ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئىجادىيتىنىڭ ئىلمى قىممىتى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-18 16:13:41

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئىجادىيتىنىڭ ئىلمى قىممىتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، زامانىمىزنىڭ تونۇلغان ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋاپات بولغىلى 10 يىل بولۇپ قالدى. شىنجاڭ ئۇنىۋې...

        ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئىجادىيتىنىڭ ئىلمى قىممىتى



       شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى،  زامانىمىزنىڭ تونۇلغان ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋاپات بولغىلى 10 يىل بولۇپ قالدى.  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 2003 – يىلى 12 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ،  بۇ مۆھتەرەم ئۇستازنىڭ ئىلمىي ئىجادىيەتلىرىنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلدى.  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ چوڭ مەرىپەت ئوچىقى،  ئىلىم – ئېرپان باغچىسى بولغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىق تويىنى كۈتۈۋېلىش ھارپىسىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەشھۇر جامائەت ئەربابلىرى،  مائارىپچىلار،  مۇتەخەسسىسلەر بىر سورۇنغا جەم بولۇپ،  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەربىيىلىنىپ يېتىشىپ چىققان بۇ مەرىپەت باغۋىنىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى،  تۆھپە – نەتىجىلىرى ھەققىدە كەڭ -كۇشادە سۆزلىشىپ،  ئۇنىڭ قىسقا،  ئەمما ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ھاياتىغا ئىنتايىن يۇقىرى باھا بېرىشتى،  مول ئىجادىيەت نەتىجىلىرىگە قارىتا تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردى،  ئالىمنىڭ ئىجادىيەت روھى ۋە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىش،  قانداق ۋارىسلىق قىلىش ھەققىدىكى كۆز قاراشلارنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى.  بارلىق يىغىن ئەھلى،  بولۇپمۇ ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ قەدىردان ئۇستازىنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە ياد ئەتتى.  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئىلمىي پائالىيەتتە ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن كەيپىيات ۋە تىپىك ھېسسىيات شەك – شۈبھىسىزكى،  خەلقىمىزنىڭ بۈگۈنكى رايىنى ئەكس ئەتتۈردى.  چۈنكى ئالىمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى بۇ ئاي،  بۇ كۈنلەردە خەلقىمىز ئۆزلىرىنىڭ كىمدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى،  نېمىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى تەدرىجىي ھېس قىلماقتا ئىدى.  دېمەك،  بىز ئويلىنىش ئىچىدە،  ئىلگىرىلەش ئىچىدە مۆھتەرەم ئۇستازىمىزنى چوڭقۇر سېغىنماقتىمىز.
        ئىنسانىيەت ئالىمىدە ئۆلمەيدىغان ئادەم يوق.  مەيلى ئۇ ئۆمۈر چولپىنى بولۇپ،  باشقىلاردىن ئۇزۇنراق ياشىسىمۇ ئۇ يەنىلا بەرىبىر ئۆلىدۇ.  لېكىن ئوخشىمايدىغان ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ھايات كىشىلەرنىڭ قىممەت تارازىسىدىكى سالمىقى يەنىلا ئوخشىمايدۇ.  بەزىلەر ئۆلۈپ لەھەتكە كىرە – كىرمەيلا تىرىكلەرنىڭ ئارىسىدا نامى – نىشانى ئۆچۈپ تۈگەيدۇ.  بەزىلەرنىڭ جىسمى كېپەنلىنىپ كەتسىمۇ،  ھەتتا جىسمى تۇپراققا ئايلىنىپ كەتسىمۇ،  ئەمما ئۇلارنىڭ نام – يۇلتۇزى ئۆچمەيدۇ،  ئىز – تەسىرى يۈتمەيدۇ،  تۆھپە – ئەمگىكى كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەيدۇ.  بۇنداق ئۆلۈملەرگە ھازىدارلار،  ئۇرۇق – تۇغقان،  يېقىن – يورۇقلارلا ئەمەس،  پۈتكۈل جامائەت،  پۈتكۈل ئەل زار – زار يىغلايدۇ.  خۇددى تۈركىي تىلدىكى خەلقلەرنىڭ مەشھۇر پەيلاسوپى ۋە شائىرى ئابدۇرەھمان جامىي :
    يادىڭدىدۇر بەلكى سەن تۇغۇلغان ئان،
    ھەممە كۈلگەنىدى،  سەنلا يىغلىغان.
    شۇنداق ياشىغىنكى،  كېتەر چېغىڭدا،
    ھەممە يىغلاپ قالسۇن،  سەن ماڭغىن خەندان.
