دۇنياۋى مەتبۇئاتتا ئۇيغۇرنىڭ گېپى(ئابباس مونىياز )

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-14 04:10:53

دۇنياۋى مەتبۇئاتتا ئۇيغۇرنىڭ گېپى ئابباس مونىياز ئۇيغۇر دىگەن قىزىق خەق ، بىرەر خەۋەر ياكى ھۆكۈمگە تېزلا ئىشىنىپ كىتىدۇ ، ئالدىراپ شادلىنىپ ئىتتىكلا خاپا بولىدۇ . مانا مەن شۇنداقلارنىڭ تىپ...

    دۇنياۋى مەتبۇئاتتا ئۇيغۇرنىڭ گېپى

     

    ئابباس مونىياز

         ئۇيغۇر دىگەن قىزىق خەق ، بىرەر خەۋەر ياكى ھۆكۈمگە تېزلا ئىشىنىپ كىتىدۇ ، ئالدىراپ شادلىنىپ ئىتتىكلا خاپا بولىدۇ . مانا مەن شۇنداقلارنىڭ تىپىدىن . بىر چاغلاردا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيىپ ، نوقسانلىرىنى سۆكىدىغان ماقالىلەر ئۇۋىسى چۇۋۇلغان ھەرىلەردەك بەس - بەستە ئېلان قىلىنىپ چىقىۋىدى ئەجەپ ناچار مىللەتكەنمىز دەپ ئۆزۈمدىنمۇ رايىم سوۋۇپ كەتتى . ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇيغۇرلارنى ئاقلايدىغان ۋە ماختايدىغان ماقالىلەرنى كۆرۈپ ئەسلى ئېسىل بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىزگە ئىشىنىپمۇ قالدىم . بۇ قارىشىمنىڭ يەنە ئۆزگىرىدىغان ياكى ئۆزگەرمەيدىغانلىقىغا بىر نىمە دىيەلمەيمەن ، ئەمما ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارىشىم ئۈمىدۋارلىق قىرىغا مايىللىشىپ كىتۋاتقاندەك قىلىدۇ . بۇ مەندىكى ياخشى يۈزلىنىش بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن ، بۇ يۈزلىنىشنىڭمۇ سەۋەبى بار ئەلبەتتە .

       << دۇنياۋى مەتبۇئاتتا ئۇيغۇرنىڭ گىپى» ، ئاڭلاپ بېقىڭا ، نىمىدېگەن قالتىس خەۋەر -ھە ! دەل مۇشۇ خەۋەر مېنى ئۈمىتلەندۈردى . بىز دىگەن چەتئەللىكلەرنىڭ ئۆزىمىزگە بەرگەن باھاسىغا ئالاھىدە قىزىقىدىغان خەق ، ماختىسۇن ياكى تىللىسۇن ئۇيغۇرنىڭ نامى خەلقئارادا تىلغا ئېلىندىمۇ ، مۇشۇنىڭ ئۆزى ئاجايىپ زور ئىش ، پۈتۈن دۇنيا بىزگە دېققەت قىلدى دىگەن گەپ .

           ئەسلى گىپىمگە كەلسەم ، چەت ئەل تىلى ئۈگەنگىنىم ئۇچۇرغا بولغان قىزىقىشىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى . مۇشۇ قىزىقىشىمنىڭ تۈرتكىسىدە چەت ئەل يېزىقىدا چىقىدىغان ئىككى نەشىر ئەپكارىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئىككى پارچە ماقالىسىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى . ماقالە مېنى بەكلا جەل قىلغان بولغاچقا قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىشقا ئالدىرىدىم . مەزكۇر ماقالە خەلقئاراغا ئوچۇق تارقىتىلىدىغان ، تراژى ئەڭ كۆپ ۋە داڭلىق << مەنسەپ مەدەنىيىتى >> ھەپتىلىك ژورنىلىنىڭ يېڭى يىللىق تۇنجى سانىدا ئېلان قىلىنغان ، ماقالىنىڭ ئاپتورى دۇنياغا مەشھۇر مەنسەپشۇناس ئالىم ، پىسخولوگ ، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تەتقىقاتچىسى جېك ھونتېر ئەپەندى . ماقالە ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا خەلقئارادا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان بولۇپ ئۇيغۇرلار ئېتىقاد كىرزىسىگە يېقىنلىشىپ ، ھەممىلا يەرنى ئۈمىتسىزلىك كەيپىياتى قاپلىغان مۇشۇ كۈنلەردە ، ئۇيغۇرلارغا يۇقىرى باھا بىرىلگەن مەزكۇر ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئالەمشۇمۇل ئەھمىيەتكە ئىگە .

    ماقالىدە مۇنداق دىيىلگەن :

