مائارىپ ھەققىدە پاراڭلار(ئوسمانجان زۇنۇن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 09:01:26

مائارىپ ھەققىدە پاراڭلارئوسمانجان زۇنۇنئىمتىھان، نېمە دەيسەن؟ساپا مائارىپى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېڭى دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، ئىمتىھان مەغرۇرانە قەددىنى كېرىپ ي...

    مائارىپ ھەققىدە پاراڭلار
    ئوسمانجان زۇنۇن


    ئىمتىھان، نېمە دەيسەن؟

    ساپا مائارىپى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېڭى دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، ئىمتىھان مەغرۇرانە قەددىنى كېرىپ يەنىلا بىزنى مەسخىرە قىلماقتا. ئىمتىھان ئۆتكىلى يەنىلا يولىمىزغا توساق بولماقتا.
    بىز شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ساپا مائارىپى بىلەن يېڭى دەرس ئارىسىنى ئىمتىھان مائارىپىنىڭ قويۇق تۇمانى يەنىلا توسۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. بىز يېڭى دەرس زېمىنىدا تۇرۇپ، ساپا مائارىپى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئاسمانغا قارىغىنىمىزدا كۆزىمىزگە كۆرۈنىدىغىنى ئىمتىھان مائارىپىنىڭ قاراڭغۇ بۇلۇتلىرى بولماقتا. مەن بىزنىڭ ھازىرقى مائارىپ ئەھۋالىمىزغا مۇناسىپ بۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق ئوخشىتىشنى تاپالمىدىم.
    ساپا مائارىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش شوئارى ئەۋجىگە چىققانسېرى، ئىمتىھان چىڭىسا چىڭىدىكى بوشاشمىدى. يېڭى دەرس لايىھىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئىمتىھان شەكلىدە ئازراق ئۆزگىرىش بولغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ئىمتىھان ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش بولمىدى. بىزنىڭ دائىم كۆرىدىغىنىمىز ئىمتىھان ئىنتىزامىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى قىزىل باشلىق ھۆججەت ۋە ئەينەن تېلېگراممىلار بولدى. ھەر قېتىملىق ئىمتىھاندا ئىمتىھانغا سەل قارىغان بىرنەچچە كومىسسىيىنى جازالاش، ئىمتىھاننىڭ ساغلاملىقىنى ئۆلچەيدىغان مىزانغا ئايلاندى. ئىمتىھان ئىشلىرى مەركىزى بارغانسېرى سوئالنى تېخىمۇ چىڭ چىقىرىدىغان  ئىمتىھان مۇتەخەسسىسلىرىنى ئىزدىسە، مەكتەپلەر ئىمتىھاننى تېخىمۇ چىڭ ئالىدىغان كومىسسىيىلەرنى تاللاشقا باش قاتۇرىدىغان بولدى. يېڭى دەرس لايىھىسىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجابىي  جاۋابلىرىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ دېيىلسە، ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈشتە «ئۆلچەملىك جاۋاب» بىردىنبىر ئۆلچەم قىلىنماقتا. بەزى ئىمتىھان ئىشلىرى مەركىزى ياكى مەكتەپلەر بىرنەچچە ئوقۇتقۇچىنى يىغىپ ھەممە قەغەزنى ئۇلارغىلا تەكشۈرتىدىغان، ئۇلارنىڭ شۇ پەننى بىلىش-بىلمەسلىكى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان ئەھۋالغا بېرىپ يەتتى.
    ئۇلارنىڭ قارىشىچە، «بىر-ئىككى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنى يىغسىلا بارلىق پەنلەرنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش، ئىمتىھاننىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ۋە ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى، «ئۆلچەملىك جاۋاب  بولغاندىن كېيىن كىملا تەكشۈرسە ئوخشاش» بولارمىش.
    دېمەك، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىمتىھان خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش چىڭىسا چىڭىۋاتىدۇكى بوشىمىدى. ئەمما ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەستىن، ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان زەنجىرسىمان تەسىر كۈچلۈك بورانغا ئوخشاش توسۇۋېلىش مۇمكىنسىز ھالدا جەمئىيەت، مائارىپ ۋە ئوقۇتۇشنىڭ ھەر بىر قاتلاملىرىغىچە تەسىر كۆرسەتمەكتە.
