تىل كېكەچلىكى ۋە تەپەككۇر نامراتلىقى-ئاخىرقى سۆز

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-19 07:43:04

تىل كېكەچلىكى ۋە تەپەككۇر نامراتلىقى-ئاخىرقى سۆزيوقۇرقىلاردىن بىلىشقا بولىدىكى، نۆۋەتتىكى تەپەككۇر مۇھىتى ناھايىتى ئېچىنىشلىق بولۇپ، يىڭى ئىلگىرىلەش يولىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. ھەدىسىلا ھ...



    تىل كېكەچلىكى ۋە تەپەككۇر نامراتلىقى-ئاخىرقى سۆز

     

     
    يوقۇرقىلاردىن بىلىشقا بولىدىكى، نۆۋەتتىكى تەپەككۇر مۇھىتى ناھايىتى ئېچىنىشلىق بولۇپ، يىڭى ئىلگىرىلەش يولىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. ھەدىسىلا ھېسسىي مىللىي غۇرور ئارىلاشقان يەكۈن توغرا ئەمەس. ئەمدىكى نۈۋەت يىڭى پىكىر ئىگىلىرىگە كەلدى. ئەگەر يىڭىچىلارنىڭ پىكرى مۇۋاپىق بولسا  چوقۇم قوبۇل قىلىش، ھەتتا قوللاش ھەممە كىشىنىڭ ئەقەللى مەجبورىيىتى. ئۇلار ئىلگىرى قانداق ئۇسۇلدا خەلقنى قايىل قىلىۋالغان بولسا بۇندىن كىيىنمۇ يەنە شۇنداق ئۇسۇلدا خەلقنى مايىل قىلىپ، يېڭىچە تەپەككۈرنى ئۇلارغا سىڭدۈرەلەيدۇ.

     

    ھېسسىي تۇيغۇ ئادەمنىڭ ھاياجانلىنىش، ئاچچىقلىنىش، تەمەننا، تەكەببۇرلۇق، ئۆزىنى ئۈستۈن قويۇش، يۈز قاراش، تۇققۇنۇم، تونۇشۇم، دوستۇم، دوستۇمنىڭ دوستى، پالانى يەرنىڭ بىرنىمىسى دېگەندەك يىقىنىزملىق(لىبرالىزىملىق) ... قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن. ھىسىي ھۆكۈمنى ئەقىلگە، ئادالەتكە قىلىنغان ھاقارەت، زوراۋانلىق دىسەك خاتا بولمايدۇ.

     

    بەزىدە تۇيۇقسىزلا يوقۇرقى مەسىلىلەر ئۈستىدە باش قاتتۇررۇشنىڭ ئەھمىيىتى يوقتەك، بىمەنىلىكتەك ئويلاپ قالىمەن. خۇددى ئىنسانلار زامانىۋى ئۆيلەردە، ئېگىز بىنالاردا ئولتۇرسا خىمىيىلىك، فىزىكىلىق ئەكس تەسىرى بولىدىغانلىقى، خىمىيىلىك تالا، ھورمۇنلانغان يېمەكلىك ئىستىمال قىلىشى، بۇلغانغان ھاۋادىن نەپەسلىنىشى بىر خاتالىقتەك، پەقەت گەمە، ئوت - چۆپ، شاخ - شۇمبىلار بىلەن ياسالغان كەپە قاتارلىق  ئىپتىدائىي شەكىلدىكى ئويلەردە تۇرۇش بەدەنگە زىيانسىز بولۇشى توغرىدەك. شۇنىسى ئەمەلىيەت بۇنىڭغا يول قويمىدى. خەلق تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆزلىكسىز ئۆسۈشى، مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان ئىجادكار جەمىيەت بەرپا قىلىش ھەم جىمى ئىشتا ئىلمىي تەرەقىياتقا بوي سۇنۇش چاقىرىقىنىڭ تۈرتكىسىدە دۆلەت ئىچى ئىقتىسادى، ئىلىم-پەن قۇرلۇشى مىسلى كۆرۈلمىگەن يۈكسۈلۈشلەرگە ئېرىشىپ، دۇنيا بىلەن ماس قەدەمدە مىڭىش شەرتىنى ھازىرلىدى. ئەلۋەتتە، بۇ بەيگىدە شىنجاڭلىقلارمۇ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىشى شەرت.

