بىزدىكى پەن بىلەن سەنئەت مۇناسىۋىتىدىكى ئېغىشلار(ئوغۇزخان)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-20 07:25:43

بىزدىكى پەن بىلەن سەنئەت مۇناسىۋىتىدىكى ئېغىشلارئوغۇزخانمەزكۇر ماقالە «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلىنغان، ئىلاۋە يازغۇچى ۋە تەھرىرلىگۈچى ئىس...


    بىزدىكى پەن بىلەن سەنئەت مۇناسىۋىتىدىكى ئېغىشلار
    ئوغۇزخان

     


     
    مەزكۇر ماقالە «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلىنغان، ئىلاۋە يازغۇچى ۋە تەھرىرلىگۈچى ئىسلامجان شېرىپ بەشكېرەمى)
     



    ئىلاۋە: بىر مىللەت پەن بىلەن سەنئەتنى بىر گەۋدە قىلغان ئىلمىي تەتقىقات، تەبلىغات ۋە تەشۋىقاتتىن ئايرىلىپ نەغمە - ناۋاغىلا بېرىلىدىكەن، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان تەپەككۈر نامراتلىقى ۋە ئىش - ھەركەتتىكى ھىسياتپەرەسلىك پاتقىقىغا پىتىپ قىلىپ، گويا نىمتا قىلىنغان ئادەمگە ئوخشاپ قالىدۇ. چۈنكى، ئىلمىي ئىجادىيەتنىڭ سەنئەتكە مۇھتاجلىقى بولغىنىدەك، سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭمۇ پەنگە بىقىنىشلىرى بولىدۇ. سەنئەت - مۇزىكا ۋە ئۇسسول ئادەمگە ھۇزور بېغىشلاش بىلەن تەڭ، يېڭى - يېڭى تەپەككۈر ئىلھامى ئېلىپ كەلسە، پەنمۇ سەنئەت ئىجادىيىتى ئۈچۈن تەبىئەت، جەمىيەت ۋە تەپەككۈرنىڭ قانونىيەتلىرى بۇيىچە يېڭى ئەقىل كۆرسىتىدۇ. دېمەك، ئادەمنىڭ تەربىيلىنىشى، مىللەتنىڭ زامانىۋى بولۇشى ئۈچۈن پەن بىلەن سەنئەت بىللە تۇرمىا بولمايدۇ. ژۇرنىلىمىز 90- يىللاردىن بۇيان تەكىتلەپ، تەكرارلاپ كېلۋاتقان بۇ مەسىلە مىللىي مۇھىتىمىزدىكى زاتلاردىن پەقىرلەرگىچە ئۆزلىرىنى ئەدەبىيات - سەنئەت بىلەن ئىپادىلەشكە ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئالىملىرىنى ئۇنتۇپ شائىر - سەنئەتچىلىرىنى دوراش ئارقىسىدا ئىلمىي ساپادا چۆلتىلىشىپ كىتۋاتقان ئايرىلىش تىراگىدىيىسىگە تەنقىدى يۇسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. بولۇپمۇ 2000- يىلدىن بۇيانقى ئۆزىمىزنىڭ يازمىشلىرى(بېغىلىما، ئىزھات ھەم مەخسۇس ماقالىلەر) بىلەن تاللاپ ئېلان قىلۋاتقان ئىلمىي ماقالىلىرىمىزدىمۇ پەن بىلەن سەنئەتنى ئايرىپ تاشلاپ، بىر تەرەپلىمە ئەزۋەيلەپ كېتۋاتقان بۇنداق ھىسىياتنى تەبىئەت ۋە جەمىيەتنىڭ قانونىيەتلىرى بىلەن مەنتىقىي تەڭلىك تۈزۈشكە يىتەكلە ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرۈپ كېلۋاتاتتۇق. بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن پىچان ناھىيىسىنىڭ ئېلېكتېر ئىستانسىدا ئىشلەيدىغان ئوغۇزخان دىگەن بىر ياش بالا ئۇشبۇ ماقالىنى سۇندى. قارىشىمىزچە، بۇ بالا بىزچە ئويلىغان، لېكىن ئىپادىلەش مەنتىقىسىدە مەلۇم ئاجىزلىقلارغا يولۇققان ئىدى. شۇڭا بىز «ئالىم» ۋە «ئەدىپ» ئاتالغان ئادەملىرىمىزدىن بىرەرسى چىقىپ بۇ گەپكە خەلقنى قايىل قىلغۇدەك شەرھى بەرگۈچە تەخىر قىلايلى، دەپ ساقلاپ تۇرساق، ھازىرغىچە ھىچكىم ھىچنىمە دېمىدى. ئۇيۇن - تاماشىغا خۇمارداش، ھەتتا مىللىي كەيپىيات بولۇپ كەتتى. لېكىن، بىزدە پەن بىلەن سەنئەت ئايرىلىپ تۇرغانلىقتىن، نىمجان بولۇپ كەتكەن سەنئىتىمىز دەۋر تەلىپىدىكى ئىجادىي كېرىلىش كۈچىنى داۋاملىق يوقۇتۇپ، ئاخىرىدا ھەتتا ئېلىمىز جۇڭخۇا ۋە دۇنياغا ئۇدۇللانغان ئىكرانلاردىمۇ ئۆزىنىڭ مىللىي مۇھىت تەييارلاپ بەرگەن ئىلمىي(پەن) ئاساسلىرىنى سىلىشتۇرما قىممىتىگە ئىگە تىل بىلەن توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەي داۋاملىق كېكەچلىدى. يەنى بەزى بەدىئى ئەسەرلەردە خەلق ئاھاڭىنى ئەڭ يېڭى ئىلمىي يۈزلىنىش بۇيىچە گۈزەللىككە باشلاش ئاجىزلاپ، ئاددىي قىزىققچىلىقنى «ئەسەر» دەپ چوقان سالىدىغان چاكىنىلىق، ھەتتا ئىكرانلاردىكى ئەلنەغمىلەردە باشقا تىل ئاتالغۇلىرى بىلەن ئايرىم سۆزلەرنى ئايرىماي تىل بۇزۇقچىلىقى قىلىدىغان ساۋاتسىزلىقلار كۆرۈلدى. بۇنىڭغا زامانىمىزدىكى دۇنياۋى پەنلەردىن خەۋەرسىز «ئەدىپ»لەرنىڭ ھەرخىل پەرەزلىرى قوشۇلۇپ، ئالەم بوشلۇقى بىلەن زېھنىيەت بوشلۇقى، ئىقتىسادىي ھىسىيات بىلەن مۇھەببەت ھىسىياتى ماكرو - مىكرولۇق ھەمدە ماتېماتىك تەڭلىمە تەڭپۇڭلۇقى بىلەن ئۇلۇغ ئالىملار تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان سەنئىتىمىزنىڭ مەپتونكار ۋە جەزبىدار تۇيغۇغا باي روھىيىتى بىلەن باشقىلارغا سىھىرلىك تۇيغۇ بېرىدىغان سۈپەت ۋە زىننەتلىرىنى يوق قىلۋاتقان بۇ ئەھۋاللاردىن بىز مەدەنىيەت مۇھىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەتتىن ئىبارەت جەمىيەت ئىلىمىگە تەبىئەت ئالىمىدەك جىددىي قاراشقا، مىللى سەنئەتنى پەن بىلەن سەنئەت مىتودلىرىنى كىرىشتۈرۈپ تۇرۇپ دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشكە قەنەدەر مۇھتاجلىقىنى كۆرۋالدۇق. يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلىنۋاتقان تەرەننۇم- مۇزىكا، مەشرەپ ۋە مۇقامشۇناسلىقىمىزنىڭ نەزەرىيە ئاساسلىرى، ھەمدە ئىجتىمائى سەنئەتكارلىقنىڭ ئۇمومىي گەۋدىسى ھەققىدىكى چوڭ ھەجىملىك ماقالىلىرىمىزمۇ بىزدىكى مانا مۇشۇنداق كەملىكنى تولۇقلاشقا قارىتىلغان بولۇپ، بىز بۇ ئارقىلىق سەنئىتىمىزنىڭ تەييار نەرسىلەرنى دوراش ئەمەس، بەلكى فارابى، ھۈسەيىن خەلەپ، ناۋائى، مەشرەپ، نەسىردىن ئەپەندىدەك تەبىئەت، جەمىيەت، تەپەككۈر ئىلىملىرىنىڭ توپ - توپ ھۆددىگەر ئالىملىرى تەرىپىدىن يارىتىلىپ، پۈتكۈل جەمىيەتنى سائادەتكە باشلايدىغان ئۇلۇغ ئىنتىلىشنى ۋە ئالىملىقتىن سەنئەت يارىتىشنى نىگىز قىلغانلىقىنى قىسمەن ئىپادىلەپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان ئىدۇق. بىز مۇشۇنداق ئىلگىرلەپ كىتۋاتقاندا، قولىمىزغا كەلگىلى بىر يېرىم يىل بولغان بۇ ماقالىنىڭ مۇئەللىپى ئوغۇزخان ئۆزى ئېيىتقاندەك «قەلەمكەش ياكى شۇ خىياللارغا كىرگەن ئادەم ئەمەس» بولسىمۇ، ئاددىي سۆزلىرىدە بىزگە ئەمەلىي تۇيغۇ بەردىكى، بىز ئۇنى ئۆزىنى ئەھيا قىلغان مىللىي مۇھىت ۋە بۇ مۇھىتتا كۈنىمىزدە يۈز بېرۋاتقان سەنئەتتىكى بىر تەرەپلىمە ئېغىشلار ھەققىدە ئويلانغۇچى ئەقىدەت ئىگىسىدەك كۆرۈپ قالدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭ ئاددىي تىل بىلەن مۇھىتىمىزدىكى سەنئەتكە ئېغىش ۋە پەنگە سەل قاراشنىڭ ئىستىقبالىمىزغا تاقىلىدىغان ئاقىۋەتلىرى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئاددىي كۆرمەي جامائەت بىلەن مۇھاكىمە قىلىپ بىقىش ئويىدا بۇ سەھىپىمىزدە ئۈزۈندە قىلىپ(كۆپ قىسقارتىپ) ئېلان قىلدۇق. ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ نەق كۈنىمىز ۋە كېلەچىكىمىزنى نەزەرگە ئالغان ھالدا بۇ ھەقتە ئويلۇنۇپ كۆرۈشىنى ۋە بۇ ھەقتىكى يېڭى ماقالىلىرى بىلەن بۇ سەھىپىمىزنى تولۇقلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

     

     

    مۇقەددىمە
     

     


    مەن بىر قەلەمكەش ياكى شۇنداق خىياللاردا بولۋاتقان ئادەم ئەمەس. شۇنداق بولغاچقىمۇ  ھازىرغىچە مەتبەئە ئاتىقىغا كىرگەن ھەرقانداق قەغەز يۈزىدە ئىككى قۇر ھەجىمدىكى بىر نەرسە ئېلان قىلىپ باقمىغان. شۇڭا يازغانلىرىم تومتاق، پىكىر بايان قىلىشىم قالايماقان بولۇپ قالدى. شۇ سەۋەبلىك ئالدى بىلەن ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ئەيىبكە بۇيرىماسلىقىنى ئۈتۈنىمەن.

     گەرچە مەندە كومپيۇتېر ئىشلىتىش سەۋىيىسى ئېشىپ - تىشىپ تۇرسىمۇ، ئەمما، بۇ نەرسىنى ئىشلىتىپ بىر نەرسە يېزىشنى ئەزەلدىن ئويلاپ كۆرمىگەن. نىمە ئۈچۈنكىن بۇ قىتىم: «بىز داپلىرىمىزنى تاراڭشىتىپ، ناخشا - موقاملىرىمىزنى ياڭرىتىپ، مىراسلىرىمىزنى قۇچاقلىغان پېتى 21 - ئەسىرگە كىرىپ كەلدۇق. 20 - ئەسىردە بىزگە نى - نى قىسمەتلەرنى كەلتۈرگەن مۇشۇ خۇيىمىز ئەمدى يەنە قانداق تەقدىرگە دۇچار قىلاركىن» دىگەن بىر خىل ئىزتىراپ مېنى كومپيۇتېر ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. بەلكىم تەلىيىم ئوڭدىن كېلىپ مۇشۇنداق شارائىت تولۇق بىر جەمىيەتتە ياشاۋاتقانلىقىم، تۈرلۈك سىلىشتۇرمىلارنى ئېلىپ بارغانلىقىم، كۈزەتكەنلىكىم ئۈچۈن بۇ ماقالىغا ھەۋەس قىلغاندىمەن. «ھەر كاللىدا ھەر خىيال» دىگەندەك مېنىڭمۇ بۇ خىياللىرىمنى كۆپچىلىككە بىلدۈرگۈم،جاكارلىغىم ھەم ئورتاقلاشقىم كەلدى. گادىرماش سۇئاللار بىلەن تولغان بۇ ماقالەم باشقىلارنى قايىل قىلالماسلىقى مۇمكىن، لېكىن، ئىلىم - پەن بابىدىن ئىشلارنى ھەركىم دىتى يەتكەن يەرگىچە دەيدىكەن. قالغىنىنى باشقىلار ۋە كىيىنكىلەر دەيدىكەن، شۇنداقتىمۇ ھەربىر ساھەدىن بىلىم كەشپىياتى ئۇلۇنۇپ ماڭىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆززۈرەم شۇكى، مەن بىلگەنلىرىمنى مەن دەي، مەن بىلمىگەننى سىز دەڭ. مەن شۇنداق ئويلايمەنكى ھاياتلىق پەيدا بولغاندىن تارتىپ ئۆزلىكسىز  تەرەققى قىلىپ كەلگەن، شۇ جەرياندا ئەلالىرى ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ ، ماسلىشالمىغانلىرى ھالاكەت گىردابىغا ماڭغان ياكى باشقا جانلىقلار تۈرىگە سىڭىشىپ كەتكەن. بۇنداق تەرەققىيات ھالىتى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان تەبىئەت قانونىيىتىگە ئايلانغان. ئىنسانىيەتمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئىنسانلار جەمىيىتىدە ھىچقانداق تەدرىجى تەرەققىيات بولماي ئىلگىرلەش بىر ئىزدا توختاپ قالسا، ئۇنداقتا ئىنىقكى، كۈنلەرنىڭ بىرىدىكى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان پەۋقۇللادە زور بالايى قازا ئىنسانلارنى خۇددى دىنوزاۋىرنى يەر يۈزىدىن بىراقلا يوقىتۋەتكەندەك قىسمەتلەرگە دۇچار قىلىدۇ. شۇڭا دىنوزاۋىرلار تىراگىدىيىسىنىڭ ئىنسانلار جەمىيىتىدە قايتىلانماسلىقى ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز تەرەققىيات، ئىسلاھات ۋە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش بەكمۇ زۆرۈر.

    يەر شارىدىن ئىبارەت ئىنسانلارنىڭ بۇ تۇرالغۇسىدا ئىككى مىڭدىن ئارتۇق مىللەت ياشايدۇ. چوڭ مىللەتلەرنىڭ ئادەم سانى مىلىيارد بىلەن كىچىكلىرىنىڭ ئادەم سانى بارماق بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئەمما بۇ مىللەتلەرنىڭ دۇنيا تەرەققىياتىغا ۋە ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسى ئادەم سانىنىڭ ئاز - كۆپلىكى بىلەن ئەمەس، بەلكى مىللەتنىڭ نەتىجىسىگە، تىرىشچانلىقىغا، روھىغا باغلىق بولغان. بىزمۇ مىليون دىگەن سان بىلەن ئۆلچىنىدىغان مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭمۇ يەر شارىدىن ئىبارەت گىگانت ئائىلىدە ئوخشاشلا ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىش مەجبورىيىتىمىز ھەم باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئولىيىتىمىز بار.

     ئەگەر بىر يات كىشى بىزدىن نىمەڭ بار دەپ سوراپ قالسا ئىشىنىشكە بولۇدىكى، بۇنداق سۇئالغا بىزدىكى ئەڭ ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەرمۇ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سەنئىتىمىزنى، ناخشا - ئۇسولىمىزنى ھەم مۇقاملىرىمىزنى بىر - بىرلەپ تىزىپ قويغان بولاتتى. بىز ياشاۋاتقان ماكاننىڭ ئېسىللىكىنى، كۈمۈلۈپ ياتقان يەر بايلىقلىرىنى، تارىم، يورۇڭقاش دەريالىرىنى، تەكلىماكان قۇملۇقىنى، ھەرقايسى شەھەرلىرىمىزنى دەپ بەرگەن بولاتتى. بۇ يەردىن چىقىدىغان مېۋە - چېۋىلەرنى، ھۆنەرۋەن كاسىپلىرىمىز ياسىغان قول - ھۆنەر بۇيۇملىرىنى، يىپەك رەختلىرىمىز ۋە گىلەملىرىمىزنى دىگەن بولاتتى. بىزنىڭ ھىيتكاھ جەمەسىنى، تۇرپان مۇنارىنى، قەدىمى ئىدىقۇت، يارغۇل، كروران، لوپنۇر، نىيە شەھەر خارابىلىرىنى، نەزىرىمىزدىكى كروران گۈزۈلىنى كۆز - كۆز قىلغان بولاتتى. بىز يەنە ئۇيالماستىن تارىختا يېزىلغان، ئىجاد قىلىنغان ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق ھىلىقى كىتاپلار، مۇقاملار، مەشرەپلەرنى ئۇنتۇپ قالمايىتتۇق. چۈنكى بىزنىڭ جاۋابىمىزدا دىيىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىز ئاجايىپ پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن تىلغا ئالىدىغان نەرسىلەر ئىدى.

     

     


     
    1.بىزنىڭ سەنئىتىمىز

     


     

    مەن بۇ تېما ئۈستىدە توختىلىشتىن ئىلگىرى «سەنئەت» دىگەن ئۇقۇم ئۈستىدە قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ئۇنداقتا سەنئەت دىگەن زادى نىمە؟ مەن بۇ مەسىلىگە ھەقىقى جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن باشقىلاردىن سوراپ بېقىش قارارىغا كەلدىم. ماڭا يەتتە نەپەر سەنئەتكار ئۇچرىدى. بىرىنچى كىشى ماڭا سەنئەتنىڭ بېشى ئۈستىدە چاقناپ تۇرىدىغان نۇر ھالقىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئىككىنچى كىشى سەنئەتنىڭ بىشىدىكى شىلەپە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۈچۈنچى كىشى بوينىغا ئېسۋالغان مىدالىئون ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. تۆتىنچى كىشى سەنئەتنىڭ بەلباغ تاسمىسى ئىكەنلىكىنى دىدى. بەشىنچى كىشى سەنئەتنىڭ تىزلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئالتىنچى كىشىنى ئۇچراتقىنىمدا سەنئەت ئۇنىڭ نەزىرىدە پۇتقا ئېسىلىدىغان زەنجىرگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئەمدى يەتتىنچى كىشىگە يولۇققىنىمدا ئۇ سەنئەتنى ساپما كەش قىلىپ دەسسەپ يۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى... بۇ سەنئەت توغرۇلۇق ئېرىشكەن ئوخشىمىغان يەتتە تۈرلۈك جاۋاپ بولدى.

    مېنىڭ نەزىرىمدە سەنئەت شۇكى، تۇرمۇش مۇرەككەپ بولغاچقا كىشىلەر مۇكەممەل تۇرمۇشنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ، خۇشاللىق بولمىغاندا كىشىلەر يەنە مۇكەممەل خاتىرجەملىكنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىجاد قىلىدۇ، مانا بۇ سەنئەت! سەنئەت غەمسىز، توققۇزى تەل كىشىلەر ئۈچۈن قولقىغا قىستۇرۇلغان گۈلدىن ئىبارەت.

    ئەمدى گېپىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىلگىرى بىز ھىسىيات - ھىسداشلىق، پەخرلىنىش، ئىپتىخار قاتارلىق ئىمتىيازنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پىكىرلىرىمىزنى ئەمەلىيەت بىلەن باغلاپ، پاكت ئارقىلىق سوغاققانلىق بىلەن سۆزلەشنى ئۆگىنىۋالايلى. شۇندىلا ئۆزىمىزدىكى ئاجىزلىقلارنى تىپىپ چىقىشقا ياردىمى بولىدۇ.

    بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا - ئۇسوللىرى ئىنتايىن مول ھەم ھىسياتقا باي، مەزمونى چوڭقۇر، كىشىنى ئۆزىگە ئىنتايىن مەپتون قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ھەقىقەتەن توغما تالانتلىق ئۇسولچى، توغما تالانتلىق ناخشىچى. توغۇلۇپلا ئانىمىز بىزگە «ئەللەي» ناخشىسىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئايىقىمىز چىقسىلا بىزگە ئۇسول ئويناشنى ئۆگىتىدۇ. ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇسول ئويناشنى بىلىدۇ. گاچىمۇ ناخشىغا كەلتۈرۈپ غىڭشىيالايدۇ. شۇڭا بىز ياشاۋاتقان بۇ زىمىن «ناخشا - ئۇسول ماكانى» دەپ نام ئالغان. بۇلارغا قوشۇلۇپ بىزنىڭ مۇقامىمىز بىزنى ھەقىقەتەن ئىسمى - جىسمىغا لايىق ناخشا - ئۇسولغا ھىرىسمەن خەلققە ئايلاندۇرغان. ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىمىزغا شۇنداقلا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ناخشا - ئۇسول سەنئىتى ئۈچۈن جاپالىق ئىزدەنگەن، تىرىشقان كىشىلەرنىڭ خۇددى ۋاشىنگىتوندىكى ئاقساراينى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ساياھەتچىلەردەك ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقايمىز. ئۆتمۈشىمىزنىڭ ھىچقانداق بىر دەۋرىدە ناخشا - ئۇسول سەنئىتى بىزدىن يىراقلاپ كەتمىگەن، يوقالمىغان. ئۇ ھاۋاغا ئوخشاش ھەر ۋاقت بىز بىلەن بىللە بولدى ۋە ياكى جاھالەت پىرلىرى ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرلەردە بولسۇن ۋە ياكى ئەتراپىمىزدا جانغا زامىن بولىدىغان كىرزىس ھەر ۋاقت يۈز بېرۋاتقان پەيتلەردە بولسۇن بىز ناخشا - ئۇسول، سازلىرىمىزنى ئۆزىمىزگە شەرتسىز ھەمراھ قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۈمۈد، تەسەللىي، ئىشەنچ، ئىنساپ تىلەپ كەلدۇق. شۇڭا بىز دۇنيادا شەرت - شۈبھىسىزكى ئىسمى - جىسمىغا لايىق «ناخشا - ئۇسولغا مەجنۇن» مىللەت بولۇشقا مۇناسىپ. رەھىمسىز ۋاقت ئىستىرىلكىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئايلىنىشى نەتىجىسىدە، بىز ئۆزىمىزدە ئاجايىپ بىر ياشاش پەلسەپىسىنى يىتىلدۈرۈپ چىقتۇق. بۇ پەلسەپە شۇكى، بىزنىڭ نىشانىمىز ناخشا - ئۇسول سەنئىتى بىلەن ئاپىرىدە بولۇپ، يەنە شۇنىڭ بىلەن ئۇ دۇنياغا كىتىمىز.

    تارىختىن ھازىرغىچە بىزدىن نۇرغۇن سەنئەتچىلەر چىققان ھەم چىقىۋاتىدۇ. ئۇلار خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بىيىتىشقا ھەسسە قوشۋاتىدۇ. ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەقىقى سەنئەتكار بەك ئاز. بىر ھەقىقى سەنئەتكار ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيىدۇ، قىتىقىنىپ تەتقىق قىلىدۇ، ئىزدىنىدۇ، خەلققە ھەقىقى سەنئەت مىۋىلىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. مانا مۇشۇلارلا ھەقىقى مەنادىكى سەنئەتكارلاردۇر. ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ئاھاڭىنىڭ يىقىملىقلىقى ۋە مەزمونىنىڭ موللىقى بىلەن بىزگە ھەقىقى ئىستىتىك روھ بېغىشلايدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خەلقىمىزگە يېقىندىن ھامراھ بولۇپ كىلۋاتقان قىممەتلىك نەرسىلەر. بىز مانا مۇشۇ ناخشىلارنى قەدىرلەيمىز، سۆيۈپ ئاڭلايمىز.

    ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، بىزدە سازەندە - ناخشىچىلار ھەرقانداق كەسىپتىكىلەردىنمۇ كۆپ ھەم ھەرقانداق كىشىدىنمۇ بەكەرەك ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ ناخشا - ئۇسول كەسپىنى ئوقىغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلۇشۇش نىسبىتى %100 ئىكەن. چۈنكى بىزنىڭ رايونىمىزدا بۇلارنى خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۆمەك، ئانسامبىل دىگەنلەر ئونۋېرسىتىتلاردىنمۇ كۆپ، ھەتتا چەت يېزا - قىشلاقلاردىمۇ بۇنداق ئورۇنلار بار. تۇنۇلغان ناخشىچى - ئۇسولچىلارنى بىز بېشىمىزدىنمۇ ئىگىز كۆتۈرۈپ ھۆرمەتلەيمىز. بىزدىكى ناخشىچىلار، ئۇسولچىلارنىڭ ھەممىسى «تالانتلىق، كۆزگە كۆرۈنكەن»، ئومومىيلىقتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىز ئۈچۈن بۇنداق كىشىلەر ھەممىدىن بەكرەك ھۆرمەتلىنىدىغان كىشىلەردۇر. بىزنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىمىز، بەس - مۇنازىرىمىز، پاراڭلىرىمىز، ھەممە ئىشىمىز سەنئەتنى چۆردىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مۇشۇنداق تېمىغا قاتنىشالىغانلار، تەسىرى بار پىكىر بايان قىلالىغانلار ئۆزىنى ئاجايىپ بەختلىك، تەڭداشسىز سانايدۇ. بۇ باشقىلار چۈشۈنۈپ بولالمايدىغان بىر سىرلىق بەخت تۇيغۇسىدۇر. بىز مۇشۇ ناخشا - ئۇسولىمىز ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ساقلاپ قىلىش، يوقۇلۇپ كەتمەسلىك ۋە مەۋجۈتلۇقىمىز ئۈچۈن تىرىشىمىز. مانا بۇ بىزدە بار بولغان نەرسىلەر. مانا بۇلار بىزنىڭ باشقىلاردا يوق ئارتۇقچىلىقىمىز. بىزدىكى ھەممە كىشى ناخشا - ئۇسولغا ھىرىسمەن، ھەممىسىلا ماھىرلاردىن. شۇڭا ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئوننىڭ ئىچىدىكى توققۇزى چوڭ بولغاندا مۇشۇنداق كىشىلەردىن بولۇشنى ئۈمۈد قىلىدۇ، يەتتىسى شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىدۇ، ئاخىرىدا پەقەت ئۈچىلا بۇ ئورۇنغا مۇيەسسەر بولالايدۇ. قالغانلىرى ئامالسىزلىقتىن باشقا يول، باشقا كەسپ تاللاشقا مەجبور بولىدۇ. بىز بۇ كىشىلەر ئېيىتقان ناخشىلارنى ئاڭلىغىنىمىزدا ئاجايىپ بىر خىل ھاياجانغا چۆمۈمىز، مۇقام ئاڭلىغىنىمىزدا پۈتكۈل غەم قايغۇنى قايرىپ قويۇپ مۇقام ئىچىگە كىرىپلا كىتىمىز، دۇنيانى، جاھاننى پۈتۈنلەي ئۇنتۇيمىز. ئۇسولدىن ھۇزورلانغان ۋاقتىمىزدا بەدەنلىرىمىز ئىختىيارسىز قىمىرلاپ ئۇسول ھەركىتىگە ئۈنسىز جۆر بولىمىز. چۈنكى بۇ نەرسىلەر بىز توغۇلۇشىمىزدىنلا قان - قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن، ئاتا- ئانىمىزنىڭ، بوۋا - مومىمىزنىڭ ھەتتا ئۇنىڭدىن ئىلگىركى ئەجداتلىرىمىزنىڭ روھى ۋە جىسمىغىمۇ دەل مۇشۇنداق نەرسىلەر سېڭىپ كەتكەن.  مانا بۇ بىزنىڭ جىسمىمىزدا ئورنى ھەممىدىن يوقىرى تۇرىدىغان مىللەت روھى!

    خوش، ئۇنداقتا ئەمدى بۇ نەرسىلەر بىز ئۈچۈن نىمە قىلىپ بېرەلىدى دىگەن مەسىلىگە كېلەيلى. ئەگەر بۇ سۇئالنى ئوتتۇرىغا قويسام نۇرغۇن كىشىگە كۈلكىلىك تۇيۇلۇشى، مېنى ئەخمەق دەپ قارىشى ياكى مەسخىرە قىلىشى، ھەتتا ماڭا غەزەپ بىلەن ھۇمۇيىشى تۇرغانلا گەپ. چۈنكى مۇشۇنداق كىشىلەر ئارىسىدا ياشاۋاتقان ھەم شۇلارنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ تۇرۇقلۇق شۇنچىلىك ئاددى ئۇقۇمنىمۇ چۈشەنمىگەنلىكىمدىن ئۇلارنىڭ ئەجەپلىنىشى ھەم نەپرەت بىلەن تىكىلىشى ئورۇنلۇق. ئەمما مەن مۇشۇنداق سۇئال سوراشنى لايىق كۆردۈم. بۇنداق سۇئال سوراش ماڭا ئۇزۇندىن بۇيان مەجبورىيەت بولۇپ قالغاندەك، سوراپ باقمىساپ زادى كۆڭلۈم تىنجىمايدىغاندەك بىلىنىپ كەلگەن ئىدى. بۇ قىتىم پۇرسەت بولۇپ مەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا بۇ سۇئالنى سوراشقا مۇيەسسەر بولالىدىم. ئەگەر سورىغان سۇئالىم كىشىلەرنىڭ غۇرورىغا تىگىپ كەتسە مېنى ئەپۇ قىلىڭلار.

    مېنىڭ سۇئالىمغا ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر شۇنداق دەپ جاۋاپ بېرىشىدۇ:

    —  ناخشا - ئۇسولىمىز روھى تۇرمۇشىمىزنى بىيىتىدۇ، بىزگە مەنىۋى ئۇزۇق بېرىدۇ، بىزگە خۇشاللىق بېغىشلايدۇ.

    يەنە بىر قىسىم كىشىلەر شۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ:

    — بىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلىپ، غەم - قايغۇدىن خالاس قىلىدۇ، بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى ئاچىدۇ، مەنىۋى تۇرمۇشىمىزنى بېيىتىدۇ.

    يەنە بىر قىسىم كىشىلەر:

    — سەن ئېلىشىپ قاپسەن، ئۇنىڭ قىممىتىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ، — دەپ جاۋاپ بېرىشىدۇ.

    بۇلارنىڭ دىگىنى توغرا، چۈنكى ناخشا - ئۇسول بىزگە ھەقىقەتەن بۇلار ئېيتقاندەك نەرسىلەرنى بېرەلەيدۇ ھەم ئاتا قىلالايدۇ. ئەمما مېنىڭ داۋاتقىنىم ئۇ ئەمەس، بۇنىڭدىنمۇ يوقىرى، بۇنىڭدىنمۇ قىممەتلىك نەرسىلەر. بۇنداق نەرسىلەر ئەزەلدىن بىزدە بولۇپ باقمىغان ھەم بىز خىيال قىلىشنىمۇ تېخى ئويلاپ يىتەلمىگەن. بۇ نەرسىلەرنى سەنئەت ھەرگىز ئاتا قىلالمايدۇ. مېنىڭ دىمەكچى بولغانلىرىم شۇكى، ئۇ خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئورۇن، يوقىرى ئابروي ۋە ئىناۋەت، يۈكسەك بۇرۇچ ۋە مەسئولىيەتچان كىشىلەردىن بولۇش. بۇلارنى بىزنىڭ ناخشا - ئۇسوللىرىمىز، مۇقامىمىز ھەم سازلىرىمىز ھەرگىز ئاتا قىلالمايدۇ، بىزنىڭ مەنىۋى تۇرمىشىمىز زادى قاچان بېيىپ بولىدۇ؟ بىز يەنە مىڭ يىل شۇنداق قىلساقمۇ بۇ نەرسىلەرگە ئېرىشەلمەيمىز. چۈنكى ئۇلار بەك ئاددى، بىر تەرەپلىمىلىك ھەم كۆزگە كۆرۈنگىدەك ئەمىلىي قىممەت يارىتىپ بېرەلمەيدۇ. بۇ نەرسىلەرنىڭ ئېلىپ كىلەلىگىنى پەقەت بىز ئۈچۈنلا شۇنچە قىممەتلىك، شۇنچىلىك بىباھا ۋە قەدىرلىك. ئەمما خەلقئارادا، تەرەققى قىلغان مىللەتلەر ئىچىدە بۇ نەرسىلەرنىڭ قانچىلىك قىممەتكە يارايدىغانلىقىغا بىرنىمە دىمەك تەس. ئەلۋەتتە، مېنىڭ بۇ يەردە ئاتالمىش قىممەت ئارقىلىق بۇ نەرسىلەرنى ئۆلچىگەنلىكىم تامامەن خاتا بولۇشى مۇمكىن، شۇنىسى مەن(ۋە بىز) سىلىشتۇرمىغان تەقدىردىمۇ خەلقئارا جەمىيەت ئوخشاشلا شۇنداق باھا قويىدۇ. ئەمگەك كۈندىن كۈنگە ئىقتىساد بىلەن ئۆلچۈنۋاتقان ھازىرقى ھەم كەلگۈسى ئەسىردە ھەرقانداق نەرسىنىڭ قەدىرى پەقەت ئۆزى ياراتقان قىممىتى ئارقىلىقلا تېخىمۇ ئەزىزلىندۇ. مەن بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەنمەن، سەنئەتنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى قىممىتى توغرىسىدا بىر مىسال كەلتۈرۈپ ئۆتۈپ كىتەي. يىراق ئۆتمۈشنىمۇ دىمەي، دۆلىتىمىز ئازادلىققا ئېرىشىپ، مىللىي سەنئەت ئىشلىرى ئەركىن تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشكەن يېقىنقى زامان 55 يىل ۋاقىتنى كۆزدە تۇتۇپ ئېيىتساق، بۇ يېرىم ئەسىر مابەينىدە مۇقام، مەشرەپ، تۈرلۈك ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكلىرى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن يىلىغا ئون قىتىم ئۆتكۈزۈلدى دەپ ھىساپلايلى. ھەر قىتىمقىنىڭ ئوتتۇرىچە بىلەت كىرىمى يۈز مىڭ يۈەن بولدى دىسەك بۇ كىرىم جەمئى بىر مىليون يۈەن بولغان بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا 55 يىللىق سەنئەت كىرىمىمىز 55 مىليون يۈەن بولغان بولىدۇ. ئەمدى بىز يەنە شەخسىلەر ئۆتكۈزگەن تۈرلۈك سەنئەت كېچىلىكلىرى ۋە چەتئەللەرنى ئارىلاپ قويغان تۈرلۈك ئورۇنلاردا يارىتىلغان ئىقتىسادى قىممەتنى 10 مىليون يۈەن دەپ ھىساپلىساق، بىزنىڭ سەنئىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى قىممىتى جەمئى 65 مىليون يۈەن بولغان بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ تېخى ساپ كىرىم ئەمەس. ئەمدى بىز ئېرلاندىيىلىكلەرنىڭ 200 كىشىلىك دەريا ئۇسول ئۆمىكى ئورۇنلىغان پۈتۈن دۇنيانىڭ ئېتراپ قىلىشىغا مۇيەسسەر بولالىغان پۇت ئۇسولىنىڭ قىممىتىگە نەزەر تاشلاپ باقايلى. خەلقئارادا «ئۇسول شاھى» دەپ نام ئالغان دەريا ئۇسولى 1997 - يىلى بارلىققا كىلىپ ناھايىتى تېزلا پۈتۈن دۇنياغا تونۇلدى ھەم ئىلگىرى - كىيىن بولۇپ ئۈچ مىڭ مەيدان ئورۇندۇلۇپ بەش مىلياد يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادى قىممەت ياراتقان، كۆرەرمەنلىرىمۇ مىلياردتىن ئىشىپ كەتكەن! ئۇنىڭ سەككىز يىللىق ئىقتىسادى قىممىتى بىزنىڭ سەنئىتىمىز ياراتقان ئىقتىسادى قىممەتتىن نەچچە مىڭ ھەسسە ئارتۇق. بۇ ئىقتىسادى قىممەت توغرىسىدىكى سىلىشتۇرما. ئەمدى ئىجتىمائى ئۈنۈمىگە بىر نەرسە دەپ باقايلى. ئىجتىمائى ئۈنۈم شەكىلسىز نەرسە، ئۇنى ئىقتىسادقا ئوخشاش كۆرگىلى ياكى تۇتقىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئىجتىمائى قىممىتىنى سىلىشتۇرۇش پەقەت نىسبىي بولىدۇ، ئەلۋەتتە. بىزنىڭ سەنئىتىمىزنىڭ كۆرەرمەنلىرى ئون مىليون دەپ قارىساق(بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى مىليون كىشى باشقا مىللەت)، پەقەت ئون مىليون كىشىلىك مەنىۋى ھوزۇر ئاتا قىلغان بولىدۇ. ئۆزىمىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا سەنئەت ساھاسىدىكىلەرنىڭ كۆپۈيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىرلاندىيە دەريا ئۇسولى پۈتكۈل دۇنيادا مىليادتىن ئارتۇق كىشىگە مەنىۋى ئۇزۇق ئاتا قىلىدۇ. ئىشىنىمەنكى، ئىجتىمائى قىممەت جەھەتتىمۇ ئىرلاندىيە دەريا ئۇسولى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگەنلەيدۇ. بۇ مىسال كۆپ كىشىلىرىمىزگە تولىمۇ بىمەنە تويىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىرادىسى بۇيىچە سەنئەتنىڭ قىممىتى چەكسىز، چەتئەلنىڭ سەنئىتى بىلەن سىلىشتۇرۇش ئەخمىقانىلىق. شۇ كىشىلەر  ئېيتىپ باقسۇن: نىمە ئۈچۈن سىلىشتۇرغىلى بولمايدىكەن؟ چەتئەل سەنئىتى ئىلغار، بىزنىڭ «تۆۋەن» بولغانلىقى ئۈچۈنما؟ ئۇنداقتا مەسىلە زادى قەيەردە؟ جاۋاپ شۇكى، بىزنىڭ سەنئەتنى زادى قانچىلىك دەرىجىدە چۈشۈنۈش مەسلىسىدە، خەلقئارادا نوپۇز - ئىمتىيازنىڭ بار - يوقلىقىدا. سەنئەت قول تەككۈزگىلى، باھا قويغىلى بولمايدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇنىمۇ ئادەم ۋۇجوتقا كەلتۈرگەن ۋە تەرەققى قىلدۇرغان نەرسە. بىز توغۇلۇپلا ناخشا - ساز بىلەن ئۇچرۇشۇپ بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەچكىمۇ ئىدىيىمىزدە ئۇنىڭغا بولغان چەكسىز چوقۇنۇش، كۆز قاراش شەكىللەنگەن، ھەتتا «ناخشا - ئۇسولغا تىل تەككۈزۈشكىمۇ بولمايدۇ، ئۇ ھەممە نەرسىدىنمۇ مۇھىم» دىگەندەك ئۆزگەرتىش تەس بولغان ئىتىقاد سىڭىپ كەتكەن بولۇشى ئېھتىمال. ئەمما بىز سەنئەتنى ھەقىقى چوڭقۇر چۈشۈنۈپ تەتقىق قىلىپ بىقىشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان. بۇنىڭغا بىزدىكى سەۋىيە ۋە مالىيە كۈچى يەتمەيدۇ. بىز بۇ ئىككى خىل شەرتنى ھازىرلىمىغان. بىزنىڭ سەنئىتىمىز ئىقتىسادى كىرزىستىن ئىڭىراۋاتقان بولىدۇ.