    ئوقۇغۇچى ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئاساسەن ئوقۇشقا، خىزمەتكە ئورۇنلاشماقتا. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھان نەتىجىسى بىلەن دەرىجىگە تۇرغۇزماقتا (گەرچە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھان نەتىجىسى بويىچە دەرىجىگە تۇرغۇزۇشقا بولمايدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولسىمۇ)، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار يۇقۇرىلاپ ئوقۇش نىسبىتى يۇقىرى مەكتەپلەرگە يوپۇرۇلۇپ كەلمەكتە. ھەتتا بۇنداق مەكتەپلەرنى تاللاشتا قاتتىق سىياسەت، يۇقىرى ئوقۇش ھەققىمۇ ئۇلارنى توسالمايۋاتماقتا. بۇ بىرقاتار ئامىللار بىرلىشىپ ساپا مائارىپى ۋە يېڭى دەرس لايىھىسىگە پۇتلىكاشاڭ پەيدا قىلغانلىقتىن، مائارىپ ئوقۇغۇچىلارنى خاتا يېتەكلەشتىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ.
    بەزىلەر ئىمتىھان بىلەن ساپا مائارىپىنى قارىمۇ  قارشى ئورۇنغا قويدى. لېكىن مائارىپنىڭ ئۈنۈمىنى سىناشتا دۇنيادا تېخىچە ئىمتىھاندىنمۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل تېپىپ چىقىلمىدى. گەرچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم، ئىقتىدار، ئەقىل-پاراسىتىنى ئۇنىۋېرسال باھالاش بىرقەدەر ياخشى ئۇسۇل بولسىمۇ، لېكىن بىر-ئىككى سائەت بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە تاماملاش مۇمكىن بولمىغاچقا، ئۇنى نەچچە مىليون ئوقۇغۇچىغا بىرلا ۋاقىتتا قوللىنىش قىيىن بولغانلىقتىن كەڭ تۈردە ئومۇملاشتۇرۇشقا ئامال يوق.
    گەپنىڭ گۇندىسىنى قىلغاندا ئەنئەنىۋى مائارىپ ياكى ساپا مائارىپى بولسۇن، كونا دەرس ياكى يېڭى دەرس بولسۇن، يەنىلا ئىمتىھان ئالماي بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ئاۋارىگەرچىلىكى ئاز، قايىل قىلىش ئاسان، ئىككى سائەت ئىمتىھان بەرسە، يېرىم سائەتتىلا تەكشۈرۈپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى پېشانىسىگە چاپلاپ بولغىلى بولىدۇ. دۇنيادا بىر ئادەمگە باھا بېرىشتە بۇنىڭدىنمۇ تېز، بۇنىڭدىنمۇ ئاسان ئۇسۇل نەدە بار؟
    جەمئىيەتنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىگە قانچىلىك كۆڭۈل بۆلۈشىدىن قەتئىينەزەر، بىز يەنىلا كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇشىمىز كېرەك. ئامېرىكىلىق ئىنسانشۇناس تۋىمان.ل. توۋېرى شۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەت كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ئېتىقاد قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى بىلەن ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ». بىز ھەقىقەتنى كىمنىڭ دېگەنلىكىگە ئەمەس، ھەقىقەتنىڭ ئۆزىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى، ھەقىقەت ئەسلىدىنلا مەۋجۇت. ئۇ كىمنىڭ دېگەنلىكى بىلەن ئۇلۇغ بولماستىن، ئەسلىدىنلا شۇنداق ئۇلۇغ.