     

    ئىنسانلارنىڭ قانائەتسىزلىكى، پائالىيەتچانلىقى ئۆزىگە پايدىلىق نەرسىلەرنىمۇ مەيدانغا كەلتۈرسە يەنە بىر تەرەپتىن بىر قىسىم زىيانلىق نەرسىلەرنىمۇ پەيدا قىلدى، ھاۋانىڭ بولغۇنىشى، پارنىك ئىفىكتى، ئۇزۇن قاتلىمىنىڭ بۇزۇلۇشى، ئىچىملىك سۇنىڭ ئازىيىشى، جانلىقلار تۈرىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى قاتارلىقلار. لىكىن، ھەر بىر ئىشنىڭ ۋۇجوتقا چىقىشى يەنە بىر خىل نەرسىنى بەدەل قىلغان بولىدۇ. كىشىلەر بەدەل تۆلىگەچكە ئىنسانىيەتنىڭ يۈكسەك مەدەنىيىتى مىسلىسىز دەرىجىدە تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئۇزىرىدى، كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئۆلۈپ كىتۋاتقانلارغا ئامال تىپىلدى، ئارىلىق قىسقىرىدى، ئۇچۇر كەسپى يەر شارىنى ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق بىر كەنتكە ئايلاندۇردى. كىشىلەر تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن بۇزغۇنچىلىقلارنىمۇ تونۇپ يىتىپ مۇۋاپىق خەلقئارالىق قارار ماقۇللاپ، تەدبىرلەرنى تۈزۈپ قۇتقۇزۇش - مۇھاپىزەت خىزمىتىنىمۇ  قانات يايدۇرماقتا. بۇ ئىنسانلارنىڭ رازىمەنلىك بىلەن تاللىشى بولۇپ، بەدەل تۆلەشتىن ئەنسىرىگەنلەر ھاياتنىڭ مەنىسىنى ھەم ئۇنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشنى بىلمەيدۇ، ئەلۋەتتە.

     

    كىشى ئۈمۈدسىزلەنگەن چىغىدا دۇنيادىكى ھەممە نەرسە بىر تىيىنغا ئەرزىگۈسىز بىلىنىدۇ. سىز شۇنداق ۋاقتلىرىڭىزدا ئېنتېرنىت تورىنى ئارىلاپ بېقىڭ. ھەر كۈنى يىڭىلىنۋاتقان ئالاقە، ئۇچۇر، ھەربىي ئىشلار تېخنىكىسى، ئالەم سانائىتى، ئۆسۈملۈك، سەھىيە، ئىقتىساد، تەنتەربىيە، سودا – سانائەتكە مۇناسىۋەتلىك يېڭىلىق، خەۋەر-ئۇچۇرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، سەرخىللىقى سىزگە دۇنيانىڭ ھەرۋاقت جىددىي رىتىم بىلەن ئايلىنۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇرىدۇ. تەرەققىي قىلغان بىلەن ئېسىل ئەنئەنىمىز يوقۇلىدۇ، دىگۈچىلەر خاتالاشقانلاردۇر.

     

    يىغىنچاقلىغاندا، نۆۋەتتىكى ئەنئەنىۋى قاراشلارنىڭ ئاسارىتىدىن يۈرەكلىك بىلەن قۇتۇلۇپ تەپەككۇرىمىزنى ھۆرلىككە چىقىرىشىمىز، ئەركىن قويۋىتىشىمىز زۆرۈر. بۇ پەقەت مېنىڭ ئېغىزىمدىكىلا گەپ بولماي نەق مۇشۇ كۈنىمىزدە ھەممىمىزنىڭ كۆز ئالدىدا مەۋجۈت بولۋاتقان پولاتتەك پاكت. سىلىشتۇرۇش، كۆزۈتۈش، پۇت بىلەن مىڭىپ بېرىپ كۆرۈش، تەھلىل قىلىش، ئويلاش ئارقىلىق تەپەكۈرىمىز يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. خاتا نەرسىنىمۇ يۈرەكلىك بىلەن توغرا دىيەلەيدىغان جاسارەت يىتىلدۈرسەك تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئويلىيالايمىز. پاكىت بولسىلا خاتا نەرسىنىمۇ توغرا قىلىپ ئىسپاتلاش مۇمكىن.