    ئىنسانلار جەمىيىتى پەيدا بولغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئۆزلىكسىز تەرەققى قىلىپ كەلدى. نىمە ئۈچۈن شۇنداق تەرەققىياتلار بولالىدى؟ تەرەققى قىلىشنىڭ تۈپ مەقسىدى نىمە؟ ئەگەر بۇ سۇئاللار مېنىڭدىن سورالسا، مەن شۇنداق جاۋاپ بەرگەن بولاتتىم: بىرى ئۆزلىكسىز تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىنى تېخىمۇ مۇكەممەلەشتۈرۈش، تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ھەم تېخىمۇ ياخشى ياشاش، ئارزو قىلغان غايىۋى مۇكەممەل تۇرمۇشقا ئېرىشىپ، ئىنسانىيەتكە ماددىي ۋە مەنىۋىي ئۇزۇق بەخشەندە قىلىش ئۈچۈن بولسا، يەنە بىرى مەڭگۈ مۇتلەق مەۋجوتلۇقىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈندۇر. مانا بۇ مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئىنسانلار جەمىيىتى تەرەققىياتىنىڭ تۈپ مەقسىدى توغرىسىدا بېرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى جاۋابىم. شۇنداق تەدرىجى تەرەققىيات جەريانىدا ئاجىزلىرى پۈتۈن قەۋىم بۇيىچە يوقۇلۇپ تۈگىدى، سەل كۈچلۈكلىرى يوقالمىغان تەقدىردىمۇ باشقىلارغا قوشۇلۇپ كىرىپ كەتتى، ئاخىرىدا قېلىپ قالغان كۈچلۈكلەر ئۆز قەۋىمىنى ساقلاپ قالالىدى. بۇ يەردە شۇنداق بىر گۇمان توغۇلىدۇ: بىزمۇ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۋاتمامدۇق؟ توغرا بىز تېخى ئۆزلىكسىز يېڭىلىنىپ يېزىلۋاتقان تارىخ سەھىپىسىدىن چۈشۈپ قالغىنىمىز يوق. بۇ پەقەت بىزنىڭ تەلىيىمىزنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا ئوڭدىن كىلىپ جۇڭگودا ياشاۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا بولدى، خالاس. ئەمدى يەنىلا مۇشۇنداق كىتىۋەرسەك بۇنداق رەھىمسىز يوقۇتۇلۇش قىسقىلا ۋاقت ئىچىدە بىزگىمۇ يىتىپ كىلىدۇ. بىز ناخشا - ئۇسوللىرىمىزنى، مۇقاملىرىمىزنى شۇنچىلىك كۈچەپ ئېيتساقمۇ دۇنيا بۇنىڭغا پىسەنت قىلىپ قويمايدۇ. چۈنكى بىز ئۆزىمىزنىڭ نەرسىلىرىنى جۇڭگو ۋە خەلقئارالىق ئۆلچەمگە ئايلاندۇرالمىغان. شۇڭا ئىلىمىز جۇڭگو بىزگە نەزەر ئاغدۇرسىمۇ خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ نەزىرىگە چۈشمەيمىز. بىزدە يىگىرمە خىلدىن ئارتۇق چالغۇ ئەسۋاپ بار، شۇنچىلىك كامالەتكە يەتكۈزۈپ چالىمىز، ئەمما دۇنيادا بىزنىڭ بۇ نەرسىلىرىمىزنى كىم چالىدۇ؟ بۇ نەرسىلەر يەنە كىمگە ئۇموملاشتى؟ باشقىلار بىزنىڭ ئاھاڭىمىزدىن پايدىلىنىپ بىرەر ناخشا ئىجات قىلىپ بىقىپتىمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق بولۇپ باقمىدى. چۈنكى بىزدە ئۇنى ئېلىمىزگە ھەم دۇنياغا تۇنۇتقىدەك ئىقتىدار تولۇق يىتىلمىدى. بەلكىم شۇنداق پۇرسەتلەر بولغاندۇ، ئەمما بىز قەدىرلىمىگەن، تىرىشمىغان. ئۇ نەرسىلەرنى پەقەت بىزلا چالىمىز، بىزلا چوڭ كۆرىمىز، بىزگىلا تەۋە. شۇڭا بىزنىڭ سازلىرىمىز يۈز خىلغا يەتسىمۇ دۇنيانىڭ بۇنىڭ بىلەن كارى يوق. باشقىلارنىڭ سازلىرى ئاللىقاچان خەلقئارا ئۆلچەمگە ئايلىنىپ بولغان. يەنىمۇ ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس. بىز يەنىلا ئۆز كۆزقارىشىمىزدا جاھىللارچە تۇرىۋەرسەك ناخشا ئۇسولغا مەست بولۇپ ئۆتۈش ھاياتلىق ماھىيەتلىرىنى كۆرەلمەي گاڭگىراشتىن باشقا نەپ بەرمەيدۇ، خالاس.

    بىز مانا مۇشۇنداق ناخشا - ساز، مۇقام - مەشرەپلىرىمىزگە چەكسىز ئىشىنىپ، سەنئەت قىزغىنلىقىغا زىيادە بېرىلىپ كىتىپ ، دۇنيا تەرەققىياتى، ئىلىم - پەن، دەۋر تەقەززاسى ھەم سەنئەت ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلالماي، ئالدىدا ئۇزاپ كەتكەنلەرگە يىتىۋىلىش ئۈچۈن دەلدەڭشىپ كىتۋاتىمىز. مۇشۇ قەدىمىمىزدە ئىلگىرلىسەك خۇددى توشقان بىلەن تاشپاقىنىڭ يۈگرەش مۇسابىقىسىنى ئۆز بىشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق كۆرگەن بولىمىز. شۇنىسى بۇ قىتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، قانائەتسىز ئىنسانلار ھەرگىز توشقان ئەمەس، ئۇ يېرىم يولدا ئۇخلاپ قالمايدۇ، بىز تەۋرىگىچە باشقىلار نىشانغا يىتىپ بارىدۇ.

     كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا، بىزنىڭ سەنئىتىمىزمۇ ناچار بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما چاتاق يېرى بىزدە دەل ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ بولمىغانلىقىدا. باشقىلاردا ئىلغار مەدەنىيەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار بىر يىل ۋەياكى بەش يىل ئىچىدە بارلىققا كەلتۈرگەن سەنئەت مىۋىسى ناھايىتى تېزلا پۈتكۈل دۇنياغا يامرايدۇ. ئەمما بىزدە شۇنداق مەدەنىيەت بولمىغاچقا تارىختىن بۇيانقى بارلىق تىرىشچانلىقلىرىمىزنى ھىچكىم بىلمەي كىلۋاتىدۇ. سەنئەتنىڭ تېز سۈرئەتتە ئوموملىشىشى دەل ئۇلارنىڭ قولىدا ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ بولغانلىقىدا. بۇ خوددى داڭلىق ماركا ئىستىراتىگىيىسىگە ئوخشايدۇ. مەلۇم بىر داڭلىق شىركەت ئىلگىرى مەلۇم تۈردە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ئارقىلىق بازارنى كونتىرول قىلىپ، خىرىدارلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا، ھۆرمىتىگە ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن. كىيىن بۇ شىركەت يەنە بىر خىل يېڭى تىپتىكى مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ بازارغا سالغان بولسا خىرىدارلارنىڭ نەزىرىدە ئوخشاشلا ياخشى مەھسۇلات بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. دىمەك داڭلىق ماركا كاپالىتى بۇ شىركەتنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ياخشى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرالايدۇ، بازىرىمۇ ئوخشاشلا ياخشى بولىدۇ. گەرچە بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئىقتىدارى باشقا ماركىدىكى ئوخشاش مەھسۇلاتنىڭ ئىقتىدارى بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ ئەمما كىشىلەر يەنىلا داڭلىق ماركىدىكى مەھسۇلاتنى سېتۋالغانلىقىدىن ھۇزور ھىس قىلىشىدۇ.

    بىزنى دۇنيا خەلقىنىڭ ھەممىسى «سەنئەت مىللىتى» دەپ ئېتراپ قىلغىنى يوق. سەنئەت ئۈچۈن ئىزدىنىشىمىز، تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز دۇنيانىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى. بىز پەقەت ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزلا ئېتراپ قىلۋاتىمىز. شۇنداق ئېتراپ قىلىش نەتىجىسىدە زىيادە سەنئەت قىزغىنلىقى ئەسەبىيلىشىش دەرىجىسىگە قاراپ كۆتۈرۈلىۋاتىدۇ. ساز پەدىسىنى ئانچە - مۇنچە باسالايدىغان ياكى پارچە - پۇرات ئاھاڭلارنى بىلىدىغان ياشلار، ئۆسمۈرلەر ناھايىتى تېزلا بۇ سەپكە قىتىلىپ قوشۇن ئۆزلىكسىز زورايماقتا... ئىلىمىز ۋە دۇنيادىكى ھەممىلا مىللەتلەرنىڭ ناخشا - ئۇسول  سەنئىتى بار، ئەمما ئۇلار زامانىۋى ياشاش پەلسەپىسىنى تۇرمۇشقا ئايلاندۇرغان، سوغۇققان بىلىم داھىيلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە  ئۆزلىرىنى تۇتىۋالغان، ئاڭلىق ھالدا ماكرولۇق تەڭشەش ئېلىپ بارغان، ساغلام ياشاش پەلسەپىسى يىتىلدۈرۈپ قانداق قىلىشنىڭ تۇغۇرلىقىنى تۇنۇپ يەتكەن. شۇڭا ھازىرقى سەنئەت مىۋىلىرىمىزنى مەملىكەتكە، دۇنياغا تونۇتىمىز - يەتكۈزىمىز ۋە ئىلىمىز بىلەن دۇنيا سەنئەت مۇنبىرىدە پۇت دەسسەپ تۇرىمىز دەيدىكەنمىز، سەنئەت تەتقىقاتىنى ھەقىقى سەنئەتكارلىرىمىزغا قالدۇرۇپ(ئۇلار يول ياسىغاچ تۇرسۇن)، قالغانلىرىمىز توغرا يۈلۈنۈشنى تىپىۋالايلى. ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى بىر داڭلىق «ماركا» قىلىپ چىقايلى، شۇندىلا بىزنىڭ باشقا «مەھسۇلات»لىرىمىزمۇ خەلقئارادا ئوخشاشلا ئالقىشقا ئېرىشىۋېرىدۇ. سەنئەت بىر خىل روھىي ياكى مەنىۋى ئۇزۇق، دۇنيا ئاللىقاچان بۇنداق ئۇزۇق توغرىسىدىكى تېمىلاردىن يىراقلاپ كەتتى، ئاللىقاچان مەسىلە بولماي قالدى.

     دۇنيادىكى «سەنئەت دۆلىتى» دەپ نام ئالغان فرانسىيىنى مىسالغا ئالساق، بۇ دۆلەت «سەنئەت دۆلىتى» بولۇپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دۇنياغا داڭلىق «سانائەت دۆلىتى»دىن ئىبارەت، فرانسىيىنىڭ ماشىنىسى، ئايرۇپىلانلىرى دۇنيادا خېلى چوڭ بازارنى ئىگەنلەيدۇ. فرانسىيىنىڭ سەنئىتىنى بىز ياقتۇرمىغىنىمىز بىلەن پۈتكۈل دۇنيا ياقتۇرىدۇ، بىز شۇنچە قەدىرلەيدىغان سەنئىتىمىزنى تېخى دۇنيا بىلمەيدۇ.

    ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، بىزدىكى ناخشا - ئۇسوللار، مۇقام - مەشرەپلەر ھەرقانچە مۇنەۋۋەر، ھەرقانچە قەدىرلەشكە ئەرزىسىمۇ ئەمما ئىلىم - پەن تېخىمۇ قەدىرلىنىۋاتقان 21- ئەسىردە بۇ نەرسىلەر ئۆز لايىقىدا بولغىنى ياخشى. دۇنيا ھەرگىز ناخشا - ئۇسول بىلەن ئىلگىرلىمەيدۇ، ھەرگىز ناخشا - ئۇسولغىلا رام بولۇپ تۇرۇپ قالمايدۇ. چۈنكى رىقابەت، خىرىس ۋە ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتىدەك رەھىمسىز رىئاللىق ئەمدى بۇلارغا ھەرگىز پۇرسەت بەرمەيدۇ.

     

     


     
    2.بىزدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر

     

     



    بىز يوقۇرقىدەك ئالاھىدىلىكلىرىمىز بىلەن شەك - شۈبھىسىز ھالدا بىرىنچى بولۇپ مۇشۇ كەسىپتىكىلەرنى، سەنئەتچىلەرنى، ناخشىچى  ۋە مۇقامچىلارنى سۆيىمىز، ئۇلار ئۈچۈن كۈيىمىز، ئۇلار ئۈچۈن ئەزىز جىنىمىز ھەرقاچان پىدا، پىدا بولمىغان تەقدىردىمۇ ئۇلار ئۈچۈن كېسەل بولۇپ بېرىمىز. بىزنىڭ مەبۇئاتلىرىمىزدا، گېزىتلىرىمىزدە، رادىئو - تېلۋىزىرلىرىمىزدا بۇ كىشىلەرگە ئۆزلۈكسىز مەدىھىيىلەر ئوقۇلىدۇ. ئۇلارنى ماختاپ ھارمايمىز، بۇنداق كىشىلەر ئېكراندا پەيدا بولغان ھامان قىلىۋاتقان ئىشىمىزنى قويۇپ دىققەت بىلەن تىكىلىمىز. چۈنكى ئۇلار بىز ئۈچۈن ئەڭ سۈيۈملۈك، ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر ...

    ئىلگىرى شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىدا پەقەت بىرلا مەخسوس پىروگىرامما بېرىلىپ شۇنداق كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇلسا بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق پروگىراممىلارنىڭ سانى 3-4 خىلغا يەتتى. ھەتتا يىتىشەلمىگەن، چۈشۈپ قالغانلىرى بىر قىسىم پروگىراممىلارنىڭ ئىچىگە قىستۇرۇلۇپ تولۇق تۇنۇشتۇرۇلدى. شۇڭا ياشلار، ئۈسمۈرلەر، ھەتتا ئەمدىلا تىلى چىققان گۈدەك بالىلارمۇ بۇ پروگىراممىلاردىن ئاتالمىش ئىنتايىن توغرا بىر يولنى، كەلگۈسىدە مۇشۇنداق كىشىلەردىن بولۇش غايىسىنى ئۆزلىرىدە پەيدا قىلدى. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئەتىدىن كەچكىچە مۇشۇنداق پروگىراممىلار ئارقىلىق بۇ خىلدىكى كىشىلەرگە ئاپىرىن ئوقۇلسا بىزدىكى ياش - ئۈسمۈرلەرنى خاتا يولغا باشلىماي قالاتتىمۇ؟ ھەتتا مېنىڭ ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەن ئوغلۇم تېلۋىزۇردا قويۇلغان ناخشىنى ئاڭلاپلا قولىنى كۆتۈرۈپ ئۇسول ھەركىتىنى دورىغانلىقىغا ئەقىلىم ھەيران بولدى. تېلۋىزۇرنى قاچانلا ئاچساق ناخشا ئاۋازىمىز ياڭراپ تۇرۋاتسا؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە تېلۋىزۇرغا چىقىش بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى شەرەپلىك، يېڭىچە ئىش تۇرسا؟ بىز ئالىملار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش، ئۇلاردىكى بىلىمگە شېرىك بولۇشقا ئەمەس، ئۆزىمىزنى كۆرسىتىشكە ئامراق تۇرساق!

    مانا مۇشۇنداق تۈرۈتكىنىڭ تەسىرىدە بىزدىكى ياش - ئۈسمۈرلەر ئوقۇشتا، ئىمتىھاندا نەتىجە قازىنالمىسا كۆپۈنچە ئەھۋالدا تەبئى ھالدا ئالدى بىلەن ناخشىچى بولۇش يولىنى تاللاپ بىقىشنى ئويلىشىدۇ. چۈنكى بۇنداق بولغاندا ناھايىتى ئاسانلا نام قازانغىلى، تېزلا تۇنۇلغىلى بولىدۇ، جىق مەبلەغ كەتمەيدۇ. دەسلىپىدە ئۇسوللۇق ناخشىدىن بىرقانچىنى ئېيتىدۇ، ۋاقت ئۆتكەندىن كىيىن ئاھاڭى قۇلاققا ياقمايدىغان ناخشىدىن بىر نەچچىنى «ئىجاد» قىلىپ بىر ياكى ئىككى پىلاستىنكا چىقىرىپلا ئاتالمىش چولپانغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا بىزدە بۇنداق ناخشىچىلار ساماندەك. مۇشۇنداق كىشىلەرمۇ سەنئەتچى بولالامدۇ؟ ياق، ئۇلار سەنئەتنى بۇزغۇچىلار. بىزدە كەڭ خەلقنىڭ ھەقىقى ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن سەنئەتچىلەر ناھايىتى ئاز. ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ تەتقىق قىلىدىغان، خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان ھەقىقى سەنئەتكارلار ناھايىتى كەمچىل. شۇڭا ھەقىقى سەنئەتكە داغ تەككۈزۋاتقان كىشىلەر كاللىسىنى سېلكىۋىتىشى لازىم. چۈنكى، سەنئەتنى ئالدى بىلەن ھەقىقى سەنئەتكارلار يارىتىدىغان نەرسە. قالغانلارنىڭ ۋەزىپىسى ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان كەسىپلەر بۇيىچە ئىلغار مەدەنىيەت يارىتىشتىن ئىبارەت.

    بىزدە ئىككىنچى تۈركۈمدە ھۆرمەتلىنىدىغانلىرى يازغۇچىلار. يازغۇچىلار دىگەندە بىزدىكىلەر نۇقۇل ئەدەبىيات ساھەسىدە قەلەم تەۋرىتىپ قەغەز يۈزىدە يېزىپ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلدىغانلارنى نەزەردە تۇتىدۇ. توغرا، ھەقىقى يازغۇچىلار مىللەتنىڭ گۈھۈرى، ئەلۋەتتە ھۆرمەتلىنىشكى تىگىشلىك. لىكىن بىزدىكى بەزىلەر ئۇنى گۈھەر دەپ بىلمەي، ئاددى بىر ئىشقا ئايلاندۇرۋالغان. شۇڭا يازغۇچىلىق كەسپىمۇ بىزدە ئۇرۇنۇپ باقىدىغان كەسپ بولۇپ قالغان. ئەمما بىزچە بۇنىمۇ ھەقىقى بىلىملىك، غۇرورلۇق يازغۇچىلار قىلسا بولىدىكى، ئەدەبىياتنىڭ نىمىلىكىنى چۈشەنمەيدىغان، قۇرۇق شۆھرەتكە بېرىلىدىغان كىشىلەر بۇ ئارقىلىق ئابرويپەرەسلىك قىلسا بولمايدۇ. قاملاشتۇرالمايدىغانلار مەيدىسىنى كېرىپ ئەركەكلەرچە سىلىق توختاپ قالسا، بۇنىڭلىق بىلەن كىتاپ - ژۇرناللارنىڭ سانى ئازلاپ كەتسىمۇ سۈپىتى يوقىرى كۆتۈرىلىدۇ. شۇنداق تۇرسا بىزدە نىمە ئۈچۈن كۆپ كىشىلەر يازغۇچى بولۇش يولىنى تاللايدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى قىسقا: چۈنكى ئۇلارمۇ دورامچى سەنئەتچىلەردەك يازغۇچىلىقنى ئاشۇنداق ئاددىي ئىش دەپ بىلۋالغان بولسا كېرەك. شۇڭا ھەتتا نامى چىققان بىرقىسىم يازغۇچى، شائىرلىرىمىزمۇ ئۆزىنى زاماندار بىر ئەدىپ قىلىپ تەربىيلەشنىڭ كۇيىدا بولماي، ئەسەرلىرىدە ئەتراپىدىكى تۇرمۇشنى ئاددىي تەسۋىرلەش بىلەن بەنت بولۇپ كەتكەن.تەسەۋۋۇر كۈچى شۇ كىشىنىڭ بىلىم سەۋىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، نىسبەتەن ئاددىي بولغان ئىجتىمائى پەن ساھەسىدىن چىققان بەزى يازغۇچىلىرىمىزنىڭ تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارى ئەتراوىدىكى تۇرمۇشنى ئاددىي تەسۋىرلەش بىلەن بولۇپ قالغان. شۇڭا ئۇلاردا ھازىرقى جەمىيەتنىڭ تەقەززاسى بولغان، ياش - ئۈسمۈرلەرنىڭ بىلىش دائىرىسىنى، تەسەۋۋۇر كۈچىنى بىيىتىشقا چوڭ ياردىمى تىگىدىغان ئىلمىي فانتازىيىلىك ئەسەرلەرنى ۋۇجوتقا كەلتۈرۈش ئىقتىدارى يوق. ئەگەر مۇشۇ ماقالامنى يېزۋاتقان ۋاقىتتا يەنە باشقا بىرەر كىشى بۇنداق ئەسەر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانمىغانلا بولسا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئىچىدە فانتازىيىلىك ئەسەر يازغان ھۆرمەتكە سازاۋەر يازغۇچىمىز سولتان ھاشىم ئەپەندى ھازىرغىچە بىردىنبىر فانتازىيىلىك ئەسەر يازغان ئەرباپ بولۇپ قالدى. فانتازىيىلىك ئەسەر تىلغا ئېلىنسا خېلى ئۇقۇمۇشلۇق قەلەمكەشلىرىمىزمۇ ھىيقىتماستىن «ھىلقىدەك خىيالى نەرسىلەر سۆزلىنىدىغان ھىكايىلەرمۇ...» دەيدۇ. ئەمما ئىلمىي فانتازىيىلىك ئەسەرنىڭ ئىچىگە ئالغان ئەمىلىي بىلىم قىممىتى ۋە ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن مول تەسەۋۋۇر، يۈكسەك ئىنتىلىشنى بىزنىڭ ئاشۇنداق «يازغۇچىلىرىمىز» قانداقمۇ چۈشەنسۇن؟ بۇنداق ئەسەر يېزىشنىڭ مۇرەككەپلىكىنى، يازغۇچىنىڭ ئونۋىرسال بىلىم سەۋىيىسىگە بولغان تەلىپىنىڭ قانچىلىك يوقىرلىقىنى ئۇلار قانداقمۇ ئويلاپ يىتەلىسۇن؟ ئەتراپلىق بىلىم بىلەن مول تەسەۋۋۇر كۈچىنىڭ بىرىكىشىدىن كەشپىياتنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىدىغانلىقىنى، فانتازىيىلىك ئەسەرلەردە دەل مۇشۇنداق كەلگۈسى دۇنيادىكى يۈكسەك كەشپىياتلارنىڭ تىلغا ئېلىنىدىغانلىقىنى، ئىلمىي ئاساسى بارلىقىنى، شۇ ئارقىلىق ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۆزلىكسىز تەرەققى قىلىشىغا مەلۇم دەرىجىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى بىزنىڭ «خىيالى نەرسىلەر» بىلەن خۇشى يوق يازغۇچىلىرىمىز قانداقمۇ چۈشەنسۇن؟ ئۇلار مەڭگۈ چۈشىنەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇنداق ئەسەرلەر ئۇلار كىچىك ۋاقتىدا ئوقۇغان ياكى ئاڭلىغان چۆچەككىلا ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىرادىسى بۇيىچە ئېيىتقاندا بۇنداق «مۇرەككەپ» خىياللارنى قىلىش قۇرۇق ئاۋارىچىلىق، ئۆزىنى ئۇپراتقانلىق، ۋاقت ئىسراپ قىلىپ نام چىقىرىش پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويغانلىق، خالاس. ئەمەلىيەتتە بۇ يازغۇچىلار مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى يازغۇدەك ئۇنۋېرسال، مول بىلىم سەۋىيىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئېتراپ قىلىشمايدۇ. فرانسىيىنىڭ دۇنياغا داڭلىق يازغۇچىسى، «ئىلمىي فانتازىيىلىك ئەسەرلەر پىشىۋاسى» دەپ نام ئالغان ژۇلى ۋېرىن پۈتۈن ئۈمرىدە ئەللىكتىن ئارتۇق رۇمان يازغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى فانتازىيىلىك ئەسەرلەر بولۇپ، ئەسەردىكى ئىلمىي ئاساسلارنىڭ موللىقى ۋە چۈشۈنۈشلىكى بىلەن خەلقئارادا ناھايىتى زور ئۇتۇق قازاندى.  يازغۇچى «سۇ ئاستىدىكى سەكسەن مىڭ كىلومېتىرلىق سەپەر» ناملىق ئەسىرىدە ئىنسانلار جەمىيىتىدە يۈز يىلدىن كىيىنلا ئاندىن رۇياپقا چىققان   يۈكسەك تەسەۋۇرىنى بايان قىلىپ، شۇ دەۋىرنىڭ سەۋىيىسىدىن كۆپ دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن ئىلغار سۇ ئاستى كېمىسى توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بېرىدۇ.  يازغۇچى بۇ ئەسەرنى يازغان ۋاقتتا ئېنسانلارنىڭ ئېڭىدا سۇ ئاستى پاراخوتى توغۇرلۇق ھىچقانداق ئۇقۇم يوق ئىدى. ئەسەر ئېلان قىلىنىپ تەخمىنەن بىر ئەسىردىن كىيىن سۇ ئاستى پاراخوتى دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يازغۇچى يەنە ئۆزىنىڭ «سىرلىق ئارال» ناملىق ئەسىرىدە بەش نەپەر كىشىنىڭ تېنچ ئوكياندىكى بىر ئادەمسىز ئارالغا كىلىپ قالغانلىقى ھەم ئۆز ئەقىل پاراسىتىگە تايىنىپ ئارالنى ئۆزگەرتىش يولىدا ئېلىپ بارغان كۆرەشلىرى سۆزلىنىدۇ. ئۇلار بۇ جەرياندا ھەممىنى نۆلدىن باشلاپ ئۆز قابىليىتىگە تايىنىپ تەبىئەتنى بوي سۇندۇرىدۇ، ئاشلىق تېرىيدۇ ، رودا قىزىپ  مېتال تاۋلايدۇ، كۈندۈلۈك تۇرۇش بۇيۇملىرىنى ياسايدۇ، ھەتتا باتارىيە ۋە ئېلېكتېر لېنىيىسى تارتىپ تېلگىراف ئالاقىسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. شۇنىسى بۇ بەش كىشى دەسلەپ ئارالغا كەلگەندە  قولىدا يىڭنىچىلىك تۆمۈرنىڭ سۇنىقىمۇ يوق بولۇپ، پۈتكۈل جەرياننى ئۇلار ئىككى قولىغا ۋە ئەقىل - پاراسىتىگە تايىنىپ تاماملايدۇ. ژۇلى ۋېرىن بۇ جارياندا ئوقۇرمەنلەرگە تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھايۋانات، ئۇچار - قۇش ۋە تەبئى بايلىقلاردىن قانداق پايدىلىنىش توغرىسىدا ئەتراپلىق بايانلارنى بېرىدۇ. مەزكور ئەسەرلەردە مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ فىزىكا - خىمىيە، ئاستىرنومىيە، جۇغراپىيە... قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇنۋېرسال بىلىمىنى نامايەن قىلغان. يوقۇرىدا مىسال كەلتۈرگەن ئەسەرلەر ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ كىتاپخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكىنىگە ئون نەچچە يىل بولغان ئەسەرلەر. مەن بۇيەردە كىشىلەرگە تۇنۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن پەقەت مۇشۇ ئىككى ئەسەرنىلا مىسال كەلتۈردۈم. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېخى تەرجىمە قىلىنمىغان ئەسەرلەر ناھايىتى كۆپ. ئەمما ھەممىسىنىڭ بىردىنبىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، كىشىلەرگە ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئوموملاشتۇرۇشقا، بىلىش دائىرىسىنى كىڭەيتىشكە ياردەم قىلىدۇ. ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ ۋە ئىلىم - پەن تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات يۈلۈنىشىنى قىسمەن كۆرسۈتۈپ بېرەلەيدۇ، مول ئەمىلي بىلىم بىلەن تەمىن ئېتىدۇ شۇنداقلا كەلگۈسى ئىشلاردىن ئالدىن بىشارەت بېرىدۇ، كىشىلەرنىڭ تەسەۋۇر كۈچىنى بىيىتىشقا تۈرۈتكە بولىدۇ. شۇڭا دۆلىتىمىز ۋە چەتئەللەردە بۇنداق ئەسەرلەر زور ئالقىشقا سازاۋەر بولۋاتىدۇ. ئەپسوسلىنارلىقى پەقەت بىزدىلا مۇشۇنداق ئەسەرلەر يوق. يوق بولۇشنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىرى مۇشۇنداق روھ كەمچىل، كۆزقاراش توغرا ئەمەس، يەنە بىرى مۇشۇنداق ئەسەر يازالايدىغان، ئەتراپلىق تەربىيە كۆرگەن، تەسەۋۇرغا باي ۋە تەبئى پەن بىلىملىرى بىلەن قۇراللانغان يازغۇچىلارنىڭ تايىنى يوق...

