كامىل ئەپەندىگە

يوللىغۇچى : Biliwal يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-15 20:57:00

ئالتىنچى خەت مەن ئۈچۈن ئەزىز دوستۇم كامىل ئەپەندىگە، بۇرادىرىڭىز قاسىم ئاخۇندىن سالام، ئالدى بىلەن كېچىكىپ خەت يازغىنىمدىن ئەپۇ سورايمەن. بۇنىڭ سەۋەبى مەن توي ئىشلىرىم بىلەن بولۇپ كېتىپ، ك...

         ئالتىنچى خەت مەن ئۈچۈن ئەزىز دوستۇم كامىل ئەپەندىگە، بۇرادىرىڭىز قاسىم ئاخۇندىن سالام، ئالدى بىلەن كېچىكىپ خەت يازغىنىمدىن ئەپۇ سورايمەن. بۇنىڭ سەۋەبى مەن توي ئىشلىرىم بىلەن بولۇپ كېتىپ، كاللامنى مەركەزلەشتۈرەلمەي قالدىم. ھازىر ئەمدى زوراخاننى بىزنىڭ ئۆيگە كۆچۈرۈپ ئەپكېلىۋالدىم، توي ئىشلىرىمۇ ئاياقلاشتى. ئۆتكەندە سىز مەندىن ئۇيغۇرلارنىڭ توي مەرىكىسى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىشىمنى ئۆتۈنۈپسىزكەن. مەن ھازىر بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سۆزلەپ بېرەي. لېكىن ئالدى بىلەن ئەسكەرتىدىغىنىم ، بۇ پەقەت باي ئائىلىلەرنىڭلا توي مۇراسىمى، چۈنكى تۇنجى ئالغان خوتۇنى چوڭ خوتۇن بولۇپ ھىساپلىنىدۇ ۋە تويى مۇشۇنداق چوڭ ئۆتكۈزىلىدۇ، قالغان خوتۇنلارنى جىمجىتلا خوتۇن قىلىپ ئەپكېلىۋالىدۇ. توي تەييارلىقلىرى بىرقانچە ھەپتە بۇرۇنلا باشلانغان بولۇپ، تاققا ئادەم ئەۋەتىلىپ، قويلارنىڭ سېمىزلىرى تاللاپ كېلىندى. توي مەرىكىمىز قېينى ئاتام ئىمىن بەگنىڭ قوراسىدا ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ، قورالار ئاقارتىلىپ، دالانغا يېڭى بورىلار سېلىندى، تامغا يېڭى زەدىۋاللار تارتىلدى. تويغا ئاتاپ بىرمۇنچە چوڭ-كىچىك ھەجىمدىكى رەختلەر كەستۈرۈپ كېلىندى، چۈنكى تاماقلاردىن باشقا يەنە مېھمانلارغا رەختمۇ قويۇلاتتى. ئۆزىمىزنىڭ تۈگمىنىدە ئۇن تارتىلىپ، نان يېقىشقا تەييارلىق قىلىندى، چۈنكى بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر بازار نېنىنى ئانچە ياقتۇرمايتتى. ناننىڭ خېمىرى يوغان تەڭلىلەردە قولدا تاسقالغان ئۇن، تۇز، خېمىرتۇرۇچ، سۇ بىلەن قوشۇپ يۇغۇرىلىدۇ. ئاندىن بارماقلار بىلەن يۇمۇلاق شەكىلگە ئەكىلىپ ئېچىلىپ، مەخسۇس تىكىلگەن يەڭلىك ئۈستىگە قويۇلۇپ، يۈزىگە چانالغان پىياز ياكى باشقا دورا-دەرمەكلەر سۈركۈلىدۇ ، ئاندىن ئاغزى يۇمىلاق تۆشۈك ئېچىلىپ ياسالغان، سائەت شەكىللىك دوخۇپكىنىڭ (تونۇرنى دىمەكچى)تېمىغا يېقىلىدۇ. بۇ چاغدا يەنە بىر تەرەپتىن تاغاملارنىڭ قوراسىدا قوي بوغۇزلىنىۋاتاتتى. قوينىڭ گۆشىنى ئىشلەتكەندىن سىرت بىزدە يەنە ئۈچىيى ۋە ئۆپكىسىدىمۇ تائام تەييارلايمىز. ئۈچەيدە قىلىنغان ھېسىپ مۇنداق تەييارلىنىدۇ:ئۈچەي پاكىز يۇيۇلۇپ، خام گۈرۈچ، ئۇششاق جىگەر توغرالمىسى ۋە دورا- دەرمەكلەر سۇ بىلەن قوشۇپ ، ئۈچەي ئىچىگە ماڭدۇرىلىدۇ ئاندىن سۇدا پىشۇرۇلىدۇ، ھېسىپ كۆپۈپۈ پىشقان چاغدا قازاندىن ئېلىنىدۇ. ئۆپكە بولسا، ئۆپكە كانايچىسىدىن قىزىتىلغان كەندىر يېغى قۇيۇلۇپ، ئارقىدىن ئىگىگە سۇيۇق ئۇماچ قۇيۇلۇپ تاكى ئۆپكە كۆپكىچىلىك توشقۇزۇلىدۇ. ئۆپكە پۈتۈن پېتى سۇدا