     

    كونا ئادەملەر يېڭىچە ئىلىم - پەن مەدەنىيەت تەپەككۇرى بىلەن قۇراللانغان كىشىلەرنىڭ چىقىشىغا يول قويۇشى، مەدەت بېرىشى ھەم ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئىمتىيازلىقلار يېڭىچە، ئالىيجاناب ياشاش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدەنگۈچىلەرنى بايقىشى ھەم ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى خەلىققە بىلدۈرۈشى كېرەك. گەپدانلىقى، سۆزگە ماھىرلىقى بىلەن ئۇلارنى چەتكە قېقىشقا، كونسىرۋاتىپ ئاڭنىڭ قۇربانى قىلۋىتىشكە، تۈرلۈك سەۋەب كۆرسىتىپ كىشىلەرنى گاڭگىرتىشىغا بولمايدۇ.

     

    90-يىللارنىڭ بىشىدا مىسىرلىق يازغۇچى نەجىف مەھپۇزنىڭ «قەسىر كوچىسى» ناملىق ئۈچ قىسىملىق رۇمانى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ھەم ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئەمما بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئۇقۇرمەنلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن تازا دىگەندەك قىزغىن ئالقىشقا مۇيەسسەر بۇلالمىدى. كىتاپ كۆرەرمەنلەرنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا نەجىف مەھپۇز ئۆز كىتاۋىدا غەرپ مەدەنىيىتىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەسۋىرلىگەن ھەم ماختىغان، شۇ ئارقىلىق ياۋرۇپا ئەللىرىگە ياخشىچاق بولۋالغان. 2006-يىلى تۈركىيىلىك يازغۇچى ئورخان پامۇك نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئورخان پامۇكنىڭ «يېڭى ھايات» ناملىق كىتاپى شىنجاڭدىكى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كىيىن مەزكور كىتاپنىڭ تەرجىمانى ئەنۋەر مۇھەممەتنىڭ توردىكى سۆزى بىلەن ئېيتقاندا بازاردا سېتىلىش ئەھۋالى ئويلىغاندەك بولمىدى. ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى بۇنداق ئەكىس تەسىرنىڭ كىلىپ چىقىشىدا ئورخان پامۇكنىڭ يېزىقچىلىق ھاياتىدا توغرا مەيداندا تۇرۇپ تۈرۈك مىللەتلىرىنىڭ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك «پايدىسىز» بىر قىسىم ئىشلارنى «سۆككەنلىكى، ئاشكارلىغانلىقى» سەۋەپ بولدى، دىيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇر جەمىيىتى ھەم تور دۇنياسىدىكى ئوخشىمىغان سەلبى قاراشلارنىڭ ئىگىسى ئۈچۈن بۇ ئىككى كىشىنىڭ مەنپەتىمىز، ئۆرۈپ ئادىتىمىز ھەم دىننىي ھىسىياتىمىزغا لايىق يېزىشى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ئانچە مۇھىم ئەمەس. بۇلارغۇ دىنداش قېرىنداشلارغا بەرگەن باھايىمىز. ناۋادا ئارىمىزدىن بىرەر ئەدىپمۇ نەجىف مەھپۇزنىڭ يېزىش ئۇسلۇبىغا تەقلىد قىلىپ نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولۇپ قالسا مېنىڭچە تېخىمۇ تەنقىتكە ئۇچرىشى تۇرغانلا گەپ. بىزچە بولغاندا يازغاندىمۇ باشقىلار ئۈچۈن ئەمەس چوقۇم ئۆزىمىز ئۈچۈن يىزىشىمىز لازىم. بۇ بىر تىپىك مىسال. بۇنى بىز ئىشقا ئىشلارغىمۇ تەدبىقلىساقلا مەسىلە ئايدىڭلىشىدۇ. بىزنىڭ چۈشۈنۈشىمىز بۇيىچە ھەممە نەرسە ئۆز تۇرمۇشىمىزنى، مەدىنىيىتىمىزنى، قىسقىسى «مەن»نى مەركەز قىلغان ئاساستا بولۇشى كېرەك. بىز نېمە ئۈچۈن پەقەت ئۆزىمىزنىڭلا كۈنىنى ئويلاپ ئۆزىمىزنىڭلا ھەلەكچىلىكى بىلەن بوپكېتىمىز؟ نېمە سەۋەپتىنكىن، دۇنيادا ھىسىياتىمىزغا زىت بىرەر ھەقىقەت بولسا ئۇ بىز ئۈچۈن، جۈملىدىن مەن ئۈچۈن پايدىسى بولمىسا ئىنكار قىلسام بولىۋېرىدۇ. مېنىڭ شەخسىيەتچىلىكىم، مىللىي غۇرورۇم، ئەسەبىي ئىپتىخارىم، ئۆزۈمگە بولغان زىيادە تەمەننايىم مېنى دۇنيادىكى مەن بىلەن قىلچىلىك پايدا – مەنپەئەت مۇناسىۋىتى يوق ھەرقانداق بىر ھەقىقەتكە كارىم بولماسلىق، ئۇنى چەتكە قىقىشقا ئۆندەيدۇ. ئۆزىنىلا ئويلاش ھەم ئۆزىنى باشقىلاردىن ھەر ۋاقت يوقۇرى قويۇش، «ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي، كۆتۈڭنى قىس، يولۇڭغا ماڭ» تالاي ئۇيغۇرلاردىكى، ھەتتاكى بىر بۈلۈك زىيالىيلاردىكى دۇنيا كۆز قاراشنىڭ تىپىك - ئاساسى گەۋدىسى. بۇ خىل دۇنيا قاراشنى ھازىرقى ياشاش ئۇسولىمىزنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى دىيىشكە بولىدۇ. بۇ خىل دۇنيا قاراشقا ئىگە كىشىلەر ئادەملەرنى شۈكرى- قانائەتچان بولۇشقا، تەركىدۇنيالقىق قىلىشقا، ئاددى ياشاشقا، ئۆزىمىزدىن باشقا كىشىلەرنىڭ نەتىجىسىنى ئىنكار قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ھەق-نەھەق تۇيغۇسى ئۈلۈپ ئاۋام دۇنيا ئىقىمى ۋە قانونىيىتىگە قارىشى يول تۇتۇپ، خەلقئارا رېلىستىن ئاجراپ كىتىدۇ. خەلق قانچە نادان قالسا بىر ئۇچۇم كىشىلەرنىڭ بازىرى شۇنچە چىقىدۇ. ئەكسىچە كىشىلەر ھەقىقەتنى بىلۋالسا بىلىمى كۈپۈك كىشىلەرگە ئاسانلىقچە ئىشەنمەيدۇ.

