دەۋا ئۈستىدىكى ئۇيغۇر خاراكتېرى(4)

يوللىغۇچى : Hatem يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-30 13:30:00

ئىقتىسادى ماجىرالار : راۋاج تاپمايدىغان مىللەت 4-ھىكايە: مۇئامىلىدىكى بىخۇدلۇقلار ئادەتتە ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەرنىڭ يۇم-يۇم يىغلاپ كەتكەن ھالىتى كەم ئۇچۇرايدۇ. بىراق ئالدىمدىكى بۇ كىشىنىڭ مەن...

                               ئىقتىسادى ماجىرالار : راۋاج تاپمايدىغان مىللەت

                                     4-ھىكايە:  مۇئامىلىدىكى بىخۇدلۇقلار

         ئادەتتە ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەرنىڭ يۇم-يۇم يىغلاپ كەتكەن ھالىتى كەم ئۇچۇرايدۇ. بىراق ئالدىمدىكى بۇ كىشىنىڭ مەن بار چاغدا ئۆزىنى باسالماي يىغلاپ كېتىشى ئۈچۈنچى قېتىم ئىدى. يۈرەكلىرىم سىقىرغاندەك بۇلۇپ، ئاچچىقتىن مۇسكۇللىرىم تارتىشىماقتا ئىدى.مەندىكى بۇ ئاچچىق بۇ كىشىنىڭ يىغلىشىغا سەۋەپ بۇلۋاتقان نامەلۇم بىر ئىنسانغىمۇ ھەم  ئۇشبۇ كىشىنىڭ ئۆزىگىمۇ قارىتىلغان ئىدى. بۇ ئاچچىققا يىغلاتقۇچىغا نىسبەتەن غەزەپلىنىش، يىغلۇغۇچىغا نىسبەتەن ئىچ ئاغىرتىش ئارلاشقان ئىدى. كۆڭلۈمدە بۇ كىشىنىڭ ئۇرۇنسىز سەۋەنلىگىگە ئۆكۈنۈش بىلەن  ئىچ ئاغىرىتساممۇ لېكىن ھاجىتىدىن چىقىش قۇلۇمدىن كەلمەيتى.

         - سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۇقۇق مەنپەتىمنىڭ بىر قىسىمىنىلا قوغداپ باشقا دەۋا تەلىۋىمنى رەت قىلغىنىنىغۇ بولدى ئەلەكمۇللا دەي، ھۆكۈمدە قوغدالغان قىسىمىمۇ ئەمىلىلەشمىسە بۇ قانداق جاھان بۇلۇپ كەتتى-ھە-دەيتى بۇ كىشى ئاھ ئۇرۇپ.

         - بۇ سوتنىڭ خاتالىغى ئەمەس دەپ نەچچە رەت ئېيىتتىمغۇ سىزگە- دىدىم مەن يەنە چۈشەندۈرۈپ-دەۋا تەلىۋىڭىزنىڭ رەت قىلىنغان قىسىمىدا سىزنىڭ ھىچقانداق دەلىل-ئىسپاتىڭىز يوق ئىكەن، بۇ ئەھۋالدا سوت دەۋا تەلىۋىڭىزنى قوللاپ بىرىشكە ئامالسىز. سوت مەھكىمىسى قوللاپ ھۈكۈم قىلغان قىسىمىدا بولسا جاۋاپكارنىڭ ئىجىرا قىلغۇدەك مال-مۈلكى يەنى ئىجىرا قىلىش ئىقتىدارى يوق ئىكەن . بۇ ھالەتتە  ھۈكۈمنى ئەمىلىلەشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس...شۇڭا....

        - ھەممىسى ئۆزەمنىڭ دۆتلىگىم، بىخۇدلىغىمنىڭ كاساپىتى....نەچچە ئون يىللاپ يىمەي ئىچمەي پۇل توپلاپ ئىشنى جايىدا قىلالمىغاندىكىن بۇمۇ ئاز ماڭا...

            ئۇ كىشى پۇشايماندا ئۆرتەنمەكتە ئىدى....