    دەپ تەسۋىرلىگەن شېئىرىي مەنزىرە رېئاللىقتا زاھىر بولىدۇ.  ئالىم ۋاپاتىدىن كېيىن ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر قەدىمكى زامان مۇتەپەككۇرى سىماچيەننىڭ : <<. . .  ئادەم بەرىبىر ئۆلىدۇ،  بەزىلەرنىڭ ئۆلۈمى تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك،  بەزىلەرنىڭ ئۆلۈمى ھاڭغىرت پېيىدىنمۇ قەدىرسىز بولىدۇ >> دېگەن ھۆكۈمى بىزنىڭ يادىمىزغا يەنە بىر قېتىم كەچتى.  شۇنداق،  دەرھەقىقەت،  بەزىلەر ئۆلىدۇ _ تۈگەيدۇ،  بەزىلەر ئۆلىدۇ _ مەڭگۈ ياشايدۇ.
    بىزگە مەلۇم،  توغرى باھا ۋە ئادىل ھۆكۈم ئەمەلىيەتنىڭ سىناقلىرىنى شەرت قىلىدۇ.  يېتەرلىك تارىخىي مەزگىل،  يەنى پەقەت شۇ تارىخىي چۆكتۈرمىلا بارلىق دۇغ – لاتقىلارنى ئۆز ئۇپقىنىدا تىندۇرۇپ،  غۇۋالىق ئىچىدە روشەنلىك ۋە ئېنىقلىقنى بىزگە تاپشۇرىدۇ.  بىر مەھەللىك شەھەر ئالغان ئاڭسىزانە قىقاس – چۇقان،  پورپاڭ – سۈرەنلەر بېسىققاندىلا،  ئېزىتقۇ سۈپەت ھادىسىۋى كۆرۈنۈشلەر تامام پارغا ئايلىنىپ،  ئەبەدىيلىككە ئىگە ماھىيەتلىك چىنلىق چىراي ئاچىدۇ.  ئالىم ۋاپاتىدىن كېيىنكى بۇ ئاي،  بۇ يىللار بىزنى مانا شۇنداق چۆكتۈرمە جەريانى بىلەن تەمىنلىدى.
    ئالىم ۋاپات بولۇپ بىر يىلدىن كېيىن،  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىككى نەپەر ئۇقۇتقۇچىسى << غايە – ئىزدىنىش – مۇۋەپپەقىيەت >> سەرلەۋھىسىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغانىدى.  ئۇنىڭدا ئالىمنىڭ بىر قاتار ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى،  مائارىپ،  ئىلمىي تەتقىقات،  بەدىئىي ئىجادىيەت ۋە تەرجىمە ساھەلىرىدىكى چېلىقارلىق ھەم بۆسۈش خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى،  بولۇپمۇ ئالىمنىڭ مەدەنىيەت تەتقىقاتىدىكى ئۆزگىچىلىكلىرى،  ئىلىم سەھنىسىدىكى ئورنى،  كېيىنكىلەرگە ۋە ئەتراپىدىكىلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى قاتارلىقلار مۇھاكىمىلىق بايان قىلىنغان،  قۇرۇق شوئارنى ئەمەس،  پاكىتنى ئاساس قىلغان.  بۇ ماقالە كەڭ جامائەتنىڭ ئالىمنى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىشىدە ئاكتىپ رول ئوينىدى.
    مەزكۇر ماقالىدە ئالدى بىلەن تونۇشتۇرۇلغاندەك،  مۇئەللىملەرنىڭ ( شاگىرتلارنىڭ ) كۆڭۈل تۆرىدىكى بۇ پېشقەدەم ئۇستاز ئۇقۇش تارىخى يۇقىرى،  بىلىم ئاساسى پۇختا،  ئۆز تىلىدىن باشقا خەنزۇچە،  رۇسچە تىللارنى مۇكەممەل بىلىدىغان ( خەنزۇچىنى قەدىمىي تىلغىچە پىششىق بىلىدۇ،  ئۇنىڭ خەنزۇچە يازغان پاساھەتلىك شېئىرلىرى بار )،  قەدىمكى زامان ۋە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى،  پارس تىلى قاتارلىقلاردىنمۇ بەلگىلىك مەلۇماتقا ۋە پايدىلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە،  نۇرغۇن يېڭى دەرسلەرنى تەسىس قىلغان،  ئىلمىي تەتقىقاتتىكى زور نەتىجىلەرگە يۆلىنىپ تۇرۇپ ئۇقۇتۇشنى ئۇتۇقلۇق تەشكىللىگەن << يېتىلگەن مائارىپچى >>،  << تۆھپىكار باغۋەن >>.  بولۇپمۇ ئالىي مائارىپتا ئۇقۇتقۇچىلارغا قويۇلۇۋاتقان يېڭى – يېڭى تەلەپلەرنى ئاللابۇرۇن تەلتۆكۈس ھازىرلىغان ئۆرنەكلىك مۇئەللىم ئىدى.  