تازلىق ئۆيىدىكى بەڭگى قىزلار

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-23 12:53:19

بۈگۈن بۇرادىرىم ئادىل ئوغىلىنىڭ خەتنە توي مەرىكىسى ئۈچۈن داستىخان سالغانىدى . چەتىرەك بىر ئورۇننى تاللاپ ئولتۇرغاچ ئەتىراپقا نەزەر سالدىم . بۇلۇڭ تەرەپتىكى ئۈ...



     

     

    تازلىق ئۆيىدىكى بەڭگى قىزلار 

         بۈگۈن بۇرادىرىم ئادىل ئوغىلىنىڭ خەتنە توي مەرىكىسى ئۈچۈن داستىخان سالغانىدى . چەتىرەك بىر ئورۇننى تاللاپ ئولتۇرغاچ ئەتىراپقا نەزەر سالدىم . بۇلۇڭ تەرەپتىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان . ئەمدىلا 15-16 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بالىلار ئالاھىدە دېققىتىمنى تارتتى ،چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھاراق-تاماكا ئالمىشىۋاتاتتى . تائاملار يېيىلىپ ھايال ئۆتمەي <<سورۇن>> باشلاندى . چوڭلارغا قارىغاندا كىچىكلەرنىڭ غوۋغالىرى سورۇننى بېسىپ كەتكەنىدى . بىر چاغدا بۇرادىرىم ئادىل خانىمى ۋە بىر قانچەيلەننىڭ ھەمراھلىقىدا ھەر بىر ئۈستەلگە كىلىپ مېھمانلاردىن ھال سورىدى ، بىراق ھېلىقى ئۈستەلگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ ، بىر-بىرىگە ھەيرانلىق ۋە تەئەججۈپ ئىچىدە قاراپ قېلىشتى . كېيىن بىلسەم ، ئۇلار چاقىرىلمىغان مېھمانلار بولوپ ،ئەر-خوتون ئىككلىسى تونىمايدىكەن .  