            كەمىنە مەنسەپشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن ئۇزاق يىل شۇغۇللىنىپ ، تۈرلۈك ئىرق ۋە مىللەتلەرنىڭ مەنسەپ پىسخىكىسىنى پۇختا ئىگىلىگەن ھەم بۇ خۇسۇستا بىر قاتار چوڭ ھەجىملىك ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان بولساممۇ ، لېكىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئەتراپلىق ئويلىنىپ باقمىغانكەنمەن ، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ، بولۇپمۇ ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن « 11 - سېنتەبىر»تىرورلۇق ۋەقەسىدىن كىيىن «ئۇيغۇر»دىگەن بۇ مىللەت دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئېغىزىدا پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئىلگىرى غىل - پال ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان بۇ نام ئەمدى تېخىمۇ كۆپ ئاڭلاندى . بۇ مىللەتكە سەل قارىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ بۇرۇن باشلىغان تەتقىقاتىمنى دەرھال قولۇمغا ئالدىم . بىرىنچى ئىشىم ئۇلارنى تەكشۈرۈش ، كۆزىتىش ئىدى . مۇشۇ جەرياندا قايىللىق ۋە ھەيرانلىقىم ھەسسىلەپ ئاشتى . خېلى ئۇزاق تاتقىق قىلىشتىن كىيىن شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىمكى ، بۇ مىللەتتىكى «مەنسەپ پىسخىكىسى بايلىقى» راستىنلا كۆمۈلۈپ قاپتۇ ، مەنسەپ تۇتۇشقا بۇ قەدەر ماھىر مىللەت دۇنيادا تېخى يوقكەن ، مەنسەپشۇناسلىق ساھەسىدە ئۆزۈم ماختاپ كەلگەن ئېنگىلىز ، نېمىس كەبى مىللەتلەر بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدىكەن . ئىلگىرى ئالدىراپ يەكۈن چىقارغىنىم ئۈچۈن تولىمۇ خىجىلمەن .

        ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ، پارلاڭ مەدەنىيەتكە ئىگە ، پاراسەتلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىشەنچ بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ مەنسەپ تۇتۇشتىكى تەڭداشسىز ماھارىتىنى تىزىس شەكلىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن :

    1. ئۇيغۇر مەنسەپدارلىرى ئىنتايىن ساداقەتمەن

    ساداقەتمەنلىك - دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىن تېپىشقا بولىدىغان ئېسىل خىسلەت . شۇنداقتىمۇ ، ئۇيغۇرلارنى بۇ جەھەتتە ھېچقانداق بىر مىللەتكە سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ . ئاتا - ئانىسىغا ، قەۋم - قېرىنداشلىرىغا ، ئىمان - ئېتىقادى ۋە يۇرت ۋەتەنگە سادىق بولالمىغان تەقدىردىمۇ ، ئەمەل مەنسەپكە سادىق بولۇش ئۇلارنىڭ مۇھىم بىر ئارتۇقچىلىقى . بۇ ئەلدە ئەمەلدار سايلانمايدۇ ، بەلكى تەيىنلىنىدۇ . دېمەك ، ھەر بىر مەنسەپدارنىڭ ئارقىسىدا ئۇنى تەيىنلەيدىغان ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئەمەلدار بولىدۇ . شۇڭا ئۇلار ئۆز ئەمىلىگە سادىق .

          ئەمەلگە سادىقلىق - ماھىيەتتە ئادەمگە سادىقلىق . ئۇيغۇر مەنسەپدارلىرىنىڭ چوڭىدىن - كىچىكىگىچە ئەمىلىگە شۇ قەدەر سادىق بولۇشتىكى مەقسىدى ۆزلىرىگە مەنسەپ ھەدىيە قىلغان كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن ، بىر ئۆمۈر ئۇلارنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدۇ . ھەممە ئىشنى ئۇلارنىڭ قاش - قاپىقىغا قاراپ قىلىدۇ . < ئاش بەرگەن قازاننى چاقماسلىق > ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك دەستۇرى بولغىنى بىلەن ، تەيىنلىگۈچى بىر قېتىم << ئاش بەرگەن >> باھانە بىلەن كىيىنكى ئىز باسار مەنسەپدارلارنىڭ كۆزىچىلا ھەر قانداق يوچۇقلارنى ئېچىپ خالىغان ئىشلىرىنى قىلالايدۇ ، مەنسەپدارلار بۇنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدۇ . بۇ ھال بىزنىڭ بۇ ئەلدە دەل ئەكىسچە ! بىزنىڭ بۇ ئەلدىچۇ ؟ سايلام دەپ ئاي - ئايلاپ تالىشىپ كىتىمىز ، سايلاپ چىققان ئادىمىمىز ئۆز يېقىنلىرىنى ئىشقا قويىدۇ . ئارىدىن بىر كۈن ئۆتە ئۆتمەيلا ، تەيىنلەنگەن كىشىلەر تەيىنلىگەن شاپائەتچىللىرىگە دۈشمەن بولۇپ مۇشت كۆتۈۈپ چىقىدۇ . ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز نەپسىنى قاندۇردى دەۋاتقان ، ئومۇمنىڭ پۇلىنى بۇزۇپ چاچتى دەۋاتقان ، ئاشنا ئويناپ كەتتى ، ھەتتا بىكار ۋاقتىدا ئىت ئويناتتى ....... دىگەن ، ۋاي - ۋۇۇۇيي ... تەيىنلەنگەن بۇ مەنسەپدارلارنىڭ دىمەيدىغىنى يوق ، بەزىسى تېخى ئىستىپا بىرىمەن دەپ ئۈستەل مۇشلاپ كىتىدۇ ، ئۇلارنىڭ كۆرسىتىدىغان يوغان سەۋەبى < دۆلەپ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىق ئۈچۈن > بولىدۇ ، لېكىن زىيان تارتىدىغىنى ئۆز يېقىنى - < ئاش بەرگەن قازىنى > بولۇپ چىقىدۇ . ئۇنىڭ خەلقىئالەم ئالدىدا يۈز ئابرويى تۆكۈلىدۇ . پۇقرالارنىڭ لەنەت نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ . بۇ ، ۋاپاسىزلىق ، ئۆتۈپ كەتكەن ھاماقەتلىك - دە ئەلبەتتە !

