بىزگە قايسى خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار كېرك؟

يوللىغۇچى : bextiyar يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-31 20:38:46

بىزگە قايسى خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار كېرك؟ئارزۇ تولدۇرۇش ۋە كەسىپ تاللاش بولسا ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى بېرىپ بولغاندىن كېيىنلا يولىقىدىغان بىر مەسىلە. ئەگەر سىز ئىمتىھان...

     

    بىزگە قايسى خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار كېرك؟

     

     

    ئارزۇ تولدۇرۇش ۋە كەسىپ تاللاش بولسا ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى بېرىپ بولغاندىن كېيىنلا يولىقىدىغان بىر مەسىلە. ئەگەر سىز ئىمتىھاننى ياخشى بەرگەن بولسىڭىز بۇ بىر ناھايىتى ئاددى ئىش. يەنى ئۆزىڭىز ئۇزاقتىن بۇيان كۆڭلىڭىزگە پۈكۈپ كېلىۋاتقان ئالىي مەكتەپنى ۋە ئۆزىڭىز قىززىقىدىغان كەسىپنى تولدۇرسىڭىزلا كۇپايە. پەقەت تىرىشىپ ئۆگەنگەن ، ئىمتىھاننى ياخشى بەرگەن بولسىڭىزلا چاقىرىق كېلىۋېرىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھەقىقەتەن جۇڭگودىكى ئەڭ ئادىل ئىمتىھان. سۇئال تەكشۈرۈشمۇ ئىنتايىن ئادىل، توغرا يازغان بولسىڭىز توغرا قىلىدۇ، خاتا يازغان بولسىڭىز خاتا قىلىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن ئۆلچەملىك جاۋاب كېلىدۇ. شۇ چاغدا جاۋابلىرىڭىزنى سېلىشتۇرسىڭىزلا قانچە نۇمۇر ئالالايدىغىنىڭىزنى ئاساسەن بىلەلەيسىز.

    بىراق ھەممىلا ئادەمنىڭ ئىمتىھاننى ئۇ دەرىجىدە ياخشى بېرەلىشى ناتايىن. ناۋادا سىز ئىمتىھاننى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بېرەلمىگەن بولسىڭىز يەنىلا ئەنسىرشىڭىزنىڭ لازىمى يوق. چۈنكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى بېرىپ بولدىڭىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە قايسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش- قەتئىي ئوقۇش ئىرادىسى بار ئادەمگە نىسبەتەن بەرىبىر. ئەگەر سىز ئاشۇنداق ئادەم بولسىڭىز مەيلى چىڭخۇا ئۇنۋېرستىتىدا ئوقۇڭ مەيلى شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىدا ئوقۇڭ بەرىبىر دەۋىرداشلىرىڭىز ئالدىدا ئۈزۈپ چىقالايسىز. شۇڭا ئىمتىھان نەتىنجىڭىز كۆڭۈلدىكىدەك چىقمىسىمۇ ئانچە ئۈمۈدسىزلىنىپ كەتمەڭ!ھەرقانداق ئادەمنى ھامان بىر تەغدىر كۈتۈپ تۇرىدۇ.

    مەن ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن بالىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرىشىدا نۇرغۇن مەسىلىلەر بارلىقىنى ھېس قىلدىم. بەزى بالىلار تەبىئى پەندە ئوقۇپ تۇرۇپ ئىجتىمائىي پەن كەسىپلىرىنى تاللاپتۇ. بەزىلىرى ئۆزى قىززىقمىغان باشقىلارنىڭ« كەلگۈسىدە خىزمەت تېپىش ئاسان كەسىپ »دېگەن گەپلىرى بويچىلا قىززىقمايدىغان كەسىپلەرنىمۇ تاللاپتۇ. يەنە بەزىلىرى بولسا ئاتا-ئانىسىنىڭ زورى بويچە ئۆزى خالىمىغان كەسىپلەرنى تاللاپتۇ. يەنە بەزىلىرى شەھەرنى دەپلا كەسىپلىرى كام ھەم ياخشى ئەمەس ئالىي مەكتەپلەرنى تاللاپتۇ. . . ئومۇمەن ئۆز ئارزۇسى ۋە ئۆز قىززىقىشى بويچە ئارزۇ تولدۇرغانلار بەك ئاز سالماقنى ئىگلەيدىكەن.

      ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ سىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشىڭىزنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئاياغلاشتى. بۇ 12 يىلدا سىز ئەڭ ياخشى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىۋېلىشنى مەقسەد قىلىپ ئۆگىنىش قىلغان بولسىڭىز ئەمدى ھازىردىن باشلاپ جان بېقىش ۋە باشقا ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەد قىلىپ ئۆگىنىش قىلىسىز. سىزنىڭ بۇ ئارزۇ ئارمانلىرىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىش-ئاشماسلىقى سىز كەلگۈسىدە شۇغۇنلىندىغان كەسىپتە قانچىلىك نەتىجە قازىنالىغانلىقىڭىز ئارقىلىق بەلگىلىندۇ. سىزنىڭ كەسىپتە نەتىنجە قازىنىش ياكى قازىنالماسلىقىڭىز سىزنىڭ شۇ كەسپىڭىزنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىڭىز، كەسپىڭىزگە قانچىلىك قىززىقىدىغانلىقىڭىز، ئالىي مەكتەپتە كەسپىڭىزنى قانچىلىك دەرىجىدە ئىگەنلىگەنلىكىڭىز ئارقىلىق بەلگىلىندۇ. ئالىي مەكتەپتە تاللىغان كەسپىڭىز سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىڭىزغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا كەسىپ تاللاشتا يۇقارقىدەك ئۇسۇللارنى قوللانسىڭىز ئۆز ھاياتىڭىز بىلەن ئېتىشقان بۇلۇپ قالىسىز. ئارزۇ تولدۇرۇش سىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھاياتىڭزنى بەلگىلەپ قويىدۇ. شۇڭا بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىڭلار لازىم.

    ئەگەر قىززىقىش بولمىسا ھىچقانداق كەسىپنى ياخشى ئىگىلىيەلمەيسىز. قىززىقمايدىغان نەرسىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن سىز باشقىلارغا باققاندا تېخىمۇ كۆپ جاپالارنى چېكىشىڭىز، ئورۇنسىز قىيىنچىلىقلارنى تارتىشىڭىز، تىرىشچانلىقىڭىزغا چۇشلۇق نەتىنجە قازىنالمسلىقلارغا كۆنەلىشىڭىز، تۇرمىشىڭىزنى غەم-قايغۇ بىلەن ئۆتكۈزىشكە كۆنۈپ كېتىشىڭىز، دائىم ئىچىڭىز ئاچچىق يۈرگەچكە مىجەزىڭىزنىڭ ئۆزگىرىپ دوستلىرىڭىزنىڭ ئازلاپ كېتىشىگە چىدىشىڭىز، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ جەمىئەتنىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلىشىڭىز، شۇنچە جاپالارنى تارتقانغا چۇشلۇق كەلگۈسىدە تۈزۈك خىزمەتمۇ تاپالمىغاندا يەيدىغان پۇشايمانغا ئالدىنئالا تەييارلىق قىلىپ قويىشىڭىز كېرەك!شۇڭا سىزگە كەسىپ تاللاشتا بېرىدىغان بىرىنچى مەسلىھەتىم ئېزىپ-تېزىپ ھەرگىز قىززىقمايدىغان كەسىپنى تاللاپ سالماڭ!قىززىقمىغان كەسىپنى تاللاپ ئۆمرىڭىزنى ئىسراپ قىلغاندىن كۆرە مەكتەپتە ئوقۇماي باشقا ئىش قىلغان ئەۋزەل!ئەگەر ئاتا-ئاناڭلار سىلەرنى بىرەر قىززىقمايدىغان كەسىپنى تاللاشقا زورلىسا ئۇلارغا يۇقارقىلارنى چۈشەندۈرۈڭلار!ھېچقانداق ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسىنى ۋەيران قىلمايدۇ، ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئازابلارغا ئۇچىرشىنى كۆرۇشنى خالىمايدۇ!

    ناۋادا سىز ئۆزىڭىز قىززىقىدىغان كەسىپنى تاللىسىڭىز ئەھۋال باشقىچە بولىدۇ!ئازراقلا ئۆگىنىش قىلسىڭىز ھەسسىلەپ ئۈنۈم ھاسىل قىلالايسىز. ھېچقانداق قىيىنچىلىق ھېس قىلمايسىز. قانچە ئۆگەنگەنسىرى يەنە شۇنچە ئۆگەنگىڭىز كېلىدۇ، كەسپىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارادا پەيدا بولغان يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن نۇرغۇن چەتئەل تىللىرىنىمۇ ئۆگىنىپ كېتىسىز. ئېرىشكەن مۇۋەپپىيەتلىرىڭىز بىلەن تۇرمۇشىڭىز تېخىمۇ رەڭگارەڭلىشىپ دوستلىرىڭىزمۇ كۆپىيىپ كۈنلىرىڭىز بەخىت ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئاتا-ئانىلىرىڭىزمۇ ئېرىشكەنلىرىڭىزدىن پەخىرلىنىدۇ. كەلگۈسىدە كەسپىڭىزدە ئاجايىپ ئۇتۇقلارغا ئېرىشەلەيسىز. بىز ھازىرغىچە بىلىدىغان مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزى قىززىقىدىغان كەسىپلەرنى تاللاپ شۇ خىل كەسىپلەر بىلەن ئۇتۇققا قازانغانلاردۇر. ھېچكىممۇ باشقىلارنىڭ زورلىشى بىلەن ئۆزى قىززىقمايدىغان كەسىپ بىلەن زورمۇزور شۇغۇنلىنىپ تۇرۇپ ئۇتتۇققا قازانغان ئەمەس!چۈنكى قىززىقىش سىزنىڭ پوزىتسىيەرىڭىزنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىل. پوزىتسىيە بولسا ھەممىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا چوقۇم ئۆزىڭىز قىززىقىدىغان كەسىپنى تاللاڭ!ئەمدى سىلەرگە بېرىدىغان بىر مەسلىھەتىم سىزگە تەبئىي پەنگە نىسبەتەن ئازراقلا قىززىقىش بولسا چوقۇم تەبئىي پەننى تاللاڭ!