    ئەمدى ئۈچۈنچى تۈركۈمدىكى كىشىلەرگە كەلسەك، بۇنداق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۋاتقانلىرى يىقىنقى «مودا» ئىقىمغا جور بولۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەر. بۇلارنىڭ ئىچىدە جىنىس رىكورتى يارىتىۋاتقانلار، مودىل بولۋاتقانلار بار.

    جىنىس رىكورتى يارىتىشنىڭ ئەمەلىيەتتە ھىچقانچە ئەھمىيىتى يوق بىر ھەركەت. ئۇ پەقەت ئىنساننىڭ يوقىرى چىكىگە جەڭ ئېلان قىلىش ئىپادىسىگە ياكى دۇنيادا ئىسمىنىڭ ئالدىغا «دۇنيا ئەڭ» دەپ نام قويۇلغان نەرسىگە بېرىلگەن قۇرۇق ئاتاقتىنلا ئىبارەت، خالاس. ئۇنىڭ ياكى بىر ئىقتىسادى قىممىتى ياكى بىر ئىلمىي قىممىتى يوق. قۇرۇق ئابرويغا بېرىلىدىغان ئۇنداق ئىشنى ئەمدى بولدى قىلايلى. يۈكسەك ئىرادە ھەم جاھاندا قىلغىلى بولمايدىغان قىيىن ئىش يوقلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن جىنىس رىكورتى يارىتىش كەتمەيدۇ. بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدىن دۇنيا خەلقى كۈلىدۇ. خەق بىزنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئۇچقاندەك تەرەققى قىلۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا ئىلىم - پەن ساھاسىدە كۈنىگە نەچچە خىل جىنس رىكورتى بارلىققا كىلىپ تۇرىدۇ. ئەمما نىمىشكە شۇ كىشىلەر بۇنداق ناملارغا قىزىقمايدۇ؟ چۈنكى ئۇلار جىنىس رىكورتىنىڭ ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان ئەھمىيەتسىز ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە خەلقمىز جىنس رىكورتىنىڭ زادى نىمىلىكىنى تولۇق چۈشەنمىگەچكىلا قارغۇلارچە بۇ روھقا ئەمەك بولماقتا، ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ ھەدەپ تەشۋىق قىلماقتا. «مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش جىنس رىكورتى يارىتىپ شەرەپكە ئېرىشىدىغانلار قاتارىغا كىرىمەن»دەپلا باشقىلارنى دوراپ شۇنداق ئىرادىگە كىلىش زىھنى ۋە جىسمانىي قۇۋۋەتنى ئىسراپ قىلغانلىقتىن باشقا ئىش ئەمەس، ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ئەمەس، خالاس. كۈندە تۈرلۈك خەۋەر - يىڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىمىز، ئەجەپ جىنىس رىكورتى دىگەن ئىشنى ئاڭلاپ باقمايمىز، چۈنكى جىنس رىكورتىمۇ بىر تۈرلۈك ناھايىتى ئاددى پائالىيەت. مەسىلەن ئالايلى، ئۇزۇنغا يۈگرەش، قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈش دىگەنلەرنى ئېلىپ ئېيتساق قارا كۈچى بار ھەرقانداق ئادەم قىلايچۇ دىسە بۇنداق ئىشنى تاماملىيالايدۇ. بۇنىڭغا ھىچقانداق يوقىرى سەۋىيە ياكى ماھارەت كەتمەيدۇ. قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتمىسەكمۇ ئۇ شۇ پىتى تۇرىۋېرىدۇ، ياكى قەدىمىمىز تەككەن جاي يېشىللىققا ئايلىنىپ قالمايدۇ. بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۈگۈرەپ بارمىساقمۇ يول شۇ پىتىچە تۇرىۋېرىدۇ ياكى شۇنداق قىلغانلىقىمىزدىن بۇ ئىككى نۇقتا ئارلىقى قىسقىراپ قالمايدۇ. ئەگەر بېرىش توغرا كەلسە ماشىنا بىلەن بارساقلا تېخىمۇ ئاسان چۈشمەمدۇ؟ ئەقىل ۋە كۈچنى خورۇتۇشنىڭ زۆرۈريىتى بارمۇ؟ بەزىلەر پالانچىنىڭ ئىرادىسىگە قايىل بولدۇق دىيىشىدۇ. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىز نىمە قىلىش ئىرادىمىزنى ئىپادىلىمەكچى؟ ئىككى پۇت بىلەن ئۇزۇنغا يۈگرەلەيدىغانلىقىمىزنى باشقىلارغا كۆرسۈتۈپ قويماقچىمۇ؟ قانداق ئىرادىگە قايىل بولماقچى؟ بۇنداق ئىرادىنىڭ زادى ئەھمىيىتى بارمۇ - يوق؟ بۇنداق ئىرادىدىن بىز قانداق مەقسەتكە يەتمەكچى؟ بىز زادى قانداق روھنى قەدىرلىشىمىز كېرەك؟ بۇ ئىرادە بىزگە نىمىلەرنى قىلىپ بېرىشكە مۇۋەپپەق بولالىدى؟ بۇنداق ئىرادىگە قايىل بولغىچە نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ نەچچە ھەسسە بۈيۈك نەتىجىلەرنى ياراتقان كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەك بولمايمىز؟  ھازىرقى دەۋر بىر نۇقتىدىن يەنە بىر نۇقتىغا ئىككى پۇت بىلەن ئەمەس قانداق قىلغاندا ئەقىلى كۈچ بىلەن يەتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلۋاتىدۇ. بىز بولساق ئەڭ ئىپتىدائى ئۇسولدا يۈگرەپمۇ بارغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاۋاتىمىز. بۇنداق ئىرادىنى شۇنچە چوڭ بىلىشىمىزدىكى سەۋەپمۇ ناھايىتى ئاددى: بىز بۇنىڭدىن يوقۇرىسىنى ئويلاپ بولالمايمىز. ئويلاشتىن قورقىمىز. بىز يەتمەكچى بولغان نىشانغا ناھايىتى جاپالىق ئۇسول بىلەن يەتسەك باشقىلار كاللا ئىشلىتىپ ئاسانلا يىتىدۇ. ئەمما شۇنداق ئاسانلا يەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار يەنە جىنس رىكورتى تەلەپمۇ قىلىپ كەتمەيدۇ.

    مودىل كەسپى بىزدە ئەمدىلەتىن پەيدا بولۋاتىدۇ. پوزور كىيىنىپ، سالاپەت بىلەن سەھنىدە پەيدا بولۇپ، كىلىشكەن بەدەن قۇرلۇشىمىز، تولغاپ مىڭىشلىرىمىز ۋە خۇمالىق نەزىرىمىز بىلەن باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى لال قىلىپ نام چىقىرىش بىزدە گەرچە ئەمدىلەتىن بىخ سۈرۋاتقان بولسىمۇ يېقىنقى بىر قىتىملىق شىنجاڭ تېلۋىزىيىسىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۆھبەت مېنى ناھايىتى ئۈمۈتسىزلەندۈردى. يېقىندىلا مودىل مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ قايتىپ كەلگەن كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش پائالىيىتى بىزنى يەنە بىرخىل خەتەرلىك يۈلۈنىشكە باشلايدىغان يىشىل چىراق يىقىپ بەردى. باشقىلار مودىل بولۇپ نام قازانسا ئۆزىگە! بۇ خىل پائالىيەتنى بىزنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالىمىز قوبۇل قىلالايدىغان دەرىجىگە يەتتىمۇ؟ ئۇيغۇر قىزلىرى ھەقىقەتەن گۈزەل، يىگىتلىرى كىلىشكەن دەپ قاراشسساق، دۇنيادا بىزدىنمۇ مۇكەممەل، بىزدىنمۇ گۈزەل ئىنسانلار يوقمىكەن؟ بىز ئۆزىمىزنى ئىنسانلار ئۇرۇقىنىڭ ئەڭ مۇكەممەللىرى دەپ قارامدۇق؟ ئىشىنىمەنكى بۇنداق مەزموندىكى سۆھبەت ھەرگىز خەلقىمىزنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ. بىر قىسىم ژۇرناللارنىڭ سىرتىغا بېسىلغان، كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان، يات جىنىستىكىلەرنىڭ يۈرىكىنى ئوينىتىدىغان مۇقاۋا ساھىپجاماللىرى بىزنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك مودىللىرىمىز. بۇ توغرۇلۇقمۇ بىر قىسىم مۇلاھىزىلەر بولۇپ ئۆتۈلدى. دىمىسىمۇ بىز ساھىپجاماللارنىڭ رەسىمىسىگە قاراپ ھۇزورلۇنۇپ، «ئۇيغۇر قىزلىرى مۇشۇنداق گۈزەل» دەپ يۈرىسەك بولمايدۇ. بۇنداق قىلىشتا گەپنى كەسكىن ئېيتقاندا بازار تاپالمىغان ژۇرنالنى ساھىپجاماللار بىلەن بىزەپ، كۆرگەن كىشىنى ئىختىيارسىز مەپتۇن قىلىش ۋە ئۆزىگە تارتىشتىن بۆلەك ئىستىراتىگىيە يوق، خالاس. چەتئەلنىڭ ژۇرناللىرىغا، مەسىلەن، ئېلىمىزنىڭ «تالانت بايلىقىنى ئېچىش»، «ئىختىرا ۋە بەرپاچىلىق» دىگەن ژۇرناللىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ «دەۋر» ، «بايلىق» قاتارلىق ژۇرناللارنىڭ مۇقاۋىسىغا مۇۋاپىقىيەت قازانغان كىشىلەر، ئاخپاراتلىق شەخسلەر، نوپۇزلۇق ئەرباپلار بېسىلىدۇ. پەقەت «سۆلەتۋاز بەگزادە» دىگەندەك شەھۋانى ژۇرناللارنىڭ مۇقاۋىسىغىلا ساھىپجاماللارنىڭ رەسىمىنى باسىدۇ.

    گەپنى يېغىنچاقلىغاندا، مۇھىم تەشۋىقات ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقانلار خەلق رايى بۇيىچە ئىش قىلۋاتقان، خەير - ساخەۋەت يولىغا ماڭغان، كىشىلەرگە مىھنەتسىز ياخشىلىق قىلۋاتقان، ۋەتەن،مىللەت، ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىلىم - پەن يولىدا ھارماي ئىزدىنۋاتقان، تىرىشۋاتقان كىشىلەرنى، ئۇلارنىڭ تەتقىقات يولىنى كۆپەرەك تەشۋىق قىلىشى كېرەك. بۇ ھەقتە تۈزۈك بىرنەرسە بىلمىگەندىن كېيىن، بىلەرمەنلىكنى ئاز قىلىپ ئالىملارنىڭ يېنىغا بېرىپ تەلىم سورىغان ياخشى. مانا مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ روھىلا بىزنىڭ قەدىرلىشىمىزگە، ئۈگۈنۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ.


     

     

     


    3.بىردىنبىر چىقىش يولىمىز ئىلىم -  پەن ۋە تېخنىكا
     

     



    مەن نىمە ئۈچۈن يوقىرىدىكى ئىككى بۆلەكنى يازىمەن؟ بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددى، يەنى مۇشۇ كىشىلەرلا بىزنىڭ ھازىرقى مەدەنىيىتىمىزگە ۋەكىللىك قىلماقتا، «ئۇيغۇرنىڭ نىمىسى بار» دىسە «مۇشۇلار بار» دەپ ئالدىغا ئېتىرىپ چىقىرالايدىغانلىرىمىز. شۇڭا مەن مۇشۇنداق كىشىلىرىمىز ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتۈم. باشقا كەسىپتىكى كىشىلەرنى دىسەك، بۇنداق كىشىلەر تېخى ۋەكىل بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشكىنى يوق. بەزى نادان كىشىلىرىمىز تېلۋىزۇردا ئولتۇرۇپ ناخشا - ئۇسولغا چاۋاك چېلۋاتقاندا، پەندىكى ئاجىزلىقلىرىمىزغا دىلىدا يىغلاۋاتقان ئالىملىرىمىزغا مىسقالچىلىك ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىشنى ئويلاپ كۆرگىنى يوق، شۇڭا خەلقىمىز تولغىما ئۇسسول چولپانلىرىنى تۇنىسىمۇ، ئالىملىرىمىزنى يېنىدا تۇرسىمۇ بىلمەيدۇ.

    ئۇلۇغ رەھبىرىمىز، باش لايھىلىگۈچىمىز يولداش دېڭ شاۋپىڭ «پەن - تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، تەرەققىياتلا ھەقىقى قانونىيەت» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. بىر مىللەتنىڭ، بىر دۆلەتنىڭ تەرەققى قىلىشىدا پەن - تېخنىكا خادىملىرى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. پەقەت مۇشۇ كىشىلەرلا قۇدرەتلىك ئەمەلىي كۈچ بولالايدۇ. جەمىيەتنىڭ سىجىل ئالغا ئىلگىرلىشىگە، تەرەققى قىلىشىغا، تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ يوقىرى كۆتۈرۈلىشىگە، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشكە تۈرۈتكە بولالايدۇ. ئەگەر توك  بىلەن نىفىتنى سانائەتنىڭ قېنى دىسەك، ئۇنداقتا پەن - تېخنىكا خادىملىرى بىر دۆلەتنىڭ، بىر مىللەتنىڭ روھىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ. كىمدە مۇشۇنداق روھ بولسا، مۇشۇنداق كىشىلەر كۆپ بولسا، كىمكى تېخنىكىنى ئىگەنلىگەن بولسا شۇ كۈچلۈك، شۇنداقلا مۇتلەق كۈچلۈك بولالايدۇ. بۇ ئۇزۇندىن بۇيان تارىخ ھۆكۈم چىقارغان قائىدە. باشقىلار قانچىلا قاخشىغان بىلەن بىكار. بۇنداق ئاجىز نىداغا كۈچلۈكلەر پىسەنت قىلىپمۇ قويمايدۇ. كونىلار «ھەقىقەت ئېگىلىدۇ، سۇنمايدۇ» دەپ ئېيتقان، ئەمما «قايتا تۈزلىنىدۇ» دىمىگەن، بۇ سۆز ئەزەلدىن ئاجىزلارنىڭ گېپى ئۆتمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرماقتا.

     ھازىرقى دۇنيا تەرەققىياتى ئىلگىركى ئەنئەنىۋى كۆز قاراشلارنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى. ئىلىم - پەن  ياشاش ۋە مەۋجۇتلۇققا يېڭىدىن ئىنىقلىما بېرۋاتىدۇ. كىشىلەر پۇت دەسسەپ تۇرغىدەك يەر ئۈچۈن ھەممىنى قىلماقتا. ئۇلار ئۆزىگە، ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ شۇنداق بولالىغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ قىلۋاتقانلىرىغا چىشىمىز پاتمايدۇ. بولۇپمۇ دۇنيادا كۈچلۈكلەرنىڭ دىگىنى دىگەن، قىلغىنى قىلغان بولماقتا. بىز ئاجىزلار ئۇلارغا سۈكۈت قىلىشقا، ئۇلارنى قوبۇل قىلىشقا مەجبور.

    دەل شۇنداق پەن - تېخنىكا خادىملىرى، تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ كەملىكىمىزدىن بىزنىڭ ئەھۋالىمىزدا ياخشىلىنىش بولمايۋاتىدۇ. بىز تارىختىن بۇيان پەن - تېخنىكىغا، تەتقىقاتقا ئەھمىيەت بەرگەن خەلق بولساقمۇ، ئالىملىرىمىنىڭ كەشپىياتى ھەققىدە دۇنياۋى ئۆلچەملىك، پۇت تىرەپ تۇرالىغۇدەك پاكىت، خاتىرىلەرنى ياخشى تۇرغۇزالىغان ئەمەس. يىقىنقى زاماندىن بۇيان ئاساسلىقى بىز قارا كۈچىمىزگە، ئاددى كاللىمىزغا تايىنىپ ئىش قىلىپ ئادەتلەنگەن.يەنى بىزدە پەن - تېخنىكىدا ئىجادىيەت بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنى داۋاملىق تەتقىق قىلمىغان، كىڭەيمىگەن، شۇ پىتىچە بېسىلىپ قالغان. نەتىجىدە باشقىلار بۇنداق تېخنىكىنى ئىجاد قىلىپ كىڭەيتكەن. ياكى بىزنىڭكىنىمۇ ئۆزىنىڭ قىلۋەتكەن، ئاخىرىدا نەتىجە شۇلارنىڭ بولغان.

    بىز پەخر بىلەن تىلغا ئالىدىغان تارىخىمىزغا قارايدىغان بولساق دۇنيا ئېلىم - پەن تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىمىز نىمە؟ بىز ياشاۋاتقان يۇرتلارنىڭ ھەممىنى شۇنداق مەدەنىيەتلىك دەپ ئاتايمىز. بۇ قانداق مەدەنىيەت؟ مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ تۇرمۇش كەچۈرۈش، سودا - سېتىق، ياشاش، يىمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، ناخشا - ئۇسول، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلارغا بېرىپ چېتىلىدىغان مەدەنىيەت بولۇپ مەن بۇنى مۈلكىي مەدەنىيەت دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق تاپتىم. مېنىڭ نەزىرىمدىكى مۈلكىي مەدىنىيەت خۇددى جەڭ مەيدانىدىكى ئارقا سەپ تەمىنات قىسىمىغا، مەكتەپلەردىكى خۇجۇلۇق ئىشلار بۆلۈمىگە ئوخشايدۇ. كەسكىن جەڭ بولۋاتقان ئەھۋالدا، جەڭگە يارىمايدىغان قېرى - ئاجىز، ئاغرىق - سىلاق كىشىلەرلا مانا مۇشۇنداق ئارقا سەپ تەمىنات قىسىمىدا تۇرىدۇ.

    بىز تارىختا دەسلەپ شەھەرلەشكەن مىللەت دەپ ئاتالدۇق. مۇشۇنداق ئاتالغانلىقىمىز ئۈچۈن شۇنچىلىك بىخوتلىشىپ، دۇنيادا تەڭداشسىز مۈجىزە ياراتتۇق دەپ قارامدۇق؟ ئەمدى قېنى شۇ شەھەرلەر؟ بىز داۋالغان شۇ شەھەرلەر قانداق شەھەرلەر؟ نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ شەھەرلىرىمىز دۇنيادىكى قەدىمىي مەدەنىيەتلىك شەھەرلەر قاتارىغا كىرەلمىدى؟ ھەممىسى بوران - چاپقۇندا ۋەيران بولۇپ تۈگۈمىدىمۇ؟ قۇم يالماپ يۇتۋەتمىدىمۇ؟ بىز شۇ شەھەرلىرىمىزنىڭ ئاخىرقى پارچە كىسەكلىرىگە قاراپ باقايلى. ھەممە يەرنى ئۈلۈك تۇپا قاپلىغان، ئەسكى تاملارنى چاك باسقان. مۇكەممەل ساقلانغان بىر پۈتۈن تام يوق. مانا بۇ بىزنىڭ «بۈيۈك» شەھەرلىرىمىز. ياق، بىزدىمۇ ھەممە ئىمارەتلەر بار دىسەك، بىز ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئالىدىغان ھېيىتگاھ جەمەسى، تۇرپان مۇنارى ھەتتا قارخانىلار بۇخاراغا ياسىغان مۇنار كالان(شۇ چاغدىكى دۇنيادا ھەممىدىن ئىگىز ۋە مۇكەممەل مۇنار)نى پىسا يانتو مۇنارى ياكى ئىففىل تۆمۈر مۇنارى بىلەن سىلىشتۇرغۇلى بولمايدۇ.بۇلار ئوتتۇرسىدا زور تېخنىكا ۋە ئەقىلىي مۈلۈك پەرقى مەۋجۈت.  بىزنىڭ ھەربىر نەرسىمىزدىن، ھەربىر مىراسىمىزدىن ئاددىلىق، ئاجىزلىق تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. ئۇلارغا قاراپ  بىرەر ئىلمىي نەرسىنى قىياس قىلىش مۇمكىن ئەمەس، ئۇ پەقەت ناھايىتى ئاددى بىر قۇرلۇشلا، خالاس. بەلكىم بەزى كىشىلىرىمىز يەنە بىزنىڭ نەرسىلىرىمىزنى چەتئەللىكلەر ئوغۇرلاپ ئېلىپ كەتتى دەپ ئاغرىنىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن شۇ نەرسىلەرنى ئوغۇرلاپ ماڭغاندا كىم ئۇلارغا يول باشلاپ ماڭغان دەپ سورىمايمىز؟ ئۇلارغا نىشان كۆرسەتكەن، ياردەملىشىپ تۇشۇپ بەرگەن كىشىلەرنىڭ كىملىكى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئايان. بىز نىمىشكە ھەتتا ئۆز زىمىنىمىزدىكى نەرسىلەرنىمۇ قوغداپ قالالمىدۇق؟ چەتئەللىكلەر بىزنىڭ نەرسىمىزنى ئېلىپ كەتسە بىزگە بىر ئىش قىلىپ بەرمەيدۇ، پەقەت شۇلاردىن ئۆزلىرىگە كېرەكلىك نەرسە ئىزلەيدۇ. قىممىتى قالمىغاندىلا ئەپچىقىپ موزىيخانىلارغا تېزىپ قويىدۇ.

    ئەمدى بىز يەنە پەخر بىلەن تىلغا ئالىدىغان دەريا - كۆللىرىمىزگە، چۆل - جەزىرىلىرىمىزگە كىلەيلى. دەريا دىسەك بىزدە تارىم دەرياسى، ئېرىتىش دەرياسى ۋە ئېلى دەرياسى بار. كۆللەرنى دىسەك سايرام ۋە باغراش كۆلى بار. بەزىلەر: باغراش كۆلىنىڭ يەنە بىر قىرغىقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئاجايىپ چوڭ كۆل - دە، دىيىشىپ ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئېلىشىدۇ. ئەمما بۇ دەريا - كۆللەر جۇغراپىيە ئالىملىرىنىڭ نەزىرىدە پەقەت بىر تامچە سۇدىنلا ئىبارەت. دۇنيادا سۈيى بۇلاردىن نەچچە ھەسسە ئولۇق، نەچچە ھەسسە چوڭ كۆل -  دەريالار ناھايىتى نۇرغۇن. بىز باشقىلارنىڭ ئالدىدا تەكلىماكان قۇملۇقىنى تىلغا ئالساق باشقىلار سەھرايى كەبىر قۇملۇقى ۋە ۋىكتورىيە قۇملۇقىنى تىلغا ئىلىپلا بىزنى شۈك قىلىپ قويالايدۇ. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ تىگىدىنمۇ بىزگە ئۈمۈد - ئىشەنچ ۋە بايلىق ئاتا قىلىدىغان بىرەر ئەنگۈشتەر تىپىلىپ قالارمىكىن دەپ كۈتۈشكە ھىچقانداق ئاساسىمىز يوق.

    ئەمدى بىز يەنە ياشاۋاتقان زىمىن كەڭ دىيىشىمىز مۇمكىن، بۇ توغرا، شۇنىسى تەرققىيات زىمىننىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە قاراپ بولغان ئەمەس. بىرازىلىيە ياپونىيە، گېرمانىيىلەردىن كوپ چوڭ، ئەمما ئۇنىڭ ئىقتىساد ۋە ئىلىم - پەن تەرەققىياتى ياپونىيە ۋە گېرمانىيىدىن كۆپ ئارقىدا. ئەمدى بىز بايلىقىمىز مول دىيىشىمىز مۇمكىن. ئەمما بۇ خاتا! بىز ياشاۋاتقان زىمىندا بايلىق شۇنچە مول بولغىنى بىلەن نىمە ئۈچۈن بىزدە شۇ بايلىقنى كولاپ ئالىدىغان، پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان تېخنىكا بولمىغان دەپ سورىمايمىز؟ شۇ نەرسە خۇددى قارامايدىكى مايبۇلاققا ئوخشاش ئۆزلىكىدىن يەر يۈزىگە چىقىپ قالمىغۇچە بايقاپ ئالالمىدۇق، تەكشۈرمىدۇق، قانداق قىلغاندا مۇۋاپىق ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزمىدۇق، ئىزدەنمىدۇق. ئەزەلدىن ئۇنداق قىلىپ باقمىدۇق. خۇددى شۇ نەرسىلەر ئۆزلىكىدىن يەر يۈزىگە چىقىپ قالىدىغاندەك، ئۆزلىكىدىن پۇلغا ئايلىنىدىغاندەك. بۇ «ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ كۈتۈپ تۇرغانلىقىمىزمۇ ياكى ھورۇنلىقىمىزمۇ؟ نىمە ئۈچۈن بىز قىلالماي باشقىلار قىلالىدى؟ قۇياش نۇرى دۇنيادىكى ھەممە كىشىنىڭ بېشىغا ئوخشاش نۇر چاچاتتى ئەمەسمۇ! ئۇلارغىمۇ قۇدرەتلىك بىر غايىۋى شەخس دەپ بەرگەن ئەمەس، ئۇلارمۇ ئۆزلىكىدىن تىرىشقان، ئىزدەنگەن. شۇڭا ئۇلار ئۆز زىمىنىدىكى بايلىقنى كولاپ ئېلىپ ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرىنى ياسىغان،پويىز، تۆمۈريول، پاراخوت ياساپ دېڭىز يولىنى ئېچىپ، يىپەك يولىنى خاراپلاشتۇرغان، دۇنيا زومىگىرىگە ئايلىنالىغان شۇنداقلا دۇنيانىڭ تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ كىلۋاتىدۇ. بىزدە شۇنداق تىرىشچانلىق بولمىغاچقا، ئاددى كاللىمىز بىلەن پىكىر يۈرگۈزگەچكىلا مۇشۇنداق دۇنيانىڭ ئىپتىدائى مىراسلىرى بولۇپ قالغان. بۇ زىمىننى تەڭرى قانداق يارىتىپ بەرگەن بولسا شۇ پىتىچە ساقلانغان.

    ئەمدى بىزدىكى يەنە بىر «بايلىقىمىز» دەۋالغان مىۋە - چىۋىلىرىمىزگە قاراپ باقايلى. بىزدە بار مىۋە - چىۋىلەر دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ئوخشاشلا چىقىدۇ. بىزدىكى مىۋە - چىۋىلەر ئۇزۇن يىل سورت يېڭىلانمىغان ياكى سۈپىتى ياخشىلانمىغان، شۇڭا ئۇنىڭ ياراتقان قىممىتى پەقەت تىزىمىزدىن ئاشمايدۇ. بەلكىم قەدىمدە بۇ مىۋە - چىۋىلەر شۇنداق شۆھرەت قازانغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما كۈنسىرى تەرەققى قىلۋاتقان تېخنىكا ئېلىمى يىمەكلىك ساھەسىگە كۈندىن - كۈنگە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. گېنى يۈتكەلگەن، سورتى ياخشىلانغان مىۋىلەر كۈنسىرى ئالقىشقا ئېرىشۋاتىدۇ. تەپسىلى دەپ ئولتۇرمىساممۇ مىۋە - چىۋە بازىرىدىكى كۆرۈنىشلەر بۇنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. خوتەننىڭ ياكى قەشقەرنىڭ ئانارى ياخشى دىسەك ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى باغدات، ئىرانلارنىڭ، پاكىستاننىڭ ئانارلىرى بار. ئەگەر بىزنىڭ مىۋە بازىرىمىزدا يەنىلا ئۆز مىۋىلىرىمىز سېتىلۋاتقان بولسا بۇ ھازىرچە ياخشى ئەھۋال، ئەمما ئۇزۇنغا قالماي چەتئەلنىڭ ئالىي سورتلۇق مىۋىلىرى، كوكتاتلىرى بۇ بازارنىمۇ تېزلا ئىگەنلەپ ئالىدۇ. ئۇ چاغدا ئۆزىمىز ئىشلەپچىقارغان مىۋىلەرنى ئۆز ئۆيلىرىمىزدە يەپ تۈگىتەمدۇق؟ بىزگە پەقەت جان ساقلىغۇدەك يىمەكلىك ۋە سۇ بولسىلا يىتەرلىكمۇ؟

    مەن يوقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن تۈرلۈك مىساللار بىزنىڭ ئېلىم - پەنگە، تېخنىكىغا ئەزەلدىن قانچىلىك ئېتىبارسىز قارىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. بىز ھەتتا تارىختىكى قىز كەلتۈرۈش ئۈچۈن جىنىنى تىككەن ئاشىق - مەشۇقلارنىمۇ ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئالىمىز، ئۇلارنى بەس - بەستە مەدىھىيىلەپ رىۋايەت قىلىشىمىز، شۇلارنى دوراپ سەۋدايى بولۇپ كىتىشكە ئاز قالىمىز، رىئاللىق بىلەن غايىۋى خىيال، بىخوتلۇق ئوتتۇرسىدا ياشايمىز. بىز مانا مۇشۇنداق تۇرمۇش بىلەنلا ھەپىلىشىمىز، كۆڭۈل خوشى قىلساقلا بولىدۇ... بىزدە ئەقىللىق كاللا بار، ئەمما كاللا قاتتۇرۇپ ئىزدەنىدىغان روھ، تىرىشىدىغان ئىرادە كەمچىل.بۇ ھەقتە ئېينىشتىيىن ناھايىتى ئوبرازلىق قىلىپ« مۇۋاپپەقىيەت بىر پىرسەنت تالانت، 99 پىرسەنت تىرىشچانلىقتىن كىلىدۇ » دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. مىنىڭ قارىشىمچە ھەر قانداق كىشىدە شۇ بىر پىرسەنت تالانت بار. پەقەت تىرىشچانلىقنىڭلا مىقتارى ئوخشىمايدۇ.

    ئەنگىلىيە سانائەت ئىنقىلابى ئېلىپ بارغاندىن كىيىن، يۈكسەك تەرەققىياتىغا تايىنىپ يەر شارىنىڭ يېرىمىنى مۇستەملىكە قىلىپ تۇرالىدى، ئۇنىڭ مۇستەملىكە زىمىنى كېڭىيىپ، زىمىنىنىڭ بىر ئۇچىدىن قۇياش پاتسا يەنە بىر ئۇچىدىن قۇياش كۆتۈرۈلىدىغان «كۈن پاتماس ئىمپىرىيە»گە ئايلاندى، بايلىقلارنى تالان - تارىج قىلدى، خالىغانچە يايرىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ قولىدا تېخنىكا ۋە ئۆزلىرى ياساپ چىققان كۈچلۈك توپ - زەمبىرەكلىرى بار ئىدى.  يېقىنقى زامان 80 - يللاردىكى ئەنگىلىيە - ئارگىنتىنا ئىككى دۆلەت مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى ئۇرىشىدا يەر - زىمىن جەھەتتە ئارگىنتىنادىن كۆپ كىچىك ئەنگىلىيە يوقىرى پەن - تېخنىكىلىق ئۇرۇشقا تايىنىپ، پايدىلىق ئورۇندا تۇرۋاتقان ئارگىنتىنانى قىينالمايلا مەغلۇپ قىلىپ، ئارگىنتىنانىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىنى قولىغا ئالدى.

    ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشىدا سۆۋىت ئىتتىپاقىدىكىلەر ئۇرۇش مەيدانىدىكى ماددىي بايلىقلارغا كۆز تىكسە، ئامرىكىلىقلار گېرمانىيىنىڭ ئالىملىرىغا كۆز تىكتى. نەتىجىدە ئامرىكا كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشتى. بۈگۈنكى كۈندە دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغىنىغا ئۈچ يۈز يىلمۇ بولمىغان ئامرىكا پۈتكۈل دۇنياغا خۇجا بولۇش ئۈچۈن تىپچەكلەۋاتىدۇ. پارس قولتىقى ئۇرىشى ۋە ئىراق ئۇرىشىدا جىق ئەسكەر چىقىم قىلمايلا ئىراقنى ئىشغال قىلالىدى. بىز گەچە ئۇرۇشقا قارىشى تۇرساقمۇ ئەمما كۈچلۈكلەر ئالدىدا نىمىمۇ دىيەلەيتتۇق؟ بىزنىڭ ئۇلارغا قىلغان ئۆچلىكىمىز ئۇلارنىڭ ھەركىتىنى تۇسۇپ قالالامدۇ؟ ئۇلار قانداق قىلىپ مۇشۇنداق بولالىغانلىقى بىزگە ئايان: ئۇلار تەرەققى قىلغان، يوقىرى پەن - تېخنىكىغا ئىگە. ئەمىسە بىز نىمىشكە تەرەققى قىلالمايمىز؟ بىزنىڭ تىرىشىشىمىزنى، ئۈگۈنىشىمىزنى بىراۋ تۇسۇپ قويمىدى، چەكلىمىدى. بىز نىمە ئۈچۈن تىرىشمايمىز؟ نىمە ئۈچۈن مۈلكىي مەدەنىيەتكە، ئىجتىمائى پەن ساھەسىگىلا ئۇرىنىمىز؟ نىمە ئۈچۈن ئۆتكۈر پەنلەرگە، تەبئى پەنلەرگە يۈرۈش قىلمايمىز؟ بىزگە ناخشا - ئۇسول، مۇقام - مەشرەپ، كۈلكە - چاقچاق، لەتىپە - يۇمۇرلىرىمىز، توم - توم رۇمانلىرىمىز بولسىلا يىتەرلىكمۇ؟ كۆزىمىزنى يومۇۋىلىپ ئاسمانغا قاراپ داپ چالساقلا، ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئەسەبىيلەرچە ئۇسول ئوينىساقلا بولامدۇ؟ بىز بۇ نەرسىلەرنى شۇنچە چوڭ كۆرۈپ ئىزدىنىمىزيۇ ئۇلار بىزگە نىمە قىلىپ بەردى دىگەننى نىمە ئۈچۈن ئويلانمايمىز. دۇنيا مۇشۇلار بىلەن تەرەققى قىلىدۇ دەپ جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرساق ئەمىسە ئامرىكىلىقلار تەرەققىيات ۋە يۈكسۈلۈشتە داڭلىق ناخشىچىسى مىخائىل جېكسونغا قارىشىپ تۇرسا بولماسمىدى؟ ئېرلاندىيىلىكلەر دەريا ئۇسولىغا ئەمەك بولسا بولماسمىدى؟

    بۈگۈنكى دۇنيا كىمكى تېخنىكىنى ئىگەنلىسە شۇنىڭ جاھانغا خۇجا بولىدىغانلىقىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. شۇنداق تەرەققى قىلالىغان كىشى دۇنيادا نىمىلا قىلىمەن دىسە ھىچكىمنىڭ چىشى پاتمايدۇ. ئەگەر قارىشى چىقسا ئىككىلەنمەستىن رەقىبىنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سالىدۇ. جاندىن ئايرىلغان تەندە نىمە ئۈمۈد بولسۇن. بۇ يەردە ياشاش توغرىسىدا ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قوياي. دۇنيا ئىقتىسادى كۈندىن - كۈنگە يەرشارىلىشۋاتقان مۇشۇنداق دەۋردە بىز ياشايدىغان پۇرسەتمۇ بارغانسىرى كىچىكلەپ كىتۋاتىدۇ. شۇ ھالىتىمىزدە قىلىۋەرسەك، بۇ پۇرسەت يەنىمۇ ئازلايدۇ. ئەقىللىق كىشىلەر بازارنى، جاھاننى ئىگەنلەيدۇ. ئەللىك يىل ياكى يۈز يىلغىچە ھەممىلا يەر شۇنداق كىشىلەرنىڭ ماكانى بولىدۇ. تەرەققىيات بولمىغاچقا قولىمىزدا يىتەرلىك ئىقتىسادمۇ بولمايدۇ، ئىقتىساد بولمىغاچقا يەيدىغان - ئىچىدىغىنىمىزدىن ئايرىلىپ قالغاندا ياشاشتىنمۇ سۆز ئېچىش تەس بولۇپ قالىدۇ. تەرەققى قىلغان كىشىلەر بىز ئۈچۈن تەدبىر بەلگىلىسىمۇ، دائىرە سىزىپ بەرسىمۇ غىڭ قىلماي تۇرماقتىن باشقا چارە يوق. ئەگەر ئۇلار بىزگە ئىچ ئاغرىتىپ ياشاش پۇرسىتى بەرمىسىلا بىز ئۇزاققا بارماي يوقۇلۇپ كىتىمىز. دۇنيا كومپۇتېر يۇمشاق دىتالىنىڭ پادىشاھسى دەپ نام ئالغان، مۇنەۋۋەر كارخانىچى، داڭلىق باي بېل گاتىس شىنجاڭغا كومپيۇتېر مەشغۇلات  سېستىمىسىغا ئۇيغۇرچە يېزىق كودىنى كىرگۈزۈش ۋە شۇ توغرۇلۇق بازار ئەھۋالىنى تەكشۈرگىلى  كەلگەندە، بىز ئۇنى ناخشا- ئوسولىمىز، يىمەك - ئىچمىكىمىز بىلەن كۈتۋالدۇق، بىز شۇغۇللۇنۋاتقان رەخت - گەزمال، قول - ھۆنەرچىلىك بۇيۇملىرىنى تۇنۇشتۇردۇق. ھەركىتىمىز ئارقىلىق كومپيۇتېردىن ئىبارەت بۇنداق «ئەجنەبىي نەرسە»نىڭ بىزگە ئانچە مۇھىم ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەپ بەردۇق، ئۇنىڭ مەقسىدىنى چۈشىنەلمىدۇق. ئۇنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقان بولسا كومپۇتېر ساھەسىدىكى يۈكسۈلۈشنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تەرەققىياتلارغا ئېرىشىدىغانلىقى بىزنىڭ چۈشۈمىزگىمۇ كىرمىدى. ئەمما مۆھتىرەم ئەپەندى ئافرىقىغا بارغاندا شۇ يەردىكى كىشىلەر تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: سىز ئىشلىگەن Windows دىگەن سېستىما بار ئىكەن، بولسا شۇنىڭغا بىزنىڭ يېزىقىمىزنى تونۇيدىغان قىلىپ كىرگۈزۈپ قويسىڭىز، دىگەن. بىز تېخنىكىغا بولغان قىزىقىشتا ھەتتا ئاچ - ئاچارچىلىقتا، يېرىم يالىڭاچلىقتا  ياشاۋاتقان، تۇرالغۇ مەسلىسىمۇ تېخى تولۇق ھەل بولمىغان نىگىر مىللىتىچىلىكمۇ بولالمىدۇق. ئەينى ۋاقىتتىكى سانائەت ئىنقىلابى بىزنى قانچىلىك دىشۋارچىلىقلارغا دۇچار قىلغان بولسا بۇندىن كىيىنكى ئۇچۇر سانائەت ئىنقىلابى ئەمدى يەنە نىمە قىلۋىتەركىن؟!

    بىز باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىپ خەت ئوقۇيالىغىدەك بولغاندىن تارتىپلا نىيوتۇن، ئېينىشتىيىن دىگەندەك ئالىملارنىڭ نامىنى ئاڭلايمىز. بۇنداق كىشىلەرنىڭ نامى تاكى بىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. نىمە ئۈچۈن ئەمەت، سەمەت دىگەندەك ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنى تاكى ئۆلگىچە ئاڭلىمايمىز؟ نىيوتوننىڭ ھەركەت قانونىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ، ئەمما بىزدىكى مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى، نەتىجىلىرىنى كىم بىلىدۇ؟ ھىچكىم بىلمەيدۇ. بىلىدۇ دىسەكمۇ تەرەققى تاپمىغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرلا بىلىدۇ، شۇ مەزموندىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇنلىنىدىغان ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا بىلىدۇ. شۇنداق كىشىلەر بىزنىڭ نەرسىلىرىمىز توغرىسىدا ئىزدەنسە خوشال بولۇپ كەتمەيلى، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرى ئۈچۈنلا ئىزدىنىدۇ.  بۇ يەردىكى تۈپكى سەۋەپ زادى نىمە؟ مەن مۇشۇ چاغدا بىزگە ئىلىم - پەننىڭ دەرۋازىسى تاقاقمۇ يە دەپ ئويلاپ قالدىم. ئەمما ناھايىتى تېزلا بۇ ئويۇمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. چۈنكى تەبىئەتنىڭ سىرلىرى ۋە بايقالمىغان پەن - تېخنىكا يىڭىلىقلىرى ھەممە كىشىگە «ئىزدىسەڭ مانا مەن» دەپلا تۇرىدۇ. بۇنداق نەرسىلەر يارىلىشىدىنلا مەۋجۈت، پەقەت كىمنىڭ قانداق ئۇسولدا، قاچان بايقىشىنى كۈتۈپ تۇرىشىدۇ، خالاس.

    بىز يەنە ھىسياتىمىزنى ئىسراپ قىلىپ بىزدىن تۈمەن كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئەرەپلەرگە ھەيران قالىمىز، ئۇلارغا ھىسداشلىق قىلىمىز. ئەمما شۇ ئەرەپلەرمۇ بىزگە نىمە قىلىپ بەردى؟ قىلسا شۇ يەردە ياشاۋاتقان ئاز بىر قىسىم كىشىلىرىمىزگە قىلغاندۇ، ئەمما ئۇلار پۈتكۈل خەلقىمىزگە نىمە قىلىپ بېرەلەيتتى؟ غەرپ ئەللىرىنىڭ ئۆز ئەقلىي - مۈلۈك، تېخنىكىسىغا تايىنىپ دۆلەت ھالقىغان داڭلىق شىركەتلىرى تەڭرى بەرگەن تەييار نىفىتنى كولاپ ئېلىپ بىر كېچىدىلا باي بولۋالغان ئەرەپ شىركەتلىرىدىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ. شۇ ئەرەپلەرنىڭ زىمىنىدا تەلىيى كېلىپ مول نىفىت بولۇپ قالمىسا ئۇلارمۇ شۇنداق باي - باياشات ياشىيالامتتى؟ پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنىشىدا ھەممەيلەن ئىسرائىلىيىگە ئۆچلۈك قىلىش ھىسىياتىدا بولۋاتىدۇ، پەلەستىنلىكلەر بىزگە بىرنىمىسىنى بېرىپتىمۇ؟ ئىسرائىلىيىلىكلەر بىزگە بىر يامانلىق قىلىپ قويۇپتىمۇ؟ بىزگە ئەرەپ ياكى مۇسۇلمان ئاتىقىغا كىرگەن مىللەت بولسىلا ئەزىزمۇ؟ بىز مۇشۇ ھالىمىزدا ئۇلار ئۈچۈن پەرياد چەكسەك ئۇلار شۇ ھالىدا بىزنى ئېسىگىمۇ ئېلىپ قويمايدۇ. پەرۋاردىگار ئۇلارغا يۈلەك بولسا ئوخشاشلا بىزگىمۇ يۈلەك بولىدۇ. ئۇلارغا ئىنتىلىش، ھىسداشلىق قىلىش، ھەتتا ئۇلاردىنمۇ پەخرلىنىش زېھنىمىزنى ئۇپراتسا ئۇپرىتىدىكى بىلەك ئىش قىلىپ بېرەلمەيدۇ. تارىختىكى داڭلىق شەخسلىرىمىز نەچچە يىل تىرىشىپ بىر ئەدەبىي ئەسەر ياراتقان بولسا، بىلىم سەۋىيىسى شۇ كىشىلىرىمىزگە يەتمەيدىغان ماگىنلان يەر شارىنى ئۈچ يىلدا ئايلىنىپ چىقىپ دۇنياغا يەر شارىنىڭ يۇمۇلاق ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ بۈيۈك بايقاشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى. شۇڭا ئۇنى دۇنيادا بىلمەيدىغان ئادەم ئاز، شۇنىسى بىزنىڭ كىشىلەرنىچۇ؟ ئەگەر بۇ كىشىلەرمۇ تەبئى پەن ساھاسىدە ئىزدەنگەن بولسا، توم كىتاپ يازماي، تەبئى پەن ساھاسىدە پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان يېرىم ۋاراق ھەجىمدىكى بىرلا نەزىرىيىنى ياكى قانونىيەت - فورمىلانى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا بىزنىمۇ جاھانغا تۇنۇتقان، ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشقان بۈيۈك ئالىملار قاتارىدا بىر ئۇيغۇر كىشىنىڭمۇ نامى يېزىلغان بولار ئىدى. ئەمما بۇنداق تەلەي بىزگە نىسىپ بولمىدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا بۇيەردە توختالغىم يوق، مېنىڭچە قانچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە بىزمۇ جاۋاپ بېرەلمەيمىز، پەقەت خەلقئارا جامائەتچىلىكلا ئۇنىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىگە قاراپ تۇرۇپ ئادىل باھا بېرەلەيدۇ، بۇندىن كىيىنكى كەلگۈسىلا ھەقىقى توغرا جاۋاپ بېرەلەيدۇ. بىز باشقىلارنىڭ نەتىجىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆز تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتىمىز- يۇ، نىمە ئۈچۈن بىزمۇ باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلارنى قىلالمايمىز؟ بۇ ئادىللىقمۇ؟ شەخسىيەتچىلىك ئەمەسمۇ؟ بىز ئۆزىمىزنى قالتىس ئەقىللىق، باتۇر چاغلايدىغان كىشىلەر ئەمەسمىدۇق؟

    بىزدىن تا ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنى سانائەت دەۋرىگە باشلاپ كىرىدىغان كىشى چىقتى دىسەك، بىز ئاكا - ئۇكا موسابايۇپلارنى دىسەك بولىدۇ. موسابايۇپ تاكى گېرمانىيىگىچە بېرىپ شۇ يەرنىڭ سانائەت ئەھۋالىنى ئىگەنلىگەن، چۈشەنگەن ھەم گېرمانىيە زاۋۇتىنى بىز ياشاۋاتقان زىمىنغا قۇرۇش ئۈچۈن كۆپ جاپا چەكتى. ئاخىرى سانائەتنى، توكنى، تېلفوننى بىزگە تۇنۇتتى. ئىشچىلار قوشىنى بەرپا قىلدى. ئۇستاز كارخانىچى موسابايۇپ گېرمانىيىدە نۇرغۇن ھاقارەتلەرگە يولۇقتى، گېرمانىيىلىكلەرنىڭ ئالدىدا قىسىلدى، ئاخىرى پۇل بولغان بىلەن تېخنىكىنى سېتۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندى، گېرمانىيىلىكلەرنىڭ تېخنىكىسىدىن ھەيران بولدى. مانا مۇشۇلا تارىخىمىزدىن بۇيان بىزنى بىردىنبىر ھەيران قالدۇرالىغان ئىش ئىدى. تۆۋەندە مەن ئاكا - ئۇكا موسابايۇفلار ناملىق كىتاپتىن قىسقىچە مەزمون قوشۇپ ئۆتەي:

    كۈن خورۇم زاۋۇتىنىڭ باش تېخنىكى ئورنىدىن تۇردى:

    - ... زاۋۇت دىگەن ئۇياق - بۇياققا يۈتكەپ ساتىدىغان مال ئەمەس، بۇ دىگەن بىر تېخنىكا، بۇ دىگەن بىر سانائەت، بىر دۆلەتنىڭ، بىر مىللەتنىڭ قۇدرىتىنىڭ نامايەندىسى، كىم جىق پۇل بەرسە شۇنىڭغا سېتىپ بېرىدىغان نەرسە ئەمەس!

    ...

    ھۈسەن باينى تۇيۇقسىز خورلۇقتىن كەلگەن يىغا تۇتتى «ئىسىت، نىمە ئۈچۈن بىز مۇشۇنداق پىشكەل تەقدىرگە مۇپتۇلا بولۇپ قالغاندىمىز؟ بىز تەرەققى قىلمىساق، پۇل تاپقىنىمىز  بىلەنمۇ خورلىنىشتىن قۇتۇلالمايدىكەنمىز...»

    مانا بۇ مەزمونلار ئۇستاز كارخانىچى موسابايۇفلارنىڭ گېرمانىيىدە تارتقان خورلۇقلىرى ۋە ئۇنىڭ خىياللىرى. بىز بۇ خىياللارنىڭ تىگىگە يۇشۇرۇنغا سىرلارنى تا بۈگۈنگىچە چۈشۈنۈپ بولالماي كىلۋاتىمىز. بىز موسابايۇفنىڭ بۇنداق خىيالىنى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى تۇنجى ھەم تىپىك بولغان، سانائەتكە، تېخنىكىغا بولغان ئويغۇنۇش، قىزىقىش ئوي - پىكرى دىسەك ھەرگىز خاتا بولمايدۇ. مۇشۇنداق ئارزو - ئارمان ۋە پەن - تېخنىكىغا بولغان كۈچلۈك قىزىقىش بۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر كارخانىچىنىڭ چۈشىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرالىدى، زاۋۇت قۇرالىدى. تېلفون - ئېلېكتېر تېخنىكىسىنى بىزگە تۇنۇتتى. تا ھازىرغىچە بىزدىن بۇنچىلىك بۈيۈك ئىرادىلىك سودىگەر، كارخانىچى چىقىپ باقمىدى. ھىچقايسىسى ئۆز قەدىمى بىلەن غەرپنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى ئېلىپ كىلەلمىدى. بەلكىم بۇ كىشىدىنمۇ باي سودىگەرلەر بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما «مەي پۇرۇش مەي سېتىپ تاپقان پۇلۇڭغا، نىمە سېتىپ ئالارسەن مەيدىن ياخشاراق» دىگەندەك بۇ سودىگەرلەر رەخت ساتقانلىرى رەخت بىلەنلا ھەپلەشتى، يىمەك - ئىچمەك، ئات - ئۇلاغ، گىلەم - گەزمال، فار - فۇر قاچا ساتتى، بۇنىڭدىن ھالقىپ كىتەلمىدى. بىرەرىمۇ سانائەت تۇرماق بىرەر پارچە تۆمۈرنىڭ سۇنىقى ياكى بىر تال ۋېنتا بىلەنمۇ ھەپلىشىپ باقمىدى. كاۋاپ - ناۋايچىلىقنى يىنىك سانائەت، يارغۇنچاقتا يارما يېرىشنى ئېغىر سانائىتىمىز دەپ كىتىۋەردۇق.

    بىزدە يىقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قىسىم خۇشاللىق ئىشلار بولۋاتىدۇ. يوقۇرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە كىشىلەر، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان خادىملار بارلىققا كىلۋاتىدۇ. شۇنىسى بۇلار تېخى كۆزگە كۆرۈنگىدەك بىرەر تەتقىقات تېمىسىنى تاماملىغىنى يوق. دوكتورلىرىمىزنىڭ دىسىرتاتىسىيە ياقىلاپ ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشىشى پەقەت كىيىنكى تەتقىقات ئۈچۈن ئاساس سىلىشىتىن ئىبارەت. دىسىرتاتىسىيە كىسىپ ئېيىتقاندا بىر تۈرلۈك تەتقىقات ئەمەس، پەقەت ئەسلى بار ئىلمىي ھۆكۈمنى يەنىمۇ كىڭەيتىپ ئىپادىلەپ بېرىشتىنلا ئىبارەت. نوپۇزلۇق نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن چوقۇم ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات بىلەن شوغۇللۇنۇش، خەلقئارا ئىلىم - پەن ساھاسى تېخى بىلمىگەن بايقاشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش كېرەك. شۇڭا سۈيۈملۈك دوكتۇرلىرىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل. ئەمما بىز مۇشۇ كىشىلىرىمىزگە قانداق مۇئامىلىدە بولۋاتىمىز؟ ئۇلار ئۈچۈن نىمە قىلىپ بېرەلىدۇق دەپ ئويلاپ بىقىشىمىز كېرەك. بىزدىكى دوكتور ئۇنۋانى بار كىشىلەر قائىدە بۇيىچە مىللەتنىڭ غۇرورى، ئىپتىخارى ۋە روھى بولۇشى كېرەك. ئەپسوس، شۇ كىشىلەر بۇنداق ئىمتىيازدىن بەھرىمان بولالمىدى. ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئۆز قېرىنداشلىرىمىز ئىدى. بىز رادىئو - تېلۋىزىيە، گېزىت - ژۇرناللاردا سەنئەتچى، ناخشىچى، مودىللارنى، جىنس رىكورتى ياراتقانلارنى بەس - بەس بىلەن تەشۋىق قىلدۇقيۇ، بىزنىڭ پەن - تېخنىكىنىڭ ئالدىقنى سېپىدىكى خادىملىرىمىزغا ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇن بېرىلمدى. بولۇپمۇ تېلۋىزىيىدىن ئىبارەت ئەڭ ياخشى ئاخبارات ۋاستىسى ئالدى بىلەن بۇنداق خادىملىرىمىزنى ئويلۇشىشى كېرەك ئىدى. ئۇلار پەقەت «پەن - تېخنىكا دۇنياسى» ناملىق پروگىراممىسىدا ئاددىلا تۇنۇشتۇرۇپ قويۇپ بولدى قىلدى، پۇرسەت بولسا شۇنداق قىلدى تېخى. ئەكسىچە، جىنس رىكورتى ياراتقان، مودىل بولغانلارنى ۋاقتنى كېچىكتۈرمەي تۈرلۈك سۆھبەت - «كۆڭۈلدىكى سۆزلەر»نى ئورۇنلاشتۇرۇپ قىزغىن، ئەتراپلىق تۇنۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى. بۇنداق كىشىلەرنى تۇنۇيدىغانلار دوكتورلارنى تۇنۇيدىغانلاردىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى. ھەتتا بىز بىلمەيدىغان ئاشپەز، تىككۈچى قالمىدى. شۇڭا بىزنىڭ ئۇلارغا بولغان مۇئامىلىمىزنى مۇنداق بىر مىسالغا ئوخشىتىش مۇمكىن: بىر سەنئەتچى، بىر ئادەتتىكى يازغۇچى، بىر جىنس رىكورتى ياراتقۇچى بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئالدىغا بارسا ئۇنى تۇنۇمايدىغانلار چىقماسلىقى مۇمكىن، ئەمما بىر دوكتۇرىمىز ئۇلارنىڭ يېنىدا كېسەل ئازاۋىدا ئېڭىراپ ياتسا بىرەرىمىزمۇ نەزىرىمىزنى تاشلىماسلىقىمىز مۇمكىن. بىز ئۇلارغا ئەنە ئاشۇنداق مۇئامىلە قىلۋاتىمىز. مۇئامىلىمىز شۇنداق ئىكەن، ئۇلارنىڭ تەتقىقاتىغا بولغان چۈشەنچىمىز تېخى تۆرەلمە ھالەتكىمۇ كەلمىگەن بولىدۇ. بىر تەتقىقات تېمىسىنى تاللاش ۋە ئۇنى تاماملاش ئۈچۈن خىزمەتچى خادىملار بولۇشى، مۇكەممەل لابراتورىيە، ئۈسكىنە - ئەسۋاپ بولۇشى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن مىليونلاپ پۇل، ئىقتىساد كىتىدۇ. ئەمما بىزنىڭ دوكتورلىرىمىزدا بۇنچىلىك ئىقتىسادنىڭ يوقلىقىدىن مۇستەقىل تەجرىبىخانا قورۇلمىدى، ئەسۋاپ - ئۈسكىنىلەر سەپلەنمىدى، شۇڭا تەتقىقات ئېلىپمۇ بېرىلمايۋاتىدۇ. تەجرىبىخانا قۇرىدىغان پۇلغا بىز رېستۇران سالىمىز، ئەسۋاپ - ئۈسكىنە سېتۋالىدىغان پۇلغا ھاراق سېتۋىلىپ ئىچىمىز. شۇڭا گەرچە دوكتورلىرىمىزنىڭ ئارمانى بولسىمۇ شۇنىڭغا لايىق دەرمانى تەق بولمىدى. بىز نىمە ئۈچۈن بۇ كىشىلەرنى قوللىمايمىز؟ ياردەم قىلمايمىز؟ ئۇيۇن - تاماشىغا، كەيپ - ساپاغا، ئەيش ئىشرەتكە ، ھاراق - شاراپقا، ئىسراپچىلىققا خەجلىگەن پۇلىمىز بىلەن نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق پەن - تېخنىكا خادىملىرىمىزغا ياردەم قىلمايمىز؟ نىمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ نوپۇزلۇق تەتقىقات تېمىسىنى تاماملىشى ئۈچۈن «ئىلمىي تەتقىقات فوندى جەمىيىتى» قۇرمايمىز؟ بىزدە شۇنداق دەرمان بولمىغاندىمۇ نىمە ئۈچۈن شۇنداق روھ بولمايدۇ؟

    بىز تۆۋەندە ئاۋام خەلق قوللىساق، يوقۇرىدا پەن - تېخنىكا خادىملىرىمىز، دوكتورلىرىمىز تىرىشىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇنلانسا ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرى بىزگە ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بەخت كەلتۈرىدۇ. مۇشۇنداق قىلالىساق كۆپ بولسا يەنە ئوتتۇز يىل، ئاز بولسا يىگىرمە  يىل ۋاقت ئىچىدە ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىشەنسەك بولىدۇ. چۈنكى ئىلىم - پەن مۈجىزىلىرى ھەممە كىشىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. مۈلكىي مەدەنىيەت بىلەنلا ھەپلىشىش ئۆزىمىز ئۈچۈنلا بولىدۇ، بۇ بەك شەخسىيەتچىلىك. ئۆز ھەلەكچىلىكىمىز بىلەنلا ياشاش، پەن - تېخنىكىدا باشقىلارغا بىقىنىشتەك پارازىتلارچە تۇرمۇش ئادىتى ھەرگىز ئالىيجاناپلارنىڭ ئىشى ئەمەس. مۇشۇ يەرشارىدا ياشاۋاتقان ئىنسانلار بولۇش سۈپۈتىمىز بىلەن، دۇنيا خەلقىنىڭ بەختىگە ۋە ئىلىم - پەن تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تۆھپە قوشۇش مەجبورىيىتىمىز بار. مۇشۇنچىلىك مەسئولىيەتنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالالمىغان مىللەتنى دۇنيا خەلقى ھەرگىز ئېتراپ قىلمايدۇ، كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. بىز يەنە بوش ۋاقت چىقىرىپ كىتاپخانىلارغا كىرىپ قاراپ باقايلى. ئىلىم - پەن خادىملىرىمىز نەچچە يىل ئەجىر قىلىپ ناھايىتى جاپادا يېزىپ چىققان ئىلمىي نەتىجلىرى تولغان كىتاپلار كىتاپخانىنىڭ ئانچە ئادەم چىلىقمايدىغان جايىغا تېزىلغان، كىتاپلارنى توزان باسقان، بۇ يەردىكى ئادەممۇ ساناقلىقلا. باشقا كىتاپ تېزىلغان جازىلار ئاۋات بازار بولۇپ كەتكەن! كىتاپ ساتقۇچىلارمۇ ئامالسىز، چۇنكى «بازىرى يوق» كىتاپنى كۆزگە چىلىقىدىغان يەرگە تېزىشنىڭ ھاجىتى يوق-تە. تىلىمىزدا «ئىلىم - پەن» دىگىنىمىز بىلەن روھىيىتىمىز پەن - تېخنىكا مەدەنىيىتىنى تەبئىلا يەكلەيدىغان تۇرسا! پەن - تېخنىكا خادىملىرىمىز مانا مۇشۇنداق مەدەنىيەت تارقىلىدىغان يەردىمۇ ئوخشاش پىشكەلگە مۇپتىلا. تۇرمۇشتىمۇ شۇنداق. ئۇلارنىڭ ھاراق ئىچىشكە ۋاقتى بولمىغاچ ھاراقكەش خەلق ئۇلارنى چەتكە قاقىدۇ. ھەتتا ئەڭ ياخشى، لاتاپەتلىك قىزلارمۇ ئۇلارغا تەۋە بولمايدۇ...ئۇلار ھەممە «ياخشى» ئىشتىن مۇستەسنا!

    ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيە بىلەن گېرمانىيە پۈتكۈل دۇنياغا خۇجا بولماقچى، پۈتۈن دۇنيانى يۈتۋىلىش مەقسىتىدە بولدى. چۈنكى ئۇلاردا ئىلغار پەن - تېخنىكا بار ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپ نەرسىلىرى باشقىلاردىن ئىلغار ئىدى. شۇڭا دۇنياغا خىرس قىلدى. باشقا دۆلەتلەر بۇ نۇقتىنى تۇنۇپ يىتىپ دەرھال ھەربىي پەن - تېخنىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇردى، نۇرغۇن قۇراللارنى كەشپ قىلدى. ئاخىرىدا بۇ ئىككى فاشىست دۆلەت ئۈستىدىن غەلبە قىلدى. ئۇرۇشتىن كىيىن، شەرتسىز تەسلىم بولۇش نەتىجىسىدە ئۆز دۆلىتىنىڭ پۈتكۈل تەقدىرىنى باشقىلارغا قوش قوللاپ تۇتقۇزۇپ قويغان ياپۇن ۋە نىمىس مىللىتى پۈتۈن كۈچىنى پەن - تېخنىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا، مائارىپقا قارىتىپ، 30 يىلغا بارمايلا ئىقتىسادىي كۈچلۈك، تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرگە ئايلاندى. ئۇلارنىڭ يوقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرى دۇنياغا يۈزلەندى، مەھسۇلات ماركىلىرى ھەممە دۆلەتكە كىڭەيدى. ئىلگىرى مىلتىق - دورىسى ۋە زومىگەرلىككە تايىنىپ دۇنيانى مۇنقەرز قىلماقچى بولغان ياپۇنىيە ۋە گېرمانىيە ئەمدىلىكتە بىر پاي ئوقمۇ چىقارماي، ئۈن - تۈنسىز، ئىس - تۈتەكسىز ھالدا دۇنيا ئىقتىسادىنى كونتىرول قىلىپ، مەھسۇلات ۋە ماركىسى ئارقىلىق دۇنيانى مۇستەملىكە قىلماقچى بولۋاتىدۇ. ئىلگىرى زوراۋانلىق ۋاستىسى ۋە نۇرغۇن بەدەل تۆلەپ بايرىقىنى قاداشقا مۇيەسسەر بولالمىغان دۆلەتلەرنىڭ زىمىنىغا ھازىر داڭلىق ماركىلىرىنى قادىماقتا. مۇنداقچە ئېيتقاندا ياپونىيىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى تۇنىمايدىغان كىشىمۇ ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ ماركىسىغا قاراپلا كاللىسىدا ئىختىيارسىز «ياپونىيە» دىگەن ئۇقۇم ئەكس ئېتىدۇ. گېرمانىيە ياكى ياپونىيىنىڭ يۈزمىڭ كىشى ئىشلەيدىغان بىر خۇسوسىي شىركىتىنى پۈتۈن دۇنيا بىلسە بىلىدۇكى، سەككىز مىليون ئۇيغۇرنى بىلمەيدۇ.

     بۈگۈنكى كۈندىكى يوقۇرى تېخنىكىلىق ئۇرۇش ئادەمنى كۆرمەي تۇرۇپ يوقۇتۇش دەرىجىسىگە يىتىپ باردى. كۈچلۈكلەرنىڭ دۈشمەنلىرى جەڭ مەيدانىغا بارماي تۇرۇپلا كىم تەرپىدىن يوقىتىلغانلىقىنىمۇ بىلمەيلا ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلۋاتىدۇ. ئاڭلىشىمچە 90 - يىلىدىكى پارس قولتۇقى ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامرىكا ھەربىي قىسىمىنىڭ سۈنئى ھەمراسى بىر ئىراقلىق ئەسكەر چىكىۋاتقان تاماكىنىڭ ماركىسىنى كۆرۈپ پەرقلەندۈرگەن ئىكەن. يوقىرى تېخنىكا دۇنيادىكى ئادەم ئايىقىمۇ يەتمىگەن جايلارنىڭ سىرلىقلىق سالاھىيىتىنى بىراقلا ئېلىپ تاشلىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلىم - پەننىڭ نەتىجىسى. پۈتۈن دۇنيا ئىلىم - پەن جېڭىگە چۈشۈپ كەتتى، بۇ مانۋېر ئەمەس، ئەلۋەتتە. يۈكسىلۋاتقان تېخنىكا ئىلىمى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە قايتىدىن ئېنىقلىما بېرۋاتىدۇ. قارا كۈچكە بولغان ئېھتىياج بارغانسىرى ئازلاپ بېرۋاتىدۇ. پۈتكۈل سانائەت ئىشلەپچىقىرىش جەريانى ئاپتۇماتلىشىش يۈلىنىشىگە قاراپ تەرەققى قىلۋاتىدۇ. ماشىنا ئادەم ئادەمنىڭ ئورنىنى ئېلۋاتىدۇ. باشقىلار خىزمەتكە ماشىنا بىلەن بارسا بىز كالاچنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ مىڭىۋاتىمىز. يەنىمۇ تەپسىلىي دىمىسەكمۇ سەزگۈ ئەزالىرىمىز ساق بولسىلا كۈندىلىك ئۆزگىرىشلەرنى بىلىپ تۇرۋاتىمىز... رىئاللىق بىزگە شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇكى، ئىنسانلارنىڭ بۇندىن كىيىنكى پائالىيىتى تېخنىكا ۋە كاپىتال بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.

    بىز پەقەت ئىلغار پەن - تېخنىكا بىلەن قوراللانساق، خەلقئارا ئىلىم - پەن ساھاسىدە پۇت دەسسەپ تۇرالىساق، كىشىلەر ئاندىن بىزگە قايىل بولىدۇ، بىزدىن ئۈگۈنىدۇ. شۇندىلا مەدەنىيەت بىزدىن باشقىلارغا تارقىلىدۇ، ئۆزىمىزمۇ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايمىز. ئەگەر بىز باشقىلاردىن كىرگەن مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىۋەرسەك، باشقىلارغىلا قاراشلىق بولۇپ قالساق ئۇنداقتا يەنە 50 يىل ياكى 100 يىل ئۆتكەندە ئۇيغۇر دىگەن مىللەت ھەقىقەتەن مەۋجۈت بولماي قالىدۇ. ئەلۋەتتە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەلگىلىك سانائەت ئاساسىغا ئىگە شېركەتلەر قۇرۇلۋاتىدۇ. شۇنىسى بىز ئىنچىكە قاراپ باقىدىغان بولساق مەبلىغى يۈز مىليونغا يەتمەيدىغان بۇ شىركەتلەرنىڭ كۈلۈمىنىڭ كىچىكلىكىنى، مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېخنىكىلىق تەركىۋىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يىتەلەيمىز. بىر قىسىم شىركەتلەرنى «يوقىرى يېڭى تېخنىكا» شىركىتى دىسە، بىزدە يوقىرى تېخنىكىلىق شېركەتلەر بار ئىكەنغۇ دەپ ئالدىراپ خوش بولۇپ كەتمەيلى، بۇ پەقەت رايون خاراكتىرلىق نامدۇر. بۇ نام بىلەن دۆلەت دەرىجىلىك، خەلقئارا دەرىجىلىك ناملار بىلەن بولغان پەرقى بەك زور. بىزنىڭ شىركەتلىرىمىز ئاسەن تەييار خام ئەشىيانى پەقەت ئاددى پىششىقلاپ ئىشلەش(خەلقئارا ئۆلچەم بۇيىچە ئېيتقاندا) جەريانىنىلا ئېلىپ بارالايدۇ، خالاس. ئۇنىڭ ئۈستىگە تايىنى يوق تېخنىكىمىزنىڭ قىممىتى زور دەپ بىلىپ، ھەر قايسىمىز ئۆز ئالدىمىزغا زاۋۇت قۇرۇپ بىر - بىرىمىزدىن قىزغىنىپ بەيگىگە چۈشكەن ئاتلاردەك يول بەرمەي كىتۋاتىمىز، بۇ بىزنىڭ چەكلىك مەبلىقىمىزنى ئىسراپ قىلۋاتىدۇ، تېخىمۇ چوڭ تەتقىقاتلارغا زۆرۈر مەبلەغنى پارچىلاپ تۈگۈتىۋاتىدۇ. بىر شىركەتنىڭ تاللا بازىرىغا كىرسە ئىككىنچى بىر ئۇيغۇر شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇ ئېغىزدا دىمىگىنى بىلەن «ئەمەلىي ھەركەت» ئارقىلىق ئوتتۇردىكى «ھەسەتخورلۇق رىقابىتى»نىڭ قانچىلىك دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ، بۇ خەلقئارا ئەخلاق ئۆلچىمى بۇيىچە ئېيتقاندا ناتۇغرا رىقابەت. بىز دۆلىتىمىزنىڭ، چەتئەلنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز تاللا بازارلىرىمىزدا  كەڭ - كۇشادە ساتىمىزيۇ، يېنىمىزدىكى شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا بىزنىڭ پوكەيلىرىمىز تارلىق قىلىدۇ. نىمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سېتىش يولىنى كىڭەيتىشىگە، ئىستىمالچىلارنىڭ قايسىلا بازارغا كىرسە خالىغان ماركىدىكى مەھسۇلاتنى سېتۋىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرمەيمىز؟ بۇ ئادىل رىقابەتتىن قورۇققانلىقىمىزمۇ؟ ياق،ئۇنداق ئەمەس، باشقىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بىزنىڭ تاللا بازارلىرىمىزدا سېتىش، باشقىلارنى قوللاپ قويۇش بىزنىڭ مەغلۇپ بولۇشىمىزغا ياكى مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ سېتىلىشىغا تۇسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. دەل ئەكسىچە بىزنى تېخىمۇ ئالىيجاناپ قىلىدۇ ھەم كارخانىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ. ئىستىمالچىلار خالىسا ئەڭ ياخشىسىنى تاللاپ ئېلىۋېرىدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە بىزنىڭ ھەسەتخورلىقىمىزدا! بىز بىلەن بىر كەسپتىكى، بىر قاتاردىكى شىركەتلەرنىڭ بىزدىن ئېشىپ كىتىشىنى، بىزنىڭ نام - ئابرويىمىزنى ئىگەنلىۋىلىشىدىن ئەڭ ئەنسىرەيمىز. ھەتتا كۆمپيۇتېر يۇمشاق دىتالى تۈزۈشتىن ئىبارەت بىرقەدەر يوقىرى سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان كەسپ بىلەن شوغۇللانغان «يۈكسەك» مەدەنىيەتلىك كىشىلىرىمىزمۇ ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ كومپيۇتېردىكى كودىنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرەلمەي، ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا ئىش تۇتۇپ، «مەن ساڭا قاراپ قالامدىم» دەپ ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ كومپيۇتېردىكى كودىنى قالايماقانلاشتۇرۋەتتى، ئىشلەتكۈچىلەرگىمۇ ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، نەتىجىدە چەكلىك مەبلەغ ۋە زېھنىنى زىيادە خورىتىۋەتتى، ئاخىرى بىر - بىرلەپ ۋەيران بولۇش يولىغا ماڭدى. مانا مۇشۇنداق «ئىلغار تېخنىكا» دەپ قارىلۋاتقان ساھەدىمۇ بىز يەنىلا بىرلىككە كىلەلمىدۇق، بىر - بىرىمىزدىن قىزغىندۇق، كۆرەلمىدۇق. گەرچە ھىچقانداق پاكىتىم بولمىسىمۇ ئىشىنىمەنكى، ئوخشاش كەسىپتىكى ئىككى شىركەت رەھبىرى ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنلىرىدا زۆرۈرىيەت بولۇپ قىلىپ ئۇچرۇشۇپ قالمىسىلا ئادەتتىكى ئەھۋالدا كەسپ ياكى باشقا جەھەتلەردە ھەرگىز ئالاقە قىلمايدۇ. بىزنىڭ ھەسەتخورلۇقىمىز مانا مۇشۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن. نۆۋىتى كەلگەندە قىستۇرۇپ ئۆتەي، قەلەمكەشلەرمۇ ئوبزور يازسا ئەسەرگە ئەمەس، ئۆتكۈر سۆزلەرنى ئىشلىتىپ ئەسەر مۇئەللىپىگە ھەسەتخورلۇق، كۆرەلمەسلىك بىلەن ھۇجۇم قىلۋاتىدۇ. بىزدىكى ئوڭلۇق، مەلۇماتلىق كىشىلەر شۇنداق بولۋاتقان يەردە باشقا كىشىلەر قانداق بولماقچى؟ ھەرقايسى كارخانىلار، ئوخشاش كەسپتىكىلەر ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتسە، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئاكىتىپلىق بىلەن كۆرۈپ يەتسە، كەمچىلىكلەرنى ئالىيجاناپلىق بىلەن تۈزەتسە، تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىمان بولسا، نۇرغۇن مەبلەغنى تىجەپ قالغىلى بولىدۇ. مۇمكىن بولسا بىرلەشسە رىقابەت كۈچى ئېشىپ ھاياتى كۈچى تېخىمۇ ئۇرغۇيدۇ. مەبلىغى ئەللىك مىليون ياكى يۈز مىليونغا يەتمەيدىغان كارخانىلىرىمىز ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل كىتۋاتىدۇ. بۇنداق بولسا بىز پەقەت ئۆز مىللىتىمىز ئىچىدىكى بازارنىلا ئىگەنلىيەلەيمىز، ئېشىپ كەتسە تېخنىكا سەۋىيىسى كەينىدە قالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ياكى ئەرەپ ئەللىرىدىكى قىسمەن بازارغىلا كىرەلەيمىز، تەرەققى قىلغان كۈچلۈك غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ بازارلىرىغا كىرەلىشىمىز ئۇزۇراپ كىتىدۇ ياكى كىرەلمەيمىز. بىز ئىشلەپچىقىرۋاتقان مەھسۇلاتلىرىمىز نىسبەتەن ئاددى، تېخنىكىلىق مىقتارى تۆۋەن. بۇلارنى كۆرۈپ يىتىشىمىز، بىزنى چۈشەپ تۇرغان ھەسەتخورلۇق چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇشىمىز، ئەركەكلەرگە خاس مىجەزىمىز بىلەن بۇ مەرەزدىن يىراقلىشىشىمىز لازىم. بولمىسا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ پولاتتەك ئەھدىنامىلىرى، قائىدە - تۈزۈملىرى ھەم كۈندىن كۈنگە كۈچىيۋاتقان رىقابەت، خىرىس، دۆلەت ھالقىغان كۈچلۈك كارخانىلار بىزنىڭ ئەمدىلا باش كۈتۈرگەن شىركەتلىرىمىزنى بۈشۈكىدىلا ئۇجۇقتۇرۇپ تاشلايدۇ. ھايات قالدى دىگەندىمۇ كارخانىلىرىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى پەقەت بىزلا سېتۋالىمىز، بۇ خۇددى ئوڭ يانچۇقتىكى پۇلنى سول يانچۇققا يۆتكىگەندەكلا ئىش بولۇپ، ناھايىتى ئۈلۈك ئوبروت بولۇپ قالىدۇ. سىرىتتىن پۇل كىرمىسە يانچۇقۇمىزدىكى پۇلنىڭ سانى ئۆزگەرمەيدۇ. پەقەت ئوڭ - سول يانچۇقتىكى پۇلنىڭ ئاز كۆپلىكىلا پەرق قىلىدۇ، خالاس.

     

     


     
    ئاخىرقى سۆز
     

     

     


    ھىچ كىشى ئۆزىنى ئۆزى قەستەن ئەيىپلىمەيدۇ، جۈملىدىن مەنمۇ شۇنداق. بەلكىم كىشىلەر مېنى غەرپ ئىدىيىسىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچراپتۇ، دەپ ئەيىپلىشى مۇمكىن. بۇ كىشىلەر مېنى قانداقلا ئەيىپلىسە مەيلى. مەن مۇشۇنداق ئالاھىدە شارائىتتا، بەش يىلغا يېقىن ۋاقت سەرپ قىلىپ ئەتراپلىق كۆزۈتۈش ئېلىپ باردىم. بىزدىكى كەمچىلىكلەرنى، ئاجىزلىقلارنى ئاددى كاللام بىلەن كۆرۈپ يىتىپ، ئۆز قېرىنداشلىرىمغا كۈيۈنۈش يۈزىسىدىن بۇ ماقالامنى يېزىپ تاماملىدىم. ماقالىنى ئوقۇپ چىققانلار ئىنىقلا «ئۆزەڭ قانچىلىك ئىش قىلالىغان نىمىتىڭ» دەپ سورىشى مۇمكىن. مەنمۇ ھىچقانچە ئىش قىلالمىدىم ھەم تۇنۇلغان شەخسمۇ ئەمەسمەن، مەن پەقەت مۇشۇنداق بىر يېڭىچە روھنى بىزگە تۇنۇتۇش ئۈچۈنلا ئىزدەندىم، ماتىريال توپلىدىم، سىلىشتۇرۇش ئېلىپ باردىم. ئاخىرى كومپۇتېر ئالدىغا كېلىپ بۇ ماقالىغا تۇتۇش قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالىدىم. گەرچە ھازىرچە مەندە ماقالامدا دىيىلگەن ئىشلارنى قىلالىغۇچىلىك دەرمان بولمىسىمۇ شۇنداق روھ بار!