            بۇياق كىچىگىمدىن تارتىپلا ماڭا تۇنۇشلۇق بۇلۇپ  80-يىللاردىن باشلاپ باققالچىلىق تىجارىتىدىن جاپا مۇشەققەت بىلەن قەدەممۇ قەدەم راۋاجلىنىپ، تىرىپ- تېجەپ دىگۈدەك پۇل تاپقان ھەم مۇناسىپ يۈزمۇ تاپقان ئىدى. بۇ كىشىنىڭ يەنچۈغىدىكى ھەر بىر پۇڭ پۇلنى تىرىشچانلىق ۋە تېجەشلىك تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكنىڭ نەتىنجىسى دىيىشكە بولاتتى. كىشلەر ئۇنىڭ پۇل تېپىش تارىخنى تەرىپلەپ ‹پۇكۇنچىنىڭ يانچۇغۇدىكى پۇل يۈزدە يۈز ھالال› دىيىشەتتى.

         بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ كىشى نۇرغۇن پۇل خەجلەپ شەھەر ئىچىدىكى ئوبدانلا جايدىن تىجارەت ئورنى سېلىشقا باپ كېلىدىغان بىر بۆلەك يەرنىڭ پايدىلىنىش ھۇقۇقىنى سېتۋالغان بۇلۇپ قەۋەتلىك بىنا سېلىشقا تەرەددۇت قىلغان . شۇ ئاردا بىرەيلەننىڭ تەۋىسيە قىلىشى بىلەن بىر قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان. قارىماققا سەمىمى يۇۋاش كۈرۈنىدىغان بۇ قۇرۇلۇش ھۆددىگىرىنىڭ مۇئامىلىسى ۋە نەدىندۇر تېپىپ كەلگەن قۇرۇلۇش لايھىسىنىڭ ياراپ قېلىشى بىلەن ئۇ قۇرۇلۇش ئىشىنى ئەشۇ لايھە بويىچە بۇ ھۆددىگەرگە ھۆددە بەرگەن. ھۆددىگەر  قۇرلۇشنىڭ باشلىنىش ۋە دەسلەپكى باسقۇچلىرىدا سەمىمىيىتى ۋە مەرىتلىگى بىلەن خېلىلا ئىشەنىچكە مۇيەسسەر بولغان. قۇرلۇش سۈپىتى ۋە قۇرلۇش قىلىش ھەققىدىكى قانۇنلاردىن قىلچە خەۋىرى بولمىغان بۇ كىشى شۇنىڭ بىلەن قۇرۇلۇشقا بولغان دېقەت ئېتىبارىنى بوشاشتۇرۇپ قويغان. قۇرۇلۇش پۈتۈپ زىننەتلەش ئىشىنىڭ يېرىمى تۈگىگەندە توساتتىن قۇرۇلۇشتا ئېغىر سۈپەت مەسىلىسى كۈرۈلۈپ  قۇرۇلۇش باشقۇرۇش تارماقلىرى بىنانى ئىشلىتىشتىن چەكلىگەن. نەتىنجىدە بىنا ئىشلىتىش قىممىتىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان. سۆزلىشىش داۋامىدا ھۆددىگەر باھانە سەۋەپ كۆرسۈتۈپ مەسئۇلىيەتنى  ئۈستىگە ئېلىشتىن باش تارتقان. شۇنداق قىلىپ يۇقۇردىكى دەۋا شەكىللەنگەن.