پىشۇرۇلىدۇ، ئاندىن يەيدىغان ۋاقتىدا كىچىك پارچىلىنىپ ، ھېسىپ بىلەن بىرگە داستىخانغا تىزىلىدۇ. مۇسۇلمانلارغا بوغۇزلانغان ھايۋاننىڭ قېنى ھارام بولىدۇ. بۇكۈنلەردە بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدا سۇ كۆتۈرگۈچىلەر كۆپ بولۇپ ، يەرلەرئۇلار تۆكۈۋەتكەن سۇ بىلەن تولا ھۆل بولۇپ قالىدىغان بوپ قالدى. پۈتۈن شەھەر بويىچە ، كىشىلەر تۆمۈر چىلەكلەردە ئۆيلىرىگە سۇ توشۇيتتى. شۇ ۋەجىدىن ، سۇ توشۇپ جان باقىدىغان كىشىلەرمۇ كۆپ ئىدى . توي كۈنى بېكىتىلىپ، ئۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن، قېينى ئاتام تويغا باغاق ئەۋەتىشكە باشلىدى. تويغا بىرقانچە كۈن قالغاندىن باشلاپلا مېھمانلار يىراق- يېقىندىن كېلىشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ كۆپلىرى بىزگە تىرىك قويلارنى سوۋغا قىلىپ ئەپكېلىپتۇ. چۈشتىن كېيىن، مەرىكە رەسمىي باشلاندى. بىزنىڭ ئۆرپ-ئادىتىمىز بويىچە، توي بېشى ئاۋۋال سۆزلەيتتى . ئۇ تويى بولغۇچى ئىككى تەرەپنى تونۇشتۇرۇپ، قىزنىڭ بويتاق ياكى ئەمەسلىكى، ئاجراشقان ئايال ياكى ئەمەسلىكى شۇنداقلا كىمنىڭ ئۇ قىزنى ئۆيلەيدىغانلىقىغا چۈشەندۈرۈش بېرىلەتتى. توي بېشى مېنىڭ دادامدىن مېنىڭ ئۇ قىزنى ئەمرىمگە ئالسام بولىدىغان بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا سورىدى، خۇددى توي ئىشى دادامنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىشتەك. ئاندىن ئۇ كېلىنچەكنىڭ دادىسىدىن ۋە باشقا ئۈچ نەپەر گۇۋاھچىدىن بىز ئىككىمىزنى باغلاپ تۇرغان ۋەدىنىڭ سانىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى سورىدى. ئۇلار پەرەز قىلىپ يىگىرمە يەتتە مىڭ دەپ جاۋاپ بەردى. ئاندىن ئۇ تۇركچە بىلەن ئەرەپچىنى ئارىلاشتۇرۇپ، بىر گەپلەرنى تەكرارلاپ، يىگىرمە يەتتە مىڭ ۋەدە بىلەن بىز ئىككىمىزنى باغلاپ قويدى. ئەڭ ئاخىرىدا سۇئال سوراش نۆۋىتى ماڭا كەلدى. ئۇ مەندىن ئىمىن بەگنىڭ قىزى زوراخاننى ئەمرىمگە ئالغان –ئالمىغانلىقىمنى سورىدى. مەن ئۇنىڭغا قارىتا كەسكىنلا  ئالدىم دەپ جاۋاپ بەردىم. ئەمدى توي بېشى بېشىغا چۈمبەل ئارتىپ ياندىكى ئۆيدە ئولتۇرغان زوراخاندىنمۇ مېنى قوبۇل قىلغان –قىلمىغانلىقىنى سورىدى. لېكىن ئۇ جاۋاپقا ئېرىشەلمىدى. چۈنكى قىزلارنىڭ دەرھاللا جاۋاپ بېرىشى ئۇ قىزنىڭ ئانچە شەرمىي –ھايالىق ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىپ قوياتتى. ئۇ سۇئال ئىككىنچى قېتىممۇ يەنە جاۋاپسىز قالدۇرۇلدى. ئۈچىنچى قېتىم سورالغاندا ، كېلىنچەك ئاران ئاڭلىنىدىغان قىلىپ، قوبۇل قىلدىم دېگەن جاۋاپنى بەردى. ئەتراپىدىكى قىزلار  ئاڭلىدۇق دېيىشتى. ئاندىن توي بېشى ناننى پارچىلاپ، ئىككى بۇردىنى تۇزلۇق سۇغا چىلاپ، بىرىنى ماڭا، يەنە بىر پارچىسىنى زوراخانغا سۇندى. ئاندىن قىسقا دۇئادىن كېيىن مېھمانلار بىزگە بەختلەر تىلەپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى. ئاياللار كېلىنچەكنى ئېلىپ ئاياللار ئولتۇرغان ئۆيگە چىقىپ كېتىشتى، قالغان ياشقا چوڭ مېھمانلار