سەنئەتكە ئوبىكتىپ مۇئامىلە قىلايلى

يوللىغۇچى : turgun2005 يوللىغان ۋاقىت : 2011-11-16 15:38:14

سەنئەتكە ئوبىكتىپ مۇئامىلە قىلايلى(نەنجىڭ تەبىئى پەن –سانائەت پەنلىرى ئۈنىۋېرسىتى ئادىميەت پەنلىرى ئىنىستوتىدىن تۇرغۇن ئەلى)قىسقىچە مەزمۇنى:بۇ ماقالىدە جەميەتتىكى بىر قىسىم كىشلەردىكى بىر...

     



     

    سەنئەتكە ئوبىكتىپ مۇئامىلە قىلايلى

     

    (نەنجىڭ تەبىئى پەن –سانائەت پەنلىرى ئۈنىۋېرسىتى ئادىميەت پەنلىرى ئىنىستوتىدىن  تۇرغۇن ئەلى)

     

     

    قىسقىچە مەزمۇنى:بۇ ماقالىدە جەميەتتىكى بىر قىسىم كىشلەردىكى بىر خىل خاتا قاراش « مىللىتىمىزدا ھەممە ئادەم سەنئەتكە يۇزلىنىپ كەتتى ،تەبىئى پەن ئۆگۈنىشى كېرەك »دىگەنگە قارتا ئوخشىمىغان نوختىدىن تەھلىل يۈگۈزۈپ ،سەنئەتنىڭ نورمال تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭغا بولغان پوزىتسىيگە قارتا تەھلىل يۈرگۈزۈپ بىر قىسىم تەكلىپ پىكىرلەر بىرىلگەن.

     

    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:سەنئەت، تەبىئى پەن،ئىجىتمائى پەن ،تەرەققىيات

     

     سەنئەت ئۇ بىر مىللەتنىڭ مەدەنيەت بايلىقى ،شۇنداقلا مىللى ئالاھىلىك ،مىللى روھ بىلەن يۇغۇرۇلغان مەنۋى ئۇزۇق .بۈگۈنكى كۈندە ،ئۇ يەنە مەدىنيەت بايلىقى كاتورگىيىسىدىن سەكرەپ ئىقتىسادى ئۈنۈم يارتىدىغان مۇستەقىل بىر مەدىنيەت كەسىپكە ئايلاندى.ھەتتا ساياھەتچىلىك ،دىپلوماتىيە دوسىتلىق ئالماشتۇرۇش ئالاقىلىرى ،مەدىنيەت پائاليەتلىرى،ئىقتىسادى پائاليەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ  بىر دۆلەت ،بىر رايوننىڭ ،دۆلەتنىڭ يۇمشاق ئەمىلى كۈچ تەركىبىگە قۇشۇلۇپ كەتتى. ئەپسۇسكى جەميىتىمىزدە بىر قىسىم زىيالىلار باشچىلىقىدىكى كىشلەر توپى تارقىتىش ۋاسىتلىرىدا بۇلۇپمۇ توردىن ئىبارەت سۈرئىتى تىز، تەكلىپ ،نازارەت ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ساھەدە باشقىلارنىڭ سەنئەتكە بولغان ئوبىكتىپ باھاسىغا ئاتالمىش ‹ئويغۇرلار سەنئەتكە ،ناخشا ئۇسۇلغا بىرلىپ كەتتى …،تەبىئى پەنگە بېرىلىشى  كېرەك !›دىگەن بىر تەرەپلىمە قارشىنى باھانە قېلىپ ياۋۇزلارچە ھۇجۇم قىلماقتا. يەنىمۇ قىزىقى بۇ پىكىرلەر ئەسلىدە ئىجتىمائىيەت پەنلىرىگە تەۋە، ئۆز تەۋەسىدە چوڭقۇرراق نەتىجە قازىنالمىغان زىيالىلارنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئىجتىمائى پەننى ماڭا بېرىڭلار، سىلەر بېرىپ فىزىكا خېمىيە ئۆگىنىڭلار دىمەكچىمىدۇ؟