شۇنىڭ ئۈچۈن،  ئالىي مەكتەپنىڭ ئىز باسار مۇئەللىملىرى،  بولۇپمۇ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردىكى بىر تۈركۈم ئۇستازلار بىلەن خىزمەتداش بولغانلىقىدىن ئىپتىخارلىنىدىغان،  سۆيۈنىدىغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ياش ۋە ياش مۇئەللىملىرى ئۇستازنى سېغىنىشنى،  ئۇنىڭدىن ئۆگىنىش،  ئۇنىڭدەك ئىشلەش ۋە ياشاشتا مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى كېرەك،  دەپ بىلىش كېرەك.  چۈنكى 80 يىللىق شەۋكەتلىك تارىخقا ئىگە بۇ ئىلىم باغچىسى ئۆز گۈللىنىشىدە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندەك باغۋەنلەرنىڭ بولۇشىغا مۇھتاج.  بۇ مۆھتەرەم ئۇستازىمىزمۇ ئۆزى ئىخلاس قىلىپ ئېگىز كۆتۈرگەن ۋە نۇرلاندۇرغان مەرىپەت مەشئىلىنىڭ يەنە ئۇزۇنغىچە ئىز باسارسىز قېلىشىنى خالىمايدۇ.  ئۇ ئۆز شاگىرتلىرىغا مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ :
    << مەن تارىخچىلىرىمىزنىڭ ئۆلگەن جەسەتلەردىن كۆرە تىرىك مىللەتكە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىنى،  مائارىپچىلىرىمىزنىڭ كىتاب ۋە خىمىيىلىك ئانالىزلارغىلا ئەمەس،  بولۇپمۇ رېئال تۇرمۇشقا قىزغىن خەيرىخاھلىق قىلىشىنى،  يازغۇچى،  شائىر،  ئەنزارچىلىرىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋەقەلىكى چاتمىسىغا يوشۇرۇنغان ئەسىر – ئەسىرلىك چىنلىق قاتلىمىغا چۆكۈشىنى،  زېمىن باغرىدىكى ئوبيېكتلەر ئۈستىدە مۇتەپەككۇرانە پىكىر يۈرگۈزۈشىنى،  بېيىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ قولىغا كىرگۈزگىنى پاخال،  قولىدىن بېرىپ قويغىنى جاۋاھىرات بولۇپ قالماسلىقنى پايدا – زىيان مىزانى قىلىشلىرىنى،  ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئاشلىق،  پولات ۋە نېفىت مەھسۇلاتى ھەققىدە باش قاتۇرۇش بىلەن بىللە مىللەتنىڭ ئۇرۇقى،  سۆڭەك،  قوۋۇرغىسى،  قەلبى ۋە قېنى ئۈستىدە تەخىرسىز تەپەككۇر قىلىشىنى،  ئىللەت پاتقىقىغا چۈشۈپ قالغان ياش نوتا ۋە گۈل – گىياھلارنىڭ ئۆز – ئۆزىنى تونۇپ،  مىللەت كېلەچىكىنى نەزەردە تۇتۇپ،  ئۆزىنى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن >>،  << ئۆزى ئويغانماي تۇرۇپ،  خەلقنى سۆيىمەن دېگەنلىك بىر قۇرۇق داۋراڭ،  خالاس ! >>.  مانا بۇلار كۆپنى كۆرگەن،  كۆرگىنىدىنمۇ كۆپرەكنى ئويلىيالايدىغان بۇ مۇتەپەككۇرنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ ھەممە ئەزالىرىغا كېلىۋاتقان پۇرسەت ۋە خىرىسقا باتۇرلارچە يۈزلىنىپ،  ئۆز ئىقبالىنى تېپىشىغا تىلەكداشلىق قىلىپ ئېيتقان كۆڭۈل ئىزھارىدۇر.  ئالىمنىڭ بۇ سەمىمىي تىلەكلىرىنى قايتا ئەسلەش _ نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكىتىمىز بويىچە ياش قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئەخلاقىي،  مەنىۋى جەھەتتىن تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە،  ئەلۋەتتە.
    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ بىر ئۆمۈر مۇئەللىم بولغانلىقى ھەممىگە ئايان.  شۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ مۇئەللىملىك سۈپەت – ساپاسى ھەققىدە سەل تەپسىلىيرەك توختالدۇق.  تۆۋەندە بىز ئۇنىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرىنى قىسقىچە تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز.
