ئەخلاقسىزلىق ئەۋج ئالغان مىللەت ئارقىغا چىكىنىدۇ

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-21 14:51:04

ئەخلاقسىزلىق ئەۋج ئالغان مىللەت ئارقىغا چىكىندۇ. ئەخلاق- ئىنسان ھەرىكىتىنى بەلگىلىك رەۋىشتە چەكلەپ تۇرۇشتىكى مىزان بولۇپ، قائىدە – تۈزۈملەرگە قارىغاندا چەكلىمىلىكى كۈچلۈك ئەمەس ۋە ئىنساننىڭ ...

    ئەخلاقسىزلىق ئەۋج ئالغان مىللەت ئارقىغا چىكىندۇ.

     ئەخلاق- ئىنسان ھەرىكىتىنى بەلگىلىك رەۋىشتە چەكلەپ تۇرۇشتىكى مىزان بولۇپ، قائىدە – تۈزۈملەرگە قارىغاندا چەكلىمىلىكى كۈچلۈك ئەمەس ۋە ئىنساننىڭ ئىرادىسى ئاساسىدا يۈرگۈزۈلىدۇ.
        تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، نۇرغۇن مەشھۇر تارىخى شەخىسلەر ۋە ئۇتۇق قازانغان ئەللەر ھاكىمدارلىرىنىڭ ئەخلاقنى ئۆز ھەرىكىتىگە مۇھىم ئۆلچەم قىلغان ئاساستا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ۋە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى خاتىرلەنگەن. ھازىر ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە ھەر ساھە كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەرقايسى قاتلاملاردا ئاجايىپ ئىقتىدارلىق بىلىملىك شەخىسلەر بىرنىڭ كەينىدىن بىرى يېتىشىپ چىقىپ ئۇيغۇر مىللىتىنى پۈتۈن دۇنياغا تۇنۇتۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، يەنە ئەخلاقنى قايرىپ قويۇپ، يولسىزلىق، ئۆكتەملىك، بۇزۇقچىلىق ۋە ئەخلاقسىزلىق قاتارلىق ئىشلار ۋە بىر قىسىم ياشلارنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە شۇ مۇناسۋەتلەر بىلەن ئۆز ئارا جىدەللىشىۋاتقانلىغىنى، ئوغىرلىق، بۇلاڭچىلىق، قويمىچىلىق، باسقۇنچىلىق، قاتىللىق جىنايەتلەرنىڭ كۆپۈيۈپ كېتىۋاتقانلىغى، شۇ ئەخلاقسىز كىشىلەر تەربىيىسدە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان نارسىدىلەرنىڭ ئەخلاقسىز مۇھىت قۇربانىغا ئايلىنىپ، ئىلىم ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر، ئارىمىزدا خېلى ئاڭلىق، مەدىنيەت سەۋيەسى يۇقۇرى، دۇنيا قارىشى ئېنىق، جەمىيەتكە بولغان چۈشەنچىسى ئايدىڭ دەپ قارىلىدىغان بىر قىسىم زىيالىي كىشىلەرنىڭ: «ھازىر يۈز بېرىۋاتقان يولسىزلىق، ئۆكتەملىك، بۇزۇقچىلىق، ئەخلاقسىزلىقنى بىر – ئىككى ئادەم سۆزلەپ تۈزەپ بولغىلى بولمايدۇ، ئارتۇق ئىشقا ئارلاشماي ھاياتنى قەدىرلىشىمىز كېرەك» دەيدىغان، جەمىيەتتىكى بىلىملىك كىشىلىك مەسئۇليىتىنى ئادا قىلمايدىغان، شەخسىيەتچى، ئېتى ئۇلۇق سۇپۇرۇسى قۇرۇق ساقتا زىيالىيلىرىمىزنىڭ كۆپ بولۇشى؛ شۇنداقلا ھازىرقى ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى دېھقانلار بولغان ھالەتتىكى ۋە بۇ دېھقانلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ئوموملۇق جەھەتتىن دېھقانلارنىڭ نەزىرىدە كۆپ ئوقۇغان، بىلىملىك، ئىقتىدارلىق، جەمىيەتنى چۈشىنىدىغان دەپ تەرىپلىنىدىغان دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ بىر قىسمى، بوش ۋاقىتلىرىدا يۇقۇرى ئىستىمال، مودا قوغلۇشۇش، ۋاقتىنى تۈرلۈك چاي ئولتۇرش، زىياپەتلەردە ئىچىش – چىكىش، ۋە تورخانىلاردا قۇرۇق پاراڭ سېلىشىپ ياكى يۇقۇرى تېخنىكىدا ئىشلەنگەن، كومپىيوتىر ساۋاتلىقلىرى ئوينىيالايدىغان ئېلىكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇقلارغا ھېرىسمەن بولۇپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ، روھى ۋە مەنىۋىيىتىدىكى قۇپ – قۇرۇقلۇقنى تاشقى پار – پۇر سالاپەتلىرى بىلەن پەدازلاپ، ئۆزىلىرىمۇ بىلمىگەن ھالدا بۇ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ بۇ ئاخىرى چىقماس ھەشەمەتچىلىكلەرگە قىزىقتۇرۇشى ئارقىسىدا، بۇ دۆلەت مەمۇرلىرىغا ھەۋەس قىلىدىغان، شۇنداقلا بىلىپ بىلمەيلا بۇلارنى دوراپ ئىش كۆرۈپ ئۆزلىرىنى، ۋەزىيەت تەرەقىياتنى چۈشىنىدىغان، قولىدىن ئىش كېلىدىغان قاتاردا تۇرۇۋاتقاندەك، يۇقۇرى تەبىقە كىشىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغاندەك، ساقتا قىياپەتلەر بىلەن پەدازلايدىغانلارنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىشى، ئەسلىدىنلا ئىقتىسادى ئاساسى ئاجىز ئۇيغۇر جەمىيتىدە، تاپقىنىنى بۇ ھەشەمەتچىلىككە يېتىشتۈرەلمەي يا بۇ ھەشەمەتچىلىكتىن مىھرىنى ئۈزەلمەي يۈرۈيدىغانلارنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمىئىيتىمىزگە نىسبەتەن بىر چوڭ سىگىنال.

