ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئۇتۇق-بىرىنچى بۆلىكى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-23 09:29:36

ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئۇتۇقتاھىر ئىمىن ئىلتەبىرچىقىمى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئۈچ ۋاق تاماق ئۈچ نان دەپ قارىساق بىر يېرىم كوي، ياتاق ھەققى شارائىتى ئەڭ ناچار ئۆيلەرنىڭ ئايلىقى 50 – 100 يۈەنگىچە بو...



    ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئۇتۇق
    تاھىر ئىمىن ئىلتەبىر


     


    چىقىمى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئۈچ ۋاق تاماق ئۈچ نان دەپ قارىساق بىر يېرىم كوي، ياتاق ھەققى شارائىتى ئەڭ ناچار ئۆيلەرنىڭ ئايلىقى 50 – 100 يۈەنگىچە بولىدۇ. بىزگە ماددى جەھەتتە دائىم شۇنداق بىر سوئال دىۋەيلەپ كەلمەكتە:
    قانچە پۇلىڭىز بار؟ ھەر كۈنى قانچە پۇل كىرىم قىلىسىز؟ ئۆيىڭىز بارمۇ؟ مۇقىم خىزمىتىڭىز بارمۇ؟ ماشىنىڭىز، پاسپورتىڭىز، پىراۋىڭىز بارمۇ؟
    بىزنىڭ ھەممە نەرسىمىز بارغۇ. تىلىمىز بار، يولىمىز بار، ئىشلەيمىز دېسەك پۇت – قولىمىز بار. بىز ھىلىھەم ئىشلەپ تىكلىنەلەيمىز، مەسىلە ئۆزىمىزدە.



    ياشلىرىمىز ئەتىكى مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ تۈۋرۈكى



    رېئاللىقتا گاھ ئاچچىق، گاھ تاتلىقكەچمىشلەر تۇمۇشىمىزنى سىيپاپ ئۆتمەكتە. كونا ھادىسىلەرگە ئىنكاس بىلدۈرۈش تۈگۈل چۈشىنىپ يېتىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قىلىۋاتقان دەقىقىلىرىمىزدە يەنە يېڭىلىرى كۆپلەپ مەيدانغا كېلىپ بىزنى ئۆزىمىز ۋە رېئاللىقىمىز ھەققىدە قايتا ئويلۇنىشقا قىستىماقتا. بۇ ھادىسىلەر ھەممىمىزنىڭ جانىجان مەنپەئىتى، ئورنى، مەيدانىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. بولۇپمۇ بۈگۈننىڭ شاھىدى، كەلگۈسىنىڭ ياراتقۇچىسى، ئاساسچىلىرى بولغان ياشلىرىمىزنىڭ ئۆز ئورنىنى باشقىدىن مۆلچەرلەش كېرەكلىكى ھېس قىلىنماقتا. ياشانغانلار دائىم يولنىڭ ئاخىرى، ئىزنىڭ داۋامىنى جاپاغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، يېڭى قاراش، ئۇدۇل يول تاپالايدىغان ئىشەنچلىك ياشلارغا قالدۇرۇشقا ئادەتلەنگەن. نۆۋەتتە بۇنى تونۇشقا تەمشىلىۋاتقان ئالاھەزەل كۆپ ياشلىرىمىز ئۆز ئورنى ۋە سالاھىيىتىنى بەلگىلەپ تۇرىدىغان تۈرلۈك ساھەدە خاس يوللار بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ يەنىلا ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ ئۆز قولىمىزدا ئىكەنلىكىنى ئۇتۇقلۇق ئەمەلىيەتلىرى بىلەن ئىسپاتلىماقتا. بىز بۇلارغا ۋە ياشلىرىمىزنىڭ بىرقاتار ئەمەلىيەتلىرىگە بىرنەچچە نۇقتىدىن يۈزە بولسىمۇ نەزەر سىلىپ ئۆتىمىز.