     


    چەتئەللىك ئالىملار مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن: مەلۇم بىر كىشىنى نىيو - يورك كوچىسىغا ياتقۇزۇپ قويغاندا ئۇنىڭ بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى بولمىغان (مېنىڭچە بۇ كىشىنى لوندون ياكى بېرلىن كوچىلىرىغا ياتقۇزۇپ قويغاندىمۇ ئەھۋال ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن). تەتقىقاتچىلار ئۇنى يەنە ئافرىقىنىڭ سەھراسىدىكى بىر كوچىغا ياتقۇزۇپ قويغاندا ئۇنىڭ ئەتراپىغا بىر دەمدىلا نۇرغۇن كىشى ئولۇشۇپ كەتكەن(مېنىڭچە بۇ كىشىنى رايونىمىزدىكى قايسىلا بىر شەھەرگە ياتقۇزۇپ قويساق ئافىرىقىدىكىدەك ئەھۋال كۆرۈلۈشى ئېھتىمال). بۇ ئەلۋەتتە باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكتىن بولغان. ئەمدى بىز ماۋۇ سىلىشتۇرمىغا قاراپ باقايلى: ئۈرۈمچى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەركىزى شەھىرى، بۇ يەردىكى تۇرمۇش رىتىمى رايونىمىزنىڭ قايسىلا شەھەرلىرىدىن بولسۇن تېز دېيىشكە بولىدۇ. بىر – ئىككى يىل بۇرۇن بىر شائىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر كوچىدا تۇيۇقسىز يىقىلىپ قىلىپ ئاخىرىدا ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم. كىيىن بۇ ئىش توغرۇلۇق يېزىلغان ماقالىدا «... ئۇيغۇرلار شۇنچە كۆپ ماڭىدىغان بىر ئابتۇبۇس بىكىتىدە يىتىپ قالغانلىقى...» لېكىن ھىچكىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىغانلىقى دېگەندەك سۆزلەرنى ئۇچراتتىم. ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە قايتىپ كىلەيلى. ئۈرۈمچى رايونىمىزدىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان شەھەر، ئۇنىڭ تەرەققىياتى ئافرىقىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەردىن يۇقىرى تۇرىدۇ. بۇ ئەھۋال نىيو - يورۇكتىكى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى(گەرچە بۇ بىر تاسادىپىيلىق بولسىمۇ) ئەھۋالنىڭ ئوخشىشىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۈرۋاتىدۇ. نىيو – يورۇك بىلەن ئافرىقىنى سىلىشتۇرۇشنى ئۈرۈمچى بىلەن رايونىمىزنىڭ رىتىمى ئاستا ۋىلايەت – ناھىيىلىرى بىلەن سىلىشتۇرساقلا بۇ يەردە دىيىلۋاتقان مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالىمىز. دېمەك، ئۈرۈمچىنىڭ رىتىمى كىشىلەرنى شۇنداق پەرۋاسىز قىلىۋەتكەن، بۇنىڭدىن ئاغرىنىشقا ئاساسىمىز يوق، بىز كىشىلەرنى رەھىمسىز، مىھرىبانلىقنى بىلمەيدۇ، دەپ ئاغرىنالامدۇق. ئاغرىنغۇچىلار ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆزىگە تايىنىپ ياشاپ باقسا بولىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە بۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ يەنە بىر تەرىپىنىمۇ سۆزلەپ ئۆتۈپ كېتەي: «ئۇيغۇرلار كۆپ ئۆتىدىغان يەر...»، بۇ گەپ ئادەمنى يەنە ئويلاندۇرىدۇ. ئادەم قۇتقۇزۇشنىڭ مىللەت بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، ئۇ بىر تۈرلۈك ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتى. بىر كىشى كوچىغا يىقىلىدىكەن ئۆز بۇرچۇمنى ئادا قىلىمەن دەپ بىلگۈچى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئايرىمىسى ۋە جەمىيەتتىكى ئورنىنى سۈرۈشتۈرپ تۇرمايدۇ. تۇنىسا قۇتقۇزۇش، بىلمىسە كارى بولماسلىق دەيدىغان بۇنداق ئىنسانپەرۋەرلىككە زىت قاراشتىكى قويۇق ھېسسىيات ئېغىشى كىشىنى ئويغا سېلىشى كېرەك.