    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرى ئالدى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن يەنى شېئىر ئىجادىيىتىدىن باشلانغان بولۇپ،  40 – يىللارنىڭ ئاخىرى،  50 – يىللارنىڭ بېشىدا ئۆزىنىڭ ياشلىق تەلپۈنۈشلىرىنى،  ھۆرلۈك،  ئازادلىققا تەشنا قەلبىنى شېئىري مىسرالىرىدا ئىزھار قىلغانىدى.  1956 – يىلى مەتبۇئاتتا ئاشكارە ئېلان قىلغان << ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 – ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى >> ناملىق ئىلمىي ماقالىسى 23 ياشلىق بۇ ئىلىم ساھىبىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ساھىلىگە تاشلىغان تۇنجى قەدىمى،  مىللىي مەدەنىيەت تەتقىقاتىدىكى تۇنجى مېۋىسى ھېسابلىنىدۇ.  شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ ئۆزىنىڭ ئالاھەزەل 40 يىللىق ئىلمىي ھاياتىدا ئالدى – كەينى بولۇپ،  << شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا – ئۇسسۇل سەنئىتى >>،  << ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى < ئون ئىككى مۇقام > ھەققىدە >>،  << ئۇمۇمىي ئېستېتىكا >>،  << فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى >>،  << قاتلاملىق ئېستېتىكا >>،  << غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى >>،  << ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى >>،  << قۇتادغۇبىلىك خەزىنىسى >>،  << ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى >>،  << يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت >>،  << ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى >>،  << قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا >>،  << ئائىلە >>،  << سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى >>،  << چوغلۇق >>،  << رۇبائىيات >>،  << قارلىق تاغ شەجەرىسى >>،  << ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھېكمەتلىرى >> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يورۇقلۇققا چىقاردى.  137 پارچە ئىلمىي ماقالىسى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ژۇرناللاردا ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە،  ياپون،  ئېنگلىز ۋە ئۆزبېك تىللىرىدا ئېلان قىلىندى.  ئۇنىڭدىن باشقا،  يەنە 10 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالىسى ۋە مەخسۇس ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنىشنى،  ئېلان قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا،  بىر مۇنچە قوليازمىلىرى ئورگىنال ھالەتتە ئۆيدە ساقلانماقتا.  ئۇنىڭ پەننى ئۇمۇملاشتۇرۇشقا ئائصت، تونۇشتۇرۇش خاراكتېرلىك 44 پارچە ماقالىسى ھەر خىل گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان بولۇپ،  نەشىر قىلىنغان ئېلان قىلىنغان تەرجىمە ئەسەرلىرىمۇ ( بۇنىڭدا ئەدەبىي تەرجىمىلەرمۇ،  ئىلمىي ئەسەر ۋە ماقالىلەرنىڭ تەرجىمىلىرىمۇ بار ) ئاز ئەمەس.  ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن يەنە توشقان ئەدىب بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ھەر خىل ژانېردىكى نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يازغان.  بۇلار توققۇز پارچە شېئىر ۋە غەزەللەر توپلىمى،  ئىككى پارچە نەسىرلەر توپلىمى،  ئىككى پارچە كىنو سىنارىيىسى،  ئىككى پارچە ئەسلىمە،  بىر پارچە رومان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،  ئۇلارنىڭ بىر قىسمى نەشىر قىلىندى،  يەنە بىر قىسمى قوليازما ھالەتتە ساقلانماقتا.  ئۇنىڭ پۈتۈن ئىجادىي ئەمگەكلىرىنىڭ ئىچىدە ئىلمىي تەتقىقات ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ،  تېما دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ،  رەڭدار،  نۇرغۇن پەنلەرگە چېتىلىدۇ،  نۇرغۇن ساھەلەرگە تۇتىشىدۇ.  لېكىن ئەستايىدىل كۆزەتسەك دەرھال قارىماققا چېچىلاڭغۇ،  تارقاقتەك كۆرۈنگەن بۇ ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ بىر نۇقتىنى مەركەز قىلغانلىقىنى بايقايمىز،  ئۇبولسىمۇ _ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتىدۇر.  ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى ئىلمىي ماقالىسىدىن تارتىپ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشقان ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىنى ئاساسىي ياقتىن مەقسەتلىك ھالدا تەتقىقاتنىڭ مانا شۇ چوڭ تېمىسىغا بېغىشلىغان.  ئەلۋەتتە،  ئۇنىڭ ماركسىزم،  لېنىنىزم،  پەلسەپە،  ئېستېتىكا قاتارلىق پەنلەردىكى نەتىجىلىرىمۇ ئاز ئەمەس.  قىممەتلىك يېرى شۇكى،  ئۇ بۇ جەھەتلەردىكى تەتقىقات ئاساسىنى،  تەجرىبىلىرىنى،  جۇغلانمىسىنى،  تەتقىقات ئۇسۇلىنى مەدەنىيەت تەتقىقاتىغا ئېلىپ كىرگەن.  ئۇ مەدەنىيەتنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى قاتلاملىرىدىكى تارىخ،  تىل – ئەدەبىيات،  سەنئەت،  فولكلور،  دىن،  ئېتىقاد،  ئارخېلوگىيە،  ئېكولوگىيە قاتارلىق كۆپ خىل تەركىبلىرىنى باشتىن – ئاياغ ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق كۆز قاراش ھەم ئۇسۇل بىلەن كۆزىتىپ،  ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن،  ئۇ قولىغا ئالغان ھەر بىر كونكرېت تەتقىقات تېمىسىنى تارىخشۇناسلىق،  ئەدەبىياتشۇناسلىق،  مەدەنىيەتشۇناسلىق قاتارلىق كۆپ خىل پەنلەرنىڭ كېسىشكەن نۇقتىسىغا قويۇپ تۇرۇپ،  سوغۇققانلىق بىلەن تەپەككۇر قىلغان،  تەتقىقاتنىڭ ئاددىي،  تۈز،  يۈزە بولۇشىدىن ساقلىنىپ،  چوڭقۇرلۇقنى،  ئىلمىيلىكنى،  چىنلىقنى كۆزلىگەن.  شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن،  ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ سۈپەت – ساپاسى،  يەتكەن سەۋىيىسى ئۆز مىللىتى ئىچىدىكى زامانداشلىرىنىڭكىدىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ.  بىز ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ،  ھەر خىل شەكىلدىكى ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنىڭ سۈپەت – ساپاسى،  قىممىتى ھەققىدە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مەخسۇس توختىلىش زۆرۈر،  دەپ قارايمىز ( بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلەرنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمىز ).
