مەن تونۇيدىغان ئىككى دوكتۇر ئانا

يوللىغۇچى : ghunche يوللىغان ۋاقىت : 2012-03-20 21:44:29

مەن ئىلگىرى ئۇ ئانىمىزنى كۆرگەن بولساممۇ ئەمما پاراڭلاشقۇدەك پۇرسەت بولمىغانىدى، بۇ قېتىم ئانىمىزنى يۇرتلۇقۇم ھەم دوكتۇر ئائىلىسىدىكىلەر...

      

     

    مەن تونۇيدىغان ئىككى «دوكتۇر ئانا»

    غۇنچەم سەمەت

     

       مەن ئىلگىرى ئۇ ئانىمىزنى كۆرگەن بولساممۇ ئەمما  پاراڭلاشقۇدەك پۇرسەت بولمىغانىدى،   بۇ قېتىم ئانىمىزنى يۇرتلۇقۇم ھەم دوكتۇر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم يۈزىسىدىن ئۆيۈمگە  مېھماندارچىلىققا چاقىرىۋالماقچى  بولدۇم،  ئوچۇق قىلىپ   ئېيتسام ئۇزۇندىن بۇيان ئۇنىڭ بىلەن ئوبدان بىر مۇڭدىشىش، سىردىشىش ئويۇممۇ بارتتى،شۇنىڭ بىلەن مەن پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئۇ ئانىمىزنى ئۆيۈمگە چاقىرىپ كىردىم، ئاش تاماقلار يىيىلىپ بولۇپ ئۆيدە ئىككىمىز يالغۇز قالدۇق، مەن بىر چەينەك قىززىق چاي دەملەپ كىرىپ ئۇنىڭغا قۇيدۇم ۋە كۆڭلىمدە ئۇزۇندىن بۇيان يىغىلىپ تۇرىۋاتقان بىر تالاي سوئاللىرىمنى سوراشقا تەقەززا بولۇپ ؛

    -ئوغۇللىرى دوكتۇر بولۇپ، پۈتۈن يۇرتقا تونۇلۇپ كەتكەننىكى ئۆزلەنىڭمۇ  كۆڭۈللىرى خوش، ئەل مەھەلىلىكلەر ئىچىدىمۇ بېشىلىرى يۇقۇرى ، يۈزلىرى يورۇقتۇ ھەقاچان!؟-دىدىم ئانىمىزغا قاراپ.

    - ئۇنى بىر دىيلا بالام! -دىدى ئانا پەخىرلىك بىر خىل سىياقتا،-بالام تىلۋىزورلاردا چىقىپ قالسىمۇ مەن ئەمەس پۈتۈن مەلىمىزدىكى خولۇم- خوشنىلار  ھەممىسى خوش بوپ «ۋاي ئاخشام  بىزنىڭ بالىمىز تىلۋىزوردا چىقتى سۆزلىدى، ۋاي ئۇ دىدى، ۋاي بۇ دىدى! دەپ كېتىدۇ، ھازىر بۇ بالا مېنىڭلا بالام ئەمەس مەلىمىزدىكى خولۇم، خوشنا ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بالىسى بوپ كەتتى!

    -ئەلۋەتتە! – دىدىم مەنمۇ قايىللىقىمنى ئېنىق ئىپادىلەپ، -بىزمۇ يۇرتىمىزدىن مۇشۇنداق بىر ئادەمنىڭ چىققانلىقىدىن پەخىرلىنىمىز!

    -خەقلەر سوراپ كېتىدۇ،-دىدى ئۇ گەپ باشلاپ-«بالاڭنى قانداق قىلىپ ئەشۇنداق ئەقىللىق تۇققانسەن؟»،«نىمە بېرىپ باققان بولغىيدىڭ؟» ، «قانداق تەربىيلىگەنىدىڭ؟» دەپ، ئۆتكەندە مۇخپىرلار كەپتۇ زىيارەت قىلىمىز،  ئوغۇللىرى توغۇرلۇق مەخسۇس بىر  پىرگرامما ئىشلەيمىز دەپ.

    -ھەئە –دىدىم مەنمۇ ئىشنىڭ تەرەققىياتىغا قىزىقىپ.