    بىر مىللەتنىڭ ياكى بىر رايۇننىڭ تەرەققىي قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى شۇ مىللەتنىڭ ئېغىر سانائىتىنىڭ تەررەققىياتى بەلگىلەيدۇ. ئاكا-ئۇكا موسابايوفلارنىڭ زاۋۇتى يوقالغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بولغان 100 يىللار مابەينىدە بىز ئۇيغۇرلاردا ئېغىر سانائەت بولۇپ باقمىدى. بىز قاچانلىققا تەرەققىي قىلىمىز؟جاۋاب شۇكى بىزدىمۇ يەھۇدىلارغا ئوخشاش ئىلم-پەننى سۆيىدىغان ئادەت، ئۇلاردىكىدەك نۇرغۇن نوبىل مۇكاپىتىنىڭ ئېرىشكۈچىلىرى، ئۇلاردىكىدەك ئېغىر سانائەت ۋە تەبئىي پەن سانائەتلىرى، تەبئىي پەن ئالىملىرى بارلىققا كەلگەندىلا ئاندىن تەرەققى قىلالايمىز.  تەبىئىي پەن جاھاننىڭ نەرىدە بولسا شۇ جاي تەرەققىي قىلىدۇ. بۇ تارىختىن بۇيان ئىسپاتلانغان قانۇنىيەت. مەسىلەن 14-ئەسىردىن ئىلگىرى تەبئىي پەن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەڭ تەرەققىي قىلغان، زىمىنىمىز پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئىلىم-پەن مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان ئىدى. ئۆمەر ھەييام، ئىبىن سىنا، فارابى، ئۇلۇغبەگ، ئەل خارازىمى، بىرۇنى، جامالىدىن، تۇسى، ئەسلىدىن، پەھىردىن، سەدىردىن، ئەختەرىدىن. . . . قاتارلىق نۇرغۇن ئىجتىمائىي ۋە تەبئىي پەندە تەڭ يېتىشكەن ئاستىرنوم، ماتىماتىك، قۇرلۇش ئىنژىنېرلىرى. . . چىققان. ئەينى دەۋىردە ئوتتۇرا ئاسىيا دۇنيانىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان جايى ھېسابلانغان. كېيىنچە تەبئىي پەن ياۋرۇپادا تەرەققىي قىلدى. نىيۇتون، گالىلىي، برونو، پاسكال. . . قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە غەرىب دۇنياسى تىز تەرەققى قىلىپ دۇنيانى كونترول قىلالايدىغان كۈچكە ئىگە بولدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ غەرىب دۇنياسىدا ئىلگىرى كېيىن بۇلۇپ ۋات، ئېينىشتىيىن، ئىدىسون، فارادىي. . . قاتارلىق تەبىئي پەن ئالىملىرى بارلىققا كەلدى. تا ھازىرغىچە تەبئىي پەننىڭ كۈچى بىلەن غەرىب دۆلەتلىرى دۇنيانىڭ خوجىسى بۇلۇپ كەلمەكتە. گەرچە ئىجتىمائىي پەنمۇ ئىلىم-پەن ساھەسىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتسىمۇ، ئۇ جەمىئيەتكە تەبئىي پەندەك زور تەرەققىياتلارنى ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. ئالىمىمىز ئابدۈشكۈرمۇھەممەتئىمىن «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت» دېگەن ئەسىرىدە ئېچىنغان ھالدا ئۇلۇغبەگنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى 400 يىل مابەينىدە بىز ئۇيغۇرلاردىن تۆمۈرچىدىن ئارتۇق فىزىك، بوياقچىدىن ئارتۇق خىمىكلىرىمىز چىقىپ باقمىدى. بېكار كۈنلىرىمىز توخۇ سوقۇشتۇرۇپ، ئىت تالاشتۇرۇپ، . . مەسچىدلەردە ئۇزاقتىن-ئۇزاققا سوزۇلغان قىرائەتنى ئاڭلاشلار بىلەن ئۆتۈپ كەتتى. . . . . . . . . . . . . . . . . دېگەن. گەرچە ئۇلۇغبەگنىڭ ۋاپادىن كېيىنمۇ، ئەلشىر نەۋائىي، خاندەمىر، بابۇر، ئاماننىساخان، سەككاكى، زەلىلى، بىلال نازىمى. . . قاتارلىق شائىر، تارىخچىلىرىمىز چىققان بولسىمۇ، بىراق جەمىيتىمىز دۇنيانىڭ ئارقىسىدا قېلىۋەردى. چۈنكى تەبىئي پەن بىزدىن بەكمۇ يىراقلاپ كەتكەن ئىدى.