        ئەمىليەتتە ھەرقانداق نەرسە ئىلمى ئوبىكتىپ بولغان تەنقىت نازارەتتىن ئايرىلدىكەن ئۇ باشباشتاقسىز ،شەخىسنىڭ ياكى ئۈزى مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان ئىجىتمائى توپنىڭ ئىرادىسىدىن خالى ھالدا تەرققى قىلىۋېرىدۇ .ئەمىليەتتە سەنئەت باشقا ئىجىتمائى مەۋجۇدىيەتكە ئوخشاش ئوبىكتىپ مەۋجۇت نەرسە.ئۇنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرشى ياكى تەرەققىياتىنى ھەر قانداق بىر شەخىس ،جەمىيەت  تۇسۇۋالالمايدۇ،بەلكى ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا ئاكتىپ ياكى پاسسىپ تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. تارىختىكى بارلىق جاھىلىيەت جاھىللىقنى سەنئەتكە قارشى تۇرۇشرىن باشلىغان. شۇڭا مەيلى ئىلىم ساھاسىدىكىلەر بولسۇن مەيلى جەميەتنىڭ باشقا قاتلامدىكىلەر بولسۇن سەنئەتكە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىش نوقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىشىبىلەن بىللە  تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

       بىرىنچى، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ئاللىبۇرۇن تەبىئى پەن بىلەن ئىجىتمائى پەننىڭ زىيادە ئايرىۋېتىلىشىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىگىنى تۇنۇپ يەتتى،نۇرغۇن دۆلەتلەر دۆلىتىمىزمۇ بۇ ھەقتە نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى،ئەمىلى خىزمەتلەرنى ئېلىپ باردى.شۇڭا ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ،چەتئەللەرنىڭ ئەدىبىيات -سەنئەت ،بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ فانتازىيىلىك كىنو، كەلگۈسىشۇناسلىق ئەدىبىياتى،تېخنىكىشۇناسلىق ئەدىبىياتى ،زامانىۋى سەھنىچىلىك ، گىرىمچىلىك ،ھازىرقى زامان مۇزىكىچىلىق ،سىناريىچىلىك  قاتارلىق جەھەتلەردە تەبىئى پەن بىلىملىرى بىلەن ئورگانىك بىرلىشىپ زور نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. سەنئەت يەنە ئىقتىساد ،جەميەت ،مەدىنيەت  بىلەن بىرلىشىپ ئۇيۇن كۈڭۈل ئېچىش خارەكتىردىن ھالقىپ رايۇنلار ئارا رىقابەتلىشىدىغان يۇمشاق كەسىپكە ئايلاندى.شۇڭا بىز سەنئەتنى ئىنكار قىلماي بەلكى ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرۈتكە بۇلۇش ئۈچۈن باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ،ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇپ،تەبىئى پەن ،پەن-تېخنىكا ،زامانىۋى بىلەن ئەنئەنىۋى ئۇسۇلۇپ ،ئىلغار ئىدىيە ،تارىخ نوقتىسىدىن كۈزتۈپ  ئۇنىڭ نورمال ئىزدا تەرەققى قىلىشىغا تۈرۈتكە بۇلۇشىمىز كېرەك.

