بالىلارغا سەل قارىماسلىق كېرەك

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-08 19:30:41

بالىلارغا سەل قارىماسلىق كېرەك ئەنۋەر ئۆمەر ياش بىر ئانا شەھەر كوچىسىدا بەش ياشلىق بالىسىنى يېتىلەپ كېتىپ باراتتى. بالا يول بويىدىكى دۇكانلاردا سېتىلىۋاتقان ھەرخىل نەرسىلەرنى كۆرۈپ، ھېلى ئۇ...

    بالىلارغا سەل قارىماسلىق كېرەك
    ئەنۋەر ئۆمەر

          ياش بىر ئانا شەھەر كوچىسىدا بەش ياشلىق بالىسىنى يېتىلەپ كېتىپ باراتتى. بالا يول بويىدىكى دۇكانلاردا سېتىلىۋاتقان ھەرخىل نەرسىلەرنى كۆرۈپ، ھېلى ئۇنى، ھېلى بۇنى ئېلىپ بېرىسەن دەپ خەقىش قىلغىلى تۇردى. بالىسىنىڭ خەقىش قىلىۋېرىشىگە چىدىمىغان ئانا، بالىسى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان يېمەكلىكلەرنى بىرىنى پاكىز ئەمەس، دېسە، بىرىنى بالىلار يېسە بولمايدۇ دەپ، بالىنى گول قىلىپ يولىنى داۋام قىلدى.
       ئۇلار ئۆيگە كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە مېھمان كېلىپ قالدى. ئانا مېھمانلارغا داستىخان سېلىپ مېھمانلارنى داستىخانغا تىزىلغان ھەرخىل گېزەكلەردىن ئالغاچ ئولتۇرۇشقا دەۋەت قىلدى. شۇ ۋاقىتتا داستىخانغا تىزىلغان بىر قىسىم يېمەكلىكلەرنىڭ بايا ئانىسى ئۆزىگە يېگىلى بولمايدۇ دەپ كۆرسەتكەن نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى بىلگەن بالا ئالدىراپ داستىخانغا كىرىپ، گېزەكلەرنى ئەمدى ئاغزىغا سېلىشقا باشلىغان مېھمانلارغا ئۇ نەرسىلەرنى يېمەسلىك توغرۇلۇق سۆز قىلدى. بۇ سۆزلەردىن مەڭدەپ قالغان مېھمانلار تەڭلا بالىنىڭ ئانىسىغا قارىدى. بۇ ئەھۋالدىن خىجىل بولغان ياش ئانا بالىسىنى جىملەپ، مېھمانلارغا چۈشەنچە بېرىشكە مەجبۇر بولدى. ئانىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغان بالا نارازى بولۇپ، نېمە ئۈچۈن بايا يول ئۈستىدە ئۇ نەرسىلەرنى ياخشى ئەمەس دەپ ئۆزىگە چۈشەندۈرگەنلىكىنى سورىدى. بالىنىڭ سوئالىدىن مېھمانلارنىڭ ئالدىدا تولىمۇ خىجىل بولغان ئانا بالىسىنىڭ ئالدىدا تولىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.
      ئاتا-ئانىلار بالىلارنى كىچىك چاغلىماسلىق كېرەك. چوڭلار بالىلارنى گۆدەك چاغلاپ پوزىتسىيىگە دىققەت قىلمىساق، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئوسال ھالغا چۈشۈپلا قالماي، مۇھىمى ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىمىزغا تەسىر يېتىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەنۋەر ئۆمەر