    نەزىرىمىزدىكى بۈگۈنكى دەۋر روھى



    بۈگۈنكى دەۋرنى سىياسىئونلار، ئىقتىسادشۇناسلار، ئەدەبىياتچىلار، دىندارلار… ھەممىسى ئۆز تەپەكۇر يولى بويىچە خۇلاسىلەپ كەلدى. ھەرقايسى تىرىتورىيە ئىگىلىرىمۇ ئۆز مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ پىلان ۋە ئىجرا يولىدا بولۇشتى. ئەمما بۈگۈنكى دەۋرنىڭ بىز ئۈچۈن چىن مەنىسى نېمە؟ گەرچە ئۇچۇر دەۋرى دېيىلىۋاتقان بۈگۈن بىزدە تولاراق «گەپ دەۋرى» شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقسىمۇ ئەمما رېئاللىق ئۆز خىرىس ۋە كىرزىسلىرىنى بىزدىن ئاياپ ئولتۇرمىدى. بۈگۈنكى دەۋر روھى پەقەت ئىنسانىڭ ئەڭ مۇھىم ماددىي ئېھتىياجى بولغان يىمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، تۇرالغۇ شارائىتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتتىلا ئەمەس، بەلكى يەنە نۇرغۇنماددىي ئىنشائاتلارنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە مۇھىمى مەنىۋىيەتتىكى تەشنالىقلارنى قاندۇرۇش ئىستىىدە بولغان ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى دەۋر روھىنىڭ بىزدىكى رىقابەت ئىنكاسى ئىنساننىڭ ئەڭ ئەقەللى ئېھتىياجى بولغان قورساق تويغۇزۇش مەسىلىسىدە تولىمۇ يالىڭاچ ئەكس ئەتتى. باشقىلار بۈگۈنكى دەۋرنى نېمە دېسە دېسۇن، ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن چىن مەنىسى يەنىلا كۈچلىنىشكە تەخىرسىز يول ئېلىشتىن ئىبارەت. بۈگۈن ئەڭ زۆرۈر بولغان ھاياتلىق مەنبەلىرى ۋە مەۋجۇتلۇق ئاساسى بولغان ئىقتىسادى مەنپەئەتلىرىنى كەسكىن تالىشىدىغان بىر دەۋر. كىشىلەر ھېچكىمگە ئادىمگەرچىلىك قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. ھەممە نەرسە مەنپەئەت بىلەن ئۆلچىنىدۇ.


    بۈگۈن بىز مەيلى كىم بولايلى، ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن نەرسە ئۈچۈن ئۆزىمىز ئاخىرغىچە تىرىشىدىغان، ئىلىشىدىغان روھنى تەلەپ قىلىدىغان بىر دەۋر. بىزدە ماھارەت، رىقابەت، ئەمەلىي كۈچ بولۇشى كېرەك. بۈگۈنكى دەۋردە بارلىق ياخشى ئامال – چارىلەر بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ زۆرۈر ئېھتىياجى بولغان ياشاش شارائىتىمىز، مۇھىتىمىزنى ياخشىلاشقا ئاتلىنىدىغان بىر دەۋر. قاخشاشقا، چۈشكۈنلىشىشكە، يامانلاشقا، تىركىشىشكە قەتئىي پۇرسەت ياكى ھوقۇقىمىزمۇ يوق. پەقەت تولىمۇ ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن ئەمگەك قىلىش، ئىقتىدار ھازىرلاش، ئىتتىپاقلىشىشلا بىزنى دەۋر روھىغا باشلاپ ماڭىدۇ.