ئەتە يەنە تويغا كېلىشكە ۋەدە قىلىشىپ خوشلاشتى. ياشلار بولسا تاكى كەچ چۈشكىچە، سۇناي، غىجەك، ساتار، تەمبۇر، دۇتتار ۋە داپلارنى چېلىپ ئۇسسۇل ئويناپ ئولتۇرۇشتى. توي شۇ تەرىقىدە بىر ھەپتىگىچە داۋاملاشتى. كوچا –كويلاردىن ناخشا –مۇزىكىنى ئاڭلىغان چاقىرىلمىغان مېھمانلار يەنى دىۋانىلەرمۇ ئىشىك ئالدىغا يىغىلىپ كەتكەنىدى. بىزمۇ ئۇلارنىڭ قاچىسىنى قۇرۇق قايتۇرمىدۇق. چۈنكى ئاللاھمۇ كەمبەغەللەرنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلايدۇ ئەمەسمۇ، ئۇلار بىزنىڭ بەخت-سائادىتىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ. سىز بەلكىم مەندىن بىزنى بۇ بىر ھەپتىدە نىمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغاندۇ دەپ ھەيران قېلىشىڭىز مۇمكىن. بىز يېدۇق، ئىچتۇق، تاماكا چەكتۇق، پاراڭلاشتۇق، ناخشا-مۇزىكا ئاڭلىدۇق، ئۇسسۇل ئوينىدۇق ياكى باشقىلارنىڭ ئۇسسۇلىنى كۆردۇق. ئاخىرىدا بىز دالىغا چىقىپ ئوغلاق تارتىشىش پائالىيىتى قىلدۇق. بىرىنچى كۈنى قېينى ئاتام 50 يامبۇ(50سەر= 1750 پۇل چىقاردى. ئىككىنچى كۈنى تاغام ئۇنىڭ ئىككى ھەسسىچىلىك پۇل چىقاردى. پۈتۈن شەھەردىكى ياشلار ۋە ئەڭ ياخشى ئاتلارشەھەرنىڭ شىمالىدىكى بۇكونا دەريا بويىغا توپلانغانىدى. بۇ ئويۇندا، ئاتلىق بىرەيلەن بوغۇزلانغان ئوغلاقنى بىر قولى بىلەن تۇتۇپ ئات بىلەن چاپىدۇ، قالغانلار ئوغلاقنى ئۇنىڭدىن تالىشىپ ئاتلىق قوغلايدۇ. ئەگەر كىمكى ئۇنى تۇتىۋالسا، كېلەر قېتىم باشقىلار ئۇنى قوغلايدۇ. توي ئاخىرلاشقاندا، كېلىنچەكنى ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ ئۆيگە يۆتكەپ قويۇدۇ، ھازىر كىشىلەر بۇ خىل ئورۇندۇقنىمۇ ئىشلەتمەيدىغان بولۇپ قالدى. توينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن، كېلىنچەك دۇخاۋادىن بېزەلگەن ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇلۇپ، مالايلار ئۇنى كۆتۈرۈپ، دادامنىڭ قوراسىغا ئېلىپ كەلدى. قورادا مۇزىكا چېلىنىپ، پۈتۈن كوچا قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. دەرۋازا ئالدىدا دادام ۋە ئۆگەي ئاناملار بىزنى كۈتىۋالدى ۋە ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان ھوجرىمىزغا باشلاپ كىردى. بىزدە ئوغۇللار توي قىلغاندىن كېيىن يەنىلا چوڭ ئۆيدە تۇرىدىغان بولۇپ، شۇ تەرىقىدە ئوغۇللار، كېلىنلەر، نەۋرىلەر بىرقانچە ئەۋلات بىر ئائىلىدە ياشاپ ، كونا ئاتىلىق ئۇرۇقنى گۈللەندۈرۈپ ئۆتىدۇ. مەن بىرەر ئايدىن كېيىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تاغامنىڭ سودا ئىشىنى بېجىرگىلى مېڭىشىم مۇمكىن، بەلكىم بىرەر يېرىم يىلغىچە قايتىپ كېلەلمەسلىكىممۇ مۈمكىن. شۇڭا خەت -ئالاقىمىزنىڭ بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. سىز ھەر دائىم مېنىڭ ئەڭ يېقىن ۋە ئەڭ قىممەتلىك دوستۇم. قايتىپ كەلگەندە كۆرۈشەيلى. 1333-يىلى، ئارانىڭ 29-كۈنى، قەشقەر شىۋېتچىدىن زۇلھايات ئۆتكۈر تەرجىمىسى .
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق