بەدەن ، مودا كىملىك(زۇلپىقار بارات ئۆزباش)

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-14 02:03:26

بەدەن، مودا كىملىك (زۇلپىقار بارات ئۆزباش) ( شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلىنىڭ 2008-يىللىق5-سانىدىن) بەدەن جەمئىيەتشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن شەھەرلەردىكى مودا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كىملىكىگە نەزەر ھازىر ئاشىقلا...

    بەدەن، مودا كىملىك

    (زۇلپىقار بارات ئۆزباش)

    ( شىنجاڭ مەدەنىيىتى  ژۇرنىلىنىڭ 2008-يىللىق5-سانىدىن)
    بەدەن جەمئىيەتشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن شەھەرلەردىكى مودا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كىملىكىگە نەزەر

    ھازىر ئاشىقلار شەھەردە پالىنار،
    ھاقارەت كوچىلاردا يۈرەر يالىڭاچ.
    سەمىمىيەت نان تىلەيدۇ ئورۇق، ئاچ،
    يېرىلغۇچە ئۈنلەيدۇ دۇتار
    ناخشا نائىلاج.
    ...
    ئەنە قۇياش ئاۋۋالقىدەكلا،
    شەرقتىن شەرقكە پاتماقتا.
    سۆيگۈدە ھالىدىن كەتكەن يىگىتلەر،
    ناخشىچى بوپ كەتتى كەچلىك كۇلۇبتا.
    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ قۇم شەھەر ناملىق شېئىرىدىن


    مۇقەددىمە: مودىنىڭ كۈچى- ئەتلەس سەۋەبىدىن بۇزۇلغان توي
        بۇ بىر جۈپ قىز _يىگىتنىڭ تويى ئەتلەس جىدىلى تۈپەيلى بۇزۇلدى. تونۇشۇم كامالىدىننىڭ بولغۇسى ئايالىنىڭ توي كۈنى ئەتلەس كۆينەك كىيىشىگە ئۇنىماسلىقى تۈپەيلى ھەپتە قالغاندا تويدىن يېنىۋالغانلىقىنى ئاڭلىغىنىمدا ، كاللامدا  ئەڭ ئاۋۋال  بۇ مەن ئىزدىنىۋاتقان تېما ھەققىدىكى تىپىك ۋەقە ئىكەن! دېگەن ئوي پەيدا بولدى. قىز-يىگىت مەن

    تونۇيدىغان بىر جۈپلەر بولۇپ، 2008-يىلى ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا توي قىلماقچى ئىدى。
    _ تويۇڭلار ئەتلەس سەۋەبىدىن بۇزۇلدىمۇ؟_سورىدىم بۇ ئىشتىن كېيىن كامالىدىننى زىيارەت قىلىپ،- سىزچە مۇشۇنداق قىلىش ئەرزىمدۇ؟
    - ئەرزىيدۇ. ئۇنىڭ توي كۈنى ئەتلەس كۆينەك كىيىشكە ئۇنىماسلىقى ئاددىي ئىش. ئەمما، ماڭا ئەتلەس كۆينەك كىيىشكە ئۇنىماسلىقنىڭ كەينىدىكى ئىدىيە قورقۇنچلۇق تۇيۇلدى. مەن ئۆزىمىزنىڭ نەرسىسىدىن چانغان ئايال بىلەن قانداق ئۆي تۇتىمەن؟ ئۇنىڭ بىلەن ئىدىيە جەھەتتە بىرلىككە كېلەلمەيدىغانلىقىمنى كېچىكىپ ئۇقتۇم،_كامالىدىننىڭ چىرايىدىن
    قاتتىق ئىچ پۇشۇقى تارتىۋاتقانلىقى ، رەللە  بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.ئۇ ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بىر شىركەتتە ئىشلەيدىغان يىگىت ئىدى. ھاراق ئىچمەيتتى ، تاماكا چەكمەيتتى.
    _ بۇ چاغقا كەلگەندە ئىشنى ياخشى تەرەپكە بۇراشنى ياكى قىزنى قايىل قىلىپ توينى قىلىۋېرىشنى ئويلاشمىدىڭىزمۇ؟
    _ ئۇنى قايىل قىلىشقا تىرىشتىم . ئەمما ، ئۇنىمىدى. توي قىلمىسام قىلمايمەنكى ، ئەتلەس كۆينەك كىيمەيمەن  دېگىنى يۈرىكىمدىن چىقمايدۇ. ياخشى ئۆتكەن چاغلىرىمدا ، ئۇنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئۇقساممۇ، ئىدىيىسنىڭ  بۇنچىلا ئىكەنلىكىنى پەقەت ئويلىمىغانىكەنمەن.. بىر يىل يۈرگەن بولساممۇ ئۇنى يېتەرلىك چۈشەنمەپتىمەن.
    _دوستلىرى، ئاتا-ئانىلىرى قىزغا گەپ قىلماپتىمۇ؟
    _گەپ قىلىش تۈگۈل يەنە شۇنىڭكىنى راست قىلىۋاتىدۇ. دوستلىرى: ئۆمرىدە بىر بولىدىغان توي تۇرسا، ياۋروپاچە توي كۆينىكى كىيسە نېمە بوپتۇ؟ ئەتلەس دېگەننى دۆڭكۆۋرۈك، سەنشىخاڭزىدىكى پايپاق ساتىدىغان قىزلارمۇ كىيىدىغان تۇرسا  دەپ دوق قىلدى. ئاتا-ئانىسى: ئەتلەسنى قىزىمىزدىن ئۈستۈن كۆرگەندىكىن ئەتلەس بىلەن توي قىلسۇن  دەپ

    گەپ ئەۋەتىپ بېرىپتۇ. مەنمۇ بوپتۇ ئەمىسە دېدى.
    مەن كامالىدىن بىلەن يېقىن ئۆتەتتىم ، بۇ ئىش ئۈچۈن ئەپسۇسلانماي تۇرالمىدىم. ئەسلىدە توي قىلماقچى بولغان قىزنىمۇ زىيارەت قىلىش ئويۇم بار ئىدى. ئەمما ،بۇنداق چاغدا زىيارەت قىلىپ بېرىش ئەپسىز ئىدى. ئىلاجسىزلىقتىن ئەتلەس جېدىلى توغرىسىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر نەچچە قىزدىن پىكىر ئالدىم.
    _ۋاي-ۋۇي ، نىمانداق مەتۇ بالا ئۇ!-دېدى مەمۇرىي ئىدارىدە ئىشلەيدىغان بىر قىز، -ھەممە ئادەم تويدا ياۋروپاچە كىيىنىۋاتسا! تازىمۇ بىر، نەدە چوڭ بولغان بالىكىنە؟ قىزنى چۈشەنسە بولمامدۇ؟ ئەتلەس كىيمىسە نېمە بوپتۇ؟ ھازىر ياۋروپاچە توي كۆينىكى كىيىش مودا تۇرسا،_دېدى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بىر قىز. يىگىت بولغاندىكىن كەڭ قورساق بولمامدۇ! ئۆمرىدە بىر قېتىم كېلىدىغان توي تۇرسا ، قىز دوستىنىڭ ئۆزى خالىغان ئۇسۇلدا كىيىنىشىگە يول قويۇشى كېرەكتە! كۆزى كىچىك بالىكەن! قىز بالىنىڭ تويدىن يېنىۋالغانلىقى ياخشى بوپتۇ؛ بۇنداق بالىلار قىزلارنى بەختلىك قىلالمايدۇ،-دېدى  ئۇنىۋېرسىتىتنى يېڭىلا پۈتتۈرگەن بىر قىز ئوقۇغۇچۇم.
    _ئەتلەسنى داڭسسى تۆۋەن  قىزلار (ئورنى تۆۋەن قىزلار دېگەن مەنىدە) تولا كىيىپ كۇرسىنى چۈشۈرىۋەتتى. ھازىر ئېقىۋاتقىنى ياۋروپاچە كۆينەك تۇرسا ! يېزىلاردىمۇ توي كۈنى ياۋروپاچە كۆينەكنى ئىجارىگە ئالىدىكەنغۇ! مودا شۇنداق تۇرسا!-دېدى دوختۇرخانىدا سېستىرالىق قىلىدىغان بىر قىز.
    _قىز بالا بەك دۆتكەن،_دېدى 40 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى ئايال،_ئۆينى بولغۇسى ئېرى بىلەن تۇتىدىغان تۇرسا. ئېرىنىڭ دېگىنى بويىچە قىلسا بولمامدۇ؟ ئۇنىڭغا ئۆي تۇتۇشۇپ بېرىدىغىنى ئاتا-ئانىسى ، دوستلىرى ئەمەستە!
    يەنە ئىزدىسەم يىگىتنىڭكىنى توغرا دەيدىغانلارمۇ ، قىزنىڭ تەرىپىنى ئالىدىغانلارمۇ جىق چىقىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما ، مەن مۇھاكىمە قىلماقچى بولغان تېمىنىڭ مەقستى كىمنىڭ توغرا ، كىمنىڭ خاتا دەپ تارازىدا گۇناھ جىڭلاش ئەمەس ئىدى. جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ئاساسىي مەقسىىتى- تەنقىدلەش ئەمەس، بەلكى مەلۇم بىر ئىجتىمائىي پاكىتنىڭ
    كەينىگە يوشۇرۇنغان رېئاللىقنى ئېچىپ بېرىش ۋە شەخسنىڭ ھەرىكىتى بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئىجتىمائىي ئامىلنىڭ ئادەمگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كۆزىتىش . ئەتلەس سەۋەبىدىن بۇزۇلغان توي ماڭا شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھېس قىلغىلى بولىدىغان ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىيلىق ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىدەك تۇيۇلدى. كاللامدىكى سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ، ئويلىنىۋاتقان تېمامغا ماتېرىيال ئىزدەش مەقسىتىدە ئۈرۈمچىدە بولىۋاتقان توي مۇراسىملىرىنى ، توي كۆينىكى ساتىدىغان دوكانلارنى، پارلاق ، سەردار ، مەشرەپ  رېستۇرانلىرىنىڭ زاللىرىدا ، لېفىتلىرىدا مودا كىيىنگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنى كۆزەتتىم. كۆزىتىشلىرىم داۋامىدا مودىنىڭ كۈچىنى ھېس قىلدىم. مەن زىيارەت قىلغان قىزلار مودىنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلمەيتتى؛ ئەمما ئۇنى كىيىم-كېچەك، ياشاش شەكلى نۇقسىتىدىن مىساللار بىلەن چۈشەندۈرەتتى. ھەربىر پارىڭىدا مودا دېگەن گەپنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى.
    ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات يېرىگە جايلاشقان، توي كۆينىكىنى مەخسۇس ساتىدىغان بىر دۇكانغا كىردىم. دۇكاندا قولتۇقى ئوچۇق ، مەيدە تەرىپى خېلى يەرلىرىگىچە ئويۇلغان ياۋروپاچە كۆينەكلەر كۆپ ئىدى.
    _ئەتلەس كۆينەك يوقمۇ ،_ سورىدىم مەن.
    _يوق،-دېدى دۇكاندىكى قىز،- ھازىر ياۋروپاچە كىيىش مودا.
    يەنە بىردۇكاندا ئۈستى تەرىپىگە ئەتلەس تۇتۇلغان توي كۆينەكلىرىنى كۆردۈم.
    _بۇ ئەتلەس كۆينەكلەرنى ئىجارىگە ئالىدىغانلار بارمۇ؟_سورىدىم مەن.
    _ھازىر توينى ئەنئەنىچە قىلىمىز دەيدىغانلار خېلى چىقىۋاتىدۇ. ياۋروپاچە توي كۆينىكىنى تاللايدىغانلار كۆپرەك. ئەمما ، ئەتلەسنى ياخشى كۆرىدىغانلار ، توينى مىللىيچە قىلىدىغانلارنى كۆزدە تۇتۇپ بۇندىقىدىنمۇ ئەكىلىۋاتىمىز. ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق خېرىدارلىرى بار. مال كىرگۈزۈشتە نېمىنى ئۆلچەم قىلىسىلەر؟_ سورىدىم مەن.
    _خېرىدار ئۆگىتىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مودىنىڭ پاسونى يىلدا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بازاردىكى مودا ئەھۋالىنى كۆزىتىمىز،_ئەستايىدىل جاۋاب بەردى پىركازچىك قىز.


    شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئوبدانراق كۆزەتكەن ئادەم ھاللىقراق ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدا مودىنىڭ كۈچىنى ، ئۈنسىز قوماندانلىق رولىنى ھېس قىلىدۇ. ئادەم جەزبىدارلىقى بىلەن يەنە بىر قاراشقا مەجبۇر قىلىدىغان تارتىملىق ، خۇش پىچىم قىزلارنى كۆرگەندە ، تەبئىي ھالدا ئۇلارنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن ،
    گۈزەللىكىگە ئۆزگىچە جەلپكارلىق ئاتا قىلىۋاتقىنى ئۇلارنىڭ كېلىشكەن بەدىنىدىن باشقا مودا پاسوندا كىيىنىشى. قىزلارنىڭ بەدىنى مودىنىڭ تەجرىبىخانىسى. بۇ تەجرىبىخانىدا كىيىم – كېچەك كارخانىچىلىرىنىڭ  يېڭى-يېڭى ھۈنەر-تېخنىكىسىنى ، سودىگەرلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە تىجارەت نىشانىنى ، ئەڭ مۇھىمى مودىنىڭ قۇدىرىتىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. شەھەردە مودا ئۈنسىز سۆزلەيدۇ؛ا ئاجىزلارنى ، كىرىمى ئازلارنى ئۇھ تارتقۇزىدۇ. شەھەردە مودا نامراتلارنى مەسخىرە قىلىدۇ؛ ئەنئەنىگە قاراپ مەسخىرىلىك ھىجىيىدۇ. قىزلارنىڭ بەدىنىدە مودا ئارقىلىق نۇرغۇن ئۇچۇر تارقىلىدۇ. بۇ ئۇچۇرلار شۇ مودا ئىگىسىنىڭ مىللىتى ، ئىستىتىك ھەۋىسى ، ئەڭ مۇھىمى كىملىكى ھەققىدە بىشارەت بېرىدۇ.
    گۇگۇل ، بەيدۇ قاتارلىق ئىزدەش خاراكتېرىدىكى تورلارغا  ئۇيغۇر قىزى(سۈرەتلىك) دەپ خەت   كىرگۈزسەك ، شۇ ھامان ئەتلەس كۆينەك كىيگەن ، دوپپا كىيگەن ۋە باشقىچە ئۇسۇلدا ئەنئەنىچە ياسانغان  قىزلارنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. دېمەك ، تورغا شۇ رەسىملەرنى چىقارغۇچىلار ئەتلەس بىلەن دوپپىنى ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىگە
    باغلاپ چۈشەنگەن ۋە شۇ ھۆكىمى ئاساسىدا مەخسۇس شۇ خىلدىكى رەسىملەرنى كۆپرەك تاللىغان. بىز يەنە چوڭ باشلىقلار ، قىممەتلىك مېھمانلار قەدەم تەشىرىپ قىلغان ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكلىرىدە ، يىغىلىشلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئەر مېھمانلارغا دوپپىلارنى ، ئايال مېھمانلارغا ئەتلەسلەرنى سوۋغا قىلغانلىقىنى كۆرگەن. پارىژدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قىزى مۇقەددەس مىجىت سىنىپىدا ئۆز مىللىتى توغرلۇق تونۇشتۇرۇش بەرگەندە ، ئەڭ ئاۋۋال ئەتلەسنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىدۇ. ئەتلەسنىڭ يىپەك ، دوپپا قاتارلىق نۇرغۇن سىمۋوللۇق بەلگىلەر قاتارىدا ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىگە سىمۋول بولۇپ قالغىنى پاكىت. بىزنىڭ ھاياتىمىز سىمۋوللۇق بەلگىلەر بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ ، چارلېز بودلېرنىڭ گېپى بويىچە  ئادەم_سىمۋول ئورمىنى.  بىز سىمۋوللۇق بەلگىلەر ئارقىلىق مەنىلىك كارتىنا ھاسىل قىلىمىز ، ئۆز كىملىكىمىز ھەققىدە باشقىلارغا ئۇچۇر بېرىمىز. ئەتلەستىن ئىبارەت سىمۋوللۇق بەلگىدە ئىپادە بولۇۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى. ئەمما ، باشقا مىللەتلەرگە ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت كىملىكى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىدىغان ئەتلەس ھەققىدىكى قىزىقارلىق بىر پاكىت شۇكى ، نۇرغۇن ئۇيغۇر قىزى ئادەتتىلا ئەمەس ، مۇراسىم سورۇنلىرىدىمۇ ئەتلەس كىيىشنى خالىمايدۇ. بۇ ھال ئۆزى كىيمىگەن ئەتلەسنى باشقىلارغا سوۋغا قىلىش كۆرۈنۈشى بىلەن قىزىقارلىق سېلىشتۇرما پەيدا قىلىپ، زامانىۋىلىشىش ، يېڭىلىققا ئىنتىلىش شامىلىدا  بويۇن قىسىپ قېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەنئەنىسى ھەققىدىكى كومىدىيىلىك رىئاللىقنى نامايان قىلىدۇ. بەزى ئۇيغۇر قىزلىرى بولسا ئەتلەس كىيىشنى مەتۇلۇق ، زاماننىڭ كەينىدە قالغانلىق دەپ چۈشىنىدۇ. ماقالىمىزنىڭ بېشىدا مىسالغا ئېلىنغان  كامالىدىننىڭ قى‍ز دوستى دەل مۇشۇخىل قىزلار تىپىدىن. بىز ئۇلارنىڭ ئۉستىدىن شىكايەت قىلماقچى ئەمەس. دىققىتىمىزنىڭ مەركىزىدە تۇرىدىغىنى ياۋروپاچە توي كۆينىكىنىڭ قانداقسىگە مودا سۈپىتىدە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قوغلىشىش ئوبيېكتى بولۇپ قالغانلىقى ۋە قانداقسىگە ئەتلەستىن ئىبارەت ئۇيغۇرغا خاس بەلگىنى يەنە شۇ ئۇيغۇر قىزلىرى ياراتمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقى. بۇ نۇقتىنى تۇتقا قىلغان مۇھاكىمە ماھىيەتتە زامانىۋىيلىشىش بىلەن ئەنئەنە ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە ياندىشىدۇ.
    بەدەن_ئۆزلۈك دېمەكتۇر ، بىزنىڭ قانداقلىقىمىز بەدىنىمىزدە ئەكىس ئېتىدۇ. ئەنگىلىيە كامبىرىج ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى ، جەمئىيەتشۇناس بريان تۇرنېرنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا ،  بۈگۈنكى دەۋردە ئۆزلۈكنى لايىھلەش بەدەننى لايىھىلەشنى كۆرسىتىدۇ. بەدەن بارغانچە زامانىۋىي ئادەمنىڭ كىملىك تۇيغۇسىنىڭ يادروسىغا ئايلانماقتا ①
    ياۋروپاچە توي كۆڭلىكى كىيىش ئۇيغۇرلارغا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مېدىيە ۋاسىتىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىكى جايدا ياشىغان كىشىلەرگە غەربتىن كىرگەن. ئۇيغۇر قىزلىرى ياۋروپاچە توي كۆينىكىنى كىيىش ئارقىلىق ئۆمرىدە بىر كېلىدىغان مۇراسىمىدا ئۆزىنى قالتىس ئېسىلدەك ، تەربىيە كۆرگەندەك كۆرسىتىشنى ئويلايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ يەردە ئىپادە قىلىۋاتقان ئۆزلۈكى غەرب مەدىنىيىتىنى چوڭ بىلىش ، ياخشى دەپ قاراش ھېسسىياتى بىلەن ، توغرىراقى شۆھرەتپەرەسلىكى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. ئۇلار ياۋروپاچە توي كۆينىكىنى كىيىپ ئۆزىنى باشقىلارغا ئېسىلزادىلەردەك كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. بۇ خىل تىرىشچانلىققا كىملىكنى تاشقى دۇنياغا بىلدۇرۇش ئارزۇسى تۈرتكە بولىدۇ. كىملىك تۇيغۇسى ئادەتتە ئىجتىمائىي سورۇنلاردا شەخسكە نىسبەتەن مۇھىم رول ئوينايدۇ، باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرىشننى نىشان قىلىدۇ . بىز  بۇ ماقالىدە بەدەن ، مودا ، كىملىك ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىجتىمائىي نۇقتىدىن كۆزىتىپ : بەدەن ئوبرازىنىڭ ئىجتىمائىي ماكاندىكى رولى قانداق بولىدۇ؟ ئەنئەنە مودا ئالدىدا قاندداق بويۇن قىسىدۇ؟ مودىنىڭ كۈچى بەدەن ۋە ئۇنىڭ ئىگىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ مودا ئالدىدا شەھەردىكى ئۇيغۇر قىزلىرى قانداق كىملىكىنى نامايان قىلىدۇ؟  دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشىمىز. تەتقىقات مىتودى جەھەتتە سۈپەت تەتقىقاتى(定性研究方法qualitative research(
    نىڭ پاكىت تەھلىلى情景分析case studies)  ۋە پاراڭ تەھلىلى话语分析(discourse analysis      قاتارلىق ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىمىز.

    بەدەن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
    بەدەننى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن چۈشىنىش

    بەدەن بىلەن سىياسىنىڭ مۇناسىۋىتى. جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە ، بەدەن بىلەن سىياسىي ئوتتۇرىسىداا زىچ مۇناسىۋەت بار. بىز بۇخىل مۇناسىۋەتنى چۈشىنىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشلۇق قۇرلاردىن مىسال ئېلىپ باقايلى. دەھشەتلىك مىنۇتلار يېقىنلاشماقتا. قىلىچلىرىنى يالىڭاچلىغان جاللاتلار تەقەززالىق بىلەن بۇيرۇق كۈتمەكتە. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن خۇنخورلۇقنىڭ ئۇچقۇنلىرى تۆكۈلۈپ تۇرماقتا.
    بۇيرۇق.... شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ بوينىغا قىلىچ ئۇرغان جاللات زەھەرخەندىلىك بىلەن :
    - مانا ئاچىل!- دېدى.
    شائىرنىڭ ئەتلىك، خۇددى خانىقا تۈۋرۈكىدەك يوغان بوينى بىر قىلىچ بىلەنلا ئۈزۈلۈپ چۈشكىنى يوق. شائىر بېشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ گۈل ئاچىل ، دېدى. شائىرنىڭ جەڭگىۋار سۆزى، جاراڭلىق تاۋۇشى  تېخى ئاخرلاشمايلا گاچ-گاچ   قىلىپ يەنە ئىككى قېتىم چېپىلغان قىلىچ ئاۋازى ئاڭلاندى. خەلق تاقەت قىلىپ تۇرالماستىن كۆزىنى ئاچقاندا ،
    شائىرنىڭ بېشى مۇبارەك تېنىدىن جۇدا بولغان، شەھەر كوچىسى قىپقىزىل قانغا بويالغان ئىدى.. 
    -ھى ..ھى..ھى!قىز ، سەن تارتىنما،- شەن مازا چىمىلدىقنى قايرىدى،- قىز سەن يېقىن كەل . يۈرىكىڭ نىمانچە دۈپۈلدەيدۇ؟ قورقىۋاتامسەن؟
    شەن مازانىڭ چوقۇر يۈزلىرى مەستلىكتىن ئۆپكىدەك قىزىرىپ ئېسىلغان بولۇپ ئاغزىدىن ھاراقنىڭ سېسىق پۇرىقى بۇقسۇپ تۇراتتى. ئۇ ئۆزىنى باشقۇرالماي قىزنىڭ ئۈستىگە تاشلاندى ۋە شۇ ھامان ئاچچىق بىر ئاغرىقنى ھېس قىلدى-دە، ۋايجان دەپ ۋارقىرىۋەتتى. نوزۇگۇمنىڭ كۈچ بىلەن ئۇرغان خەنجىرى ئۇنىڭ يۇلۇنىنى ئۈزۈپ تاشلىغانىدى.
    نوزۇگۇم ئىككىنچى قېتىم خەنجەر ئۇرۇپ شەن مازانىڭ كۆكرىكىنى بۆسۈۋەتتى. ئۇ خۇددى ئوت ئۈستىدىكى ھۆل قوۋزاقتەك تولغىنىپ ، چىمىلداق يېنىغا گۈپ قىلىپ چۈشتى. بۇقۇلداپ ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ئىسسىق قان دالويىنىڭ ئوچۇق قالغان ئاغزىغا ئېقىپ كىرىشكە باشلىدى. ...
    بىر جاللات نوزۇگۇمنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ، قىلىچىنى شارتىلدىتىپ بىلەشكە باشلىدى. پۈتۈن مەيداننى ئۆلۈم ۋەھىمىسى باستى . لېكنى بۇ ئۆلۈمنىڭ نوزۇگۇم ئۈچۈن ھېچقانچە دەھشىتى يوق ئىدى. ئو تويلۇق چىمىلدىق ئىچىدە شەن مازانى پارە-پارە قىلىپ تاشلىغان چېغىدىلا ئۆزىنى بۇ ئۆلۈمگە ئاتاپ قويغانىدى. شۇ مىنۇتلاردا ئۇ مەن ئاتا ۋەسھىيىتىنى
    ئورۇندىيالىدىممۇ يوق؟  دېگەننى ئويلايتتى. ئۆزىنىڭ پاكلىقى ، زوراۋان كۈچلەرگە باش ئەگمىگىنىنى ئويلىغىنىدا ئۇ دۇنيادا ھەرقانداق قېرىندىشمغا يورۇق يۈزۈم بىلەن قارىيالايمەن دەپ ھوزۇرلىناتتى. نوزۇگۇم ئاپئاق بولۇتلار بىلەن بېزەلگەن كۆپكۈك ئاسمانغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى. شۇ چاغدا ئارقىسىدىن جاللات باشلىقىنىڭ ئۆزى كېلىپ قىزغا تۇيۇقسىز قىلىچ ئۇردى. نوزۇگۇمنىڭ بېشى مەيدانغا ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ ،ئۇزۇن چاچلىرى تۇپراق ئۈستىگە يېيىلدى. جاللات باشلىقى قان تېمىپ تۇرغان قىلىچنى يالاپ ، غىلاپقا سالدى دە، ئىغاڭلاپ بېرىپ قىزنىڭ كېسىلگەن بېشىنى خالتىغا تاشلىدى.③
    بىر تارىخنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىۋاتقان يۇقۇرىقى مىساللاردا ئابدۇخالىقنىڭ ، نوزۇگۇمنىڭ جازا ئوبيېكتغا ئايلانغان تېنى شۇ دەۋردە يۈرگۈزىلىۋاتقان سىياسىي ھوقوقتىن ، شۇ دەۋردىكى سىياسىي ھاۋادىن بېشارەت بېرىدۇ. شۇ دەۋىردىكى سىياسىينىڭ لوگىكىسى بويىچە ئېيتقاندا ، نوزۇگۇمنىڭمۇ ، ئابدۇخالىقنىڭمۇ كاللىسى كېسىلمسە بولمايدۇ.
    چۈنكى ئۇلارنىڭ تېنى جۇدا بولغاندىلا ئېسيانكار روھى تۇنجىقىدۇ. ئۇلارنىڭ بەدىنى كۆزىدىن نېرى بولمىسا ، شۇ چاغدىكى ھاكىمىيەت ئۈچۈن كۈشەندە بولىدۇ. مەلۇم ھوقوق ئىرادىسىگە ئىگە ئادەملەر ئۆز ھوقوقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ھىمايە قىلمىغان كىشىلەرنىڭ بەدىنىنى بويسۇندۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ئىرادىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كاللا كېسىش ، تۈرمىگە تاشلاش ، قىيناش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بەدەننى ھوقوق يۈرگۈزۈشنىڭ دەستىگاھى قىلىدۇ. نۇرغۇن ئوقۇرمەنلىرىمىز سىياسىي بىلەن ھوقۇقنىڭ زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ ، ئەمما ئۆز بەدىنىدە ھوقوقنىڭ سايىسى ئەكىس ئېتىۋاتقانلىقىنى نېگىزىدىن چۈشەنمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ، نورمىدىن ئوشۇق بالىنى چۈشۈرگۈزۈش ، توك كالتەك يېقىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىياسىي ھوقوقنىڭ روھنى  بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئاۋۋال بەدەننى شىكار قىلىدىغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. دېمەك ، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا روھ_ سىياسىنىڭ ئوۋ نىشانى ، بەدەن_سىياسىنىڭ شىكارى. ئەبۇ غېرىپ تۈرمىسىدە دەھشەتلىك قىينىلىپ تەن ئازابى تارتىۋاتقان مەھبۇسلار ، تۈركىيەنىڭ مەشھۇر فىلىمى  تۈركلەر ۋادىسى ئىراق تا ئامېرىكىغا ئادەمبومبا بىلەن قارشى قارشى تۇرماقچى بولغان لەيلى،  لەگلەك ئۇچۇرغۇچى  فىلىمىدىكى زىنا قىلىنغانلىقى ئۈچۈن تاش تۇپراق قىلىنغان ئايال،  باتۇر يۈرەك  فىلىمىدا شوتلاندىيە خەلقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگىلىيەگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنىڭ رەھبىرى كرومۋېلنىڭ ئاخىرى ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ ، بەدىنى پولات ئارغامچىدا تارتىپ ئۆلتۈرۈلۈشى مۇنداق پاكىتنى ئېسىمىزگە سالىدۇ: بەدەندىن ئىبارەت بۇ شىكاردا سىياسىنىڭ ۋاستىسى بولغان ھوقوق يۈرگۈزىلىدۇ، ئادەمنى چەكلەيدۇ ۋە ئۆز ئىرادىسىگە بوي سۇندۇرىدۇ.جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە بەدەن ھەققىدىكى تەتقىقات ھوقوقنىڭ بەدەندە قانداق يۈرگۈزىلىدىغانلىقى ، بەدەن بىلەن ھوقوق ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بارلىقىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ. فرانسيىە مۇتەپەككۇرى فۇكاۋ مىچىل(Micheal Foucault, 1928-1984) ئۆزىنىڭ  تۈزۈم ۋە جازا: تۈرمىنىڭ بارلىققا كېلىشى (discipiline and punish: the birth of the prision) ناملىق ئەسىرىدە بەدەننىڭ مەكتەپلەردە ، تۈرمىلەردە، زاۋۇتلاردا باشقۇرۇلۇشىنى ھوقوق نۇقتىسىدىن كۆزەتكەن.                                                                              
    (maurice merleau_ponty)فرانسىيە پەيلاسوپى مائۇرىس مېرلېئو پونتى
    ئۆزىنىڭ  تۇيغۇ ھادىسىشۇناسلىقى  نامىق ئەسىرىدە بىزنىڭ رېئاللىق ھەققىدىكى تۇيغۇلىرىمىزنىڭ بەدىنىمىز ئارقىلىق بىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، دۇنيا ھەققىدىكى تونۇشىمىزنىڭ بەدىنىمىزدە كۈچەيگەن تۇيغۇنىڭ مەھسۇلى بولىدىغانلىقىنى تەكشۈرگەن.بەدەننى جانلىق ماددا سۈپىتىدە تونۇپ تۇرۇپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ خىل تەتقىقات بەدەن ،
    كەچۈرمىش ۋە كىملىك ئوتتۇرىسىدا  زىچ باغلىنىش  بارلىقىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مودىدىن كىملىككىچە   مودا ، بەدەن كىيم ، كىملىك ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن مۇرەككەپ مۇناسىۋەت بار. بىر تەرەپتىن بىز كىيگەن كىيىملىرىمىزدە باشقىلارغا كىملىكىمىز ، ئىجىتىمائىي ئورنىمىز ، مەنسۇبىيىتىمىز توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا ، بىزنىڭ كىيىملىرىمىز ھەمىشە كىملىكىمىز ھەققىدە باشقىلارنى خاتا چۈشەنچىگىمۇ كەلتۈرۈپ قويىدۇ . كىيىمنىڭ كىملىكتىن ئۇرچۇر بېرىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن كىملىكنى يوشۇرۇشتەك ئالاھىدىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى  جىددىي مۇناسىۋەتنى شەھەر تۇرمۇشىدا تېخىمۇ روشەن ھېس قىلغىلى بولىدۇ . سەۋەبى، شەھەرلەردە باشقىلارنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدىغان ياكى ئەنئەنىدىن قالغان بىر قېلىپ يوق . بىز ھەمىشە ناتونۇش كىشىلەر  ئارىسىدا ئالدىراش يۈرىمىز ۋە دەقىقە ۋاقىت ئىچىدە بىر- بىرىمىزگە تەسىر قالدۇرىمىز. ئاسان يېقىنلاشقىلى بولمايدىغان ، سىرلىق ، ناتونۇش بىر ئادەمگە يولۇققان چېغىمىزدا يۈرۈش تۇرۇشى ، كىيىنىشىگە قاراپ باھا بېرىمىز. مەيلى راست ياكى ساختا بولسۇن ، قارشى تەرەپنىڭ كىيىمى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىغا ، ئەخلاق پەزىلىتىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى ئۆلچەم بولۇپ قالىدۇ. كىيىم جەمئىيەتشۇناسلىقى تەتقىقاتچىسى كۇنتىن بېل بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ كىيىمىمىز بىزنىڭ بىر تەركىبىي قىسىمىمىز. بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى كىيىملەر تېنىمىز ۋە روھىمىزنىڭ داۋامىدۇر ④
          بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بەدەن كىشىلەر ئارىسىدكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنىڭ فوكۇس نۇقتىسىغا ئايلاندى. چېنىقىش ، ئورۇقلاش ، گىرىم قىلىش ، گۈزەللىك ئوپراتسىيىسى شەھەردىكى  ئۇيغۇرئاياللىرى ئارىسىدا بەدەننىڭ فوكۇس نۇقتىسى بولۇپ قېلىشى ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ بەك ئىپادىلىدى. ئاياللارنىڭ مودا كىيىملەرنى كىيگەن بەدىنى
    ئەرلەرنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا جىنسىي تۇيغۇنى غىدىقلايدۇ. ئەرلەرنىڭ بۇ خىل چاتما تەسەۋۋۇرىدىن  مودا كىيىنگەن ھەرقانداق ئايال قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. بۇنداق چاغدا ئەرلەرنىڭ ئاياللار ھەققىدىكى خىيالى ئۇنىڭ كىيىمى ، بەدىنى نۇقتىسىدىن ھالقىپ كېتىدۇ. يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ، ئەرلەرنىڭ ئاياللار ھەققىدىكى چاتما تەسەۋۋۇرىنى ئويغاتقان مودىنى تارىخىي ، يەرلىك تۈسكە ئىگە كىيىم-كېچەك سېستىمىسى دەپ تونۇش كېرەك. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، مودا كىيىش جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش بولۇش بىلەن ئومۇملىشىدۇ. مودىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئالاھىدە بىر دەۋردىكى ئىجتىمائىي مۇھىتتىن ئىزدەش مۇمكىن. بۈگۈنكى شەھەر ئاياللىرىدا مودىنىڭ كېڭىيىشىگە شەرت ھازىرلىغان ئىجتىمائىي مۇھىتنى 1980-يىللارنىڭ بېشىدىن ئىزدەش مۇمكىن. ئۇ چاغدا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى يېڭى ئاخىرلاشقان ، ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە شەھەر ئاياللىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كىرگەن مودىلار بىلەن ئۇچراشتى؛ ئاندىن تېلۋوزۇرنىڭ ئومۇملىشىشى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ، چەتئەللەردىكى مودىدىن خەۋەردار قىلدى.تاكى بازار ئىگىلىكى يولغا قويۇلغان 1990-يىللارغىچە بولغان 10 يىلدەك ۋاقىت شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ نۇرغۇن ئەنئەنىلىرىدە ئىسلاھات بولغان چاغ بولدى. شۇ چاغدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مودىغان ئىنتىلىش روھىي ھالىتىنى مەمتىمىن ھوشۇر ئۆزىنىڭ ساۋاقداشلار ناملىق پوۋېستىدا مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: مېھمانلار ئولتۇرۇپ بولا بولماستىنلا يەنە بىر ئايال كىرىپ كەلدى . ئەلى بۇ ئايالنى تونۇغاندەك قىلسىمۇ قايسى يىللىقلاردا ئوقۇغانلىقىنى ئېسىگە ئالامىدى. ئايالنىڭ بېشىدا زەر باسقان چەتئەل ياغلىقى، ئۈستىدە چەتئەلنىڭ زەرلىك رەختلىرىدىن تىكىلگەن ، ۋالىلداپ تۇرىدىغان كۆڭلەك ، ئايىغىدا ئىنچىكە پاشنىلىق چەتئەل توپلىيى ، قارا تومۇرلۇق نېپىز يىپەك پايپاق ، بويۇنلىرىدا ئاجايىپ مارجانلار تۇراتتى. ئاياللار دالان ئۆيگە يۈگۈرۈشۈپ چىقىپ ، ۋىيەي، تۇرنىسا دېگىنىچە ئۇنىڭ كىيىملىرىنى كۆرگەزمە  قىلىشقا باشلىدى:
    _ ماۋۇ قەيەرنىڭ مارجىنى دوستۇم؟
    _ھەرەمنىڭ
    _ماۋۇ ياغلىقچۇ؟
    _سا يۈزىنىڭ.
    _كۆڭلىكىڭنىڭ رەختى ئېسىلكىنا؟
    _پاكىستاننىڭ.
    _ ئايىغىچۇ ، ئايىغىنى كۆرمەيسىلەر بۇخېنىمنىڭ..
    _ شياڭگاڭنىڭ.
    ھەتتا قايسى بىرى ئۇنىڭ كۆينىكىنى قايرىىپ ئىچىدىكى رۇباشكىسىنىمۇ كۆرۈپ باقتى.
    _ ئاۋسترالىيىنىڭ،-دەپ ئېلان قىلدى ئۇ تەنتەنە بىلەن
    بۇ ئايال ئەتەي ئۈستەللەرنى پىرقىراپ ئۆتۈپ، تەھرىرنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى كىيىملەرنىڭ ياراشقان ياراشمىغانلىقى توغرىسىدا بىر نەرسە دېگىلى بولمىسىمۇ ، ئۇ ھازىر ئاتاپ ئۆتكەن مەملىكەتلەرنىڭ ئىسىملىرىلا بىر سەلتەنەت پەيدا قىلاتتى. ھەممە ئاياللار ئاغزىدا يۇقارقىدەك سۆزلەرنى قىلىشسىمۇ كۆڭلىدە
    مەنسىتمىگەندەك قارىشاتتى. ئەلىنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالغان ياش ئايال ئۇنىڭغا: ۋاييەي قاراڭ. ئىسسىقتا كۆز-كۆز قىلىمەن دەپ ھەممە نېمىسىنى ئۈستىگە بولۇشىغا ئارتىپ كەلگىنىنى ،_دەپ پىچىرلىدى،- ئېرى ياشىنىپ قالغان ئادەم. شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە باشلىق ، ئۆزىچە نومۇس قىلىپ ، تېخى مۇنداق سورۇنلارغا باشلاپ كەلمەيدۇ. ⑤ .
    مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ساۋاقداشلار ناملىق پوۋېستى1986-يىلى يېزىلغان ۋە شۇ يىلى تارىم ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. بۈگۈن شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ياشايدىغان قىزلارنىڭ مودا ھەققىدىكى قارىشى بۇ ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ئاياللارنىڭكىدىن كۆپ پەرقلەنسىمۇ ، مودىنىڭ تۈرىدە يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولسىمۇ ، ئەمما ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ چەتئەل
    ماللىرىغا بولغان تەلپۈنىشى، چوقۇنىشىدا ئۆزگىرىش بولمىدى. يەنە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر كۆرسەم  قاتارلىق كورىيە فىلىملىرىنىڭ ۋە زامانىۋى كورىيە فىلىملىرىنىڭ ئېكراندا قويۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ چەتئەل ماللىرىغا بولغان تەلپۈنۈش ھېسسىياتىغا  كورىيە قىزغىنلىقى قېتىلدى ، كورىيە ماللىرى بىر مەزگىل مودا بولدى. چەتئەل ماللىرىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بەدىنىدە ئەتىۋارلىنىشى ئاساسسىز ئەمەس. ئۇيغۇرلار سىرتلارغا چىقىش ئىمكانىيىتى ئاز بولغانلىقى سەۋەبلىك چەتئەللەرنى كىنو تېلىۋوزۇرلاردا كۆرىدۇ؛ چەتئەللىكلەرنىڭ كىنو تېلىۋوزۇرلاردىكى نۇرغۇن تۇرمۇش شەكلى ئۇلارنى جەلىپ قىلىدۇ.


    شەھەر ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ چەتئەل مودا پاسونلىرىغا ، جۈملىدىن ياۋروپاچە توي-مۇراسىم كۆينەكلىرىگە تەلپۈنۈش ھېسسىياتى ئۇلارنىڭ خىيالىدا ئۆزىنى ياۋروپالىقتەك كۆرسۈتۈش چۈشىدىن كەلگەن . شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ بېسىمى جىق ، مائاش تۆۋەن ، ھاياتىدا تەم ۋە مەنە ئاز. شۇڭا شەھەر ئۇيغۇر قىزلىرى خىيالىدا كىيىملىرى ، يۈرۈش
    تۇرۇشلىرى ئارقىلىق بولسىمۇ باشقىلارغا ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقاندەك تەسىر بېرىشنى ، ئۆزىنى مۇراسىم سورۇنلاردا بولسىمۇ ياۋروپالىقتەك كۆرسىتىشنى ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار رېئاللىقنىڭ ئازابىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ، چۈش كۆرۈۋاتقانلاردۇر. ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلىرى مېككال ۋە سىمونىسنىڭ گېپى بويىچە  ئېيتقاندا: ئادەم چۈش كۆرگۈچى،غايىۋىلىك ئىچىدە خىيالى ئوبراز ئۈچۈن ياشايدىغان مەخلۇق. ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىنى تولدۇرىدىغانغا بىر نەرسە بولۇشى كېرەك ⑥شەھەردىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ غايىۋى كىملىكىنى چۆرىدەپ قىلغان تەسەۋۋۇرىنى ، ئۆزىنى باشقىلارغا ئېسىل كۆرسىتىش ئارزۇسىنى قاندۇرىدىغان نەرسە_دەل مودىدۇر. شەھەر ئۇيغۇر قىزلىرى دەل مۇشۇ مودا ئارقىلىق قەلبىدىكى مەنىسىزلىك تۇيغۇسىغا بەرھەم بەرمەكچى بولىدۇ ، رول ئېلىپ ياشايدۇ.مېككال ۋە سمونىس ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ئادەمنىڭ _چۈش كۆرگۈچىنىڭ مەقسىدى ھاياتتا رول ئېلىپ ياشاشتۇر. لېكنى بۇ ئاسان ئىشقا ئاشمايدۇ.ئادەم خىيالىدىكى ئۆزىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ، تەبىئىتىدىكى ھايۋانلىق ئالامەتلىرىنى بېزىشى ياكى يوق قىلىشى ، ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيا ھەققىدە ئۇچۇرلارنى قىياس قىلغاندىن كېيىن ئۆز ھەرىكىتىنى ماس ھالدا تەڭشىشى زۆرۈر(7)
    بەدەن ۋە رېئاللىق
    بەدەن بىر رېئاللىقتىن دېرەك بېرىدۇ. بىر قىزنىڭ بەدىنىدە مودا ئارقىلىق ئىپادە قىلىۋاتقىنى ئەمەلىيەتتە ئۆزى ياشاۋاتقان رېئاللىق. تەڭرىتاغ كىنو سىتۇدىيىسى 2006-يىلى ئىشلىگەن، گانا كىنو فېستىۋالىغا قاتناشقان  تۇرپاندىكى سۆيگۈ ناخشىسى  فىلىمىدە پاتىگۈل ، ئارزىگۇل قاتارلىق ئۇيغۇر قىزلىرى،  مەمەتنىڭ2008-يىلى فىلىمىدە ئايال ترېنىرنىڭ
    رولىنى ئالغان گۈزەلنۇر يارىشىملىق كىيىمى ، خۇشپىچىم بەدىنى ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرگە ئۇيغۇر قىزلىرى چىرايلىقكەن دېگەن تۇيغۇنى بېرىدۇ. ئاشۇ قىزلارنىڭ چىرايلىق بەدەنلىرىدە ئەكىس ئېتىۋاتقىنى دەل ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ گۈزەل ھۆسىن ۋە لاتاپەتكە ئىگە ئىكەنلىكىندىن ئىبارەت رېئاللىق. بۇنىڭ ئەكسىچە ئۈرۈمچىدىكى ، بېيجىڭدىكى كېچىلىك كۇلۇبلاردا يۇقىرى كىرىم بىلەن باشقىلارغا ھەمراھ بولۇۋاتقان چىرايلىق قىزلار باشقىلارغا يەنە بىر رېئاللىقنى نامايەن قىلىپ  ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ چىرايلىق قىزلىرى كېچىلىك كۇلۇپتىمۇ نېمە ؟  دېگەن تەسىراتنى پەيدا قىلىدۇ. مانا بۇ شەھەردىكى ئوخشىمىغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بەدىنى ئارقىلىق ئەكىس ئېتىۋاتقان ئوخشىمىغان رېئاللىق. بۇ ھال ئادەمگە جۇڭگو يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى ، داڭلىق خەنزۇ شائىرى ۋاڭ گوجېننىڭ مۇنۇ جۈملىلىرىنى ئەسلىتىدۇ: گۈزەل رۇخسار گويا بىر پارچە يول خېتىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن جەننەتكىمۇ ، دوزاخقىمۇ بارغىلى بولىدۇ. 
    2008  -ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدىكى سەردار ، پارلاق ، مەشرەپ  رېستۇرانلىرىنى كۆزەتتىم. ياۋروپاچە توي كۆينىكى كىيگەن كېلىن قىزلار ، پۇتىنىڭ تىرنىقىدىن تارتىپ چېچىنىڭ شەكلىگىچە ئالاھىدە ئىشلىگەن مودا قىزلار ماڭا ناھايىتى يۇقىرى ئىستىمال ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك ، تۇرمۇشىنىڭ سۈپىتى يۇقىرىدەك تەسىر بەردى. مەن شەھەر
    ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇش ھەۋىيىسى شۇنچىلا ئۆسۈپ كەتتىمۇ؟ شەھەرلىكەر شۇنچە مەدىنىيلىشىپ كەتتىمۇ؟ دەپ ئويلىدىم. ئەمما ، رېئاللىق ئۇنداق ئەمەستەك قىلاتتى. بىر رېستوراننىڭ لىفىتىدا قۇسۇقنىڭ ھىدى بىلەن ھاۋا ئۆتۈشمەسلىك تۈپەيلى تولىمۇ بىخسىق پۇراق چىقىپ تۇراتتى. مەن ئالدىمدا تۇرغان ئۈچ قىزغا سەپ سالدىم. بەدىنىدىن قىممەت باھالىق ئەتىرنىڭ پۇرىقى كېلىۋاتقان قىزلار بىخسىق پۇراقنى سەزمىگەندەك قىلاتتى. پەسكە چۈشۈپ100 مېتېر نېرىغا ئۆتكىنىمدە ، كۆزلىرى مۆلدۈرلەپ چىرايىدىن نامراتلىقى تۆكۈلۈپ تۇرغان ئوسمىچى قىزلارنىڭ قاتار بولۇپ ئوسما تۇتۇپ ئولتۇرغان ھالىتىگە كۆزۈم چۈشتى. ئوسمىچى قىزلارنىڭ ئوسمىسىنى ئالىدىغانلار جىق ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ يېنىدا پايپاق ، سومكا ساتىدىغان ئۇششاق ئېلىپ ساتارلارشۇنچىلىك جىق ئىدىكى، كىشى  جىمى ئۇيغۇر سېتىقچى مۇشۇ كوچىغا قىستىلىۋالدىمۇ نېمە؟ دېگەن ئويغا كېلەتتى. بۇ ئوسمىلارنىڭ ئەرزانلىقىنى بىر دېمەڭ. بىر باغلام ئوسما بەش مو ، لېكىن شۇنداقتىمۇ ئالىدىغان ئادەمنىڭ تايىنى يوق. ھەربىر قىزدىن ئۈچ باغلامدىن ئوسما ئالدىم. ئوسمىنى مەن ئىشلەتمەيمەن، ئەمما بۇ ئۈچ قىزنىڭ مىسكىنلىك تۆكۈلۈپ تۇرغان تۇرقى مېنى: ئوسمىنى ئالاي ، بۇلمىسا بۈگۈن بۇ قىزلار سودا قىلالمايدىغاندەك تورىدۇ  دېگەن ئويغا كەلتۈردى. بەلكىم ئويلىغىنىم خاتادۇر. ئەمما ئوسمىچى قىزلارنىڭ تۇرقى مەن رېستۇراندا ، لېفىتلاردا كۆرگەن مودا  ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنىڭ ھالىتى بىلەن ئېڭىمدا روشەن سېلىشتۇرما پەيدا قىلدى. مەن ئىككى خىل بەدەن ھالىتىدە ئەكىس ئېتىۋاتقان رېئاللىقنىڭ قايسىسىغائىشىنىشنى بىلمەي قالدىم. ئوخشىمىغان بەدەن ھالىتى ئۇيغۇر رېئاللىقى  ھەققىدە سۆزلەيتتى. بۇ رېئاللىق شەھەردىكى مودا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ مودا كىيىملىرىدە ئەكىس ئېتىۋاتقان كىملىكىنىڭ راست-يالغانلىقى ھەققىدە گۇمان تۇغدۇراتتى. مەن   ئەتلەس جېدىلى تۈپەيلى تويدىن ۋاز كەچكەن ھېلىقى قىزنى ، رېستۇراننىڭ لېفىتى ، زالىدا كۆرگەن مودا قىزلارنى سېلىشتۇرۇپ بەدەن، ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقى ھەققىدە ئويغا پاتتىم. خىياللىرىم ماڭا مودا بەدەندە ئەكىس ئېتىۋاتقان كىملىكنىڭ ياسالما بولىدىغانلىقىنى ، چىن رېئاللىقنىڭ بولسا ئاشۇ مودىنىڭ چوقان سۈرەنلىرى ئىچىدە ئۇنتۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى. بىز بايا كەلتۈرگەن مىسالدا نوزۇگۇم ئۆز بەدىنىنى باشقىلارنىڭ دەپسەندە قىلىشىدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىپپەت يولىدا كۈرەش قىلىدۇ. بۇمۇ بىر تارىخي رېئاللىق.  مەن كۆرگەن مودا قىزلار بولسا شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ كىملىكى ۋە تۇرمۇش سۈپىتى ھەققىدە ئۇچۇربېرىدۇ. ئەمما ، بۇ ئۇچۇر ئادەمنى خاتا يېتەكلەيتتى. بۇمۇ بىر رېئاللىق ئىدى. مەن شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم: بەدەن رېئاللىق ھەققىدە سۆزلەيدۇ ، ئەمما شەھەردىكى قىزلارنىڭ مودا بەدىنىدە ئەكىس ئېتىۋاتقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي رېئاللىقى ئەمەس.
    مودا نېمە ئۈچۈن...؟
    شەھەردىكى ئۇيغۇر قىزلىرىغا سىڭگەن مودا قارىشىنىڭ كېلىش مەنبەسى ، ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى تەھلىل قىلىشتىن ئاۋۋال مودىنىڭ تەبىرى ، جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىش كېرەك.
     مودا时尚fashionغەرىبنىڭ زامانىۋىيلىشىش مۇساپىسىنىڭ تۇغۇندىسى بولۇپ ، ئەڭ دەسلىپىدە غەربىي ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن ھەم يېڭى بارلىققا كەلگەن چاغدا ئالاھىدە كىيىم كېچەك سېستىمىسى دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن. مودا كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا بىر جەمئىيەتتە ئاددىي ئاۋام تەرىپىدىن قوغلىشىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان بارلىق ماددىي
    بۇيۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، مەسىلەن نەپىس تېلىفون ، ماشىنا دېگەندەك. بىز بۇ يەردە تار مەنىدىكى مودىنى ، يەنى ئالاھىدە كىيىم كېچەك سېستىمىسىنى كۆزدە تۇتىمىز. مەلۇم كىيىم مودا دەپ ئاتالغاندا ئۇنى جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ئادەم ئۇچىسىغا چىقارغان بولىدۇ.مودا ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا چوڭۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاۋۋال تەبىقە ، جىنس ئىرىق ، ياش ، كەسىپ ، كىرىم ، بەدەن شەكلى قاتارلىق ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ تەسرىدە باشقىلارغا ھەرخىل تەسىراتلارنى قالدۇرىدۇ. مودا كىيىمنىڭ ھەرقاندىقى ئاۋام تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىۋەرمەيدۇ. مىللىي ئۆرپ ئادەت ۋە بىر مىللەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا پەيدا بولغان ئىجتىمائىي چەكلىمە ئامىللىرى بىر جەمئىيەت ئەزالىرىنى مودا كىيىمنى چەكلىك دائىرىدە قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە ، مودا ئىقتىسادقا ۋە بىر مىللەتنىڭ ئۆرپ ئادىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت شەكىللىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئاياللارنىڭ شۆھرەتپەرەس بولۇشتەك مايىللىقى مودىنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. بىر جەمئىيەتتە يېڭى پەيدا بولغان ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە توپى  مودىنى ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ئورنىنى كۆرسىتىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق موھتاجلىق، نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان ، ئىجتىمائىي ئورنى تۆۋەن كىشىلەر بىلەن بولغان پەرقىنى كۆرسەتمەكچى بولىدۇ. بۇ جەرياندا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە توپىدىكى ئاياللارنىڭ رولى گەۋدىلىك بولىدۇ ، ئۇلار ئۆز ئۇچىسىدا مودىنى نامايان قىلىش  ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ. فرانسىيە مۇتەپپەككۇرى ،جەمئىيەتشۇناس بوردىلىيارد(Jean baudrillard,1929-)
    مودا توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: مودا ئاۋام ئارىسىدا ئومۇملاشقان گۈزەللىك قارىشىنى مەنسىتمەي توختىماي يېڭىچە گۈزەللىك قارىشىنى پەيدا قىلىدۇ ، ئاندىن كىشىلەرنى ئەڭ غەلىتە  ، ئەڭ بىمەنە نەرسىلەرنىڭ ئالاھىدە ، ئۆزگىچە بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ. بۇ ھال ئەقلىيلىكتىنمۇ غالىپ كەلگەن ئەقىلسىزلىك لوگىكىسى بويىچە بىمەنىلىكنى
    ئومۇملاشتۇرۇپ كىشىلەرگە تاڭىدۇ. (8) مودىنىڭ دورامچۇقۇلق تۈپەيلى كېلىپ چىقىدىغانلىقى ھەققىدە گېرمانىيىلىك مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس جورج سېممىل(1918-1858) (george simmelۋە ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس سورىستەيىن ۋېبلىن(1929_1857(thorestein veblen) نۇرغۇن قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، بىر جەمئىيەتتە مودىنىڭ پەيدا بولۇشى تەبىقىنىڭ روشەنلىشىۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. تەبىقە شەكىللەنگەن ئىجتىمائىي مۇھىتتا ئۆزگىچىلىكى بار مودا كىيىملەرنى ھاللىقلار ئاۋۋال كىيىدۇ. ئاندىن تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر ھاللىقلارغا ئۆزىنىڭ ئورنىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىنى پەش قىلىپ مودا قوغلىشىدۇ. مودا ئەنە ئاشۇنداق يوسۇندا بىر جەمئىيەتتە مەرتىۋىسى يۇقىرىلاردىن مەرتىۋىسى تۆۋەنلەرگە قاراپ  ئاقىدۇ . مەلۇم بىر خىل مودا ئورنى تۆۋەن ئادەملەر ئارىسىدىمۇ ئومۇملىشىپ كەتكەندە ، يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەر ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىجتىمائىي ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ۋە داۋاملىق نامايان قىلىش مەقسىتىدە دىققىتىنى باشقا خىل مودىغا ئاغدۇرىدۇ. جورج سېممىل بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: مودا ئۆزگەرمەس تۈزۈم بىلەن ئادەمدىكى خاسلىق ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش كۈچىنى ئىپادىلەيدۇ ، ئادەملەردىكى ھەم دەۋىر روھىغا ماسلىشىش ھەم خاسلىقىنى نامايەن قىلىشتىن ئىبارەت زىددىيەتلىك ئىستەكنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. (9) جورج سېممېلنىڭ قارىشىچە بولغاندا ، ئۆزگىچە ، يېڭى  پاسوندىكى كىيىملەرنى تاللاش- يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەرنىڭ ئۆزىنى  ئورنى تۆۋەن كىشىلەر بىلەن پەرقلەندۈرۈشتىكى ۋاسىتىسى. ئەمما ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى يۇقىرى بولغاچقا ، تاللىغان كىيىم پاسونلىرىنى تەبئىي ھالدا تۆۋەن مەرتىۋىدىكىلەر دوراپ ئومۇملاشتۇرىدۇ. تىنىمىسىز يۆتكىلىپ تۇرۇشتەك بۇ خىل ئالاھىدىلىكى مودىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مودىنى جەمئىيەتتىكى ، سىياسىدىكى ئۆزگىرىشكە قايتۇرۇلغان ئىنكاس دېيىشكىمۇ بولىدۇ. مودىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ تىنىمسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇشىنى بەلگىلىگەن. مەسسىلەن ،ئاياللار كىيىدىغان يوپكىنى مىسالغا ئالساق ، ياۋروپا ، ئامېرىكا ئاياللىرى ئىقتىسادىي كاساتچىلىق يۈز بەرگەن 1930-يىللاردا ئۇزۇن يوپكىلارنى كىيگەن بولسا

    ،1960يىللارغا كەلگەندە ، يەنى ئىقتىساد گۈللىنىشكە باشلىغاندا قىسقا يوپكىلار مودا بولۇشقا باشلىغان . بۇنىڭغا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەرلىك خاراكتېرىنىڭ ئۇلۇغلىنىشى سەۋەب بولغان بولۇپ  ، ئاياللار خىيالىدىكى ئەرلەرگە جەلىپكار كۆرۈنىشى ئۈچۈن يوپىكىلىرىنىڭ ئۇزۇنلىقىنى قىسقارتقان. ئۇيغۇر رايونىدا مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئالدى كەينىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەر كۆپ يۈز بەرگەن چاغلاردا جوڭسەنفۇ قاتارلىق بەدەننى ھىم بېسىپ تۇرىدىغان كىيىملەر مودا بولغان بولسا(بىز  تۆمۈر داۋامەت سۈرەتلىك توپلىمى  قاتارلىق ماتېرىياللاردىن بۇ ئۆزگىرىشلەرنى روشەن ھېس قىلالايمىز.)ئىسلاھات ،ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىدىن كېيىن ئوچۇق كىيىملەر ئۈستۈنلىكنى ئىگىلدى. شەھەر ئۆي ئاياللىرىمۇ تېلۋوزۇردا كۆرگەنلىرى بويىچە بۇرۇنقىغا قارىغاندا نىسبەتەن ئوچۇق كىيىملەرنى كىيدى. ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدە مودىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە مەدەنىيەت ئىنقىلابى  دەۋرىدە يېزىلارغا چۈشكەن زىيالى ياشلارنىڭ ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەربىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنىڭ رولى زور بولغان. قىسقىسى ، شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە  مودىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش جەريانى جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت سىياسىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈش جەريانى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولغان. بولۇپمۇ 1978- يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش سىياسىتى ۋە 1990-يىللىرى يولغا قويۇلغان بازار ئىگىلىكى سىياسىتى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدا مودىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئومۇملىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ ، ئىككى قېتىملىق مودا دولقۇنىنى قوزغىدى. 1980-يىللارنىڭ بېشىدا مودا بولغان لاباكۇ(كەڭ پۇچقاقلىق شىم)نى ئىسلاھات ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تەسىرى بىلەن، 1990-يىلللاردا مودا بولغان  كۆزۈڭگە سانجىلىمەن  قاتارلىق رەختلەردە كىيىم كىيىش ھادىسىسىنى بازار ئىگىلىكى ، جۈملىدىن  دېڭىزغا چۈشۈش  سىياسىتىنىڭ تەسىرى بىلەن ، شۇنداقلا ھازىر قىزلار ئارىسىدا مودا بولغان قولتۇق تەرىپى ئويۇلغان كىيىملەر ۋە زىيادە قىسقا يوپكىلارنىڭ ئومۇملىشىشىنى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى سىياسەتلىرى بىلەن باغلاپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. شۇنداڭ دېيىشكە بولىدۇكى ، تېلېۋېزور ،كىنو ۋە ئۈن-سىن بويۇملىرى شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مودىنىڭ يېڭىلىنىشىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن

    مودا نېمە ئۈچۈن...؟                                                                                                                                                         
    شەھەردىكى ئۇيغۇر قىزلىرىغا سىڭگەن مودا قارىشىنىڭ كېلىش مەنبەسى ، ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى تەھلىل قىلىشتىن ئاۋۋال مودىنىڭ تەبىرى ، جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىش كېرەك.
     مودا时尚fashionغەرىبنىڭ زامانىۋىيلىشىش مۇساپىسىنىڭ تۇغۇندىسى بولۇپ ، ئەڭ دەسلىپىدە غەربىي ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن ھەم يېڭى بارلىققا كەلگەن چاغدا ئالاھىدە كىيىم كېچەك سېستىمىسى دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن. مودا كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا بىر جەمئىيەتتە ئاددىي ئاۋام تەرىپىدىن قوغلىشىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان بارلىق ماددىي
    بۇيۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، مەسىلەن نەپىس تېلىفون ، ماشىنا دېگەندەك. بىز بۇ يەردە تار مەنىدىكى مودىنى ، يەنى ئالاھىدە كىيىم كېچەك سېستىمىسىنى كۆزدە تۇتىمىز. مەلۇم كىيىم مودا دەپ ئاتالغاندا ئۇنى جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ئادەم ئۇچىسىغا چىقارغان بولىدۇ.مودا ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا چوڭۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاۋۋال تەبىقە ، جىنس
    ئىرىق ، ياش ، كەسىپ ، كىرىم ، بەدەن شەكلى قاتارلىق ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ تەسرىدە باشقىلارغا ھەرخىل تەسىراتلارنى قالدۇرىدۇ. مودا كىيىمنىڭ ھەرقاندىقى ئاۋام تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىۋەرمەيدۇ. مىللىي ئۆرپ ئادەت ۋە بىر مىللەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا پەيدا بولغان ئىجتىمائىي چەكلىمە ئامىللىرى بىر جەمئىيەت ئەزالىرىنى مودا كىيىمنى چەكلىك دائىرىدە قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە ، مودا ئىقتىسادقا ۋە بىر مىللەتنىڭ ئۆرپ ئادىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت شەكىللىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئاياللارنىڭ شۆھرەتپەرەس بولۇشتەك مايىللىقى مودىنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. بىر جەمئىيەتتە يېڭى پەيدا بولغان ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە توپى  مودىنى ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ئورنىنى كۆرسىتىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق موھتاجلىق، نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان ، ئىجتىمائىي ئورنى تۆۋەن كىشىلەر بىلەن بولغان پەرقىنى كۆرسەتمەكچى بولىدۇ. بۇ جەرياندا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە توپىدىكى ئاياللارنىڭ رولى گەۋدىلىك بولىدۇ ، ئۇلار ئۆز ئۇچىسىدا مودىنى نامايان قىلىش  ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ. فرانسىيە مۇتەپپەككۇرى ،جەمئىيەتشۇناس بوردىلىيارد(Jean baudrillard,1929-)
    مودا توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: مودا ئاۋام ئارىسىدا ئومۇملاشقان گۈزەللىك قارىشىنى مەنسىتمەي توختىماي يېڭىچە گۈزەللىك قارىشىنى پەيدا قىلىدۇ ، ئاندىن كىشىلەرنى ئەڭ غەلىتە  ، ئەڭ بىمەنە نەرسىلەرنىڭ ئالاھىدە ، ئۆزگىچە بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ. بۇ ھال ئەقلىيلىكتىنمۇ غالىپ كەلگەن ئەقىلسىزلىك لوگىكىسى بويىچە بىمەنىلىكنى
    ئومۇملاشتۇرۇپ كىشىلەرگە تاڭىدۇ. (8) مودىنىڭ دورامچۇقۇلق تۈپەيلى كېلىپ چىقىدىغانلىقى ھەققىدە گېرمانىيىلىك مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس جورج سېممىل(1918-1858) (george simmelۋە ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس سورىستەيىن ۋېبلىن(1929_1857(thorestein veblen) نۇرغۇن قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، بىر جەمئىيەتتە مودىنىڭ پەيدا بولۇشى تەبىقىنىڭ روشەنلىشىۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. تەبىقە شەكىللەنگەن ئىجتىمائىي مۇھىتتا ئۆزگىچىلىكى بار مودا كىيىملەرنى ھاللىقلار ئاۋۋال كىيىدۇ. ئاندىن تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر ھاللىقلارغا ئۆزىنىڭ ئورنىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىنى پەش قىلىپ مودا قوغلىشىدۇ. مودا ئەنە ئاشۇنداق يوسۇندا بىر جەمئىيەتتە مەرتىۋىسى يۇقىرىلاردىن مەرتىۋىسى تۆۋەنلەرگە قاراپ  ئاقىدۇ . مەلۇم بىر خىل مودا ئورنى تۆۋەن ئادەملەر ئارىسىدىمۇ ئومۇملىشىپ كەتكەندە ، يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەر ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىجتىمائىي ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ۋە داۋاملىق نامايان قىلىش مەقسىتىدە دىققىتىنى باشقا خىل مودىغا ئاغدۇرىدۇ. جورج سېممىل بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: مودا ئۆزگەرمەس تۈزۈم بىلەن ئادەمدىكى خاسلىق ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش كۈچىنى ئىپادىلەيدۇ ، ئادەملەردىكى ھەم دەۋىر روھىغا ماسلىشىش ھەم خاسلىقىنى نامايەن قىلىشتىن ئىبارەت زىددىيەتلىك ئىستەكنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. (9) جورج سېممېلنىڭ قارىشىچە بولغاندا ، ئۆزگىچە ، يېڭى  پاسوندىكى كىيىملەرنى تاللاش- يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەرنىڭ ئۆزىنى  ئورنى تۆۋەن كىشىلەر بىلەن پەرقلەندۈرۈشتىكى ۋاسىتىسى. ئەمما ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى يۇقىرى بولغاچقا ، تاللىغان كىيىم پاسونلىرىنى تەبئىي ھالدا تۆۋەن مەرتىۋىدىكىلەر دوراپ ئومۇملاشتۇرىدۇ. تىنىمىسىز يۆتكىلىپ تۇرۇشتەك بۇ خىل ئالاھىدىلىكى مودىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مودىنى جەمئىيەتتىكى ، سىياسىدىكى ئۆزگىرىشكە قايتۇرۇلغان ئىنكاس دېيىشكىمۇ بولىدۇ. مودىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ تىنىمسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇشىنى بەلگىلىگەن. مەسسىلەن ،ئاياللار كىيىدىغان يوپكىنى مىسالغا ئالساق ، ياۋروپا ، ئامېرىكا ئاياللىرى ئىقتىسادىي كاساتچىلىق يۈز بەرگەن 1930-يىللاردا ئۇزۇن يوپكىلارنى كىيگەن بولسا

    ،1960يىللارغا كەلگەندە ، يەنى ئىقتىساد گۈللىنىشكە باشلىغاندا قىسقا يوپكىلار مودا بولۇشقا باشلىغان . بۇنىڭغا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەرلىك خاراكتېرىنىڭ ئۇلۇغلىنىشى سەۋەب بولغان بولۇپ  ، ئاياللار خىيالىدىكى ئەرلەرگە جەلىپكار كۆرۈنىشى ئۈچۈن يوپىكىلىرىنىڭ ئۇزۇنلىقىنى قىسقارتقان. ئۇيغۇر رايونىدا مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئالدى كەينىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەر كۆپ يۈز بەرگەن چاغلاردا جوڭسەنفۇ قاتارلىق بەدەننى ھىم بېسىپ تۇرىدىغان كىيىملەر مودا بولغان بولسا(بىز  تۆمۈر داۋامەت سۈرەتلىك توپلىمى  قاتارلىق ماتېرىياللاردىن بۇ ئۆزگىرىشلەرنى روشەن ھېس قىلالايمىز.)ئىسلاھات ،ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىدىن كېيىن ئوچۇق كىيىملەر ئۈستۈنلىكنى ئىگىلدى. شەھەر ئۆي ئاياللىرىمۇ تېلۋوزۇردا كۆرگەنلىرى بويىچە بۇرۇنقىغا قارىغاندا نىسبەتەن ئوچۇق كىيىملەرنى كىيدى. ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدە مودىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە مەدەنىيەت ئىنقىلابى  دەۋرىدە يېزىلارغا چۈشكەن زىيالى ياشلارنىڭ ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەربىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنىڭ رولى زور بولغان. قىسقىسى ، شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە  مودىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش جەريانى جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت سىياسىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈش جەريانى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولغان. بولۇپمۇ 1978- يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش سىياسىتى ۋە 1990-يىللىرى يولغا قويۇلغان بازار ئىگىلىكى سىياسىتى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدا مودىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئومۇملىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ ، ئىككى قېتىملىق مودا دولقۇنىنى قوزغىدى. 1980-يىللارنىڭ بېشىدا مودا بولغان لاباكۇ(كەڭ پۇچقاقلىق شىم)نى ئىسلاھات ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تەسىرى بىلەن، 1990-يىلللاردا مودا بولغان  كۆزۈڭگە سانجىلىمەن  قاتارلىق رەختلەردە كىيىم كىيىش ھادىسىسىنى بازار ئىگىلىكى ، جۈملىدىن  دېڭىزغا چۈشۈش  سىياسىتىنىڭ تەسىرى بىلەن ، شۇنداقلا ھازىر قىزلار ئارىسىدا مودا بولغان قولتۇق تەرىپى ئويۇلغان كىيىملەر ۋە زىيادە قىسقا يوپكىلارنىڭ ئومۇملىشىشىنى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى سىياسەتلىرى بىلەن باغلاپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. شۇنداڭ دېيىشكە بولىدۇكى ، تېلېۋېزور ،كىنو ۋە ئۈن-سىن بويۇملىرى شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مودىنىڭ يېڭىلىنىشىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن.

    جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە يەنە مودىنى جىنسىي ئىستەك ، نومۇس تۇيغۇسى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرىدىغان يۈزلىنىشمۇ بار. مودا كىيىملەر جىنسىي تۇيغۇغا ئائىت ئۇچۇرلارنى تارقاتقاندىن باشقا بىزنى يات جىنىسلارنىڭ كۆزىگە تېخىمۇ جەلىپكار كۆرسىتىدۇ. گېرمانىيە مۇتەپپەكۇرى فلۈگېل فروئىد1939-1856 (freud sigmund) نىڭ روھىي ئانالىز تەلىماتىدىن پايدىلىنىپ مۇنداق دەيدۇ:  مودا كىيىمدە ھەم خىجىل بولۇش تۇيغۇسى ھەم شۆھرەتپەرەسلىك ئەكىس ئېتىدۇ. ئادەملەر مودا كىيىملەردە ھەم بېسىلىپ تۇرغان جىنسىي ئىستىكىنى ھەم ئىجتىمائىي چەكلىمە ئىچىدە يېتىلگەن نومۇس تۇيغۇسىنى تەڭلا ئىپادىلەيدۇ (10)
    مودا كىيىم كارخانىچىلىرىنىڭ  ئايالچە مودا كىيىملەرنى ئشلەپ چىقىرىشتىكى يېتەكچى پىرىنسىپى  ئىندەككە كەلتۈرۈش  بولۇپ ، ئايالچە كىيىملەرنى ئەرلەر ئالدىدا تېخىمۇ جەلپكار ، لاتاپەتلىك كۆرۈنگۈدەك لاھىيىلەيدۇ. جەمئىيەتشۇناس لاۋىر(laver) مۇنداق دەيدۇ:  ئايالچە مودا كىيىملەرنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرۇشىدىكى بىر سەۋەب ئۇ كىيىملەردىكى  جىنسىي تۇيغۇ ئەكىس ئېتىدىغان يەرلەرنىڭ يۆتكىلىپ تۇرغانلىقىدا. ئايالچە مودا كىيىملەردە ئاياللار بەدىنىنىڭ ئوخشىمىغان يەرلىرى گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. لېكىن ، ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ھوزۇرلىنىش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاياللار كىيىمىدىكى جىنسىي ئاڭ ئەكىس ئېتىدىغان نۇقتىلارنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.   [11]
    شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر قىزلىرى ئارىسىدا جىنسىي تۇيغۇنى غىدىقلايدىغان كىيىملەرنىڭ قاقشاش سادالىرىغا قارىماي ئومۇملىشىشىدا تېلېۋوزۇر قاتارلىق مېدىيە ۋاسىتىلىرىنىڭ رولى چوڭ بولغان بولسا، كىيگەن كىيىمدە ئەنئەنىنى ، نومۇس تۇيغۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشنى ئويلايدىغان قىزلارنىڭ ئېقىمغا ئەگىشىپ كېتىشىگە مودا كىيىم كارخانىچىلىرىنىڭ سەزگۈرلۈكى سەۋەب بولغان. شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، شەھەر ئاياللىرىنىڭ روھىي دۇنياسى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ، مېدىيە ۋاسىتىلىرىنىڭ تالان- تاراج ئوبيېكتىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا ، نوقۇل ھالدا ئاياللارنى بۇزۇلۇپ كەتتى دەپ تىللاش ئىجتىمائىي كونتروللۇقنىڭ رولىنى ، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ شەخس تەقدىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى  سەل چاغلىغانلىق.
    بۈگۈن شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ھاللىقلار ئارىسىدا ئەۋج ئالغان مودا ىوغلىشىش خاھىشىنىڭ دەسلەپكى ئىزنالىرىنى 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا غەربىي ياۋروپادا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ باش كۆتۈرۈشى نەتىجىسىدە ئومۇملاشقان ماددىي ئىستەكنى چوڭ بىلىش ھادىسىسىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. يەنى ياۋروپادا 150 يىل بۇرۇن ئومۇملاشقان رېئاللىق ئەمدى بىزدە ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. بىز بۇ گېپىمىزنى چۈشەندۈرۈشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن فرانسىيە يازغۇچىسى مۇپاسساننىڭ كۆپچىلىككە تونۇش بولغان  مارجان  ناملىق مەشھۇر ھېكايىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك قۇرلار بىلەن ئەسەرلىرىدە شەھەر ئاياللىرىنىڭ روھىيىتىنى سىزىپ بەرگەن شۆھرەتلىك ئۇيغۇر يازغۇچىسى خالىدە ئىسرائىلنىڭ   رەڭدار قۇيۇن  ناملىق پوۋېستىدىكى بەزى قۇرلارنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى.
    ئۇ بىردىنلا قارا تاۋار قۇتا ئىچىدىن چىرايلىق بېرلىيانت مارجاننى كۆرۈپ قېلىپ ، خۇشاللىقىدىن يۈرىكى ئويناپ كەتتى. ئۇ تىتىرەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ھېلىقى مارجاننى ئېلىپ ، ئېگىز ياقىلىق كۆڭلىكىگە تاقاپ كۆرۈپ ، ئۆزىنىڭ ئەينەكتىكى ئەكسىگە خېلىغىچە قاراپ قالدى. ئاندىن:
    _مۇشۇ مارجىنىڭنى بېرىپ تۇرامسەن ، پەقەت مۇشۇنىلا،- دېدى ئىككىلىنىپ.
    -ھە ، ئەلۋەتتە. ئېلىۋەرگىن.
    ئۇ دوستىنىڭ بوينىدىن قۇچاقلاپ سۆيۈپ كەتتى ۋە بۇ ئېسىل بۇيۇمنى ئېلىپ يۈگۈرگۈنىچە چىقىپ كەتتى.
    تانسا كېچىلىكى كەلدى. لاۋازىل خانىم مەقسىدىگە يەتتى، ئۇ بارلىق ئاياللاردىن چىرايلىق ، نازاكەتلىك ۋە كىشىنى جەلپ قىلارلىق ئىدى. خۇشاللىقىدىن ئۇنىڭ يۈزىدە كۈلكە ئوينايتتى. بارلىق ئەرلەر ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىشاتتى ، ئۇنىڭ ئىسىم فامىلىسىنى سۈرۈشتۈرەتتى ، باشقىلاردىن تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى ئۆتۈنەتتى؛ مائارىپ مىنىستىرىنىڭ ئىشخانىسىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تانسا ئۇينۇغۇسى بار ئىدى. ھەتتا مىنىستىرمۇ ئۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا باشلىدى[12] .
           موپاسسان ياشىغان ، قەلەم تەۋرەتكەن دەۋر فرانسىيىدە كاپىتالىزىمنىڭ تەرەققىياتى تېز بولغان ، ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپى باش كۆتۈرگەن ، تەبىقە تۈزۈمى روشەنلەشكەن چاغلار ئىدى. كىشىلەر ھەممە نەرسىنى پۇل-مال بىلەن ئۆلچىشەتتى. ئاياللار ئارىسىدا بايلىق ۋە مەرتىۋىنىڭ سىمۋولى بولغان مودا كىيىملەر ، مودا بۇيۇملار تۆۋەن تەبىقىلىك ئاياللارنىڭ چوقۇنۇش ئوبيېكتىغا ئايلانغانىدى ، مودىنىڭ تەبىقە ، مەرتىۋىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش رولى چوڭ بولغان ئىدى. ئەسەردىكى باش پېرسوناژ لاۋازىل خانىم شۆھرەتپەرەس ئايال بولۇپ ، بىر زىياپەتكە بىېرىش ئۈچۈن ئېسىلزادە دوستىدىن قىممەت باھالىق بېرلىيانت مارجاننى ئارىيەت ئالىدۇ، كېيىن ئۇنى ئېھتىياتسىزلىقتىن يوقىتىپ قويۇپ بىر ئۆمۈر قەرز تۆلەپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن دوستى بىلەن قايتا كۆرۈشۈپ ئۆزى يىتتۈرۈپ قويغان مارجاننىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئۇقىدۇ.
    جۇشقۇن مۇزىكا ، مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ئېيتىلىۋاتقان شوخ ناخشا كۆڭۈللەرنى ھاياجانغا سېلىپ كۆزلەرگە ياش كەلتۈرەتتى. كىشىلەرنىڭ چىرايى قىزىرىپ ، كۆزلىرى خۇمارلاشتى. تۈگىمەس غەم غۇسسىلار تورۇس ئاستىدا تىتىرەپ تۇرغان رەڭدار تۇمان ئاستىدا غايىپ بولدى . زىممىسىگە ئېغىر مەسئۇلىيەتلەرنى ئاغان تېرىككەك ، قاپىقى ئېچىلماس سالاپەتلىك كىشىلەر بىردىنلا گەپدان ، مەرد ، خۇشچاقچاق كىشىلەرگە ئايلاندى. گۈزەل چىرايلار ، ئاشۇ چىرايلارغا چىراي قوشۇپ تۇرغان چەتئەل ماللىرى ، يېڭى پاسوندىكى پوپايكا ، يوپكىلار ، ئالتۇن ئۈزۈك ، ھالقا ئاياغلار ، مېدالىئونلارنىڭ قىممىتى بىردىنلا ھەسسىلەپ ئاشقاندەك بولدى. ئەڭ يېڭى مودىدا ئەڭ چىرايلىق ياسانغان ئاياللار يۇلتۇزلار ئارىسىدىكى تولۇنئايدەك پارقىراپ ، ئەرلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۇپ ، ھۇش – كاللىسىنى ئايلاندۇرىۋەتكەنىدى. ئەرلەرلا ئەمەس ، ئاياللارمۇ ئاشۇ ئاجايىپ ئاياللارىن كۆزلىرىنى ئالالمايتتى. ئۇلار بىلەن سالاملىشىش ، ئۇلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇش ، ئىككى ئېغىز پاراڭلىشىۋېلىش قالتىس ئابروي ھېسابلىناتتى. ئۇلار بولسا ئۆز قەدىرلىرىنى تولۇق ھېس قىلغان ھالدا مەغرۇر ئولتۇرۇشاتتى. سۈرمە سۈرۈلگەن جادۇ كۆزلىرىن ى سۈزۈپ ، چاندۇرماي باشقا ئاياللارنىڭ ئۈستى بېشىغا سەپ سالاتتى. تاسادىپىي بىرەر ئايالنىڭ تېخىمۇ غەيرى ، ئېسىلراق بىر نېمىسىگە كۆزى چۈشۈپ قالغۇدەك بولسا ، بىردىنلا تاتىرىپ كېتىشەتتى[31]
    خالىدە ئىسرائىلنىڭ « رەڭدار قۇيۇن» ناملىق پوۋېستى 1990- يىللارنىڭ بېشىدا يېزىلغان. ئۇ چاغدا جۇڭگونىڭ بازار ئىگىلىك سىياسىتى يېڭىدىن يولغا قويۇلغارن ، شەھەر ئۇيغۇرلىرى نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلار بىلەن ئۇچرىشىپ كۆزى ئېچىلغان ۋاقىت ئىدى. مېدىيە ۋاسىتىللىرىنىڭ تەسىرىدە كۆزنى ئالىچەكمەن قىلىدىغان يېڭى – يېڭى مودا كىيىملەر ئاياللارنىڭ تەلپۈنۈش ئوبيېكتىغا ئايلانغان ئىدى. بىز موپاسساننىڭ مارجان ناملىق ھېكايىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلار بىلەن خالىدە ئىسرائىلنىڭ يۇقىرقى پوۋېستدىكى تەسۋىرلەرنى سېلىشتۇرساق، ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈش، دەۋىر شارائىتىدىكى نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارنى_ ئاياللارنىڭ بەدىنى بىلەن مۇدا كىيىم ئوتتۇرىسىدىكى چەمبەرچاس باغلىنىشنىڭ جەمئىيەتكە، بىر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا ، ياشاش  ئۇسۇلىغا قانچىلىك زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ھەقىقىي كىملىك بىللەن چىن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدا زور ھاڭ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
    مودا، زامانىۋىيلىشىش ۋە كىملىك
    شەھەر جەمئىيىتىدە ئورۇن مەرتىۋە قارىشىنىڭ كۈچىيىشى ، تەبىقە ، ئىجتىمائىي قاتلامنىڭ روشەنلىشىشى مودىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولسا ، يۇقىرقىلارنىڭ ھەممىسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان زامانىۋىيلىشىش مۇساپىسى ئىنساننىڭ كىملىك ئېھتىياجىدا ۋە ئۆزلۈك تۇيغۇسىدا داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ. بۇ جەرياندا زامانىۋىيلىق ئاتا قىلغان يېڭىلىقلاردىن ئىدىيىسى بالدۇر زەرەتلەنگەن بىر تۈركۈم  كىشىلەرنىڭ تەسىرى بىلەن بىر مىللەتنىڭ ئەسلىدە مۇھىم دەپ بىلىدىغان ئەخلاق ئۆلچەملىرىنىڭ ئۇلىغا دەز كېتىدۇ. مودا پەقەت بۇ ئىجتىمائىي جەرياندىكى بىر ۋاسىتە ، بىر ئىجتىمائىي رەسەتخانا. بۇ رەسەتخانىدىن بىز زامانىۋىيلىق مۇساپىسى داۋامىدا بويۇن قىسىپ قالغان ئەنئەنىنىڭ غېرىب كۆلەڭگىسىنى ، كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي كىملىكىدىن خاتا ئۇچۇر بېرىدىغان  كۆپۈك رېئاللىقىنى ، يېڭىلىقنىڭ ، مەدەنىيلىشىشنىڭ شاماللىرىدا ئەس ھوشىنى يوقاتقان نادان ئەگەشكۈچىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن چىقىۋاتقان غەپلەت ئۇچقۇنىنى كۆرەلەيمىز. مودىدىن ئىبارەت ئىجتىمائىي رەسەتخانا  شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ، جۈملىدىن ھاللىق ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۆزىدە يوق كىملىكىنى قوغلىشىش ، چۈش كۆرۈش جەريانىدىكى ئىزتىراپلىرىنى سەگەك پىكىر ئىگىلىرىگە ئۈنسىز شىۋىرلاپ بېرىدۇ. بۇنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن زامانىۋلىشىش جەريانىىنىڭ ئىستىمالچىلىق شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە  ئەنئەنىگە ، ئادەمنىڭ كىملىكىگە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش كېرەك.
    زامانىۋىيلىشىش. بۇ ھادىسە گەرچە ئەڭ دەسلىپىدە غەرىبىي ياۋروپادا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدا ئالدىنقى ئىككى ئەسىر داۋامىدا بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئۆزىنىڭ تەسرىنى كۆرسەتتى. بۇ ھادىسە يەر شارىدىكى بېكىنمە مۇھىت ئىچىدە ياشايدىغانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا جمىي دۆلەت ، جىمىي مىللەت ، جىمىي ئىقلمغا تەسىر كۆرسەتتى. زامانىۋىيلىق ھەرخىل پەرقلىق ئىقتىسادىي ، سىياسىي تەشكىلاتلارىنى بارلىققا كەلتۈردى؛ ئۆزگىچە مەدىنىيەت فورمىلىرىنى روياپقا چىقاردى؛ ئەقىدىچىلەر بىلەن ئاتىئېزىمچىلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىىيەتلەرنى  كۈچەيتتى، ئادەملەردە زىدىيەتلىك روھى ھالەتنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە سەۋەبچى بولدى. ئادام سىمىس  1723-90) ,Adam Smith)ۋە كارل ماركىسنىڭ قارىشىچە، بۈگۈنكى زامانىۋىلىق مۇساپىسىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىدا بازار ۋە پايدىنى مەقسەت قىلغان ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى يادرولۇق ئۇرۇندا تۇرىدۇ. فرانسىيە مۇتەپپەككۇرلىرى خېنرى سېنىسمون(Henri Saint-Simon,1760-1825) ۋە ئاۋگۇست كومت (Auguest Comte1798-1825 نىڭ قارىشىچە بولغاندا،  ئىلمىي بىلىم ۋە تېخنىكا ئەڭ ئاخىرىدا زامانىۋىلىقنى ئەقلىي بىر تەرتىپتە داۋام ئەتكۈزىدۇ.
       نۇرغۇن ئىجتىمائى ئاپپاراتلارنىڭ رولى بىلەن يۈرىشىۋاتقان يۈكسەك تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر-- زامانىۋىلىقنىڭ قوزغاتقۇچىسى. زامانىۋى دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيە كۈچى، ئىجتىمائي مۇلازىمەت سېستىمىسى، ئەدلىيە ئاپپاراتلىرى، مائارىپ تارماقلىرى بۇ مۇساپىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شەھەر مۇھىتىدا ئادەملەر تېز ئۆزگىرىۋاتقان ھاياتقا تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. زامانىۋىلىق مۇساپىسىنىڭ تەسىرىدە كىشىلەر بىر خىل نامەلۇم ۋەسۋەسە، ئۆزىنى مەركەز قىلىش ھېسياتىنى كۈچەيتىدۇ. گېرمانىيە جەمئىيەتشۇناسى يۈرگىن خابىرماسنىڭ (Jurgen Habermas,1929- )قارىشىچە، كاپىتالىزىم ۋە زامانىۋى دۆلەتلەرنىڭ تەسىرىدە كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى مۇستەملىكە خاراكتىرلىك ئىسكەنجىگە ئېلىنىدۇ. بۇ ھال كىشىلەرنىڭ ئۆزىدىن ۋە ئەتىراپىدىكى توپتىن يىراقلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زامانىۋىلىق مۇساپىسى داۋامىدىكى ئىجتىمائىي ھاياتتا زامانىۋى قىممەت قارىشىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن   كىشىلەرنىڭ مەنىسىزلىك، تايانچىسىزلىق ھېسياتى كۈچىيىپ بىخەتەرلىك ئېھتىياجى قانائەت تاپمايدۇ. ئاشۇ يىراقلىشىش تەسىرىدە نۇرغۇن ئىجتىمائىي بىنورماللىق كېلىپ چىقىدۇ.
    زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدە تۇرغان ئادەمنىڭ ئۆزلۈكى ھامان مۇقىم بولمايدىغان ئىجتىمائىي، مەدەنىي كاتوگورىيىلەردىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەھسۇلى. بىر خىل كىملىككە ئىگە بۇلۇش دىگەنلىك ئۆزلۈك ۋە ئۇنى ئوراپ تۇرغان جامائەتچىلىك ھەققىدە ھېكايە ئېيتىپ بېرىش قۇدرىتىگە ئىگە بولغانلىق دىگەنلىك. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، كىملىكنى گوياكى يېڭى ئەھۋاللار داۋامىدا قايتىدىن ئېيتىلىدىغان ياكى قايتا بارلىققا كېلىدىغان بايان دېيىشكە بولىدۇ. ناۋادا يەر شارالىشىش ياكى زامانىۋى تېخنىكا بارلىققا كەلتۈرگەن ئىجتىمائىيەت، مەدىنىيەت جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەر ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئويلىنىشىغا تۈرتكە بولالىسا، كىملىكنىڭ ئەسلى يىلتىزى ھەققىدە مۇراجىئەت قىلىدىغانلارنىڭ سانىمۇ تەبئىي ھالدا كۆپىيدۇ.
      ئەنئەنە. جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە، ئەنئەنە- جانلىق ئالاقە، مۇراسىم، دوراش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە يىتىلگەن ۋە ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە يىتىپ كەلگەن ئۆرپ-ئادەت شەكىللىرى ۋە ئېتىقاد سېستىمىسى بولۇپ، ھەرقانداق ئائىلە، ئىجتىمائىي توپ ۋە مىللەتنىڭ  ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئىجتىمائىي تەركىب .گەرچە نۇرغۇن ئەھۋالدا ۋە تارىخى شارائىتلاردا ھازىرقى ھازىرقى دەۋىر بۇرۇنقى ئۆرپ-ئادەت شەكىللىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ تۇرسىمۇ، ئەنئەنە يەنىلا ئۆتمۈشنى بۈگۈنگە ئۇلايدىغان قىممەتلىك مىراس.
       ئەنئەنە ئۈنسىز ۋە ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا ئىجتىمائىلىشىش جەريانىدا تارقىلىدۇ. ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ۋە بىر ئىجتىمائىي توپ ئىچىدە شۇ ئەنئىەنىنى ھېمايە قىلىدىغانلارنىڭ يوقاپ كىتىشى ئەنئەنىنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يېڭى ئەنئەنە بارلىققا كېلىپ كىشىلەر تۇيمىغان ھالدا ئاۋام ئارىسىدا ئومۇملىشىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىنىڭ پىشىۋاسى ، مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس ماكىس ۋېبىرنىڭ(Max Weber,1864-1920) قارىشىچە، ئەسلىدە مۇقەددەس دەپ قارالغان ئەنئەنە زامانىۋىلىققا لايىقلىشىش جەريانىدا تاشلاندۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. تەرەققىيات ۋە ئىقتىسادى پۇرسەت قارىشىنى ھىمايە قىلغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە ئەنئەنە دەۋرگە لايىق زامانىۋى روھ ۋە زامانىۋى مىللەتنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى توسالغۇ. بۇ خىل قاراش 1950،-1960يىللىرى دۇنيا جەمئىيەتشۇناسلىق، ئىقتىسادشۇناسلىق ساھەسىدە چۇڭقۇر يىلتىز تارتقان.
       بۈگۈنكى كۈندە ئەنئەنىنى زامانىۋىلىقنىڭ سايىسى دىيىشكە بولىدۇ، يېڭىلىقنىڭ غىدىقلىشىدىن ئەس-ھوشىنى يوقاتقان كىشىلەر بۇ سايىنى قايتىدىن بويىماقچى بولىدۇ. ئەنئەنە دىگەن ئوقۇمنى زامانىۋىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان. كىشىلەر زامانىۋىلىقنىڭ تەسىرىدىن مۇستەسنا ھاياتىنى ئۆتكۈزىۋەرگەن بولسا، ئەنئەنە توغرىسىدا چۇقان سېلىشمىغان بولاتتى. ئانتونى گىددېنىس- (Anthony Giddens, 1937نىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا،    يىلتىزىدىن سۈرۈشتۈرۈپ كەلگەندە بارلىق ئەنئەنە- كەشىپ قىلىنغان، يارىتىلغان ئەنئەنە. ئەنئەنىنى ئۆزگىرىشكە توسالغۇ بولىدۇ دەپ قاراش خاتا، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئەنئەنىمۇ يېڭىلىنىدۇ ۋە ھەتتا پۈتۈنلەي ئۆزگىرىدۇ    [14]
       ئەنئەنىنىڭ گەۋدىلىك ئىككى ئالاھىدىلىكى- مۇراسىملاردا ئەكىس ئېتىش ۋە تەكرارلىنىش. زامانىۋىلىق مۇساپىسىدە ئادەم خىزمەت، تاماق، جىنسىيەت، ھەتتا مۇھەببەتكە خۇمار بۇلۇپ قالىدۇ. سەۋەبى بۇ پائالىيەتلەرگە زامانىۋىلىق مۇساپىسىدە ئەنئەنە بۇرۇنقىدەك تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. دۇنيا مىقياسىدا دېگۈدەك خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان ئەنئەنىنىڭ تەسىرىدە بىزنىڭ ئۆزلۈك چۈشەنچىمىزدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئەنئەنە تەكىتلىنىدىغان ئىجتىمائىي توپ ئىچىدە ئادەمنىڭ ئۆزلۈك چۈشەنچىسى بىر ئىجتىمائىي توپ ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىدىكى مۇقىملىق تەرىپىدىن قوغدىلىنىدۇ. ئەنئەنىدە ئۆزگىرىش بولغاندا،كىشىلەرنىڭ ياشاش ئۇسۇلىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ ۋە بۇ ئۆزگىرىش كىشىلەر ئارىسىدا تېز يامرايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئادەم ئۆزلۈك كىملىكىنى ئىسلاھ قىلىپ زامانىۋىلىققا خاس ئىسلاھ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
       كىملىك
       كىملىكنى قوپۇرىۋاتقىنى سۇبىيېكتىپ ئۆلچەم، يەنى بىزنىڭ كىم بولىشىمىز ئىجتىمائىيلىشىش جەريانىدا تۇرغان ئەتىراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي دۇنيا ھەققىدىكى ھەرخىل چۈشەنچە، تۇنۇشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسى جورج خېربىرت مېدنىڭGeorge Herbert Mead,1863-1931) قارىشىچە،  بىز باشقىلارنىڭ پوزىتسىيىسىدىن ئۆرنەك ئېلىپ ۋە ئۇنى مېڭىمىزدە تاسقاشتىن ئۆتكۈزۈپ ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىمىزنى نازارەت قىلىمىز ۋە ئۇنى باشقىلارغا نامايەن قىلىپ بېرىمىز.
       كىملىك ئۆزىمىز ۋە باشقىلار ئوتتۇرىسىدا ھەر ۋاقىت بۇلۇپ تۇرىدىغان ئۈنسىز دىئالوگ ۋە مۇرەسسە ئارقىلىق يېتىلىدۇ. ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان جامائەتچىلىكنىڭ تەلىپى بىلەن ئۆزلۈك ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كۆرۈلگەندە، ئادەم ئۆزى ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىپ ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى، پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىش زۆرۈرىيىتى بار-يوقلۇقى ھەققىدە باش قاتۇرىدۇ.
       دۆلەت ھەرخىل تۈزۈم ۋە ھوقۇق ۋاستىلىرى ئارقىلىق ) تۈرمە، سوت، مائارىپ سېستىمىسى، چىگرا كونتىروللىقى( كىملىكىمىزنى نازارەت قىلىدۇ ۋە قېلىپقا چۈشۈرىدۇ. كىملىكنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى 20 -ئەسىردىكى كىملىك سىياسىشۇناسلىقى (Identity Politics) نىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كىملىك سىياسى ۋاستىسىنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا، ھازىرغىچە ھەرخىل ئىنقىلابلار، ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەر بولۇپ تۇرغان.  بىر ئادەمنىڭ كىملىكىنىڭ قوپۇرۇلۇشى مۇرەككەپ جەريان. ئىجتىمائىي دۇنيانىڭ ئۈزلۈكسىز غىدىقلىشىغا ئۇچراپ تۇرىدىغان ئىنسان قەلبى كىملىكنىڭ بارلىققا كېلىشىدە قوپۇرۇلىدىغان تۇيغۇ موزىيى. شۇڭا زامانىۋىي ئادەملەرنىڭ ئۆزلۈك تۇيغۇسنى بىرلا مەنبەدىن، بىرلا سەۋەبتىن ئىزدەشكە بولمايدۇ.
      بىز مودا كىيىملەر قاتارلىق سىمۋوللۇق بەلگىلەر ئارقىلىق باشقىلارغا ئۆزىمىزنى قالتىس ئادەم كۆرسىتىشنى خالايدىغانلىقىمىز ھەققىدە ئۇچۇر بېرىمىز ۋە ئۆزىمىزگە خاس بولغان، بىر قاتار ھايات كەچۈرمىشى داۋامىدا سىڭىپ قالغان خۇي ۋە مىجەزلەرنى ئىپادىلەيمىز. بۇ جەرياندا ئۆزىدە يوق كىملىككە ئىنتىلىش ئېھتىياجى ئىجتىمائىي سۇرۇنلاردا شەخىسكە نىسبەتەن مۇھىم رول ئوينىغاچقا، ئادەم باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرىشكە كۈچەيدۇ. ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان، ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولمايدىغان بۈگۈنكى رېتىمى تېز شەھەر جەمئىيىتىدە    كىملىك- ئەمەلىيەتتە بىر خىل زامانىۋىيلىشىش مۇساپىسى پەيدا قىلغان ھادىسىدۇر.  [15] زامانىۋىيلىققا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان جەمئىيەتتە ئىنساننىڭ كىملىكى مىسلىسىز دەرىجىدە كىرزىسقا يولۇقتى. دەل زامانىۋىيلىققا يۈرۈش قىلىش مەسلىسى  كىملىكنى چوقۇم ئەستايىدىل ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسلىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.
        ماكرولۇق كونترول، سىڭىپ كىرىش ۋە ئىجتىمائىيلىشىش
       زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى داۋامىدا سىياسىي تۈزۈلمە تېخىمۇ تەرەققى قىلىپ، ماكرولۇق كونترول كۈچىيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوخشىمىغان مىللەت، ئىرقتىكى كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشاشقا توغرا كېلىدۇ. ئاز سانلىق كىشى بۇنداق ئارىلاشما مەۋجۇدلۇق داۋامىدا يۇقىرى تەبىقىدىكى، ھۆكۈمران تەبىقىدىكى كىشىلەرنىڭ قىممەت قاراشلىرى ۋە ئۆلچىمى بويىچە بەزىدە ئۆزىنىڭ ياشاش ئۇسۇلى، كىيىم-كېچىكىنى تەڭشەشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ جەرياندا سىڭىپ كىرىش، غىدىقلىنىش، دوراش نەتىجىسىدە ئەسلىدىكى قىممەت قاراش ۋە قائىدە-يۇسۇنلاردا ئۆزگىرىش بولىدۇ. دوراش پىسخلوگ تاردىينىڭ ئېيتىشىچە    ئىنساندا تەبئي بولىدىغان بىر خىل مايىللىق. ئۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاۋامنىڭ قىممەت قارىشى، قائىدە-يۇسۇنلىرىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ.    [16]
       سىڭىپ كىرىش بولسا كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشىگە سورۇن ھازىرلايدىغان ئالاقە شەكلى. ئەركىنلىك ئىدىيىسى بەك بالدۇر يىتىلگەن كىشىلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشى بىر خىل    دەۋرىيلىك ئىنكاس   قايتۇرۇش داۋامىدا بىر ئادەمنىڭ كەيپىياتى باشقىلارنىڭ كەيپىياتىنى غىدىقلايدۇ. باشقىلارنىڭ كەيپىياتى يەنە شۇ ئادەمنىڭ ئەسلىدىكى كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ؛ ھەتتا بەزىدە ئەقىل-ئىدراكتىن ئايرىلغان ھەركەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولىدۇ.
       جەمئىيەتشۇناسلار ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ تۇقۇنىشىدا روھى داۋالغۇپ تۇرغان كىشىلەرنى    ئۆتكۈنچى ئادەم    دەپ ئاتايدۇ.    ئۆتكۈنچى ئادەم ئىككى دۇنيادا ياشايدۇ. بۇ ئىككى دۇنيادا ئۇ مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا سىرتتىن كەلگۈچى. ئۇنىڭ ئۆزلۈك ئېڭى زىددىيەتلىك بولىدۇ ،   [17]  كونا يېڭى ئىدىيىلەرنىڭ ھەم زامانىۋىلىشىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولىدۇ. ئۇ، زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى داۋامىدا غىدىقلىنىشقا ئۇچرايدۇ ھەم ئەنئەنىنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئىجتىمائىيلىشىش داۋامىدا كىشىلەر مەۋجۇد قىممەت قاراشلىرى ئاساسىدا مەلۇم ئىجتىمائىي سېستىما ئىچىدە ئۆز كىملىكى ۋە تەۋەلىك تۇيغۇسىنى يىتىشتۈرىدۇ. بۇ جەرياندا    خەق نىمىدەپ قالار   دىگەن تۇيغۇ ۋە يىتىم قېلىش تۇيغۇسى كىشىنى ئىجتىمائىيلىشىش داۋامىدا بەزى زىيانلىق قىممەت قاراشلىرىغا سۈكۈت قىلىدىغان قىلىدۇ. بىر جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي سېستىمىسى بىلەن ئىجتىمائىي مىزانلىرى قانۇنىي تەرتىپ بويىچە قوپۇرىلىدىغان بولغاچقا، ئادەم ھۆكۈمران ئۇرۇندىكى ئەخلاق ئۆلچەملىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىققا ئامال قىلالمايدۇ.
       كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى تونۇش كونترول قىلىدۇ. بىزنىڭ ئىدىيىمىز تاشقى دۇنيادىن كېلىدۇ. ئادەم ئىجتىمائىيلىقنىڭ مەھسۇلى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەركىتىدە ھامان بىر مەنە ئەكىس ئېتىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا ئادەم ھەرىكىتىدىكى بۇ خىل مەنە مودا كىيىم قاتارلىق سىمۋوللۇق بەلگىلەر ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. ئىجتىمائىي كونتىروللۇق تەسىرىدە ئۆگىتىلگەن ئىجتىمائىي مىزان، سىڭىپ كىرىلگەن قىممەت قارىشى كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىغا شۇنداق بۇلۇشقا تېگىشلىكتەك تەبىئي سىڭىپ كىرىپ كېتىدۇ.    ئىجتىمائي كونتىروللۇقنىڭ ۋاستىسى بولغان ئېدىئولوگىيە ھۆكۈمرانلارنىڭ مەنپەئىتى، قىممەت قارىشى، مەقسىتى ئاساسىدا روھقا سىڭىپ كىرگەندە ئادەم رېئاللىقنىڭ قۇربانلىق قوزىلىرىغا ئايلىنىدۇ. ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيادىن باشقىنى كۆرمەيدىغان، ئادەت تۈرمىسىدىن قۇتۇلالمايدىغان بوپقالىدۇ. ئېدىئولوگىيە ھوقۇق بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغاچقا، سمۋوللۇق ھوقۇقنىڭ يۈرگۈزىلىشىنى دەستەك بىلەن تەمنىلەپ، ھۆكۈمران سىنىپنىڭ مەنپەئەتنىڭ ئىجتىمائي تەرتىپ داۋامىدا قانۇنلىشىشى، ھۆكۈمران ئىدىيىلەرنىڭ يىتەكچى ھالەتكە ئۆتۈشىگە ئاساس ھازىرلايدۇ. تەشۋىقات، مېدىيە ۋاستىلىرى ئىجتىمائي كونتروللۇق ۋە ئېدىئولوگىيىگە ۋاستە بولىدۇ. مائارىپ ئېدىئولوگىيىنىڭ شىكارى ۋە جەڭگاھىغا ئايلىنىدۇ  . 

    ماكرولۇق كونترول، سىڭىپ كىرىش ۋە ئىجتىمائىيلىشىش
       زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى داۋامىدا سىياسىي تۈزۈلمە تېخىمۇ تەرەققى قىلىپ، ماكرولۇق كونترول كۈچىيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوخشىمىغان مىللەت، ئىرقتىكى كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشاشقا توغرا كېلىدۇ. ئاز سانلىق كىشى بۇنداق ئارىلاشما مەۋجۇدلۇق داۋامىدا يۇقىرى تەبىقىدىكى، ھۆكۈمران تەبىقىدىكى كىشىلەرنىڭ قىممەت قاراشلىرى ۋە ئۆلچىمى بويىچە بەزىدە ئۆزىنىڭ ياشاش ئۇسۇلى، كىيىم-كېچىكىنى تەڭشەشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ جەرياندا سىڭىپ كىرىش، غىدىقلىنىش، دوراش نەتىجىسىدە ئەسلىدىكى قىممەت قاراش ۋە قائىدە-يۇسۇنلاردا ئۆزگىرىش بولىدۇ. دوراش پىسخلوگ تاردىينىڭ ئېيتىشىچە    ئىنساندا تەبئي بولىدىغان بىر خىل مايىللىق. ئۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاۋامنىڭ قىممەت قارىشى، قائىدە-يۇسۇنلىرىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ.    [16]
       سىڭىپ كىرىش بولسا كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشىگە سورۇن ھازىرلايدىغان ئالاقە شەكلى. ئەركىنلىك ئىدىيىسى بەك بالدۇر يىتىلگەن كىشىلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشى بىر خىل    دەۋرىيلىك ئىنكاس   قايتۇرۇش داۋامىدا بىر ئادەمنىڭ كەيپىياتى باشقىلارنىڭ كەيپىياتىنى غىدىقلايدۇ. باشقىلارنىڭ كەيپىياتى يەنە شۇ ئادەمنىڭ ئەسلىدىكى كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ؛ ھەتتا بەزىدە ئەقىل-ئىدراكتىن ئايرىلغان ھەركەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولىدۇ.
       جەمئىيەتشۇناسلار ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ تۇقۇنىشىدا روھى داۋالغۇپ تۇرغان كىشىلەرنى    ئۆتكۈنچى ئادەم    دەپ ئاتايدۇ.    ئۆتكۈنچى ئادەم ئىككى دۇنيادا ياشايدۇ. بۇ ئىككى دۇنيادا ئۇ مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا سىرتتىن كەلگۈچى. ئۇنىڭ ئۆزلۈك ئېڭى زىددىيەتلىك بولىدۇ ،   [17]  كونا يېڭى ئىدىيىلەرنىڭ ھەم زامانىۋىلىشىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولىدۇ. ئۇ، زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى داۋامىدا غىدىقلىنىشقا ئۇچرايدۇ ھەم ئەنئەنىنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئىجتىمائىيلىشىش داۋامىدا كىشىلەر مەۋجۇد قىممەت قاراشلىرى ئاساسىدا مەلۇم ئىجتىمائىي سېستىما ئىچىدە ئۆز كىملىكى ۋە تەۋەلىك تۇيغۇسىنى يىتىشتۈرىدۇ. بۇ جەرياندا    خەق نىمىدەپ قالار   دىگەن تۇيغۇ ۋە يىتىم قېلىش تۇيغۇسى كىشىنى ئىجتىمائىيلىشىش داۋامىدا بەزى زىيانلىق قىممەت قاراشلىرىغا سۈكۈت قىلىدىغان قىلىدۇ. بىر جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي سېستىمىسى بىلەن ئىجتىمائىي مىزانلىرى قانۇنىي تەرتىپ بويىچە قوپۇرىلىدىغان بولغاچقا، ئادەم ھۆكۈمران ئۇرۇندىكى ئەخلاق ئۆلچەملىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىققا ئامال قىلالمايدۇ.
       كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى تونۇش كونترول قىلىدۇ. بىزنىڭ ئىدىيىمىز تاشقى دۇنيادىن كېلىدۇ. ئادەم ئىجتىمائىيلىقنىڭ مەھسۇلى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەركىتىدە ھامان بىر مەنە ئەكىس ئېتىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا ئادەم ھەرىكىتىدىكى بۇ خىل مەنە مودا كىيىم قاتارلىق سىمۋوللۇق بەلگىلەر ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. ئىجتىمائىي كونتىروللۇق تەسىرىدە ئۆگىتىلگەن ئىجتىمائىي مىزان، سىڭىپ كىرىلگەن قىممەت قارىشى كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىغا شۇنداق بۇلۇشقا تېگىشلىكتەك تەبىئي سىڭىپ كىرىپ كېتىدۇ.    ئىجتىمائي كونتىروللۇقنىڭ ۋاستىسى بولغان ئېدىئولوگىيە ھۆكۈمرانلارنىڭ مەنپەئىتى، قىممەت قارىشى، مەقسىتى ئاساسىدا روھقا سىڭىپ كىرگەندە ئادەم رېئاللىقنىڭ قۇربانلىق قوزىلىرىغا ئايلىنىدۇ. ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيادىن باشقىنى كۆرمەيدىغان، ئادەت تۈرمىسىدىن قۇتۇلالمايدىغان بوپقالىدۇ. ئېدىئولوگىيە ھوقۇق بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغاچقا، سمۋوللۇق ھوقۇقنىڭ يۈرگۈزىلىشىنى دەستەك بىلەن تەمنىلەپ، ھۆكۈمران سىنىپنىڭ مەنپەئەتنىڭ ئىجتىمائي تەرتىپ داۋامىدا قانۇنلىشىشى، ھۆكۈمران ئىدىيىلەرنىڭ يىتەكچى ھالەتكە ئۆتۈشىگە ئاساس ھازىرلايدۇ. تەشۋىقات، مېدىيە ۋاستىلىرى ئىجتىمائي كونتروللۇق ۋە ئېدىئولوگىيىگە ۋاستە بولىدۇ. مائارىپ ئېدىئولوگىيىنىڭ شىكارى ۋە جەڭگاھىغا ئايلىنىدۇ  .  [18]     
       ئىستېمال
      بۈگۈن ئىستېمال جەمئىيىتىدىكى يېڭى يۈزلىنىش- كىشىلەردىكى مەرتىۋە تۇيغۇسىنىڭ ، تەبىقىنىڭ روشەنلىشىشى بولۇپ قالدى. ئىستېمالچنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى، ھاياتى كۈچى ۋە ھاياجىنى ئىقتىسادنىڭ ئاشقانلىقى، جەمئىيەتنىڭ گۈللەنگەنلىكىنىڭ ئاساسلىق بەلگىسى بولۇپ قالدى. كاپىتالىزم ئىشچىلارنى ئىزىشتىن ئىستىمالچىلارنى ئىزىشكە ئۆتتى. ئىستىمال چىگرا ئايرىمىغانلىقتىن، غەربنىڭ ھەممىلا نەرسىسى ئولۇغ بىلىنگەن ئىستىمال مەدەنىيىتى شامىلىدا ھەممە نەرسە ئىستىمال تاۋارىغا ئايلاندى. ھەتتا ھوقۇق، بىلىم ۋە ئەھمىيەتمۇ. ۋەھالەنكى، ئىستىمال جىمى بەختنىڭ ئاساسى دەپ قارالغاندا،    ئىستىمالچى ئېتىراپ قىلىنمىغان ئىشلەپچىقارغۇچىغا، تىجارەتلىك تورمۇشنىڭ ھەيدەكچىسىگە ئايلىنىدۇ.  [19]     رومانتىكلىققا چۇقۇنۇش ئەۋج ئالىدۇ. رومانتىكىلىق- ئىستىمالچىلىقنىڭ كىشىلەر قەلبىدە ھۆكۈمران ئۇرۇنغا ئۆتۈشىگە سەۋەب بولىدۇ. رومانتىكلىق ئاددى تىل بىلەن ئېيتقاندا، تەن لەززىتى ۋە سەزگۈ ئەزالار شارلىقنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى   .ئادەتتە يەككە ئادەم بىلەن جەمئىيەتنى باغلاپ تۇرىدىغان رىشتە بولىدۇ ۋە مۇشۇ رىشتە بولغىنى ئۈچۈنلا ئادەم ئىجتىمائىي مۇھىتتىكى ئالاھىدە يەككە بىرلىك ھىسابلىنىدۇ. رومانتىكلىق دەل مۇشۇ رىشتىنى ئۈزىۋېتىدۇ.  [20]   كانبېر ئېيتقاندەك  :رومانتىكلىققا ئىنتىلىدىغان ئادەم رېئال دۇنيادا تىرىشىپ ئىشلەش، چېنىقىش، ئۆزىنى قېزىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن مەنىۋى مۇكەممەللىككە ئىنتىلىشنىڭ ئورنىغا كۈچلۈك بولغان غىدىقلىنىش ۋە تۇيغۇلار ئارقىلىق ئۆزىنى   ئىپادىلەش  كە كۈچەيدۇ. 21    ئادەمنىڭ رومانتىكلىققا ئىنتىلىشى جەمئىيەتنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنۇشى بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ. شۇڭا ئىستېمال - پاكىز قەلب، سەگەك مېڭىگە سېلىنغان ئۇيقۇ دورىسى.             
    مودىكەش ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بەدىنىدە سىمۋول
    مودىغا چوقۇنۇش خاھىشى ئەۋج ئالغان جەمئىيەت ئەنئەنىدىن ئايرىلىپ يېڭىلىق ئىزدەيدىغان جەمئىيەت . نوپۇسى جىدىىي كۆپۈيىۋاتقان چوڭ شەھەرلەردە كىشىلەر ئارىلىشىپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ ھەمدە كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان ناتونۇش كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىدۇ.بۇنداق ناتونۇش مۇھىتتا كىشىلەرنى ھامان تونۇش بولمىغان يۈزلەر ئوراپ تۇرىدۇ. سىرتقى قىياپەت باشقىلارنىڭ  شۇ دەۋىرنى چۈشىنىشىدىكى ئاساس بولغاچقا ، شەھەردە ياشىغان كىشىلەر ھەقىقىي ئۆزىگە مەنسۇپ بولمىغان كىملىككە ئىنتىلىپ ، رول ئېلىشقا باشلايدۇ. بىز بىر مودا قىزنىڭ ئۆز ئۆيىدە ئاپىسى بىلەن يالغۇز قالغاندىكى ھالىتى بىلەن ئاممىۋى سورۇنلاردىكى رول ئېلىۋاتقان مودا ھالىتىگە قارىساقلا ئۇنىڭ ئۆىدە يوق كىملىككە ئىنتىلىش ، غايىسىدىكى ئوبرازىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز.
    شەھەر جەمئىيىتى  ئىستېمال ، سىمۋول ، بەلگە بىلەن خاراكتېرلىنىدىغان جەمئىيەتتۇر. كىملىك مەسىلىسىنى ئۆزى بىلەن تەڭ ئاپىرىدە قىلغان زامانىۋىلىق مۇساپىسىدە بىز ۋۇجۇدىدا ئەكىس ئەتكەن سمۋول ، بەلگىلەرگە ئاساسەن باشقىلارنىڭ كىملىكىگە ھۆكۈم قىلىمىز ، باھا بېرىمىز( گەرھە بۇ ھۆكۈمگە بىر تەرەپلىمىلىك ئارىلىشىپ كەتسىمۇ). بىز ئەگەر بۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ ئەتلەس ، ياۋروپا كۆينىكىنى بىر سىمۋول سۈپىتىدە تونۇغىنىمىزدا ، مودا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىككى خىل مەدەنىيەت كىملىكىگە ۋەكىللىك قىلغان بۇ ئىككى بەلگىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئۇيغۇر رېئاللىقى ، ئۇيغۇر كىملىكى ھەققىدە خاتا ئۇچۇر بېرىدۇ. بۇ نۇقتىغا ئادەتلەنگەن ئۇيغۇر كۆزى بىلەن ئەمەس ، يات مەدەنىيەت مۇھىتىنى كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قارىغاندا ، مودا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بەدىنىدىكى سىمۋوللارنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرنىڭ چىن رېئاللىقىنى ، ھەقىقىي مەدەنىيەت كىملىكى ئەكىس ئەتتۈرەلمەيدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. بۇ ھادىسىگە بىر چەتئەللىكنىڭ نەزىرى بىلەن قاراپ باقايلى:
    پاكىت تەھلىلى(4)
    ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئەنگىلىيىلىك قىزچاق بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. سۆزلەش قابىلىيىتىمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن كۈندە ئالاقىلىشىپ تۇراتتىم . شۇ تەرىقىدە بىر ئاي ئۆتتى. بىر كۈنى تويۇقسىز بۇ ئىنگىلىز قىز :
    _بىلسەم سىز مۇشۇ يەردىكى يەرلىك مىللەت ئىكەنسىز، مەن مۇشۇنداق ئىكەنلىكىڭىزنى تېخى تۆنۈگۈن بىلدىم،-دېدى.
    مەن ئۆزۈمنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشىمنى ، قىزىقىشىمنى ، ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىشكە شۇنچىلىك قىزىقىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ بەردىم.
    _مەن سىلەرنىڭ تارىخ ، مەدىنىيىتىڭلاردىن خەۋەردار،- دېدى ئۇ مۇلايىملىق بىلەن،- مەن دۆلىتىمىزدىكى چېغىمدا بىر تۈركلوگنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇغان ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيتى، تارىخى خېلى ئەتراپلىق سۆزلەنگەنىكەن . مەن مۇشۇ قىزىقىشىمنىڭ تۈرتكىسى بىلەن بۇ مىللەتنىڭ ھازىرىقى ھالىتى قانداقتۇر دەپ ھەۋەسلىنىپ كەلگەنىدىم. ئەمما كۆرگنىم كىيىم-كېچەك ۋە مەدەنىيەتتە ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ياۋروپالىشىۋاتقان ، ئۆزىنىڭ مىللىي خاراكتېرى ۋە خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقان ، مىللىي مەدەنىيەتنى قەدىرلىمەيۋاتقان مىللەت بولدى.
    يەنە يېرىم يىل ئۆتكەندە بولسا بىز مۇشۇ تېمىدا سۆزلىشىپ قالدۇق. ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن ئەركىن سۆزلىشەلەيدىغان ھالغا يەتكەنىدىم. ئۇ مەندىن:
    _ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەڭ يارىشىملىق كىيىمى قايسى ؟-دەپ سورىدى.
    _ئەتلەس كۆڭلەك دەپ جاۋاب بەردىم.
    _باش كىيىملىرىدىنچۇ؟
    -گىلەم دوپپا!-دېدىم تېخىمۇ ھاياجانلىنىپ. سېرىق چاچلىق بۇ قىزنىڭ يۈزىگە ھەيرانلىق ئالامەتلىرى يامرىدى.
    _ئەمىسە سىز ئۇيغۇر قىزى تۇرۇقلۇق نىمىشقا شۇ كىيىملەرنى كىيمەيسىز؟!_دېدى ئۇ.
    ئۇنىڭ بۇ سۆزى ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن ئېيتىلغان بولسىمۇ ، ماڭا بۇيرۇق تەلەپپۇزدا ئاڭلاندى.
    مەن خىيال باسقان ھالدا بۇ قىزنىڭ ياتىقىدىن چىقتىم. ئۇدا ئىككى كۈن ئۇيلاندىم. ئاخىرى مەن چامادانىمنىڭ تېگىدە بۇرۇقتۇم بولغان ئەتلەس كۆڭلەكنى ئالدىم ۋە ئۇنى دەزماللاپ تەيارلىدىم ، گىلەم دوپپام يوق ئىدى؛ ئۇنىڭدىن بىرنى سېتىۋالدىم. بۇندىن بۇرۇن بۇ كىيىملەر ماڭا باشقا كىيىملەر قاتارىدا ئادەتتىكى كىيىملەردەكلا تۇيۇلۇپ كەلگەنىدى. ئەمما بۈگۈن كۆزۈمگە باشقىچە كۆركەم، چىرايلىق كۆرۈنۈپ كېتىۋاتاتتى. ئەتىسى سىنىپقا كېپىنەكتەك ئۇچۇپ كىردىم ، سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەيران قېلىشتى ، ئوغۇل ساۋاقداشلىرىمدىن بىر نەچچىسى ئالاھىتەن يېنىمغا كېلىپ تەبرىكلەپ قويۇشتى. ئوقۇتقۇچىلارمۇ ھەيران بولدى ، ئەمما ئارتۇق گەپ قىلمىدى. دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئىنگىلىز قىزنىڭ ياتىقىغا چاپتىم. ئۇ ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا ھەيران قالدى ، بېسىپ بولمايدىغان بىر خىل ھاياجان بىلەن مېنى قۇچاقلىدى. قاتتىق ھاياجانلانغاچقا ئاغزىغا گەپ كەلمەيتتى. بىر ھازادىن كېيىن:
    _ياخشى ، مانا  مۇشۇ ئىشىڭىز بولىدۇ. مانا مەن ئەمدى ھەقىقىي بىر ئۇيغۇر قىزىنى كۆردۈم !_دېدى.(22)
    مەرزىيە تۇرسۇننىڭ  قىزلار ئەڭگۈشتىرى  ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان بۇ راست ئىشلار خاتىرىسىدە ئەنگىلىيىلىك ئايال ئۇيغۇر قىزىنىڭ بەدىنىدە ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سىمۋوللۇق بەلگىلەرنى كۆرەلمەي ھەيران قالىدۇ. بەلكىم بۇ ھال  بۇ ئىشنىڭ ئەجەبلەنگىدەك نەرى بار  دەپ ئويلاپ ئادەتلەنگەن نۇرغۇن ئۇيغۇرغا يېڭىلىق بولۇپ تۇيۇلماسلىقى مۇمكىن. بىز ئەتلەس_ئۇيغۇرنىڭ، ياۋروپالىقنىڭ ئەمەس. مودا توي كۆڭلىكى خىرستىئانلارنىڭ، ئۇيغۇرنىڭ ئەمەس دېسەك ناھايىتى داڭقان پۇتى ، تومتاق گەپ قىلغان بولىمىز. ئەمما بىز مانا مۇشۇنداق غەلىتە مەنتىقە بىلەن   ئۆزى كىيمىگەن ئەتلەسنى نېمىشقا باشقىلارغا  بىزنىڭ دەپ سوۋغا قىلىدۇ؟  دەپ غەلىتە سوئال قويغىنىمىزدا ئاندىن مودا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بەدىنىدە رېئاللىقنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكىدىكى بىر كومېدىيىنى ، بىر زىددىيەتلىك نۇقتىنى روشەنلەشتۈرىۋاتقانلىقىن بايقايمىز. ماقالىمىزنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغان كامالىدىننىڭ قىز دوستى توي قىلمىسام قىلمايمەنكى ئەتلەس  كۆينەك  كىيمەيمەن  !  دېگەن ئاددىي بىر ئېغىز گېپى ئارقىلىق كەڭ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشتىن دېرەك بەرگەن . چۈنكى پاراڭ سۆزلىگۈچى ئۆزى ياشاۋاتقان رېئاللىقتىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ گېپى ئۇنچىلىك قورقۇنۇچلۇق ئەمەس ، ئەمما ئۇنىڭ ئەتلەسكە بولغان زىيادە مەنسىتمەسلىكى توي قىماسلىق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكۈدەك بولسا ، بۇ بىر ئېغىز پاراڭنىڭ كەينىدە ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان رېئاللىق بار. بۇ رېئاللىقنى ئادىل تۇنىياز پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر  ناملىق كىتابىدا مۇنداق شەرھلەيدۇ:  رېئاللىق بىزنى يوشۇرۇشقا ئامالسىز. بىز مانا مۇشۇنداق؛ بىز ئۈچۈن ئۆتمۈش تونۇش ،ھازىر ناتونۇش. قەلب رېئاللىق ، رېئاللىق باشقا نەرسە. باشقىلار ھازىرغا ، بىز باشقا دەۋرگە تەۋە. بىز رېئال سەرسانچىلىقنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان مىللەت. رېئاللىقتىكى ھەر بىر يېڭى نەرسە بىزنىڭ تەنھالىقىمىزنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە. ھەربىر ھەرىكەت دۇنيا بىلەن بىز، بىز بىلەن روھنىڭ ئارىسىدىكى يىراقلىشىش ھەرىكىتى (23).
    رېئاللىق بەدەن ئارقىلىق ئۆزى ھەققىدە سۆزلەيدۇ ، كىملىك بەدەن ئارىقىلىق ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ. مەھبۇسنىڭ بەدىنى ئىگىسىنىڭ كىملىكىنى جىسمانىي ئازاب تارتىش يولى ئارقىلىق ئېسىگە سېلىپ تۇرسا، پاھىشەنىڭ بەدىنى تاۋارغا ، ئىپپەت سودىسىنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلىنىش جەريانىدا ئىگىسىنىڭ كىملىىكىنى مۇقىمدايدۇ. بىر مودېل قىزنىڭ بەدىنى جىنسىي تۇيغۇ  ئارىلاشقان جەلىبكار ھالىتى ئارقىلىق ئىگىسىنىڭ كىملىك ئېھتىياجىدىن دالالەت بېرىدۇ. مودا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بەدىنى بولسا ، ئۇيغۇرنىڭ مەدىنىيەت كىملىكىنى بۇرمىلاپ  ، چىن رېئاللىقىدىن خاتا ئۇچۇر بېرىدۇ. بىر چەتئەللىك  بىر مودا قىزنىڭ بەدىنىدىكى قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كۆرۈپلا : ئۇيغۇرلار ھاللىنىپ قاپتۇ  دېسە خاتالىشىدۇ ، چۈنكى ئۇ ئىقتىسادىي موھتاجلىق دەۋررىدە قىينىلىۋاتقان تالاي ئۇيغۇرنىڭ رېئاللىقىغا ئاشۇ بىر قىزنىڭ بەدىنىدە ئەكىس ئېتىۋاتقان سىمۋولغا تايىنىپ باھا بەرگەن. بىر چەتئەللىك يەنە يارىشىملىق مودا كىيىملەرنى كىيىپ ئىشقا ماڭغان مودا قىزلارنى كۆرۈپ: نېمىدىگەن مەدەنىيەتلىك، ئۇيغۇر قىزلىرى بەختلىك ئىكەن!  دېسە خاتالىشىدۇ. چۈنكى ، شەھەرلەردە ئىشسىزلىق تۈپەيلى يولدىن چىقىۋاتقان تالاي ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئۇ كۆرمىگەن. بىر كۆزەتكۈچى مودا كىيىنگەن بىر ئۇيغۇر قىزىغا قاراپ ھەۋەس بىلەن : بۇ ئۇيغۇرلار ياۋروپالىقلاردەك كىيىنىدىكەن، ياۋروپالىقلارغا ئوخشايدىكەن  دېسە يەنە خاتالىشىدۇ. نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدە  بوران ھۇۋلايدۇ ، مودا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بەدىنىدە ئەكىس ئېتىۋاتقان سىمۋوللۇق رېئاللىق ئۇيغۇرنىڭ كىملىكىگە باھا بېرىشنىڭ ئاساسى بولالمايدۇ.

    پاكىت تەھلىلى[5]
    ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ئارىسىدا بۇ يىل يازدا گاچا ئىشتان(جوڭكۇ) (گاچا ئىشتان_ قىزلارنىڭ تىزىغىچە كېلىدىغان ئىشتان بولۇپ ، پاقالچاققا چىڭ چاپلىشىپ تۇرۇشتەك ، تىزىنىڭ تۆۋەنكى تەرىپى ئوچۇق  بولۇشتەك  ئالاھدىلىكى بىلەن   قىزلار ئارىسىدا مودا بولغان . ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىنىڭ مەسلىھىتى بويىچە گاچا ئىشتان دەپ ئېلىندى.)مودا بوپتۇ.  بۇنى مەن 2008- يىل ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدىكى خەلىقئارا بازىرىغا جايلاشقان كىيىم-كېچەك بازىرىدا مودا كىيىمنى نۇقتا ئېلىپ بارغان جەمئىيەت تەكشۈرىشى جەريانىدا ھېس قىلدىم. ئەسلى جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى نۇسخا   ئېلىپ تەكشۈرۈش 抽象调查sampling مېتودى بويىچە  قەشقەر ، خوتەن شەھىرىگە بېرىپ  مودا ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى  دېگەن تېمىدا جىقراق خام ماتېرىيال توپلاش نىيىتىم بار ئىدى. ئەمما ، بۇ ئولىمپىك يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدىكى قاتىلاڭچىلىق ، جىددىيلىك مەزگىلى بولغاچقا ، ئىچ پۇشۇقى تارتىپ قېلىشىمدىن ، بىھۇدە ئاۋارگەرچىلىككە ئۇچرۇشىمدىن ئەنسىرەپ  تەرەددۇت قىلغان   سەپىرىمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم.
    ماقالىنىڭ ئىككىنچى قىسىمىدا تەھلىل قىلىپ ئۆتكەندەك  ، جىنسىي تۇيغۇ ئەكىس ئېتىدىغان يەرنى يۆتكەپ تۇرۇش يازلىق مودا كىيىملەرنىڭ ھەر يىلى يېڭىلىنىپ تۇرۇشىدىكى سەۋەب. گاچا ئىشتاندا بۇ نۇقتا تىزنىڭ تۆۋىنىدىكى پاچاق تەرەپكە  يۆتكىلىپتۇ. بۇ قىزلارنىڭ پىگورىسىنى تېخىمۇ ئەۋرىشىم ، زىلۋا كۆرسىىتىدىكەن، باشقا يەرلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ كۆرسىتىدىكەن. مەن يەنە قولتۇق تەرىپى ئېتىلمىگەن ، مەيدە تەرىپى زىيادە چوڭ ئويۇلغان كۆينەكلەرنى ، قىسقا يوپكىلارنى كىيگەن قىزلارنى كۆردۈم. ھەر بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ بەدىنىدىكى مودا كىيىم ئىگىسى توغرلۇق سۆزلەپ تۇراتتى. كېيىن قارىسام ، گاچا ئىشتاننى خەنزۇ قىزلارمۇ جىق كېيىۋېتىپتۇ.
    يۇقىرىقى كۆرۈنۈش بىلەن قىزىقارلىق سېلىشتۇرما بولىدىغان يېرى شۇكى ، خەلقئارا چوڭ بازاردا ياغلىق بىلەن يۈزىنى ئوراپ ، ئىسلامچە كىيىنگەن قىزلارنىمۇ خېلى ئۇچراتتىىم. بۇ پەرقلىق ئەھۋال ماڭا تېخىمۇ قىزىقارلىق تۇيۇلدى. ياغلىق ،ھىجاب ،ئەتلەس سېتىلىدىغان بىر دۇكاندا ئورىنىپ يۈرىدىغان بىر قىز بىلەن پاراڭلاشتىم.
    _مەن بۇ يەردە    ئورىنىپ   يۈرىدىغان   قىزلارنىمۇ خېلى جىق ئۇچراتتىم، قىزلار ھازىر بۇنداق كىيىمنى ئالامدۇ؟-سورىدىم مەن.
    _ئىككى يىلدىن بېرى تىجارىتىمىز خېلى ياخشى،-دېدى قىز مۇلايىملىق بىلەن،_ھازىر ئەتلەس ئالىدىغانلار ، ئورىنىپ يۈرىدىغانلار خېلى ئاۋۇپ قالدى.
    _سەۋەبى نېمىدۇر؟
    _قىزلارنىڭ ئىدىيىسىدىكى بۇرۇلۇش سەۋەبىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئىچىدىن چىقىرىپ ، دىلنى پاك تۇتۇپ ئورىنىپ يۈرىدىغان قىزلار بار. ئۇلارغا ئاللا رەھمەت قىلسۇن. ئەمما...
    قىز گېپىدىن توختاپ ئوڭايسىزلانغاندەك تۇرۇپ قالدى.
    _گېپىڭىزنىڭ ئاخىرىنى دەۋېرىڭ، -دېدىم مەن.
    -بۇنى دېيىش سەل بىئەپ ، - دېدى قىز خىجىل بولغاندەك،- بەزى قىزلار بار ، ئوينىغاندا  تازا ئويناپ ئاخىرى ياخشىراق بالىلارغا تېگىۋېلىش ئۈچۈن بۇنداق كىيىملەرنى مەقسەدلىك سېتىۋالىدۇ. ھازىر دۇكىنىمىزدا سودا قىلىدىغان قىزلارنىڭ نېمە مەقسەتتە كىيىم سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىر قاراپلا بىلىۋالالايمەن. ئۆزىنى يالغاندىن دىيانەتلىك كۆرسىتىدىغان قىزلارنىڭ بۇنداق كىيىملەرنى سېتىۋېلىشىمۇ بىر مودا بولۇپ قالدى ، بۇنىڭ تەسىرى بەك يامان بولىۋاتىدۇ.
    مەن رەھمەت ئېيتىپ قىزنىڭ دۇكىنىدىن چىقتىم . ئالدىمغا مودا كىيىنگەن قىزلار جىق ، ئەنئەنە بويىچە كىيىنگەن قىزلار يوقنىڭ ھېسابىدا  ئۇچرىدى. مەن بۇ ئىككى پەرقلىق مودىدىن ، پەرقلىق كىيىم كىيىش شەكلىدىن زامانىۋىلىق بىلەن  ئەنئەنىنىڭ توقۇنىشىنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىدە ئەكىس ئەتكەن كۆلەڭگىسىنى كۆرگەندەك بولدۇم.
    ھەر يىلى روزا ھېيت ، قۇربان ھېيىت ھارپىسىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى گېزىتلەردە دەم ئېلىش ئۇختۇرۇشى چىقىرىدۇ.  مۇسۇلمان ئاممىسى  دېگەن گەپنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. دېمەك ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىكىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ھۆكۈمەتمۇ ئېتراپ قىلىدۇ. ئەمدى بىز مۇسۇلمان  دېگەن قىزلارنىڭ ئۈستى بېشىغا سەپ سالساق  ، بۇ كىملىكنىڭ ئىزنالىرىنى تاپالمايمىز. قىزلارنىڭ بەدىنىدىكى مۇسۇلمانلىق ئۆلچىمى بويىچە يېپىلىشقا تېگىشلىك يەرلەرنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى بايقايمىز .مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق كىيىم كىيىش ئادىتى بار. مىللەتلەر نەشىرياتى نەشىر قىلغان  ھىدايەت گۈلزارى  ناملىق كىتابتا مۇقەددەس كىتابلاردىن نەقىل ئېلىنىپ مۇنداق قەيت قىلىنغان:
      ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتان سىلەرنىڭ ئاتا-ئاناڭلارنى ئازدۇرۇپ جەننەتتىن چىقىرىۋەتكەندەك سىلەرنىمۇ ئازدۇرمىسۇن، شەيتان ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن كىيىملىرىنى سالدۇرىۋەتكەنىدى. ئۇلار ئاللاھنى  قويۇپ شەيتاننى دوست تۇتقان تۇرۇقلۇق ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ گۇمان قىلىدۇ. شەيتان ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى  سىلەرنى كۆرەلەيدۇ. سىلەر ئۇلارنى كۆرەلەمسىلەر. شۈبىھسىز كى ، بىز شەيتاننى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دوستى قىلدۇق [24]  كىمكى شۆھرەت  تېپىش نىيىتى بىلەن ياسىنىپ كىيىم كىيسە ، ئۇ تاكى كىيىملىرىنى يەشمىگۈچە ئاللاھنىڭ رەھمەت نەزىرىدىن يىراقتا بولۇر. [25]  مۇسۇلمانلىق كىملىكىدىن ئەسەرمۇ يوق مودا قىزلار ئۈستىبېشىدىكى جىنسىي ئاڭ ئەكىس ئەتكەن كىيىملىرى بىلەن ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىدىن خاتا ئۇچۇر بەرسە ، ئۆزىنى لىپاپىلاپ مەقسەتلىك ئورانغان قىزلار ئۆزىدە يوق ئۆزلۈك تۇيغۇسىنى بېزەپ كۆرسىتىپ ، مۇسۇلمانلىق نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ ، ئۇيغۇرنىڭ مودا بىلەن تەڭ كۆرۈلگەن يەنە بىر بىمەنە رېئاللىقتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ھال كىشىگە قەشقەرلىك شائىر ساداقەتجان ھاجىنىڭ مۇنۇ جۈملىلىرىنى ئەسلىتىدۇ:« ئويغاندىم دېمە ،  كۆزلىرىڭدىن نۇر چاقناپ تۇرغان بىلەن روھىڭ مەستۇر. دەردىم بار دېمە ، كۆزلىرىڭدىن ياش تۆكۈلىۋاتقىنى بىلەن باغرىڭ قان ئەمەستۇر.» بەدەندە سىمۋوللۇق رېئاللىق ئەكىس ئېتىدۇ ، ئەمما بۇ رېئاللىقنىڭ چىن بولالىشى ناتايىن. بەدەندىكى سىمۋول ھەرىكەتتىكى سىمۋوللۇق بەلگىلەر بىلەن بىرلىشىپ ئوخشاش بىر ئۇچۇرنى بېرەلىگەندىلا بەدەن بېشارەت بېرىۋاتقان رېئاللىقنىڭ چىنلىق دەرىجىسى ئاشىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي مەدەنىيەت كىملىكىگە مودا قىزلارمۇ ،  مەقسەتلىك ئورانغان قىزلارمۇ ئەمەس ، بەلكى ئىستىقامەت ئىچىدە بەدىنى شامدەك ئېرىپ يۈرىكى ئەبەدىيلىك گۈزەللىك ئۈچۈن پىچىرلاۋاتقان ، ئۇيغۇر رېئاللىقى ئۈستىبېشىدىلا ئەمەس ، ھەرىكىتىدە ، يۈرەك قاتلاملىرىدا ساقلانغان قىزلار ۋەكىللىك قىلالايدۇ. شائىر،«ياستۇقۇم يېنىدا 10 تال ئەتىرگۈل» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ ئاپتۇرى مۇھەممەتجان ئىلىياس ئەلپىدا بۇنى مۇنداق ئىپادىلەيدۇ:« بىز ئۆز مەھەللىمىزدىن ، تار كوچىمىزدىن چىقىپ كېلىۋاتقان ياغلىقلىق قىزلارغا تەبەسسۇم قىلىمىز. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ ئاددىيغىنا ئۈستىبېشى بىلەن بىزگە غورورىمىزنى ۋە ۋەتىنىمىزنى ساقلاپ بېرىدۇ.»
    خۇلاسە
    ئىنساننىڭ بەدىنىنى  جانلىق كەچۈرمىش ئەكىس ئېتىدىغان سەھنە سۈپىتىدە چۈشىنىش ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ كىملىكىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز بەدىنىمىزدىن جەمئىيەت ھەققىدە  ئويلىنىدىغان قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىمىز. يەنى بىزنىڭ جەمئىيەت ھەققىدە قانداق ئويلايدىغانلىقىمىز بەدىنىمىزدە ئەكىس ئېتىدۇ. فرانسىيە جەمئىيەتشۇناسى پېئىر بوردىئو3Pierre bourdieu,1930-200 بەدەننى ئادەمدە ئادەت ۋە ئىستېتىك زوق پەيدا قىلىدىغان پەيل(习性 habitus)     نۇقتىسىدىن كۆزەتكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ «پەرق: ئىستېتىك زوق ھەققىدە ئىجتىمائىي تەنقىد» )Distinction: a social critique of the Judgement of taste( ناملىق ئەسىرىدە ئىجتىمائىي ھوقوقنىڭ ئادەت كۈچىگە ئايلىنىپ بەدەندە ئەكىس ئېتىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« بەدەن ئىگىسىنىڭ ئىجتىمائىي تەبىقە تەسىرىدە يېتىلگەن پەيلى ئارقىلىق ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى يارىتىدۇ ۋە ئوخشىمىغان تەبىقىدىكى كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئىستېتىك قارىشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ».« پەلسەپە ئىنسانشۇناسلىقى» Philosophical anthropology ساھەسىدە ئىزدەنگەن مۇتەپەككۇر ئارنولد گېخلېنArnold gehlen,1904-1976 ئۆزىنىڭ «ئادەم ۋۇجۇدىدا: ئىنساننىڭ دۇنيادىكى تەبىئىتى ۋە ئورنى» دېگەن ئەسىرىدە ئادەمنى « تېخى يېتىلىپ بولالمىغان ھايۋاندۇر» Not yet finished animals دەپ ئاتىغان . ئۇنىڭ قارىشىچە ،   ئادەم ئۆزىنىڭ ئىختىيارىسىز تەۋەللۇت بولغان دۇنياغا تولۇق تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس . ئۇنىڭ بەدىنى تاشقى مۇھىت تەسىرى ۋە ئۆمۈر بويى ئىجتىمائىيلىشىشنىڭ تىنتىشىدىن خالىي بولالمايدۇ ۋە ئىگىسىنى ئىجتىمائىي دۇنياغا لايىقلاشتۇرىدۇ.» فرانسىيە مۇتەپەككۇرى لۇئس ئالسۇسېرLouis althusser,1918-1990     «بەدەندىن كېلىدىغان مەنە» The bodies that matter ناملىق ئەسىرىدە بەدەننىڭ ئىجتىمائىي مىزان ۋە نورما ئاساسىدا ماددىيلىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان  . ئادەم بەدىنىنى كېسەل چىرمىغان ياكى قاتتىق ئېغىر جىسمانىي ئازاب ئىچىدە قالغان چاغلىرىدىلا بەدىنىگە دىققەت قىلىدۇ ، ئۆز بەدىنىدە سىياسىي بىلەن ھوقوقنىڭ سايىسى ئەكىس ئېتىدىغانلىقى ، ئىجتىمائىي كونتروللۇقنىڭ ئۈنسىز تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ، بەدەن سىياسىنىڭ شىكارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەدەن ۋە ئۇنىڭدا ئەكىس ئەتكەن مەدەنىيەت فورمىسىنى ئۈزۈل-كېسىل تارىخىي سېزىم نۇقتىسىدىن تونۇش كېرەك.
          ئادەمنى ئىجتىمائىيلىشىشقا ، مەدەنىيەت گىمناستىكىسىغا قاتنىشىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن مەخلۇق دېيىشكە بولىدۇ. بۇ خاراكتېرى ئۇنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئۆزگىرىشنى ئاۋۋال بەدەندە ئىپادە قىلغانلىقىنى بەلگىلىگەن . بىزنىڭ قانداقلىقىمىز ، غىدىقلىنىش تەسىرىدە قانداق ئۆزگىرىۋاتقانلىقىمىز بەدىنىمىزدە ئەكىس ئېتىدۇ. شەھەر جەمئىيىتىدە ئۆزلۈكنى  لاھىيىلەش بەدەننى لاھىيىلەشنى كۆرسىتىدۇ. بەدەن بارغانچە زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدىكى ئادەمنىڭ كىملىك تۇيغۇسىنىڭ يادروسىغا ئايلىنىدۇ ۋە ئادەمدىكى جاھانسازلىشىش جەريانىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. كۇنتىل بېل ئېيتقاندەك، بىزنىڭ كىيىمىمىز بىزنىڭ تەركىبىي قىسىمىمىز ،بەدىنىمىزدىكى كىيىملەر تېنىمىز ۋە روھىمىزنىڭ داۋامىدۇ.شەھەردىكى مودا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بەدىنىدىكى كىيىملەر ئەمەلىيەتتە شۇلارنىڭ روھىنىڭ ئىنكاسى. بۇ مودا رېئاللىق ھەققىدە  خاتا ئۇچۇر بېرىدۇ.  مودا قىزلارنىڭ چەت ئەل پاسونلىرىغا ، جۈملىدىن ياۋروپاچە توي مۇراسىم كۆڭلەكلىرىگە ھەۋەس قىلىشى ئۇلارنىڭ خىيالىدا ئۆزىنى ياۋروپالىق كۆرسىتىش چۈشىدىن كەلگەن. ئەمەلىيەتتە ، ئۇلار_ رېئاللىقنىڭ ئازابىدىن  قېچىپ چۈش كۆرۈۋاتقانلاردۇر. ئۇلار مودا كىيىملەر ئارقىلىق قەلبىدىكى مەنىسىزلىك تۇيغۇسىنى يەڭگىللەتمەكچى  ۋە ئۆزىدە يوق غايىۋى كىملىكنى باشقىلار ئالدىدا ئىپادە قىلماقچى بولىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، مودا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بەدىنىدە ئەكىس ئېتىۋاتقان سىمۋوللۇق بەلگىلەر ئۇيغۇرنىڭ ھەقىقىي كىملىكىگە  ، چىن رېئاللىقىغا باھا بېرىشنىڭ ئاساسى بولالمايدۇ. مودىغا ئىنتىلىشنىڭ تەسىرىدە ، شەھەر جەمئىيىتىدە ئەنئەنە ئازغىنە بىر تۈركۈم كىشىلەر ئارىسىدا بويۇن قىسىپ زامانىۋىيلىقنىڭ سايىسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. يېڭىلىقنىڭ غىدىقلىنىشىدىن ئەس –ھوشىنى يوقاتقان كىشىلەر بۇ سايىنى قايتىدىن بويىماقچى بولۇۋاتىدۇ.
         ئىستېتىك ئىستېمال ئەۋج ئالغان جەمئىيەتتە ساختا رېئاللىق ۋە شەكىلسىز ماغزاپ ھادىسىلەر ئادەمنى ئالدايدۇ ، بۇنداق ئىجتىمائىي مۇھىتتا كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە كېلەلىشى تاساددىپىي ۋە ۋاقىتلىق بولىدۇ . ئادەملەرنىڭ ئويۇن سورۇنىغا سەرپ قىلغان ۋاقتى سىياسىي ، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە باش قاتۇرغان ۋاقتىدىن كۆپ بولىدۇ. باشقىلاردىن پەرقلىنىش تۇيغۇسى مودىدا ، نەرسە ئىشلىتىش جەھەتتىكى خۇشاللىقتا ئۆز  ئپادىسىنى تاپىدۇ. ئادەم يېڭى ئىستىمالغا ئىنتىلگەنسېرى، توختىماي ئىشلەشكە ئۈندەۋاتقان كۈچ ئۇنى باشقىلارغا تايىنىدىغان قىلىپ قويىدۇ ۋە رېئاللىق تۇيغۇسىنى، مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئادەم خىيالىي دۇنيادا ياشاۋېرىپ ئوبىكتىپ رېئاللىقنى مەڭگۈ ئۆزگەرتەلمەيدۇ، دۇنياغا ئوبىكتىپ نەزەر بىلەن قارايدىغان كۆزدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. چىن رېئاللىق بولسا ئۆزى ياشاۋاتقان خىيالىي دۇنيادىن باشقىنى كۆرمەيدىغان ھېسىياتچان ئادەملەرگە بىر چەتتە سوغۇق ۋە مەسخىرلىك ھىجىيىدۇ.   

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.