    يۇقىرىدا بىز ئالىمنىڭ ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى ساناپ ئۆتكەن ئىدۇق.  بۇ مىقدار سىتاتىستىكىسىنىڭ بىزنىڭ قايىللىقىمىزنى،  ھۆرمىتىمىزنى قوزغىشى تەبىئىي.  چۈنكى ئاكادېمىيىلەرنىڭ،  تەتقىقات ئۇرۇنلىرىنىڭ مەخسۇس تەتقىقاتچى خادىملىرى ئۈچۈن،  ئىلمىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان زىيالىيلار ( قەلەم ئىگىلىرى ) ئۈچۈن،  تەرجىمان ۋە ئەدىبلەر ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ،  پۈتۈن ئۆمرىنى،  بارلىق ئەقىل – پاراسەت،  زېھىن كۈچىنى بېغىشلاپمۇ ھۆددىسىدىن چىققىلى بولمايدىغان ياكى خېلى تەستە ئۇرۇندايدىغان بۇ ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى ئۇقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى ھەق دادىغا يەتكۈزۈپ كەلگەن بىر مۇئەللىم قولغا كەلتۈرگەن تۇرسا،  بىز ئۇنىڭغا قايىل بولمايمىزمۇ ؟ بىز ئۇنىڭ غايە يولىدا ئاخىرقى نەپىسىگىچە ئىزدىنىدىغان،  تىرىشىدىغان قەيسەرلىكىگە،  بىلىمگە ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلايدىغان پىداكارلىقىغا،  كەمدىن – كەم ئۇچرايدىغان ئىشچانلىقىغا ھۆرمەت ئەيلىمەيمىزمۇ ؟
    نۇرغۇن رىيازەت چەككەن بۇ ئالىم ۋەتەن ئاسمىنىنى بىر مەھەل قاپلىغان قارا بۇلۇتلار قوغلىنىپ،  ئىلىم – پەننىڭ باھارى يېتىپ كەلگەن پۇرسەتلىك چاغلارنى تۇتىيا بىلىپ ئىشلىدى.  ئۇنىڭ قەلىمى بىرەر كۈنمۇ،  ھەتتا ئاغرىق چاغلىرىدىمۇ توختاپ قالغىنى يوق.  بالنېستتا ياتقان چاغلىرىدا،  ھەتتا ئوپېراتسىيىدىن چىقىپ ناركوزنىڭ كۈچى كېتەر – كەتمەيلا ئىشلەشنى باشلىۋەتكەنلىرى دوختۇرلارنى خاپا قىلغان ۋە تەسىرلەندۈرگەن ئىدى.  ئۇنىڭ ئۇچۈن ئىشلەش ۋە ئىجادىيەت ھۇزۇر ئىدى،  دەم ئېلىش ئىدى،  باشقىلاردەك ئۆزىنى تاشلىۋېتىپ دەم ئالىدىغان ئىش ئۇنىڭدا يوق ئىدى.  شۇنىڭ ئۈچۈن،  ئۇ نۇرغۇن چاي،  بەزمىلەرگە،  توي – تۆكۈن،  زىياپەتلەرگە بارالمىدى،  ئامالسىزلىقتىن بارسىمۇ بىر كۈنلۈك ئىشىنىڭ توختاپ قالغانلىقىدىن بىئارام بولۇپ،  ئېچىلىپ ئولتۇرالمايتتى،  دوست – ئاغىنە،  خىزمەتداش،  ئەل – جامائاتنى كۆپ يوقلىيالمايتتى.  ئەينى ۋاقىتتا ئالىمنىڭ << ئادەمگەرچىلىكى >>نىڭ سۇسلىقىدىن رەنجىگەن،  بۇنى قوبۇل قىلالمىغان بۇرادەرلىرىنىڭ ئەمدىلىكتە ئالىمنىڭ ھاياتىدا نېمە ئىش قىلغانلىقىنى ھەقىقىي مەنىدە چۈشەنسە باشقىچە تەسىراتقا كېلىدىغانلىقى چوقۇم.  بىزدە ئىش ئۈستىدە قازا قىلىدىغانلار يوق ئەمەس.  لېكىن ئالىمغا ئوخشاش يېزىۋېتىپ،  ئىشلەۋېتىپ،  قولىدا قەلەم تۇتۇپ تۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىش ئاز ئۇچرىسا كېرەك.  بىر ئۇقۇتقۇچى ئۈچۈن،  بىر تەتقىقاتچى ئۈچۈن ئاز ئىشىغا مۇشۇ دەرىجىدە بېرىلگەننى قەھرىمانلىق،  پىداكارلىق،  دەپ سۈپەتلىسەك ئاشۇرۇۋەتكەن بولماسمىز ؟
