ئېينىشتىيىننى ئىزدەش

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-05 22:59:32

ھازىر ئېينىشتىيىن دىگەن بۇ نام ئىلىم- پەننىڭ، جۈملىدىن فىزىكىنىڭ سىموۋولىغا ئايلىنىپ قالدى. ئېيىنىشتىيىن بىر ئادەمنىلا كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى ئۇ شەخىس گەۋدىسى، يۈكسەك نىرۋا ...


    ئېينىشتىيىننى ئىزدەش

        ھازىر ئېينىشتىيىن دىگەن بۇ نام ئىلىم- پەننىڭ، جۈملىدىن فىزىكىنىڭ سىموۋولىغا ئايلىنىپ قالدى. ئېيىنىشتىيىن بىر ئادەمنىلا كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى ئۇ شەخىس گەۋدىسى، يۈكسەك نىرۋا پائالىيىتى، ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرىدىغان ھازىر، شۇنداقلا تەڭرى بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت…كە ئوخشاش بىر تۇتاش تەپەككۈرنىڭ خوجايىنلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئېينىشتىيىن ھەم جانلىق ھەم جانسىز، ئۇ ھەم ئادەم ھەم بىر خىل ئۇقۇم. ئۇ ھەم ئۆتمۈشكە ھەم كەلگۈسىگە مەنسۇپ. سىزمۇ ئېينىشتىيىن، مەنمۇ ئېينىشتىيىن. بىز ھازىر ئېينىشتىيىن بىلمىگەن بەزى نەرسىلەرنى بىلىمىز، بۇ جەھەتتە ئۇ بەك بەخىتسىزمۇ قانداق؟ئېينىشتىيىن دىگەن بۇ ئۇقۇم بىزگە يەنىلا مۇكەممەلسىزلىكنىڭ بەزى پەرىشان تەرەپلىرىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرماقتا. ئېينىشتىيىن دۇنيادىكى ئۇلۇغ پەيلاسوپ. ئەمما تارىخى ئۇنى ھەرگىزمۇ مۇكەممەل دەپ قارىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ياشىغىنى مۇكەممەل بىر ھايات. ئۇ بالىلىق، ئۆي-ئوچاقلىق بولدى. تۇرمۇشىنى مىليونلىغان كىشىلەر قاتارىدا ئاددي-ساددا ئۆتكۈزدى. تەبىئەت سىرلىرى نىسپىيىلىك نەزىرىيىسى تەرپىدىن ئېچىلغان بولسىمۇ ئۇ يەنىلا بىزگە مۇكەممەللىك تۇيغۇسى بىرەلمەيدۇ. بىز يەنىلا ئالەمدىكى كىچىك بىر نوختىدا. بىز يەنىلا تېخى فوتۇن راكىتاسىغا ئولتۇرالمىدۇق. تەبىئەتتىكى ئاساسى كۈچلەرنى بىرگە يىغىنچاقلىيالمىدۇق. شەيئىنى تەشكىل قىلغۇچى بىردىنبىر ماددىنى تاپالمىدۇق. قىسقىسى بىز تېخى يەنىلا مۇكەممەللىك تۇيغۇسىغا قانالمىدۇق. بارلىق خام-خىيالغا بىرىلگەن كىشىلەرگە ئوخشاشلا ، بىز يەنىلا بۇ ئۈمۈدنى كەلگۈسىگە، ئەتىنىڭ ئېينىشتىيىنلىرىغا باغلايمىز. ئارىستوتىل يىگانە شەخىس ئىدى، ئىساك نىيوتونمۇ ئۆزىدىن ھالقىغان ئىدى، كىيىن ئېينىشتىيىن چىقتى، ئەمدى فىزىكا كىمنى بۇنداق ئىسىل مەرتۋىگە ئىگە قىلار!1

    رەسىمدىكى ئېينىشتىيىن

    2. تۇرمۇشتىكى ئېينىشتىيىن
    تۇغۇلغان ۋاقتى: 1879-يىلى3-ئاينىڭ14-كۈنى. گىرمانىيە ئولىم. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى لەقىمى:مۆمىن. . بىر نەچچە قېتىم ئالي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن. ئىلىم ئەركىنلىكى ۋە ساپ بولغان سىياسى ھاۋا ئىزدەپ 1896-يىلى1-ئاينىڭ28-كۈنى دۆلەت تەۋەلىكىدىن چىقىپ كەتكەن. ئالاھىدىلىكى:5ياشتا ساۋادى چىققان. ئۇنىڭ ئادەت خارەكتىرلىك ئۇنۋىرسال كىسىلى:ئاچقۇچنى ئۇنتۇپ قېلىش. تۇنجى خوتۇن ئالغان ۋاختى:1903-يىلى. نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن چاغ 1921-يىل. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئەخمەقلىق قىلغان ۋاقىتى:1952-يىلى. ئەينى يىلى يەھۇدىلارئۇنى ئىسرائىليە زۇڭتۇڭى بولۇشنى تەلەپ قىلىشقان ئىدى.

    3. ئېينىشتىيىن ۋە ئەدەبىيات
    ئېينىشتىيىن كىچىكىدىن قۇيۇق بولغان ئەدەبىي مۇھىت ئىچىدە چوڭ بولغان. ئانىسى بولسا ساپالىق ئەدەبىياتچى ئىدى. تۇنجى ئەسىرى ئۆيىدىكىللىرىنىڭ چوشقا گۆشى يىيشنى قارغاپ يازغان ۋە خۇدانى مەدىھلەيدىغان قىسقا شىئىرلاردىن ئىبارەت. ئۇ گېتى ۋە شىللىرنىڭ شىئىرلىرىغا مەستانە ئىدى. رومىن روللان، تاگور، رۇسسىل قاتارلىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن دۇنياۋى ئەدىبلەر بىلەن ئاغىنىدارچىلىقى بار ئىدى.
    ئېينىشتىيىننىڭ رومىن روللانغا يازغان خېتىدىن ئارىيە: ”بىزنىڭ ياۋۇرپادا 300 يىللىق ئىزدىنىش ھازىر دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئورنىغا مىللەتچىلىك ئەسەبىيلىكىنى دەسسەتتى. كىيىنكى ئەۋلادلار بىزنىڭ ياۋۇرپاغا تەشەككۈر بىلدۈرەرمۇ؟ نۇرغۇن مەملىكەت ئالىملىرىنڭ ھەركىتىدىن ، گويا ئۇلارنىڭ كاللىسى ئېلىۋېتىلگەندەك بىلىنىدۇ…ئەگەر سىز مىنىڭ ئازغىنە كۈچۈمنى كىرەك بولۇپ قالار دەپ قارىسىڭىز، ئۇنىڭدىن خالىغانچە پايدىلىنىڭ. “
    ـــ ئالبىرت ئېينىشتىيىن. 1915-يىل3-ئاينىڭ22-كۈنى.

    … بىز ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىنى ئاياغلاشتۇرامدۇق ياكى ئىنسانلار ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرامدۇ؟
    ـــ رۇسسىل-ئېينىشتىيىن خىتاپنامىسىدىن.

    ئېينىشتىيىننىڭ بىر پارچە ھەجۋى شىئىرى:
    ئىزلىگىنىڭلار قەترىچە ھەقىقەتمۇ، گۇمانلانسا ناۋادا قايسى باتۇر،
    تەرلەپ پىشىپ، جاپا چىكىپ ئاھ ئۇرۇپ . تىگەر كالتەك بېشىغا مۇكاپات بولۇپ.
    كىلۇر پىرقە پەرمانىدىن ھەقىقەت، قۇلاق سالسۇن بۇ ئەخمەقلەر گىپىمگە،
    يۈرمەڭلار ئەخمەق بولۇپ باش قاتۇرۇپ. ياخشى چارە گەپ ئاڭلاشتۇر جىم تۇرۇپ.
    بۇ شىئىر 1953-يىلى يېزىلغان.

    4. ئېينىشتىيىن ھەققىدە ياخشى- يامان باھالار
    نىسپىيلىك نەزىريىسى ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇۋاپىقىيەتلەرنىڭ بىرى.
    ـــــ تومسۇن. نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچى.
    كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىرىيىسى بەلكىم ئىنسانلار ياراتقان ئەڭ ئۇلۇغ ئىلمىي كەشپىياتتۇر.
    ــــ دىراك. نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچى.

    كىمنى دەيمىز ماتىماتىكىدا بەكمۇ قالتىس دەپ؟
    كىم سۆيىدۇ دىففېرسىنئال –ئېنتىگرالنى بەك؟
    كىم ئىچمەيدۇ ھاراقنى، سۇ ئىچىدۇ دائىم؟
    يوق باشقىسى ئۇستازىمىز ئېينىشتىيىندەك.
    ئۇستازىمىز تەرك ئەتكەن تاماشايۇ-سەيلىنى،
    ئۇستازىمىز ھەممىدىن قەدىرلەيدۇ ۋاقىتنى.
    ئېينىشتىيىن ئۇستامنىڭ قىسقارتىشقا چېچىنى،
    تەكلىپ-تەلەپ قىلىمىز ئاسماندىكى خۇدانى!


    ـــــ پىرىنسىتۇن ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى.