    ئەڭ يېڭى شەكىل بىلەن ئىلغارلاشتۇرۇلغان بوشلۇق پىلانىتالىرى، يېڭى – يېڭىدىن سىلىنىۋاتقان مىليون – مىليارد يۈەنلىك قۇرۇلۇشلار، ياسىلىۋاتقان، ئىشقا كىرىشتۈرىلىۋاتقانماشىنا، كومپيۇتېرلار… كۈنلەپ كۆپەيتىلىپ ئىمزالىنىۋاتقان زور مەغلۇبىلىك سودا توختاملىرى؛ تۈركۈملەپ ئوقۇش پۈتتۈرىۋاتقان ئالىي مەلۇماتلىق دوكتۇر، ئاسپىرانتلار؛ مىنۇتىغا بىسىلىۋاتقان ھەر ساھە قورال ۋە تەتقىقات ماتېرىياللىرى؛ كۈنساناپ كۆپىيىۋاتقان كەشپىيات تۈرلىرى؛ توختىماي ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرى، دائىم ئىلىنىپ تۇرىۋاتقان كەسپىي مۇلازىمەت سەۋىيە ئىمتىھانلىرى… ھەممىسى بىزنى ئويغا سالىدۇ. بۈگۈنكى دەۋردە ياشاش شارائىتى ئېلىپ كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان تۈرلۈك بىسىملارنى رىقابەت كۈچىمىز ئارقىلىقلا يېنىكلىتىش ۋە يېڭىشقا مەجبۇر بولماقتىمىز. مانا بۇ بىزدىكى بۈگۈنكى دەۋر روھىدۇر.



    رېئاللىقنىڭ ئېھتىياجى ۋە زۆرۈرىيەت



    ھەممە توغرا بولغان دۇنيا قاراشتىن باشلىنىدۇ. ياشاشتا، مەڭگۈلۈك ھەرىكەت تۈرتكىمىز بولغان روھنىڭ ۋە تەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىمىز. ئىنساننىڭ ياخشى ياشاش ھوقۇقى بار. ئىنسان ئۆزى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرسە، پەقەت ئۆزىنىلا ئەمەس، ئەتراپىدىكى بارلىق كىشىلەرنى رازى قىلىپ ماڭىدۇ. بىزگە نىسبەتەن مەزكۇر رېئاللىقتىن سىزىلغان چەمبىرەكلەر دائىرىسىدە پايدىلىنىش قايسى نۇقتىدىن بولمىسۇن ئۇنىڭدىن قاخشاپ يۈرگەندىن مىڭ ئەۋزەل. مۇشۇنداق شارائىت، مۇشۇنداق چاغ، مۇشۇنداق ئورۇندا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش، ئۆزگىچە شارائىت، مۇھىتقا بارغاندىمۇ ئۇتۇق قازىنالايدىغانلىقىمىزنىڭ دەلىلى. مەزكۇر رېئاللىقتا ئىش ئاققۇزالماي، ئۆز رېئاللىقىنىڭ ناخۇش تەرىپىنى تارىخقا دۆڭگەش، جەمئىيەتنىڭ ئۆزى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولمىغان تارماقلىرىدىن قاخشاش، ئۆزىنى چەتتىكى ئادەمدەك كۆرسىتىش مەغلۇبىيەتچى، غايىپەرەسلەرنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى يوشۇرۇشتا قوللانغان پەردازدۇر. ئاۋال مۇشۇ رېئاللىق تەلەپ قىلغان بەدەلنى تۆلەپ، ئۇ بىزگە تەڭلىگەن خىرىسلارنى بىر – بىرلەپ يىڭىپ ئاندىن ئۇنىڭ ئىنكار قىلىدىغان جايلىرى بولۇپ قالسا، بىزگە ئاتا قىلغان بەخشەندىلىرىنى لازىم قىلمايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرسەك بەكلا چوڭ ئىش قىلغان بولىمىز. نۇرغۇن ياشلار رېئال مەۋجۇتلۇقنى بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى تۈزۈلمىلىرى بىلەن قوشۇپ ئۆزگەرتىشنى مەقسەت ۋە غايە قىلىۋالغان. بۇنداق ئويلىۋېلىشنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى قويۇپ تۇرۇپ، ئۆزىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە كېلەيلى، پەقەت ئۆزىنىلا (ئۆزىنىڭ روھى قىياپىتى، بىنورمال پسىخىكىسى) ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كېتىدىغان بەدەل ھەرقانداق تاشقى كۈچنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كېتىدىغان بەدەلدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ. بۇنداق تۇرۇقلۇق ئاۋال كۆپ جەۋر تارتىپ روھىيىتىنى، ئاندىن ئازراق بولسىمۇ كۈچ چىقىرىپ تۇرمۇش شارائىتىنى ئۆزگەرتمىگەنلەر ھەم ئۆزگەرتىشكە قۇربى يوقلار ئەلۋەتتە رېئاللىقنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆزى رازى بولىدىغان يۆنىلىشكە تارتىپ بولالمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ئىقتىدار ھازىرلاش كېرەك.


