ئاياللارنى پەس كۆرمەڭ

يوللىغۇچى : alipbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-17 15:24:25

ئاياللارنى پەس كۆرمەڭبىزدە ئاياللارنى كەمسىتىدىغان،پەس كۆرىدىغان،ئەرلەردىن تۆۋەن ئورۇندا كۆرۈپ تەربىيلەشكە،پىكرىگە ھۆرمەت قىلىشقا سەل قارايدىغان ئادەتلەر يوق ئەمەس.كۆپىنچە ئاتا-ئانىللىرىمىز...

    ئاياللارنى پەس كۆرمەڭ

     

    بىزدە ئاياللارنى كەمسىتىدىغان،پەس كۆرىدىغان،ئەرلەردىن تۆۋەن ئورۇندا كۆرۈپ تەربىيلەشكە،پىكرىگە ھۆرمەت قىلىشقا سەل قارايدىغان ئادەتلەر يوق ئەمەس.كۆپىنچە ئاتا-ئانىللىرىمىز ھىلىھەم قىز بالىنى تالانىڭ ئادىمى دەپ قاراپ ئوقۇتۇش،تەربىيلەشلەردىمۇ سۇسلۇق قىلىدۇ.ئۆزلىرى تەبىيلەش،تەرتىپكە سىلىش،ئىززەت ئىكرام ئۈگۈنۈشتە دەسلىپىدە سەل قاراپ كىيىن قىزلىرىنى،خوتۇنلىرىنى،ئاچا-سىڭىللىرىنى يامان ئۈگىتىپ قويۇپ گەپكە كىرگۈزەلمىگەندىن كىيىنلا «قىز بالىنىڭ چىچى ئۈزۈن ئەقلى قىسقا»، «يەنىلا خوتۇن خەق»دىگندەك ئەيىپلەشلەر بىلەنلا بولۇپ كىتىدۇ.ئەمىلىيەتتە بىزنىڭ تارىخمىزدىمۇ تۇمارىس،نۇزۇگۇم،رىزۋانگۇل كەبى نامى پاك ،زاتى ئىسىل،ئەقىل-پەزىلەت،باتۇرلۇقتا ئەرلەرگە ئۆلگە بولالىغۇدەك ئاياللارمۇ ئۆتكەن ھەم ھازىرمۇ بار.ئاياللار ئۆزلىرىدىكى يوشۇرۇن كۈچ،پاراسەت-پەزىلەت،قەيسەرلىكىنى جارى قىلدۇرالايدىغان مۇۋاپىق شارائىت-پۇرسەتكە ئىرىشەلىگەندە ئاندىن مىشچانلىقتىن ئىشچانلىققا،چۈشكۈنلۈكتىن ئۈستۈنلۈككەئۆزگىرەلەيدۇ.بىز بۇ چاققىچە «ئەرنى ئەر قىلىدىغىنىمۇ خوتۇن،يەر قىلىدىغىنىمۇ خوتۇن» دىگەننى ئىزچىل بىر تەرەپلىمە ھالدا تەرغىپ قىلىپ كەلدۇق.ئەمىلىيەتتە،ئاشۇ ئەرنى يەر قىلىدىغان خوتۇننى قانداق تەربىيىلەپ  يىتىشتۈرۈپ چىقىدىغىنى دەل ئەرلەردىن ئىبارەت.ئايالىغا ھۆرمەت قىلىشنى،ئۇنىڭ پىكىر ئىنكاسىغا ھۆرمەت قىلىشنى بىلىدىغان ئەرنىڭ خوتۇنى جەزمەنكى ،ئىرىنىڭ ھەربىر ئىش-ھەرىكەت،يۈرۈش-تۇرۇش،مۇناسىۋىتىگە ئەستايىدىل كۆيۈنۈش ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىدۇ.خوتۇنىنىڭ ھەرقانداق پىكىر تەكلىپىنى ،كۆز قارىشىنى مەنسىتمەيدىغان ئۇنىڭغا«خوتۇن دىگەن ئۆينىڭ ئادىمى،سىرتنىڭ ئەرنىڭ ئىشىغا ئارلاشمىغۇلۇق»دەپ قوپاللارچە كۆرەڭلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئەرلەرنىڭ خوتۇنلىرى ئىرىنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ،ھالىغا يەتمەيدىغان،پەرۋاسىز ۋە بارغانسىرى ئىچ-مىجەز،چۈشكۈن بولۇپ قالىدۇ.شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئايالىڭىزنى پەس كۆرمەي ئۇنىڭ ئىززىتىنى قىلىپ قويۇشنى ئۈگىنىڭ.بۇنداق قىلىش خوتۇنىڭىزدا ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە سىزگە ھۆرمەت قايىللىق تۇيغۇسى قوزغاپ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا قۇلايلىق ئاسانلىق ئىلىپ كىلىشى مۈمكىن.بۇنداق قىلىش بەكمۇ تەس ئەمەس.


    قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇققاندا،ئۇ ھەل قىلالىسۇن-قىلالمىسۇن بەزى تەكلىپلەرنى سوراپ قويۇڭ،پايدىلىق بولسۇن-بولمىسۇن ئايالىڭىز بىلەن بىر ئورتاق نىشان ھاسىل قىلالىشىڭىزدا گەپ يوق ھەم ئايالىڭىزدا ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىززەتلىنىش تۇيغۇسى ھاسىل قىلىپ سىزگە بولغان ئىتائەت-ھۆرمىتى تىخىمۇ ئىشىشى مۈمكىن.


    ئايالىڭىزغا سەن نىمىنى بىلەتتىڭ،قازان-قومۇچنى بىلسەڭ بولدى،ئارتۇق ئىشلارغا ئارلاشما،بۇ خوتۇن كىشى باش قاتۇرىدىغان ئىش ئەمەس...دىگەندەك گەپلەرنى قىلماڭ.ئۇنىڭ مىھرىبانلىقى كۆيۈنۈشى ئازار يەپ قالمىسۇن ،ئىززەتتىن ھۆرمەت كىلىدۇ.


    جامەئەت سورۇنلىرىدا ئايالىڭىزغا قوپال مۇئامىلە قىلماڭ. جامەئەت سورۇنلىرىدا ئۇنىڭغا چىچىلىپ غەزەپلەنسىڭىز ئۇمۇ سىزگە قاش كۆرسىتىپ ئۆزىدىمۇ جان غەزەپ ئاچچىق بارلىقىنى كۆرسەتمەي قويمايدۇ.ئەر-خوتۇنلارنىڭ سىرتلاردا بىر-بىرىگە غەزەپلىنىشى ئۇلارنىڭ ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن تىز ۋەيران قىلىۋىتىدىغان يامان ئىش.ھەر كىمگە كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئابروي،يۈز لازىم.ئادەم بار يەردە ئىتنى ئۇرساڭمۇ گەپسۆزسىزكى ساڭا خىرىس قىلىدۇ.ئۆمۈرلۈك جۇپتىغا، ئۆزىنىڭ يىرىمىغا ئىماننىڭ تىڭىغا،مىھىر-شەپقەت ھەمراھىغا كىشىلەر ئالدىدا قوپاللىق قىلىش لاياقەتلىك ئەرلەر قىلىدىغان ئىش ئەمەس.


      ئايالىڭىزنىڭ خاھىشى،تاللىشى،ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ قويۇڭ.ئۇنىڭ ئاچچىق-چۈچۈك سۇيۇقئاش ئىچكۈسى كىلىپ قالغان بولسا لەغمەننىڭ غەلۋىسىنى قىلماڭ،ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارغۇسى كەپ قالغاندا سىز يەنە بىر ئىشنىڭ غەلۋىسىنى ئىلاجىنىڭ بارىچە قىلىپ قويماڭ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:«سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىرىڭلار ئەڭ ياخشى كىشىللىرىڭلاردۇر»دىگەن.خوتۇن كىشى كۆپ ھاللاردا ئىرىنىڭ ئىتائىتى ئۈچۈن قۇربانلىق بىرىدۇ.ئايال كىشىنى تىخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئىتائەتكە ئىلىپ كۆڭلۈمنى خاتىرجەم قىلاي دىسىڭىز .ئۇنىڭ ئىززىتىنى قىلىشنى ئارزۇ-خاھىشىغا ئاز تولا يول قويۇشنى ئۈگىنىۋىلىڭ.

     

    مەنبەسى: نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ ئەرلەرگە 101تەكلىپ دىگەن كىتاۋى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.