            ئۇنىڭ ئېيتىشىچە قۇرلۇش قىلىش جەريانىدا ئۇ ھۆددىگەرگە جەمى 580 مىڭ يۇەن بەرگەن ئىكەن. سوتتا ئۇ ھۆددىگەردىن بۇ پۇللارنى قايتۇرۇپ تۆلەپ بىرىشنى ۋە زىننەتلەش چىقىمى( زىننەتلەش ئىشىنى باشقىلار ئايرىم قىلغان) قاتارلىق باشقا زىيانلىرىنى تۆلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق سوت مەھكىمىسى ھۆددىگەرنى پەقەت 270 يۇەن تۆلەشكە ھۈكۈم قىلغان بۇلۇپ دەۋاگەرنىڭ باشقا بارلىق دەۋا تەلىۋىنى رەت قىلغان.بۇ كىشى بۇ ھۈكۈمگە قايىل بولماي بىر دەرىجە يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە نارازلىق ئەرىز بەرگەن بولسىمۇ لېكىن ئوخشاش نەتىنجىگە ئېرىشكەن ۋە قورساق كۈپۈگىگە چىدىماي مەسلىھەت سوراپ ئالدىمغا كەلگەن.....

           دەسلەپتە مەن بۇ ئۇنىڭ بايانلىرىغا قاراپ سوت مەھكىمىسى ھەقىقەتەن خاتا ھۈكۈم چىقارغان بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان ئىدىم. بىراق ئۇنىڭ قولىدىكى سوت مەھكىمىسىگە تەمىنلىگەن دەلىل ئىسپاتلارنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىللىرىنى كۈرۈپ چۆچۈپ كەتتىم. چۈنكى بۇ كىشى نەچچە يۈزمىڭ يۇەن خەجلىگەن قۇرلۇشنىڭ مۇئامىللىرىگە توخۇ كاتىگى سالغانچىلىكمۇ ئەستايدىل بولمىغان ئىدى.....

          ئالدى بىلەن ئەڭ مۇھىم بولغان قۇرلۇش ھۆددىگەرلىك توختامى پەقەت يېرىم بەتلا مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلۇپ ئىككى تەرەپنىڭ ھۇقۇق مەجبۇريەتلىرى، جاۋاپكارلىق ، خىلاپلىق قىلىش مەسئۇلىيىتى، قۇرلۇش مۇددىتى، سۈپىتى قاتارلىق ئەقەللى بۇلۇشقا تېگىشلىك ماددىلارنىڭ ھىچقايسىسى يوق ئىدى. بو ئىككى تەرەپنىڭ نامى ، قۇرلۇش ھۆددە سوممىسى، ۋە قۇرلۇش قەۋەت سانى ۋە ئورنىلا يېزىلغان ئاتالمىش ‹‹ توختام ›› ئىدى. ئۇندىن كېيىن ئۇ ھۆددىگەرگە بىرىپ بولدۇم دەۋاتقان 580 مىڭ يۇەننى ئون نەچچە قېتىمغا بۈلۈپ تاپشۇرغان بۇلۇپ پەقەت بىر نەچچە قېتىم بەرگەن 270 مىڭ يۇەنگە ھۆججەت يازغۇزۋالغان. باشقىللىرىغا بولسا ھىچقانداق ھۆججەت تەلەپ قىلمىغان. دەۋا جەريانىدا ئۇ يەنە زىننەتلەش ۋە باشقا ئىشلار ئۈچۈن قىلغان چىقىملىرى ھەققىدە ھىچقانداق ئاساس كۆرسۈتەلمىگەن ( ئەمىليەتتە ئۆز ۋاختىدابۇنداق ئاساسلارنى ئالمىغان ، ئالغانلىرىنى ساقلىمىغان).ھەم ئازغىنە چىقىمدىن قېچىپ زىننەتلەش قۇرلۇشى ۋە باشقا ئىشلارنىڭ قىممىتىنى مال باھا تارماقلىرىغا باھالىتىش ھۇقۇقىنىمۇ يۈرگۈزمىگەن. دەۋا ئۈستىدە ھۆددىگەر ھۆججەت ئاساسى بولمىغان پۇللارنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىغىنى ئېتراپ قىلمىغان. نەتىنجىدە سۆت مەھكىمىسى بۇ دەۋاگەرنىڭ  پەقەت ئىسپاتى بولغان تەلىۋىنىلا قوللاپ باشقا تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ ھۈكۈم چىقارغان.....