    جەمئىيەتتە ئۆز شارائىتلىرىدىن رازى بولمايۋاتقانلار خىلىلا مەۋجۇت. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل نارازىلىقنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل. لېكىن ھەممىسى مەيلى قانداقلا سەۋەن بولمىسۇن مەسىلەئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە، ئىقتىدارىمىزغا بېرىپ تاقىلىدۇ.



    قىيداش ئاقمايدۇ



    ياشلىرىمىزدا ھادىسە سەم سەۋەب شەكلىدە كۆپ ئۇچرايدىغان پاكىت ئۆزىنىڭ ئەڭ زور تىرىشچانلىقى ۋە يۇقىرى ئىقتىدارىنى ئاخىرغا چىقارماي تۇرۇپلا ۋاز كېچىشتۇر. نۇغۇنلار ھازىر ئۆزىدىكى ئىقتىدارلارنى كۆرسىتىدىغان چاغنىڭ تېخى يېتىپ كەلمىگەنلىكىنى، لېكىن ھامان بىر كۈنى ئۆزىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئەڭ زور تېخنىكىلىق ۋە زور كۈچ سەرپ قىلىدىغان، رىقابەت خاراكتېرلىك ئىشلارغا يۈرۈش قىلىشقا كۆنمىگەن. ئەمەلىيەتتە ھەر بىر مىنۇت، ھەربىر جاي بىز ئۈچۈن رىقابەت، ئۆزىنى ئىپادىلەش سورۇنى. كەسكىن رىقابەت ئادەمنى ھەر چاغ سەگەكلەشتۈرىدۇ. ئۇتۇق دەل بىز سەل قارىغان، كۆزگە ئىلمىغان ئاشۇ دەقىقىلەردە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. باشقىلار بىز دىققەت قىلمىغان ياكى ئىزچىل ئەستايىدىل بولالمىغان نۇقتىلاردىن كېلىپ بىزنى مەغلۇپ قىلىدۇ. بىز شەخس سۈپىتىدە خۇسۇسى شارائىتىمىز تۈپەيلى ئاغرىنىشقا ھاقلىق بولساقمۇ، كوللېكتىپ روھىي ھالىتى ۋە كەلگۈسى مەۋجۇتلۇق نۇقتىسىدىن ھەرگىزمۇ چۈشكۈنلىشىش ھوقۇقىمىز يوق: خۇددى نىتزى ئېيتقاندەك: «ئازاب چەككەنلەرنىڭ ئۈمىدسىزلىنىش، قايغۇرۇش ھوقۇقى يوق».
    ئورۇنلۇق قاخشاش پەقەت شەخسنىڭ ئۆز ئۆزىدىن قاخشىشى، ئۆز نۇقسانلىرىنى ۋە ئەيىبىنى بىلىپ تۇرۇپ قاخشىشىدۇر.


    خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ئىشلار پروففىسسورى لاۋرىنس ھارسون بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئارقىدا قالغان ۋە ئاجىز ھالەتتە ياشاۋاتقان بىرقىسىم مىللەتلەر سەۋەبىنىڭ بېقىندىچىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باشقىلارغا يۆلىنىۋېلىشنىڭ مىللەت توپىنىڭ ئومۇمى ھەرىكىتىگە ئايلانغاندىكى پاجىئەسىنى تەھلىل قىلغان.