    لېكىن ئۇيغۇر مەنسەپدارلىرى ئارىسىدا بۇنداق ئىشلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ . بۇنىڭ ئۆزى ۋاپا ، ئۇلارنىڭ مۇشۇ پەزىلىتىنى ئالاھىدە تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ .

    2. پرىنسىپال ۋە ئېھتىياتچان بولۇش ئۇيغۇر مەنسەپدارلىرىنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى

         بۇ ئىككى ئالاھىلىكنى مەنسەپشۇناسلىقنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىگە تەدبىقلاپ چۈشەندۈرۈشكەبولسىمۇ ، ئۇيغۇرلاردا ئاساسلىقى ھوقۇقنى قېرىنداشلىرىغا يۈرگۈزۈشتە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ . يەنى ، ئۇلار ئۆزىگە بىرىلگەن مەنسەپنى قانۇن دائىرىسىدە تولۇق يۈرگۈزۈپ ، قېرىنداشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان بىلەن ، مەنسىپىنىڭ كۈچ قۇدرىتىنى ئۇلارغا ۋاقتى - ۋاقتىدا كۆرسۈتۈپ تۇرۇشنى ناھايتى پىششىق بىلىدۇ . ئۇلار ھوقۇقىنىڭ دائىرىسىدە بولسىمۇ ، لېكىن ئۆزىنىڭ قىلىشقا كۆزى يەتمىگەن ، قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا كەلگەندە ناھايتى پرىنسىپال . چىڭىغا چىقىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ، سەل نازۇكراق ئىش بولسا < سىياسەتنىڭ روھى بويىچە ئىش قىلمىساق بولمايدۇ > دەپ قەتئىي بېجىرمەيدۇ . قېرىندىشىمكەن ، بىلىشىدىكەنمىز دەپ يۈز خاتىرە قىلىپ ئولتۇرمايدۇ ، ھەتتا ئۇلارنى ئاي - ئايلاپ مېھمان قىلىپ ، دوست - تونۇشلاردىن بولۇپ كەتسىڭىزمۇ بەرىبىر ، < قىلالمايمەن > دېمەسلىك ، ئەمما قەتئىي قىلالماسلىق ئۇلارنىڭ ئېسىل خىزمەت ئىستىلى . قولىدىن كېلىدىغان ئېشلاردا ئۇلار تولىمۇ .ئېھتىياتچان ، بۇنداق چاغلاردىمۇ ئۇلار < قېرىندىشىمكەن > دەپ مۇھىم ئېغىزىنى ئاسانلىقچە قويۋەتمەيدۇ . بۈگۈن بېجىرىشكە تېگىشلىك ئىشنى ئەتىگە ، ئەتىكى ئىشنى كېلەر يىلغا سوزۇپ ، ئۆز قەۋمىنىڭ ئىرادىسىنى < سىنايدۇ > . مۇشۇنداق چاغلاردا ھەتتا بەزى كىشىلەر < ئەتە كېلىڭ > ، < ئۆگۈن كېلىڭ > دېگەن گەپتىن زېرىكىپ قىلماقچى بولغان چوڭ - چوڭ ئىشلىرىدىن ۋاز كېچىدۇ . دېمەك ، ئۇلار سىناقتىن ئۆتەلمەيدۇ ، بۇنداق ئىرادىسى بوشلارنىڭ ئىشىنى بېجىرمەيلا قويغان تۈزۈك . بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز ئۇلاردىن ئۈگىنىشى ، ئۇلار ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان پرىنسىپاللىق ۋە ئېھتىياتچانلىقنىڭ مەنە دائىرىسىنى تەتقىق قىلىپ بېقىشى لازىم .

    3. «پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال ، ئاغىرمىسا كىشىگە»دېگەن ماقال دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلاردا بارلىققا كەلگەن

          بۇنداق دېسەم ، بىزنىڭ ئەلنىڭ كىشىلىرى ھەيران قېلىشى مۇمكىن ، ئەمما بۇ قىلچە مۇبالىغا قىلىنغان گەپ ئەمەس ، ئۇيغۇر مەنسەپدارلىرى بۇ ماقالنى ئاللىبۇرۇن خىزمەت ئەمەلىيىتىگە تەدبىقلاپ ، قېرىنداشلىرىنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشكەن . بۇنىڭغا ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى كۆنۈك . << پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال ، ئاغىرمىسا كىشىگە >> دېگەن ماقال ئەلدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقىنى ئۈچۈن ، ئۇيغۇر مەنسەپدارلار ئەمەل پىچىقىنى ئالدى بىلەن ئۆز قېرىنداشلىرىغا سالىدۇ . قېرىنداشلىرىدىن ئەكىس سادا چىقمىغاندىن كېيىن ، ئاندىن ئۆزگىلەرگە يېقىنلاشتۇرۇپ بېقىشقا ئۇرۇنىدۇ . ( دېققەت قىلىش كېرەككى ، ئۆزگىلەرگە سالىدۇ ئەمەس ، يېقىنلاشتۇرۇپ بېقىشقا ئۇرۇنىدۇ ) . يەنى ، گەپنىڭ ئاچچىق - سېسىقىنى قېرىنداشلىرىغا قىلىدۇ ، ئىشنىڭ ئېغىرىنى قېرىنداشلىرىغا بېرىدۇ . بارلىق سىناق ، قۇربانلىقلارنى قېرىنداشلىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىدۇ .... بۇنداق ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ مەنسەپ پىچىقى ئىنتايىن ئىتتىك ، ھەتتا قانۇن يول قويغان < ئىتتىكلىك > دائىرىسىدىنمۇ ھالقىپ كېتىدۇ . قۇرۇق ئۇستىخان گەۋدىلەرگە تولا سېلىنىپ ، بىسى يانغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆزگىلەر ئېسىگە كېلىدۇ بۇ پىچاقنىڭ . بىلىش كېرەككى ، بۇ پىچاقنى ئۆزگىلەرگە يېقىنلاشتۇرۇپ بېقىش توغرىسىدا باش قاتۇرۇلۇۋاتقاندا پىچاق ئىشلىتىشنىڭ ئاللىقاچان زۆرۈرىيىتى قالمىغان بولىدۇ . قاراڭ ، ئۇلار قالتىسمىكەن !؟ << ئۆزگىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىش ئەڭ زور كىشىلىك ئەخلاق >> دىگەن سەپسەتىنى كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان مەنسەپدارلىرىمىزغا ئۇ يەرلەردىكى يېڭىلىقلارنى كۆرۈپ بېقىشنى ، ئەڭ ياخشىسى ، ھەممىنى < ئۆز > ىدىن باشلاپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .

    4. ئۇيغۇرلار تەڭ ھوقۇقلۇق مەنسەپدارلار بىر - بىرىنى چەكلەپ ۋە نازارەت قىلىپ تۇرۇشقا ماھىر

           گەپنىڭ دەسلىپىدىلا دەپ قويىدىغىنىم ، ئۇ ئەلدە بىزنىڭكىگە ئوخشاش«ئۆكتىچى پارتىيە»، «ئاۋام پالاتاسى»، «كېڭەش پالاتاسى»دېگەندەك كېلەڭسىز ۋە بىر - بىرىنىڭ خىزمىتىگە توسقۇن بولۇپ تۇرىدىغان ئۇقۇم ، ئاپپاراتلار يوق . پەقەت «يولداش»، « سىلى ئۆزلىرى»دېگەندەك سىلىق تەكەللۇپ سۆزلىرى بار . يەنە ئەدەپ ۋە ھۆرمەت يۈزىسىدىن بىر - بىرىنى پۇستانى نازىر ، پالانى ھاكىم ، پوكۇنى بۆلۈم باشلىقى .... دەپ ، ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا مەنسەپ نامىنى قوشۇپ ئاتايدۇ . ھەتتا ئۆزىدىن باشقا خىزمەتچى خادىمى يوق ئەڭ كىچىك بىر ئىشخانىنىڭ مەسئۇلىنىمۇ ئەمەل نامى بىلەن قوشۇپ ئاتايدۇ .

           كىچىك مەنسەپدارلارنىڭ ئۆزىدىن يۇقىرى ئورۇندىكى مەنسەپدارلارنى ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇنىڭ ھەر ئېغىز گېپىگە شەرتسىز بويسۇنۇشۇ ئۇ ئەلدىكى ئەقەللى مەقسەت ئەخلاقى . لېكىن ، تەڭ دەرىجىلىك مەنسەپدارلارنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭغا سەل ئوخشىمايدۇ . باشتا دېگىنىمدەك ، بۇنداق مەنسەپدارلار ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىمۇ تەبىي ھالدىلا بىر - بىرىنى چەكلەپ ۋە نازارەت قىلىپ تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن . ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى ، ئۇلار بىر - بىرى بىلەن دۈشمەنلىشىپ كەتكەن ھالەتتىمۇ ( ئۇلارنىڭ خۇشخۇي مۇئامىلە قىلىشىپ يۈرۈشىدىن بۇنداق ئەھۋالنى سېزىش تەس .يەنىلا ئۆز ئارا بىر - بىرىنى << باشلىق >> دىيىشىپ ، ئەمەل نامى بىلەن ئاتىشىدۇ . بۇ بىزنىڭ ئەمەلدارلىرىمىزنىڭ كۆڭلىدە نىمە بولسا يوشۇرمايلا دەۋېتىش ، بىر - بىرىگە تەكەللۇپسىز سوغۇق مۇئامىلە قىلىشلىرىدىن نەقەدەر روشەن پەرق قىلىدۇ - ھە !

          ئۇيغۇرلاردىكى تەڭ دەرىجىلىك مەنسەپدارلارنىڭ ئەڭ قىممەتلىك يېرى ، ئوچۇق قارشى چىقماسلىق ، ئەمما بىر - بىرىنى زادىلا ئېتىراپ قىلماسلىقتا . ئۇلار تەكەللۇپقا ۋە << بولىدۇ >> دىيىشكە ئامراق ، < سىلىدىن قابىليەتلىك ئادەم يوق > دېگەن گەپنىمۇ ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدۇ . بىراق ئۆزىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردىكى مەنسەپدارلارغا ھېچكىمنىڭ ياخشى گېپىنى قىلمايدۇ . ئەكىسچە ، ئاۋۇ ئۇنداق قىلىپ كەتتى ، ماۋۇ بۇنداق قىلماقچى .... دەپ دوكلات قىلىپ ، بىر - بىرىنى يۈرەكئالدى قىلۋېتەلەيدۇ . نەتىجىدە ھېچقايسى دادىل ئىشلىيەلمەيدۇ . ئۇ ئۇنىڭدىن ، بۇ بۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ ، ئەنسىرەپلا ئۆتىدۇ . بۇنداق ئاڭلىق نازارەت قىلىش ئۇسۇلى دۇنيادا ھەقىقەتەن كەم ئۇچرايدۇ . بىزدىكى << ئۆكتىچى >> دەپ ئوچۇق مەيدانغا چىققانلارمۇ ئۇلاردەك ھەممىنى دوغا تىكىپ ، بىر - بىرىنى نازارەت قىلىپ كېتەلىشى ناتايىن . مېنىڭچە نازارەت قىلىش ئەنە شۇلارنىڭكىدەك مەدەنىي ، مەخپىي ، ماجراسىز ، ۋە قاتتىق بولغىنى ياخشى . شۇندىلا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر خىزمەتنى خاتىرجەم ئىشلىيەلەيدۇ . << ئۆكتىچى >> ، << مۇتەئەسسىپ >> ، << رادىكال >> ........ دېگەن مۇجمەل ئۇقۇملار مەۋجۇت بولمايدۇ . تېخىمۇ مۇھىمى مەخسۇس نازارەت ۋە چەكلەش ئاپپاراتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن << ئاۋام پالاتاسى >> ۋە << كېڭەش پالاتاسى >> دېگەندەك بىر - بىرىگە توسقۇن بولىدىغان مەنمەنچى ئورۇنلار ئۈزۈل - كېسىل يوقىلىدۇ .

