ئۇيغۇردەك ياشا

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-05 13:10:12

ئۇيغۇردەك ياشائۇيغۇردەك تۇغۇلدۇڭ ئۇيغۇردەك ياشا،ئەل-ۋەتەن خەلقڭگە تۆھپىلەر سانا.گەر كەلسە خەلقنىڭ بېشىغا كۈلپەت.بۇ كۈلپەتنى تارتىشقا جېنىڭنى ئاتا. ئۇيغۇر دەپ تۇغۇلدۇڭ، ئۇيغۇردەك ياشا،كەمتەر ب...

    ئۇيغۇردەك ياشا
    ئۇيغۇردەك تۇغۇلدۇڭ ئۇيغۇردەك ياشا،
    ئەل-ۋەتەن خەلقڭگە تۆھپىلەر سانا.
    گەر كەلسە خەلقنىڭ بېشىغا كۈلپەت.
    بۇ كۈلپەتنى تارتىشقا جېنىڭنى ئاتا.

    ئۇيغۇر دەپ تۇغۇلدۇڭ، ئۇيغۇردەك ياشا،
    كەمتەر بول بىلگىن ھەم نومۇس دەپ ياشا.
    بوۋام مەھمۇد ئىزىنى بېسىپ ياشىساڭ،
    ئەجداد روھى كۈلىدۇ، بولمايدۇ يارا.
    بۇيىللاردىن بېرى ئۇيغۇر قىزلار بىلەن باشقا مىللەت يىگىتلىرى، ئۇيغۇر يىگىتلىرى بىلەن  باشقا مىللەت قىزلىرى مۇھەببەتلىشىۋالىغان، كوچىلاردا پوترۇشكىلاپ مېڭىشۋاتقانلىرى، ئېسىلىشىپ نايناقشىپ، ئەركىلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى پات-پات ئۇچىرىت قالىدىغان بولۇپ قالدۇق. بۇ تېخى يەتمىگەندەك قايسى كۈنى بىر رېستۇراننىڭ ئالدىدا، بىر ئۇيۇغۇر يىەىتىنىڭ بىر باشقا مىللەت قىزىغا باشقىچە يېقىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقلىرىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇلار يېقىنلىشىپ بىر تەن بولۇپ كېتىپتۇ.
    بىز ئۇيغۇر مىللىتى قەدىمدىن تارتىپلا ئەزەلدىنبىر شەرمى- ھايالىق، ۋىجدانلىق، غورۇرلۇق مىللەتمىز، ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۆزىمىزنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قىلىۋاتىدۇ. ھەتتاكى ئاشۇ ئەدەپ -ئەخلاقتىن ھېچقانداق ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. مەن ھەر قېتىم شۇنداق  نومۇسنى، يۈزىنى قايرىپ قويۇپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر قىز-ئوغۇللىرىمىز كۆرۈپ قالسام، كۆزۈمگە ئىسسىق ياش كېلىدۇ. شۇ يىگىتلىرىمىزدىن يولىنى توسۇپ، ئاغىنە ئۇيغۇردىن ساڭا لايىق چىقمايۋاتامدۇ دەپ سورىغىم كېلىپ كېتىدۇ. سىلەرنىڭ مۇشۇنداق قىلغىنىڭلار بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنى دەپسەندە قىلغىنىڭلار بىلەن باراۋەر ئەمەسمۇ دىگۈم كىلىپ كېتىدۇ.     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر