ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئۇتۇق-ئۈچىنچى بۆلىكى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-23 09:36:06

ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئۇتۇقتاھىر ئىمىن ئىلتەبىرئارقا تىرىكى بار ياشلىرىمىزبۇنداقلار ياكى ئەمەلدار ياكى باي ئۇرۇغ – تۇققانلىرىغا تايىنىپ كۈچىيىشنى ئويلايدۇ. ئۇلارغا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ياكى چوڭ ب...



    ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئۇتۇق
    تاھىر ئىمىن ئىلتەبىر

     





    ئارقا تىرىكى بار ياشلىرىمىز



    بۇنداقلار ياكى ئەمەلدار ياكى باي ئۇرۇغ – تۇققانلىرىغا تايىنىپ كۈچىيىشنى ئويلايدۇ. ئۇلارغا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ياكى چوڭ بولۇپ بىرەر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتقۇدەك بولغۇچە ئىلگخرىكىلەر تىكلىگەن ئىگىلىككە ۋارىسلىق قىلىش شارائىتى بار بولغانلاردۇر. ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە مۇشۇ يول بىلەن خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلار بولغاچقا ئۇلار ئۆز كەلگۈسىگە قاتتىق ئىشىنىدۇ. بۇنداقلارنىڭ ئەجەللىك يىرى – ئارقا تىرىكى خاس مۇشۇنداق ھوقۇق بىلەن پۇلدىن ئىبارەت تاشقى كۈچكە تايىنىۋېلىش. ئەگەر مەڭگۈلۈك تىرەك ئۇرۇلمىسىلا ھېچكىم ئۇنىڭغا بىر نېمە دېيەلمەيدۇ. لېكىن كۆپىنچى ھاللاردا ئىشلار ئۇلار ئويلىغاندەك بولماي قالىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ئورگان ۋە خادىم ئىسلاھاتى، كەسپىي ماھارەت تەكشۈرۈپ باھالىشى، رېئاللىقنىڭ ئادەمدىن تەلەپ قىلىۋاتقان زور ئىچكى ئىقتىدارى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ بىزنى ئۆزىمىزگىلا تايىنىدىغان ئاخىرقى مىنۇلارنىڭ بارغانسىرى يىقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


    ئىنكاسسىز ياشلىرىمىز



    شۇنداقمۇ ياشلىرىمىز بار. ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي، ھەممىدە پاسسىپ ئورۇندا تۇرىۋالىدۇ. ۋەقە – ھادىسىلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۆزىنىڭ مۇشۇ مەۋجۇت رېئاللىقتا قانداق ۋەزىپىسى ۋە رولى بارلىقىى ھەققىدە ئويلانمايدۇ. بىراۋ بوزەك قىلسا بىردە مىتمۇ قىلمايدۇ بىردە تەتۈر تىپىرلايدۇ. مۇشۇ قاتلام ياشلىرىمىز ئەڭ زور پاجىئەلەرگە ئەلچى بولۇپ تۇرماقتا. ئەيدىز، زەھەرلىك چىكىملىك، تورخۇمارلىق، قىمارۋازلىق، ھاراقكەشلىك، بىكار تەلەپلىك، ئابگالىق… توغرىدىسىدىكى ياشلىرىمىز ھوقۇقنى ئەڭ مۇۋاپىق، ئەڭ توغرا ئۇسۇل بىلەن قوغداشنى بىلىشى، ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى، ئىپادە بىلدۈرۈشى، گەپ قىلىشى كېرەك. گەپ قىلغاندىمۇ مۇۋاپىق يوسۇندا بولۇشى زۆرۈر. بۇنىڭ مەيلى قانداق ئورۇندىكى ئادەم ئۈچۈن ھەرقاچان پايدىسى بار.



    چەت ئەلگە چىققۇسى كېلىدىغان ياشلىرىمىز



    مەزكۇر رېئاللىقتىن مۇۋاپىق ئورۇنغا ئىرىشىپ بولالماي، سىرتقا ئىنتىلىۋاتقان نۇرغۇن ياشلىرىمىز قازاقىستان، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، گىرمانىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، فىرانسىيە قاتارلىق نىسبەتەن مۆتىدىل ۋە تەرەققىي قىلغان ئەللەرگە چىقىشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. ئۇلار روس تىلى، ئىنگلىز تىلى، ئەرەب تىلى، ياپون تىللىرىدىن ئۆگەنگەن. ئۇلار پەقەت ئوقۇشنىلا ئەمەس، يەرلىشىپ قىلىشنىمۇ خىيال قىلىشىدۇ. ئاپتورنىڭ كۆزىتىشىچە ئۇلار نۇرغۇنلىرى مۇشۇ يەردە ئۆزى رازى بولغۇدەك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولالمىغانلاردۇر. مۇشۇ يەردىكى تونۇش – بىلىشلەر ئۈچۈن ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويۇشنى ئويلايدىغانلاردۇر.


    گىرمانىيىدىكى نازدار قىز مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىر كىشىلىك جان بىقىش مەسىلىسى ئۈستىدە گەپ بولسا، نەگىلا بارماڭ سىزدە ئىككىلا نەرسە بولۇشى كېرەك، بىرى ئىقتىدار يەنە بىرى جاپاغا چىداپ ئىشلەش روھى، ھېچقانداق يەردە تەييارغا ئىگە بولىدىغان ئىش يوق. ئىنسان دېگەن مۇستەقىل جان بىقىش مەجبۇرىيىتى بىلەن تۇغۇلىدۇ. بۇ يەردىكى تەرەققىي قىلغان ياۋروپادىكى ئادەمنىڭ ساپاسىغا قويۇلغان تەلەپ باشقا ئەللەردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى.»
    ئاۋستىرالىيىدە ئوقۇۋاتقان نۇرمۇھەممەتجان ئۆزىنىڭ ئۇ يەردىكى ئىلمىي ئىزدىنىشلىرى ۋە يۈكسىلىشلىرىدىن ھەقىقەتەن خۇرسەن ئىكەنلىكى، ئەمما ئانا يۇرت سىغىنىشى، مىللىي ئۆزلۈك، ئىقتىسادىي بىسىم قاتارلىق جەھەتتە قانائەتلىنەرلىك ئەمەسلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.


    ياپونىيىدە مىدىتسىنا ئىلمى بويىچە ئوقۇۋاتقان ئالىمجان تۇرمۇشىمۇ ئاپتوماتلىشىپ كەتكەن بۇ دۆلەتتە ئادەملەرنىڭ تولىمۇ ئالدىراش، خىزمەت تۈزۈمى، ۋاقىتنىڭ بىز كۆنۈپ كەتكەن ئۇسۇلغا قەتئىي ئوخشىمايدىغانلىقى، تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن جۇڭگودىكىدىنمۇ بەكرەك بەدەل تۆلەشنىڭ لازىملىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.
    سۈرىيىدە ياشاۋاتقان ئابدۇسەمەتجان يەتكۈزەن خەۋەر بۇلاردىن پەرقلىق: «بۇ يەردە ياشاش ئۈچۈن دىنى پائالىيەتلەرگە ماسلىشالايدىغان ئىتىقادلىق بولۇشى، ئەرەب تىلى بىلىشى، ۋە ئىقتىسادىي دەسمايىسى بولۇشى كېرەك. پەقەت بولمىسا دىنى ساھەدە ئارقا تىرىكى بولۇشى كېرەك. بۇلار بولمىغاندا ھېچنېمە قىلغىلى بولمايدۇ.»


    ئادەم نەگىلا بارسا ياشاپ كېتەلەيدۇ. بۇنىڭدىن قورقۇشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. مەسىلە يېڭى مۇھىت، يېڭى ئادەملەرنى كۆرگەندە ھودۇقماسلىق ۋە يولۇققان جاپاغا چىداشلىق بېرىشتە.
    سىرتقا تەلپۈنۈش چوقۇمكى مەۋجۇت مۇھىتتا ئىزلىگەن نەرسىنى تاپالماسلىقتىن بولىدۇ ياكى خاتىرجەملىك ۋە ئازادىلىك ياكى ياخشى ۋە پاراۋان تۇرمۇش ياكى كۆپرەك جاھان كۆرۈش ۋە كۆپرەك ئۆگىنىش ئەلۋەتتە. بۇمەقسەتلەر خاتا ھېسابلانمايدۇ. لېكىن قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمىغانغا ئوخشاش، ئەمەلىي ۋە كونكرېت نىشان تۇرغۇزۇپ نەگە، نېمەئۈچۈن، قانداق ئۇسۇلدا، قانچىلىك ۋاقىت… دېگەندەكلەر ھەققىدە سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ ئاتلىنىش كېرەك.