    ئۇلۇقلىرىمىز «ئەتىلا ئۈلىمەن دەپ ئىبادەت قىل، مەڭگۈ ئۆلمەيمەن دەپ تىجارەت» دەپتىكەن. بىزدە ھازىر پەقەت قانداق تىرىكچىلىك قىلىش، قانداق يول بىلەن ئىلگىرلەش مەسىلىسىلا قالدى. مىراس كىتاپلارنى ۋاراقداپ، ئىنچىكىلىك بىلەن، دىققەت، ئەستايدىللىق بىلەن تەتقىق قىلىپ باقايلى. ئەگەر بىزگە لايىق، دەۋىرگە ماسلىشالايدىغان توغرا بىر ياشاش پەلسەپىسى، بىر جەۋھەر تىپىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. ئەگەر پەقەتلا تاپالمىساق، ئۇلارنى مۇزىيخانىلاردا ياخشى ساقلاپ قويايلى، كىتاپ جاھازىمىزدىن قايتا ئالمايلى. بۇنداق ياشاش پەلسەپىسىنى شەكىللەندۈرۈشتەك مۈشكۈل ۋەزىپە بىزنىڭ زىمىمىزگە يۈكلەنگەن بولىدۇ. ئۇنى ئۆز قولىمىز بىلەن يارىتايلى، ئەۋلاتلىرىمىزغا يۈكلەشكە، ئۈمۈت باغلاشقا بولمايدۇ، ئۆزىمىز ھەركەتكە كىلىشىمىز لازىم.  كىيىنكى ئەۋلاتلارغا ئىتىرىپ قويۇش مەسئولىيەتسىزلىكتۇر. چۈنكى ئۇلار يەنە كىمگە يۈكلەيدۇ؟

     ئۇلۇغ داھىيمىز ماۋزېدۇڭ «بىزنىڭ ئىچىمىزدە بىر خىل ۋەھىمە بار، ئۇ سىياسى ۋەھىمىمۇ ئەمەس، ئىقتىسادى ۋەھىمىمۇ ئەمەس، بەلكى ئىقتىدار جەھەتتىكى ۋەھىمە» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. ئىنسان ئاتىقىغا كىرگەن ھەرقانداق كىشىدە پەقەت ئىقتىدارلا مەسىلە. بىز تىرىشىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. بىز مۇتلەق ئۆزىمىزگە تەۋە تېخنىكا يىتىلدۈرىشىمىز، تەبئى پەن ساھاسىدە بۈسۈش خاراكتىرلىق ئىلگىرلىشىمىز، ئۇزۇن مۇددەت ئىستىراتىگىيە بەلگىلەپ بىر قىتىمدا غەلبە قىلىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشىمىز، توختاپ قالماسلىقىمىز كېرەك. پارتىيە مەركىزى كومتىتى ئوتتۇرىغا قويغان دەۋر بۆلگۈچلۈك ئەھمىيەتكە ئىگە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»، «سوتسىيالىستىك ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىدىمۇ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىلغار مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ يۈلۈنىشىگە ۋەكىللىك قىلىنىپ، بۇ جەھەتتە بايراقلىق رول ئويناۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يېقىندا باش سېكىرتار خۇ جىنتاۋ « ئىختىراۋى دۆلەت قۇرۇش» چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پەن - تېخنىكا ئۈچۈن ئىزدەنگۈچىلەرگە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا يېشىل چىراق يېقىپ بەردى. ئەمدى بولسىمۇ كاللىمىزنى سىلكىۋەتمىسەك كەچۈرگىسىز خاتالىق سادىر قىلغان، پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويغان قىلىمىز. بىلىم ئىگىلىرى قەدىرلەنمەيدىغان يۇرت مەڭگۈ ئىپتىدائى ھالەتتە قالىدۇ، ئىلىمنى يەكلەيدىغان قەۋىم گۇمراھلىق يولىغا ماڭغۇسى. ئىلىم - پەنگە قىزىقىش، ئىنتىلىش روھى ھەممە كىشىدە، جۈملىدىن بىزدىمۇ بار، پەقەت قوزغىتىلىمىغانلا يېرى بار. مۈلكىي مەدەنىيەت بىزدە ئېشىپ - تېشىپ تۇرۇپتۇ، ئۇنى يىگىلى - ئىچكىلى، كۆڭۈل ئاچقىلى بولغان بىلەن كۆپ قىممەت ياراتقىلى بولمايدۇ، مەۋجوتلىقىمىزغا پاسىبان، تىرەك بولالمايدۇ. سازلىرىمىزنى قانچىلا كۈچەپ چالغىنىمىز، غىجەكلىرىمىزنى قانچىلا موڭلۇق ئاھاڭدا غىردىغىنىمىز بىلەن بىكار. ھازىرقى دۇنيا مۇڭلۇنۇشنى ئەمەس بەلكى كەسكىنلىكنى تەلەپ قىلۋاتىدۇ. مەشرەپ، مۇقاملىرىمىز قانچە ياڭراڭ بولسىمۇ خەلقئارا قولاق سالمايدۇ. «جاھاندا يىقىملىق ناخشا - مۇقام بىزدىلا بار، بۇ دىگەن تۈگۈمەس بايلىق» دەپ يۈرىۋەرسەك چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىمىز. كۈندىن - كۈنگە يەر شارىلىشىۋاتقان ئىقتىساد بۇنىڭغا ھەرگىز پۇرسەت بەرمەيدۇ. خەلقئارادا نام قازانغان ئېرلاندىيە پۇت ئۇسولىلا بىزنىڭ مۇقاملىرىمىز ياراتقان بارلىق قىممەتنى بىسىپ چۈشەلەيدۇ. بىز ناخشا - ئۇسول سەنئىتىگە شۇنچە ماھىر تۇرۇپ، بىزدە بىتخوۋىن، موزاتتەك مەشھۇر مۇزىكانتلار، مىخائىل جېكسوندەك ناخشىچىلار چىقىپ باقمىدى. بىزدە ئىلغار مەدەنىيەت بولمىغاچقا غىجەك ياكى تەمبۇرلىرىمىز ئىسكىروپكا ياكى پىئانىنونىڭ ئورنىنى ئالالمىدى. باشقىلار بىزنى ناخشا - ئۇسولغا ماھىر مىللەت دىسە بىز پەخىرلىنىپ يۈرىۋېرەمدۇق؟

    غۇۋا چىراق يورىقىدا قولاقنى يارغۇدەك مۇزىكا ئاۋازىغا جۆر بولۇپ لەپپەڭشىپ تولغىما ئۇسولغا چۈشۈش ھازىرقى ياشلىرىمىزنىڭ، بولۇپمۇ سىتودىنتلىرىمىزنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس، بۇنداق ئويناشنى قۇرسىقى توق، غىمى يوق كىشى قىلسۇن. بىز كىچىك بالىنىڭ دارۋاز ئۈستىدە مىڭىشىدىن ھەيران قىلىپ ياقىمىزنى چىشلەشتۇق، ئۇنىڭدىن پەخىرلەندۇق، ئۇ خۇددى بىزگە ئالەمشۇمۇل ئىش قىلىپ بېرىدىغاندەك! پولات سىم ئۈستىدە نەچچە كۈن تۇرغان كىشىلەرگىمۇ چەكسىز قايىل بولۇپ كەتتۇق، خۇددى بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم ئىشىمىز يوقتەك! ۋېلسىپىت بىلەن ياكى يۈگۈرەپ يىراق سەپەرگە چىققانلارنى بىشىمىزدا كۆتۈرۈپ بوينىغا گۈل - چەمبىرەك ئاستۇق. قايتا - قايتىلاپ چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكلىرىنى، مەشرەپلەرىنى ئۇيۇشتۇردۇق. مۇشۇنداق ئىشلار ئۈچۈن يۈزمىڭلاپ، مىليونلاپ خەجلىدۇق، ئەمما ئون مىڭ يۈەن چىقىم قىلىپ بىرەر قىتىممۇ تەبئى پەن ساھاسىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ياكى مۇنبەر پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ باقمىدۇق. پەن - تېخنىكا خادىملىرىمىز، دوكتورلىرىمىزگە بىزنىڭ نەزىرىمىز چۈشمىدى، ئۇلار بارمۇ - يوقمۇ كارىمىز بولمىدى. بىز نىمە دىگەن ئەخمەق خەلق؟ بۇ ئىشلىرىمىزغا دۇنيا خەلقى كۈلمەسمۇ؟ بىز ھەتتا يەر شارىنىڭ ئىككى قۇتۇپى ئوتتۇرلىقىغا تارتىلغان پولات سىمدىن مىڭىپ ئۆتۈپ ھىچكىم قىلالمايدىغان جىنس رىكورتىنى بارلىققا كەلتۈرسەكمۇ ئىنسانىيەت ناھايىتى تېزلا بۇنى ئۇنتۇپ كىتىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ قىلغانلىرىمىز پەقەت ئۆزىمىزگىلا قۇرۇق نام - ئابروي بېرەلىسە، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ھىچنىمە ئاتا قىلالمايدۇ. مۈلكىي مەدەنىيەت ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقلىرىمىزغا دۇنيا پىسەنت قىلمايدىغاندەك قىلىدۇ. يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ھالىنىڭ قانداقلىقىنى مەن ماقالەمنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە تەپسىلىي سۆزلەپ ئۆتتۈم. ئۇلارمۇ بىلىم - ئىقتىداردا ھالسىراۋاتقان ئەھۋالدا تۇرۋاتىدۇ، دۇنيانى ئىپادىلەش ئىقتىدارىدا ئۆزىنىمۇ قۇتۇلدۇرۇشنى بىلمىگەنلەردىن ئۈمۈد كۈتۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

    «كۈنىمىز ھىلىمۇ خېلى ياخشى، ئۈلۈپ قالمىدۇققۇ،  شۈكرى قىل» دەپ ئولتۇرساق بولمايدۇ. ئەگەر ئۆزىمىزنى ئەقىللىق مىللەت چاغلىساق، ئەتراپىمىزغا ئەمەس، تېخىمۇ يىراققا نەزەر تاشلىشىمىز، قىلۋاتقانلىرىمىزغا ئۆز ئىچىمىزدىكىلەرگە، يېنىمىزدىكىلەرگە قاراپ ئەمەس پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە، خەلقئاراغا قاراپ باھا بېرىشىمىز كېرەك. خەقنىڭ قىلغىنىغا قايىل بولۇشىمىز، ئۆزىمىزنى دەڭسەپ بىقىشىمىز لازىم. دۇنيانى ئىقتىدارىمىز بىلەن قايىل قىلىش ۋە ئىلمىي نەتىجە بىلەن ھەيرەتتە قالدۇرۇش ئارقىلىقلا ئۆزىمىزنى ئېتراپ قىلدۇرىشىمىز كېرەك. ئەكسىچە باشقىلاردىن ئاغرىنىپ قارغاشنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق، ئۇ بىزنى ھەسەتخور، كۆرەلمەس قىلىپ قويىدۇ.

    بىز كىچىك بىر سىلىشتۇرما قىلىپ كۆرەيلى: ئويغۇر مىللىتىنى سەككىز مىليون ئاھالىسى بار دىسەك، ئۇنداقتا ھەر ئۈچ كىشىنى بىر ئائىلە بۇيىچە ھىساپلىغاندا ئىككى مىليون ئالتە يۈزمىڭ ئائىلە بولىدۇ. ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن يۈز مىڭ يۈەن بايلىقى بار دىسەك، ئۇنداقتا بۇ بايلىقنىڭ قىممىتى 260 مىليارد يۈەن بولىدۇ، مانا بۇ بىزنىڭ قولىمىزدىكى ئومومى مەبلەغ سانى. ئەمما دۇنياغا داڭلىق باي بېل گاتىسنىڭ شەخسى بايلىقىلا  500 مىليارد يۈەنگە يېقىن، ھەتتا ئۇنىڭ تۇرالغۇسىنىڭ قىممىتىمۇ بىزنىڭ مىللىي كارخانىلار ئومومىي مەبلىغىدىن زور دەرىجىدە ئېشپ كىتىدۇ. ئۇنىڭ بايلىقى پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قولىدىكىدىنمۇ بىرھەسسىگە يېقىن ئارتۇق. ئۇنىڭ ئەقلىنى ئىشلىتىپ يىگىرمە يىلدا توپىلغان بايلىقى بىز قارا كۈچىمىزگە تايىنىپ، ئۈلەي - ئۆچەي دەپ ياراتقان جېمى بايلىقىمىزدىنمۇ كۆپ. بىز تۈزۈكمۇ بىلىپ كەتمەيدىغان بۇ كىشى تېخى مارالبېشىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىمىزغا جۇڭگو خەيرى - ساخاۋەت جەمىيىتى ئارقىلىق سېخىيلىق بىلەن ئىككى مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى! مانا بۇ پەن - تېخنىكا ئاتا قىلغان ھەقىقى بايلىقتىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە، مەن بۇ يەردە چوڭ ھىساپلىدىم. بىر ئائىلىدە ئۈچ ئادەم بارمۇ ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپمۇ، ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن يۈز مىڭ يۈەن پۇل بارمۇ - يوقمۇ دىگەن مەسىلىلەرنىڭ جاۋابى مەن دىمىسەممۇ كىشىلىرىمىزگە بەش قولدەك ئايان. پەقەت بىلىمنىڭلا ھەقىقى تۈگۈمەس بايلىق ئىكەنلىكىنى قانداق چۈشۈنۈش مەسىلىسىنى ئەمدى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىشىگە قالدۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.  ئىككى كىشىنى مەلۇم بىر كەسىپتە، بىر سىنىپتا، ئوخشاش بىر ئۇستاز بىر ئاي تەربىيەلەپ ئىمتىھان ئالسا، بىرى سەكسەن، بىرى ئەللىك نومۇر ئالغان بولسا، مەسىلە تەربىيلەشتىمۇ ياكى قوبۇل قىلىشتا؟ مېنىڭچە، تەربىيلەشتە مەسىلە بولمىسا كېرەك. دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ پەرقى مانا مۇشۇ ئىككى كىشىنىڭ سىلىشتۇرمىسىغا ئوخشايدۇ.

    بىزنىڭ ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلىرىمىز ناھايىتى كۆپ ھاللاردا قىلۋاتقان ھەرقانداقلىكى ئىشلىرىمىزغا ئىجابىي باھا بېرىپ، ئەمەلىيەتتە قانداق بولۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلمايدۇ، ئۇلار ئۇچۇرۇشقا، ئىلھاملاندۇرۇشقا ئامراق، كىمنىڭمۇ ئۆزىنى ئەسكى دىگۈسى بار دەيسىز؟ ئەمما «ئىشتانغا چىققىنى كۆڭۈلگە ئايان» دىگەندەك، ئۇلار ئەمەلىيەتنىڭ قانداق بولۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىشىدۇ، پەقەت راست گەپ قىلىشتىن قورقىدۇ، بۇ كىشىلەر شۇنداق سورۇنلاردا توخو يۈرەكلىك قىلىپ ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا سۆزلەيدۇ. ساختا ئۈمۈدلىنىش، ئۆزىمىزگە مەۋھۈم تەسەللىي بېرىش، روھى تۇسالغۇ سەۋەبىدىن ئەمەلىيەتنى ئېتراپ قىلماسلىق، مەمنونىيەت پىسخىكىسى ئۆزىمىزنى ئالدىغانلىق، كېسەلنى يۇشۇرغانلىق.

    بىزدىن «قۇياش نەدىن چىقىدۇ» دەپ سورالسا، بىز ئىنىقكى تاغنىڭ كەينىدىن دەپ جاۋاپ بېرىمىز. چۈنكى بىز شۇنىڭدىن باشقىسىنى بىلمەيمىز ياكى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز.  بىزدە قۇياشنىڭ دېڭىزدىن، تۈزلەڭ ئورۇنلاردا يەر يۈزىدىن چىقىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلار يوق دىيەرلىك. بىز ئۈچۈن جاھان مۇشۇ تاغنىڭ ئىچى بىلەنلا چىگرىلىنىدۇ. يەنىمۇ ئوبرازلىق بىر مىسال قىلسام، كومپيۇتېر يېڭى ئوموملىشىشقا باشلىغاندىن تارتىپ خېلى بىر ۋاقتلارغىچە كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ رەسىم بىر تەرەپ قىلىشتا «فوتوشوپ» دىيىلىدىغان بىرلا يۇمشاق دىتالنىلا ئىشلەتتۇق. رەسىم بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن باشقا يۇمشاق دىتاللارنى تاللاشنى مۇۋاپىق كۆرمىدۇق، نەزىرىمىزچە بۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان يۇمشاق دىتال بولغان ئەمەس. راست، «فوتوشوپ»نىڭ ئىقتىدارى ھەقىقەتەن ياخشى، شۇنىسى بىر پەۋقۇللادە ئىش يۈز بېرىپ بۇ دىتال ئىشلىتىشتىن قاتتىق چەكلەنسە، ئۇ چاغدا بىز قانداق قىلغان بولاتتۇق؟ مېنىڭ دىگىنىم پەقەت بىر سىموۋىل خاراكتىرلىق مىسال، بىز نىمىلا توغرىسىدا ئىزدەنسەك بىلىدىغانلىرىمىز شۇنچىلىكلا بىر تەرەپلىمە، خالاس. ئەگەر ھەممە جەھەتتىن مۇشۇنداق بىر تەرەپلىمىلىككە ئېسىلۋالساق، بىر كۈنلەردە باشقىچە ئۇسولدا ھەل قىلىدىغان ئىش يولۇقۇپ قالسا بىر - بىرىمىزگە قارىشىپ،«ئەلەھمۇللا» دىيىشىپ تۇرۇشىمىز كېرەكمۇ؟

    مەن بۇ يەردە بىزدە كۈندىن - كۈنگە روشەن بولۋاتقان سىتودىنتلارنىڭ ھازىرقى ھالىتى، «ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرلىرى» دەپ ئاتالغان مەسئولىيەت تۇيغۇسى تۆۋەن، كەسپىي ئەخلاقى ناچار بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھاراقنى قانداق ئىچىدىغانلىقى، كۈندىن - كۈنگە ئاجىزلىشۋاتقان بىر - بىرىمىزگە بولغان كۈيۈنۈش - مىھرىبانلىق، تۈرۈلۈك ئىسراپچىلىق، بەسلىشىش، يۇرتۋازلىقتەك پەسەندىلىكلەرنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشنى لايىق كۆرمىدىم. چۈنكى بۇنداق مەزمونلار مەن ئاساسلىق تىلغا ئالغان ئىشلاردىن كۆپ كىچىك. ئەگەر بىزدە بىر باشلامچى ئىدىيە بارلىققا كىلىدىغانلا بولسا بۇنداق ئىللەتلەر ئۆزلىكىدىن يوقۇلۇپ كىتىدۇ.

    بىزنىڭ بۇندىن كىيىن بىردىن - بىر قىلىدىغان ئىشىمىز ئىلىم - پەنگە يۈرۈش قىلىشتىن ئىبارەت. بىزدە مانا مۇشۇنداق بىر باشلامچى روھ، توغرا ياشاش پەلسەپىسى بولۇشى كېرەك، بىر كىشى روھى جەھەتتىن يىقىلىپ چۈشمىسىلا، ھەرقانداق قىيىنچىلىق ئۇنى باش ئەگدۈرەلمەيدۇ. شۇڭا مۇۋاپىقىيەت ئىشىكى پەقەت روھىيىتىمىزگىلا باغلىق. بۇ يولدا ھىچكىم بىزنى توسىمايدۇ، ئىلىم - پەن ئۈستىدە ئىزدىنىش دەخلىسىزدۇر. ئۆزىمىزنىڭ قابىليىتىگە ھەقىقى، تىگى - تەكتىدىن ئىشىنىشىمىز، بىز چوقۇم قىلالايمىز دىگەن ئىرادە بولۇشى كېرەك. چۈنكى غەلبە ئىتىقادى كۈچلۈك، ئىرادىسى تەۋرەنمەس كىشىلەرگە مەنسۈپ. ئۆزىمىزدە ھازىر بار بولغانلىكى ھەرقانداق نەرسىدىن چوڭ ئۈمۈد كۈتۈشكە ئاساسىمىز يوق. جاھىللىق بىلەن مۈلكىي مەدەنىيەتكە، مۈلكىي ئەنئەنىگە ئېسىلۋالساق، بۇ جاھىللىقىمىز بىزنى تىگى يوق ھالاكەتكە سۆرەيدۇ، بىز ئېتراپ قىلمىغىنىمىز بىلەن دۇنيا تەبئى ھالدا ئىلغار مىللەت ۋە قالاق مىللەت دەپ ئايرىلىپ قالىدۇ. سىيىت نوچى ئۈلۈم خىتىنى كۆتۈرۈپ ئەجەلگە قاراپ ماڭغاندەك بىزمۇ قالاقلىقىمىزنى كۆتۈرگەن پىتى ھالاكەت يولىغا ماڭماسلىقىمىز لازىم. سەنئەت، ناخشا - ئۇسول بىلەن شوغۇنلىنىش توغرا كەلسە ھەقىقى سەنئەتكارلىرىمىز قىلسۇن. ھەممەيلەننىڭلا ئۇنى قىلىشىمىزنىڭ، قىزىقىشىمىزنىڭ زۆرۆريىتى يوق. بەك ئۇسول ئوينىغىمىز، ناخشا ئېيتقۇمىز كىلىپ كەتسە قۇربان ھىيت كۈنىسى ھېيتكاھ ئالدىدا پۇخادىن چىققۇچە بولۇشىغا ئوينايلى، دوستىمىزنىڭ تويىدا ئوينايلى، بۇنىڭغا باشقىلار نىمىلا دىسە دەۋەرسۇن. قالغان ۋاقتلاردا زېھنىمىزنى يىغىپ ئەقىلىي - مۈلۈك، بىلىم ئۈچۈن ئىزدىنەيلى. بىلىملا ھەقىقى قىممىتى بار تۈگۈمەس بايلىق. ئەكسىچە چالغۇلىرىمىزنى، توم - توم كىتاپلىرىمىزنى قۇچاقلاپ يىتىۋەرسەك، مۇشۇلارغا ئىشەنسەك، ئىلىم - پەن بىلەن قۇراللانمىساق، تېخنىكا - سانائەت بولمىسا، بىزدىن ئۈگۈنۈشكە ئەرزۈگىدەك نەرسە تىپىلمىسا، كىيىنكىلەر ياشاش ۋە مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن تەبئى ھالدا ئىلغار تېخنىكىغا ئىگە مىللەتلەرنىڭ تىلىنى تاللايدۇ. بىز تەبئىلا كىيىنكى ئەۋلاتلار ئالدىدا جىنايەتكار بولىمىز، جاۋاپكارغا ئايلىنىپ قالىمىز. تارىختىكى قاڭقىل، باسمىل دىگەندەك قەبىلىلەرنىڭ قۇشۇلۇپ ئۇيغۇر مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىگە ھازىرقىلار ھەيران بولمىغىنىدەك، بىزدىن كىيىنكىلەرمۇ بىزدەك بىر قەۋىمنىڭ ئۆتكەنلىكىدىن ۋە كىيىن يوقالغانلىقىدىن ھەيران بولمايدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.