     

    يۇقىرىقى مىساللاردىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى، تەرەققىي قىلغان زامانىۋى شەھەرلەردىكى رىتىمى تېز تۇرمۇش، ئالدىراش-تېنەشچىلىك، ھەر مىنۇت ۋاقتنىڭ قىممىتى شۇ مۇھىتتا ياشاۋاتقان كىشىلەرنى ھەردائىم ئالدىراشقا، ھوشيار تۇرۇشقا، بىر قىسىم نەرسىلەرگە ئېتىبارسىز قاراشقا كۆندۈرگەن. بۇ مۇشۇ ئىرا ھەم بۇندىن كېيىنكى ئەسىرلەردە ئۆزلىكسىز داۋاملىشىدىغان يۈزلىنىش بولۇپ، كىشىلەر ئۆز مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن بۇ خىل ياشاش شەكىلىنى رازىمەنلىك بىلەن تاللاشقا مەجبور. ئۇنداقتا بىز بۇخىل ياشاش شەكىلىدىن ئۆزىمىزنى چەتكە ئالامدۇق ياكى قېچىپ كىتەلەمدۇق. قىچىش دېگەن سۆز ئىجابىي ھەرىكەتنى بىلدۈرمەيدۇ. كىمكى باشقا كەلگەن مۇقەررەرلىك، رىئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن، ئۇنىڭ قورقۇنچاقلىقى ۋە كارغا كەلمەسلىكى ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ. بۇ خىلدىكى ياشاش ئۇسۇلى ئەنئەنىگە ۋە مىللىي ھىسىياتقا، ئۆرۈپ - ئادەتكە خىلاپ، بىز بىلەن ئالاقىسى يوقتەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما ياشاش ھالىتىنىڭ بۇنداق ئۆلچىمى تەرەققىي قىلغان ئەللەردە ئالىقاچان ئىسپاتلىنىپ قالدى. تەرەققىيات بىلەن بۇ خىل ھالەت بىللە مەۋجۇت بولىدۇ. شۇ دەۋرگە نىسبەتەن ئېيتىلغان زامانىۋى ئۇقۇم بۇندىن كېيىنكى كۈچلۈكلەر بىلەن ئاجىزلارنى بىلدۈرىدىغان بىردىنبىر بەلگە بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.

