جاھالەت پىرلىرى يۇرتىمىزدا ( ئىزچى )

يوللىغۇچى : TarimDadxah يوللىغان ۋاقىت : 2007-08-16 10:05:00

جاھالەت پىرلىرى يۇرتىمىزدا ( ئىزچى )(تارىخىي ئوبزور) ئسلامىيەتتىكى سوپىزمنىڭ ئىلاھىيەت قارىشى ۋە ماھىيىتى توغرىسىدا سوپىزم (تەسەۋۋۇپ) ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى ۋە كائناتنىڭ مەۋجۇد بولۇشىنى يەككە م...

    جاھالەت پىرلىرى يۇرتىمىزدا ( ئىزچى )
    (تارىخىي ئوبزور)

    ئسلامىيەتتىكى سوپىزمنىڭ ئىلاھىيەت قارىشى ۋە ماھىيىتى توغرىسىدا

       سوپىزم (تەسەۋۋۇپ) ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى ۋە كائناتنىڭ مەۋجۇد بولۇشىنى يەككە مەۋجۇدىيەت چۈشەنچىسى بىلەن بايان قىلىدىغان مۇرەككەپ، دىنىي پەلسەپىۋى ئېقىمدىن ئبارەتتۇر... كىيىنكى زامانلار چۈشەنچىسىدىكى ئۆلىمالىرىمىزدىن موللا مۇھەممەد ھۈسەيىن كۇچارى بىلەن موللا توختى خەلپەت قەشقەرىلەرنىڭ ھىجرىيە 1226- يىلى قەشقەردە بىرلىشىپ يىزىپ قالدۇرغان «تەزكىرە پىر ياران» (پىر يارانلار بايانى) دىگەن پارىسچە قول يازمىسىدا بۇ ئېقىمنىڭ كىيىنكى زامان يەشمە تەرىپىنى مۇنداق تەپسىر قىلغان (چۈشەندۈرگەن): «سوپى يارانلار: بۇ ئالەم جۈملىدىن بۇ ئالەمدىكى جەمىكى مەۋجۇدات (جانلىق، جانسىز تەبىئەتنى دىمەكچى ـ ئا) شەك ـ شۈبھىسىز ئاللاھقىلا خاستۇر، ئنسان ئەنە شۇ مەۋجۇداتتىكى تىرىكلىكتىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ يارىتىلىشى بىلەن تىرىكلىك جەريانى پەقەت ئۇلۇغ ئاللاھقا بىرىكىپ كىتىش، ھەمدۇ سانا ئيتىش، مۇتلەق، دائما، شەك ـ شۈبھىسىز قۇلچىلىق قىلىپ تۇرۇش، تەۋبە ـ ئستىغپاردىن خالى بولماسلىق ئۈچۈندۇر... ھەر بىر بەندىنىڭ تەقدىرى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىلكىدىن ھاسىل بولىدۇ. يەنى «ئەتتەقدىرو ۋەل قەلەم» (بەندىنىڭ تەقدىرى، زۇۋۇلىسى ئۆزى يارىلىشتىن بۇرۇن ئاللاھ تەرىپىدىن ئاللىقاچان پىشانىسىگە پۈتۈپ قويۇلغان بولىدۇ، دىمەكچى ـ ئا) دۇر. «ئاللاھتىن بىئزنى (ئاللاھنىڭ دىققىتىسىز) قىل تەۋرىمەيدۇ...» دىگۈچى ماشايىخلار (چوڭ ئشانلار ـ ئا) دۇر..»
       دىمەك، سوپىزم ئېقىمى ـ شەك ـ شۈبھىسىز بىر يۈرۈش خۇداگۇيلۇق نۇقتىئنەزەرلەر ئقىمىدىن ئبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يولغا قويىدىغان ۋە داۋام ئەتكۈزىدىغان ھەرىكەت قىبلىنامىسى: مۇسۇلمانلارنى دائما ئاللاھ تەرەپكە، ئاللاھقا مەنسۇپ ئشلار تەرەپكە تەكەللۇپسىز مايىل قىلىش، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە، ئاللاھ ئاتا قىلغان تەقدىرى ئۆلچەملەرگە بويسۇندۇرۇش، دائما ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدىغان، ئاللاھقا مەنسۇپ بولمىغان مۇھەببەت ۋە ھەرىكەتنى قوزغايدىغان ھەر قانداق ئامىل ۋە ھەۋەسلەردىن خالى، پاك تۇرىدىغان، شەخسىي راھەت، مەنپەئەتنى ئويلىمايدىغان، شەخسىي غەرەزلەردە بولمايدىغان قىلىپ تەربىيىلەش، ئادەتلەندۈرۈشتىن ئبارەتتۇر.
       سوپىزمنىڭ تارىختىكى ئجادچىلىرىدىن بىرى ― مىلادى 12- ئەسىردە ياشىغان بەلخلىق مەشھۇر سوپى خوجا ئەھمەد يەسەۋىنىڭ «... دۇنيانىڭ نازۇ نىمەتلىرىنى ئىزدىگەن سوپى ئەمەس، ئۆز ھاياتىنى بەختسىزلىك ۋە غۇربەتتە تائەت ـ ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشى ھەقىقىي سوپىدۇر...» دىگەن تەلىمىمۇ بۇ پىكرىمىزنىڭ تارىخىي مىسالىدۇر.
       بۇ مەزھەپنىڭ تۈپ ماھىيىتى توغرىسىدا تارىخشۇناس ئى. ئا. كىرىۋىلوۋ «دىن تارىخى» دىگەن كىتابىدا توختىلىپ مۇنداق يازغان: «بۇ سىستىما شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن تەشكىللەنگەنكى، ئۇنىڭدا بىرلا مەقسەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ، يەنى مىڭلىغان، يۈز مىڭلىغان قارىسىغا ئىشىنىدىغانلار ۋە چوقۇنىدىغانلارنى تەربىيىلەش ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرى تىۋىنغان ئىمامغا ھەم ئۇنىڭ قەۋملىرىدىن بولغان تەرغىباتچىلىرىغا ھىچقانداق شەرتسىز ئىتائەت قىلىدىغان قىلىپ ئادەتلەندۈرۈش. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلارغا ئىتىقاد قىلغۇچى ئامما بىر ئوچۇم ۋىجدانسىز شۆھرەتپەرەسلەر قولىدىكى قارىغۇ قورالغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.» شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، بۇ مەزھەپ تەلىماتى ۋە ئۇنىڭ تەشكىلى ئاپپاراتى تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرنى ۋىجدانسىزلارچە ئالداشتىن ئىبارەتتۇر.
       شۇنداق ئىكەن، سوپىزم ئىنسانلارنى بۇ ئالەمدىن مەڭگۈ تەركى دۇنيا ۋە ئەبەدىي مۇتەئەسسىپ ئۆتۈشكە دالالەت قىلىدىغان، باشلايدىغان، مەۋجۇد ئالەم مۆجىزىلىرىنى، ئىجتىمائىي تىرىكچىلىك ۋە ئىجتىمائىي ھەققانىيەتنى ئاتالمىش «ئاخىرەت» «مىزانى» بىلەنلا ئۆلچەيدىغان، ھاياتقا، پەنگە زىت، تارىختا پەيدا بولۇپ، تارىختا يوقالغان خىيالىي خۇدايى قۇلچىلىق تەسەۋۋۇرەت ئىقىمىدىن ئىبارەتتۇر.

    سوپىزمنىڭ تارىختا پەيدا بولۇش جەريانى توغرىسىدا

       سوپىزم مەزھىپىنىڭ ئىسلامىيەت دۇنياسىغا پەيدا بولۇش، تارقىلىش، كىڭىيىش جەريانلىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ پەيدا بولۇش جەريانىغا ئائىت تارىخىي ۋەقەلەرنى قىسقىچە ئەسلەشكە توغرا كىلىدۇ.
       مىلادى 632 - يىلى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن، ئۇنىڭ ساھابىلىرى بىلەن ئورۇق ـ تۇغقانلىرى ئارىسىدا پەيغەمبەرنىڭ ئورنى (ئىز باسارلىق) نى يەنى خەلىپىلىكىنى تالىشىش كۈرىشى كىلىپ چىقىدۇ. بۇ كۈرەشلەر نەتىجىسىدە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ دەسلەپكى ساھابىلىرىدىن بولغان ئابابەكرى بىرىنچى قىتىم خەلىپىلىكىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ چاغدا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ كۈيئوغلى ھەم بىر نەۋرە ئىنىسى ھەزرىتى ئەلى: «پەيغەمبىرىمىزگە ئۇنىڭ ئۆز ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلىپ خەلىپىلىككە ئولتۇرۇشى كىرەك» دەپ قاراپ، ئابابەكرىنىڭ خەلىپە بولۇشىغا قارشى چىقىدۇ ۋە ئاخىرى ئۈچىنچى قىتىم خەلىپىلىككە ئولتۇرغان ساھابە ئوسماننى ئۆلتۈرۈۋىتىپ، خەلىپىلىكنى ئىگىلەيدۇ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئەڭ يىقىن ساھابىلىرىدىن بولغان ئابابەكرى، ئۆمەر، ئوسمانلارنىڭ (ئۇلار مۇھەممەد پەيغەمبەر بىلەن بىر نەسىل نەسەب ئەمەس ئىدى) تەرەپدارلىرىغا قارشى ئەلى پەرەسلەرنىڭ «شىئە ئەلى» تەشكىلاتىنى قۇرىدۇ. بۇ تەشكىلات پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا «چاھاريار»لىق سەلتەنىتىدە بولغان تۆت ساھابىدىن ئابابەكرى، ئۆمەر، ئوسمانلارنىڭ «چاھار يار» لىقىنى ئىتىراپ قىلمايدۇ. يۇقىرىقى ئۈچ ساھابىنىڭ تەرەپدارلىرىمۇ مىلادى 661 - يىلى كۇفە دىگەن يەردە ھەزرىتى ئەلىنى ئۆلتۈرۈۋىتىپ، «شىئە»چىلەرگە قارشى ئۆزلىرىنى «سۈننىي» ناملىق تەشكىلاتىنى قۇرىدۇ. ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئورنىنى تالاشقان ئوغلى ئىمامى ھۈسەيىنمۇ يەزىد تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. يۇقىرىقى ۋەقەلەردىن ئىتىبارەن بۇ ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدا خەلىپىلىك تالىشىشنى چۆرىدىگەن مەزھەپ كۈرىشى شەكىللىنىپ بارغانسىرى ئۇلغىيىپ كىتىدۇ، مۇرەسسەسىزلىشىدۇ. بارا ـ بارا بۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ يۇقىرى قاتلام دىنىي يىتەكچىلىرى ئارىسىدا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى تەلىماتى (قۇرئان) بىلەن ئىسلامنىڭ پەيغەمبەر تەكىتلىگەن ئەھكام، ئۇقۇم، پرىنسىپ، ئەنئەنىلىرىنى ھەر كىم ئۆز مەۋقەلىرىنى چىقىش قىلىپ بىر ـ بىرىگە زىت تەپسىرلەيدىغان، چۈشەندۈرىدىغان، ئەمەل قىلىدىغان چوڭ مەسىلە كىلىپ چىقىدۇ. «شىئە ئەلى» چىلەرنىڭ ئۆلىمالىرى قۇرئاننى شەرھلەشتە؛ قۇرئاننىڭ «باتىن» (ئاخىرەتلىك، يوشۇرۇن) ھەم «زاھىر» مەنىلىرى بار. «باتىن» مەنىسى بەندىلەرنىڭ شەرتسىز، شەك ـ شۈبھىسىز ئەمەل قىلىشىغا قارىتىلغان، دەپ دەۋا قىلىشىپ، بۇ قاراشلىرىنى مۇستەھكەم، مەڭگۈ «ھەقىقەت» سۈپىتىدە ئاساسلاش ئۈچۈن مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادلىرىنى ھەزرىتى ئەلى قاتارلىقلارنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سۆز ـ ھەرىكەتلىرىدىن «ئەخبار» ناملىق چوڭ كىتابنى تۈزۈپ چىقىپ، قۇرئان بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دىنىي پرىنسىپلىرىنى مۇشۇ نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرىدۇ. «سۈننىي» لەرنىڭ چوڭ ئۆلىمالىرىمۇ قۇرئاننى شەرھلەشتە: قۇرئاننىڭ «زاھىر»، «باتىن» مەنىلىرى بار، «زاھىر» مەنىسى ― بەندىلەرنىڭ شەرتسىز ھەم شەكسىز ئەمەل قىلىشىغا قارىتىلغان، دەپ دەۋا قىلىشىپ، بۇ قاراشلىرىنى مۇستەھكەم، مەڭگۈ ھەقىقەت سۈپىتىدە ئاساسلاش ئۈچۈن، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ساھابىلىرىنىڭ سۆز ـ ھەرىكەتلىرىدىن «سۈننىي» ناملىق چوڭ كىتاب (قۇرئان تەپسىرى) نى تۈزۈپ چىقىپ، قۇرئان بىلەن يانداش ئورۇندا قويۇش ئارقىلىق ئۆلىمالىرى ئەقىدىلىرىنى ئەنە شۇ نۇقتىغا يىغىنچاقلايدۇ. شۇنداق قىلىپ «شىئە ئەلى» لەرنىڭ ئۆلىمالىرى قۇرئاننىڭ «باتىن» مەنىسىنى ئاساس قىلىپ «زاھىرى» دۇنيادىكى ئىجتىمائىي بارلىقىنى (ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي، ئىجتىمائىي كۈرەش، پائالىيەتلىرىنى) «باتىن ئالەم» ئۈچۈن، ئۇ «دۇنيا» ئۈچۈن بولغان خۇدايى قۇلچىلىق دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەسلىكى كىرەك، دەپ بىلىپ ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ ئىختىيارىدىكى بىقۇۋۇل ئۆتكۈنچى مەخلۇق دىگەن دەۋالىرىدا چىڭ تۇرۇش يولى ئارقىلىق، ئۆز مەۋقەلىرى بويىچە تۇتقان يولىنى «ئەھلىي تەرىقەت» (تەركىي دۇنيالىق يولى) دەپ ئاتاشقا باشلايدۇ. «سۈننىي» چىلەرنىڭ پىشۋالىرىمۇ قۇرئاننىڭ مەۋجۇد ئالەم توغرىسىدىكى ھەقىقىي، يىگانە دەستۇر ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، كائىنات ھادىسلىرىنى، ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي، ئىجتىمائىي غايە، كۈرەش ئىنتىلىشلىرىنى (ئاللاھنىڭ مەۋجۇد دۇنيانى بەندىلەر ئۈچۈنلا ياراتقانلىقىنى)، ئاخىرەتنىڭ («باتىن» ئالەمنىڭ) «زاھىرى» ئالەم ئۈچۈن قوشۇمچە ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇقىم مەۋقەلىرىنى (يولىنى) «ئەھلى شەرىئەت» (زاھىرى ئالەم يولى) دەپ ئاتايدىغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام ـ «شىئە»، «سۈننىي» مەزھەپلىرى بويىچە ئىككىگە پارچىلىنىپ كىتىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئىسلام بايرىقى ئاستىغا جەملەشكەن مۇسۇلمان قەۋملىرى بىر ـ بىرىگە قارىمۇ قارشى ئىككى بايراق ئاستىغا بۆلۈنۈپ (ئۇيۇشۇپ) ئىچكى جاڭجال، مەزھەپ ئۇرۇشلىرىنىڭ قۇربانلىرىدىن بولۇشقا يۈزلىنىدۇ. بۇ ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بارغانسىرى ئۆتكۈرلىشىپ قانلىق ئۇرۇشلارغا سەۋەب بولىدۇ.

    تۇنجى تۈركۈم «سوپى ـ زاھىت» لار گۇرۇھنىڭ ئىراندا پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدا

       مىلادى 8- ئەسىرگە كەلگەندە «شىئە ئەلى» لەرنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئىراندا تۇنجى قىتىم مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادى ـ بەشىنچى ئىمام زەئىد ئىبنى ئەلىنى بايراق قىلغان بەنى ھاشىم خەلىپىلىكى (پادىشاھلىقى) تىكلىنىدۇ. بۇ ھاكىمىيەت ھۆكۈمرانلىرى ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئىلاھىي ۋە دۇنياۋى ھاكىمىيەت ھىسابلايدۇ ھەم خەلىپىنى «ئىلاھىي شەخس» دەپ بىلىدۇ. ئۇ، مەيلى زالىم بولسۇن، مەيلى ئىستىبدات بولسۇن خەلق ئۇنىڭغا ھامان شەرتسىز بويسۇنۇشى كىرەككى، ھىچ كىمنىڭ ئۇنىڭغا قارشى چىقىشىغا ھەققى يوقلۇقى توغرىسىدا تەقىب خاراكتىرلىك پەرمانلار چىقىرىلىدۇ. خەلىپىلىك پەۋقۇلئاددە ئىستىبداتلىشىدۇ. خەلق ئۈستىدە زۇلۇم كۆپىيىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ھاكىمىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلام پىشۋالىرى ئارىسىدا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەۋلادلىرىنىڭ كۆپىيىپ كىتىشى، تارقىلىش دائىرىسىنىڭ كىڭىيىپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە پەيغەمبەر ئەۋلادلىرىدىن چوڭ ھوقۇقنى يەنىلا كىم ئىگىلەش مەسىلىسى كىلىپ چىقىپ، «شىئە» لەر ئارىسىدىكى دەسلەپكى بىر مەزگىللىك بىرلىك پارچىلىنىپ كىتىش خەۋپىگە دۇچ كىلىدۇ. بەنى ھاشىم بۇ خىل ۋەزىيەت ئىچىدە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ئەبىدى ساقلاپ تۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئۆز قەۋملىرى ئارىسىدىن (ئۆزىگە شان ـ شەرەپ كەلتۈرگۈچى «ئىشان» ۋە قەيسەر تەقۋادار «شىئە» لەر) دىن «سوپى ـ زاھىت» (تەرىقەت تەقۋادارلىرى) «پىرقە» سى (پارتىيىسى) نى تەشكىل قىلىدۇ.