    1996 – يىلى يېزىلغان << غايە – ئىزدىنىش – مۇۋەپپەقىيەت >> ناملىق ماقالە ئالىمنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىنى خېلى تولۇق تونۇشتۇرغان ئىدى.  ئۇنىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ بۆسۈش خاراكتېرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ،  ئۆز ساھەسىدىكى بەلگىلىك بوشلۇقلارنى تولدۇرغانلىقىنى،  نۇرغۇن يېشىلمىگەن تۈگۈنلەرنى يېشىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ،  شۇ ساھەلەردىكى تەتقىقاتنى بىر بالداق كۆتۈرگەنلىكىنى مۇھاكىمىلىق بايان قىلغانىدى.  بىز بۇلارنى قايتا تەكرارلاپ ئولتۇرمايمىز.  لېكىن ئالىمنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە يازغان بەزى مۇھىم ئەسەرلىرى،  ماقالىلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتمەكچىمىز.
    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدىن باشلاپ << روھنى ساغلاملاشتۇرۇش _ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى >>،  << ھەسەتخورلۇق ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار >>،  << مىللەتنىڭ ئۆز – ئۆزىنى بىلىشى ۋە سوتسىيالستىك مەدەنىيەت ئۈچ بۇرجىكى >>،  << كەلگۈسى بۇ يەردىن باشلىنىدۇ >>،  << يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت >>،  << يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت >>،  << يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش >>،  << ئارىفنامە >> قاتارلىق بىر يۈرۈش ماقالىلەرنى ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلدى.  بۇ خىل ماقالىلەرنىڭ دۇنيا كېلىشى ئالىمنىڭ تەتقىقاتتا رېئال مەسىلىلەرگە،  ئەمەلىي مەسىلىلەرگە تېخىمۇ كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
    1992 – يىلى سېنتەبىردە ئۈرۈمچىدە خەلقئارا يەرمەنكىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكى،  ياۋروپا – ئاسىيا قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنىڭ پۈتكەنلىكى قاتارلىق خەلقئارادىكى ۋە ئېلىمىزدىكى چوڭ ئىشلار ئالىمنىڭ پىكىرلىرىنى قاناتلاندۇردى.  ئۇنىڭ تەپەككۇرى جاھان مەدەنىيەت تارىخىدىكى شانلىق نامايەندە _ يىپەك يولىنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنىگە مەركەزلەشتى،  ئۇ ئەجدادلاردىن قالغان ھېكمەتلەر ئىچىگە شۇڭغۇدى،  يېڭى تاڭدىن دېرەك بېرىۋاتقان پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەتلەر ئالىمىگە پەرۋاز قىلدى.