     بازارغا «ئېينىشتىيىن »ماركىلىق سىگار، «نىسپىيلىك نەزىريىسى» ماركىلىق تاماكا چىقتى. بىر ئامىرىكىلىق «تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسى» نىڭ قول يازمىسىنى 6 مىليۇن دوللارغا سېتىۋالدى. ئېينىشتىيىننىڭ ئۇلۇغ نەزىريىسىنى پەقەت ئىككىلا كىشى چۈشىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ئۈلۈپ كەتكەن، يەنە بىرى بولسا ئېينىشتىيىننىڭ ئۆزى شۇ بولۇپ، ئۇ قېرىغانلىقتىن ئۆزى كەشىپ قىلغان نەزىريىسىنى ئۇنتۇپ قالغان“ .
    يوقارقىسى بولسا نىسپىيلىك نەزىريىسىگە قارشى شىركەت ئېلان قىلغان نۇتۇقتىن پارچە. 1920-يىلى بىرلىندا نىسپىيلىك نەزىريىسىگە ئۇچۇق سوت ئېچىش باشلاندى. يەھۇدىلارغا قارشى ئارىئان ئالىملىرىدىن نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچى(1905-يىلى) لېنارد قاتارلىق نىسپىيلىك نەزىريىسىگە ، ئىنىقىنى ئېيتقاندا ئېينىشتىيىنغا قارشى شىركەت ئەزالىرىدىن 100 كىشىنىڭ ماقالىلەر توپلىمى ئېلان قىلندى. ئېينىشتىيىن ئۇلارغا مۇنداق جاۋاپ بەردى:
    100 نۆلنى قوشسا يەنىلا 0 گە تەڭ. ئەگەر مىنىڭ نەزىرىيەم خاتا بولسا، بىر پىراففىسور چىقىپ ئىسپاتلىسىلا بولىدۇ، 100 كىشى ئوتتۇرىغا چىقىشنىڭ نىمە ھاجىتى بولسۇن؟

    5. نىسپىيلىك نەزىريىسى دىگەن نىمە؟
    چىرايلىق بىر قىزنىڭ قېشىغا بېرىپ ئىككى سائەت ئولتۇرسىڭىز بىر مىنۇت ئۆتكەندەك ھىس قىلىسىز، ئەگەر مەشكە يۆلىنىپ بىر مىنۇت ئولتۇرسىڭىز ئىككى سائەت ئۆتكەندەك ھىس قىلىسىز. نىسپىيلىك نەزىرىيىسى دىگەن ئەنە شۇ.

    6. ئېينىشتىيىننىڭ مەشھۇر سۆز- جۈملىلىرىدىن ئارىيە.
    ئوقۇش پۈتتۈرۈشنىڭ ئۆزى ئىشسىزلىق.
    نىسپيلىك نەزىرىيەمدە ماكاننىڭ ھەر بىر نوختىسىغا بىردىن سائەت قويغان ئىدىم. لېكىن تۇرمۇشتا يانچۇقۇمغا بىرەر سائەت سېلىشقىمۇ قادىر بولالمىدىم.
    پەقەت يۇلىنىلا باركى، چوڭ مېڭىسى يوق. (ئېينىشتىيىننىڭ قارغىشى)
    سىياسى بولسا ۋاقىتلىق، تەڭلىمە بولسا مەڭگۈلۈك.
    خۇدانى بىلمەك تەس، ئەمما ئۇنىڭغا يامان نىيەتتە بولماسلىق كىرەك.
    فىزىكا ئالىملىرىغا قارىغاندا، مەندە پەيلاسوپلارنىڭ پۇرىقى كۆپرەك چىقىپ تۇرىدۇ.
    خۇدا شىشىخال تاشلىمايدۇ.
    ماڭغىلى بولمايدىغان بىر يولنى تاپقانلىقنىڭ ئۆزى ئىلىم- پەنگە قوشولغان بىر چوڭ تۆھپە.
    ماڭا نىسپەتەن ئېيتقاندا ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى، باشقىلار ئۈچۈن ئويلاش، باشقىلار غەم قىلسا غەم قىلىش، باشقىلار خوشال بولسا خوشال بولۇشتىن ئىبارەت.
    ئەسكەر ۋە قورال-ياراق بولمىسا تىنچلىق بولىدۇ.
    نىيوتۇن، مېنى كەچۈرۈڭ!