    ئىلگىرى بىر رۇبائىينى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە. گەرچە ئۇ رۇبائىي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولالىدى. تۇلا ئادەم ئۇنى يادقا ئېلىۋالدى. يەنە بىر قىسىملىرى ھۆسنخەت شەكلىدە يازدۇرۇپ ئۆيلىرىگە چاپلىۋىلىشتى. سەۋەبى، بۇ رۇبائىيدىكى مەزمۇن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە ناھايىتى ماس كەلگەنلىكىدىن بولدى. ئەمما، ئۇنىڭ يەنە بىر ئەجەللىك خاتالىقى ئۈستىدە كۆپ كىشىلەر پىكىر قىلىشنى خالىمىدى. بىز ئادىل مەيداندا تۇرۇپ قىسقىچە تۇلۇقلاپ ئۆتەيلى. رۇبائىيدىكى ئىدىيە ئادەملەرنى شۈكرى- قانائەتچان بولۇشقا، تەركىدۇنيالقىق قىلىشقا، ئاددى ياشاشقا، باشقىلارنىڭ نەتىجىسىنى ئىنكار قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئادەمنىڭ توغۇلىشى بىر مەزگىل ياشاپ ئاخىرىدا ھالاكەتنى كۈتىۋىلىشلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ھاياتىدا قانداق نەتىجىلەرنى يارىتىشى ۋە باشقىلارغا قانداق نەرسىلەرنى ئاتا قىلالىغانلىقىنى بەلگە قىلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، ھەرقانداق ئادەم مەيلى قانداقلا ئامەتكە ئېرىشسۇن ھامان بىر كۈنى ئۆلىدۇ، تار گۆردە ياتىدۇ. ئۈلۈم ھەممىگە بار. ئەمما ئۇنىڭ نەتىجىسىگە كۆز يۇمۇشقا، ياراتقان قىممىتىگە پىسەنت قىلماسلىققا بولمايدۇ. بىر كىشى ئۆز ئىقتىدارىغا تايىنىپ كۈچلەنسە، ئامەتكە ئېرىشسە، كېرىلسە نېمىشقا بولمىغۇدەك؟ بۇ ئادەمنىڭ ماھىيىتىگە ئۇيغۇن ئەمەسمۇ. ئەجەبا سەن قانداقلا كۈچەيگىنىڭ بىلەن بەرىبىر ئۆلىسەن دەپ تۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇنداق قۇلاقنى يۇپۇرۋېلىش، تەركى دۇنيالىق كىشىلەرنى بارغانسىرى بىغەملەشتۈرۈپ يوقۇلۇش قەدىمىنى تېخىمۇ تىزلىتۋىتىدۇ.

     

    بەزىلەر تەرەققىياتنىڭ كەمچىللىكىنى مەدەنىيەتلىك رايون ۋە ئەللەردىن بەك يىراق دەپ جۇغراپىيىلىك ئورۇنلۇشىشقا باغلايدۇ. ئەمما، قۇرغاق ئىسرائىلىيىنى ھەم ياۋروپاغا تېخىمۇ يىراق ياپونىيە ھەم كورىيەلەرنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. دېمەك، ئۇلار تۈرلۈك باھانە-سەۋەپلەرنى توقۇپ چىقىرىپ سەۋەپنى باشقا ئامىللارغا ئىتىرىشكە ئۇرۇنغان. تىرىشچانلىقلارنىڭ يېتەرسىزلىكى توغرىسىدا سۆزلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. قىلىۋاتقان ۋە ياراتقانلىرىغا زىيادە مىننەت قىلىشقان. ئۇلار خەلقنىڭ تەلەيلىك «ۋەكىللىرى» بولۇش سۈپۈتى بىلەن خالىغانچە بىلجىرلىشىپ، خەلقنىڭ قەلبىنى ئىلمىي تەرەققىيات، يېڭىلىق يارىتىش تەكىتلىنىۋاتقان مۇشۇ كۈندىمۇ شۈكرى - قانائەتكە مايىل قىلىپ قويۋاتىدۇ. پەقەت پاكت تاپالمىغانلىرى تارىخى كىتاب - ماتېرىياللارغا ئىلتىجا قىلىپ، يۆلەپ – سىغداپ «پاكىت كۆرسۈتۈپ» ئۆتكەلدىن ئۆتۈشكە تىرىشماقتا. تارىخىي كىتاب - قامۇسلار ئۇلارنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان، خاتاسىز پاكىتى بولماقتا. ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ؟ دۇنيادا پەقەت بىرلا ھەقىقەت باركى، ئۇ بولسىمۇ دۇنيادا ئۆزگەرمەيدىغان ھىچقانداق ھەقىقەت يوق. (مەيلى ئەجداتلىرىمىز ھەرقايسى تارىخى دەۋىردە ياراتقان قانداقلا مەدەنىيەت ۋە مىراسلار بولسۇن ئەلۋەتتە ئۇيغۇرغا مەنسۇپ. ئۇنى ھەدەپ جار سالمىساقمۇ بىزنىڭ ئىكەنلىكىنى ھەممە ئېتراپ قىلىپ بولدى. ئەمما، ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى قىممىتى ۋە رولىغا ھازىرقى كىشىلەر توغرا باھا بېرىشى كېرەك). كۆرۋىلىشقا بولىدىكى،بۇ كىشىلەرنىڭ پىكىر ئەندىزىسىدىن قۇتۇلۇش جۈرئىتى كەمچىل.