    << ھەئە،  شۇنداق ! نەچچە ئەسىر < ئاسھا بولكەھف >دەك ئۇخلىغان < يىپەك يولى > روھى ئويغاندى.  مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى ياۋروپا – ئاسىيا بوشلۇقىدا جەۋلان قىلغان < يىپەك يولى > سۇمرۇغى قايتا قانات قاقتى.  تارىخ ئۆزىنىڭ ئۈئۈچىنچى ئېراسىغا قەدەم قويدى ! >> دەپ يازدى.  ئالىم شادلىقتىن تەنتەنە قىلىپ،  << جۇڭگونىڭ ئىشىكنى سىرتقا چوڭ ئېچىۋېتىش،  غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئالاقىنى تەخىرسىز يولغا قويۇش سىياسىتىگە ئۇل سالغان ھازىرقى زامان ئېڭى شەرق – غەرب ئالاقىلىرىنىڭ يىپەك يولى ئوتتۇرا ئۆتكىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇز قاتلىمىنى ئېرىتىۋەتتى.  زامانۋى تاشيول،  ياۋروپا – ئاسىيا ئىككىنچى تۆمۈر يولىنىڭ پائالىيەتكە كىرىشى،  ھاۋا قاتنىشى كېلىشىملىرى بىلەن تېلېگراف – تېلېكس ئالاقىلىرىنىڭ قايتا جانلىنىشى،  قۇم بارخانلىرى ئىچىگە غەرق بولغان قەدىمكى يىپەك يولى خارابىلىرى ئۈستىدە يېڭى يىپەك يولىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى نامايان قىلدى ! ئالەم زۆرۈرىيەتلىرى شۇنى تەقەززا قىلىدۇكى،  بۇ ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس تارىخىي يۈزلىنىشنى توختىتىش مۇمكىن ئەمەس ! >>.  ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ سۇمرۇغ كەبىي قانات قاققانلىقىدىن شادلانغان ئالىم ئىنسانىيەتنىڭ،  جۈملىدىن ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ھاياتىدا،  تۇرمۇشىدا يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار پۇرسەتلەرنى،  رىقابەتلەرنى،  ئۆزگىرىشلەرنى ئالدىن كۆرىدۇ،  مىللەتتە يېڭى باشلىنىۋاتقان ئېراغا كىرىشتىكى روھىي تەييارلىقنىڭ زۆرۈرلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ،  خەلقىمىز ئۆز تارىخىدا ياراتقان پارلاق مەدەنىيىتىنى بىلىشى كېرەك،  بۇنىڭدىن پەخىرلىنىشى لازىم،  دەپ قارايدۇ،  شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ تىندۇرمىسىدا،  جۇغلانمىسىدا << ماي قۇرتتەك >> لۆمۈلدەپ يۈرگەن ئىللەتلەرنىمۇ كۆرۈشى،  تونۇشى ۋە ئۇنى تازىلىشى كېرەك،  دەپ كۆرسىتىدۇ.
    << قەدىرلىك قېرىندىشىم ! بىز < يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت > بىلەن < يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت >نى بىرلەشتۈرۈپ،  ئالدىنقىسىنىڭ ئپتىخارى ئىلھامىدا كېيىنكىسىنىڭ نومۇس ئىللىتىنى سۆكۈشىمىز،  تازىلىشىمىز لازىم،  ھەقىقىي < ئارىفلىق > ( ئويغانغانلىق ) ھەقىقىي < ئاشىقلىق > ( كۆيگەنلىك )تۇر ! >>
    ھۆرمەتلىك ئۇقۇرمەن ! سىز كۈچلۈك مۇھەببەتتىن تۇغۇلغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە ئەندىكىش ھېسسىياتىغا چۆمگەن بۇ ئەسەرلەرنى ئۇقۇغانمۇ ؟ ئەگەر ئۇقۇمىغان بولسىڭىز ئۇقۇڭ،  ئۇقۇغان بولسىڭىز قايتا ئۇقۇڭ.  چۈنكى بۇلار ئالىمنىڭ مۇتەپەككۇرانە تەپەككۇرلىرىنىڭ جەۋھەرلىرى،  خەلقىگە بولغان مۇھەببەتلىك كۆڭلىنىڭ سەمىمىي ئىزھارىدۇر.  بۇلارنى ئانچىكىم بىر پارچە ماقالىغۇ،  دەپلا تاشلاپ قويساق بولمايدۇ.  بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەر بىر قۇر،  ھەر بىر سۆز ۋە جۈملىسىگە يوشۇرۇنغان مەنىنى،  مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا ۋە كېلەچىكىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ،  ئايلىنىپ كۆرۈشىمىز تولىمۇ زۆرۈر.  بىز ئۆزىمىزگە،  ئەتراپىمىزغا زەن سېلىپ باقايلى،  ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئالىم قىياس قىلغان ئىشلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىزغۇ ! كۈچلۈك رىقابەت ۋە رەھىمسىز شاللاش بىزگە يېڭىلىق ئەمەس بولۇپ قالدى.  ئالىم 80 – يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا مىللەتگە ھەر جەھەتتىن ئېتىبار قىلىش ياخشى سىياسەت،  لېكىن بىز ئېتىبارغا يۆلىنىۋالساق ئىشىمىز چاتاق،  ھورۇنلىشىپ كېتىۋاتىمىز،  شاللىنىپ كېتىمىز،  مىللەتنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ،  دېگەن ئىدى.  ئەندىكىش بىلەن ئېيتىلغان بۇسۆزلەر ئەينى چاغدا قۇلاققا خۇشياقمىغانىدى.  مانا ھازىر ئالىي مەكتەپلەرگە ئۇقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئېتىبار سىياسىتى يىلسېرى تەڭشىلىۋاتىدۇ.  ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى،  بازار ئىگىلىكىنىڭ ئۇمۇمىيۈزلىك يولغا قويۇلۇشى،  بىزگە پۇرسەتنىمۇ،  خىرىسنىمۇ تەڭلا ئېلىپ كەلدى،  مىللەتنىڭ ساپاسى ھەققىدە جىددى ئويلانمىساق بولمايدىغان يېرىگە كېلىپ قالدۇق.  مانا شۇ تاپتا بىز ئالمىنى تېخىمۇ چوڭقۇر سېغىنىمىز.  ئۇنىڭدىن سورايدىغان سوئاللىرىمىز،  مەسىلىلىرىمىز بار ئىدى.  ئېھ،  قەدىرلىك ئۇستاز ! سىزنىڭ قەدرىڭىز خېلى ئۆتۈلىدىغان ئوخشايدۇ.