       بۇ «پىرقە» نىڭ ئەزالىرى تارىختا «بەنى ھاشىم سوپى ـ زاھىدلىرى» ياكى «سوپى ھاشىمىلەر» نامى بىلەنمۇ ئاتىلىپ كەلمەكتە. «تەزكىرە پىر ياران» دا «سوپى ـ زاھىت» لار توغرىسىدا مۇنداق دىيىلگەن: «ھەزرىتى بەنى ھاشىم ـ ھەزرىتى خوجام روسۇلىللا (مۇھەممەد پەيغەمبەر ـ ئا) نىڭ بۇ ئالەمدىكى ئۈممەتلەرگە قالدۇرۇپ كەتكەن بىردىنبىر ئەۋلادى، بەرھەق ۋەكىلى ئىدى، ئەھلى ئىسلامنىڭ پاناھى، ئىقلىمگىرى (جاھانگىرى ـ ئا) ۋە نىجادچىسى ئىدى. شۇڭا خوجام، رەسۇلۇللاھنىڭ مۇبارەك ئىسىم ـ سۈپەتلىرىنى ئۆزىگە خاس تۇتۇپ، لىباس ئىھرام (مۇھەممەد پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا ئىمامەتچىلىك قىلغاندا تاشقى كىيىمى ئۈستىدىن يۆگىنىپ ئالىدىغان ئاق رەخت ـ ئا) كىيىپ، مۇرىتلىرى بولسا «لىباس تەۋەرۇكات» كىيىشىپ، باشقىلاردىن ئەلپار، تۇرۇق، سالاپەت، سۈپەت پەرقلىرى بىلەن پەرقلىنىپ، ھۆرمەت دەرىجىلىرى بويىچە سوپىزاتلىق تەلقىنلىرى (ئىبادەت مەۋقەلىرى) دە تۆۋە ئىستىغپارنى تىللىرىدىن چۈشۈرمەيتتى...»
       بىزگە مەلۇمكى، بۇ يەردە ئىيتىلىۋاتقان «لىباس تەۋەرۇكات»،  «ئەلپار»، «تۇرۇق»، «سالاپەت»، «سۈپەت» دىگەن سۆزلەر مۇھەممەد پەيغەمبەرچە كىيىنىپ، سالاپەتلىنىپ ئۆزىنى تۇتۇپ، يۈرۈش ـ تۇرۇش، مەشغۇلات قىلىپ (پەيغەمبەرگە ئوخشاپ) تۇرغۇچىلار دىگەنلىكتۇر. بەنى ھاشىم سوپىلىرى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەينى چاغلاردا (مىلادى 600- يىلدىن 632- يىلغىچە) تىجارەت ۋە پەيغەمبەرلىك پائالىيەتلىرىدە بولغاندا كىيىپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن تۆگە چەكمىنىدىن تەييارلانغان ياقىسىز، قوش ئىتەكلىك ئۇزۇن مەللە توننى «لىباسى تەۋەرۇكات» دەپ ئاتىشىپ، شۇ خىل رەختتە، شۇ خىل كىيىنىشنى ئۆزلىرىنىڭ سوپىلىق بەلگىسى قىلىپ ئىلىشقان ھەم ئۆزلىرىنىڭ مىجەز، تۇرۇق ۋە تۇرمۇش شەكىللىرىنىمۇ ئۆزلىرىچە «پەيغەمبەرچە ئەخلاق»، «پەيغەمبەرچە ئەلپاز ـ مىجەز»، پەيغەمبەرچە «تۇرۇق ـ سالاپەت» تە «بولغۇچىلار» قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغۇچى تۇنجى سوپىلار تۈركۈمىدۇر. تارىختا بىرىنچى قىتىم شۇ شەكىلدە پەيدا بولغان، ئۆزلىرىنى «بەرھەق پەيغەمبەر ئەۋلادى ـ سەئىد» نامى بىلەن نىقابلىغان بۇ كىشىلەر ئەمەلىيەتتە كىيىنكى زامانلارغىچە ھەتتا ھازىرقى زامانلارغىچىمۇ پەيغەمبەرنىڭ نام، سۈپەتلىرىنى ئەكسىچە سۇيىئىستىمال قىلىدىغان، ئىشلىمەي چىشلەش (دىنىي نىقاب بىلەن دۇئا كويلۇق، ئالدامچىلىق، ھىيلىگەرلىك بىلەن تىرىكچىلىك قىلىش) نى كەسىپ قىلىۋالغان، ئىسلام ئەقىدىلىرىنى دەپسەندە قىلىپ يۈرۈۋاتقان ھارام تاماق سوپىلارنىڭ تۇنجى «پىرى» (ئۇستاز) لىرىدىن ئىبارەتتۇر.