    7. ئۇ دۇنيادىكى ئېينىشتىيىن نىمە قىلىۋاتقاندۇ؟
    ئاق چاچلىق بۇ بوۋاي 1955-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى 76 يېشىدا ھاياتلىق بىلەن ۋىدالاشتى. بۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلىيە دۆلىتى ئاللىبۇرۇن قۇرۇلۇپ بولغان ئىدى. شۇندىن كىيىن مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىلار ئۆچەكەشكەن دەۋىر باشلاندى. ئوتتۇرا شەرىقتە بىر قانچە قېتىم زور ئۇرۇشلار بولدى. يەھۇدىلار ئەرەبلەرگە سىنارەدلەر ئېتىشتى. ئىرۇسالىم قانغا بۇيالدى. ئۇرۇش توختىغىنى يوق. ئېينىشتىيىن گۆر ئىچىدە يېتىپ ئەۋلادلىرىدىن پەخىرلىنىۋاتقانمىدۇ؟ئۇ، مەن ياراتقان يادرو بومبىسىنى ئەۋلادلىرىم تەرەققى قىلدۇرۇپتۇ، شۇنداقلا ئۇنى دۈشمەنلەرگە قانداق ئىشلىتىشنى بىلىۋاپتۇ دەپ قاقاقلاپ كۈلىۋاتقانمىدۇ؟ تۇلىمۇ ئەپسۇس، ئېينىشتىيىن ئۇنداق ئادەم ئەمەس ئىدى. ئۇ تىنىچلىقنى سۆيەتتى. قان تۈكۈشنى يامان كۈرەتتى. ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ھەر قانداق ئىشنى ئاڭلىسا كۆڭلى بۇزۇلۇپ قەلبى يىغلايتتى. گۆر ئىچىدىكى ئېينىشتىيىن چوقۇم ئازابلاندى. يۈرىكى مۇجۇلدى. ئۇ چوقۇم يۈز بەرگەن بۇ ئىشلاردىن سەسكىندى.

    8. ئۇنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغان ئارزۇسى
    سىلەرنىڭ بىر تۇتاش مەيدان نەزىريىسىنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشقا ئىشەنمەيدىغانلىقىڭلارنى ئۇقىمەن. بىر تۇتاش مەيدان نەزىريىسىنىڭ مېنىڭ قولۇمدا ئۇرۇنلىنىشىغا ھەتتا ئۆزەممۇ ئانچە ئىشەنمەيمەن. ئېلىكتىر ماگىنىت مەيدانى بىلەن تارتىشش كۈچى مەيدانىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندە، ماددىنىڭ تۈزۈلىشىنى بىر تۇتاش چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ نىمە ئۈچۈن ئەھمىيىتى بولمىسۇن؟ئېينىشتىيىن زامانداش فىزىكا ئالىملىرىغا شۇنداق ئېيتقان. زامانداشلىرى ئۇنى قېرىغانسىرى خىيالغا بىرىلىپ كەتتى دەپ مەسخىرە قىلغان ئىدى. ئۇزاق ئۆتمەي، 70-يىللارغا كەلگەندە، پاكىستانلىق ئابدۇسالام قاتارلىقلار ئېينىشتىيىن تاماملىيالمىغان ئىشتىن چوڭ نەتىجىلەرنى ياراتتى. ئەمىليەتتە بۇ ھەقىقەتەن ئەھمىيىتى بار بىر ئىشكەن. ئېينىشتىيىن بۇنى بىلسە چوقۇم خوشال بولاتتى. چۈنكى ئۇ مۇشۇ ئىش ئۈچۈن20 نەچچە يىل سەرىپ قىلغان ئىدى. ئېينىشتىيىن مەغلۇپ بولغان بىر ئىشنى بىر مۇسۇلمان ئالىم مۇۋاپىقىيەتلىك ئۇرۇندىدى. ئەمەليەتتە بۇنىڭ ھېچقانداق ھەيران قالىدىغان يىرى يوق. دۇنيا ئالىملىرى ئۆز- ئارا قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرلىدى. مىللەت ئۇقۇمىمۇ، دۆلەت ئۇقۇمىمۇ فىزىكىنىڭ بۇ مۇنبەت تۇپرىقىدا غايىپ بولدى.

    9. شەرىقنىڭ ئېينىشتىيىنى
    مەن نىمە ئۈچۈن ئىلىم ئىجاد قىلىش ئىشلىرىنى ناھايىتى قىزغىن تەشەببۇس قىلىمەن. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىزدە ئاللا ئاتا قىلغان كۈچلۈك ئىلىم ئېلىش ئارزۇسى بۇلۇشتىن تاشقىرى، بۈگۈنكى شارائىتتا بىلىم- كۈچ، ئەمەلي پەن- ماددي ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرىدىغان ئاساسلىق ۋاستە بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر سەۋەپ شۇكى، بىز خەلىقئارادا ئىجتىمائىيەتنىڭ ئەزاسى بولساقمۇ، باشقىلار بىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ. بىز بىلىمنى ئىجاد قىلغان كىشىلەرنىڭ ئەيىپلىشى ۋە مەسخىرىسىگە ئۇچراۋاتىمىز.


