ئانا تىل مۇھىم ئەمەس دېگۈچىلەرنىڭ كۆز قاراشلىرى

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2011-11-03 17:26:04

ئانا تىل مۇھىم ئەمەس دېگۈچىلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىدۇنيادىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئۆتكەن ئەسىر بىلەن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئېچىدە،بۇلۇپمۇ2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئېتنىكىلىق پۈتۈنلەي ئۆلدى،دەپ جاكارلىدى.ئەمە...

     


    ئانا تىل مۇھىم ئەمەس دېگۈچىلەرنىڭ كۆز قاراشلىرى

     

    دۇنيادىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئۆتكەن ئەسىر بىلەن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئېچىدە،بۇلۇپمۇ2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئېتنىكىلىق پۈتۈنلەي ئۆلدى،دەپ جاكارلىدى.ئەمەلىيەتتە بولسا پۈتۈنلەي بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ.مەن ئۆزەمنىڭ كېيىن يازىدىغان بىر ماقالىسىدا بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئايرىم توختىلىمەن.شۇنىڭ بىلەن بىللە،ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى تىلنىڭ شەكىللىرى بىلەن فۇنكسىيىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختىلىپ،تىل جەھتتىكى كىشىلىك ھوقوقىنىڭ مەقسىتى،ياكى ئالاھىدە تىللار بىر ئۆلچىگىلى بولىدىغان مەۋجۇدىيەت سۈپىتىدە مەۋجۇت ئەمەس دېگەن كۆز-قاراشنى ئوتتۇرغا قويدى.ئۇلار كۆرسەتكەن ئاساسلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىملىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:


    (1) ھەممە تىللار ھەممە ۋاقىتتا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ،شۇڭلاشقا مەلۇم بىر تىلنىڭ باشقا تىللار بىلەن بولغان چەك-چىگىرىسى توغرىسىدا سۆز ئاچقاندا،بىر ئادەمنىڭ كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغىنى پەقەت ئاشۇ تىلنىڭ ئاشۇ زامان ۋە ئاشۇ ماكاندىكى ھالىتىدىنلا ئىبارەت بولىدۇ.


    (2) بىر قىسىم مودېرنىزىمچى،بۇلۇپمۇ سىياسەتچى ئىلىم ئەھلىلىرى تىلنى شەخىسلەرنىڭ ياكى بىر كوللىكتىپنىڭ كىملىكىنى تۇرغۇزۇشتىكى مۇھىم ياكى زۆرۈر ئامىل دەپ ھېسابلىمايدۇ.ئۇلارنىڭ قارىشىچە،بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆپ تىللىق بۇلىشى،تىل بىلەن كىملىكنىڭ ئوتتۇرسىدا ھىچ قانداق مۇناسىۋەتنىڭ يوقلىقىنى كۆرسىتىدىغان بۇلۇپ،ئەگەر ئۇلار ئوتتۇرسىدا كۈچلۈك باغلىنىش بولغان بولسا ،تىل جەھەتتىكى كۈچۈش ئىنتايىن ئاز بولغان ياكى زادىلا بولمىغان بولاتتى.لېكىن،يۇقىرىدىكى كۆز-قاراشلار زادىلا توغرا ئەمەس.پۈتۈن دۇنيادىكى مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئېتنىك تەشكىلاتلارنىڭ  ئىسپاتلىغىنىدەك،مىللىي كىملىك،بۇلۇپمۇ تىلنى ئاساس قىلغان مىللىي كىملىك ئىنتايىن كۈچلۈك ئەسلىگە قايتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.بىر تىل ئاشۇ تىلدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر توپىنى ئۆز-ئارا باغلاش ئارقىلىق،ئاشۇ كىشىلەر توپىنىڭ مىللىي كىملىكىنى نامايان قىلىپ،شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قايسى كىشىلەر توپىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.ئېتنىك ياكى مىللىي يىلتىز ئاشۇ تىلغا ماس كىلدىغان كىشىلەر ئۈچۈن،ئاشۇ تىلنى پۇختا بىلىش ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى ئەۋلادلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ،ئۇلارنىڭ يېڭىدىن يۈزبەرگەن سەرگۈزەشتىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئېتنىك ياكى مىللىي ئادەم توپىنىڭ جۇغلانما تارىخى بىلەن تۇتاشتۇرىدۇ.قىسقىسى،بىر تىل يالغۇز ئاشۇ تىل بىلەن سۆزلىشىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىش قورالى بولۇش فۇنكىسىيىسىنى ئۆتەپلا قالماستىن،ئۇ يەنە ئاشۇ كىشىلەر توپىنىڭ مەدەنىي كىملىكىنى،شۇنداقلا ئاشۇ كىشىلەر توپىدىن بولغان بۇرۇنقى بارلىق كىشىلەر تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان مەدەنىي مىراسلارنىمۇ نامايان قىلىدۇ.يەرلىك مىللەتلەردە«ئەنئەنىۋى بىلىملەر»دېگەن بىر ئوقۇم بار بۇلۇپ،بۇ بىلىملەر ھەرگىزمۇ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس ئەمەس،بۇ بىلىملەرنىڭ «ئەنئەنىۋى»بولۇپ قېلىشى ھەرگىزمۇ ئڭلارنىڭ قەدىمىيلىكىدىن بولماستىن،بەلكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۇ بىلىملەرنى قانداق قولغا كەلتۈرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىندىغانلىقىدا.يەنى،بىلىم ئىگىلەش ۋە بىلىمنى ئورتاقلىشىشنىڭ ئىجتىمائىي جەريانى ھەربىر يەرلىك مەدەنىيەت ئۈچۈن ئالاھىدە تۈس ئالغان بۇلۇپ،مانا مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكى ئۇ بىلىملەرنىڭ «ئەنئەنىۋى»بىلىملەر بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ.بۇ بىلىملەرنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى ناھايىتى يېڭى بولسىمۇ،ئۇلار ئالاھىدە ئىجتىمائىي مەنىگە ۋە قانۇنىي خاراكتېرگە ئىگە بۇلۇپ،ئۇلار يەرلىك مىللەت خەلقلىرىنىڭ  كۆچمەن بولۇپ كەلگەن خەلقلەردىن ۋە سانائەتلەشكەن جەمئىيەتتىن ئىگىلەيدىغان بىلىملەرگە زادىلا ئوخشىمايدۇ.ئۆزگىرىشنى يالغۇز بىلىم ياكى تىل ئۈچۈنلا ئەمەس،بەلكى بارلىق «ھايات»نەرسىلەر ئۈچۈن بىز بۇرۇندىن تارتىپ مەۋجۇت بولغان ۋە زۆرۈر بولغان خۇسۇسىيەت دەپ قاراشقا بولىدۇ.مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،بىلىم ۋە تىلمۇ «ھايات»نەرسىلەر بولۇپ ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىشى،مەسلەن،باشقا تىللاردىن يېڭى تېخنىكىغا ئائىت سۆزلۈكلەرنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ھەرگىزمۇ بىر تىلنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بوشراق رىئاللاشتۇرۇپ قويمايدۇ.شۇڭلاشقا يەرلىك مىللەت خەلقلىرىنىڭ تىل ۋە ئانا تىل توغىرىسىدىكى چۈشەنچىسى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان2-ئاساس بىلەن پۈتۈنلەي قارمۇ-قارشى.


     (ئەركىن سىدىق ماقالىلىرىدىن ئېلندى)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.