         بىردەمدىن كېيىن رىياسەتچىنىڭ <<چولپان>> دەپ تونۇشتۇرغان ئۇسسۇلچى كالتە كىيمى بىلەن ئەرەپچە ئۇسسۇلغا چۈشتى ، سورۇندىكى چوڭلار خىجىللىقتىن پەسكە قاراپ ئولتۇرماقتا ، بەزى ياشلار بولسا كۆزلىرىدىن ئاللىقانداق بىر مەنىلەرنى ئىپادىلەپ ، قىزنىڭ نېپپىز كىيىملىرىنىڭ تۇيۇقسىز يىرتىلىشىنى كۈتىۋاتقاندەك قىلاتتى . بۇ مەنزىرىلەرنىڭ كۆرىۋاتقاندا قەلبىم ئېيتقوسىز ئازاپ ۋە ئەندىشىگە پاتتى ، ئۈزۈمنى خۇددى يات بىر قۇۋۇم ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك ھېىس قىلماقتا ئىدىم .ئەجىبا ،ئاتا-بۇۋىلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ھەم ئۇزاقتىن بۇيان بىزگە ماياك بولوپ كېلىۋاتقان ئۆرپ-ئادەت ،مەدەنىيەتلىرىمىزدە مۇشۇنداق ئەخلاقسىزلىقلار بارمىدى ؟ ئەجەبا ،بىز تەرەققى قىلدۇق ، زامانىۋىلاشتۇق دەپ ئۇلارنى ئۇنتۇپ كېتەمدۇق ؟ 
         كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ، بۇ قانداقتۇر زامانىۋى مەدەنىيەت ۋە ئىلغارلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ ،بەلكى روھى زەئىپلىكتىن ،نادانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ .  
         يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا ،بالىلارنىڭ بەزمىخانا ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن تورخانىلاردا تۈنەپ <<سېرىق مەرەز>> لەرگە چاپلىششى ،دۆلەتنىڭ قانون-نېزاملىرىغىمۇ خىلاپ ،بۇ نى ھەم ئاتا-ئانىلارنىڭ ،پۇل پەرەس خۇجايىنلارنىڭ ،شۇنداقلا جەمىيەتنىڭ مەسئولىيتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . ئۇنىڭدىن قالسا ، جەمىيەتتىكى ھەر ساھە ئاممنىڭ بۇندا ئىشلارنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ئېرەن قىلماسلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك . مەن مەھرۇم بولغانلىرىمىزدىن ،سادىر قىلغان خاتالىقلىرىمىزدىن كېلىپ چىققان ئاچچىق ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەچ ئۇيغۇر مەدىنيىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرى پۈتۈلگەن مۇقەددەس قامۇسنى كۆرۈپ بولوپ ،دۆلىتىمىزنىڭ قانون-نېزاملىرىدىن تۈزۈلگەن قېلىن توپلامنى قولۇمغا ئالدىم . قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانونى ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانونى قاتارلىقلارنىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىدا ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋە مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تاماكا چەكمەسلىك ،ھاراق ئىچمەسلىكى ھەققىدە تەربىيە بېرىشى كېرەكلىكى ، ھەر قاندقا تىجارەت سورىنىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ھاراق-تاماكا سېتىپ بەرمەسلىكى ئېنىق بەلگىلەنگەن . ئۇنىڭدىن باشقا ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانونىنى يولغا قويۇش چارىسىدىمۇ بۇ ھەقتە ئىنىق بەلگىلىمىلەر بار ئىكەن ، بىراق بىز ئەمەلىيەتتە يۇقۇرقى قانون-نېزاملارنى قانچىلىك ئەمەلىلەشتۈرەلىدۇق ،ئەجدادلىرىمىز قالدۇرغان ئېسل ئەنئەنىلەرگە قانچىلىق ۋارىسلىق قىلالىدۇق ؟  
    قانونچىلىق گېزىتىدىن غۇپۇرجان ھەبىبوللا .  
     


          ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ساۋاقداشلار ئۇچىرششى ،دوستلار يىغىلىششى ، توي-تۆكۈن ۋە چاي دىگەندەك پائالىيەتلىرىممۇ تەبىئىيلا كۆپىيىپ ،رېستۇرانلارغا كۆپ بارىدىغان بولوپ قالدىم ، بىراق ھەر قېتىم كۆڭلۈم غەشلىكتە يانىمەن . چۈنكى دائىم رېستۇراننىڭ تازلىق ئۆيىگە كىرگىنىمدە ، قۇرداش ياكى بىر نەچچە ياش چوڭ ۋە ياكى كىچىك قىزلارنىڭ پۇرقىرتىپ تاماكا چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن . بىر قېتىم رېستۇراندا تېلىفۇندىكى ئاۋازنى ئاڭلىيالماي تازلىق ئۆيىگە كىرسەم ، ئىشىك تاقىلىپ قاپتۇ ، بىر نەچچە ئايال ئىشىكنى چەكتى . ئىچىدىكىلەرمۇ ئىشىكنى ئېچىپلا چىقىپ كېتىشتى . كىرگەن ئاياللار ماڭا غەيرى نەزەردە قارىدى ،چۈنكى مەن لەيلەپ يۈرگەن ئىس-تۈتەكلەر ئارىسىدا يالغۇز تۇراتتىم ، ئۇلارنىڭ نېمە ئويلىغىنىمۇ كۆڭلۈمگە ئايان ئىدى . كېيىن بىلىشىمچە ، بۇنداق ئىشلار ھەتتا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىدىمۇ بار ئىكەن . ئۇ ھەقتە پاراڭ بولغاندا ،ئىدارىمىزدىكى بىر ھەدىمىز ماڭا ، تويى بولىۋاتقان بىر قىزنىڭ تويلۇق كۆڭلىكىنى سۆرەپ تازلىق ئۆيىدە تاماكا چېكىپ تۇرغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى .  
          قىزلار ئۆزىنىڭ ئىش -ھەركىتى ،يۈرۈش -تۇرۇشى ئارقىلىق قانچىلىك تەربىيە كۆرگەنلىكىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ . گەرچە قىزلارنىڭ تۈرلۈك ئىچىملىك ۋە چېكىملىككە بېرىلىپ كەتكەنلىكتىن ئاتا-ئانىلىرى بېخەۋەر بولمىسىمۇ ، باشقىلار ئۇلارنى ئەمەس ،ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى قىزلىرىنى ياخشى تەربىيلىمەپتۇ ،باشقۇرماپتۇ ،دەپ قارايدۇ . تاماكا چېكىش ،ھاراق ئىچىش ئەسلىدىنلا قىزلارغا خاس ئىش ئەمەس ، كىچىككىنە قىزلارنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشا قىلمىشلارغا زېھنىنى چېچىشىمۇ ، زەھەر ،نامىراتلىق ،نادانلىققا ئوخشاش ،مىللەت ئۈچۈن ئاپەت ھېسابلىنىدۇ . ئۇ تەننى زەئىپلەشتۈرۈپلا قالماستىن ، تېخمۇ قورقۇنۇشلىقى روھنى زەئىپلەشتۈرىدۇ .  
           مۇخپىرلىق قىلىپ ج خ تارماقلىرىغا بارغىنىمدا ،زەھەرگە بېرىلىپ كېتىۋاتقانلار ئىچىدە ياش قىزلارنىڭ ئېگىلىگەن نىسبىتىنىڭ خېلى يۇقۇرى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدىم ۋە قىسمەن ئۇچۇرلارنىمۇ كۆردۈم . خۇددى بۇلاڭچىلىقمۇ ئۇششاق نەرسىلەرنى ئوغۇرلاشتىن باشلانغاندەك ، قىزلار ئۈچۈن خۇمار قىلىدىغان چېكىملىكلەرنى چېكىپ قېلىشمۇ كۆزىمىزگە ئىلمىغان ئاشۇنداق تاماكا چېكىشتىن باشلىنىدۇ ،دەپ ئويلايمەن .  
         قايسى بىر كىتابتىن خاتىرە قالدۇرۋالغان مۇنۇ ئابزاسنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم ؛  
    <<قىزلار ئۈچۈن بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس ،تىرىشماسلىق ئەيىپ ،  
     تىلسىزلىق ئەيىپ ئەمەس بىلىمسىزلىك ئەيىپ ،  
     بويى پاكارلىق ئەيىپ ئەمەس كۆڭلى پەسلىك ئەيىپ، 
    كەمبەغەللىك ئەيىپ ئەمەس نادانلىق ئەيىپ ،  
     تېرىنىڭ قارلىقى ئەيىپ ئەمەس كۆڭۆلنىڭ قارلىقى ئەيىپ ، 
    ياسىنىش ئەيىپ ئەمەس چاكىنىلىق ئەيىپ ، 
    ياۋاشلىق ئەيىپ ئەمەس ئىقتىدارسىزلىق ئەيىپ ،  
     ئۆزىگە ئىشىنى ئەيىپ ئەمەس تەككەببورلۇق ئەيىپ ، 
    جانلىقلىق ئەيىپ ئەمەس شاللاقلىق ئەيىپ ....>>  

         دوستۇم ،تۇمانلار چېھرىڭىزنى خىرەلەشتۈرمىسۇن ! ئۆزىڭىزنى ئايىغانلىقى ئاتا-ئانىڭىزنى ،كەلگۈسى ئەۋلادلىرىڭىزنى ئايىغانلىق بولىدۇ . 
    قانونچىلىق گېزىتىدىن مەرھابا باقىھاجى .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تازلىق