    ــــ مۇھەممەد ئابدۇسالام

    مۇھەممەد ئابدۇسالام ABDUS SALAM 1926-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى پاكىستاننىڭ شەرقىدىكى پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ لاھور شەھرى يېنىدىكى جاڭگى بازىرىدا تۇغۇلغان. كىچىكىدىن مۇستەھكەم ئىسلام ئىتىقادى ۋە دىنىي كەيپىيات ئىچىدە چوڭ بولغان. تىرىشچانلىقى قولغا كەلتۈرگەن پۇرسەت بىلەن 1946-يىلى كىمبىرىج ئۇنۋىرسىتىغا كىرىپ ماتىماتىكا ئۈگەنگەن. 1952- يىلى كىمبىرىجنىڭ نەزەرىيە فىزىكا جەھەتتىكى پەلسەپە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. 1964 -يىلى ICTP تىرىيىست خەلىقئارا نەزەرىيە فىزىكا مەركىزىنى قۇرغان ۋە رەئىس بولغان. 1967-يىلى نىيترال ئېقىم ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلغان. 1971-يىلى ب د ت نىڭ ئىلىم- پەن مەسلىھەت ھەيئىتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1968 – يىلى ئاتۇم ئىنىرگىيىسىنى تىنىچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. 1979- يىلى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. ئابدۇسالامنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ئاساسلىقى تەبىئى كۈچلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشىدا كۈرۈلىدۇ. تەبىئى كۈچلەرنى تەتقىق قىلىشتا ئۇ سان-ساناقسىز قىيىن ئۆتكەللەردىن بۈسۈپ ئۆتتى، ئەينى ۋاقىتتا ئېينىشتىيىن 20 نەچچە يىل تەتقىق قىلىپمۇ يىتەلمىگەن نىشانغا يەتتى. نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچى، پىرافىسور دىڭ جاۋجۇڭ مۇنداق دەيدۇ: قەدىمقى گىرىتسىيە ۋە جۇڭگو پەيلاسوپلىرىدىن تاكى ھازىرقى زامان ئالىملىرىدىن ئېينىشتىيىن ۋە ماكسىۋىللارغىچە بىردەك، بارلىق تەبىئى كۈچلەرنىڭ بىرلىككە كەلتۈرلۈشنى كۈرۈشنى ئارزۇ قىلغان ئىدى. ئىلىم- پەن ساھاسىدىكىلەر ئابدۇسالامنىڭ بۇ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا چوڭ قەدەم تاشلاپ ئىلگىرلىگەنلىكىنى ئىتراپ قىلىشتى. ئاجىز ئىلىكتىرنىڭ بىر پۈتۈنلۈك نەزىريىسىنىڭ ئەھمىيىتى ئەينى ۋاقىتتىكى فارادى، ماكسىۋىللارنىڭ ئىلىكتىر ماگىنىتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش نەزىريىسىدىن تۈۋەن تۇرمايدۇ. ئېينىشتىيىن بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئويلىغان بۈيۈك بىرلىك نەزەرىيىسى بولسا: تارتىشش كۈچى، ئىلىكتىر-ماگىنىت كۈچى، ئاجىز كۈچ، كۈچلۈك كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مەسىلىسىنى ئىنىق قىلشتىن ئىبارەت. مىكرو دۇنيادىن ماكرو دۇنياغا قەدەر بارلىق شەيئى ۋە شەيئى ھەركىتى، قىسقىسى فىزىكا دىگەن بۇ ئىلىم پۈتۈنلەي مۇشۇ تەبىئى كۈچلەرنىڭ رولى ئارقىلىق مەۋجۇد بولىدۇ. ئابدۇسالام قاتارلىقلار ئىلىكتىر-ماگىنىت كۈچى بىلەن ئاجىز كۈچنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر خىل كۈچنىڭ ئوخشىمىغان تەسىرى ئىكەنلىكنى بايقىدى. تەبىئەت دۇنياسىدىكى 4 ئاساسى كۈچ 3 كە يىغىنچاقلاندى. شۈبىھىسىزكى بۇ ئۇلۇغ ئالىم شەرىقنىڭ ئېينىشتىيىن بولۇشقا لايىق.

    10. تىرىك ئېينىشتىيىن سىتىفىن خاۋكىڭ


    سىتىفىن خاۋكىڭ 1942-يىلى 1- ئاينىڭ 8- كۈنى ئەنگىلىيەدە تۇغۇلغان. ئۇ مېيىپ شۇنداقلا باتۇر ئالىم. خاۋكىڭنىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسىگە ۋە زامانىمىز ئالەمشۇناسلىق ئىلمىگە قوشقان تۆھپىسى ئۇنى زامانىمىزنىڭ «تىرىك ئېينىشتىيىن» لىق مەرتۋىسىگە ئىگە قىلدى. 1978- يىلى ئۇ شەرەپ بىلەن «ئېينىشتىيىن مۇكاپاتى» غا ئىرىشتى. خاۋكىڭ بىلەن پىنرۇس بىرلىكتە بايقىغان كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسىنىڭ ئاجايىپ نوختا تىئورمىسى بولسا، چوڭ پارتلاشنىڭ قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئېينىشتىيىن بەرپا قىلغان نەزىريىۋى ئالەمشۇناسلىقىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سۈردى. ئارقىدىنلا خاۋكىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسى بىلەن كىۋانىت مىخانىكىسىنى مۇۋاپىقىيەتلىك بىرلەشتۈرۈپ، قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ پارلىنىش مىخانىزىمىنى ئېچىپ بەردى . ئۇنىڭ بوشلۇق ئۆلچىمى ئېينىشتىيىن ئىجاد قىلغان 4 ئۆلچەمدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتتى. خاۋكىڭ ئېينىشتىين باشلاپ بەرگەن ئالەمشۇناسلىق نەزىريىسىنى تەرەققى قىلدۇردى. شۈبىھىسىزكى ئۇ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسىدىن ئىبارەت ماكان ۋە زامانغا ئائىت بۇ ھەل قىلغۇچ نەزىريىنى، پىلانىكلار باشلاپ بەرگەن كىۋانىت مىخانىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مىكرو دۇنيا بىلەن ماكرو دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىر تۇتاش تەپەككۈر قىلىشىمىزغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بەردى. ئۇ بولسا ماكرو ساھەدىن، ئابدۇسالام بولسا مىكرو ساھەدىن ئېينىشتىيىنغا ۋارىسلىق قىلدى. شۈبىھىسىزكى قاراڭغۇ ئۆڭكۈر ھەققىدىكى بارلىق ھىكايىلەردە ئۇ ھەر قاچان باش قەھرىمانلىق رول ئوينىدى. ئۇمۇ ئابدۇسالامغا ئوخشاشلا ئېينىشتىيىن قىلىشغا ئۈلگۈرمىگەن بەزى ئىشلارنى قىلدى. كىشىلەر ئۇنى تىرك ئېينىشتىيىن دەپ ئاتاشتى. پەقەت مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭغا بىرىلگەن ئەڭ چوڭ مۇكاپات بولسا كىرەك. كۆپچىلىك ئۇ ياراتقان نەزەرىيەلەرگە ئائىت بىلىملەرنى «ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتاپتىن كۈرۈۋالسا بولىدۇ. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى ھەتتا«زاماندىن ھالقىغان خاۋكىڭ» دىگەن نامدا مەخسۇس كىتاپچىمۇ نەشىر قىلدى. كىشىنى ھەقىقى ھاياجانلاندۇرالايدىغىنى بولسا يەنىلا« ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى» دۇر.