    تۆۋەندىكىلەر ياشلىرىمىز تولاراق تىلغا ئالىدىغان مەسئۇلىيەتتىن قىچىش ئىبارىلىرىنىڭ تۈرىدۇر:

    1. تارىخقا ئارتىپ قويۇش .
    2. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە ئارتىپ قويۇش.
    3. ئۆزىنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشىغا ئارتىپ قويۇش.
    4. ئۆزىنىڭ يارىلىش شەكلىگە، ئۆسۈش مۇھىتىغا ئارتىپ قويۇش.
    قاخشىغان چاغدا بىزنىڭ زادى نېمىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمىز بىزنىڭ قانداق ئارقا كۆرۈنۈشتە يەنى، مۇشۇ رېئاللىقنى قانچىلىك چۈشەنگەن، قانداق ئىدىيەدىكى ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بېىدۇ. ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۆزىنىڭلا ئەھۋالىنى تۇنجى قەدەمدە ئىسلاھ قىلىش مۇشۇ غەۋغالارنىڭ ئەڭ ياخشى جاۋابى.



    كۆزقاراش ھەممىنى بەلگىلەپ قويىدۇ



    ئارىمزىدا خاس ياشاش ئۇسۇلى، ئېتىقاد،قىممەت قاراشتىن خالىي ياشاۋاتقانلار كۆپ ساندا مەۋجۇت. گەرچە رايونىمىزدا «قىممەت قاراش تەكشۈرۈپ باھالاش» خىزمىتى رەسمى ئېلىپ بېرىلمىغان بولسىمۇ بۇ ھەقتە ئىزلەنگۈچىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك، دەل بۈگۈنكى دەۋر ياشلىرىمىزلا ئەمەس، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ئىچىدىمۇ ئىدىيە قالايمىقانچىلىقى مەۋجۇت. بۇ خىل قالايمىقانچىلىق قانداقتۇر ئۆز ئەھۋالىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئەمەس، خىلى ئۇزۇن بىر مەزگىل تولغاق دەۋرىدە تۇرۇشى مۇمكىن. گەپنى مىغىزلىق ئېيتساق ئىدىيە جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكنىڭ بىزدىكى ئىپادىسى قايمۇقۇش ۋە چۈشكۈنلىشىش شەكلىدە ئىپادىلەندى. بىز بۇ يەردە قىممەت قاراشقا سەۋەب بولغان ئېتىقاد ياكى ئىدىئولوگىيە ئەھلىنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكى ئۈستىدە ئەمەس، بەلكىك ئۆز روھىيىتى ۋە رېئاللىقى ئۈچۈن ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدىغان مەۋقەدىكى ياشلار ھەققىدە ئازراق توختىلىمىز.
    بىز تەشەببۇس قىلىدىغان ئىدىيە تولىمۇ ئاددىي يەنى سىزگە ئەمگەك قىلىشقا ئىنتىلىدىغان ۋە مېھرى – مۇھەببەت بېرەلەيدىغان روھ بەرسۇن.



    ياشلىرىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى



    ئۆز خۇشاللىقى، ئارزۇسى ئۈچۈن تىنىم تاپماي ئىزدىنىۋاتقان ياشلار ئۆزى ئۈچۈنچەكسىز ئەركىنلىك، چەكسىز بوشلۇق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇلار چۈشىنىشكە، قوللاشقا مۇھتاج. نۇرغۇنلارنىڭ ئارزۇسىنى مۇشۇلار ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. ئۇلار ئۈمىدۋار، ئۆزىگە ئىشىنىدۇ. پىلان ۋە تەسەۋۋۇرغا باي بولۇپ، يېڭى – يېڭى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. ئەمەلىي ئىشلەش روھىغا ئىگە، جاپادىن قورقمايدۇ. ئەگەر مەغلۇپ بولسا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش پۇرسىتىنىمۇ يارىتالايدۇ. ياشلىق بىر خاس ئايرىم دەۋر مەزگىل بولۇپ، بۇ دەۋردىكى خاراكتېرنىڭ فورمىلىسى بولمايدۇ. ئۇنى يەنە تىزگىنلەش، يول كۆرسىتىپ تۇرۇشتىن ئايرىۋېتىشكىمۇ بولمايدۇ.



