىدىم. خالىس قىلىپ كەتكەن ئىشلىرىم نۇرغۇن. بىر تىيىن پۇلى يوق سەكراتتىكى كېسەللەرنى ھەقسى داۋالاپ ساقايتتىم. كېيىن ۋەزىيەت يامانلاشتى. بىزلەرگە قالپاق كىيگۈزۈپ كۈرەش قىلغىلى تۇردى. كۈرەش قىلغانسېرى تىللايدىغان ئادەم جىقلاپ كەتتى. ھەممىدىن ئېغىر كەلگىنى دەل مەن داۋالاپ ئۆلۈمدىن بېرى قىلغان نامراتلار بىر سېۋەتكە تېرەك غازىڭى، بىر سېۋەتكە ئۆرۈك غازىڭى، بىر سېۋەتكە ئالما غازىڭى ئېلىپ كېلىپ، بۇ ئۇنسۇر ئەمگەكچى خەلقنى ئات- ئولاغ ئورنىدا كۆرۈپ، ئۇلارنى مۇشۇنداق نەرسىلەرنى يېيىشكە قىستىغان، دەپ شۇئار توۋلاپ، ئۇرۇپ ھالىمنى قويمىدى. شۇ جىنايەت بىلەنمۇ تۈرمىدە ئۇزاق يېتىپ كەتتىم. شۇنىڭدىن كېيىن ياخشىلىقنىمۇ بىلگۈدەك ئادەمگە قىلىش كېرەككەن دەپ قالدىم. شۇڭا قارا قورساق، كاللىسىدا ھېچنەرسە يوق ئادەمنىڭ كېسىلىنى كۆرۈشتىن ئۆزۈمنى تارتىمەن.

        كۆپ ھاللاردا ئىنسان  قانداق يولغا ماڭسۇن ئاخىرى پۇشايمان يەپ ئۆلۈمىدىن بۇرۇن ئوبدان ئادەم بولىدىغانلىقى ئېنىق. دۇنيادا ھەقىقى ئوبدان ئادەملەردىن باشقا قابىلىيەتسىزلىكىدىن ئوبدان ئادەم بولۇپ قالغانلار، جىننىڭ قەستى شاپتۇلىدا دېگەندەك، ئوبدان ئادەم بولۇشنى ۋاسىتە قىلغانلار خېلى بار. بۇ ئاڭلىق يۇسۇندا بولۇشىمۇ ياكى ئاڭسىز يۇسۇندا بولۇشىمۇ مۇمكىن.
        ئەلۋەتتە49 -يىلىدىن بۇرۇن ئىدىيە، تۇرمۇش ئۇدۇمى، ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەممىسى بىر تارازىغا سېلىنىپ كامالەت جەمئىيىتىنىڭ مۇقەددەس قۇتۇبى سانالغاچقا، ماھىيەتتە ياخشى ئادەم سىياقىدىكىلەر ۋە ئوبدان ئادەم بولۇشنى ۋاسىتە قىلىۋالغانلارنىڭ ئىچىدە مۇشۇنداقلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغانلار كۆپ ئىدى. ئۆزلۈك يوق بۇنداق دەۋرنى پۇچەكلىك قاپلىغان دەۋر دېسەك بولۇشى مۇمكىن، بىراق، بۇنىڭدىن بىرنەچچە ئون يىل ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە قىممەت قاراشلىرىمىزنىڭ ئىگىسىز قېلىشى بىلەن ئادەملەر پەقەت ئوننەچچە يىللىق تۇرمۇش تەجرىبىسى خۇلاسلىغان قىممەت قاراشلىرى بىلەنلا ياشايدىغان بولۇپ كەتتى. تۇرمۇشتىكى ئامالسىزلىقتىن ياخشى ئادەم بولىدىغان، ياخشى ئادەم بولۇشنى ۋاسىتە قىلغان ساقسىزلار بۇرۇنقىدەك قورۇنۇپ ئولتۇرمايلا سەھنىگە چىقىدىغان، ئۆز يۇرتلىرىدا بالا -چاقىلىرى، ئۇرۇق -تۇققانلىرى ئارىسىدا توختۇم يۈرگىنى بىلەن باشقا يۇرتقا بېرىپلا كوچىلاردا نېمىلەرنىدۇر ئىزدەپ تىمسىقلاپ يۈرۈيدىغانلار، ئۆز ئىشلىرىنى قىلىۋېرىدىغان بولدى.