     

    ناۋادا ياۋا نەشپۈت دەرىخىگە يېڭى سورتلۇق مېۋىنىڭ شىخىنى ئۇلىمىغاندا ئۇنىڭ مېۋىسى ئاچچىق، كۆرۈمسىز، تەمسىز بولۇپ بۇنى كىشىلەر يېمەيدۇ. ئەگەر ئۇلانسا تاتلىق مېۋىلەر پىشىدۇ، كېيىنچە كىشىلەر يانتاق قاتارلىق ياۋا ئوت – چۆپلەرگىمۇ مېۋىلىك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلاش ئۇسۇلىنى بىلىۋالدى، بۇنداق بولغاندا يانتاقنىڭ قۇرغاقچىلىققا بەرداشلىق بېرىش كۈچى تاتلىق مېۋىنىڭ خۇسوسىيىتى بىرلىشىپ ئۆسۈملۈك تېخىمۇ ئەلالىشىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش نۆۋەتتىكى پەلسەپە ساھاسىنىمۇ ئۆزىمىز بىلەنلا چەكلىۋالماي گۈللەنگەن مىللەتلەرنىڭ پەلسەپەسىدىن چاڭلاشتۇرۇشىمىز، ئۇلۇشىمىز زۆرۈر بولۋاتىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۆزگىچە شەكىلگە ئىگە يېڭىچە، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان پەلسەپەنى يارىتىپ چىقىمىز. بولۇپمۇ دۆلىتىمىز ھەم غەرىپنىڭ پەلسەپە، مەدەنىيەت، تەرەققىيات باسقۇچى، سانائەتنىڭ گۈللۈنۈش جەريانى، ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلىش نۆۋەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشنى باشلاش ياكى چوڭقۇرلاشتۇرۇش زۆرۈر بولماقتا. كىشىلەرگە يېڭى ئىدىيىلەرنى ئۆزلىكسىز تۇنۇشتۇرغاندىلا كۆزقاراش، تەپەككۇر جەھەتتىكى فىيۇداللىقتىن قۇتۇلۇپ يېڭىچە گۈللۈنۈش يولى چىقىپ قىلىشى مۇمكىن. گەرچە تارىختا ئۈچمەس نەتىجىلەرنى، ئىختىرالارنى قالدۇرۇپ كەلگەن بولساقمۇ ئەمما ھازىرقى دەۋرگە ماسلىشىدىغان نەتىجىنىڭ بولماسلىقى ئەپسۇسلۇق. بۇ توغرۇلۇق 50 يىلدىن بۇيانقى ئىزدىنىشىمىزدىن چوڭ نەتىجە بارلىققا كەلمەيلا قالماستىن، بەلكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكە رايونلىرى، چەتئەللەر بىلەن بولغان تەرەققىيات پەرقى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. مىسال: ئىككى ئادەم ھەرقايسىسى ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلار ئارقىلىق قارىشى تەرەپنىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلىماقچى بولسىمۇ يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىدە ئەزەلدىن بولمىغان  ئۈچىنچى بىر ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا موھتاج بولىدۇ. بەلكىم 4-، 5- ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىشى ئارقىلىق ئۆزىنى مۇكەممەلەشتۈرۈشىمۇ مۇمكىن. شۇنىڭغا ئوخشاش نوقۇل ئۆز ئىچىمىزدىكى تەرەققىياتقا پايدىلىق ئامىللارنى قازماقچى بولغاندا يېتەرلىك بولۇپ كىتەلمەيدۇ. دىمەك، تېخىمۇ كۆپ تەپەككۈر مەدەنىيىتنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىشقا، تەپەككۈردە ئىشىكنى سىرىتقا قارىتا ئېچىۋىتىشكە موھتاج بولۋاتىمىز.