    ياشلىرىمىزنىڭ ھەۋەس ۋە قىزىقىشلىرى



    بۈگۈنكى دەۋر ياشلىرىمىزنىڭ تۈرلۈك ھەۋەس، قىزىقىشلىرى بولۇشى تەبىئىي. نۆۋەتتە تىپىك بولغان ۋە كۆپرەك تىلغا ئېلىنىدىغان ھەۋەسلەردىن: كىتاب يېزىش، ناخشا پىلاستىنكىسى چىقىرىش، كىنودا رول ئېلىش، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش، ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىش، (ياخشى خىزمەت، ياخشى ئائىلە)، كاتتا ئەربابلار بىلەن تونۇشۇش، چەت ئەلگە چىقىشقا ھەۋەس قىلىش، چوڭراق بىرەر ئىش قىلىپ تونۇلۇش، ھەممە ئادەم ۋاي دېگۈدەك كاتتا ئىش تەۋرتىش، گۈزەل نازىنىن ياكى كېلىشكەن يىگىتكە ئېرىشىش… دېگەندەكلەرنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. ياشلىرىمىز زادى نېمىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ؟ نېمىگە قىزىقىدۇ؟ بۇ ئۆز تەقدىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر ئويلىنىشقا تېگىشلىك تېما بولۇپ قالدى. گەرچە نۆۋەتتىكى ئەھۋالىمىز بىزنى ئۆز ئارزۇ ۋە قىزىقىشىمىزنىڭ يېتەكلىشى بويىچە ئەمەس ئەڭ جىددىي ئېھتىياج ۋە زۆرۈرىيەت بويىچە ئىشلەشكىلا مەجبۇرلاۋاتقان بولسىمۇ نوپوسىمىزنىڭ جىنى بولغان ياشلىرىمىز يەنىلا قىزىقىشنى مەركەز قىلغان ھالەتتە ئىلگخرلىمەكتە. لېكىن قىزىقىش ئەقلى تەلەپكە ۋە رېئال ئېھتىايجغا ئۇيغۇن بولغاندا نەتىجە بېرەلەيدۇكى ئەكسىچە بولغاندا ۋاقتىلىق كۆڭۈل ئېچىشتىن باشقا نەرسە بېغىشلىيالمايدۇ. لېكىن يۈز بېرىۋاتقان ئىجتىمائىي ھادىسە سۈپىتىدە بىز قىزىقىش ۋە قىزىقىشتىن ھالقىپ ئېھتىياجغا ئاساسەن تۇرمۇشقا يۈزلىنىۋاتقان ياشلىرىمىز ئۈستىدە بايان ۋە تەھلىل ئېلىپ بارىمىز. بىزدە چەت ئەللەردىكىگە ئوخشاش مەخسۇس جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمى جەمئىيەتلىرى قۇرۇلمىغان ۋە مەلۇم كاتىگورىيىگە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ «قىممەت قاراش»نى باھالاپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلمىغاچقا بۇلار دەسلەپكى قەدەمدە مۇشۇ يوسۇندا ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرمىز.



    ياشلىرىمىزغا ئورتاق مەسىلىلەر



    ياشلار دېگەندە ئورتاق ئىتىراپ قىلىنغان قاراش بويىچە 18 ياشتىن 35 ياش ئارىلىقىدىكى كىشىلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مەلۇم بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نوپۇسى 2 يىرىم مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە بولۇپ، نوپۇسىمىزنىڭ %40 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلار مۇشۇ ئەسىرلىك مەۋجۇدلىقىمىزنىڭ غوللۇق ئاساسى، تۈرلۈك ساھەدە بىزنى كۆتۈرىدىغان ۋە چۈشۈرىدىغانلارمۇ، ياشانغان، تالاي رىيازەت ۋە ئارزۇلار ئىچىدە قىرانلىق دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇرغان بىر ئەۋلادنىڭ ئىزىنى كېيىنكى بىر ئەۋلادقا ئۇلايدىغانلارمۇ يەنە شۇلار.
    ياشلىرىمىزغا ئورتاق مەسىلىلەر ئىككى خىل ھالەتتە مەۋجۇد. بىرى ئېرىشمىگەنلەرنىڭ تەشنالىق ۋە زارلىق ھالىتى. يەنە بىرى ئېرىشىپ بولغانلارنىڭ ئورۇنسىز ۋە قالايمىقان ئىشلىتىش ھالىتى. بۇلار تۆۋەندىكىچە:


    1. ئىدىيە ۋە كۆز قاراش مەسىلىسى (قالايمىقانچىلىق ۋە قايمۇقۇش)
    2. جان بېقىش ئىقتىساد مەسىلىسى (نامراتلىق ۋە ئىشسىزلىق)
    3. ئىقتىدار ۋە بىلىم مەسىلىسى (بىلىمسىزلىك ۋە ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنالماسلىق)
    4. ھېسسىيات مۇھەببەت، نىكاھ، كۆڭۈل ئېچىش (ئەخلاقچىلار نەزىرىدە تەشنالىق ۋە باشقىلار ئۈچۈن رەسۋالىق)
    5. مۇناسىۋەت ئەل – ئاغىنە، قۇرداشلار ئارا ئىناۋەت مەسىلىسى (توغرا مۇئەمىلە قىلالماسلىق)
    بۇلار مۇنداق شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ:
    1)ئىدىيە ۋە پىسىخىكا مەسىلىسى ئۆزىگە خاس دۇنيا قاراش يىتىلدۈرمەسلىك. كەلگۈسىگە ئۈمىدسىزلىك بىلەن قاراش، ئەھۋالى ياخشىلارغا ئەجەبسىنىش، چۈشكۈنلىشىش، يىرىم يولدا توختاپ قالىدىغان ياشلارنىڭ كۆپ بولۇشى.
    2) نامراتلىق ۋەجىدىن ئوقۇيالماسلىق، توي قىلالماسلىق، ئۆيسىز قىلىش يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك مەسىلىسى ھەل بولماسلىق.
    3) ياش بولغانلىقى تۈپەيلى تەڭقۇر ياشلارغا ھەۋەس قىلىش، ئەمما ئىرىشەلمەسلىك ۋە ھەددىدىن ئارتۇق ئويۇن – تاماشىغا بېرىلىپ يامان كۈنگە قىلىش، يۈز – ئابروي ۋە نوپۇزىدىن مەھرۇم قىلىش.
    4) كىشىلەر توپىدىن ئايرىلىش، يالغۇز قىلىش، مۇئامىلە سەنئىتىنى بىلمەسلىك ۋە ئۇچرىغانلىكى ئادەم بىلەن جۈملىدىن مۇھىم بولمىغان ۋە دۇرۇس بولمىغان ئادەملەر بىلەنمۇ قويۇق باردى – كەلدى قىلىش.