    ئۇنداقتا ئىمتىھاننىڭ رولىغا قانداق قارايمىز؟
    بىرقەدەر توغرا جاۋاب شۇكى، بىز ھەم ئىمتىھاننى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلماسلىقىمىز، ھەم ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئارتۇقچە ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارىماسلىقىم لازىم. بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئادەتتە «پەقەت ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بولغان بالىلارنىڭلا كېيىنكى ئىستىقبالى ياخشى بولىدۇ» دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولۇشى ناتايىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلار كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، يەنىلا شۇنداق قارايدۇ.  مەن ئىمتىھاننىڭ رولىنى ئىنكار  قىلماقچى ئەمەسمەن، بىراق ئىمتىھان نەتىجىسى بىلەن كېيىنكى ئىستىقبالنىڭ روشەن ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋىتى يوق. چۈنكى ئىمتىھان نەتىجىسىدىن بىر كىشىنىڭ ئىستىقبالىنى ئالدىن مۆلچەرلەش مۇمكىن بولىدىغان بولسا، بۇ دۇنيا تولىمۇ ئاددىيلىشىپ كەتكەن بولىدۇ.
    ئەگەر سىز 20 -30 يىلدىن كېيىن ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلار بىلەن جەم بولۇپ قالسىڭىز، ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئانچە قاملاشماي قالغانلىقىنى ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر سىز پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى بولسىڭىزمۇ ئوخشاش تەسىراتتا، ئەينى ۋاقىتتا نەتىجىسى ئادەتتىكىچە بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ، نەتىجىسى يۇقىرى ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا ئورۇن ۋە بايلىق جەھەتتە ياخشىراق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن.
    ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلار  ئۆلچەم قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسى بېكىتىلسە، ئاز دېگەندە مۇنداق ئىككى چوڭ مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ:
    بىرىنچى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەلگۈسىدە كىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلمىقى قىيىن.
    ئىككىنچى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دائىم قوللىنىدىغان باھالاش ئۆلچىمى مۇۋاپىق ئەمەس، يەنى ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلالىشى ناتايىن.
    مەن 25 يىل بۇرۇن ئوقۇتقان ئوقۇغۇچىلىرىمنى كۆزەتكىنىمدە، بۇ خىل خاتالىقنى ھەيرانلىق ئىچىدە تونۇپ يەتتىم. ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بەش نەپەر ئوقۇغۇچۇمنىڭ ھازىر ئىككىسى دوختۇر، بىرسى سېسترا، ئىككىسى ئادەتتىكى كادىر. بىراق، ئۆگىنىش نەتىجىسى ئادەتتىكىچە ئوقۇغۇچۇمدىن ئىككىسى يېزا دەرىجىلىك رەھبەر، بىر نەپىرى مەكتەپ مۇدىرى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن بىر نەپەر ئوقۇغۇچۇم مىليونېر،  مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدە تىجارەت قىلىدۇ. ھازىر ناھىيە بازىرىدا تۆت قەۋەتلىك ئىككى سودا بىناسى بار.  ئوتتۇرا تېخنىكومدا ئوقۇغان  يەنە بىرسى بولسا قەشقەر شەھىرىدە شەخسىي دوختۇرخانا ئېچىپ 50-60 كارىۋات، 20-30 دوختۇر-سېستراغا باشلىق بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ قانچىلىك پۇلى بارلىقىنى بىلمەيمەن. بەلكىم ئۇلار پۇلنىڭ ئېنىق سانىنى ئۆزلىرىمۇ توپتوغرا ئېيتىپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. لېكىن ھېلىقى سودىگەر ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئاقتۇ ناھىيە بازىرىغا سالغان ئىككى سودا بىناسىنىڭ قىممىتىلا 3-4 مىليون يۈەنگە يارايدۇ. ھېلىقى شەخسىي دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ئايلىق ئوبوروتى 2-3 يۈز مىڭ يۈەن ئەتراپىدا.
    ئەگەر سىزمۇ ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز، 20-30 يىلدىن بۇرۇنقى ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ. ئەھۋال ئاساسەن ئوخشاش چىقىشى مۇمكىن.
    ناۋادا سىز ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانا بولسىڭىز، بالىلىرىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بېقىڭ، بەلكىم ئەينى ۋاقىتتىكى كەپسىز، دائىم سىزنى رەنجىتىدىغان بالىڭىزنىڭ كۈنى قۇلىقى يۇمشاق بالىڭىزنىڭ كۈنىدىن ياخشى بولۇشى مۇمكىن. سىزنى كىچىكىدە دائىم رەنجىتىدىغان بالىڭىز ھازىر سىزنىڭ ھالىڭىزدىن ھەممىدىن بەكرەك خەۋەر ئېلىپ قاراۋاتقان بولۇششى مۇمكىن.
    نۇرغۇن كىشىلەر «بولىدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم» دېگەن «ھەقىقەت»كە ئىشىنىپ ئالدىنىپ يۈرىشىدۇ. بىراق، ئادەم دېگەن ھېسسىياتلىق مەخلۇق. ئۆسۈملۈككە ئوخشىمايدۇ. بەلكىم سىز ئەڭ زور ئۈمىد كۈتكەن، ئەڭ ياخشى ئوقۇتۇپ، ئەڭ ياخشى كىيىندۈرگەن بالىڭىز بەلكىم ئەڭ ۋاپاسىز بالا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلاردا يەنە مۇنداقمۇ ماقال بار: «ئالا كېپەز ئات مىندۈرەر»، «كۈتكەن يەردە توشقان ياتماپتۇ».
    ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، مۇۋەپپەقىيەت ۋە ئىستىقبال تۇغما تالانتتىن ئەمەس، بەلكى ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ. شۇڭا ئىمتىھان نەتىجىسىگە قاراپ كەلگۈسىنى پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ.
    كۆپلىگەن كىشىلەر «بىلىم-كۈچ» دېگەننى خاتا چۈشىنىۋالىدۇ. بىلىم پەقەت يوشۇرۇن كۈچتىنلا ئىبارەت. ئۇ ئەقىل-پاراسەت بىلەن بىرلەشكەندىلا ئاندىن ھەقىقىي كۈچكە ئايلىنىدۇ. يەنە بىرى، بىلىم بىلەن ئەقىل-پاراسەت بىرنەرسە ئەمەس. بىلىم قائىدە-قانۇنىيەتلەرنى  بىلىشنى كۆرسەتسە، ئەقىل-پاراسەت ئاشۇ قائىدە-پرىنسىپلاردىن قانداق پايدىلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارغا پەقەت بىلىم بېرىشكىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى قانداق ئىشلىتىشنى دېگەندەك ئۆگەتمەيدۇ. يەنى بىلىم ئۆگىنىشكىلا ئەھمىيەت بېرىپ ئەقىل-پاراسەتكە سەل قارايدۇ. مانا بۇ مائارىپىمىزدىكى ئۈزۈك ھالقىدۇر. شۇڭا مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرىش بولۇپلا قالماستىن، ئۇنى قانداق قىلىپ ئەقىل-پاراسەتكە ئايلاندۇرۇش بولۇشى كېرەك. تۋىمان. ل . توۋېرى يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بىر ئادەمگە بېلىق بەرگىنىڭ بىر كۈنلۈك ئوزۇق بەرگىنىڭ، بېلىقچىلىق كەسپىنى ئۆگىتىپ قويغىنىڭ، ئۆمۈرلۈك ئوزۇق بەرگىنىڭ». بالىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى نېمىلەرنى بىلىۋالغانلىقىغا ئەمەس، نېمىلەرنى قىلالىشىغا باغلىق. شۇڭا دەيمىزكى، ئىمتىھان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئەمەس، پەقەت ئادەتتىكى بىلىمىنىلا سىنىيالايدۇ. ئەقىل-پاراسەتنى بولسا ھايات ۋە تۇرمۇش سىنايدۇ.
