«مەن ۋەتەنگە تەۋە!»(سەلىمە . ئابدۇلھەق . كامال)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-04 09:31:57

«مەن ۋەتەنگە تەۋە!»سەلىمە . ئابدۇلھەق . كامالئۇ بىردىنلا پادىچى بولۇپ قالدىغەنى ئاكا خوتەندىن يېتىمچە بولۇپ ئۈرۈمچىگە چىققان ئەينى يىللاردا باداۋاندا تۇرپان ، توقسۇنلۇق بايلار كۆمۈركان ئېچىپ...

    «مەن ۋەتەنگە تەۋە!»
    سەلىمە . ئابدۇلھەق . كامال


    ئۇ بىردىنلا پادىچى بولۇپ قالدى

    غەنى ئاكا خوتەندىن يېتىمچە بولۇپ ئۈرۈمچىگە چىققان ئەينى يىللاردا باداۋاندا تۇرپان ، توقسۇنلۇق بايلار كۆمۈركان ئېچىپ ، ئۈرۈمچىنى يېقۇلغۇ بىلەن تەمىنلەۋاتاتتى . غەنى ئاكىنىڭ ساۋاتلىقلىقى بۇ يەردە ئوبدانلا ئەسقاتتى ، بايلار ئۇنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتتى ، كانچىلار ھۆرمەتلىك كىشىسى قاتارىدا سانىدى . ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ  كان باشلىقى بولۇپ سايلاندى . تۇرمۇش غېمىدىن خالاس بولغان غەنى ئاكا باداۋانغا «بېغىر بېسىپ» قالدى ، خەلىچىخان ئىسىملىك قىزغا  ئۆيلىنىپ ، بالىلىق بولدى.
    مەمتىمىن —  غەنى ئاكىنىڭ ئارزۇلۇق ئوغۇللىرىدىن بىرى ئىدى .
    1966-يىلى غەنى ئاكا سەككىز ياشلىق مەمتىمىننى  باداۋان باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئاپىرىپ بەردى . ئەپسۇس ، مەمتىمىن ساۋاتىنى چىقىرىشقا ئارانلا ئۈلگۈردى . بىردىنلا  مەكتەپلەر ۋەيران قىلىنىپ ، بىر-بىرلەپ تاقالدى .  مۇئەللىملەر گۇناھكارغا چىقىرىلىپ ، بالىلار ئوقۇشسىز قالدى . غەنى ئاكا قارا يىپ بولدى ، مەمتىمىن پادىچى تايىقىنى قولىغا ئالدى ، ئانىسى ئېلىپ بەرگەن ساغلىق بىلەن قوزىسىنى ئالدىغا سېلىپ ، قاتتىق ناننى بېلىگە تۈگكەنچە توپتوغرا دالىغا قاراپ  ماڭدى...
    يىللاردىن بۇيان تالاي كانلارنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ، قېزىپ چىقىرىلغان توپىلاردىن  ھاسىل بولغان دۆڭلۈكلەر ، كىچىك-كىچىك تۆپىلىكلەر ئەمدىلىكتە مەمتىمىننىڭ سىنىپىغا ئايلانغانىدى . ئۇ بۇ يەردە پايانسىز ئاسماندىكى ئۈزۈپ يۈرگەن ئاق بۇلۇتلارغا قاراپ ياتقانچە  خىيالغا كېتەتتى .  «قويلىرىمنىڭ  قورسىقى تويسا ، ئاندىنچۇ ، بىر كۈن ئەمەس بىر كۈنى  مەكتەپكە قايتسام . ئەمما كېيىنكىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن شېرىن  بىر چۈش ئىدى ، ھەر قېتىم چۈشى ئاخىرلاشقاندا بولسا  بېشىنى كۆتۈرۈپ شىۋاق باسقان دالىغا ، ئوتلاپ يۈرگەن قويلىرىغا قاراپ ئۆزىگە قايتقاندەك بولاتتى . ئۇ ھەمىشە ئاشۇنداق «شېرىن چۈش» كۆرەتتى ، ئارقىدىنلا يەنە رېئاللىققا قايتاتتى . بىردىنلا پادىچىغا ئايلانغان مەمتىمىن چۈش ۋە رېئاللىق ئارىسىدا بالىلىقنىڭ ئەڭ شېرىن  ئىككى يىلىنى ئۆتكۈزۈپ قويدى.
    ئانا ئىلتىجاسى: «تاغدىن ئېشىپ مەكتەپكە بار»

    غەنى ئاكا ئاخىر  ئاقلىنىپ قويۇپ بېرىلدى.
    — تايىقىڭنى تاشلا ، جېنىم ئوغلۇم ، يۈر مەكتەپكە،— خەلىچىخان ئانا ئۇنى پاكىز كىيىندۈرۈپ مەكتەپكە ئېلىپ كەلدى.
    — يەنە 2-سىنىپتىن باشلاپ ئوقۇسۇنمۇ ياكى...
    ئېگىز بوي تارتىپ ، ھېلىمۇ تەڭتۇشلىرىنىڭ ئاكىسىدەك كۆرۈنۈۋاتقان مەمتىمىن كىچىكلەر ئارىسىغا كىرىپ ئوقۇشنى ئانچە خالاپ كەتمەيتتى . مۇئەللىملەر قىسقا مەسلىھەتتىن كېيىن ئاخىر ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى تاپتى.
    — بۇ بالا 4-سىنىپتىن باشلاپ ئوقۇسۇن،— دېدى بىر مۇئەللىم.
    سىنىپتىن «سەكرەش» مەمتىمىننىڭ بالىلىق قەلبىنى ئىللىتتى .  پادىچى بالىنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى  «سەكرەش» ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئامەت ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە ئازراق ئەپسۇسلىنىشلارنىمۇ بىرگە ئېلىپ كەلدى...
    سەككىز داۋان قارا ئالتۇن كانى ، قاپقارا ئالتۇنلىرىدا  پۈتۈن ئۈرۈمچىنى ئىللىتقىنى بىلەن كانچىلار بالىلىرىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىشقا قادىر بولالمىدى . ئوتتۇرا مەكتەپ بولمىغانلىقتىن كانچىلارنىڭ نۇرغۇن  پەرزەنتلىرىنى داۋاملىق ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدى ، ئۇلار بوۋىسى ، ئاتىسىنىڭ يولىغا قاراپ ماڭدى . قوپال كان كىيىمى ۋە  ئېغىر قالپاقنى كىيىپ كانغا چۈشۈشتى . قاراڭغۇ كان تېگىدە كۈنلەپ قۇياش نۇرىغا تەشنا بولۇپ ، سائەت ، مىنۇت ساناپ ئىشلەيدىغانلار قاتارىغا قوشۇلۇپ كەتتى . پەقەت مەمتىمىننى قوشقاندا يەتتە بالا  سەككىز تۆپىلىكىدىن ھالقىپ ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپكە قاتناپ ، داۋاملىق ئوقۇشقا بەل باغلىدى.
    سەككىز داۋانلىق بۇ يەتتەيلەن  دەرسكە ئۈلگۈرۈش ئۈچۈن سەھەر تۇرۇپ ، ئاپتوبۇس بېكىتىدە سائەتلەپ ئاپتوبۇس ساقلاشقا رازى ئىدى . ئۇلار ئاپتوبۇستىكى  تىقىلىشىپ تۇرغان كىشىلەر ئارىسىدىمۇ ئۆزلىرىنى گويا ئايروپىلانغا چىقىۋالغاندەك بەھۇزۇر سېزىشەتتى . ئۇزۇن ئۆتمەي ئەبجەق ئاپتوبۇسلارغىمۇ «چېچەك» چىقتى . ئاپتوبۇسلارنىڭ توختىتىلغانلىقى ، ئۇلارنى  تەۋرىتىپ قويدى.
    — ئانا ، ئاپتوبۇس توختاپ قالغاچقا ، بەزى دوستلىرىم پىيادە مېڭىشقا چىدىيالماي قالدى ، باشقىلىرىمۇ ئوقۇمايدىغاندەك قىلىدۇ،— دېدى بىر كۈنى مەمتىمىن ئۆزىگە چۈشلۈك تاماق چىگىۋاتقان ئانىسىغا.
    — تاغدىن ئېشىپ ماڭ (باداۋانلىقلار تۆپىلىكلەرنى تاغ دېسە كېرەك) ، ئوقۇشتىن توختىساڭ بولمايدۇ!— گەپنى كەستى خەلىچىخان ئانا.
    ئەمەلىيەتتە  ئانا ئاق پىشماق ، نازۇككىنە ئوغلىنىڭ تاپانلىرىنىڭ يېرىلىشىدىن ، بالىلىق ھىدى كەتمىگەن يۇمران بەدىنىگە توپا-تەر پۇراقلىرىنىڭ سىڭىشىدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرمىغانىدى . ئانىنىڭ ئىلتىجاسى ، شۇ ئۆتۈنۈش ۋە  بۇيرۇقى بىلەن مەمتىمىن بىلىم ئىزدەپ ئۇزۇنغا سوزۇلغان پىيادە سەپىرىنى باشلىۋەتتى.
    ھەر كۈنى سەككىز داۋاندىن ئىككى قېتىم ئاشتى . ئۇنىڭ يۈكىچۇ تېخى! ئانىسى تەييارلاپ بەرگەن چۈشلۈك تاماقنى ئاۋايلاپ كۆتۈرمىسە ، كىتاب-دەپتەر لىق تولغان جىلتىسىنى ئاسمىسا بولمايتتى.
    — خۇدايىمغا ئامانەت بالام ، يوللاردا پەخەس بولغىن!
    — دەرسكە زېھنىڭنى قوي ئوغلۇم!
    ئاتا-ئانا ئۇنى مۇشۇ تىلەكلىرى بىلەن ھەر كۈنى مەكتەپكە ئۇزىتاتتى.
    مەمتىمىننىڭ تاپانلىرى يېرىلىپ ، قانىدى ، سۇ كۆتۈرۈلۈپ شەلۋەرىدى . ئاستا-ئاستا قاداق بولۇپ قاتتى . ئاتا-ئانا ئۆينىڭ ئىشىكىدە ئۇزىتىپ قالسا ، سىنىپنىڭ ئىشىكىدە  زۆھرە مۇئەللىم خۇددى قەھرىماننى كۈتۈۋالغاندەك ئۇنى قارشى ئالاتتى . كۆيۈمچان ئۇستاز بىر تەرەپتىن مەمتىمىنگە قايىل بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن  ئۇنىڭمۇ ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى . شۇڭلاشقا ئۇ باشقا مەكتەپتىكى دوستلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ مەمتىمىننى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپكە (ياتاقلىق مەكتەپ ئىدى) يۆتكىدى.
    ئۇستاز باداۋانلىق شاگىرتىدىن تەستە ئايرىلدىيۇ ، خاتىرجەم بولدى.
    مەمتىمىن كانچىلىق قالپىقىنى بېشىدىن ئېلىۋەتتى