    مېنىڭچە چەت ئەلگە چىقىش كويىدىكى ياشلىرىمىز: نەگىلا بارسا مۇھىتقا ماسلىشالايدىغان ۋە ئۆز ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى؛ چىدامچان، قاتتىق سۆڭەكلەردىن بولۇشى كېرەكلىكى، تولىمۇ كۆپ شارائىت تاللاپ ئولتۇرماسلىقى كېرەك؛ ئۆزىنىڭ كونكرېت غايىسى بىلەن چەت ئەلگە چىقىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ، بەلگىلىك رېئال مۇددىئا ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى كېرەككى، ھەرگىز باشقىلارنىڭ ھاياجانلىق يوللىرىغا كىرمەسلىكى كېرەك.



    بىلىمگە قىزىقىدىغان ياشلار



    مۇنتىزم مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن ياشلىرىمىز يەنىلا بىلىم كويىدا تىرىشىپ كەلمەكتە. ئۇلار ئۆز تەبىئىي بىلىش ئىستىكى، ئىجتىمائىيلىقىدىكى نوپۇز ئېھتىياجى، كوللېكتىپ ئۈچۈن قىلىپ بەرمەكچى بولغان ياخشى تەلىپى تۈپەيلىدىن بىلىم ئىلىش كويىدا يۈرىۋاتقانلاردۇر.
    بىلىم ۋە ئۇ ھەقتە ئىزلىنىۋاتقان ياشلىرىمىز ھەققىدە مەيلى نېمىلەرنى دېمەيلى، ئۆگەنگەنلىرىمىز ئەسقاتىدىغان ۋە بىزگە ماس كېلىدىغان بولۇشى كېرەك.
    كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلى


    1. تۇرمۇش، مۇناسىۋەت، كىشىلىك ھايات ھەققىدىكى تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇنىۋېرسال كىتابلار.
    2. كەسپىي ساپا بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىتابلار.
    3. كۆڭۈل ئاچىدىغان ئەدەبىي تىپتىكى كىتابلار.
    ئادەمدە دىپلوم بولمىسىمۇ بولىدۇ لېكىن بىلىم بولمىسا بولمايدۇ. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ لېكىن بىلىم ئۆگەنمىسە بولمايدۇ.
    بىلىمنىڭ قەدىر – قىممىتى ۋە بىز ئۈچۈن بولغان ئەھمىيىتىنى تونۇپ يېتىۋاتقان نۇرغۇن ياشلىرىمىز بىلىم ئىلىش ئىستىكىدە ئىزلەنمەكتە. ئۆزىنى رىقابەت سورۇنىغا توغۇرلىماقتا. ھەتتا نۇرغۇن ئۆگىنىش شارائىتى بولمىغان ياشلىرىمىزمۇ يىراق يەرلەردىنبىلىنى باغلاپ جاپالىق مۇھىت ئىچىدە ئۆگىنىش ئۈچۈن چاپماقتا. لېكىن بىز ئۆگەنگەن بىلىملەر زادى بىز ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان بىلىملەرمۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇ زادى بىز ئۈچۈن قانچىلىك قىممەت ياراتتى؟ بىز بىلىمگە، كىتابقا ئالدىنىپ قىلىۋاتامدۇ – قانداق؟ نېمە ئۈچۈن كىتاب قولتۇقلاپ يۈرۈپمۇ يەنە ئەمەلىي شارائىتىمىزنى ياخشىلاپ كېتەلمەيمىز؟
    مانا بۇ بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى مۇھىم مەسىلىلەردنبىرى.



    بىر يولنى ئىككىگە بۆلىۋاتقان ياشلىرىمىز



    ئۆزىنى «مىللەت تەرەققىياتىنى ئالغا سىلغۇتقۇچى» دەپ قارايدىغان خىلى بىر تۈركۈم ياشلىرىمىز بار. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇ قاراشلىرىدا ئەستايىدىل ۋە خالىس نىيەت بولۇپ، ياخشى ئىش – ھەرىكەتلەردە بولىدۇ ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىدۇ. يەنە بىر تۈركۈمى پەقەت ئېغىزىدىلا گەپ سىتىش ۋە خەقنى ئاغزىغا قارىتىش، ئاتاققا ئىرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنى مىللەتنىڭ غىمىنى يىگۈچى سۈپىتىدە نامايەن قىلىدۇ.
    تۆۋەندە بۇلارنىڭ بىرنەچچە خىل تۈرىنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز: 1. مائارىپ ۋە پەن – تېخنىكا ئارقىلىق مىللەتنى روناق تاپقۇزۇش تەرەپدارلىرى؛ 2. كىتاب، گېزىت – ژۇرنال، ئىنتىرنىت تورى… ئاخبارات ئارقىلىق روناق تاپقۇزغۇچىلار؛3. پۇل ۋە ئىقتىساد ئارقىلىق روناق تاپقۇزغۇچىلار؛ 4. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق روناق تاپقۇزغۇچىلار؛ 5. ئۇچۇر مەپتۇنكارلىرى.
    ئۆزىنى مۇشۇ خىزمەتلەرگە بىغىشلىغان ۋە مۇشۇ ئىشلار ئارقىلىق مىللەتكە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشنى ئويلايدىغانلار ئۆزىنى ئادەتتىكى كىشىلەردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن تۇتىدۇ. يۇقىرىقى كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزىنى دائىم شۇ ئىشنىڭ ۋەكىلى دەپ ھەقىقى ئىخلاس بىلەن ئىشلەۋاتقانلار ئىچىدە ئۈن – تىنسىز تىرىشىۋاتقان، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش بىلەن، باشقىلارغا ئاندا – ساندا ياخشىلىق قىلىش بىلەن جان بېقىۋاتقانلارمۇ بار. ۋە يەنە جىنىنى «مىللەتكە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش» دېگەن نام بىلەن بىقىۋاتقانلارنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
    ماقالە، كىتاب ۋە تەتقىقات قىلىش (ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە) ئارقىلىق مىللەتنى ئالغا سىلغۇتقۇچىلار نۆۋەتتە ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە تەرەپدارلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئاساسلىق تۇرمۇش خىراجىتىنى ھەل قىلىۋالغانلاردۇر. ئۇلار ئىشتىن سىرتقى چاغلاردا كىتاب ئوقۇيدۇ، جەمئىيەت تەكشۈرىدۇ، ماقالە يازىدۇ، زىياپەت، ئولتۇرۇشلاردا قاينايدۇ. دېمەك ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى، تۇرالمۇ، يىمەك – ئىچمەك جەھەتلەردە ئالاھىدە چوڭ غەملەردىن خالىي. ئەمدى ئۇلار مىللەت سۆيەرلەرنىڭ ئىسىدىن كۆتۈرلۈپ كەتمىسىلا بولىدۇ،مەتبۇئاتلاردا ئىسمى چىقىپ تۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇلار يېزىپ تۇرۇشى كېرەك.



    سىياسىغا قىزىقىدىغان ياشلار



    باشقا ئەللەردىكى جىدەل – ماجرالارنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى ناتوغرا ئىنكاسلىرى بىزنىڭ ئىدىيىمىزنى تەجرىبە ئىتىزى قىلىپ كەلمەكتە. ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنىڭ قانچىلىك راست – قانچىلىك چىن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھالدا ئوخشاش ھاياجانلىنىش بىزنى بەزىدە ھاردۇرۇپ، بەزىدە تىرىكتۈرۈپ كەلدى.
    سىياسىغا قىزىقىدىغانلارنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى: سىياسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاز – تولا قۇلاقدار بولۇپ تۇرۇش بولۇپ، قانداقتۇر سىياسى ھەققىدە ئۇنىۋېرسال ۋە رەسمى ساۋات ۋە چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلىرى بەك ئاز. ھەممىسى يۈز بەرگەن ھادىسە ھەققىدە قىزغىن مۇنازىرىلەر قىلىشىدۇكى، ھەرگىزمۇ شۇ ھادىسىلەرنىڭ ماھىيىتى، سەۋەبى، باش – ئاخىرى ھەققىدە ئۈزۈل -كېسىل خۇلاسىگە ۋە تونۇشقا كېلەلمەيدۇ.ھەتتا بەزىلىرى ئۆزى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان خەلقئارانىڭ يەنە بىر بۇلۇڭىدىكى ھادىسە ھەققىدە خىيالى تەسەۋۋۇردا بولىدۇكى، ئۆز رېئاللىقى ھەققىدە ئويلانمايدۇ. باشقىلارغا ئىچ ئاغرىتىشىپ قويىدۇكى، ئۆزىنىڭ رېئاللىقىنى ئۇنتۇيدۇ.



    سەنئەتكە قىزىقىدىغان ياشلىرىمىز



    ئىگخلىشىمىزچە خىلى كۆپ ياشلار كىنو ئارتىسى بولۇشنى خالايدىكەن. ياشلىرىمىز ئۆز ۋۇجۇدىدىكى تەلپۈنۈشلەرنى تۈرلۈك شەكىللەردە ئىپادىلەپ، ئاشكارىلاپ كەلگەن، بەزىلىرى جەڭگاھتا، بەزىلىرى مەشرەپتە، بەزىلىرى چىلىشىش، بەيگىلەردە… سەنئەتكە بولغان قىزىقىش ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى سىرتقا چىقىرىش ئىنتايىن زۆرۈر بولۇۋاتقان ياكى بىلدۈرگىسى كەلگەن تەرەپلىرىنىڭ باشقىچە شەكلىدە ئىپادىلىنىشى. بۇ پەقەت قىزىقىش ئۈچۈن بولۇپ قالماي، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى بازارغا يۈزلەندۈرۈش يۆنىلىشىدە بولسا ياخشى ئىقتىسادى ھەم ئىجتىمائىي ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ. جۈملىدىن ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم شەخس، مۇھىم دەۋرلەر، مۇھەببەت ۋە جاپالىق ئۆتمۈشلەر، گۈللەنگەن مەزگىللەر ئىكرانغا چىقىرىلسا ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق بىزگە يىقىن ئەللەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولالايدۇ.
    بىز بۇ تۈركۈمدىكى ياشلىرىمىزغا كەسپى ماھارەت (ئاكتيورلۇق، ناخشا ئېيتىش، ساز چىلىش)؛ مەبلەغ سالغۇچى ئىزلەش (فىلىم شىركەتلىرى، خۇسۇسى سودىگەرلەر)؛ ئۆزىنى ۋە خەلقنى نامايان قىلىش قىزغىنلىقى بولۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز.



    ئۈن – تىنسىز ئىزلىنىۋاتقان ياشلىرىمىز



    شۇنداق بىر تۈركۈم خالىس ياشلىرىمىزمۇ باركى، ئۇلار ئۆز ۋۇجۇدىنى نام – شۆھرەتتىن خالىي ئاددىي كەسىپلەرگە، كۆزگە چىلىقمايدىغان جايلاردىكى مۇشەققەت ئەمگەكلەرگە بېغىشلىغان. كۆپلىگەن كىشىلەر بىرنان تاپسا تۆت ناندا داپ چالىدىغان، بىر دەقىقىلىك خۇشاللىقنى نەچچە كۈن خاتىرىلەپ داغدۇغا چىقىرىدىغان بولۇپ كەتكەن شۆھرەت ئالىمىدە نەتىجە قازانغۇچى ئۆز ئىسمىنى ھېچكىمگە تىنمايدىغان ياكى نەتىجە قازانسىمۇ ئۆزىنى بازارغا سىلىپ كەتمىگەن ياشلىرىمىز بىزگە شۇنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇكى، ھەقىقىي قىممەت يارىتىش ئىنسان ھاياتىنى ئەھمىيەتك ئىگە قىلىدۇ، بۇقىممەت يارىتىش كىشىدىن تېخىمۇ ئۇزۇن، تېخىمۇ سۈكۈت، تېخىمۇ ئاددىي يول، تېخىمۇ يىراقنى كرەر كۆز بىلەن تىرىشىش، نەزەر تاشلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز بۇنداق ياشلىرىمىزدىن تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ھەس قىلالايمىز. ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزلىنىشتىن كېيىنكى نەتىجىنى غايە قىلىپ تىرىشىۋاتقان بۇ ياشلىرىمىز ئىچىدە ئەقلى ئەمگەك ياكى جىسمانى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارمۇ بار. ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۇرمۇشىنى مۇستەقىل قامدىغاندىن كېيىن، ئەتراپىدىكى مۇھتاجلارغا يار – يۆلەك بولۇۋاتقانلارنىمۇ ئۇچرىتىمىز.
    مانا مۇشۇنداق باشقىلارغا يۆلەنمەي، باشقىلارنى يۆلەيدىغان ياشلار نېمىدېگەن بەختلىك! مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەپ، مىللىي خاسلىقنى ئۆز ئىگىلىكىگە سىڭدۈرگەن ياشلارنىڭ بۇ خىسلىتى ۋە مەۋجۇتلۇقىمىزدىكى ئورنىنى ھەرقانداق ئىلمىي خادىمدىن تۆۋەن چاغلىغىلى بولمايدۇ.



    ئىگىلىك تىكلەشكە قىزىقىدىغان ياشلىرىمىز



    نۆۋەتتە زامانداشلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادى كىرىى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئىنچىكە ھالدا كۆرسىتىپ بېرىشكە ئامالسىزمىز. لېكىن ئارىمىزدا كۈندىلىك ئىش ھەققى 5 – 4 دوللارغا يەتمەيدىغانلار ساماندەك تولا. مەبلىغىنى 5 مىليون دەپ تىزىملاتقان شىركەت، كارخانا ۋە خۇسۇسى تىجارەتچىلەر 500 گىمۇ يەتمەيدۇ. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بايلارنىڭ كۆپ قىسمى ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك تېخنىكا، زامانىۋى پەنلەر، ئۆي – مۈلۈك، ئىنتىرنىت ۋە تور تېخىنىكىسى، چىگرا سودىسى، ئاشلىق، دورا ياساش ۋە يۆتكەپ سىتىش، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى… قاتارلىقلار بىلەن نەتىجە قازىنىۋاتقانلار ئىكەن. بىزدىمۇ 90 – يىلدىنكېيىن قوزغالغان بازار ئىگخلىكى، ئىقتىساد قىزغىنلىقىغا ئەگىشىپ مۇستەقىل ئىش قىلىۋاتقانلار كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇلار كۆپىنچە مەلۇم بىر ساھەدە ئۆز ئارتۇقچىلىقى ۋە شارائىتى بارلىقىنى ھېس قىلىپ مۇستەقىل ھالدا يۈرەكلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانلاردۇر. بۇلارنىڭ بەزىلىرى شىركەت سۈپىتىدە، بەزىلىرى دۇكان ۋە يەرلىك سودا شەكلى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا. مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئومۇمى ھالىتىمىزگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئەڭ زور بولىدۇ. مەلۇم بىر چوڭ كارخانا مەلۇم رايوننىڭ ئىقتىسادى، سىياسى ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئەمەلىي كۈچى ۋە تېخنىكا قۇۋۋىتى بار بولغان كارخانىلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى ھالسىرىغان بىر جامائەنى روھى قۇۋۋەت ۋە ئەمەلىي مادار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. بىزدە ئېچىشقا تىگىشلىك ساھەلەر ھەقىقەتەن كۆپ. دەسمايە – چوڭلاردا، يېڭى تەسەۋۋۇر ۋە تېخنىكا پىلانى ياشلاردا پەقەت ھەمكارلىشىش پوزىتسىيىسى چوڭقۇرلاشسىلا بىزدىمۇ چوڭ – چوڭ كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقىدا گەپ يوق. باشقا مىللەتلەرگە، ئىچكىرىگە، چەئەللەرگە يۈزلىنىش، بازارنى پەقەت ئۇيغۇر ئىستىمالچىلار بىلەن چەكلەپ قويماسلىق – كېڭىيىش ۋە ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇشنىڭ يەنە بىر ئاساسى.


    ئۈرۈمچى مەشرەپ سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى مۇھەممەت ياسىنجان ئەپەندى ئۆزىنىڭ سودا ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئۇچۇرى ھەققىدە مۇنۇلارنى ئېيتىپ بەردى: مەن تېخى 30 ياشقا قەدەم باسمىدىم. لېكىن سودا ساھەسىدە كۆپ ئەگرى – توقايلىقلارنى بېسىپ 94 – يىلى 10 مىڭ يۈەن بىلەن باشىغان سودىنى ھازىرقى ھالەتكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ساق 10 يىل تىرىشتىم. ھازىر بىر يىرىم مىليون مەبلەغ بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىۋاتىمەن. ئاساسلىق سودا شەكلىم مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بۇيۇملىرى سىتىش ۋە توشۇپ يەتكۈزۈش. مەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئائىت بىرنەچچە كىتابنىڭ تەسىرى (مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى) ۋە ئەمەلىي تەجرىبەمدىن يەكۈنلىگەن ئۇسۇللۇرۇم بىلەن پىششىق بولۇپ كەتكەنسودا پسىخىكىسى ئارقىلىق نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشتىم. ئاساسلىقى مېنىڭ قاتتىق كىرىشىپ باشتىن – ئاخىر ئۆز ئىشىمنىڭ كويىدا بولغانلىقىمدىن دەپ قارايمەن.



    ئېچىش مۇمكىن بولغان تۈرلەر



    ئېلېكترون ساھەسى؛ يۈك ترانسىپورتى، مەدەنىيەت سورىدى (كىتاب، كىنو، نەشرىيات، سەنئەت بۇيۇملىرى)، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش، چىگرا سودىسى، يۆتكەپ سېتىش، ۋاكالەتچىلىك، يەرلىك مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، كىيىم – كېچەك سودىسى، تەنتەربىيە ساھەسى ۋە بۇيۇملىرى، تازىلىق بۇيۇملىرى، ئاددىي ۋە كىچىك يېمەكلىكلەر، بارلىق تەن راھىتى، سغلاملىقى مۇلازىمەتلىرى، ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى، كىچىك تىپتىكى زاۋۇتلار (بورا، قەن – گېزەك، قەغەز، سۇلياۋ، پايپاق، پەلەي، گىلاستۇك زاۋۇتلىرى)،
    ئائىلە مۇلازىمەتچىلىك كەسپى مۇلازىمتىى، سىتىش ساھەسىدىمۇ نۇرغۇن يېڭىلىقلار بارلىققا كەلتۈرۈلدى.
    بىز پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىرى: زەنجىرسىمان سىتىش ئۇسۇلى، پارچە سىتىش ئۇسۇلى، توپ سىتىش ئۇسۇلى، ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈپ سىتىش ئۇسۇلى، يەككە، ماگىزىنسىز سىتىش ئۇسسۇلى.



    مۇھىمى تاپقان پۇلنى ئىشلىتىش يولى



    پۇل ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە. مۇھىمى ئۇنىڭغا قانداق ئۇسۇلدا ئېرىشىش ۋە ئۇنى قانداق يولغا سەرپ قىلىشتۇر. ياشلىرىمىز پۇل تاپقان بىلەن ئۇنى قانداق سەرپ قىلىش ۋە قانداق ئورنىنى ساقلاپ قىلىش، قانداق يەرگە خەجلەش ھەققىدە زۆرۈر چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇشى كېرەك. مۇقىم مۈلۈك، جامائەت پاراۋانلىقى، بانكا ئامانىتى، مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى قوغداش،مائارىپ سىلىنمىلىرى،نامرات رايونلار قۇرۇلۇشى، يىتىملار تەربىيىلىنىشى، ئۇيغۇرلاردا ئېچىلمىغان يېڭى تېخنىكا مەبلەغ سېلىنمىسى ۋە ئىشسىز ياشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، چەت ئەل كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرى بار ساھەلەردۇر.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.