    مەنمۇ ئىلگىرى ئاشۇ ئەسەرنىڭ تەسىرىدىن تەبئىي پەننى تاللىغان ئىدىم. سىز ھازىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىسىز، سىزنىڭ ھازىرقى ئارزۇيىڭىز ھەرگىزمۇ بىر كىشلىك ئاددىي خىزمەت تېپىپ 20~30 يىل شۇ يەردە ئىشلەپ پىنسىيەگە چىقىپ كېتىش بولماسلىقى كېرەك!ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولدىڭىز دېگەنلىك ئىلىم-پەن ئارقىلىق يۇرتىڭىزنى تەرەققى قىلدۇرۇش يولىنى تاللىدىڭىز دېگەنلىك، يەنى شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ۋەزىپىسى سىزنىڭ زىممىڭىزگە يۈكلەندى دېگەنلىك. شۇڭا زىمىنىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە يۈكسەك نىشان تۇرغۇزىشىڭىز، چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇپ دۇنيادا پەيدا بۇلىۋاتقان ئەڭ يېڭى پەن تېخنىكىلارنى ئىگىلىشىڭىز. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا بولدى قىلماستىن كەسپىڭىزدە دوكتۇر، ئاسپىرانىت بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىڭىز، زىمىنىمزدا ئۆزىمىزنىڭ مىللىي سانائىتىنى بارلىققا كەلتۈرشىڭىز، نۇرغۇن پەن-تېخنىكا شىركەتلەرنى قۇرۇپ دېرىكتور بولۇپ ياشىشىڭىز!مىللىتىمىزنىڭ يۈكسەك ئەقىل-پاراسىتىنى دۇنياغا تونۇتىشىڭىز!باشقا مىللەتلەرنى باشقا رايۇنلارنى بىزگە مەسلىگى كېلىدىغان بىزدەك تەرەققىي قىلغۇسى كېلىدىغان قىلىشىڭىز كېرەك!زىممىڭىزدە مانا مۇشۇنداق زور ۋەزىپە بار!ھەمدە سىزدىمۇ بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلغۇدەك كۈچ-قۇدرەت بار!سىز تەبىئىي پەننى تاللىغاندا ئەتىراپىڭىزدا چوقۇم نۇرغۇن كىشىلەر سىزگە بۇ كەسىپنى تاللىماسلىقنى ، بۇ كەسىپنىڭ ناھايىتى تەسلىگىنى دېيىشىدۇ. بىلىپ يېتىڭكى بۇ تەكلىپ-پىكىرلەر سىزگە قىلىنغان ھاقارەتتۇر. تەسكەن دەپ قىيىنچىلىقتىن قېچىش ھەقىقەتەن بىر قورقۇنچاقلىق. ھەقىقەتەن زور بىر نومۇس. سىزدە قىيىنچىلىققا ئۆزىڭىزنى ئۇرۇپ تۇردىغان، قىيىنچىلققا يۇلۇققاندا مىيقىڭىزدا كۈلەلەيدىغان روھ ئىرادە بۇلۇش كېرەك!

    ئەگەر سىزدە تەبئىي پەنگە ئازراقلا قىززىقىش بولسا چوقۇم تەبئىي پەن ياكى سانائەت پەنلىرىنى تاللاڭ!ئەركىن سىدىق، شۆھرەت مۇتەللىپ قاتارلىق تەبئىي پەن ئالىملىرىمىز بىزگە تەبئىي پەن ئۆگىنەلىشىمىزنىڭ ئۈمۈد چىرىغىنى يېقىپ بەردى. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭە قۇرلىشى، بەدەن تۈزلىشلىرىمىز باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا خېلىلا تەرەققىي قىلغان، بىز باشقىلار ئۆگىنەلىگەن نەرسىنى چوقۇم ئۆگىنەلەيمىز.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.