    5. ئۇيغۇر مەنسەپدارلىرىنىڭ ۋەزىيەتكە قاراپ ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكى بار

         ۋەزىيەت ئۇ ئەلدىكى ھەممىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل . شۇڭا ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇش ، ئۇنىڭ خارەكتىرىنى چۈشىنىش - كىشىلەرنىڭ ساپاسى ، تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ بەخت ۋە مۇۋاپىقىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئاچقۇچلۇق مەسىلە . ۋەزىيەتنى چۈشىنىپ ماڭغانلار ئۆز يولىنى تېپىپ ، بايلىق يەنە مەقسەت ، نام - شۆھەت ..... قىسقىسى ھەممىگە ئېرىشەلەيدۇ . ۋەزىيەتنى ۋاقتىدا تونۇپ يېتەلمىگەنلەر مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيدۇ .

        بۇ ئاددىي قائىدىنى ھەممىدىن بەك بىلىدىغانلاريەنىلا ئۇيغۇر مەنسەپدارلىرى . ئۇلار << ماسلىشىش پىسخىكىسى >> نى يېتىلدۈرگىنى ئۈچۈن ھەر قانداق ۋەزىيەتنى ئالدىن كۆرەلەيدۇ . ھەر بىر ئېغىز سۆزىدىن ۋەزىيەت پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ . ھەر قەدىمى ۋەزىيەت شامىلىنىڭ يۆنىلىشى تامان بېسىلىدۇ بۇ تېخى ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنىڭ ھادېسە تەرىپى . ئەڭ مۇھىمى شۇكى ، ئۇلار ۋەزىيەت ئېھتىياجىغا ماسلىشىش بىلەن بىرگە ، روھى دۇنياسى ، ھەتتا ئېتىقادىنىمۇ ۋەزىيەت تەقەززاسىغا ئويغۇن ھالدا ئۆزگەرتىپ تۇرالايدۇ . قىلۋاتقىنى قانۇنغا خىلاپ ئىش بولغان تەقدىردىمۇ ۋەزىيەت ، سىياسەت ئېھتىياجى ئۈچۈن لەۋزىنى ئۆزگەرتىپ ، قەۋم - قېرىنداشلىرىغا ، يۇرت خىەلقىگە باشلامچى بولۇپ ئازار بېرەلەيدۇ . خەلقى ئۈچۈن سالغان بىر قېتىملىق تەستىقى ئۆتمىسە ئۇنى سۈرۈشتە قىلىشنىڭ ئورنىغا قايتا - قايتا تەستىق سېلىشقا ئادەتلەنگەن . تەستىقى زادىلا ئۆتمىسە ، ئاجىزلىقىغا تەن بىرىشنىڭ ئورنىغا << ۋەزىيەت مۇشۇنداق ئوخشايدۇ >> دەپ قاراپ ، قېرىنداشلىرىنىڭ ھەر قانداق ئىلتىماسىغا << قوشۇلمايمەن >> دىيىشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىمۇ بار . ئۇلارنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى شۇكى ، << قانۇن بويىچە ئىش قىلىمەن >> دەپ پرىنسىپقا جاھىللىق بىلەن ئېسىلۋالمايدۇ ، ئالدىنقى مەنسەپدارلار بېكىتكەن پىلاننى كېيىنكى مەنسەپدارلار ئەزمىلىك بىلەن راۋانلاشتۇرۇپ يۈرمەيدۇ . ھەر بىرسى ئۆز ئالدىغا پىلان تۈزىۋېرىدۇ . ئالدىنقىسىنىڭ پىلانىنى دادىللىق بىلەن بۇزۇپ تاشلىيالايدۇ . تېخىمۇ ئەھمىيەتلىكى ، ئۇلار ھەر قانداق ۋاقىتتا ۋەدە ، يوليۇرۇقلىرىدىن يېنىپ ، ئۆزىنى يېڭىچە ۋەزىيەت ئۆزگۈرۈشلىرىگە ماسلاشتۇرالايدۇ . ھەركىتىدىنلا ئەمەس ، روھ ، ئىدىيە ، ھەتتا ئۆمۈر بويى شەكىللەندۈرگەن ئىمان ۋە مەپكۇرىسىنىمۇ ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتەلەيدۇ . زامان تەقەززا قىلسا ، قىلچە ئىككىلەنمەستىن قېرىنداشلىرىدىنمۇ ۋاز كېچەلەيدۇ . بۇ بىزدىكى << قانۇن ھەممىدىن ئۈستۈن >> ، << ھەققانىيەت خەلقتە >> دەيدىغان قاتمال مەنسەپ قارىشىدىن نەچچە ھەسسە ئەلا ماسلىشىش ئەمەسمۇ .