    . ئېينىشتىين ۋە مەن
    بەزى دوسلىرىم مېنى ئېينىشتىين دەپ ئاتىشىدۇ. مەن خوشال بولىمەن، كىيىن تۇرۇپلا ئۈمۈدسىزلىنىمەن، ئۇلار سىنىپ، كارىدۇر، تەجىربىخانىلارنىڭ تاملىرىدا كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ تۇرغان بۇ ئۇلۇغ ئادەم توغرىسىدا جېق نەرسە بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ يەھۇدى ئىكەنلىكى، ئالىم ئىكەنلىكى، ئۆتمۈشتە قانداقتۇر مۇھىم ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلىدۇ. بەلكىم ئۇنىڭ فىزىكا ئالىمى ئىكەنلىكىنى ئىنىق بىلىدىغانلارمۇ ئانچە كۆپ بولمىسا كىرەك. مىنىڭ ئۇنىڭغا قايسى يىرىم ئوخشايدىغاندۇ، دەپمۇ قالىمەن بەزىدە. مىنىڭ فىزىكىغا قىزىقىدىغانلىقىمنى ئۇلار بىلمەيدۇ. مەن ئەڭ ھەيران قالىدىغان ئىش دەل مۇشۇ. ئىشقىلىپ بىر كۈنى پىشانەمنىڭ كەڭلىكى، چېچىمنىڭ بۈدرىگە يېقىن، پاخپىيىپ تۇرىدىغانلىقىدىن بىر خىل ئوخشاشلىقنى بايقىغاندەكمۇ بولدۇم. كىچىكىمدىن ياخشى ئوقۇغانلار قاتارىغا كىرمەيتتىم. تۇلۇق ئوتتۇرىدا ھەتتا 7 تە پەندىن ئىمتىھان ئالسا بىر ئەدەبىياتتىن ئۆتكەنلىكىم ھېلىھەم يادىمدا. ئۈستەل- ئۇرۇندۇقلارغا پۇتلىرىمنى ئارتىپ گىزىت-ژورنال ۋە ھىكايە كىتاپلارنى ئوقۇش مىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى بىردىنبىر ئارتۇقچىلىقىم بولسا كىرەك. ئالي مەكتەپ ئىمتىھانىدا كۈچۈرۈپ يۈرۈپ ئادەتتىكى بىر ئالي مەكتەپكە قوبول قىلىندىم. نىمىلا بولمىسۇن، تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئۆلكە دەرىجىلىك گىزىت-ژورناللاردا بىر قانچە پارچە ھىكايە ۋە ئەدەبي ماقالەم ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئۆيدىكىلەرنىڭ تەسىرى بىلەن كىتاپقا خۇمار بولۇش مىنىڭ ئېينىشتىين دىگەن بۇ ئادەمنىڭ تەرجىمھالى بىلەن تۇنۇشۇشۇمنىڭ سەۋەبكارى بولدى. شۇ ۋاقىتلاردا «ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى» دىگەن كىتاپ يىڭىدىلا نەشىردىن چىققان ئىدى گېزىت -ژورناللاردا «مۇۋاپىقىيەت قازانغان»دىگەندەك ناملار بىلەن بەزى كىشىلەر ۋە ئىشلار ھەدەپ تۇنۇشتۇرۇلدى. مەنمۇ بۇلىشىچە ھاياجانلىنىپتىمەن. ئەدەبىيات-سەنئەتتىن تەبىئى پەن ۋە تېخنىكا مۇھىم، شۇنداقلا مىللىتىمىز ئۈچۈن ئەڭ زۈرۈرى شۇ دىگەندەك بىر يوشۇرۇن ئاڭ مېنى پۈتۈنلەي ئىسكەنجىگە ئاپتۇ. قىزىقارلىق ئىشلار شۇ ۋاقىتتا يۈز بەرگىلى تۇردى. «ئويغانغان زىمىن»، «ئىز» دىگەندەك بەزى رومانلىرىمنى، فارادى، ئېينىشتىين دىگەندەك كىتاپلارغا تىگىشتىم. قاسىم سىدىق ھەققىدىكى ئوچرېك مېنى خېلىلا ھاياجانلاندۇردى. بۇ غولجىلىق شائىرنىڭ ، ماكاننىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى ماڭا بەك ئۇلۇغ بىلىندى. ھەتتا شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يوقلۇق نەزىريىسىگە ماتىماتىكا نوختىسىدىن توپلام ئانالىزى ئېلىپ بارغانلىقىم يادىمدا. مەيلى شۇ ۋاقىتتىكى بولسۇن، ياكى ھازىرقى بولسۇن، ماتىماتىكا سەۋىيەمىنى ئويلىسام بەكمۇ كۈلگۈم كىلىدۇ. قاسىم سىدىقنىڭ قانداق تەتقىق قىلغانلىقى، ئۈرۈمچىگە بېرىپ مۇناسىۋەتلىك ئادەملەردىن قانداق ياردەم تەلەپ قىلغانلىقى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى. مەن شۇ كىشىنىڭ نەتىجىسىدىن تەڭ بەھرىلىنەي دىگەن ئارماندا، ئۇنى ئىزدەشكە كىرىشتىم. كۆپ كىشى ئۇنىڭ غولجىلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇقوتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ھازىر دەم ئېلىشقا چىققانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. لېكىن تىلىفون نومۇرىنى ئىنىق بىلمەيدىكەن. «ئىلى دەرياسى»ژورنىلىغا، «ئىلى گىزىتى» گە تىلفون قىلىپ، قاسىم سىدىقنىڭ تىلفون نۇمۇرىنى سورىدىم. لېكىن ئېيتىپ بەرگەن نۇمۇر ئۇلانمىدى. ئامال يوق غولجىغا بېرىشنىمۇ ئويلىدىم. مانا بۇ تۇلۇق ھاياجانلىنىشمنىڭ ئۆزى ئىدى. مەن ھازىرمۇ بۇ كىشىنىڭ ئىزدىنىش روھىدىن ئۈگۈنۈش كىرەك دەپ ئويلايمەن. قەشقەردە قەقىنۇس تەخەللۇسلۇق بىر ئادەم بار. ئۇنىڭ يازغان ماقالىلىرى بەكمۇ قىزىقارلىق. ئۇنىڭ ئەدەبي- تارىخى ماقالىلىرىدا، گىئومىتىريىنىڭ بەزى ئىزنالىرى بار. قاسىم سىدىقنى يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر، يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقىنۇسنى شائىر ۋە پەيلاسوپ ئابدىقادىر جالالىدىن ئاكىمىز تۇنۇشتۇرغانغۇ دەيمەن. جېك مەھەللىسىدە، مۇشۇلار ۋە يەنە باشقا بىر قانچە نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلىندى. ئەمەلىيەتتە بۇ سەل قارايدىغان مەسىلە ئەمەسكەن. قۇرۇق ھاياجانلىنىش ئادەمنى خەتەرلىك يولغا باشلايدىكەن. جېكنىڭ ماقالىسىنى ئۇقۇپ ئىچىمنى بىر خىل ئاچچىق كۈلكە قاپلىدى. خوشال بولغان يەرلىرىممۇ، قايغۇرغان يەرلىرىممۇ بار. قاسىم سىدىق بىلەن قەقىنۇس ئەپەندىمنىڭ يازمىللىرىنى پەلسەپە نوختىسىدىن كۈزۈتۈپ باقساقمىكى دەپ ئويلايمەن. كىيىن ئېينىشتىيىن، نىسپىيلىك نەزىريىسى، قاراڭغۇ ئۆڭكۈر… تۇنۇشتۇرۇلغان ماقالە ۋە كىتاپلار مېنى بەكلا مەپتۇن قىلىۋالدى. فىزىكا ئاشىقى بولدۇم. ئالي مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا تارىخ فاكولتىدىن فىزىكا ياكى ماتىماتىكا فاكولتىتىغا ئالمىشىشنى تەلەپ قىلدىم. يازغان بىر قانچە ماقالەم بىلەن فىزىكا فاكولتىتىنىڭ مۇدىرىنى قايىلمۇ قىلدىم. ئۇلارمۇ شۇنداق بولۇشىغا قوشۇلدى. بىراق تارىخ فاكولتىتى مېنى قويۇپ بەرمىدى. بۇنىڭ نىمە ئۈچۈنلىكىنى ھازىرمۇ بىلمەيمەن. ئەمىليەتتىغۇ ئۆزەم ئوقۇغان بۇ فاكولتىت ئۈچۈن 4يىل ئوقۇپ باش ئاغرىقىدىن باشقا ھېچنىمە قىلىپ بىرەلمىدىم. ئۆزەمنى بۇ مەزگىلدە پەن- تېخنىكا تارىخچىسى بولىمەن دەپلا بەزلەپ يۈردۈم. ئەمەلىيەتتە فىزىكا قانۇنلىرى ئىچىگە خېلىلا چۈكۈپ كەتكەن ئىدىم. ھەر دائىم مۆجىزە يۈز بىرىدىغاندەكلا ھىس قىلاتتىم. ئارىدا 2 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، «مىكرودىن ماكروغىچە:ئالەمنىڭ قىسقىچە تارىخى» دىگەن نامدا 8 باپلىق بىر كىتاپچە يازدىم. بۇنىڭ 5 باپى تارىخقا ۋە پەلسەپىگە ئالاقىدار ئىدى. پەقەت 3 باپىلا فىزىكا ۋە ئاستىرونومىيىگە ئائىت كەسپى بىلىملەر ئىدى. ئۆزەمدىن خېلى رازى بولغاندەكمۇ قىلدىم. لېكىن تەبئى پەن بىلىملىرى ئۈگۈنىمەن دەپ سەرىپ قىلغان ۋاختىمدا ھىكايە ۋە رومان دىگەندەك ئەدەبي ئەسەرلەرگە كۈچىگەن بولسام، دوسلىرىم مىنى ئېينىشتىيىن دىمەي، پۇستانى يازغۇچى دەپ ئاتىشار ئىدى. (چاخچاق) راستىنى ئېيتقاندا، ئەدەبي مەشىقنى مەندىن5 يىللار كىيىن باشلىغان بىر قىسىم ياش يازغۇچى-شائىرلارنىڭ كىتاپلىرى نەشىر قىلىندى. بەزىللىرى خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى دىگەندەك مۇكاپاتلارغىمۇ ئىرىشتى. ئۇلارغا ھەسەت قىلىغىنىم يوق. لېكىن بىر نەرسە، ئۇيغۇر قول-ھۈنەرۋەنچىلىكىگە ئائىت بىر قانچە پەن- تېخنىكا ماقالىسىدىن باشقا، فىزىكىغا، مۇنداقچە ئېيتقاندا تەبىئى -پەنگە ئائىت ئەسەر ئىلان قىلدۇرالمىدىم، ئېلان قىلغۇچىلىك سەۋىيەدىمۇ يازالمىدىم. قىسقىسى ھازىر ئىرىشكىنىم كۆپمۇ ياكى يوقاتقىنىممۇ دەپ سورىسام، يەنىلا ئىنىق بىر نىمە دىيەلمەيمەن. چاچلىرىم چۈشتى! (خوتۇن ئېلىشمۇ تەسلىشىدىغان ئوخشايدۇ. ) بۇ ھەرگىزمۇ مېڭەمنى كۆپ ئىشلەتكىنىمدىن دىرەك بەرمەيدۇ. پەقەتلا توغرا يوسوندا ئىشلەتمىگەنلىكتىن، ئارزۇ-خىيالىم بىلەن ئەمەلي نەتىجىنىڭ ماس كەلمىگەنلىكىدىن دىرەك بىرىدۇ. ئاخىرقى ھىساپتا تاتلىق ھاياجاندىن ئاچچىق ھاياجان كۆپ بولۇپ كىتىدۇ. ئېينىشتىيىن يەنىلا تامدا، كىتاپتا. ئۇنىڭ ئاۋازى بارغانسىرى خىرە ئاڭلىنىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ سىماسى يەنىلا بۇرۇنقىدەك. مەن بولسام ئۆزگەردىم. رىئاللىق بىلەن خىيال ئارىسىدا يەنىلا ئۆزەمگە تەسەللى ئىزدەۋاتىمەن.


     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.