    -ھەممىسىگە ؛ مەن بالامنى ھالال تېپىپ ھالال يىگۈزۈپ چوڭ قىلدىم ،دەيمەن! -دىدى ئۇ ماڭا لەپپىدە بىر قاراپ قويۇپ، ئۆزىگە ئىشەنگەن بىر خىل ھالەتتە-دىمىسىمۇ مەن بالىلىرىمنى  قۇرساق كۆتەرگەندىن باشلاپ يىيدىغان ئىچىدىغانغا شۇنداق دىققەت قىلىمەن! خەقنىڭ بىر تال گازىرچىلىك نىمىسىنى كۆرسۈتۈپ كۆرسەتمەي ئوغۇرلۇقچە ئاغزىمغا ساۋىلىدىغان،كەلسە كەمەس نىمىلەرنى ئارىماي ئۇدۇل كەلگەننى سوقۇدىغان،قالايماقان  خەقنىڭ ھەققىنى   ياۋىلىدىغان ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايمەن بالام، بالا دىگەننىڭ خېمىرى بىزدىن پۈتۈدۇ،بىز شۇ خېمىرنى  ئامدان، پاك ، ساپساق ياسىساق ئاندىن ئۇنىڭدىن ئامدان تاماق چىقىدۇ، ئۇنىڭغا باشقا نىمىلەر ئارلاشقاننىكىلا بىر يېرى بولمىسا بىر يېرىدە ھامىنى چېنىپ قالىدۇ، بەزى ئادەملەر شۇنداق ئىشلارغا دىققەت  قىلمايدىكەن، ئاندىن بالىسى چوڭ بولۇپ بىرە يېرىم يۈزىنى تۆكىدىغان ئىشلارنى قىلىپ سالسا بالىسىنى تىللاپ قاغاپ يۈرىدىكەن، ئۆزىدىن بىزەمۇ كۆرمەيدىكەن، ئاۋال ئۆزىنى پاكىزلەپ ئاندىن بالىسىغا قارىسا بولىدۇ! ئۆزى خېمىرىنى بۇزۇپ قويۇپ، ئاندىن باردى يوق گۇناھنى غىزادىن كۆرسە قانداق بولىدۇ؟!

    ئۇ خۇددى ئۆز پىكرىنىڭ توغۇرلىقىنى  تەستىقلاتماقچى بولغاندەك ماڭا  بىر سەپسېلىپ قاراپ قويۇپ، يەنە؛

       -بەزىلەر مېنىڭدىن «بالاڭنى قايناق تەربىيلىدىڭ؟ كىم ئوقۇتتى؟ ...؟» دەپ سوراپ  كېتىدۇ-دىدى ئۇ يەنە  كۆڭلىدىكىنى يوشۇرماي ئۇدۇللا قىلىپ، -مەن بالىلىرىمغا كىچىگىدىنلا ھەپتىيەكنى ئۆگۈتىمەن قارسلا بالام!، - ئۇ يەنە ماڭا  قاراپ قويدى،-مۇناخ دىسەم تازىمۇ بىر خۇراپى خوتۇنكەن دەپ قامىسلا بالام، ئۇ بىزنىڭ تىلىمىز ئەمەس ئەرەپچە  بولغاننىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسىنى ياتلىغاننىكى تىلىمۇ يۇمشاپ، تىلى  ئۆزىمىزنىڭ تىلىدىن بۆلەك تىللارغىمۇ شۇنداق ئاسان كېلىدىغان بولىدىكەن، يادلاشقىمۇ ئۇستا بوپ كېتىدىكەن، ئۈگەنگىنى تاشقا مۆھۈر باسقاندەك ئېسىدە چىڭ تۇرىدىكەن، ئېكى چوڭ بولغاندا باشقا تىللارنى ئۈگەنسىمۇ شۇنداق چاققا ئوڭاي ئۈگۈنىۋالىدىغان بوپ قالىدىكەن قارسلا بالام!-دىدى ئۇ ئۆز تەجرىبىسىنىڭ توغۇرلىقىغا ئىشەنگەن ھالدا ،-مۇشۇ بالاممۇ ئۈش ياش ۋاختىدا جىق نىمىلەرنى يادقا بىلىدىغان قارسلا بالام!  مەكتەپكە كىرىپ ئۇزاق بولمايلا ئېلىپبەدىن ساۋادىنى ئاسانلا چىقىرۋالغان،خەنسۇچىنىمۇ يامان ئامدان يادلىۋالىدۇ، كېيىن ئالى مەكتەپكە بىرىنچى بوپ ئۆتتى ،ئالى مەكتەپكە چىقىپ   ئۇزاققا قالمايلا ئېنگىلىسچىنى بىزەزىر كۇرۇسلارغا كىرىپ يۈرۈپ شەت ساۋادىنى چىقىرىۋاپ، قالغىنىنى  ئۆزلىگىدىن ئۈگۈنۇپ يۈرۈپ ئۇنىڭغىمۇ ئۇستا بوپ كېتىپتۇ!

    ئانىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ ،ئۇنىڭ ھەر بىر  سۆزىگە قايىل بولغان ئىچ ئىچىمدىن قايىل بولغان ھالدا،  ئۇزۇندىن ئۇزۇن قاراپ ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن! مېنىڭ سورىماقچى بىلىۋالماقچى بولغانلىرىممۇ دەل مۇشۇ ئىشلار ئىدى،  ئۇنىڭغا ھەقىيقەتەن قايىل بولۇپ قالدىم! كۆز ئالدىمدىكى بۇ سەھرادىن چىققان ئانا ئادەتتىكى ئايال بولماستىن بەلكى ئۇلۇغ بىر ئەۋلىيادەك،مول بىلىملىك ھەقىيقى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇلۇغ ئۇستازدەك تۇيۇلدى، مەن ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلەن بىر قۇر سەپسېلىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن؛

    -راست دەيلا ئاپا! نۇرغۇن ئالىم مۇتەخەسىسلەر بالىنىڭ ئۈچ ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان ۋاختىنى تىل ئۈگۈنىشنىڭ ئالتۇن دەۋرى دەپ قارايدىكەن،-دەپ ئۇنىڭ كۆزقارىشىغا بولغان مايىللىقىمنى ئېنىق ئىپادىلەپ ، پىكرىنىڭ توغۇرلىقىنى دەلىللىدىم، شۇ تاپتا كۆڭلىمدە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ئېشىپ، جىسمىمنى قانداقتۇر بىر خىل سۆيۈنىش تۇيغۇسى چىرماپئالدى،ئۆز –ئۆزەمگە؛ "ھەقىيقەتەن دوكتۇرنىڭ ئانىسى بولۇشقا لايىقكەن !  بەلكى ھەقىيقى دوكتۇرنىڭ ئۆزى  شۇكەن!"   دەپ پىچىرلىدىم.

    مەن كۆرگەن يەنە بىر  ئانا مېنى ئۆز ئوغلىنىڭ ئۆيىدە كۈتىۋالدى.مەن ئىشىكتىن كىرىپلا ئۆي ئىگىسى بىلەن قىزغىن كۆرۈشىۋاتاتتىم.ئىچكىركى ئۆيدىن قولىدا ژورنال كۆتۈرىۋالغان ئوتتۇرا ياشتىن ھالقىغان بىر ئايال چىقتى ۋە مەن بىلەن تولىمۇ مۇلايىم سالاملاشقاندىن كېيىن يەنە ئىچكەركى ئۆيگە كىرىپ كەتتى.چىراي شەكلىدىن قارىغاندا ئۆي ئىگىسى ئەرگە تولىمۇ ئوخشاپ كېتەتتى،كىيىنىشى ۋە تەلەپپۇزىدىنمۇ يۇرتتىن چىققانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.مەن كۆڭلۈمدە ئۆي ئىگىسى ئەرنىڭ ئانىسى بولسا كېرەك ياكى يېققىن بىر تۇققىنى بولسا كېرەك دەپ پەرەز قىلدىم.دەرۋەقە ئۆي ئىگىسى كۆڭلۈمدىكىنى بىلگەندەك:«ئاپام چىققانتى!»دەپ قوشۇپ قويدى سالام سائەتنىڭ ئاخىرىدا.ئۇ ئايالنىڭ ژورنال كۆتۈرۋالغانلىقى نىمىشقىدۇر ئۇنىڭغا پەقەت ماس كەلمىگەندەك تۇيۇلدى.

