غەيرىتىڭگە ئاپىرىن ،ئەل ئوغلى --كەنجى خۇمارجان

يوللىغۇچى : AQURUK يوللىغان ۋاقىت : 2007-12-06 12:13:00

غەيرىتىڭگە ئاپىرىن ،ئەل ئوغلى --كەنجى خۇمارجان"كەشپىياتچى" بالا- قورغاس ناھىيەسىدە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدغان ئوبۇلقاسىم ئاكىنىڭ تۇنجى پەرزەنتى زىرەك ،ئەمما كەم سۆز چوڭ بولۇشقا باشلىدى....

    غەيرىتىڭگە ئاپىرىن ،ئەل ئوغلى --كەنجى خۇمارجان
    "كەشپىياتچى" بالا- قورغاس ناھىيەسىدە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدغان ئوبۇلقاسىم ئاكىنىڭ تۇنجى پەرزەنتى زىرەك ،ئەمما كەم سۆز چوڭ بولۇشقا باشلىدى.ئۇ باللىق چېغىدىن باشلاپلا ماتۇرلۇق نەرسىلەرنى كۆرسە ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا قاراپ كېتىدىغان ،كونا رادىئۇ،قول چىرىغى،ۋەلسىپىت...قاتارلىق نەرسىلەرنى يىغىۋېلىپ،كوچىلاپ يۇرىدىغان ،كۆپ ھاللاردا يالغۇز خىيال سۈرىدىغان "غەيرى مىجەز"لىك بالا ئىدى.ئۇنىڭ بۇ خىل "ئادەت"لىرى دادىسىنى ئويلاندۇرۇپمۇ قوياتتى.بەزىدە بۇ ئوغلۇمدىكى نورمالسىزلىقمىدۇ دىگەن ئويغا كېپ قالاتتى...كېيىنچە ئۇ ئاسىمجاننىڭ "پائاليەت مەركىزىدە "ئىجات قىلغان "ئويۇنچۇق كەشپىيات"لىرىنى كۆرۈپ كۆڭلى ئەمىن تاپتى.-دادا ،مەن كەشپ قىلغان "سۇ پۈركۈش ماشىنىسى"نىڭ مودىلى ۋىلايەت بويىچە -2بوپتۇ .-دىدى تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇيدىغان ئاسىمجان بىر كۈنى شەرەپ گۇۋانامىسىنى دادىسىغا كۆرسەتتى  ئۇنىڭ بۇ كەشپىياتى شۇ يىلى يەنە -1985يىلى 8-ئايدا  ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پەن تېخنىكا جەمىيىتى،پەن تېخنىكا كومىتىتى،ۋە مائارىپ كومىتىتى ئۇيۇشتۇرغان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ 7-قېتىملىق  پەن -تېخنىكا كەشپىياتلىرىنى باھالاشتا 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتە ئۇ "كىچىك كەشپىياتچى "دەپ ئاتالدى.
    "لۇغىتىمدە پۇشايمان دىگەن سۆز يوق "
    ئاسىمجان ئائىلە قىينچىلىغى سەۋەبىدىن ئالى مەكتەپتە ئوقۇيالمغان .ئەينى يىللاردا ئۇنىڭغا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سۇ ئىشلىرى مەكتىپىدىن چاقىرىق قەغىزى كەلگەن.بىراق ئۇ چاغدا ئائىلە قىيىنچىلىغى سەۋەبىدىن ئوقۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كەچكەن .شۇ چاغدا ئوقۇيالمىغانغا پۇشمان قىلامسىز دەپ سورىغاندا،ئۇ مېنىڭ لۇغىتىمدە پۇشايمان قىلىش دىگەن سۆز يوق،ئۇ ئىرادىسى ئاجىز ئادەملەرنىڭ "ئىجادىيىتى "! ،ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەم ھەرگىز پۇشمان قىلمايدۇ،بىز ئالى مەكتەپنى بىردىنبىر چىقىش يولى دەپ قارىماسلىغىمىز كېرەك،ھەرقانداق ئادەم ئۆزىگە تەۋە ئەقىل ،ئىرادە،غەيرەت ،ئىزدىنىش دىگەندەك شەكىلسىز بايلىقنى قېزىپ چىقىرا لىىسا،بۇ شۇ ئادەمنىڭ ئالى مەكتىپى ھىساپلىنىدۇ.قىسقىىسى ھەركىمنىڭ بىرىنچى ئالى مەكتىپى دەل شۇ كىشىنىڭ ئۆزى! بۇ مېنىڭ ئالى مەكتەپنى ئوقۇشنى ئىنكار  قىلغانلىغىم ئەمەس،بەلكى نىمە ئۈچۈن ئوقۇيدىغانلىغىمىزنى بىلىشىمىز كېرەك دىگەنلىكىم ! مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىلا سۇ پۈركۈش ماشىنامنى ياساپ چىقىمەن دەپ بەل باغلىغانىدىم .دەل شۇ ئىرادە ،ئارزۇ ئاخىرى ماڭا "نان "ھەم كىملىكىمنى سۆزلەپ بەردى  دەپ جاۋاپ بەردى.
    "مەن ھەممە (قازان)دا(قاينىغان)ئادەم"
    ئاسىمجان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ،ناھىيەلىك سۇ ئىدارىسى ساندىخوزا يېزىلىق سۇ پونكىتىدا توت يىل ئىشلىگەن .-1993يىلى قورغاس چېگرا ئېغىزىدا ئوقەت قىلغان ،ئۇنىڭ تونۇش بىلىشلىرىنىڭ بەزىلىرى ئاسىم تامچى دىسە بەزىلىرى ئاسىم تۆمۈرچى بەزىلىرى ئاسىم شوپۇر دىگەن ھەرخىل ناملاردا ئاتاشقا ئادەتلىنىپ كەتتى.مەن يۇقۇرقىدەك تۇرمۇش ھەلەكچىلگىدە يۈرگىنىم بىلەن بوش ۋاقىتلىرىمنى يەنىلا "كەشپىياتىم"نى لايىھەلەش ،سىناق قىلىشقا قاراتتىم .
    "مارافۇنچە "سىناق
    -2003يىلى -8ئاينىڭ ئاخىرى يۈك ماشىنىسى ھەيدەۋاتقان ئاسىمجاننىڭ قولىغا جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن "قىشتا توڭلىماس سۇ تۇرۇبا جۈمىكى"نىڭ پاتىنىت ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى" تەگدى بۇ ئۇنىڭ 14 يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش ۋە مارافۇنچە سىنىقىنىڭ ئەجىر مىۋىسى ئىدى.ئۇ يەنە ئارىلىقتىن يېرىم يىل ئۆتمەي،دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىن بېرىلگەن ئالىي ئىنژىنىر گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۋالدى.ئەمدى نىمە قىلىش كېرەك؟بۇ ئەڭ قىيىن سوئال ئىدى.چۈنكى يېتەرلىك ۋاقىتھەم يۈزمىڭ يۇەندىن ئارتۇق مەبلەغ  بولمىسا بۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەپ بازارغا سالغىلى بولمايتى . ئۇ ئاخىرى بىر قارارغا كەلدىدە يۈك ماشىنىسىنى سېتىپ،دەسلەپكى ئەمىلىي سىناققا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاپ ۋە تۆمۈر -تەسەكنى يىغىپ  بىر ئېغىز ئۆيگە چۆكتى.
    "ئىنژىنىر كۆمۈر تۈگىدى"
    2004-يىلى قىش ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى،خالتىلاپ ئالغان كۆمۈرى تۈگەپ،،ئەتىگەنلىك چايغا ئوتۇن قالاپ ئاۋارە بولغان ئايالى دىلبەر ئاسىمجانغا چاخچاق قىلدى:
    -ئنزىنىر ،مەشكە قالايدىغان كۆمۈر تۈگىدى،ئەمدى سوغۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشنى سىناق قىلامدۇق !؟ئۇنىڭغا ئالرۇن جابدۇقلىرىنى سېتىپ كېرەكلىك سايمانلىرىنى ئېلىش تەكلىپىنى بەردى.ھەم ئاسىمجان بۇنىڭ بىلەن ۋاقىتلىق قىيىنچىلىغىنى ھەل قىلدى .ئەمما ئۇ ئۆز مەھسۇلاتىنى باازرغا سېلىش ئۈچۈن ئالدىدا تېخىمۇ زور "ئىختىتىسادىي بوشلۇق"نىڭ بارلىغىنى ئوبدان بىلەتتى.ئارىلىقتا ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈچۈن توختاملاشقان بىر نەچچەيلەنمۇ پۇلنىڭ ئېپىنى قىلالماي بۇ سەپتىن چېكىندى.زادى قانداق قىلىش كېرك؟شۇ تاپتا ئاسىمجاننىڭ "سىناق ئۆيى"دە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىغا ماس كېلىدىغان "ماي يوللىرىدىن ئوت كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈسكۈنىسى"بىلەن ھەممىگە باپ"ساياھەت چېدىرى"دىن ئىبارەت ئىككى كەشپىيات ئىجات قىلىنىپ،پاتىنىت ھوقۇقى ئېلىشنى كۈتۈپ تۇراتتى ئۇ دەرھال تورغا چىقىپ "ماي يوللىرىدىن ئوت كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈسكۈنىسى"ۋە ئۇنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى سېتىۋېتىش ئېلانىنى چىقاردى ئۇنىڭ بۇ ئېلانىغا نۇرغۇن كىشى قىزىقتى ۋە تېلىفۇن قىلدى.ئەمما جېجىئاڭلىق بىر سودىگەرنىڭ ئالاھىدە قىزىقىپ،تەكرا تېلىفۇن ئۇرۇپ،باھانى يۈز تۇرانە سۆزلىشىش تەلىپى ئاسىمجاننى قايىل قىلدى.
    "پۇل دىگەن مانا "
    ".ئىلىغا چىقىپ كەتتى،
    يول بىلمەيدىغان باللار .
    سودىسىنى قىلالارمۇ،
    چامغۇر ساتمىغان باللار ." ئاسىمجان بۇ ناخشىنى سورۇنلاردا ۋايىغا يەتكۈزۈپ توۋلاپ قوياتتى.جېجاڭلىق سودىگەرنىڭ بېيجىڭدا كۆرۈشۈپ سودىلىشىش شەرتى ئۇنىڭغا بۇ ناخشىنى ئەسلەتتى.ئۇ ئاخىرى ئۆزەم كەشپ قىلغان نەرسىنىڭ سودىسىنى نىمىشكە ئۆزەم قىلمايمەن دەپ  غەيرەتكە كەلدىدە"مال"لىرىنى ئېلىپ قەرز پۇل بىلەن سەپەرگە ئاتلاندى.ئۇ بېيجىڭدىكى دوست بۇرادەرلىرىنىڭ ياردىمىدە جېجاڭلىق سودىگەر بىلەن كېلىشىپ،نەق 200مىڭ يۇئەننى سانىغاندا«ھەي مېنىڭ شۇنچىلۋالا ۋاختىمنى ئالغان پۇل سەنمىدۇ »دەپ ئۈنلۈك توۋلىغۇسى كەلدى.جېجاڭلىق سودىگەر "قىشتا توڭلىماس سۇ تۇرۇبا جۈمىگى" نىڭمۇ بارلىق ھوقۇقىنى 300مىڭ يۇئەنگە سېتىپ برىشنى تەلەپ قىلدى ،ئەمما ئاسىمجان ئۇنى 500مىڭ يۇئەنگىمۇ ساتمايدىغانلىغىنى ھەتتا بىر مىليۇن بەرسىمۇ ساتمايدىغانلىغىنى ،بۇ جۈمەكنى ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئويلاپ كەشپ قىلغىنى ناۋادا بۇنى سېتىۋەتسە بۇ يەردىكىلەر ئۇنى نەچچە ھەسسە قىمەت باھادا سېتىۋېلىپ ئورنىتىدىغانلىغىنى ،ئۆز كەشپىياتنىڭ مىۋىسىنى ئۆز يۇرتداشلىرىغا سۇنمىسا تۆككەن تەرنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدىغانلىغىنى ئېيتتى. ئۇ 30 مىڭ يۇئەن بىلەن قەرزلىرىنى قايتۇردى.قولىدا 170مىڭ يۇئەن قالدى.بۇ پۇلنى تېجەش ئۈچۈن،"تۇتقا پىرىسلاش ماشىنىسى"،"ئۆلچەملىك جازا قېلىپى"دىگەندەك ئۈچ تۆت خىل ماشىنىنى ئۆز قولىدا ياساپ پۈتتۇردى.پەقەت پۇرژۇنا ،چۆيۈن قۇلاققا ئوخشاش ئىچكىرىدىن زاكاس قىلمىسا بولمايدىغان ماتىريالنى ئۈرۈمچىدىكى ۋاستىچى ئارقىلىق سېتىۋالدى.
    رىئاللىققا ئايلانغان ئارزۇ بۇ يىل -10 ئايدا ئاسىمجانىڭ "قىشتا توڭلىماس سۇ تۇرۇبا جۈمىگى"دىن ئىبارەت 20 يىلچە دەم يىگەن كەشپىياتى ئاخىرى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆۆرۈشتى.بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە300دەك ئائىلىدە ئىشلىتىلدىكىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇ بۇ جۈمەككە 60يۈئەن باھا بېكىتتى بۇ جۈمەكنىڭ  ھازىر بازار ئىستىقبالى ياخشى بولىۋاتىدۇ.

    "قىلىدىغان ئىشىم ئەمدى باشلاندى"
    مەن ئۇنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىپ ماتىريال سومكىسىنى ئاچتىم ،سومكىنىڭ .ئىچىگە ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ،باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئېلىمىزدىكى ئىش باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدىن كەلگەن شەخس ھەم ئىدارە جەمىيەت نامىدىكى 50-60 پارچەىەت -چەك بىلەن ئۇنىڭ شەرەپ پاتىنىت ھوقۇقى گۇۋاھنامىلىرى رەتلىك سېلىنغانىدى.ئۇنىڭ ئىچىدە جوڭگۇ باشقۇرۇش ئىلمى تەتقىقات يۇرتىئىلمى كومىتىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن "ئالاھىدە تەتقىقاتچى "دىگەن گۇۋاھنامۇمۇ بارئىدى.قىلىدىغان ئىشلىرىم ئەمدى باشلاندى دىدى ئۇ بۇندىن كېيىنكى ئوي پىلانلىرىنى تىلغا ئېلىپ،پات يېقىندا ھىلىقى "ساياھەت چېدىرى"نىڭ پاتىنىت ھوقۇقىنى ئېلىپ،ئۇنىمۇ بازار غا سالماقچىمەن .ئىلغار تىپلىق "ئوتلاق سۇغىرىش ماشىنىسىغىمۇ "پاتىنىت ھوقۇقى ئىلتىماس قىلىشنىڭ تەييارلىغىنى پۈتتۈرۈپ قويدۇم.ئۇنىڭدىن باشقا "تەجرىبىخانىدا زەھەرلىك گازلارنى جىددى كونتۇرۇل قىلىش ئۈسكۈنىسى"بىلەن دىھقانچىلىقنى ماشىنىلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلەك ئىككى ماشىنا كەشپ قىلدىم  ئۇلارغىمۇ پاتىنىت ھوقۇقى ئېلىش ھەم ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىش مېنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.ئارىلىقتا يېتەرلىك ۋاقىت چىقىرىپ ،كەسپىمگە مۇناسىۋەتلىكبىرەر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇيۇم بار .ئۇ سۆزلەۋاتاتتى  40 ياشلىق قىرانلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان بۇ غەيرەتلىك يىگىتنىڭ ئويچان كۆزلىرى ئۇلۇغۋار ئارزۇ ئارمانلىرىغا ماس ھالدا يىراقلارغا تىكىلىپ تۇراتتى .(ئىلى گېزىتى)

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 21:09:59]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر كەنجى خۇمارجان