    مەمتىمىن تولۇق ئوتتۇرىنى  پۈتتۈرگەندىن كېيىن ،  ئۆگەنگەنلىرىنىڭ تولىمۇ ئاز بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى ، مەكتەپلەردە  «ئىشچى-دېھقان ، ئەسكەرلەردىن ئۆگىنىش ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ مەكتەپ باشقۇرۇش» ئاساسىي ئورۇندا بولغاچقا ، كىتاب-ماتېرىيالنىڭ تايىنى يوق ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلىملىك ئوقۇتقۇچىلار «قارا يىپ» ئاتىلىپ ، شوئارۋازلار ئاتالمىش «مائارىپچى» بولۇۋالغان تۇرسا! ئۇ يەنە كانغا قايتتى . ئىككى يىل كاندا ئىشلىدى ، خۇمدانغا بېرىپ قول ھارۋىدا خىش توشىدى . بەزىدە ئېغىر ھارۋىنى پەستىن دۆڭگە ئىتتىرىشكە توغرا كېلەتتى . بۇنداق چاغلاردا تەڭپۇڭلۇق سەللا بۇزۇلسا ھارۋىنىڭ سالمىقى بىلەن مەمتىمىن كۈچ ئېلىشالماي قالاتتى-دە ،  گۈلدۈرلەپ ئويمانغا چۈشۈپ كېتەتتى...
    كاننىڭ بىر ئەتىگىنى  شۇنداق بىر خۇش خەۋەر تارقالدى ، كانچىلار قالپىقىنىڭ تېگىدىن ئىككى كۆزىلا پارقىراپ تۇرغان مەمتىمىن غەنى ئۈچۈن سەككىز داۋان گويا سەككىز جەننەتكە ئايلىنىپ قالغاندەك كۆرۈندى.
    — ئالىي مەكتەپكە كاندىنمۇ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇدەك!
    ئۇ كان ئىشخانىسىغا كىردى ، ئارقىدىن شىنجاڭ ئىنستىتۇتىغا كېلىپ تىزىملاتتى.
    ئىمتىھان قەغىزى ئالدىدا ئۇنىڭ ئۇزۇن بەدىنى پۈكۈلدى . بېشى قاتتى.
    ؟(17)10  (18)10
    مەكتەپتە ئۇ مۇنداق ماتېماتىكىلىق ئەمەلنى زادىلا كۆرۈپ باقمىغان ، شۇنداقتىمۇ كۆپەيتىش يولى ، نۇرغۇن ئەگىتمە يوللاردىن پايدىلىنىپ ئىشلىدى . «نەتىجە (35)10  »چىقتى . جاۋاب توغرا ئىدى .
    ئۇ ماتېماتىكا ئاساسىنىڭ ئاجىزلىقىدىن دەرىجە سانىنى قوشۇپ قويسىلا نەتىجىنىڭ توغرا چىقىدىغانلىقىنى بىلەلمىگەنلىكىنى ھېس قىلغىنىدا ، تەبىئىي پەنلەر بويىچە پۇختا ئاساس بولۇشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدى . بۇ ئىمتىھان مەمتىمىنگە ھەم ساۋاق ، ھەم باھاسىز تەجرىبە  بولغانىدى.
    1977-يىلى ئۇنىڭ ھاياتلىق يولىدا تۈپكى بۇرۇلۇش بولغان خاسىيەتلىك بىر يىل بولدى . ئۇ كانچىلار قالپىقىنى بېشىدىن ئېلىۋەتتى ، قولىغا كىتاب ئېلىپ ، شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ ماشىنىسازلىق كەسپىگە ئوقۇشقا كىردى.
    مەمتىمىننىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھان نەتىجىسى سىنىپتا ئارقىدىن سانىغاندا 5-ئورۇندا تۇراتتى . ئەمما ئۇ «سەكرەش»كە تولغان ئوقۇش ھاياتىدا بۇ قېتىممۇ سەكرىمەي قالمىدى .  ھەربىر مەۋسۇم ، ھەر يىلدا چوڭ-چوڭ قەدەم ئېلىپ «سەكرىدى» . ئوقۇش پۈتتۈرگەندە بولسا ئىمتىھان نەتىجىسى سىنىپ بويىچە ئالدىنقى قاتارغا تىزىلدى . ئۇ ئەتىۋارلىنىپ سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئېلىپ قېلىندى.

    ماسانورى كىكوچى مۇئەللىم مەمتىمىنگە قايىل بولدى

    1990-يىلى مەمتىمىن قىسقا مۇددەتلىك ياپون تىلى ئۆگىنىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، ياپونىيىدىكى ئىككى يىللىق بىلىم ئاشۇرۇش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈردى . ئوقۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان مەمتىمىن  ياپونىيىدە ئېچىلغان سانائەت پەنلىرى ئالىملىرىنىڭ خەلقئارالىق يىغىنىغا قاتنىشىپ «ئاليۇمىن قېتىشما بىرىكمە ماتېرىياللىرىنىڭ زەخىملىنىشىنى ئانالىز قىلىش» سەرلەۋھىلىك ئىلمىي ماقالىسىنى  ئوقۇدى . بۇ ماقالىنى ياپونىيىدىكى «ماشىنىسازلىق ئىلمىي  ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلدى.
    — سەن مېنىڭ قولۇمدا دوكتورلۇقتا  ئوقۇشنى خالامسەن؟— يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ماسانورى كىكوچى  ۋەتەنگە قايتىش تەييارلىقىغا چۈشكەن مەمتىمىنگە سوئال قويدى.
    — مەن ماگىستېر ئاسپىرانتلىقىنى ئوقۇمىغان تۇرسام ، قانداقمۇ دوكتورلۇقتا ئوقۇيالايمەن؟
    — ئىلمىي ماقالەڭدە ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ھەل قىلغان مەسىلە سېنىڭ دوكتورلۇقنىمۇ ناھايىتى يېنىك تاماملاپ قويىدىغانلىقىڭنى ئىسپاتلاپ قويدى.
    مۇئەللىمنىڭ باھاسىدىن قارىغاندا مەمتىمىنگە يەنە سەكرەش پۇرسىتى كەلگەندەك تۇراتتى .  باشلانغۇچتا ئىككى يىل ئوقۇپلا تولۇقسىزغا سەكرەشنى ، كاندىن چىقىپ ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىشنى ئامەت دەيلى ، ئەمما ئاخىرقى قاتاردىكى ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئالدىغا كۆتۈۈشنىمۇ «ئامەت»تىن كۆرسەك ئادالەتسىزلىك بولىدۇ ، ئەلۋەتتە . ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇماي ، دوكتورلۇققا بىراقلا قوبۇل قىلىنىشنى «ئامەت» دېيىشكە تېخىمۇ ھەققىمىز يوق! چۈنكى بىز مەمتىمىننىڭ مۇشۇ شارائىتنى ياراتقۇچە بالىلىقنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرىدىن ، ياشلىق لەززەتلىرىدىن تالاي قېتىملاپ ئۈن-تىنسىز ۋاز كەچكەنلىكىنى پەرەز قىلالايمىز . ياپونىيىدەك پەن-تېخنىكا دۆلىتىدە تۈنۈگۈنكى پەن چولپانلىرىنى بۈگۈن تەستە ئەسكە ئالىدىغان ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ بىر ئۇيغۇر بالىسىغا بولغان قايىللىقىنى يوشۇرماسلىققا ، ھەتتا ئۇنى داۋاملىق تەربىيىلەشكە خۇشتار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىشىغا مەمتىمىن ھېچقانچە بەدەل تۆلىمەيلا سەۋەبچى بولغانمىدۇ!؟
    — مۇشۇ تەتقىقاتىڭغا ئاساسەن تېما تاللا ، ئىشلە ۋە ئىلمىي نەتىجىسىنى چىقىرىپ ، يېزىپ تاپشۇر ، قىلالامسەن؟
    مەمتىمىن ئېنىق بىلەتتىكى ، بۇ قېتىمقى سەكرەش پەن-تېخنىكا دۇنياسىدا كۈچلۈك  سانىلىدىغان بۇ دۆلەتتىكى ئىلىم ئەھلىلىرى بىلەن رىقابەتلىشىش ھېسابلىناتتى . ئۇ ئەمدى گويا ئانىنىڭ: «تاغدىن ئېشىپ مەكتەپكە بار!» دېگەن ئىلتىجاسى بىلەن تاغ ئېشىپ مەكتەپكە بارغان چاغلىرىدىكىدەك  بېلىنى قايتىدىن باغلىدى...
    «كېرىمنىي  كاربونات قىسقا تالاسىدىن ياسالغان ئاليۇمىن قېتىشمىسىنىڭ كۈچىنىشىگە باھا» ناملىق تەتقىقات ماقالىسى پۈتكەندە ، يېتەكچى مۇئەللىم ۋە باھالىغۇچى پروفېسسورلارنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشى بىلەن مەمتىمىن سانائەت پەنلىرى دوكتورى ئىلمىي  ئۇنۋانى ئۈچۈن ئۆگىنىشكە ئاتلاندى .
    مانا دوكتورلۇقتا ئوقۇش پۇرسىتى ئاخىرى قولغا كەلدى ، شۇنىڭ بىلەن بىللە غەم-ئەندىشىلەرمۇ تەڭلا بېسىپ كەلدى.
    «قولۇمدىكى پۇل ئاران 600 مىڭ ياپون يىنى ، ئوقۇش ھەققى بولسا 1 مىليون 100 مىڭ يىن  ، قانداق قىلغۇلۇق ، نەدە ياتارمەن ، نېمە يەرمەن؟...»
    غەم ئۇنىڭ چىرايىغا چىقىپ كەتكەنىدى.
    — ساڭا 700 مىڭ يىن قەرز بېرىپ تۇراي ، قالغىنىنى ئۆزۈڭ ئامال قىلىپ كۆر.
    مەمتىمىن مۇئەللىمنىڭ دېگىنىدەك قىلىۋېدى ، يېنىدا يەنە 200 مىڭ يىن ئاشتى . ئۆي ئىجارىسىگە تۆلىسە ئۆزىگە بىر تىيىنمۇ قالمايتتى . قانداق قىلىش كېرەك؟ «قايتىپ كەتسەم ، خىزمىتىمنى قىلىپ ، راھەتتە ياشىمايتتىممۇ! چەت ئەلدە تۇرۇۋېرىپ ئاتا-ئانام ، قېرىنداشلىرىم ، ئائىلەمگە قانمىسام...»
    ئەمدىكى ئوقۇش ، ھالقىش مۈشكۈل بولغان بىر تاغدەك ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇۋالدى.
    «ئانام كىچىكىمدە تەبىئىي تاغلاردىن قانداق ئېشىشنى ئۆگەتكەن ، ئەمدى ئۇ ئىقتىساد تېغىدىن ھالقىپ ئۆتۈشۈمنى يىراقتىن ئىلتىجا قىلىۋاتىدۇ . ھەقاچان ، مەن بولسام...» مەمتىمىن خىيالدىن ئويغاندى ، چېكىسىنى قاماللىغان قوللىرى ھەرىكەتكە كەلدى-دە ، ئورنىدىن دەس تۇردى.
    مەمتىمىن ئىش ئىزدەپ ماڭدى . ئەمدىلىكتە  سانائەت ئىنستىتۇتىدىكىدەك كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ ، ئاپئاق قوللىرىغا بور ئالغانچە  دوسكا ئالدىدا ئىشلەيدىغان ئىشنى ئەمەس ، مەدىكارچىلىق ، تازىلىق ئىشلىرىنى ئىزدىدى . چۈنكى بۇنداق ئىشنى ئاسانراق تاپقىلى ھەم پۇلنى تېزرەك يىغقىلى بولاتتى.
    مەمتىمىن چوڭ بىر بىنانىڭ تازىلىقىنى كۆتۈرۈۋالدى . ياپونىيىدە بۇنداق ئىشلار كېچىسى ئىشلىنىشى ، كۈندۈزى ، خىزمەت ۋاقتىدا بولسا زال ، بۆلۈم ، دېرىزىلەر يالتىراپ تۇرۇشى كېرەك ئىدى . ئۇ ھەر كۈنكى كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئىشقا چاپاتتى ، كېيىنچە يەنە رېستوران ، تېز تاماقخانىلاردا تازىلىقچى بولدى . مەمتىمىن ياپونلۇقلارنىڭكى بىلەن پەرقى چوڭ بولغان بوي-بەستىدىنمۇ رەنجىپ قالدى . ئاشخانا تازىلىغاندا چوقۇم كىيىش لازىم بولغان تازىلىق كىيىمى بىرتۇتاش تىكىلگەن بولۇپ ، ئۇ ئەڭ چوڭ رەزمىرلىكىنى كىيىۋىدى بەدىنى يىغىلىپلا قالدى . پۇتىغا ئورۇندۇق قويمىسا كىيىمىنىڭ ئىچىدە تارتىشىپ قالغان قوللىرى بۇس تارتقۇغا يەتمەيتتى ، ئورۇندۇق قويۇۋالسا بېشى تورۇسقا تاقىشىپ قالاتتى . ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن چوڭ رەزمىرلىك كىيىم تېپىلمىدى ، ئامال قانچە تارتىشىپ ، پۈكۈلۈپ قالسىمۇ ئىشلىشى ، مۇئەللىمنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇشى ، ئوقۇشى كېرەك! تۇرمۇشى ئۈچۈنمۇ پۇل كېتىدۇ...
    قاغىش تەككۈر بۇس تارتقۇنى تازىلاشتىن كۆرە ، تەكشۈرگۈچىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش بەكلا تەس ئىدى . تەكشۈرگۈچى ئاپئاق قەغەز بىلەن سول بۇرجەكنىڭ بىر يەرلىرىنى سۈرتۈپ بىر «مەسىلە» تاپسا ، يەنە بىر سائەت تازىلاشقا ، ئوڭ بۇرجەكتىن «مەسىلە» تاپسا يەنە تازىلاشقا توغرا كېلەتتى . بولۇپمۇ ئاممىۋى ئاشخانا ، تېز تاماقخانىلاردا تازىلىققا قويۇلىدىغان تەلەپ بەكلا يۇقىرى ئىدى.
    يۈك قاچىلايدىغان ئىش مەمتىمىنگە ،  بولۇپمۇ ئۇنىڭ زور گەۋدىسىگە تازا ماس كېلىدىغاندەك بىلىندى . شۇنداق قىلىپ ئۇ بىر ئۇچى يۈك ئاپتوموبىلىغا تۇتىشىدىغان لېفىتقا  ھەم ئېغىر ، ھەم نازۇك بولغان سۇ بوتۇلكىلىرى قاچىلانغان يەشىكلەرنى  بېسىشقا باشلىدى . ئېگىز بوي ئۇنىڭغا يەنە شەپقەتسىزلىك قىلدى . ئىش تەقسىملىگۈچى ئۇنىڭ تۇرقىغا بىرلا قاراپ ، لېفىتنىڭ ئەڭ ئېگىز قىسمىغا  چىقىرىپ قويدى .  شۇنىڭ بىلەن باشقىلار يۈكنى يەردىن 30 سانتىمېتىر ئېگىز كۆتۈرسە ،  ئۇ بىر مېتىرچە كۆتۈرۈپ لېفىتقا تاشلايتتى . ئارقا-ئارقىدىن تىزىلىپ تۇرغان ئاپتوموبىللارنى توشقۇزۇش ئۈچۈن يۈكنى ئۈزۈپ قويۇشقا زادى بولمايتتى.. . جىددىيلىكتە تەر سۈرتۈشكىمۇ پۇرسەت يوق ئىدى . ئۇ لېفىتتا ئۈچ كۈن ئىشلەپ ، ئۈچ كۈن بېلىنى كۆتۈرەلمەي يېتىپ قالدى .
    ئەمما تۆتىنچى كۈنى قايتىدىن قەددىنى رۇسلىدى . «شىنجاڭنىڭ سانائەت ئاساسى ئاجىز ، سانائەتنى ئەلالاشتۇرۇش تېخى ناھايىتى ئۇزاقتا . ئەلا سانائەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن بىرنەچچە ئەۋلاد تىرىشىشقا ، كىملا بولمىسۇن سەركە بولۇپ يول باشلاپ ، مۇقەددىمە يېزىشقا بەل باغلىشى كېرەك . بۇ يەتكىلى بولمايدىغان ئابىستراكىت غايە ئەمەس ،  غايىگە يېتىش يولۇمدىكى ئىزدىنىشىمگە پۇل سەۋەبچى بولۇپ قالسا زادى بولمايدۇ . مەن جاپا تارتمىغان ئادەم ئەمەس ، مۇشۇ شارائىتنى ئۆزۈم ياراتتىم ، ئەمدىلىكتە ئۆزۈم ۋاز كېچەرمەنمۇ؟» دېگەنلەرنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزدى.
    بىر يىل جەريانىدا ئۇ دەرسخانا ۋە  كۇتۇپخانىغا بېرىش ، پۇل تېپىش چەمبىرىكىدە توختىماي ئۇزۇنغا يۈگۈردى . ئەمگەك بەدىلىگە ئوقۇش خىراجىتى ، تۇرالغۇ ، يېمەكتىن خاتىرجەم بولدى . ئاخىرى 700 مىڭ يىننى مۇئەللىمنىڭ ئالدىغا قويدى.
    — بۇ پۇلنى ئەمدى قايتۇرۇۋالالماسلىقىم مۇمكىن ، بوپتۇ ، ئۇنى ئۆزۈم تاللىغان ، ياخشى ئوقۇسىلا بولىدۇغۇ ، دەپ ئويلىغانىدىم ، يىگىت ھەقىقىي ئەركەك ئىكەنسەن!— دېدى مۇئەللىم سەمىمىيلىك بىلەن.
    ماسانورى كىكوچى مەمتىمىننىڭ روھىغا قايىل بولغانىدى.

    ئەر-ئايال بىرلىكىدىن ياڭرىغان گۈزەل كۈي

    ھەقىقىي ئەر-ئاياللىق مۇھەببىتىنىڭ ئورنىنى كىتاب ، بىلىم ۋە ھەرقانداق بىر  بايلىقمۇ باسالمايدۇ . ئەر ئۈچۈن ئايال مۇھەببىتى خۇددى گۆشكە سېپىلگەن تۇزدەك يۈرەككە سىڭىپ ، يۈرەكنى ئاسرايدۇ . ئەلۋەتتە ،  مەمتىمىنمۇ ئايال مۇھەببىتىدىن مەھرۇم قىلىنغان  سۈنئىي ئادەم ئەمەستە!  ئۇنىڭ جىسمىمۇ  قان بىلەن گۆشتىن تۆرەلگەن ،  ۋۇجۇدى مېھرى-مۇھەببەتكە تەشنا ، لېفىتقا يۈك باسقاندا ، بۇس تارتقۇ تازىلىغاندا ھەتتا بەزىدە كۇتۇپخانا ، تەجرىبىخانىدا كۈنلەپ ئولتۇرۇپ يانپېشى ئېزىلگەندە مەمتىمىننىڭمۇ ھەممىدىن ۋاز كېچىپ ،  ئۆيىگە — ئانا ماكانىغا قايتىشقا زار بولغان ، ياپياش ئايالىنى تاشلاپ بۇ يەرلەردە يۈرگىنى ئۈچۈن ئۆزىنى ئەيىبلىگەن چاغلىرىمۇ بولغان . لېكىن بۇنداق پەرىشانلىق ۋەجى ئۇ ھېچقاچان ھېسسىياتقا قۇل بولۇپ ، بىلىم ئىگىلەشتىن ۋاز كېچىش يولىنى تاللىمىدى . چۈنكى ئۇ بىلەتتى ، كىچىك دائىرىدىن ئالغاندىمۇ مەسئۇلىيەتچان بىر ئەركەك ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىنى باياشاتلىققا ئېرىشتۈرۈشنى بۇرچ ھېسابلايدۇ . ئائىلە كىشىلىرىگە ھاياتىنىڭ ھۇزۇرىنى كۆرسىتىشمۇ بىر ئۇلۇغ تۆھپە . ئۇنداقتا جاپادىن قاچقان ئادەمنىڭ ئۆز ئائىلىسىنى ھۇزۇر-ھالاۋەتكە ئېرىشتۈرۈشى ، ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتە ھۆرمەت-ئىناۋەتكە سازاۋەر بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ بىر ئادەم بۈگۈنكى رىقابەتلىك دەۋردە (قەدىمدىن تارتىپ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ) ئەتراپلىق بىلىم ئىگىلىمىسە ، ئۆز يولىدا نەتىجە يارىتالمىسا  ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسى شالاڭ بولىدۇ ، ھەتتا ئۈزۈلىدۇ ، قۇرۇيدۇ . ھەقىقىي ئىزدەنگۈچىلەر ھەرقانداق شارائىت ، ھەرقانداق جايدا ھۆرمەتكە ، مۇقىم ئىقتىسادىي مەنبەگە ئىگە بولالايدۇ ، ئائىلىدە تېخىمۇ شۇنداق.
    ئېغىر ئەمگەك ، جاپالىق  ئۆگىنىش بىلەن يەنە بىر يىل ئۆتكەندە مەمتىمىن ئازراق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى . ھېسابلاپ كۆردى ، ئايالىنى دەرھال ئەكېلىۋالسا ، بىر تەرەپتىن تەڭ  ئوقۇپ ، بىرلىكتە تىرىشسا ، يەنە بىر تەرەپتىن نورمال ھاياتنىڭ پەيزىنىمۇ تەڭ سۈرسە ، ئۇنىڭ ھاياتى پۈتۈنلۈككە ئىگە بولاتتى.
    مەمتىمىن ئالدىراپلا كەتتى . ئۇ دەرھال چارە-ئاماللارنى قىلىپ ئايالىنى يېنىغا ئېلىپ كەلدى . شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ گېئولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى شەمشىنۇرمۇ مىشچان ئاياللاردىن ئەمەس ئىدى ، مەمتىمىننىڭ مۇھەببەتكە تەشنا يۈرىكىگە ھەقىقەتەن تەم بېرەلەيتتى .  ئۇ ياپونىيىگە كېلىپلا بىر تەرەپتىن ئىشلەپ مەمتىمىننىڭ يۈكىنى يېنىكلەتسە ، مۇھىمى ئاياللىق مېھرى-مۇھەببىتى بىلەن ئۆيگە ئىللىقلىق بېغىشلىغانىدى . توي قىلىپ 11 يىلغىچە خاتىرجەم بىر جايدا ياشىيالمىغان ئەر-ئايالغا ئاللا شەپقەت قىلدى  بولغاي ، شەمشىنۇر ئىككى قات بولۇپ قالدى . شەمشىنۇرنىڭ خۇش خەۋىرى كىتاب ئارىسىدا نېرۋىلىرى دۇتار تارىسىدەك تارتىلىپ كەتكەن ، جىسمى ھارغان  مەمتىمىنگە مەڭگۈلۈك روھىي كۈچ تەقدىم قىلدى .
    ھەقىقەتەن قالتىس ئىش بولغانىدى . مەمتىمىن «كېرىمنى كاربۇنات قىسقا تالاسىدىن  چىڭىتىلغان ئاليۇمىن قېتىشمىسىنىڭ زەخىملىنىش مىىانىكىسىنى تەھلىل قىلىش» تېمىسىدىكى  دوكتورلۇق دىسسىرتاتسىيىسىگە كىرىشىپ 1996-يىلى 3-ئايدا  ماقالىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى . ماملاپ ، ھاياتىدىكى ھەم جاپالىق ، ھەم قىممەتلىك غايىسىنىڭ تۇنجى پەلەمپىيىگە تەنتەنە بىلەن  قەدەم قويغانىدى ، 9-ئايدا شەمشىنۇر ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئوماققىنە ئوغۇل پەرزەنتىنى سالدى . ئەر-ئايال ئىككىيلەن ھەقىقىي  جەم بولدى.
    بىر مەزگىللىك كۈتۈنۈش ، بالا بېقىشتىن كېيىن شەمشىنۇرمۇ قەددىنى رۇسلىدى . ئۇ تەبىئىي بايلىق ۋە مۇھىت ئىلمى كەسپىگە ئوقۇشقا كىردى . شۇنىڭدىن كېيىن ئەر-ئايالنىڭ قەلبىدىكى نازۇك ھېسسىيات تارلىرى ھەم مۇلايىم ، ھەم گۈزەل كۈيلەرنى بىرلىكتە ياڭرىتىشقا باشلىدى.

    ئۇ يەنە ئوقۇغۇدەك

    دوكتور ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىش ئاڭلىماققا ئانچە قىيىن ئەمەستەك تۇيۇلىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇ بېلى بوشلار ئۈچۈن مەڭگۈ چىققىلى بولمايدىغان سىرلىق چوققا . ئەگەر بىر ئادەم باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا ، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈش مۇساپىسىدە ئورۇنلانغان ئاددىي غايىلىرى ئورنىغا يېڭى ، ئۇلۇغ غايىلەرنى دەسسىتەلىسە ، بۇ ئۇلۇغۋار غايىلەرنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز پۇرسەت ئىزدەش ۋە  يارىتىشقا قادىر بولالىسىلا ، مەنزىلگە چوقۇم يېتىپ بارالايدۇ؟
    بىرنەچچە يىل ئىلگىرى داڭلىق كەشپىياتچى خالمۇرات نەسرىدىن بىلەن سۆھبەتلەشكىنىمدىمۇ ئۇ «ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىك — كىتاب ئوقۇش ، بىلىم ئىزدەشنىڭ يولىنى ئۆگەنگەنلىك . نەتىجە كۆرسىتىش ئۈچۈن داۋاملىق ئۆگىنىش ، ئىجاد قىلىشقا توغرا كېلىدۇ ، ھالبۇكى ، ئىجاد قىلىش ئۆلۈمنى يېڭىش بىلەن باراۋەر» دېگەنىدى . مەمتىمىنچۇ ، ئۇ نېمە دەيدۇ؟
    «تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈش بىلىم ئېلىشقا ئاساس سېلىش ، ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇش مەلۇم كەسىپنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئاساسىنى سېلىش ، تەتقىق قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت . دوكتورلۇقچۇ؟ ئۇ مەلۇم پەن بويىچە كونكرېت ئىچكىرىلەش ، تار دائىرىدە تەتقىق قىلىش يولىنى تېپىش دېمەكتۇر» . مەمتىمىن دوكتورلۇققىمۇ «تار دائىرىدە» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتكەنىكەن ، سېزىپ ئالالايمىزكى ، ئۇ يەنە داۋاملىق ئوقۇغۇدەك.
    ئۇنىڭ كەسپىي  تەتقىقاتنى «تار دائىرىدىن» ، «كەڭ دائىرىگە» يەتكۈزۈش ئۈچۈن يەنە داۋاملىق ئوقۇشنى تاللىۋېلىشىدا باشقا سەۋەبمۇ بار ئىدى.
    دوكتورلۇق ئوقۇشىنى  باشلىغاندىلا «شىنجاڭنىڭ سانائەت ئاساسى ئاجىز ،  سانائەتنى ئەلالاشتۇرۇش تېخىمۇ يىراقتا ، ئەمما ھامان بىرسى بۇ تارىخىي ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكقۇ! دەپ ئويلىيالىغان مەمتىمىن «سانائەتنى ئەلالاشتۇرۇش»تەك بىر-بىرىدىن قىيىن ، توسالغۇلىرى قارا تىكەندەك  كۆرۈنۈپلا تۇرغان بۇ غايىنى يۈرەكلىك تاللىۋالدى . غايە ئۇلۇغ ھەم  گۈزەل بولدى ، ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تار دائىرىدە تەتقىق قىلىش پرىنسىپلىرىنى ئۆگىنىپ بولغان «دوكتور»دىن ھالقىش ، نەزەر  دائىرىسى ۋە  تەتقىقات دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىش پۇرسىتىنى يارىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولغان «دوكتورئاشتى»لىق ئوقۇتۇشنى  تاماملاشتا قالدى .  ياپونىيە مائارىپ تارماقلىرى ھەر يىلى بارلىق پەنلەر بويىچە  چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن دوكتورئاشتى قوبۇل قىلىشقا 65 سان بېكىتىدىغان بولۇپ ، ئىلتىماس قىلغۇچىلار 300-400 گە يېتەتتى . مەمتىمىن قاتارغا كىرەلەرمۇ؟ پال سېلىپ ئولتۇرۇشقا دوكتورىمىزنىڭ ۋاقتى يوق ، ئۇ يەنىلا تەۋەككۈلچىلىك قىلىش ، ئۆزىگە بولغان ئاجايىپ ئىشەنچىسىگە تايىنىپ كۈچ سىنىشىپ بېقىشقا تەرەددۇت قىلدى . بارلىق ئىلمىي ئەمگەك نەتىجىلىرىنى ئېلىپ «ياپونىيە پەن-تېخنىكىنى يۈكسەلدۈرۈش جەمئىيىتى»گە  قايتا-قايتا ئىككى قېتىم ئىلتىماس قىلدى . ئىلتىماس  ئاخىرى قوبۇل قىلىندى . ئۇ ماتېماتىكىلىق ، فىزىكىلىق بىلىملەرنى چوڭقۇرلاش ، مۇقىم ھالەت ۋە ھەرىكەتتىكى سانائەت ماتېرىياللىرىنىڭ سىرتقى كۈچىنىڭ تەسىرىدە زەخىملىنىشنى ئانالىز ، تەتقىق قىلىش تېمىسىدىن باشلاپ ، دوكتورلۇقتا ئۆگەنگەن كومپيۇتېر ئارقىلىق پاراللېل  ھېسابلاش ، چوڭ كۆلەملىك سان-سىفىرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ، چوڭ كۆلەملىك تەڭلىمىلەرنى يېشىش بىلىملىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئاخىر ئېرىشتى . خەلقئارالىق ئىلمىي يىغىنلارغا كەينى-كەينىدىن تەكلىپ قىلىندى .  يىغىنلاردا خەلقئارادىكى سانائەت پەن ئالىملىرى ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ئالىملىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئىلىم ئالماشتۇردى . خەلقئارا كەسىپ ئەھلىلىرى قاتارىغا قەدەم باسقان مەمتىمىن بۇ يەردىن نۇرغۇن كەسىپداش دوستلارنى تاپتى .
    مەمتىمىن ياپونىيە دۆلەتلىك پەن-تېخنىكىنى يۈكسەلدۈرۈش جەمئىيىتىدە «دوكتور ئاشتى»لىق ئوقۇشىنى ئىككى يىلدا ئەلا تاماملىدى . ناھايىتى يىراقتا بىر يېنىپ ، بىر ئۆچكەندەك خىيالەن بىلىنگەن غايە مەمتىمىنگە كۈلۈپ باقتى .  ئەينى چاغدا ياپون تېز تاماقخانىلىرىنىڭ تورۇسىغا تاقىشىپ قالغان بېشى ئەمدىلىكتە كۆككە يەتكەندەك بولدى . ئۇ توكيو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىندى ، جۇڭگو غەربىي  شىمال سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولدى . مەمتىمىن ئىناۋەتمۇ ، بايلىقمۇ تاپتى (ئۇنىڭغا نىسبەتەن خەلقئارادىكى كەسىپداشلار قاتارىغا قوشۇلۇشنىڭ ئۆزىلا تۈگىمەس بايلىق ، ئەلۋەتتە).

    .. . لېكىن مۇئەللىم ، مەن ۋەتەنگە تەۋە

    ئەگەر ھەرقانداق ئادەم ئۆمرىنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرىنى ھەم ئاچچىق ، ھەم جاپالىق كۈنلەرگە بېغىشلاپ ، شېرىن غايىگە يېتەلىگىنىمدە ئۇنىڭ پەيزىنى ئاشكارا سۈرسۈن ، ئەتراپىدا كۆز قىسىشىپ ئۆزىنى تەبرىكلەۋاتقان يۇلتۇزلار ئارىسىدىن ئەڭ جۇلالىقىنى تاللاپ «سەن مېنىڭ يۇلتۇزۇم» دەپ جاكارلىسۇن .  مەمتىمىن  يۇلتۇزلار ئارىسىدىن ئانىسى ھەم  ئاتىسىنى ، باداۋاندىكى ئوقۇشسىز قالغان يەتتە دوستىنى ، شۇنداقلا نۇرغۇن تەڭتۇشلىرىنى ئىزدىدى . زۆھرە مۇئەللىم ۋە  كانچىلارنى ، ئاق كۆڭۈل جامائەتنى ، تېخىچىلا غالتەك ھارۋىلاردا تىرىكچىلىك قىلىپ يۈرگەن جاپاكەش قېرىنداشلىرىنى ئىزدىدى .  ھەممە يۇلتۇزلار ئۇنىڭ تونۇشلىرى ، دوستلىرى ، دىلكەشلىرىنىڭ يۇلتۇزلىرى بولۇپ چىقتى . «ياپونىيىدە ناھايىتى ياخشى ياشىيالايمەن ، ئەمما مەن مەڭگۈ ياش تۇرمايمەن ، قېرىغاندا قايتىپ ھازىر ماڭا كۈلۈپ بېقىۋاتقان ئاشۇ يۇلتۇزلار توپىغا قوشۇلسام ، ئۇلار مەندىن: >نېمىش قىلدىڭ< دەپ سوراشسا ،  نېمە دەيمەن؟ مۇشۇ تۇپراقتا تۆرەلگەن ، ئەتراپىمدىكى مېھرىبانلىرىمنىڭ پەرۋىشىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان ، لېكىن كۈچۈمنى باشقىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سەرپ قىلدىم دەيمەنمۇ؟ ياپونىيىدىكى پىلانلىرىمنى روياپقا چىقىرالارمەنمۇ؟  تەربىيىلەيمەن دېگەن كىشىمنى تەربىيىلىيەلەيمەنمۇ؟» ئۇ ئۆز سوئاللىرىغا دەرھال جاۋاب بەردى . «ياق ،  قېرىنداشلىرىمغا ھەرگىزمۇ  مۈجىمەل جاۋاب بەرمەيمەن . مەن ئۇلارغا: پالانچى پروفېسسورنى مەن تەبىيىلىدىم ، ئۇ مۇنداق يېڭىلىقلارنى ياراتتى ، مۇنۇ سانائەت بازىسىنى مەن تىكلىگەن ، ئەلالاشتۇرۇلغان سانائەت ئۈچۈن مۇنۇ خىزمەتلەرنى مەن ئىشلىدىم ، دېيەلىشىم كېرەك! توغرا ۋەتەنگە كېتىمەن!»
    ماسانورى كىكوچى مۇئەللىم مەمتىمىن ئۈچۈن تەييارلانغان ئازادە ئىشخانىغا پات-پات باش تىقىپ ئۆتەتتى . ئۇلار ئۇزاقتىن-ئۇزاق  قىزغىن پاراڭغا چۈشەتتى .  مەمتىمىن يەنە ئىككىنىپ قالدى . «توختا ، ئاۋۋال دۇنيانى بىر كۆرەي ، دۇنيانىڭ ھەممىسى ياپونىيە ئەمەستۇ!» دېگەنلەرنى ئويلىدى.
    ئۇ كانادا ، ئامېرىكا ، ياۋروپاغا ئىلگىرى-كېيىن ئون قېتىمچە بېرىپ ، ئۆزىنى چاقنىتىشنىڭ پۇرسەت-ئىمكانىيەتلىرىنى ئىزدىدى . ئۈرۈمچىگە بەش قېتىم كېلىپ كەتتى.
    «مەمتىمىن ، ئىش تەۋرىتىشكە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن پۇرسەت ، ئىمكانىيەت ئىزدەيدىكەنسەنۇ ، ئۆز يۇرتۇڭدىن نېمىشقا ئىزدىمەيسەن؟ سەن پادا باققان باداۋان كانلىرى ساڭا موھتاج ئەمەسمۇ؟ ئويماندىن دۆڭگە قول ھارۋىدا خىش توشىغان چاغلىرىڭدا پەقەت توختىماي يۈگۈرۈش كېرەكلىكىنىلا بىلەتتىڭ ، مانا ئەمدى ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلۈكىنى بىلدىڭ ،  ئاشۇ ئېغىر ئەمگەكلەرنى ئاسانلاشتۇرۇشقا  ئىمكانىيەت ئىزدەشنى ئۆگەندىڭ ، ئاشۇ كانلار ، ئاشۇ خۇمدانچىلار ساڭا موھتاج ئەمەسمۇ؟! سېنىڭ قايتىشىڭنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقان مېھرىبانلىرىڭدىن باشقا ، ئەينى يىللاردىكى ساڭا ئوخشاش ياشلىقنىڭ ئاجايىپ غايىلىرىنى قۇچاقلاۋاتقان ، سانائەت ئىنستىتۇتىدىكى تالاي ستۇدېنتلار ساڭا موھتاج ئەمەسمۇ؟!»
    ئۇنىڭ ئۆز-ئۆزىگە قويغان سوئاللىرى ئەمدىلىكتە تامامەن  ئىككىلىنىش يولىنى  ئۈزدى.
    — كېتىمەن ، ئۆزۈم ئىگىلىك تىكلەيمەن . مۇشۇ كۈنگىچە پۇرسەتنى ئۆزۈم تېپىپ ، شارائىتنى ئۆزۈم يارىتىپ كەلدىم . ئەمدى پۇرسەت تاپالماسلىقىم ، ئۆز يۇرتۇمدا ئىگىلىك تىكلىيەلمەسلىكىم مۇمكىن ئەمەس!— ئۇ ئاخىرقى يەكۈننى چىقارغانىدى.
    ئۈرۈمچىدە  ئىنستىتۇتتىن بېرىلگەن خاس ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ  ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىلىرىنى ئىچىۋىدى ، ماسانورى كىكوچىدىن كەلگەن خەت كۆزىگە چېلىقتى: «.. . مەمتىمىن ، سەن كەتكەندىن كېيىن ئىشخاناڭغا كىردىم ، ئۆز قولۇڭ بىلەن سەرەمجانلاشتۇرۇپ ، تازىلاپ قويغان ئۈستىلىڭنىڭ ئالدىدا ئۇزاق تۇرۇپ كەتتىم...» ئۇ مۇئەللىمنىڭ ئۆزىدىن نېمە كۈتۈۋاتقانلىقىنى چۈشىنەتتى.
    مەمتىمىن دەرھال جاۋاب يازدى: «.. . لېكىن مۇئەللىم ، مەن ئوڭ قولۇمنى ئاللىبۇرۇن كۆكسۈمگە قويۇپ بولدۇم . مەن ۋەتەنگە تەۋە...»

    ئەڭ ياخشى چارە — تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تاۋارلاشتۇرۇش

    مەمتىمىن پروفېسسور ئۇنۋانى بىلەن خىزمەتكە تەكلىپ قىلىندى . ئەمدى ئۇ ياپونىيىدە تۈزگەن پىلانى بويىچە ئۆزى ئىگىلىك تىكلەش ،  يېڭىلىق يارىتىشقا قاراپ قەدەم ئالدى . ئۇتىكلىمەكچى بولغان ئىگىلىك يۇقىرى پەن-تېخنىكا ، كۆپ  مەبلەغ تەلەپ قىلاتتى.
    مەمتىمىن ياپونىيىدە ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىدىن ئاشقان  300 مىڭ يۈەن ئاجراتتى . جۇڭگو دۆلەتلىك تەبىئىي پەن ئىلمى فوندى جەمئىيىتىگە يوللىغان «تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ يۆتكىلىش مېخانىكىسىنى كەڭ كۆلەمدە سان-سىفىر بىلەن تەتقىق قىلىش» بۇ تېمىسىدىكى يېڭى تەتقىقاتقا  ئاجراتقان 180 مىڭ يۈەن ، «ئىنژېنېرلىق يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەش» تېمىسى ئۈچۈن قولغا كەلگەن 50 مىڭ يۈەن ، دوكتورئاشتى ئۇنۋانى ئۈچۈن بېرىلگەن 20 مىڭ يۈەن.. . ھەممىسى بۇ ئىشقا ئاجرىتىلدى  ياپونىيىدىكى مۇئەللىمى قىممەتلىك ئەسۋابلار ، قاتتىق دېتال ياردەم قىلىپ قوللىدى . (پەقەت قاتتىق دېتال ئۈچۈنلا 200 مىڭ يۈەن كېتىشى مۇمكىن ئىدى) . شۇنداق قىلىپ 2003-يىلى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەجرىبە ۋە ھېسابلاش مېخانىكىسى تەتقىقات ئورنى»نى  مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇردى . ( بۇ چاغدا«211» قۇرۇلۇشنىڭ ئېھتىياجى بىلەن سانائەت ئىنستىتۇتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوشۇۋېتىلگەن) . ئەمما بۇ تەتقىقات سىستېمىسىنى چۈشىنىدىغانلار شىنجاڭدا ھازىرچە يوق دېيەرلىك ئىدى (بار دېيىلسە ئالىي مەكتەپ سانائەت پەنلىرى كافېدرالىرىدا ئۆگىنىش ، ئىجاد قىلىش ، تەتقىقاتتىن ئىبارەت ئۈچنى بىرلەشتۈرۈش چاقىرىقىلا بار) . يېڭى تەتقىقات ئورنىغا خادىملارنى سەپلەش ، ئۇلارغا ئىش ھەققى تارقىتىش ، يەنە كومپيۇتېر سەپلەش قاتارلىقلارغىمۇ نۇرغۇن مەبلەغ كېتەتتى.. . ئەتراپىمىزدىكى بىرقەدەر كۈچلۈك كارخانا ، شىركەتلەرنىڭ بۇنداق يۇقىرى تېخنىكىلىق تەتقىقاتنى ، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى تەسەۋۋۇر قىلىشى ھازىرچە تەس بولغاچقا ، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشمۇ تەسكە توختايتتى . مەمتىمىن يەنە ئۆزىگە سوئال قويدى . «تاۋارلاشمىغان سانائەت تەتقىقات نەتىجىسى مەڭگۈ ماتېرىيال پېتىچە ياتقۇزۇۋېرىش كېرەكمۇ؟» مەمتىمىن ئاخىر تەتقىقات بىلەن بىرگەۋدىلەشكەن شىركەت قۇرۇش  تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تاۋارلاشتۇرۇش يولىنى ئېچىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ، دەپ جەزملەشتۈردى . ئۇ يەنە ئۆز يېنىدىن مەبلەغ سېلىپ ، «كۆكلە» يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئېچىش چەكلىك شىركىتىنى قۇردى.

    مانا سىلەرنى پروفېسسور دېسە بولىدۇ

    «كۆكلە» قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەمتىمىن باداۋانغا چىقىپ قادىر ئاكىنى يوقلىدى . 60 ياشلارغا كىرىپ قالغان بۇ كىشىنى مەمتىمىن ئۇستاز ئورنىدا كۆرەتتى . تۈزۈك مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن قادىر ئاكا رادىئو قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى  رېمونت قىلىپ كىچىك مەمتىمىننى جەلپ قىلاتتى . رادىئو بىلەن ھەپىلىشىشكە ئامراق مەمتىمىننىڭ رادىئو قۇراشتۇرۇش ، ياساشلىرىغا مەدەت بېرەتتى ، ئۆگىتەتتى . مەمتىمىن  ياشانغان قادىر ئاكىنى كۆرگەندە بالىلىق خاتىرىسىنى قايتا بىر ۋاراقلىغاندەك بولدى . قادىر ئاكا ھېلىمۇ كەشپىيات ئىشتىياقىدا ئىدى . ئۇ مەمتىمىنگە:
    — توك جىنازا ياسايمىكىن دەپ مۇنۇ چېرتيوژنى سىزدىم . بەزى چاغدا يىراقتىكى تۇغقانلار ، بالىلار ئۈچۈن مېيىتنى ساقلاشقا توغرا كېلىدىكەن . شۇنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن بۇ ئىشنى باشلاپ قالدىم،— دېدى ۋە چېرتيوژنى ئۇنىڭغا سۇندى .  مەمتىمىن ئۇنىڭ چېرتيوژىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ ، تەكلىپ بەردى ، قايىل بولدى ھەمدە مەبلەغ سېلىپ ياسىتىپ 2003-يىللىق ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قويدى . «توك جىنازا» نۇرغۇن سودىگەرلەر ، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئەللەردىن كەلگەنلەرنى جەلپ قىلدى ، بازار ئارقىلىق شىنجاڭغا نىسبەتەن 7000 يۈەنلىك باھانىڭ قىممەت قويۇلغانلىقىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى . توك جىنازا ئۆزگەرتىلگەن لايىھە بىلەن تەننەرقنى تۆۋەنلىتىش ئاساسىدا قايتا ياسىلىشقا باشلىدى.
    بىر كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق كەشپىيات پاتىنتقا ئىلتىماس قىلىش ئىدارىسىغا كىرىپ كېتىۋاتقان مەمتىمىن ، تولىمۇ ئاددىي كىيىنىۋالغان بىر كىشىنىڭ قانداقتۇر بىر قۇرۇلمىنى ناھاىتى ئاۋايلاپ تۇتقانچە ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرغىنىغا دىققەت قىلدى.
    — بۇ ئىدارىدە ئىشىڭىز بارمىدى،— مەمتىمىن قەدەملىرىنى توختىتىپ ئۇنىڭدىن سورىدى.
    — ھەئە ، ئۆزۈم ياسىغان توك چىقىرىش ئەسۋابىغا پاتېنت ھوقۇقى ئالاي دېۋىدىم ، ئىشىكتىن كىرگۈزۈشمەيۋاتىدۇ.
    سۆزلىشىشتىن ئۇ كىشىنىڭ سۇ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئاددىي ئۇسۇلدا توك ھاسىل قىلىش قۇرۇلمىسىنى ياسىغانلىقى مەلۇم بولدى.
    مەمتىمىن ئۇ كىشىنى ئىشخانىسىغا باشلاپ كەلدى . قۇرۇلمىنىڭ تېخنىكا كۈچىنى ئاشۇرۇش زۆرۈر  بولغان نۇقتىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ، ئۆزگەرتىش لازىم بولغان يەرلىرى ھەققىدە مەسلىھەت بەردى ۋە ئۇنى ئىلھاملاندۇردى.
    يەنە بىر كۈنى ناھايىتى ياش ئىككى بالا ئۇنى ئىزدەپ كەلدى:
    — بىز ئوتتۇرا مەكتەپنىلا ئوقۇغان ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن . ئەمما سانائەت پەنلىرىگە بولغان قىزىقىشىمىزنى تاشلىيالمىدۇق . بۇنى كەشىپ قىلدۇق ، كۆرۈپ باقسىڭىز.
    ئۇلار ئۆزلىرى ياسىغان «قاچا يۇيۇش ماشىنىسى»نى مەمتىمىننىڭ ئالدىغا قويۇپ ، چېرتيوژنى ئۈستەلگە يايغاندا مەمتىمىن ھەم ھەيران ، ھەم قايىل بولدى ، شۇنداقلا ئەپسۇسلاندى.. . ئۇنىڭ ئالدىكى چىرتيوژ رەتلىك ئىشلەنگەن ، مېخانىكىلىق نازۇك باغلىنىشلارنى ئىپادىلەشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى شۇنچىلىك يۇقىرى بولۇپ ، «تەتقىقات ئورنى»دىكى ماگىستېرلارمۇ تېخى بۇنچىلىك چېرتيوژنى سىزىپ باقمىغانىدى . ۋەتەنگە قايتىشنىڭ ئىللىق تۇيغۇلىرى تۇيۇقسىز مەمتىمىننىڭ ۋۇجۇدىنى جۇغۇلدىتىۋەتتى: تۈزۈك مەكتەپ تەربىيىسى كۆرمىگەن كىشىلەر ياسىغان ئاشۇ مېخانىكىلىق قۇرۇلمىلار ۋەتەنداشلارنىڭ پەن-تېخنىكىغا ، تەرەققىياتقا قانچىلىك تەشنا ئىكەنلىكىنى جاكارلايتتى ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىشلارنىمۇ قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنگۈچىلەر ، شۇنداقلا غالىب  ۋە تەۋەككۈلچى كەشپىياتچىلار ئىدى...
    — مانا سىلەرنى پروفېسسور دېسە بولىدۇ،— دەۋەتتى ئۇ ھاياجانلانغانلىقىدىن ھېلىقى توك چىقىرىش ئەسۋابى كەشىپ قىلغان كىشىنىمۇ ئۆز كۆڭلىدە ئىختىيارسىز بۇ بالىلارغا قوشۇپ.
    — ئەمما سەل كېچىكىپسىلەر ئۇكىلىرىم ، ئىلغار قاچا يۇيۇش ماشىنىلىرى بازارنى قاپلاپ كەتتى ، بەل قويۇۋەتمەڭلار ، يېڭى كەشپىياتلىرىڭلارغا ياردەم كېرەك بولسا بىزنى ئىزدەڭلار .
    بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقىنىدا مەمتىمىن ئاۋازىدىكى ئەپسۇسلۇقنى يوشۇرۇپ قالالمىدى.