    ئۆي ئىگىسى چاي دەملەپ،داستىخان رۇسلىدى ۋە ئانىسىنى چىقىپ بىز بىلەن بىللە چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى.

    -نىمىشقا مۇشۇ گېزىت-ژورنالدىكىلەر نام ئاتالغۇ دىگەننى ئوخشاش قىلمايدىغاندۇ؟!-،دىگەنچە ئالدىمىزغا كېلىپ ئولتاردى ئانا ۋە،-ھېلى يېشىل يىمەكلىك،ھېلى تەبئىي يىمەكلىك،ھېلى ساپ يىمەكلىك ،ھېلى ئورگانىك يىمەكلىك دەپ ئاتاپ،-دىدى ئۇ نارازى بولغان ئاھاڭدا.

    -شۇ،ئۇنداق بىرلىككە كەلمىگەن ئاتالغۇلار بىزدە كۆپقۇ!-دىدى سايىپخان قېيىنئانىسىنىڭ قارىشىنى قۇۋۋەتلەپ،-قېنى ئاپا،چاي ئىچسىلە-دىدى قېينانىسىغا چاي سۇنغاچ.

    ئۇنىڭ سۆزلىرى گەرچە ئۇنىڭغا ماس كەلمىگەندەك تۇيۇلغان بولسىمۇ،ئەمما مېنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە جەلىپ قىلدى.گەپ-سۆزلىرىدىن بۇ ئايال ئادەتتىكى ئاياللاردىن ئەمەستەك قىلاتتى.

    -ئۆزلىرىنىڭ ئوبدان خەت ساۋادلىرى باركەنغۇ؟-دىدىم ھەيرانلىقىمنى ۋە ئۇنىڭغا بولغان قىزىقىشىمنى يوشۇرالماي ئۇنىڭغا قاراپ.

    -نىمە دەيدىغانلا!-دىدى سايىپخان ماڭا قاراپ،-ئاپام گېزىت-ژورنال  دىگەننى بەك كۆرىدۇ.تېخى نەچچە ژورنالغا مۇقىم مۇشتىرى  دىسىلە!بەزى ماقالە ئەسەرلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى  بەزىدە ئاپامدىن ئاڭلايمىز تېخى!

    -نىمانداق ياخشى!-دىدىم ئانىمىزغا ھۆرمەت بىلەن قاراپ.-ئادەتتە ئۆزلىرى دىمەتلىكلەر گېزىت-ژورنال دىگەنلەرگە قاراپمۇ قويمايدۇ،ياخشى ئادەتلىرى باركەن!

    -ئادەم دىگەن يىسە،ئىچسە،كىيسىلا ھېساپمۇ،-دىدى ئانىمىز تولىمۇ تەمكىن ۋە سالماق بىر خىل ھالەتتە،-جاھان نىمىلەر بولىۋاتىدۇ،ئادەملەر نىمىلەرنى ئويلاپ،نىمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ.بۇلارنى ئانچە-مۇنچە بىلىپ تۇرمىسا،ئادەمنىڭ ھايۋاندىن نىمە پەرقى!

    -راست دىيدىلا!-دىدىم ئۇنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ،

    -بالىلىرىمغىمۇ- دەپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى ئانا-  ھەمىشە "كىتاب ئوقۇڭلار،گېزىت-ژورنال كۆرۈپ تۇرۇڭلار" دەپ تۇرىمەن.بالىلىرىمنى كىچىكىدىنلا تېلۋىزوردىن قورۇپ كەتمەيمەن.

    -كۆپۈنچە ئادەملەر تېلۋىزور كۆرسە دەرستىن قالىدۇ دەپ كۆرسەتمەيدىكەن-دىدىم ئۇنىڭغا قاراپ.