        بىزنىڭ دەۋرىمىزدە قۇۋۋەتلىنىدىغان ئەقىل بۇ ئىشلارنى توغرا چۈشىنىپ ياكى توغرا چۈشەنمەكچى بولۇپ ئۇلارغا زېمىن بەردى. مىڭ يىللىق ئۆلچەملەرنىڭ ئورنىغا ئون نەچچە يىللىق خۇلاسىلەر كېلىپ دەسسىدى. ھېچقانداق ئېتىقاد قىلىپ باقمىغان يەنى ھېچقاچان مۇكەممەل مەنىۋى ئۆلچەملەر بىلەن ئۆز تۇرمۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئويلىمايدىغان بىر خەقلەر بىلەن بىللە ياشاشقا باشلىدۇق. بۇرۇن جۈپتىنىڭ يۈزىگە قاراشقا پېتىنالمايدىغان قىزلىرىمىز ئىككى ئادەمنىڭ ئالدىدا نىكاھ ئۇقۇتۇشقا خىجىل بولسىمۇ، ئۆزلىرىنى ھامىنى توي قىلىمەنغۇ دەپ بەزلەپ بىرەر يىلچە ئوغۇل دوستى بىلەن ئەر-خۇتۇندەك ئۈتۈشتىن نۇمۇس قىلمايدىغان بولدى.
       زىل ئىككى جىنس مۇناسىۋىتى ئەندىزىلىرى، ئائىلە تۈزۈلمىسى ئورنىغا ئەقىل دەسسەپ،ئەرلەر- ئاياللىرى يېتىشەلمىگەندە تاماق ئېتىشىپ، ئاياللىرىنى ئولتۇرۇشقا ئۇزىتىپ قۇيۇپ ئۆزى بالا بېقىپ دېگەندەك زامانىۋى مۇناسىۋەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولغاندەك، ئىككىلا تەرەپ يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېسلار پەيدا بولغان بولسىمۇ، بونىڭ نەتىجىسىدە ناجىنس مەخلۇقلار كۆپىيىپ كەتتى. يۈرۈش -تۇرۇش، چوڭ -كىچىكلەر مۇناسىۋىتى، ئولتۇرۇش -قوپۇش، يىيىش- ئىچىش ئەندىزىلىرىنى يوقىتىپ بالىلىرىمىزغا تۆت گۈزەل، بەش بولۇشنى ئۆگىتەلمەي يۈرۈيمىز. ئېلىم -بېرىم، سودا - سېتىق قائىدىللىرىمىز، روھى ھالەتلىرىمىز ئېغىر خىرىسقا ئۇچراپ، ئىشەنچ، كۆيۈنۈش، ئىنساپ كېمىيىپ كەتتى. يامان بولىدۇ، ئىسراپچىلىق قىلمايلى دەپ جېنى تىترەپ تورىدىغان خەلق ئۈستەللەرنى يېسە قورساقتا تۇرمايدىغان قورۇمىلار بىلەن توشقۇزۇپ ئۆز سۆلىتىنى ئىپادىلەيدىغان بولدى. بۇ تەرەققىياتمۇ؟ تېخىمۇ ياخشى ئادەم بولۇپ كەتكىنىمىزمۇ؟ ناۋادا باشقىلار ئىلىمدە بىزدىن ئۈستۈن، ھۆكۈمدە بىزدىن مۇكەممەل بولمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى بىزگە نېمە كۆرۈنەر بولغىيتتى؟ بىزنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە سۇ قۇيۇپ بېرەلەيتتىمۇ؟

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 19:58:38]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.