       ئەگەردە ئەخلاقسىزلىق ۋە جىنايەتلەر مۇشۇ ھالەتتە يامىراپ كېتىۋەرسە كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ تەقدىرى قانداق بولۇپ كېتەر؟ ئۇلار بىزنى نىمە دەپ قاغار؟ بىزدىن قانداق نەپرەتلىنەر؟ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى تۇنۇش ۋە تۈزەش، ئاندىن ئۆزىمىزنى تەربىيەلەش بىلەن پەرزەنلىرىمىزنى تەربىيەلەشكە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئائىلىدە بار بولغان ئەنئەنىۋى ھۈنەر كەسىپلەردىن بازارغا ماس كەلگەندىن تارتىپ دەۋر تەرەقىياتىدا يوقۇلۇش، ئۇنتۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھۈنەر كەسىپ بولغان تەقدىردىمۇ، ھەممىسىنى باللىرىمىزغا تۇلۇق ئۆگىتىپ بولۇپ، ئاندىن باشقا ھۈنەر كەسىپ ئۈگىنىشكە بېرىش؛ پۇرسىتى كەلگەندە بۇ ھۈنەر كەسىپلەرنىڭ ئىقتىسدى ئۈنۈم يارىتىشىغا ئاساس سېلىپ، ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ پۇل تاپالايدىغان، تاپقان پۇلنى ئەھمىيەتلىك ھەم ئۆز ئورنىغا خەجلىيەلەيدىغان؛ مەبلەغ سالالايدىغان؛ پۇلغا باغلىنىپ قالىدىغان، پۇلغا خىزمەت قىلىدىغان بولماستىن، پۇلنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدىغان، زۆرۈر تېپىلغاندا قانۇندىن ئىبارەت قۇدرەتلىك قورالدىن پايدىلنالايدىغان؛ زامانىۋى ئاڭغا ئىگە بىر ئەۋلات كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقساق، ھېچ بولمىغاندىمۇ ئۆز ئائىلىسىنىڭ تارىخنى، ئۆزى بىلگەن ئەجداتلىرىنىڭ ياخشى ئىش ئىزلىرىنى، ئۆزى ياشاپ ئۆتكەن مەھەللە يېزا- قىشلاقلارنىڭ ئالاھىدىلىگىنى ۋە تارىخىي مەسىلىلەرنى سۆزلەپ، مەنىۋىيتىنى خۇراپاتلىقتىن ئەمەس بەلكى ئىلمىي، ئېنىق، چۈشىنىشلىك، ئىبرەتلىك چۈشەندۈرۈپ بەرسە؛ ھەم شۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا. ھەر بىر ئائىلە ئۆز ئائىلىمىزگە مەسئول بولۇپ ئۆز قولىمىزدا ئىجرا قىلالايدىغان ئىجابى بولغان ئائىلە ئەخلاقى، جەمەت يوسۇنى قاتارلىق ئىمتىيازلىرىمىزدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ، ھەر كىم ئۆز ئائىلىسىنى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنى ئەخلاقلىق، قائىدە – يوسۇنلۇق، ئىقتىدارلىق، راستچىل، قانۇن ۋە ئەخلاققا ئۇيغۇن ئىقتىسادى ئىگىلىك تىكلىگەن ئائىلە قىلىپ قۇرۇپ چىقساق؛ شۇنداقلا بالىلار خالىغان ۋاقتىدا ئۆز ئوي پىكىرلىرىنى ئاتا – ئانىسىغا ئېيتىپ سىردىشالايدىغان، ھېچ بولمىغاندا ئائىلە ئەزالىرىنى باشقىلارغا ئىشەنچلىك تۇيغۇ بېرىدىغان قىلىپ تەربىيلىسەك؛ نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەردە مۇشۇنداق ئومومى ساغلام كەيپىيات شەكىللەنسە؛ ھازىرقى مەنىۋى بۇلغۇنۇشلار يوقۇلۇپ، گۈزەل كەلگۈسى يارىتىلىپ، خاتىرجەم كەيپىيات شەكىللىنىشى مۇمكىن. بىزدە ئائىلە، مەكتەپ، جەمىيەتنى بىر گەۋدە قىلغان ئەخلاق تەربىيىسى چىڭ تۇتۇلىدىكەن ئەخلاقسىزلىق يوقۇلۇپ جىنايى ھەركەتلەر ئازلاپ جەمئىيىتىمىز گۈزەللىككە قەدەم قويۇشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.