    -بالىنىڭ ئۆزىگە باغلىق!-دىدى ئۇ كېسىپلا،-ئەگەر راستىنلا ئوقۇيدىغان،بىلىمگە قىزىقىدىغان بالا بولسا،ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىنى كۆرۈدۇ .كۆرگەن بىلگىنىدىن نەپ ئېلىشنى بىلسە ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسە بىلىم،ئۇنداق بالا ئوقۇشنىمۇ ،بىلىشنىمۇ،قىلىشنىمۇ تەڭ ئەپ ماڭالايدۇ،-دىدى ئۇ ۋەزىنلىك قىلىپ،-ئوقۇش بىر گەپ ، بىلىم ئېلىش بىر گەپ،نەچچىلا ئوقۇغان  بىلەن،بىلىمى بولمىسا بىكا!-دىدى ئۇ خۇددى خۇلاسە چىقارغاندەك بىر خىل ھالەتتە،-ئوقۇغان ،كۆرگەن ئاڭلىغىنىنى ئۆزىنىڭ بىلىمى قىلىۋالالىسا بولىدۇ.

    -ئۇ دىگەنلىرىغۇ راست!- دىدىم ئۇنىڭ دىگنلىرىگە قوشۇلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ.

    -بەزىلەر ئۇنداق قىلسا بولمايدۇ،بۇنداق قىلسا بولمايدۇ،ئۇنداق قىلىش كېرەك،بۇنداق قىلىش كېرەك دەپ كېتىدىكەن،ھەممىنى شۇ بالىنىڭ ئۆزى بەلگىلەيدۇ،ھەربىر ئادەمنىڭ مىجەز خارەكتىرى ئوخشىمايدۇ.ئۆزۈمنىڭ تۆت بالىسىنى دىسەم،تۆتىنىڭ تۆت  خىل مىجەزى بار.ھەممىسىگە ئۆزىنىڭ مىجەز  خارەكتېرىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان گەپ!-دىدى ئانا قولىدىكى چايدىن بىر يۇتۇم ئوتلاپ قويۇپ،-بالىلار ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا، بالىلار بىلەن تەڭ ئوقۇپ ماڭمىساق بولمايدۇ، گەرچە بىز يۇقۇرى يىللىقنىڭ دەرسلىرىنى بىلەلمىسەكمۇ ئامما بالا  مەكتەپتىن يېنىپ ئۆيگە كىرگەننىكىلا بالىنىڭ قانداق ئوقۇغانلىقى ئىككى كۆزىدىن چىقىپ تۇرۇدۇ!  ئۇنى بىر قاراپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ! –دىدى ئانا ئىشەنچ بىلەن.

    -مەن بالىلار  ئوقۇۋاتقاندا ھەمىشە؛«بۈگۈن  قانداق بىلىملەرنى ئۈگەندىڭ بالام؟» «بۈگۈن كىتاپنىڭ نەسىنى ئوقۇدۇڭلار؟ قېنى ماڭا دەپ بېرىپ باقچۇ بالام؟» دەپ سوراپ تۇرىمەن، بىلگەن بولسا دۇدۇقلىمايلا دەپ بېرىدۇ، چالا بوپ قالغاننىكىلا ئۆزى ئاشكارلاپ قويۇدۇ، ئېكى قاچان دۇدۇقلىماي دەپ بەرگۈچە  بالىنىڭ ئارقىسىغا مەككەم كىرىۋالىمەن!   شۇ چاغلاردا مەكتەپكە ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنىغا بارىدىغان،بەزى ئاتا-ئانىلار ئۆزى تۇغۇپ چوڭ قىلغان بالىسىنىڭ ئەھۋالىنى مۇئەللىملەردىن سوراپ كەتسە ھەيران قالىمەن،توۋۋا ،ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ئەھۋالىنى بالىسى بىلەن ئاران نەچچە سائەت بىر بولىدىغان ئادەمدىن سورىغىنى قىززىققۇ!ئۆزىنىڭ بالىسىنى ئۆزى تېخى ھەممىدىن ئوبدان بىلمەمدۇ دەيمەن.

    -مەكتەپتىكى ئەھۋالىنى بىلگۈسى كېلىپ سورىغاندۇ بەلكىم،-دىدى سايىپخان ئانىنىڭ سۆزىگە ئۇلاپ.