    ئۈمىدسىزلىك، ئۆزىنى چۈشەنمەسلىك ياشلىرىمىزدىكى يەنە بىر پاجىئە



    بىر ئىشقا تۇتۇش قىلماي تۇرۇپ ئۈمىت ئۈزۈش؛ بىر ئىشنى باشلاپ ئاياغقا چىقارماي تۇرۇپ ئۈمىد ئۈزۈش؛ بىر ئىشقا پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئاتىماي، ئەڭ زور ئىقتىدرىنى چىقارماي تۇرۇپ ۋاز كېچىش؛ باشقىلارنىڭ ئەمەلىي شارائىتى بىلەن ئكزىنىڭ شارائىتىنى تەپسىلىي كۈزەتمەي تۇرۇپ ئەگىشىش ياكى قارىغۇلارچە يول تۇتۇش.
    مۇۋەپپەقىيەت كۆزقارىشى ھەققىدە تۆۋەندىكى سۆھبەتلەرگە نەزەر ئاغدۇرايلى:
    مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مەلۇم شەخس بىلەن سۆھبەت:
    سىزنىڭ ئۈمىدسىزلەنگەن، چۈشكۈنلەشكەن چاغلىرىڭىز بولغانمۇ؟
    شۇنداق، چۈشكۈنلەشكەن، ئۈمىدسىزلەنگەن، جاھاندىن، ھەممىدىن بىزار بولغان چاغلىرىم بولغان. يەنە ياشاشقا مەجبۇر ئىكەنمەن، ئىزچىل چۈشكۈنلىشىپ، لايغەزەللىك بىلەن ياشىغاندىن ئۆلسەم بولىدىكەن. شۇڭا تايىنلىق ئازراق بولسىمۇ ياخشىراق ياشاش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلدىم.
    بەزىلەر جان بىقىش بەك تەسلىشىپ كەتتى، چوڭ ئىش قىلىش مۈشكۈل، كىچىك ئىش قىلىش ئادەمنىڭ غۇرۇرىغا تىگىدۇ دېيىشىدۇ. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
    مېنىڭچە ئۇنداقلار ئۆزىنى يوقىتىپ قويغانلار بولۇپ، ئۆز ۋۇجۇدىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى جارى قىلىشنى بىلمىگەنلەردۇر. ئۇلار دائىم بەك كاتتا، يوغان ئىشلارغا چىپىلىۋالىدۇ. ئۆزى ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئەقەللى نەرسىلەرگە سەل قارايدۇ، ياراتمايدۇ.ھەممىدىن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش قارىشى توغرا بولمىغان كىشىلەردۇر. ئادەم ھاياتتىن ھۇزۇرلىنىشنىمۇ بىلىشى كېرەكتە. لېكىن قۇرۇق گەپ بىلەن ھېچ ئىش قىلغىلى بولمايدۇ.
    مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ سۆزلىرىدىن:
    مەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئۆزى مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش يولى بولۇش كېرەك دەپ قارايمەن. ئەمەلىيەتتە ھەممە ئادەم ئۇتۇق قازىنالايدۇ. ئۇتۇق كىتاب ئوقۇش بىلەنلا ئەمەس، ئادەمنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىشى، ئۆزىنىڭ نېمىگە ماس كېلىدىغانلىقى، نېمىلەرنى قىلالايدىغان ۋە قىلالمايدىغانلىقى ھەققىدە بىرنەرسىلەرنى بىلىشكە باغلىق بولىدۇ.
    ھەممە كىشى ئۇتۇق ھەققىدە سۆز ئېچىشتىن ئاۋۋال ئۆز رېئاللىقى ۋە سالاھىيىتىنى، ئۆزىئۇچراۋاتقان مۇئامىلە، شۇنداقلا ئۆز ئورنىنى ئالدى بىلەن بىلىش كېرەك. ئادەم غەلىبە قىلسا ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن غەلىبە قىلغانلىقىنى، مەغلۇپ بولسا نېمە ئۈچۈن مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلگەندىلا، ئۆزىنىڭ ھالى ياخشى بولسا خۇدىنى قوقىتىپ، مەستخۇش بولۇشتىن، يامان بولسا چۈشكۈنلىشىپ، تۈگىشىپ كېتىشكە يۈزلىنىشتىن ساقلىنالايدۇ. ئۆزىنى تونۇش تېخىمۇ ئىلگىرىلەشكە، ئىسلاھاتقان ئېلىپ بېرىشى كېرەككى، چىكىنىشكە ئىمكان قويماسلىقى كېرەك.
    ئۆزىنىڭ ھاياتتىن بەھر ئېلىش ھوقۇقىنى ھېس قىلالىغان ئادەم چۈشكۈنلەشمەيدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.