    ئالىم ۋاپات بولغىلى 10 يىل بولاي دەپ قالدى.  راستىنى ئېيتقاندا،  نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى مۇشۇ 10 يىلدىن بېرى تەدرىجىي تونۇدى،  بارغانسېرى چۈشەندى.  ئۇنى ئىلگىرىمۇ تونۇيدىغانلار تېخىمۇ چوڭقۇرراق ۋە تېخىمۇ دۇرۇسراق تونۇدى.  بىزنىڭ تونۇشىمىزدىكى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا،  ھەقىقىي مەنىدىكى بىر ئالىم،  زامانىمىزدا ئىلىم – پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە كۆتۈرۈلەلىگەن ئۇيغۇر ئالىمى.  بىراق ئۇ ئەۋلىيا ئەمەس،  يەنىلا بىر ئىنسان،  يەنى ئىنسانغا خاس روھ ۋە پەزىلەتلەرگە ئىگە،  شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنسانغا خاس چەكلىمىلىك ۋە سەۋەنلىكلەردىن خالىي ئەمەس ئاددىي بىر ئىنسان.  بىز بۇ ئون يىلدا ئىنساننى ئىنسانىي تارازىغا سېلىپ باھالاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى،  پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا بىزدىكى ئىجادكارلارنىڭ قىممىتى بىلەن قىسمىتىنىڭ ئوڭ تاناسىپ بولالايدىغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۇق.  خەلقىمىزنىڭ ئىلىم مەيدانىدىكى بۇ تالانتلىق ۋە ھارماس تۇلپارىنى ئۇلۇغلىغانلىقى ئۇنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشەنگەنلىكىدۇر.  دېمەك،  خەلقىمىزدە ئۆز باتۇرلىرىنى تونۇيالىغۇدەك يۈرەك بار،  كۆرەلىگۈدەك ئەقىل كۆزى بار.
    بۇ 10 يىلدا مەرھۇمنىڭ ئورگىنال ھالەتتە قالغان نۇرغۇن ئەسەرلىرى نەشىر قىلىندى.  بۇنى ئەلۋەتتە ھۆكۈمىتىمىز ۋە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ يارىتىپ بەرگەن ئىمكانىيەتلىرىدىن،  مەرھۇمنىڭ سەپداش،  شاگىرىتلىرىنىڭ قىلغان ياردەملىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ،  بولۇپمۇ بۇ جەھەتتە رەنا ئاپپاي ( مەرھۇمنىڭ رەپىقىسى )نىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.
    رەنا ئاپپاينىڭ مەرھۇمنىڭ قەدىنىسىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلغانلىقى _ ئەڭ ياخشى ئەسلەش ۋە سېغىنىش،  شۇنداقلا ئۇنىڭ خەلقىگە قىلغان خىزمىتىدۇر.  بولۇپمۇ مەرھۇمنىڭ پۈتكۈل ئەسەرلىرىنى مەكتەپكە تەقدىم قىلغانلىقى _ مەرھۇمنىڭ چىرىقىنى ئەڭ ياخشى ياندۇرغانلىقىدۇر.
    كىتابلارنى ئىشكابلاردا ساقلاۋەرمەي،  ئۇلارنى ئۇقۇپ ئۆگىنىدىغانلارغا،  كىتابنى سۆيىدىغان – ئەتىۋارلايدىغانلارغا بېرىش،  ھازىرقى ئۇقۇغۇچى،  ئەمما ئەتىكى ئىز باسار ئالىملارغا تۇتقۇزۇش _ بۇ بەكمۇ ئاقىلانىلىق ۋە كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان توغرا تاللاش.  بولۇپمۇ مەنپەئەتدارلىق تۇيغۇسى ئۆرلەپ،  ئىقتىسادىي ھېسابات كۈچىيىپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كىتابلارغا سېلىنغان دەسمايە ۋە كېلىشى مۇمكىن بولغان دارامەت ئېھتىمالدىن ھالقىپ كېتىشى ئاسان ئەمەس.  قىسقىسى،  بۇمۇ بىر باتۇرلۇق.  مەن بۇ باتۇرلۇققا ئاپىرىن ئېيتىمەن.
    بىزنىڭ ئىشلىرىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنگە ئوخشاش تۆھپىكارلارغا مۇھتاج.  يەنە شۇنىڭدەك ۋارىسلىق قىلىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىدىغان رەنا ئاپپايغا ئوخشاش پىداكارلارغىمۇ مۇھتاج.

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-25 22:56:05]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.