    شۇڭا، ئىمتىھان نەتىجىسىگە قارىغۇلارچە چوقۇنۇپ، بالىلارنىڭ ھايات يولى خەرىتىسىنى خاتا سىزىپ قويمايلى. جەمئىيەتكە كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆزىنىڭ قارىشىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئۆز ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ قانداق قىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىدۇ. شۇڭا كۆپ ساندىكى كىشىلەر قانداق ئويلىسا، شۇنداق ئويلايدۇ. قانداق قىلسا شۇنداق قىلىدۇ. ئەمدى «ئىمتىھان، نېمە دەيسەن؟» دېگەن يەرگە كەلدۇق. ئۇ چوقۇم «ھازىر مەندىن نوچىسى يوق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ ھەم كۆپ سانلىق كىشىلەر بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ، سىزچۇ؟

    مائارىپ زىيالىيلارنىڭ سەرخىللىرىغا موھتاج

    مائارىپ بىر مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى، ئۇنى مۇكەممەل يولغا قويۇش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس. بىر جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەققىيات باسقۇچى ۋە بىر مىللەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا مائارىپنىڭ تۇتقان ئورنى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، زىيالىيلارغا بېرىلگەن تەبىرمۇ پەرقلىق بولىدۇ. مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلمىغان بىرمىللەت ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، زىيالىي  پەقەت ساۋاتلىق بولۇشتىن ئىبارەت بولسا، بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان مىللەت ئۈچۈن زىيالىي  بىر پارچە دىپلومدىن دېرەك بېرىدۇ. تەرەققىي قىلغان  مىللەت ئۈچۈن بولسىچۇ؟ ئەلۋەتتە زىيالىي  يۇقىرى ساپالىق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
    بىر زىيالىينى يېتىشتۈرۈپ چىقىش، بىر قىرائەتخانا سالغانغا قارىغاندا تېخىمۇ مۈشكۈل ھەم ئەھمىيەتلىك. بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش بولسا، تۈركۈم-تۈركۈملەپ زىيالىيلارنى، ئالىم، يازغۇچى، ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرگەنگە باراۋەر.
    ئەمما، بىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان رېئاللىق شۇكى، كۆپ ساندىكى سەر خىل زىيالىيلار ئوقۇتقۇچى بولۇشنى خالىمايدۇ. چۈنكى، ئوقۇتقۇچى بولسا مەنسەپ تۇتقىلى، قوشۇمچە ھەققە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئالدى بىلەن مەمۇرىي ئورگانلارغا كىرىشنى، ھېچبولمىغاندا باشقا كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشنى، پەقەت بولمىغاندىلا ئاندىن ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئويلايدۇ. ھەتتا داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن بىرقىسىم زىيالىيلار مەمۇرىي تارماقلاردا خىزمەت ئىزدەپ كۈتۈپ ياتسا ياتىدۇكى، مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇتقۇچى بولۇشنى راۋا كۆرمەيدۇ. شۇڭا، ھازىر بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قوش تىللىق تەجرىبە سىنىپلىرىغا ئوقۇتقۇچى تېپىش قىيىن بولۇش، يەنە بىر جەھەتتىن جەمئىيەتتە نۇرغۇن زىيالىيلار ئىش كۈتۈپ تۇرۇشتەك تەتۈر تاناسىپلىق ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئەگەر سىز بىرقىسىم ياشلاردىن «ئوقۇتقۇچى بولۇشنى خالامسىز؟» دەپ سورىسىڭىز، ئۇلار خۇددى سىزنى يەۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا «نېمە، مەن پۇستانى ئالىي مەكتەپتە 6  — 7 يىل ئوقۇپ قوش دىپلوم ئالغان تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى بولامدىمەن؟» دەپ ھۆرپىيىدۇ. ئەكسىچە قانچىلىغان جاپاكەش ئۇستازلارنىڭ مەمۇرىي ئورگانلاردا ئىشلەش ۋە ئەمەلدار بولۇش پۇرسەتلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزلىرىنى تەربىيىلەپ چىققانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايدۇ. پۇرسەت كۈتۈپ بىكار يۈرۈشكە رازىكى، ئوقۇتقۇچى بولۇشنى خالىمايدۇ. ئىشەنمىسىڭىز دېسكوخانىلاردا ئويۇن-تاماشا پەيزىنى سۈرۈۋاتقان، تورخانىلاردا مۇڭدىشىۋاتقانلاردىن سوراپ بېقىڭ. ئۇلارنىڭ  ئىچىدە داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنى چوقۇم ئۇچرىتالايسىز. پرىكازچىك، ئۆي-مۈلۈك دەللالىرى، رېستوران-مېھمانخانا كۈتكۈچىلىرى، كۆچمە خەۋەرلىشىش خىزمەتچىلىرىدىنمۇ سوراپ بېقىڭ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ «سەرخىل زىيالىيلار» بار. بەزىلىرى ھەتتا ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەتتىكى داڭلىق پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى پۈتتۈرگەن، ئۇلار ئاتا-ئانىلىرىغا تۈرلۈك باھانىلارنى كۆرسىتىپ، ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانلىرىغىمۇ قاتناشمايدۇ.