          بۇ خىل ئەھۋالدا بۇ ھۈكۈمدىن خاتالىق تېپىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

         بۇ كىشى ئىقتىساد قىلىپ تاپقان مىليون يۇەنگە يېقىن پۇللىرىنى يەرنىڭ پايدىلىنىش ھۇقۇقىغا ئېرىشىش ۋە قۇرلۇش قىلىش جەريانىدا سەرىپ قىلىپ تۈگەتكەن بۇلۇپ ھازىر يا قۇرلۇشنى ئىشلىتەلمەي ياكى قايتا سېلىشقا ماغدۇرى يەتمەي ئامالسىز قالغان ئىدى.

         تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋال ھۇكۇمنى ئىجىرا قىلىش جەريانىدا يۈز بەرگەن ئىدى . يەنى ھۈكۈم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن جاۋاپكار تەرەپ ھۈكۈمدە بىكىتىلگەن 270 يۇەننى ئۆزلىگىدىن ئىجىرا قىلمىغان بولغاچقا بۇ كىشى مەجبۇرى ئىجىرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان. لېكىن ئۇ جاۋاپكارنىڭ ئىجىرا قىلغۇدەك مال مۇلكىنىڭ بار-يوقلىغىدىن خەۋەرسىز ئىكەن. نەتىنجىدە ئىجىراچىلارنى بۇ ھەقتە ھىچقانداق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ بېرەلمىگەن. سوت ئىجىراچىللىرى تەكشۇرۇش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ بۇ يەرگە يېقىندا كەلگەن باشقا يۇرتلۇق ئىكەنلىگىنى ،بۇ يەردە ئىجىرا قىلغۇدەك مال مۇلكىنىڭ يوقلىغىنى، ئۇنىڭ يۇرتىدىكى مال-مۈلۈك ئەھۋالى توغرىسىدا دەۋاگەرنىڭ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ بېرەلمەيدىغانلىغىنى بىلگەندىن كېيىن ئامالسىز دىلۇنىڭ ئىجراىسىنى توختۇتۇپ قويغان . نەتىنجىدە ھۈكۈم ھازىرچە قۇرۇق قەغەزگە ئايلىنىپ قالغان......

           -قانۇنىمىز بۇنداق ئەمەستۇ ؟...- دەيتى دەۋاگەر يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ مۇشۇنداق نەتىنجىلەنگىنىگە ئىشەنگۈسى كەلمەي –باشقا ئامال يوقمۇ ؟ قانۇندا ھۈكۈمنى ئىجىرا قىلمىغانلارنى سولايدىغان ياكى بىر تەرەپ قىلىدىغان بەلگىلىمە باردۇ.....

            - بۇ مۇنداق ئىش-دەپ چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم مەن –جاۋاپكارنىڭ ئىجىرا قىلغۇدەك مال–مۈلكى بار ئەھۋال ئاستىدا ئۇ ئىجىراغا ماسلاشقىلى ئۇنمىسا سىز دىگەندەك مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا بولىدۇ، بىراق ئىجىرا قىغۇدەك پۇل-مېلى بولمىغان ئەھۋالدا يەنى ئىجىرا قىلىش ئىقتىدارى بولمىغان ئەھۋالدا ئۇنىڭغا جىسمانى جەھەتتىن مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىش قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس.يەنى ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىغىنى جىسمانى ئەركىنلىگىنى چەكلەش ئارقىلىق تۇلۇقلاشقا بولمايدۇ. شۇنداقلا سوت ھۈكۈمىدىكى سىزنىڭ باشقا تەلەپلىرىڭىزنىڭ رەت قىلىنىشىمۇ قانۇندىكى ئىسپات بىلەن تەمىنلەش مەجبۇريىتىڭىزنى ئادا قىلالمىغانلىغىڭىزدىن بولغان. جىنايى ئىشلار دىلۇسىدا سىز دىلۇ مەلۇم قىلسىڭىز ئەدىليە تارماقلىرى تەكشۈرۈپ ئىسپات يىغىدۇ. بىراق بۇنىڭدەك ھەق تەلەپ داۋاسىدا بولسا داۋالاشقۇچىلار ئۆز تەشەببۇسلىرىغا قارىتا ئىسپات توپلاپ سوتقا تەمىنلىشى كېرەك . بۇلار دۆلىتىمىز قانۇنىدىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىدىكى پىرىنسىپتىن ئىبارەت......