    -ئۆيدە قانداق بولسا مەكتەپتىمۇ شۇنداق بولىدۇ،بالىسىنىڭ مىجەز-خارەكتېرى،ئەقىل-ئىداركىنى بىلگەن، بالىسىنى چۈشەنگەن ئادەم،بالىسى مەيلى نەدە بولسۇن،بالىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇدۇ.

    -ئۇ دىگەنلىرىغۇ راست!- دەپ ئۇنىڭ پىكرىگە قوشۇلدۇك سايىپخان ئىككىمىز تەڭلا بىر ئېغىزدىن.

    -بۇ بالىمۇ-دىدى ئانا ئۆينى ئىما قىلىپ  ، مەن ئۆي ئىگىسى ئەرنى دەۋاتىدۇ دەپ چۈشەندىم،- ماگىستىرلىققا ئىمتىھان بېرىدىغان چاغدا ئەدەبىياتتىن بەرسەم بولامۇ يە تىلدىن بەرسەم بولارمۇ؟ دەپ ئارسالدا بوپ يۈرۋىدى" تىلغا بەرگىن " دىدىم،

    -نىمىشقا تىلنى تاللاپ قالىللا؟-دەپ سورىدىم قىزىقىپ.

    - بۇ بالامنىڭ كىچىك چېغىدىن تۇتۇپلا بىر ھەۋىسى بار، ئۆيگە كىرگەن ئادەمنىڭ گېپىگە يامان ئىسەنكىرەيدۇ،بىر ئادەم كىرىپ چىقىپ كەتكەننىكىللا؛"ئاپا  بۇ ئادەم  ئۇنى  ئۇنداق دەيدىكەنغۇ؟ بۇنى  مۇنداق دەيدىكەنغۇ؟" دەپلا كىرىشىپ قالىدۇ،ھە دىسە ئاپا؛«قىيتتۇ» «قىۋاتىدۇ» « قىلىۋاتىدۇ» «قىپ تۇرۇپتۇ» دىگەنلەرنىڭ قايناق پەرقى بار؟  دەمدىكىن ئىش قىلىپ بۇ بالامنىڭ شۇناخلا سوئال سورايدىغان بىر خۇمىرى بارتى،بۇ ئۇنىڭ قالغان قېرىنداشلىرىغا ئوخشىمايدىغان بىر  پەرقىتى، بالىنىڭ كىچىگىدە بىلىنگەن پەرقى  شۇ بالىنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىگى بولىدىكەنچۇ بالام! شۇنى خىيال قىپ ئاندىن مەن تىلنى تاللا دىمەمدىم بالام!-دىدى ئانا ماڭا قاراپ قويۇپ،- بۇ بالامدىن كىچىگى ھېساپقا شۇنداق يامان، كىچىگىدە توخولارنىڭ تۇخمىسىنى  ساتسام توخۇمنى خەققە  ئۆتكۈزۈپ بولغۇچە پۇلىنى ھېساپلاپ بولىدىغان،ئۇنىڭدىن كىچىگى كىتاپ دەپتەر بىلەن ئانچە خۇشى يوقاراق ئادەم بولۇپ قالدى.ھەممىدىن كىچىك ئوغلۇم شۇنداق چېچەن، ھەممىدە بار،بىر قۇرساقتىمۇ ھەر خىل ئادەملەر پۈتىدىكەن ،ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئەسلى ئالاھىدىلىگى «تۇغما تالانتى» دەمدۇق؟!-دىدى ئانا مەندىن سوئال سورىغاندەك،-شۇ بويىچە ياشايدىكەن بالام!-دىدى ئانا بىر خىل شەرەپ ھەم خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ئىچىدە. شۇ ھامان  ئېسىمگە ئانىنىڭ دوكتۇر ئوغلى مۇشۇ ئۆينىڭ  ئىگىسى ئەرنىڭ بىر ئىنىسىنىڭ پىداگوگىيكا ئۇنۋېرسىتېتىدە يەنە بىر ئىنىسىنىڭ ئىچكىردىكى قايسى بىر داڭلىق ئۇنۋېرستىتتا ئوقۇيدىغانلىقى كەلدى.

    -ئۆزلىرى بالىلارنىڭ تۇغما تالانتىنى بايقىيالايدىكەنلا!- دىدىم ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىمنى يوشۇرمايلا- بۇ ھەقىيقەتەن ئاسان ئەمەس، ئۆزلىرى  مەكتەپتە قانچىلىك ئوقۇغان؟-دەپ ئىختىيارسىز ھالدا سوراپ سالدىم ئۇنىڭدىن.

    -ۋاي بالام!-دىدى ئانا  بىر خىل خىجىللىق تۇيغۇسىدا-تولۇكسىزنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىققاندىلا دادام ئاپاملار زور-زېرىكىچە تويۇمنى قىلىۋەتكەن!

    -ھەئەئە! مۇنداق دىسلە!؟-ھەيرانلىقىمنى يوشۇرالماي قالدىم-ئۇنداق بولغان بىلەن ئۆزلىرىنىڭ  بالا تەربىيلەش، كۈزىتىش،بايقاش ئىقتىدارلىرى ھەقىيقەتەن يوقۇركەن!  بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارلىرى ئوقۇش تارىخلىرىدىن جىق ئېشىپ كېتىپتۇ!-دىدىم ئانىغا ھۆرمەت ھېسسىياتىمنى كۆزلىرىمگە يىغىپ  تىكىلىپ يۇرۇپ.

     گەرچە ئۇنىڭ قىممەتلىك تەجرىبە ساۋاقلىرىدىن پۈتكەن دانا سۆزلىرىنى ئاڭلاش ئىشتىياقىم بېسىلىشتىن تېخى يىراق بولسىمۇ ئەمما ۋاقىت  ئېتىبارى بىلەن   ئورنۇمدىن تۇرۇشقا  توغرا كەلدى، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈم ئۇنىڭدا، كۆزۈم كەينىمدە ، خوشلىشىپ چىقىپ كەتتىم، ئۇنىڭ دىگەنلىرى قۇلۇقۇمدا ياق دىلىمغا ئۇيۇپ قالدى.كېتىۋاتىمەن، كۆز ئالدىمدا خىلمۇ -خىل كۆرۈنۈشلەر زاھىر بولۇپ روشەن ھېلىشتۇرما  ھاسىل بولماقتا، كۆز ئالدىمغا  ھېلى ئۇ ئانىنىڭ ئۆز ساپاسىغا ماس كەلمىگەن سەھراچە  ئۈستى باشلىرى، ھېلى ئۇنىڭ  ئادەمنىڭ ئىچ- ئىچىدىن قايىللىقىنى قوزغايدىغان ھىكمەتلىك سۆزلىرى، ھېلى  ئۈستى بېشىدىن ئايمۇ خىجالەت بولغۇدەك چىرايلىق ئانىلار  ھەم  ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇقىنىڭ قىيىن يېرىنى ئاپىسى چۈشەندۈرەلمەيدىغان باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان بالىلىرىنىڭ قەلەم چىشلەپ ئۈستەلگە دۈم يېتىۋالغان بالىلىرى   كېلەتتى.

     ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلالىغان ئانىدىنلا ئاندىن ئۆز مەجبۇرىيىتىنى  تونۇپ يېتەلەيدىغان پەرزەنتلەر يېتىشىپ چىقالايدىكەن-دە! ئانا ئاۋال ھەقىيقى دوكتۇرلۇق ماقامىغا يەتكەندە ئاندىن پەرزەنتلىرى دوكتۇر بولىدىكەن! دىمىسىمۇ ئات تاي قوي قوزىلايدۇغۇ! كېتىۋېتىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلاپ كەتتىم، ئويلىغانچە بۇ ئانىغا بولغان ھۆرمىتىم ئاشتى، نەزىرىمدە  بۇ سەھرالىق  ئانا ھەقىيقى دوكتۇر ، ئالىم  مۇتەخەسىسكە ئايلاندى، يەنە ئۆز ئۆزەمگە؛ «يەنە بىر دوكتۇر ئانا»  دىدم ئىچىمدە.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.