    يېقىندا ئۆي-مۈلۈك شىركىتىدە ۋاسىتىچىلىك قىلىدىغان بىر بالا بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ گەپ-سۆزلىرىدىن خېلى يۇقىرى مەلۇماتلىقلىقى چىقىپ تۇراتتى. «سىز قايسى مەكتەپتە ئوقۇغان؟» دېگەن سوئالىمغا ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر داڭلىق پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغانلىقىنى ئېيتتى، ئارقىدىن: «كەسپىڭىز ياخشىكەن، ئۆتكەندە نېمە ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانىغا قاتناشمىدىڭىز؟» دېۋىدىم، «ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن خوشۇم يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە  ھەممىسىنى ناھىيىلەرگە تەقسىم قىلىدىكەن، شۇڭا ئۆيدىكىلەرگە >بىزنىڭ ئارخىپىمىز تېخى كەلمەپتۇ< دەپ قويۇپ قاتناشمىدىم» دېدى. دېمەك، ئۇ شەھەرلەردە ئۆي-مۈلۈك شىركىتىدە ۋاقىتلىق ۋاسىتىچى بولۇشقا رازىكى، ئوقۇتقۇچى بولۇشنى خالىمايدىكەن.
    بۇ خىل ئەھۋالنى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتىدىمۇ روشەن ھېس قىلغىلى بولىدۇ. كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنى ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇسىغا يازىدۇ، بىرقىسىم بالىلار ھەتتا يازمايدۇ.
    نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ گەپنى ئۇدۇللا دېگەن تۈزۈك، ئوقۇتقۇچى بېيىغىلى بولمايدىغان، راھەت كۆرمەيدىغان، «10-سېنتەبىر»دىن باشقا چاغلاردا كىشىلەرنىڭ ئەسلىشىگە نائىل بولالمايدىغان كەسىپ.
    ھازىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈنىمۇ خېلى يامان ئەمەس، ھېچبولمىغاندا  ئۇلارنىڭ ئۇنۋان، ئىش ھەققى مەمۇرىيلاردىن يۇقىرى. بىراق، ھەرقانچە ئالىي ئۇنۋان ئالسىمۇ يەنىلا «بۆلۈم دەرىجىلىك، باشقارما دەرىجىلىك، نازارەت دەرىجىلىك» ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، «بۆلۈم دەرىجىلىك، باشقارما دەرىجىلىك، نازارەت دەرىجىلىك» رەھبەرلەرگە ئوخشاش ئۇلارغا مەخسۇس ئىشخانا، كاتىپ، ماشىنا، شوپۇر سەپلەپ بېرىلمەيدۇ. «ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى»لارمۇ ۋېلىسىپىت بىلەن ئىشقا بارىدۇ. ئىشخانىسىنى ئۆزى تازىلايدۇ. «ئاش تەڭ، نان تەڭ، سول نېمىشقا كەڭ» دېگەندەك، ئۇلار ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ.
    ھازىر بازار ئىگىلىكى دەۋرى، پۇرسەت دېگەن كۆپ، ئۆزى خالىمايدىغان  كىشىلەرنى ئوقۇتقۇچىلار سېپىگە ياقىسىدىن تارتىپ ئەكىرىشنىڭ ھېچقانداق ئورنى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇتقۇچى بولىمەن دەپلا بولغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن نەچچە ئەگلەكتىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
    كىشىلەرنىڭ قانداق قارىشى ۋە مۇئامىلە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئەستايىدىللىق  بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ئوقۇتقۇچىلىق يەنىلا شەرەپلىك، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان كەسىپ. جەمئىيىتىمىزدە ئىجادچانلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق روھىغا باي كۆپلىگەن كىشىلەر يەنىلا ئىجتىھات ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانماقتا.