    6. ئەڭ كەسكىن مەنسەپدارلارمۇ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش قىلمايدۇ .

        ئۆز بېشىمچىلىق بىزدىكى ئەڭ يامان ئىللەت . پرېزىدېنتلىرىمىزدىن تارتىپ كىچىككىنە بىر كارخانىنىڭ دېرىكتورلىرىغىچە << مۇستەققىل ، ئىجاتچان ، دادىل >> دېگەننى باھانە قىلىپ ھە دېسىلا يەڭگىللىك بىلەن تەدبىر تۈزىدۇ ، ھۆكۈم چىقىرىدۇ ، بۇيرۇق بېرىدۇ . << دۆلەت مەنپەئەتىگە ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىساق بولدى >> دەپ كاللىسىغا كەلگەنچە ئىش قىلىپ ، ئەتراپتىكىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا سەل قارايدۇ . << ئويلىنىپ باقاي ، مەسلىھەتلىشىپ كۆرەي >> دېگەن گەپ ئۇلارغا يات . بىر ئىشقا يولۇقسا << ھەل قىلايلى >> ئەمەس ، << ھەل قىلىمەن >> دەپلا كېسىۋېتىدۇ . ھەتتا نەق مەيداندىلا ئىش بېجىرىدۇ . بۇ دۆلەت ، كارخانىلار ئۈچۈن زىيانلىق قىلمىشتۇر .  بۇ يەردە سۆيۈنۈش بىلەن جاكارلايدىغىنىم ، ئۇيغۇر مەنسەپدارلار بۇنداق ئىللەتتىن تامامەن خالىي ، ئۇلار ھەر قانداق ئىشقا مەسئۇلىيەتچان ، ئۆز ھوقۇقى دائىرىسىدىكى بارلىق ئىشلاردا ئۆز بېشىمچىلىق قىلمايدۇ . باشقا مەنسەپدارلارنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىش - ئۇلاردىكى ئەڭ گۈزەل مەنسەپ ئەخلاقى . ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ قالسىڭىز ، ھەر قانداق مەنسەپدار << بۇ ئىش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ >> دېمەيدۇ . لېكىن بىرەرسىمۇ << مەن بېجىرىپ بېرەي >> دېگەن گەپنىمۇ قىلمايدۇ . ھەممىسى دىيىشۋالغاندەكلا << مەسلىھەتلىشەيلى ، مۇزاكىرە قىلىپ باقايلى >> دېگەن دادىل جاۋابنى بېرىدۇ . ئۇلار ئارىسىدىكى ئەڭ كەسكىن ، كېسەر پىچاق باشلىقلارمۇ << شۇجى بىلەن مەسلىىھەتلىشىپ ئاندىن جاۋاپ بېرەي .. >> دېگەن دادىل جېۋابنى بېرىپ ، باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىشتەك ئېسىل خىسلىتىنى نامايەن قىلىدۇ . مەسلىھەتلىشىپ كۆرەي دېگىنى سوراپ باقاي دېگىنى ، بىرسى يەنە بىرسىدىن سوراپ ، پىكىر بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن ئىش ھەل قىلسا نېمىدېگەن بىخەتەر - ھە ! قېنى بىزدىكى مەنسەپدارلاردا مۇشۇنداق ئۆملۈك ، ھەمكارلىق روھى بارمۇ ؟!!!!