          ئۇ كىشى ئېغىر سۈكۈتكە چۆمدى ۋە خېلى ئۇزۇندىن كېيىن ھەسرەت بىلەن ئۇلۇق كىچىك تىندى :

         -پۇتۇنلەي ئۆزۈمنىڭ بىخۇدلىغىمنىڭ كاساپىتى، دىمىسىمۇ مۇئامىلىنى ھۆججەت ئاساس بىلەن قىلىش ھەم مۇئامىلە قىللىشقا بولىدىغان ئادەملەر بىلەن قىلىش دىگەنلەر ئەجدادىمىزدىن تارتىپ تەۋىسيە قىلىنۋاتقان ئىش تۇرسا دېققەت  قىلمىغاندىكىن ماڭىمۇ ئاز زادى....

               ئۇنىڭ ئۆرتىنىشلىك قىياپىتىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلۋاتقانلىغى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ھەقىقەتەن پۈشايمان قىلىشقا تېگىشلىك ئىدى.

           ئۇنىڭ نەچچە ئون يىلدا جاپا مۇشەققەتتە ئاران تاپقان پۇللىرىنى خەجلەش داۋامىدا قىلغان بىخۇدلۇقى  ئاز ئەمەس ئىدى: ئالدى بىلەن شۇنچە مۇھىم بولغان قۇرلۇش ھۆددە ئىشىدا ئۆز يۇرتىدىكى قۇرلۇش شىركەتلىرى ۋە ھۆددىگەرلىرنى ئالدى بىلەن ئويلاشمىغان. ھۆددىگەرنىڭ قۇرلۇش قىلىش سالاھىيىتى ۋە شەخسى ئەھۋالىنى قىلچە ئىگەللىمىگەن، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارى بارمۇ يوق دىگەنلەرنى ياكى كېپىل تەلەپ قىلىش دىگەندەك ئىشلارنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن. ئاندىن شۇنچە مۇھىم بولغان ھۆددىگەرلىك توختامىغىمۇ يۇكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەتسىز قارىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قۇرلۇش قىلىشنىڭ قانۇن تەرتىپكە ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىغى بىلەن قىلچە ھىساپلاشمىغان. پۇل تۆلىگەندە ھۆججەت ئالمىغانلىق ئىشىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ بولار.....ئاخىردا دەۋا جەريانىدىمۇ بەزى ئىشلارغا يەنە شۇنداق كىچىك مەنپەتتىن كېچىپ بولالماسلىق سەۋەبىدىن ئەھمىيەتسىز قارىغان، يەنى مال باھا تارماقلىرىغا نەچچە يۈز يۇئەنلا تۆلەپ زىننەتلەش قۇرلىشى قاتارلىقلارنى باھالىتىپ جاۋاپكارنىڭ تۆلىشىگە ھۈكۈم قىلغۇزۇشقا تىرىشمىغان.....

             بۇ كىشى ئازاپلانغان ھالدا  چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئىچىم خېلىغىچە ئاچچىق بۇلۇپ قالدى. تېخى يېقىندىلا يۈز بەرگەن باشقا ئىككى تىپىك دىلۇ ئېسىمگە كەلدى، بىرى : يۇرتىمىزدا ئىنتايىن تېجەشلىك ( باشقىلار بۇنى پىخسىقلىق دىيىشىدۇ بىراق مەن بۇنداق تەرىپلەشكە قۇشۇلمايمەن ) بىلەن پۇل تاپقان بىر خوجايىن يىغقان نەچچە مىليون يۇەن پۇلىنى، نەدىندۇر كىلىپ چوڭ زاۋۇت قۇرىماقچى بولغان ئاتالمىش بىر ‹چوڭ خوجايىن› غا پاي قىلىپ قوشىدۇ. بۇ خوجايىن يەنە بانكىدىن ۋە باشقا كىشلەردىن نەچچە ئۆن مىليون يۈەن قەرىز ۋە پاينى قولغا كىرگۈزىدۇ. بۇ كىشلەر ھەتتا بانكىمۇ بۇ ‹ چۆڭ خوجايىن› نىڭ زاۋۈت قۇرىغىدەك ئۆزىگە تەۋە مەبلىغىنىڭ بار يوقلىغىنى ئېنىقلاپ باقمايدۇ. نەتىنجىدە بۇ ‹ چوڭ خوجايىن › ئۇشتۇمتۇت غايىپ بولىدۇ. ‹ پايچىك›لار ۋە بانكا لېۋىنى چىشلەپ قالىدۇ. يەنە بىرى : ماي قاچىلاش پۇنكىتى ئاچقان بىر دوستۇمنىڭ دەۋا ئىشى بۇلۇپ ، بۇ دوستۇم بىر نەچچە توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى ئارقىلىق يەر ئېچىش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر كىشىنى  ئۈزلۈكسىز ھالدا پۇلنى كېيىن بېردىغان يېقۇلغۇ ماي بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇ كىشى بەزىدە ئۆزى كېلىپ ماي ئېلىپ كېتىدۇ ، كۈپۈنچە ئاتالمىش ‹ كاسىر › ى، شوپۇرىنى ۋە يەنە باشقىلارنى ماي ئېلىشقا ئەۋەتىدۇ. ھەتتا بەزىدە 13 ياشلىق ئوغلىنىمۇ ئەۋەتىدۇ. دوستۇم كىم ماي ئېلىپ كەتسە شۇنىڭدىن ھۆججەت ئالىدۇ. بىراق ‹كاسىر› ۋە شوپۇر قاتارلىقلارنىڭ ئېلىپ كەتكەن مايلىرىغا ئۇ كىشىنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىغى ھەققىدە ئۇ كىشى بىلەن توختام ياكى ھۆججەت قىلىشمايدۇ. بىرەر يىلدىن كېيىن بۇ ماي پۇلى يىغىلىپ نەچچە يۈزمىڭ يۇەن بولىدۇ-دە ئارىدا ئىككى تەرەپنىڭ ماي پۇلى ھىساۋاتىدا پەرىق چىقىپ دەۋالىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ. دەۋا جەريانىدا جاۋاپكار ئۆزى ھۆججەت يېزىپ بەرگەن ماي پۇلىنىلا تۆلەيدىغانلىغىنى قالغانلىرىنىڭ  ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرغا قۇيۇدۇ. ھېلىقى ئاتالمىش ‹كاسىر › قاتارلىق باشقا ماي ئالغۇچىلارنىڭ قارىسىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. نەتىنجىدە دوستۇم تەمىنلىگەن ماي پۇلىنىڭ ئازغىنە بىر قىسىمىنىلا تۆلۈتۋالالايدۇ.باشقىللىرىنى ھەتتا جاۋاپكارنىڭ ئوغلى ئېلىپ كەتكەن ماي پۇللىرنىمۇ تۆلىتۋالالمايدۇ ( قانۇندا ھەق تەلەپ ھەركەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەرنىڭ قىلغان ھەق تەلەپ ھەركىتى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. يەنى كىچىك باللارنىڭ ھۆجىتىنى ئاتا –ئانىللىرى ئېتراپ قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا كۈچكە ئىگە قىلغىلى بولمايدۇ).

         بۇلار پەقەت تىپىك ئەھۋاللار بۇلۇپ بۇنداق مىساللار قەدەمدە بىر ئۈچۈراپ تۇرىدۇ. لېكىن ھەممىسى مەلۇم ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇلۇپ مۇئامىلىدە بىخەستىلىك قىلىش ۋە ئۆز ھۇقۇقىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىكنىڭ مەھسۇلىدۇر.بىزدىكى ‹‹بىكارغا بەرسىمۇ ساناپ ئال›› ، ‹‹مۇئامىلىدە  ئاتاڭدىنمۇ ھۆججەت ئال ››، ‹ گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن››، ‹‹ قازانغا يۇلۇقساڭ قارىسى ...›› دىگەندەك ماقال تەمسىللەر مۇئامىلىنى قانداق كىشى بىلەن ۋە قانداق قىلىش كېرەكلىگىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. 90 – يىللاردا بىر مەھەل ئەۋىج ئالغان ‹ قويمىچىلىق › شاماللىرى كىشلەرنىڭ ئادەتتىكى ئالدامچىلىقلارغا بولغان سەزگۈرلىگىنى كۈچەيتىش رۇلىنى ئوينىدى. بىراق شەكلى ئۆزگەرگەن ‹قويمىچىلىق›لارنىڭ يەنىلا مەۋجۇت بولىشى ۋە بەزى ھەق تەلەپ ھۇقۇقلىرىمىزنى قوغدىغىلى بولماسلىقتەك ئەھۋاللارنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈز بىرىشى بىزدە پۇرسەتپەرەسلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا باپ كېلىدىغان سۇرۇن ۋە مۇئامىلە ئادىتىنىڭ يەنىلا مەۋجۇت بولۋاتقانلىغىنى چۈشەندۈرىدۇ . مەدەنيەت ، تىل ، تېخنىكا ، ساپا قاتارلىق پەرىقلەر تۈپەيلىدىن مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ ئىگەللىگەن بازىرى ئىنتايىن تار دائىردە بۇلۇپ ئاز بىر قىسىمى پەقەت شىنجاڭ دائىرسىدە بازار ئىگەللىگەن. مۇتلەق كۆپچىلىگى ئۆز يۇرتى دائىرسىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ. ئىچكىرىگە ۋە چەتئەللەرگە يۈزلەنگەنلىرى ساناقلىقلا....مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا تىجارەتچىللىرىمىزنىڭ بىر نەچچە يۈزمىڭ يۇەن تاپمىقى ئاسان ئەمەس . ھالبۇكى ئەشۇ قىس پۇرسەتتە تەستە تاپقان تەئەللۇقاتلىرىنى خىلمۇ – خىل مۇئامىلە جەريانىدا بىخەستىلىك قىلىپ قولدىن بىرىپ قۇيۋاتقانلار ئاز ئەمەس. دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سودا سانائەت ئىشلىرىنى كۈچەپ رىغبەتلەندۈرۋاتقان بۇ كۈنلەردە تاپقان پۇلنى جايىدا ۋە پۇختىلىق بىلەن ئىشلىتىشمۇ دېقەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلىدۇر. ھازىرقى كۈندە بىر مىللەتنىڭ ئۇنۋېرسال كۈچى ۋە جەمىيەتتىكى رۇلىنى كۈچەيتىشتە بۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئىقتىسادى كۈچى ئىنتايىن مۇھىم ئۇرۇندا تۇردۇ، ھەتتا مىللەتنىڭ بارلىق تەرەپلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ دىيىشكە بولىدۇ. يەھۇدىلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللاپ ئازاپ ئوقۇبەتتە ياشاپمۇ يەنىلا دۇنيادا قەد كۆتۈرۈپ تۇرالىشىنى بۇ مىللەتنىڭ ئىقتىسادى ئېڭىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە يۇقىرلىغىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى بىزدىكى ئىقتىسادى ئاڭنىڭ قانچىلىك سەۋىيەدە تۇرۋاتقانلىغىنى يۇقارقىدەك ئاددى ھەم كۆزدىن ساقىت قىلىنۋاتقان خاراكتىر ئادەتلىرىمىزدىن بىلۋېلىش مۇمكىن.

     

     

    ئاگاھ : بۇ تېمىنى ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا ھەرقانداق تور بېكەت ۋە نەشىر ئەپكارلىرىدا كۈچۈرۈپ ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.