    نۆۋەتتە مىللىي مائارىپنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئومۇمىي  گەۋدە ساپاسى تەكشى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان تەلەپ ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ. يېزىلار ۋە چەت-ياقا جايلاردىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى كەمچىل، شۇنى تونۇشىمىز كېرەككى، بىزنىڭ ئاھالىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يېزىلاردا، شۇنداقلا ئىختىساسلىقلارنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسىمۇ يەنىلا يېزىلاردا، بۇنى مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان دوكتور ۋە داڭلىق زىيالىيلارنىڭ تەرجىمىھالىنى كۆرۈپ باقساقلا بىلەلەيمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە دېھقان بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى. ئۇلار نامرات، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھوقۇقى ۋە پۇلى يوق، يورۇق ئازادە ئۆيلىرى، چىرايلىق كىيىم-كېچىكى يوق، دەپتەر-قەلىمىنى ئاران سېتىۋالالايدۇ. ئۇلارنىڭ شەھەرلىكلەردەك يۈرۈشلەشكەن مەكتەپلىرى يوق، ئۇلار دەرسلەرنى تەجرىبىخانا، كومپيۇتېرخانىلاردا ئەمەس، ئاشۇ بىردىنبىر «مۇقەددەس» ئورنى بولغان ئاددىي سىنىپ ۋە سۇنۇق پارتىلاردا ئولتۇرۇپ ئۆگىنىدۇ. ئەمما، ئادەمنى ھەيرەتتە قالدۇرىدىنى شۇكى، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى ئۆگىنىشتە ئالدىنقى قاتاردا ماڭىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاشۇ چەت ياقىدىكى، تۇرمۇش شارائىتى ناچار جايلاردىن كەلگەن، ئوقۇش پۇلىنى قەرز ئېلىپ ئوقۇۋاتقان دېھقان بالىلىرى. ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆگىنىپ ياراملىق ئادەم بولۇپ، ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشنىڭ كويىدا بولماقتا. بۇ ئاشۇ بالىلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقى بىلەن بىرگە ئاشۇ نامرات يېزا-قىشلاقلاردا، ئاچچىق توپا ۋە بور توزانلىرى ئارىسىدا ياشاۋاتقان، بىر سىنىپنىڭ بارلىق يۈكىنى تەنھا ئۈستىگە ئېلىپ ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپالىق ئەجرىدىن كەلگەن، ئەلۋەتتە.
    يېزا-كەنتلەردە ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قۇربان بېرىش روھى قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. ئۇلارنىڭ تۆھپىسى مۆلچەرلىگۈسىز، ئەمما ئېرىشكىنى ھەقىقەتەن ئاز. بۇ بىر ئۇلۇغ روھ،قەدىرلەشكە تېگىشلىك يۈكسەك پەزىلەت.
    ئەگەر بىر مىللەتنىڭ سەر خىل زىيالىيلىرى (ئەگەر ئۇلار ئۆزىنى چىن مەنىسىدە شۇنداق دەپ تونۇسا) مائارىپ بىلەن شۇغۇللانمايدىكەن، ئۇ چاغدا بۇ مىللەت ترېنېرى يوق پوتبول ئەترىتىگە ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇلار ھەرقانچە قىلسىمۇ پەقەت 3-دەرىجىلىك ترېنېرغا تايىنىپ، ئاران 2-دەرىجىلىك ئەترەت بولالايدۇ. ھەرگىز 1-بولالمايدۇ. بۇ ئەترەت 1-بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ قانچىلىك باتۇرلۇق كۆرسىتىشىدىن قەتئىينەزەر، بىرىنچىلىك مەڭگۈ ئارزۇ بولۇپ قالىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.