    7. ئۇلار ھۆرمەت قىلىشنىمۇ ، ئۆزىنى كۆرسىتىشنىمۇ بىلىدۇ

        بىزنىڭ بۇ يەردىكى مەنسەپدارلارنىڭ بىر ئاجىزلىقى - چوڭ - چىكىك ھەممىنى ئۆزى بىلەن تەڭ كۆرۈپ تۇرۇۋالىدۇ . پرېزىدېنت تىلەمچىلەر بىلەن ئولتۇرۇپ تاماق يەپ كېتىدۇ تېخى . ئەرزىمەس بىر ئوقۇغۇچى دۆلەت باشلىقلىرىغا مەسلىھەت كۆرسۈتۈپ كېتىدۇ . بۇنىڭ ئۆزى ياراشمىغان باراۋەرلىك بولماي نېمە . ھەر كىم ئۆزىگە ئوخشىشى ، ھەم ئۆز ئۆزىنى تېپىشى كېرەك . مانا بۇ مەسلىنى ئۇيغۇر مەنسەپدارلار ناھايتى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغان . ئۇلار تۆۋەندىكىلەرنى كۆرگەندە ئىنتايىن پرىنسىپال ۋە قاتتىق قول ، بۇنداق چاغلاردا ئۇلار ئىشلىگەن خىزمەتنىڭ >ۇختىلىقىدىن شامال ئۆتۈشمەيدۇ ، بولىدىغان ئىشلارنىمۇ بولمايدىغانغا ، ياخشى ئىشنى يامانغا چىقىرىپ ، كىچىك بىر مەنسەپدارلارمۇ پۇقرالارنى ئەتراپىدا پەرۋانىدەك پېقىرتىۋېتەلەيدۇ . ھە دېگگندىلا << نو!! >> دەپ ۋاقىراپ ، قەۋم - قېرىنداشلىرىنىڭ بۇرنىدىن بۇلاق چىقىرۋېتىدۇ ، ھەممىنى << سۇبھاناللا !!! >> دېگۈزۋېتەلەيدۇ ، بۇ چاغلاردا ئۇلار گويا بىر ئەۋلىياغا ئايلىنىدۇكى ، مانا بۇ ھەقىقى مەنادىكى ئۆزىنى كۆرسىتىش . لېكىن ئۇيغير مەنسەپدارلارنى گەپ يېمەيدىغان ، باغرى تاش ئادەملەرمىكىن دەپ قالماڭ ، ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن چوڭ مەنسەپدارلارنىڭ ئالدىدىكى قىياپىتىنى كۆرسىڭىز ، دۇنيادا ئۇلاردەك ياۋاش ، ئاقكۆڭۈل ، ۋە كىچىك پېئىل ئادەملەرنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلىسىز ، بۇنداق چاغدا ئۇلار ھەممىگە << ماقۇل >> لا دەيدۇ ، باشلىقنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن قۇرت يېگەن ئېزىق چىشلىرىغىچە كۆرسىتىپ كۈلىدۇ ، تولا غادايغىنىدىن ئالدىغا تومپىيىپ چىقىپ كەتكەن قورسىقىمۇ بىردىنلا ئىچىگە تارتىلىپ ، ئۇلارنىڭ كامالەكتەك ئېگىلىشىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدۇ . مانا بۇ پەرقلىق مۇئامىلە ، ھەر كىم ئۆز ئورنىنى تېپىشى كېرەك دېگەن قائىدە دەل مۇشۇ مانا ، بۇ يەردە مېنىڭ ئىزاھلاپ قويىدىغىنىم ؛ ئۇيغۇر مەنسەپدارلىرى مۇشۇنداق ئېسىل خىسلەتكە ئىگە بولغىنى ئۈچۈن پۇقرالىرى ئۇنى << پۇرسەتپەرەس >> دەپ ماختىشىپ كىتىدىكەن ، بۇ دېگىنى بىزچە << ئۆزىنى بېغىشلاش >> ، << رېئاللىققا ماسلىشىش >> دېگەنلىك . بىزنىڭ ئىچىمىزدىمۇ مۇشۇنداق ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان مەنسەپدارلىرىمىز بولىدىغان بولسا بىزمۇ ماختىماي قالارمىدۇق ..... ؟!!!!

    8. مەنسەپدارلىق رىقابەت ئېڭى ئىنتايىن كۈچلۈك

         مەنسەپنى رىقابەت ئارقىلىق تالىشىش دۇنياۋى ھادىسە . بىزنىڭ بۇ ئەلدە مەنسەپ ئۈچۈن ھەممىنى دوغا تىكىپ ، ئاپئاشكارە ئوتتۇرغا چىقىمىز . يۇرت - يۇرتلارغا بېرىپ ئۆزىمىزگە ئاۋاز توپلايمىز ، خەلققە نېمىلەرنى قىلىپ بېرىدىغانلىقىمىز ھەققىدە تالاي ۋەدىلەرنى بېرىپ كىتىمىز . مەلۇم پارتىيە گورۇھ بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشۇپ يىغىلىش ئۆتكۈزىمىز ، رىقابەتچىمىز بىلەن جامائەت ئالدىدىلا مۇنازىرىلىشىمىز . لېكىن ، ئۇيغۇرلاردا بۇنداق يامان ئادەت يوق . ئۇلار ھە دېسىلا ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىپ يۈرمەيدۇ قىلمىغان ئىش ئۈچۈن ۋەدىمۇ بەرمەيدۇ . مەقسەت رىقابىتى تېخىمۇ قالتىس بۇلارنىڭ ، ئۇلارنى خەلقى ئەمەس باشلىقى سايلايدۇ . سايلايدۇ دېگىنىم نېمىسى ، تەيىنلەيدۇ ! مانا مۇشۇ يېرى ئۇلارنىڭ رىقابەت ئېڭىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ، مەنسەپدارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن << ئىشىنىش ۋە چۈشىنىش >> شەرت بولغانلىقتىن ئۆستۈرگۈچى بىلەن ئۆسكۈچى زىچ ئالاقىدار بولىشى ، مۇناسىۋەتنى زور دەرىجىدە يېقىنلاشتۇرىشى كېرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار پىكىردە ، قاراشتا ، ھەركەتتە ، تاماقتا ، ئويۇن - تاماششا ......... دا بىرگە بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ . بىز بۇ يەردە ياشاپ بىلمىگەن بىلەن ، يۇقىرقى شەرتلەرنى ئورۇنداش تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە مۈشكۈل ، يەنە كېلىپ بۇ شەرتلەرنىڭ ھەممىسى مەدەنىي ۋە خۇپىيانە يول بىلەن ھازىرلىندىغان بولغىنى ، مەنسەپنى خەلق ئەمەس مەنسەپدارلار بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن رىقابەت ھەددى - ھېسابسىز كەسكىن . بىزدە بىر يىل سايلىنالمىسا كېلەر يىل يەنە قايتا رىقابەتكە چۈشۈش ئادىتىنىڭ ئەكىسچە ئۇلاردا قايتا - قايتىلاپ رىقابەتلىشىش پۇرسىتى بولمايدۇ ، بىر ئورۇنغا بىر ئادەم شۇنداقلا چىقىپ قالدىمۇ ، بولدى ، ئۇنىڭ باشقا جايغا ئۆسۈپ ئۆرۇن بىكارلىشىنى ساقلىسىڭىز سىزنىڭ يېشىڭىز << ئۆستۈرۈش ياش چېكى >> ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ - دە ، بىر ئۆمۈر شۇ پېتىڭىزدە قېلىۋېرىسىز . بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك ؟ جاۋاپ بىرلا ؛ ئەمەل ئۈچۈن ئار - نومۇس ، ۋىجدان ، غورۇر ،،،،،، ئىشقىلىپ ھەممىدىن ۋاز كېچىش كېرەك !  مەن تەكشۈرۈش داۋامىدا ، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئەمەل ، مەنسەپ ئۈچۈن قۇربان بىرىش روھىغا ئىگە كىشىلەر ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم ، ھەر كېچىسى مەنسەپ ئۈچۈن چېپىپ يۈرۈيدىغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ كۈندۈزى يەنە نورمال خىزمەت قىلالايدىغانلىقىغا ھەيران بولماي تۇرالمىدىم . ئويلاپ بېقىڭا ، بۇ خىل قاتتىق رىقابەت ، بۇ قادەر ئېغىر بەدەل ئالدىدا بىزنىڭ ئەلدىكى ئاشكارا مەقسەت رىقابىتى قانچىلىك دەيسىز ..... ؟؟؟؟