       مىلادى 9- ئەسىردە بەنى ھاشىم خەلىپىلىكى مۇسۇلمان قەۋملىرى (ئاساسەن «سۈننىي» لەر) نى ئۆز بايرىقى ئاستىغا توپلىغان ئەرەب پادىشاھى خەلىپە ئابدۇل مۈلۈك قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلىنىدۇ. بەنى ھاشىم گۇرۇھىغا ئەگەشكەن مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەۋلادلىرى بىلەن ئەلى ئەۋلادلىرى قىرغىن قىلىنىدۇ، زىندانلارغا تاشلىنىدۇ، تەقىب ئاستىغا ئىلىنىدۇ. بۇ خىل پاجىئەلىك قىرغىندىن چۆچۈگەن بەنى ھاشىم سوپىلىرى ئىراندىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى مۇسۇلمان رايونلىرىغا جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇسۇلمان ئەللىرىگە قىچىپ كىتىشىدۇ. بۇ خىل ھالەت، مەزھەپ ئۇرۇشلىرى توختىماي، يىڭىش ـ يىڭىلىش، چىقىش ـ چۈشۈش بويىچە دائىم تەكرارلىنىپ تۇرغان تارىخىي زامانلار جەريانىدا تەكرارلىنىۋىرىدۇ. ئۆز ھەرىكەتلىرىدە مەغلۇپ بولغان تەرسا سوپىلارنىڭ قىچىپ كىتىش نۇقتىلىرى يەنىلا يۇقىرىقى جايلاردىن ئىبارەت بولۇپ تۇرىدۇ. لىكىن قاچان سوپىلار بارغان ـ تۇرغان يەرلىرىدە يەنىلا ئۆز ھەرىكەتلىرىنى زادىلا توختاتمايدۇ.
       8- ئەسىردىن 10- ئەسىرگىچە بولغان تارىخىي جەريانلاردا شىرۋان (ئىراننىڭ ھازىرقى ئەزەربايجان رايونى)، بەسىرە (ئىراقنىڭ بىر رايونى)، پارس (ئىراننىڭ بىر ئۆلكىسى)، شىراز (ئىراننىڭ قەدىمكى شەھەرلىرىدىن بىرى)، ھەمەدان (ئىراننىڭ غەربىدىكى بىر شەھەر)، ھىرات (ئافغانىستاننىڭ بىر شەھىرى)، ھازىرقى سۈرىيە، لىۋان، پەلەستىن، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىيە، ماراكەش، بەھرەيىن، بۇخارا، سەمەرقەند... قاتارلىق جايلاردا ئاشكارا، يوشۇرۇن، ھەر خىل نام، شەكىللەر بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن چوڭ ـ كىچىك سوپى ـ زاھىدلار گۇرۇھلىرى پەيدا بولىدۇ ۋە بارا ـ بارا بىر بىرىگە قوشۇلۇپ (مەلۇم چوڭ ماشايىخلار يىتەكچىلىكىگە بىرىكىپ) دىنىي، ئىجتىمائىي كۈچلەر سۈپىتىدە سوپىلىق تەرىقىتىنى كىڭەيتىش كۈرەشلىرىنى قاناق يايدۇرۇشىدۇ. بەزى ئىسلام تارىخلىرىدا «قوۋمى سۈلۈك داھىلىرى» نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن سوپى ھۈسەيىن ئىبنى مەنسۇر ھەللاج، شەيخ نەجمىدىن باغدادى، يۈسۈپ ھەمەدانى، خوجا ئابدۇخالىق، سانايى، ئەتتارى، رۇمىي... پىرقىلىرى ئەنە شۇ خىل سوپى ـ زاھىدلار گۇرۇھلىرىنىڭ بۆلۈنمە ناملىرىدۇر. بەزى مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىلادى 8- ئەسىردىن 12- ئەسىرگىچە خاس ئاسىيالىق مۇسۇلمانلار ئارىسىدىلا بىر ـ بىرىگە باغلانمىغان چوڭ ـ كىچىك سوپى ـ زاھىدلار گۇرۇھلىرىنىڭ يوشۇرۇن، ئاشكارا سۈلۈكلىرى 99 غا، «پىر» لىرى 101 گە يەتكەنلىكى مەلۇمدۇر.

       سوپىزم ئىسلامىيەت دۇنياسىدا مەنئى قىلىنغان مەزھەبتۇر

       مىلادى 8- ئەسىردىن 12- ئەسىرلەرگىچە بولغان تارىخىي زامانلار ئىچىدە بەزى مۇسۇلمان يۇرتلىرى (تۇنجى قىتىم ئىران) دا پەيدا بولۇپ، تەدرىجىي سېستىمىلىشىش، جامائەتلىشىش ئارقىلىق ئىسلام مەزھەپلىرى تەركىبىگە قىستۇرۇلۇپ، ئايرىم مۇسۇلمان قەۋملىرىنىڭ سەجدە ئىخلاسلىرىدا ئىتىقاد شەكلىگە كىرگەن سوپىزم ـ كىيىنكى چاغلار (تەخمىنەن مىلادى 12- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان چاغلار) دا ئايرىم مۇسۇلمان يۇرتلىرىدا ئىسلامىيەتنىڭ بىر پۈتۈن ئومۇمىي ئىناۋىتىگە، بىرلىكىگە ۋە قۇرئان ئەقىدىلىرىگە زىد سادىر قىلغان بەزى قىلمىشلىرى بىلەن ئاشكارىلىنىپ دۇنياۋى ئىسلام مەھكىمىلىرى بىلەن ئىسلام دىن ئۆلىمالىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلەشلىرىگە دۇچ كەلگەن ھەم قارىلانغانىدى.
       سوپىزم شۇ زامانلاردىكى ئىسلام ئىناۋىتىگە، بىرلىكىگە، قۇرئان ئەقىدىلىرىگە زىد سادىر قىلغان قىلمىشلىرى ئومۇمەن مۇنۇ نۇقتىلارغا مەركەزلىشەتتى:
       سوپىزم يىتەكچىلىرى ئەزەلدىن بىرى ئۆزلىرىنىڭ «پەيغەمبەر ئەۋلادى (ئىمام)» دىگەن تەمەننا ۋ نوقۇل تەرىقەت بىكىنمىچىلىكى مەۋقەلىرىنى چىقىش قىلىپ، قۇرئاننىڭ «باتىن» مەنىسى بويىچە ئىسلامنى تەرىقەتلەشتۈرۈش، مۇسۇلمانلارنى سوپىلاشتۇرۇش مەقسىتى يولىدا شۇ زامانلاردىكى ئىسلامىيەتنىڭ قانۇنلۇق داھىلىرى (ئىسلامغا قۇرئان بوىيچە يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان يىتەكچى ئۆلىمالار) قولىدىن ئىسلامىيەت ھوقۇقىنى تارتىۋىلىش كۈرەشلىرىنى زادىلا توختاتمىغانىدى. بۇ كۈرەشلەردە ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇلار مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئورنىنى كۆتۈرۈش («دىنىي داھى» لىق، «پىر» لىق مەزتىۋىلىرىنى تىكلەش)، ئۆزلىرىنى چۆرىدىگەن «دىنىي مەركەز» لەرنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئۆز ئارقىلىرىدىن ئەگەشكۈچى كۈرەشچى مۇسۇلمان گۇرۇھلىرى (سوپى مۇرىتلىرى) نى ئۇيۇشتۇرۇش ھەم بۇ كۈچلەردىن ئۆز مەقسەتلىرىنى ئورۇنلاش يولىدا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇلار يەنە «دىنىي داھى» لىق، «پىر» لىق دەرىجىلىرىگە كۆتۈرۈلۈش مۇددىئالىرى بىلەن ئۆزلىرىچە قۇرئان ۋە ئىسلام شەرىئىتىدە ئاللىقاچان مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق ئەمەل قىلىش مىزانى، ئەنئەنە پرىنسىپى بولۇپ كەتكەن بەزى دىنىي ئەھكام، ئەركانلار (دىنىي پرىنسىپ، مەجبۇرىيەت، قائىدە، ئەنئەنىلەر) دىن ۋە قۇرئاندا تەكىتلەنگەن ئايەتلەردىن چەتنەپ، بەزى غەيرىي دىنلارنىڭ يەنى بۇددا، ھىندى ـ بىراھمان، يەھۇدىي دىنلىرىغا مەنسۇپ سوپىزمچىلارنىڭ نەرسىلىرىنىمۇ ئىسلام دىنىغا ئارىلاشتۇرۇۋىلىپ ياكى ئىسلامدا يوق نەرسىلەرنى بار قىلىپ، بار نەرسىلەرنى يوق قىلىپ (قۇرئاننىڭ نۇرغۇن ئايەت، ھەدىسلەرگە ئۆز قاراشلىرى بويىچە مەنە بىرىپ ۋە ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ يىڭىچە نۇقتىئىنەزەرلىرىنى سىڭدۈرۈپ)، ئۇنى بىر خىل «دىنىي تەلىمات» شەكلى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ «دىنىي مەركەز» لىكىنى تىكلەش ھەرىكەتلىرىدە بولۇشقانىدى.
       19- ئەسىردە ياشاپ ئىجاد قىلغان مەشھۇر شەرىئەتشۇناس ئالىم سۇلتان باي ھاجىم (قاغىلىق ناھىيە گوساس ئازغانساللىق ئۇيغۇر) ئىسلام دۇنياسىدا تۇنجى قىتىم سوپىلىق «تەلىمات» ىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان «خوپپە سۈلۈكى» نىڭ ئىجادچىسى، شاملىق مەشھۇر سوپى بەنى ھاشىم «سۈلۈكى» توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يازغان: «... تارىختا سۈلۈك يولىدا يۈرگەن (سوپىلىق يولىنى تۇتقان دىمەكچى ـ ئا) تەرىقەتچى ماشايىخلار ئۆزلىرىنى <پىر> (دىنىي يىتەكچى ـ ئا) دەپ ئاتىشاتتى. ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ <... مۇسۇلمان بەندىلەر ئاللاھنىڭ بىرلىكى، پەيغەمبىرىمنىڭ بەرھەق ئىكەنلىكىگە ئەقىل ـ پاراسەتلىرى بىلەن قايىل بولۇشى، ئىمان كەلتۈرۈشى، ئىبادەت بىجا قىلىشلىرى زۆرۈدۇر...>  دىگەن تەلىمىنى <... ئىمان ـ تىل ھەم دىل بىلەن تەستىقلاش، بەدەن بۆلۈكلىرى بىلەن ئورۇنلاش يەنى ئىمانغا بەدىنى بىلەن كىرىشتۇر...> دىگەن «تەلىم» گە ئۆزگەرتىپ، «ئىنسان پەقەت جىسمانىي بەدىنى (مەۋجۇدلۇقى) بىلەنلا ئىنساندۇر، ئىنسان بەدىنىنىڭ ھەر بىر بۆلۈكى ھەر ئىككىىلا ئالەمدە ئىنسان ۋابال ـ ساۋابنىڭ شاھىتى، ئاجرالماس ھەمراھىدۇر» دىگەن كۆز قاراشلىرىنى ئاساس قىلىپ، «پەتىۋا» لىرىنى يەنى «ئۇلۇغ» لىرىنىڭ (يىتەكچىلىرىنىڭ) مىيىت ـ جەسەتلىرىنى «تەن ئاساس»، «تەن مەڭگۈ»، ئۆزلىرى ئۈچۈن «مۇقەددەس مازار»، «مۇقەددەس ئۇلۇغ مۆجىزات» قىلىپ تۇرغۇزۇپ، ئاللاھقا بولغان مۇسۇلمانچىلىق قەرزلىرىنى شۇ خىل «مازار»، «مۆجىزات» لارغا سەجدە قىلىش، ئۆز مۇرىتلىرىنى سەجدە قىلدۇرۇش، بىلەنلا تۈگىگەن قىلىشاتتى. بۇ خىل قىلمىش تۈپ نىيەتتىن ئالغاندا «خۇدادىن خۇدالىق»، «پەيغەمبەردىن پەيغەمبەرلىك» دەۋا قىلغانلىق، ئاللاھ بىلەن بەندىلە ئوتتۇرىسدا مۇھەممەد پەيغەمبەردىن باشقا يەنە بۆلەك «ۋاسىتىچى زات» پەيدا قىلغانلىق ئىدى... بۇ بىر «كاززاپ» لىق بولاتتى.» (مۇئەللىپ بۇ سۆزنى مۇھەممەد پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا «كاززاپ» ئىسىملىك بىر ئەرەبنىڭ پەيغەمبەردىن «پەيغەمبەرلىك» دەۋاسى قىلغان قىلمىشىنى نەزەردە تۇتۇپ قىلغان ـ ئا).
       بىزگە مەلۇمكى، قۇرئان: ئاللاھ بىلەن بەندە ئوتتۇرىسىدا «يەنە بىر زات بار» دىگەننى قەتئىي رەت قىلىدۇ. بارلىق «مۇقەددەس مۇرىت»، «مۇقەددەس مازار»، «مۇقەددەس مۆجىزات» دىگەنلەرگە «تاۋاپ» قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ. بۇ خىل «تاۋاپ» قىلىشلارنى ـ بۇتقا سەجدە قىلىشنىڭ دەل ئۆزى، ئاللاھنىڭ مۇتلەق نوپۇزىنى تۆۋەنلەتكەنلىك، ئەۋلىيالار، ساھابىلەر، دانىشمەنلەرنىڭ توپا ـ تۇپراقلىرىغا بىرىپ تاۋاپ قىلىپ مەغپىرەت تىلەش، ئاللاھ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىك... تۇپراق بىشىغا قەبرە قاتۇرۇش، گۈمبەز ياساش قاتارلىقلارنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇش كىرەك، دىگەن تەشەببۇسى بىلەن ئۆز ئىتىقادچىلىرىنى ئاللاھنىڭ بىرلىكى، پەيغەمبەرنىڭ بەرھەق ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇشقا دالالەت قىلىدۇ. مۇھەممەد پەيغەمبەر زامانىسىدا مۇنداق گۈمبەز، قەبرە ياساشلار يوق ئىش بولۇپ، پەقەت قەبرە بىشىغا تاش قويۇپ بەلگە قىلىپ قويۇلاتتى. بۇ قەبرىنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈنلا بولاتتى...
       «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» دىگەن كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە: كىيىنكى دەۋرلەردە قەبرىلەر ئۈستىگە تۈرلۈك بىنالارنى سىلىش ۋە تۈرلۈك نەقىشلەرنى ئويۇش ئىشلىرى پەيدا بولۇپ، بۇ نەرسىلەر قارىغان ئادەمگە خۇددى بۇتقا ئوخشاشلا كۆرۈنەتتى... مىيىتنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىنىڭ قەبرە بىشىغا كىلىپ، تۈرلۈك مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈشى كۆپىنچە مەككە موشرىكلىرىنىڭ بۇتخانىلاردا ئىلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرىگە ئوخشاشلا بولۇپ، ئاخىرەتكە ئائىت ئىشلاردا روسۇلىللا قىلمىغان ئىشلارنى قىلىش ھەقىقەتەن بىر قۇرۇق ئاۋارىچىلىك بولاتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «دىنىي ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار...» دىگەنىدى.
       دۇنياۋى ئىسلام جامائەت پىكرى تەرىپىدىن يۇقىرىقىدەك توغرا ھۆكۈم ۋە ھەق ئاساسلار بىلەن رەت قىلىنغان سوپىزم ۋە ئۇنىڭ يىتەكچىلىرى ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ كىيىنكى داۋامىنى توختاتمىغانلىقى ئۈچۈن، يەنىلا مىلادى 12- ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا دۇنياۋى ئىسلام كۈچلىرى بەسىرە، شىراز، ھەمەدان، خۇراسان قاتارلىق سوپىزم نۇقتىلىرىدا سوپىلارنىڭ شۇ چاغلاردىكى مەشھۇر «پىر» لىرى، ـ بەسرەلىك سوپى نەجمىدىن باغدادى، شىرازلىق سوپى يۈسۈف (خەتمە ئەزەم)، مەۋلانە سەرۋەرى، ھەمەدانلىق سوفى مۇھەممەد ئەزەم (بالاگەردان پىرىم)، خۇراسانلىق سەئىدئاسىپ ئەزىزى (پىرى ئەزىزان) قاتارلىق ماشايىجلار (چوڭ سوفىلار) نى «ئىسلام دىن ئاسىلىرى» ئەيىبى بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈمگە بۇيرۇيدۇ. «تەزكىرە پىر ياران» دا بۇ ئەھۋال: «بۇ پىرلار ئۆزلىرىنى <خوجام روسۇلىللا بىلەن بەندىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ۋاستىگەر ئەلچى>، <پىر ئىنەلھەق> (ھەق ئاللاھنى كۆرگەن پىر ـ ئا) <غايىبنى بىلگۈچى> (كارامەتچىلەر) دىگەن كۇپىرلىق دەۋالىرى بىلەن باشلىرىدىن ئايرىلغان...» دەپ خاتىرىلەنگەن. مىلادى 10- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىمۇ سوپىزمنىڭ شۇ زامانلاردىكى ئەڭ چوڭ ئىجادچىلىرىدىن بىرى ـ ئىرانلىق سوپى ھۈسەيىن ئىبنى مەنسۇر ھەللاج: «ماڭا خۇدادىن «خۇدالىق ۋەھىي كەلدى» دىگەن گۇناھى ئۈچۈن مۇسۇلمانلار سوتى تەرىپىدىن ئىسىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى.
       دىمەك سوپىزم ـ تارىختا يۇقىرىقىدەك ئىسلامغا زىد قىلمىشلىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتىقاد ئىتىبارىدىن چۈشۈپ، ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ رەقىب مەزھەپلىرى تۈركۈمىگە مەنسۇپلىشىپ كىتىدۇ. دۇنيا تارىخىدا بۇ مەزھەبنىڭ بىرەر قىتىممۇ بىرەر دۆلەت، بىرەر مىللەت ياكى بىرەر قەبىلە، بىرەر جەمئىيەتتە دىنىي سىياسىي ھاكىمىيەت شەكلىگە كىرىپ باقمىغانلىقى، يىتەكچى دىنىي مەزھەپ بولۇپ نوبۇز تىكلەپ ئۆتۈپ باقمىغانلىقى ئەنە شۇ خىل پرىنسىپلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىندۇر.
       بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئۆتمۈشتە (بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئەسىرلەردە) ھەر خىل زامانلارنىڭ تۈرلۈك ھادىسە، قىسمەت، پىشكەللىكلىرى ۋە ئۈزلۈكسىز سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز يۈرت، ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ پاناھلىق ئىزدەپ شىنجاڭغا كىلىپ قالغان ھەر خىل كەچۈرمىشلىك مۇساپىر ئىنسانلارغا ئۆز ئارىلىرىدىن تۇرۇشقا ئورۇن، ياشاشقا يول ھازىرلاپ بىرىشتەك ئىلتىپاتپەرەسلىك خۇسۇسىيەتلىرى بىلەنمۇ ۋەتىنىمىزدە ھەر قايسى زامانلار بويىچە ھەر خىل غەيرىي مىللىي تەركىب ۋە ياكى غەيرىي ئاھالىلەر تۈركۈملىرىنىڭ پەيدا بولۇشى، كۆپىيىشى، ئورۇن ئىلىشى، يەرلىشىشى، سىڭىش ـ سىڭىشىشتەك تەقدىرى ـ قىسمەتلىرىنىڭ ھوقۇقى جەھەتتىن تىكلىنىشىگە سەۋەب بولۇشقان. تۈرلۈك تارىخىي مەنبەلەردىن بىلىشىمىزچە، مىلادى 8- ئەسىردىن 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان ئۇزاق تارىخىي زامانلار جەريانىدا ۋەتىنىمىزگە چەتتىن «تىنچ» ئىقىپ كىرگەن (مۇساپىرەتچىلىك سەپىرىدە كىلىپ يەرلىشىپ قالغان ياكى نەسەب، ئەۋلاد قالدۇرۇپ كەتكەن) بۇ خىل سەرگەردان مۇساپىرلارنىڭ خىلىلا بىر قىسمى ئىران، ئىراق، ھىندى، ئافغان، بۇخارا، كاسان قاتارلىق جايلاردىن ھەر خىل زامان، ھەر خىل شارائىت ۋە ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن بىزگە قىچىپ كەلگەن كۆچكۈن سوپى، ئىشانلارغا مەنسۇپ «ئەھلى دىن پەقىرلىرى» دىن ئىبارەت بولغان. ئۇلار شىنجاڭنىڭ ھەر قايىسى جايلىرىدا ماكان تۇتۇشقاندىن كىينلا ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنى «ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن مۆمىن بەندىلەرگە <پىر>، <ئۇستاز> بولۇش ئۈچۈن كەلگەن» لەر دىيىشىپ، بارا ـ بارا ئەجدادلىرىمىزغا «ئۇلۇغ پىرلىق»، «ئۈلۇغ سەئىدلىك»، «ئۇلۇغ زاتلىق»، «خىسلەت»، «كارامەت» لىرى بىلەن دىنىي، روھىي جەھەتتىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغان. بۇ خىل باشلىنىشلار نەتىجىسىدە شۇ زامانلاردىكى، بىر قىسىم ئەجدادلىرىمىز تەدرىجىي: يۇرت بىزدىن، خەلق بىزدىن، بايلىق، مەئىشەت، ئىلتىپات، سۈكۈت، بويسۇنۇش، «سەۋرى»، «تەقدىرگە تەن بىرىش» بىزدىن، «پىرلىق»، «دىنىي يىتەكچى» لىك، ئەگەشتۈرۈش، باشقۇرۇش، يىتەكلەش ئەنە شۇ «ئۇلۇغ زاتلار» دىن بولىدىغان جاھالەتلىك جەمئىيەتنىڭ پەقەت بويسۇنۇشقىلا يارىتىلغان، كۆنۈك، مۆمىن «ئىمانى كامىل» لىرىدىن بولۇپ كىتىشكەن.
       ئەسلى تىمىمىزدىن ھالقىپ كەتمەسلىك ھەم تىخىمۇ ياخشىراق يورۇتۇپ بىرىش ئۈچۈن، قولىمىزدىكى تارىخىي ئاساسلىرىمىزغا بىنائەن، يۇقىرىدا تەرىپلەنگەن سوپى ـ ئىشانلار ئىچىدىن ئەينى زامانلاردا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يەرلىشىپ، ئابرۇي تىپىپ، باش كۆتۈرۈپ (ئەجدادلىرىمىزغا «پىر»، «خوجا»، «ئىشان» لىق قىلىپ) مەلۇم دەۋرلەر بويىچە ئىش تەۋرىتىپ، تارىخىمىزدا بىزگە تۈرلۈك ئىچىنىشلىق سەلبىي ئىزلارنى ھەتتا ئەڭ ھالاكەتلىك تارىخىي زەبۇنچىلىقنى قالدۇرۇپ كەتكەن، ۋەكىللىك خاراكتىرى چوڭ، تەسىرى كەڭ، تىخى ھازىرغىچىلىكمۇ بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ ئىتىقاد ئىشەنچ ـ ئىتىبارلىرىدا «ئۇلۇغ پىر» لىق نامى بىلەن يادلىنىپ تۇرۇۋاتقان تۆۋەندىكى ئاتاقلىق يەتتە «ئۇلۇغ پىر زات» توغرىسىدا بىر ـ بىرلەپ قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر جاھالەت سوپى