        ئىككىنچىدىن، بولۇپمۇ بىزدەك ئىجتىمائى ھاياتى ھەممىدىن مۇھىم بولۇۋاتقان مىللەتكە نىسبەتەن قارغۇلارچە سەنئەتنى چەكلەپ تەبىئى پەن ئۆگۈنۈشكە چاقىرىق قىلىش ئاقمايدىغان پوزىتسىيە. سەۋەبى ناھايتى ئاددى : تەبىئى پەن قاتتىق بىلىم بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە قوللىنىشى نۇرغۇن سېلىما ۋە شارائىتقا ئېھتىيياجلىق بولىدۇ، يەنىمۇ مۇھىمى سەنئەتنى چەكلىگەنگە كىشلەرنىڭ ھەممىسى تەبىئى پەننى ئۆگۈنۈپ كېتەمۇ؟! بۈگۈنكىدەك ئېچىۋەتكەن كۈندە سەنئەتنى چەكلىگىلى بولامدۇ؟ كىشلەرنىڭ قۇلىقىنى گاس قىلۋېتىش كېرەكمۇ؟ ياكى يۈرىكىنى قۇلۇپلاش كېرەكمۇ؟ ۋە ياكى جەمىيەت ئىدىيسنى مۇشۇ يولغا باشلاش كېرەكمۇ ؟ ئېنىقكى ئېچىۋەتكەن جەميەتتە سىز ئۈزىڭىزنىڭ سەنئىتىنى چەكلىگەن ۋاقىتىڭىزدا ئۇنتۇپ قالماڭ ،باشقىلارنىڭكىنى چەكلىيەلمەيسىز،باشقىلارنىڭ سەنئىتى ئوخشاشلا سەنئەت بولغاچقا بىز نىڭ كۈڭۈل ئېچىش ئىھتىياجىمىزنى قاندۇرۇشتىن سىرت ،ئۇنىڭ بىلەن ھەر خىل يولللار بىلەن ئۇچۇراشقىنمىزدا  سەنئەتنى چەكلەش بەدىلىگە كەلگەن مەنىۋى بوشلۇقىمىزغا سىڭىپ كىرىپ ئاپەت ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن ،بىزنىڭ ئىقتىسادىمىز ،ئىدىيمىز ،مەدىنيىتىمىز شۇلارنى دوراپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن بۈگۈنكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئىتىدىكى قايسى ئىلمىنت چەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان؟ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ھىندىستاننىڭ، ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئەرەب-پارىس مەدەنىيىتىنىڭ، 30-يىللاردىكى ئاقارتىش ھەركىتىدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ تەسىرىدە بۈگۈنكى بىز كۆرۈۋاتقان ۋە قوغدىماقچى بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ھازىرقى زامان سەنئىتى بارلىققا كەلگەن. ئىدىينى توغۇرلاش پوزىتسىيسىمۇ بۇ نوقتىدىن قەتئى توغرا ئەمەس.مەنىۋى جەھەتتە نامرات خەلق ھەرگىز ئۈزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقللىيالمايدۇ.ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبى، ھاياتى كۈچى بولغان سەنئەت بىزنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشىمىزدىكى بىر مۇھىم تەركىبى قىسىم ،بۇ بىر ئوبىكتىپ رىئال پاكىت.

         ئۈچىنچىدىن ،سەنئەتكە ئوبىكتىپ مۇئامىلە قىلغاندىلا سەنئەتنىڭ تەرەققى قىلىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى ،سەۋيىسىنى ئۆستۈرگىلى بۇلۇپلا قالماستىن كىشلەرنىڭ سەنئەتكە بولغان پوزىتيىسىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.بىزنىڭ سەنئىتىمىز تارىختىن بۇيان چەكلىنىشكە ئۇچرىغان، راۋاجلىنىش پۇرسىتىەە ئاز ئېرىشكەن بولسىمۇ  توغرا لىنيىدە ،يەنى ئاممىباپ خەلىقچىل مەيداندا تۇرۇپ تەرەققى قىلغاچقا ،ھەممە كىشى سەنئەتكە قىزىقىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالغان. بۇ ھازىرمۇ داۋاملىشۋاتىدۇ.

        بىز تەبىئى پەندىلا ئەمەس،  بارلىق ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچلەردە دۇنيانىڭ ئەڭ ئارقىدا تۇرىمىز، پەقەت ئىجتىمائى مەۋجۇتلىقىمىز ۋە سەنئىتىمىزلا بىزنى كىملىككە ئىگە ىىلىپ تۇرىۋاتىدۇ. باشقا پەنلەرگە ئوخشاشلا بىزدە ئىجتىمائىيەت ۋە سەنئەت نۇقتىسىدىن خەلقارادا ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن نەتىجە ئىگىلىرى يوقنىڭ ئورنىدا، تەبىئى پەن ساھەسىدە ئاز بولسىمۇ بىرەر يۈز دوكتۇرىمىز بار. ئۇنداقتا قېنى شۇ دوكتۇرلىرىمىز كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ؟ 
      ناۋادا سەنئىتىمىز بەك تەرەققى قىلىپ كېتىپ باشقا پەنلەرنى ئارقىدا قالدۇرغان بولسا قېنى قاراپ باقايلى، بىزدە خەلقارا نوپۇزلۇق سەھنىدە بىر پارچە ھىكايە ئېلان قىلىپ باققان، ئامېرىكىدا بىر مەيدان ئويۇپ قويۇپ ۋىكىپېدىيادا تونۇشتۇرۇلغان، ياكى ھىچ بولمىسا جۇڭگۇنىڭ ئۆزىدە نام-شۆھرەت ياكى ئىقتىسادى جەھەتتىن ئاجايىپ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئارتىسلىرىمىزدىن بىرەرسى بارمۇ؟ نىمە ئۈچۈن سەنئەتنى تىك لىنيىدە يەنى،بىزدىن ئېشىپ كەتكەنلەردىن ئۆگۈنۈش ،بەسلىشىش پوزىتسىيسىدە  ۋە ئۈزىمىزدىكى بار بولغان سەنئەت بايلىقىنىى خەلىقئارالاشتۇرۇش نوقتىسىدا كۈزەتمەيمىز ،شۇنداق پوزىتسىيدە بولمايمىز؟

       كىشلەرنى بۇلۇپمۇ ياشلارنى، سەنئەتنى كۈزەتكەندە تەبىئى پەن نوقتىسىسىدا ياكى پەن تېخنىكا نوقتىسسىدا ،تارىخى تەرەققىيات نوقتىسدا تۇرۇپ كۈزۈتۈشكە يېتەكچىلىك قىلشقا ھەركەت قىلىش ناھايىتى ئۇنىۋېرسال بولغان بىر ئەقەللى ساپا. ئىشىنمەنكى سەنئەتنى مۇشۇ نوقتىدىن كۈزەتكەندە ،ئاشۇ سەنئەتكە ئىشتىياق باغلىغانلار ئۇنى كامال تاپقۇزۇشنى خىيال ئەتكەنلەر سەنئەت بولغان شەيداسىدىن كۈچ قۇۋەتكە ئېرىشىپ ئۆز ئىشتىىياقىنى  تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىش ئۈچۈن  ئۇنىڭغا ئالاقىدار تەبىئى پەننى ۋە باشقا بىلىملەرنى ئىچ-ئىچىدىن ئۆگۈنىدۇ.سەنئەت تىك لىنيىدە تەرەققى قىلغاندا ئۇنىڭ ئۆلچىمى يۇقىرى كۆتىرلىدۇ،سەنئەتكەرلارغا قۇيۇلغان ئۈنىۋېرسال تەلەپ يۇقىرى بولىدۇ،تلانىت ۋە ئالاقىدار ئىجىتمائى بىلىملەرنى ئېگەللىگەندىن سىرىت ئىجادىيەتتە ۋە  ئۇرۇنلاشتا تەبىئى پەن بىلىملىرى،تېخنىكىلىرىنى ئېگەللەش تەلىپى تۇغۇلىدۇ. ئۆلچەم ناھايتى ئىتتىكلا ئوتتۇرغا چىقىدۇ.كەسىپنى دىمەيلا قويايلى، چەتئەل تىلى بىلىش ،ئىقتىساد بىلىملىرىنى بىلىشتىن سىرىت ماتېماتكا ،خېميە،فىزىكاىغا دائىر بىلىملەرنى بىلگەنلەر سىناريىنى ئەپچىللىك بىلەن تېخنىكا تەسساۋۇرى بىلەن زىچ باغلاپ سەنئەتنى ئاجايىپ يېڭى سەۋيىگە كۆتىرەلەيدۇ،بىزنىڭ قىممەت قارشىمىزنى باشقىلارغا بىلدۈرۈلەيدۇ.بۇنىڭلىق بىلەن تەبىئى ھالدا تەبىئى پەننىمۇ ئېگەللىمىسەك سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنالمايدىكەنمىز دىگەن ئىجىتمائى ئۆلچەم پەيدا بولىدۇ-دە ،ئاتالمىش سەنئەت يۇلىدا ئۆمىلەپ بۇسۇغۇسىدىلا ياشلىق باھارىنى ،نۇرغۇن ۋاقتىنى سەرىپ قىلۋاتقان ياشلار ئۇجۇقۇپلا كېتىدۇ.شۇڭا كىشلەرنىڭ سەنئەتنى چەكلەپ تەبىئى پەنگە يۇرۈش قىلىشتەك سوبىكتىپ بولغان ،ئۇلۇغۋار ئەمما قۇرۇق سەپسەتىنى تور يۇزىدە ،ئەتىراپىمىزدا تەشۋىق قىلىپ سەنئەتنىڭ نورمال تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىققا دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

          ئاخىردا  مەن مۇنداق بىر نوقتىنى تەكىتلەپ قويماقچى، بىزدە سەنئەت ساھەسىدىكلەردىن خەلىق قۇرۇلتىيدا ،سىياسى كېڭەشتە ئاز بولمىغان ۋەكىللەر چىقىپتۇ،مەسلەن ،دىلنار ئابدۇللا، ئادىل ھۇشۇر،تۇرسۇنئاي ئىبراھىمجان،پاشا ئېشان،يەنە مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىينىڭ سابىىق مۇئاۋىن باشلىقى تۈمۈر داۋامەت (ئەدىبىيات ،شىئىريەت ساھەسى) دىگەندەك.بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈمۈر داۋامەتنىڭ 12 مۇقامنىڭ رەتلىنىشى ۋە شۆھرەت تېپىشىغا  ۋە ئازدۇر –كۆپتۇر ئۆتكۈزۈلۋاتقان خەلىقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى قوللاشتەك ئۇنتۇلماس تۆھپىسىنى ھىساپقا ئالمىغاندا باشقا ۋەكىللەرنىڭ سەنئەتىمىزنىڭ  بۇگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن تىلغا ئالغۇدەك دەۋرى بۆلگۈچ خارەكتىرلىك ئىشلىگەن خىزمىتى يوق دىيەرلىك. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ باشقا جەھەتتىكى خىزمىتى ياكى تۆھپىسىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ. مەن دىمەكچى ئاپتۇنۇم رايۇن ھازىر سەنئەت ساھەسىگە مەبلەغ ئاجىراتقان پەيىتتە ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ھەرقايسى تارماق پەنلىرى بۇيچە خەلىقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە پائاليەتلىرىنى ئۇرۇنلاشتۇرشى، قېزىش-رەتلەش ىىزمىتىنى ئادىل ئىلمى يۇسۇندا داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، قولدىن كەلمەيدىغان ئاھ ئۇرىدىغان ياكى ئۈمىدسىزلىنىپ تاشلىۋېتىدىغان پوزىتسىيەدە بولماي، قولىمىزدىن كېلىشىچە ، شارائىت يار بەرگەن دائىرىدە ھازىرقىدەك مەبلەغ يېتەرلىك بولغان  پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئوتتۇرا ئاسيادا تەسىربولغان بېرەر سەنئەت پائاليىتى مەسىلەن ،‹ئۈرۈمچى كىنو فېستىۋالى›دىگەندەكلەرنى تەسىس قېلىپ  تەجىربە ئالماشتۇرۇش سوپىسى پەيدا قىلىشى كېرەك.ئۇنىڭدىن باشقا ھە دىسىلا ئۇسۇل ناخشا ئىجادىيتىگىلا مەركەزلىشىپ قالماي ،كىنو ،تىياتىر ،دېرامما ،ئۈن-سىن ئىجادىيتىگە يېتەرلىك كۈڭۈل بۆلىشى كېرەك. ئەمىلى ئىزچىل بولغان خىزمەتلەرنى ئىشلىشى كېرەك.سەۋيە تەلەپنى يۇقىرلىتىشى ،سەنئەتتىكى يېڭى پەيدا بولغان شەيئىىلەرنى،ئىختىساسلىق خادىملارنى  مەنۋى ۋە ماددى جەھەتتىن قوللىشى،يېڭى رايۇن خارەكتىرلىك ئوبراز ،تىپ يارتىشىش كېرەك.مەسلەن ئابلاجان  ئاۋۇت ئايۇپ دىگەندەك.بۇ ياش خەلىقئارادىكى R&Bدىگەن،  تۇلۇق نامى    Rhythm & Blues  بولغان  بىرخىل ناخشا ئيتىش ئۇسلۇبىنى ئۆگۈنۈپ ،ئۇنىڭدىن پايدىلنىپ ئىجادىيەت قىلىپ  بىر قىسىم نادىر ساغلام نۇمۇرلارنى قۇربان ھېيىت كېچىلىكىگە ئېلىپ چىقىپ ،MTVئىشلەپ جەميەتنىڭ ئېتىراپ قېلىشىغا ئىرىشتى.خەنزۇچە تور بىكەتلىردە ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلاپلا قالماستىن ئۇنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلۋاتىدۇ،بىزنىڭ جەميىتىمىز ۋە ئالاقىدارلار بۇنداقلارنى چۇقۇم قوللىشى كېرەك.

        مىللىتىمىز سەنئىتىنىڭ دۇنيا سەنئەت تەرەققىياتى بىلەن بىر قەدەمدە مېڭىشىدا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇليىتى بار ،بۇلۇپمۇ بۇجەھەتتىكى كەسىپلەردە رەھبەرلىك خىزمىتى ئىشلەۋاتقانلارنىڭ  تارخى مەسئۇليىتى تېخىمۇ ئېغىر،بۇدەۋىرنىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ تەققەزاسى.

     

       2011-يىل 16-نويابىر      نەنجىڭ

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.