    9. تۆۋەنگە چۈشكەنسېرى مەنسەپنىڭ كۈچى ئېشىپ بارىدۇ

    ( بۇنى بىزنىڭ ئەلنىڭ ئادەملىرى چۈشەنمەيدۇ ھەم چۈشىنىشكە قادىر ئەمەس ، قوبۇلمۇ قىلالمايدۇ ، شۇڭا ئايرىم كىتاب يازغاندا بۇ ھەقتە تەپسىلى ئىزاھات بېرىپ ئۆتىمەن )

    10 . دۇنيادا ھوقۇق ، مەنسەپنىڭ قەدرى بۇ قەدەر ئۆتۈلگەن مىللەتتىن ئىككىنچى بىرسى يوق

    ( ئادەمدە نېمە كەم بولسا ، شۇنىڭغىلا ئىشلىسە كېرەك . دۇنيادا بولۋاتقان ھوقۇق، مەنسەپ غەۋغاسىنىڭ ھەر قاندىقى ئۇيغۇردىن تېپىلغاندىن سىرت ، ئۇلارنىڭ يېپيېڭى مەنسەپ پەلسەپىسى پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئۆرنەك بولالايدۇ دىيىشكە تامامەن بولىدۇ . بۇنىڭ تېخىمۇ يېڭى ھاياتى كۈچكە ئىگە مەزمۇنلىرىنى يازماقچى بولغان كىتابىمدا ئاشكارىلايمەن . )

    ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دىيىلگەن :

        ئانچە تولۇق بولمىغان يۇقىرقى دەلىللەردىن شۇنى كۆرۈش مۇمكىنكى ، ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەنمۇ مەدەنىيەتلىك مىللەت ، ئۇلار ئۆزىگە خاس مەنسەپ مەدەنىيىتىگە ئىگە . ئەمدى سوراپ باقاي ؛ ئۇنداقتا ، نېمە ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالدى ؟ ئىلغارلىقنى قوغداپ ۋە ئوغىرلاپ يۈرۈپ دىگۈدەك قۇبۇل قىلىدىغان دىموكراتىك ۋە مەدەنىي ئەللەرنىڭ بۇ مەدەنىيەتنى تاشلىۋېتىشىگە يەنە قانداق ئاساسلىرى بار ... ؟ مەن خەلقئارادىكى ب د ت قاتارلىق دۇنياۋى چوڭ تەشكىلاتلارنىڭ ، ھەتتا ئامېرىكا ، ئەنگىلىيە قاتارلىق مەدەنىي دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەنسەپكە تەكلىپ قىلىشىنى ، ئۇلارنىڭ مەنسەپ مەدەنىيىتىنى دۇنياۋى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن ... ھەممىمىز ئۇيغۇرلارنى قايتىدىن تونۇيلى . مەركىزى ئاسىيانىڭ ئوت - ئاتەشلىك زىمىنىدا ياشاپ كېلۋاتقان بۇ مەدەنىي مىللەتنى ئۇنتۇپ قالمايلى .. !!

        بىز چەت ئەللىكلەرنىڭ ئۆزىمىز ھەققىدە بەرگەن باھاسىدىن بەكلا قورقىدىغان خەق . بۇ ماقالىنى ئوقۇپ مەندەك بىر تىل ھەۋەسكارى ھاياجاندىن نەچچە كېچە ئۇخلىيالمىغان يەردە ، مەنسەپ تۇتۇۋاتقانلارنىڭ زادىلا ئۇخلىيالمايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل ! .........ھەيييييي .... ھېلىمۇ ھاياجىنىمنى باسالماي تۇرۇپتىمەن ، غەزەبلىنىشىم كېرەكمۇ ؟ چەت ئەللىك يازغۇچىلارغا غەزەپلىنىشكە بولسۇنمۇ ؟ ئىككىلىنىپ تۇرساممۇ كاللامدا يەنىلا شۇ شادلىق : << دۇنياۋى مەتبۇئاتتا ئۇيغۇرنىڭ گېپى !!!! ... >>

    تۇرپان ژۇرنىلدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئۇيغۇر مىللەت