     

    بىر قىسىم پىكىر بايان قىلغۇچىلار يىڭى پىكىر ئېقىمىدا تەپەككۇر يۈرگۈزگۈچىلەرنى ئەيىبلەپ، بىر مىللەتنىڭ ئىللىتىنى قايتا- قايتا يۈزىگە سېلىش ياخشى ئەمەس، ئىنتايىن پايدىسىز دىيىشمەكتە. ئۇلار دەۋاتقان ئەيىپلەشلەر ھەقىقەتەنمۇ كۆپ بولۇپ كەتتى. ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە قايسىسى مۇھىم، يەنە قانچىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى خاتا؟ تىپىك كونىلىق پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان ھىسسىي قاراشلار پەقەت شۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، تەسەللى ئىزدەش، مەسئولىيەتتىن قىچىش قاتارىغا كىرىدۇ. ئۇلار ئەدەبىياتتىكى ئاجىزلىقلار، شېئىرىيەتتىكى كەمچىلىكلەر، ئوبزورچىلىقتىكى پەسكەشلىكلەر، ئەخلاقتىكى چاكىنىلىقلار، پەرزەنت تەربىيىلەشتىكى ئاجىزلىقلار، مەنىۋى نامراتلىق، كۆڭۈل ئېچىش سەنئىتىدىكى مەسىلە... قاتارلىقلارنى مائارىپ، زاكونشۇناسلىق، ئىلمىي تەرەققىيات، ئىلىم - پەن مەدەنىيىتىنى ياقۇلىغۇچىلار ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۋىلىپ، مىللەتنىڭ ئەيىۋىنى بەك كۆپ ئېچۋەتتۇق، دەپ جار سالماقتا. گۈروھ بولۇشۇپ يىڭى پىكىردىكىلەرنى مىللەتنىڭ ئاسىيلىرى، تامىقىنى يەپ تۇزلۇقىنى چاققۇچىلار، ھەتتاكى دەھرىي، مۇرتەت دەپ ئەيىپلىمەكتە. ئۇلارنىڭ ئۆز ساھەسىدە ئوتتۇرىغا تۆكۈۋەتكەن بىر قاتار مەسىلىلىرىنى قانداقمۇ خەلق تۇرمۇشى، ئىقتىساد قۇرلۇش ۋە ئىلىم - پەندىكى تەرەققىيات مەسىلىسى بىلەن سىلىشتۇرغىلى بولسۇن؟ ئالدىدىكى مەسىلىلەرنى ئىچكى ئۇرۇشقا ئوخشاتساق، كەينىدىكى تەرەققىيات مەسىلىلىرىنى خوددى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارىشى ئۇرۇشقا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. دۆلەت بىخەتەرلىكىدە زىھىننى چوڭ دۈشمەننى يوقۇتۇشقا قويماي قانداقمۇ ئۇششاق ماجىرالارغا ئۇپرىتىمىز؟ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىۋەتمەي تۇرۇپ، بىر ساھە، بىر كەسىپكە چىتىلىدىغان ئىشلارنى ھەدەپ داۋراڭ سېلىش ئەرزىمەيدۇ. ئۇلار جىدەللىشۋاتقان مەسىلىلەرنى بىر مىللەتنىڭ تۈپ ئىللىتى دەپ قارىماستىن، ئالدى بىلەن تەرەققىيات مەسىلىسى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ تۈپكى يىلتىزى، ئامىلىنى تېپىشقا ئۇرۇنۇشى زۆرۈر. بۇنى يەنە شۇ كىشىلەر ئۆز پۇزىتسىيىسىنى توغرىلاش ئارقىلىق ۋۇجوتقا چىقىرالايدۇ. مىللەتنى كەمسىتىشمۇ ياكى ئەمىلىي مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشمۇ دېگەن مەسىلىدە سوغاققانلىق بىلەن ئويلىشىش ۋاجىپ. تەسەللى بېرىپ پەپىلەش ياكى قاتتىق ئۇيقۇدىكى يولۋاسنى تۈرتۈپ غەزەپ بىلەن ئويغاتقاندەك قوپاللىق قىلىشتىن قايسىسىنى تاللايمىز، مېنىڭچە زىيالىيلار بۇنى ئوبدان بىلىدۇ.

     

    ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

    پايدىلانغان  مەنبەلەر:

    1. «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى،  2007-يىلى 4-سان

    2. ئەسئەت سۇلايمان: «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» ناملىق كىتاپ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى، 2006-يىلى نەشىرى

    3. جوڭگو داڭلىق تاۋار ماركا ھۆكۈمەت تەرەپ تورى

    4.دالې كارنىگ، «ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئارتۇقچىلىقلار ۋە ئاجىزلىقلار»، شىنجاڭ ياش-ئۈسمۈرلەر نەشرىياتى، 1991-يىل نەشىرى

    مەنبە: «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 2010-يىل 5- سانىدىن ئىلىندى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.