    ئۇ ئانا يۇرتنىڭ قۇمىنى تىزگىنلىمەكچى

    «تەتقىقات ئورنى» قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان «كومپيۇتېر ئارقىلىق پاراللېل ھېسابلاش» يۇمشاق دېتالىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپ چىقتى . چوڭ كۆلەملىك سان-سىفىرلار ، تەڭلىمىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ، يېشىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش قاتارلىق پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ، تەتقىق قىلىش ۋە كېڭەيتىشتە يېتەكچىلىك رول ئوينىيالايدىغان ، سانائەت ساھەسى ، شۇنداقلا سانائەت ماتېرىياللىرىنىڭ ھەرقاندىقىغا تەتبىقلاشقا بولىدىغان بۇ دېتال چوڭ كۆلەملىك ھېسابلاشلارنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان پاراللېل  كومپيۇتېر قىلىنىپ ئىشلەندى . بۇ خىل كومپيۇتېر ئىجتىمائىي ئۈنۈمى جەھەتتە شىنجاڭنىڭ پەن-تېخنىكا كۈچىنى نامايان قىلىدىغان كۆزنەك بولۇپ قالدى .
    شىنجاڭدەك يەر مەيدانىنىڭ 56 پىرسەنتىنى قۇم باسقان رايوندا قۇملىشىش ھادىسىسى تەتقىق قىلىنىشقا تېگىشلىك  سەزگۈر بىر تېما . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىن باشقىمۇ رايونلارنى قوشقاندا قۇم جۇڭگودا ھەر يىلى بىر ناھىيىنى يۇتۇۋالماقتا . نوپۇسى كۆپ جۇڭگوغا نىسبەتەن بۇ كىچىك زىيان ئەمەس ، ئەلۋەتتە.
    مەمتىمىن زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى ئاساسىي  نىشان قىلغان قۇمنىڭ يۆتكىلىش جەريانىدىكى قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلدى .  قۇملار ئۆزئارا ئۇچراشقاندا ھاسىل بولغان كۈچنىڭ مېخانىكىلىق ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بايقىدى . بۇ نۇقتىدا قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقاتى يەنىلا ماشىنىسازلىق ئىلمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، ئۇزاق يىللاردىن بۇيانقى قۇم تىزگىنلەشتە «دەرەخ تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش»نىڭ بىر تەرەپلىمە ئىكەنلىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى . «چوڭ دائىرىلىك قۇملۇقنى نەزەرگە ئالغاندا ، كۆچەت تىكىپ مەلۇم جايدا قۇمنىڭ يۆتكىلىشىنى قىسمەن توسۇۋالغاندىمۇ ، قۇم يەنە بىر جايدىن كۆچۈشكە ، ئېقىشقا يول ئاچىۋېرىدۇ» دەپ يەكۈن چىقاردى مەمتىمىن.
    قۇمنى تىزگىنلەش  قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ، نۇرغۇن ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان تەتقىقات يولى . مەمتىمىن قۇمنىڭ كۆچۈش ، يۆتكىلىش تەتقىقاتى ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مۇھەممەتجان ۋە فۇرقەت ئىسىملىك ئىككى ئوقۇغۇچىسىنى  تاللاپ ياپونىيە ئېۋادى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتتى . ئۇلارنى تەبىئىي ھادىسىلەرنى كومپيۇتېردا ئىپادىلەش ، بىر تەرەپ قىلىش ، قۇمنىڭ يۆتكىلىشىدىكى مېخانىكىلىق ھەرىكەتنى تەھلىل قىلىش بىلىملىرى بويىچە يېتەكلىدى.
    دۇنيادا قۇملۇق كۆپ ، قۇم تەتقىقاتىمۇ يېڭى تېما ئەمەس . ھەربىر دۆلەت ئۆز تەۋەلىكىدىكى قۇمنى ئۆزىنىڭ جۇغراپىيىلىك شارائىتىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ھالدا تەتقىق قىلىدۇ . تەتقىقات نەتىجىسىمۇ تەتقىقاتچى  بىلىمىنىڭ چوڭقۇر ياكى تېيىزلىقىغا يارىشا بەلگىلىنىدۇ . مەمتىمىننىڭ ئاساسلىق تەتقىقات نىشانى — ئانا يۇرت — تەكلىماكان . شۇڭا ئۇنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىچە ئىكەنلىكىدە شەك يوق . يەنە بىر مۇھىم تەرەپ باشقىلار يۇقىرى پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۆتۈنۈپ بەرمەيدۇ ، تاۋارلاشقان پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ بەزىلىرىدە ھەتتا ئەڭ مۇھىم ، ئەڭ نازۇك سىرلارنى يوشۇرۇپ قېلىشى مۇمكىن.
    مەمتىمىن بۇلارنى ئەلۋەتتە بەش قولدەك بىلىدۇ . ئۇ «ئەگەر باشقىلار قۇم تىزگىنلەش  تەتقىقاتىدا نەتىجىگە ئېرىشكەن بولسا ، بىز ئۆز ئۇسۇلىمىز بويىچە ئەلالاشتۇرۇپ تەتقىق قىلىمىز» دېگەن ئىشەنچ بىلەن كونا تېمىنى يېڭى نۇقتىدىن تەتقىق قىلىشقا بەل باغلىدى.
    مەمتىمىن ھازىر شاگىرتلىرى بىلەن بىرلىكتە «قۇم يۆتكىلىشىنىڭ  ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىش ھەققىدىكى» تەتقىقات يۇمشاق دېتالىغا ئىشلەۋاتىدۇ . بۇ يۇمشاق دېتال تاۋارلاشتۇرۇلۇپ پات ئارىدا غايەت زور ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىدۇ.

    مەمتىمىننىڭ بەدەللىرى مېۋە بېرىشكە باشلىدى

    بىر كۈنى ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى خادىملىرى «تەتقىقات ئورنى»غا كەلدى . تۆمۈر يول ئىدارىسى «دۇڭفېڭ — 11» پويىز بۇقىسىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتكەندىن كېيىن ، بۇقىنىڭ چاقى رېلىسقا چاپلىشىۋالىدىغان ھەتتا توختاپ قالىدىغان دەرىجىگە يەتكەنىدى .  ئۇلار ئۇنى بۇقا بىلەن سۆرەپ جايىغا ئاپارغىچە چاقنىڭ ئۇپراش دەرىجىسى ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەتقىقات ئورنىدىكىلەرگە ئېيتتى .  بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئۇلار تېخنىكىلىق ياردەمگە موھتاج ئىدى.
    «تەتقىقات مەركىزى»دىكى خادىملار ئۈچ ئاي ئىشلەش ئارقىلىق ئاخىر  ئېغىر ، چوڭ چاقلارنىڭ ئورنىغا يېنىك ، سۈركىلىشى  سىلىق بولغان كىچىك چاقنى ياساپ چىقتى .  بۇ خىل چاق  ئەسلىدىكى چاققا چاپلاپ ئىشلىتىلگەندىن كېيىن مەسىلە ھەل بولدى . بۇ خىل ئەلالاشتۇرۇش تېخنىكىسى ئۈرۈمچىدىكى بارلىق پويىزلاردا ئىشلىتىلدى . تۆمۈريول تارماقلىرى ئارقىدىنلا «دۇڭفېڭ — 6» نىمۇ ئەلالاشتۇرۇش ئىلتىماسىنى سۇندى.
    مەمتىمىننىڭ بەدەللىرى مېۋە بېرىشكە باشلىدى . ئەمما تېخىمۇ مول مېۋىلەر ئۇنىڭدىن ئۆزىگە ئېرىشىشنىڭ يەنىمۇ زور بەدەللىرىنى كۈتۈۋاتاتتى . خەلقئارالىق سانائەت پەنلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ تەكلىپنامىلىرى ئۇنى دۇنيا سەھنىسىگە چاقىرسا ، شىنجاڭدا سانائەتنى ئەلالاشتۇرۇش نىشانى ئۇنى ياتاققىمۇ ، ئۆيگىمۇ ئوخشىماي قالغان ماكانىدىن (شەمشىنۇر ياپونىيىدە ئوقۇۋاتىدۇ) كومپيۇتېر ، چېرتيوژلار ئارىسىغا ، ئۆزىنىڭ بويىدىنمۇ ئېگىز كىتاب ئىشكاپلىىرى ، توم-توم كىتابلار بىلەن تولغان ئىشخانىسىغا تارتاتتى.
    «تەتقىقات ئورنى» قۇرۇلغاندىن بۇيان ،  تۆت  نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مەمتىمىننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىنژېنېر ماگىستىرلىقنى پۈتتۈردى ، ئالتە خەنزۇ ئوقۇغۇچى سانائەت پەنلىرى ماگىستىرلىقىنى ، يەنە بەش ئوقۇغۇچى ئىنژېنېر ماگىستېرلىقىنى بۇ يەردە ئوقۇماقتا.


    ئويلاپ باقايلى ، ئاپتوموبىل دۇنياغا كەلگىلى ئۇزاق زامانلار بولدى ، دۇنيادا ئىشلىنىۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ ياسىلىش پرىنسىپى ئوخشاش بولسىمۇ ، ئەمما ياپون ئاپتوموبىللىرى شۆھرەت قازاندى . نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇلار ئاپتوموبىل ياساش تېخنىكىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقانىدى . ئامېرىكا پلانىتلاردىن ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى ماتېرىياللارنى ئالالىدى ، نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇلار ئالەم كېمىلىرىنىڭ لايىھىلىنىشىدىن تارتىپ زاپچاس ، ماتېرىياللىرىغىچە ئەلالاشتۇرالىدى.
    مەمتىمىن غەنى دەل مۇشۇ «ئەلا»لاشتۇرۇشنىڭ  21-ئەسىر سانائەت پەن-تېخنىكىسىدا ئەڭ ئېگىز چوققا ئىكەنلىكىنى تونۇۋالدى ھەم تەپەككۇر ئالىمىنى بېغىشلاپ ، ئانا تۇپراق ئالدىدا «مەن ساڭا تەۋە!» دېيەلىدى.
    ئۇنىڭ كىرىشكىنى سانائەتنى ئەلالاشتۇرۇش نەزەرىيىسىنى ئاساس قىلغان تەتقىقات . نەتىجىنى تاۋارلاشتۇرۇش  ئۇنداق تېز ئۈنۈم كۆرسەتمەيدۇ ، چۈنكى ئۇ چوڭقۇر بىلىم ، كۆپ ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ . مەمتىمىن مۇندىن كېيىنكى ئىجتىمائىي ئورنىمىزغا خىرىس قىلىۋاتقان پەن-تېخنىكا جېڭى ئۈستىدە جىددىي ئويلاندى ، ئاقىۋەت  شۇ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش يولىنى تاللىۋالدى.
    مەمتىمىن  مۇشۇ ساھەگە ئۈن-تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلىدى . ئەۋلادلارنىڭ سانائەتنى ئەلالاشتۇرۇش قەدەملىرىنىڭ ئۆزىنىڭكىدىنمۇ چوڭ ئېلىنىشى ئۈچۈن ئۇل سالغۇچى بولۇپ بېرىشكە رازى بولدى . مەمتىمىنگە ئوخشاش غايە يولىدا ياشلىقىنى بەدەل قىلالىغانلارلا ئاخىرىدا كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان نەتىجىلىرى بىلەن جامائەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ . «سەركە»گە ئايلىنىدۇ.
    بىز ھازىرمۇ ، كەلگۈسىدىمۇ ناھايىتى نۇرغۇن «سەركە»لەرنىڭ يول باشلىشىغا ، ناھايىتى نۇرغۇن ياشلىرىمىزنىڭ مەمتىمىن باشلىغان ئىشقا كۈچ ئۇلاپ ، سانائەتنى ۋەتەندە ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىىگە موھتاج!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.