14 ياشلىق قىز

يوللىغۇچى : Gulnar يوللىغان ۋاقىت : 2010-03-15 12:11:56

14ياشلىق قىزگۈلنار تىيىپ(ئۆز مۇخبېرىمىز) ھەرقانداق بىر ئاتا –ئانا پەرزەنتىنىڭ ياراملىق، شان-شۆھرەتلىك ئادەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىراق، رىئال تۇرمۇشىمىزدا ئاتا-ئانىلىرىنى پەخىرلەندۈرىدىغان ئ...

    14ياشلىق قىز
    گۈلنار تىيىپ(ئۆز مۇخبېرىمىز)                      
    ھەرقانداق بىر ئاتا –ئانا پەرزەنتىنىڭ ياراملىق، شان-شۆھرەتلىك ئادەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىراق، رىئال تۇرمۇشىمىزدا ئاتا-ئانىلىرىنى پەخىرلەندۈرىدىغان ئىشلارنى قىلىپ ئەمەس، بەلكى نومۇستا قويىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئاتا ئانىلارنىڭ يۈرەك باغرىنى ئېزىدىغان بالىلار ئاز ئەمەس. تۆۋەندە سۆزلىمەكچى بولغان ئەمەلى ۋەقەدىكى 14ياشلىق قىز فىلورە(كىشى ئىسمى ئۆزگەرتىلدى) ئەنە شۇنداق بالىلارنىڭ بىرى.
    فىلورە بۈگۈن تېخىچە مەكتەپتىن قايتىپ كەلمىدى. ئۆي ئىچى شۇنچىلىك جىمجىت ئىدىكى، بۇ ئۆيدىكى ھەر بىر نەرسە ھەتتا تام-تورۇسمۇ نېمىلەرنىدۇ ئويلاۋاتقاندەك، كىملەرنىدۇ كۈتىۋاتقاندەك سۈكۈتتە تۇراتتى. ئاتا غەمكىن كۆزلىرىنى سائەتكە تىكتى. سائەت ئاللىقاچان ئون بولغانىدى. ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدا ياش لىغىرلىدى. ئەجىبا ئۈچ بالىنى بېقىپ قاتارغا قوشۇپ، ئالدىنى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق قىلغان، قۇدا-باجىلىق بولغان، ئەل-جامائەت ئالدىدا ئۆزىگە لايىق ھۆرمىتى بار بۇ ئاتىغا نېمە كۆرگۈلۈك؟ ئانا ئىچكىرىكى ئۆيدە ئۈنسىز ياش تۆكەتتى. شۇ تاپتا ئۇ ئۆز خىيالىدىن كېچىۋاتقان ئىشلارنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىپ قېلىشىدىن قورقاتتى. ئۇ ئۆز قىزىغا ئاز ئەجىر قىلدىمۇ؟ ئانا قىزىنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىنى ئويلىدى. ئۇچاغلاردا ئۇ شۇنچىلىك ئوماق، چۈچۈك بىر قىز ئىدى. ئۇنىڭ ئەمدىلا مەكتەپكە كىرگەن ۋاقىتلىرىدىكى ھۇشيارلىقى، زېرەكلىكى ھەممەيلەننىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرەتتى. ئانا شۇ تەرىقىدە ئويلاپ كېلىپ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا يېقىندىن بېرى قىزىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى، ئائىلىدە بولغان كۆڭۈلسىزلىكلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى.
    فىلورەدا تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىققا چىققاندىن كېيىن ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن چوڭ ۋە تېز بولدى. شۇ چاغلاردا ئانا ئۇنىڭ بۇ ئۆزگىرىشلىرىنى گەرچە دادىسىغا ئۇقتۇرمىغان بولسىمۇ ئەمما سەل ئەنسىرەپ قالدى. فىلورە كۈندە مەكتەپكە مېڭىشتىن بۇرۇن يېرىم سائەتلەپ ئەينەك ئالدىدا ئولتۇرىدىغان بولىۋالغانىدى. ئانا بىر قانچە قېتىم ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلدى ۋە دادىسىغا ئېيتىدىغانلىقىنى دەپ ئۇنى قورقۇتتى. ئەمما فىلورە بۇنىڭغا ئانچە پىسەنت قىلىپ كەتمىدى. فىلورەنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئۆزگىرىۋاتقان ياسىنىشلىرى ۋە كىيىنىشلىرى ئاخىرى ئاتىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى. ئاتا بىر قانچە قېتىم ئانىغا كايىدى ۋە قىزىغا تەربىيە قىلىشنى بۇيرىدى ھەتتا بىر قانچە قېتىم ئەينەك ئالدىدا ئولتۇرغان فىلورەنى باشقا بىر نەرسىلەرنى بانا قىلىپ سىلكىۋەتتى. ئەمما بۇلارمۇ فىلورەغا كار قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
    ئەشۇ كۈن ھېلىمۇ ئۇنىڭ ئېسىدە. بىر كۈنى فىلورە مەكتەپتىن بىر كالتە يەڭ يېڭى كۆينەك كىيىپ كەلدى. قىزىنىڭ ئەتىگەندە كىيىپ كەتكەن نەرسىسىنىڭ ئالمىشىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن ئانا ھەيران بولدى:
    __ كىمنىڭ كۆينىكىنى كىيىۋالدىڭ، يېڭىلا كۆينەككەنغۇ بۇ؟
    __ باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىۋىتىپتىكەن، ئالدىم.
    __ قايسى پۇلغا ئالدىڭ، سەندە ئۇنچە كۆپ پۇل بولمىسا؟
    دەماللىق گەپ تاپالماي تۇرۇپ قالغان قىز دەرھال يەنە گېپىنى ئۆزگەرتىپ: بىر دوستۇم سوۋغا قىلغان ئىدى، سېنى خاپا بولارمىكىن دەپ شۇنداق دەپ قويغان دېدى-دە، ئىتتىك ياتاق ئۆيىگە ماڭماقچى بولدى. ئەمما ئانا ئۇنى ماڭغىلى قويمىدى.
    __ قانداق دوستكەن ئۇ ساڭا كۆينەك سوۋغا قىلىدىغان....
    بۇ تالاش -تارتىش ئۈستىگە ئاتا كىرىپ قالدى. قىزىنىڭ ئۆزگىرىشلىرىگە، ھەر بىر ھەركىتىگە ئالاھىدە دېققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئاتا بۇ ئىشنى ئاسانلىقچە بولدى قىلمايدىغاندەك قىلاتتى. ئاتا شۇ كۈنى تۇنجى قېتىم فىلورەنى بىر تەستەك سالدى ۋە كۆينەكنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا كۆيدۈرىۋەتتى.
    شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار  فىلورەنىڭ ھەر بىر ماڭغان-تۇرغىنىنىڭ ھىسابىنى ئالدىغان بولدى. ئەمما فىلورە بۇنىڭلىق بىلەن باش ئىگىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئىشلار بارغانسىرى يامىنىغا قاراپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. فىلورە مەكتەپكىمۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ زورلىشى بىلەن بارىدىغان بولۇپ قالدى، دەرسلەردىمۇ چېكىنىپ كەتتى. ئۇ كۈندە دېگۈدەك مەكتەپتىن كەچ قايتاتتى. شۇ سەۋەبلىك كۈندە ئاتا-ئانىسىدىن تىل-دەشنام ئىشتىپ تۇرسىمۇ ئەمما ئەتىسىلا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك يەنە كەچ قالاتتى. ئۇ شۇ كۈنلەردە بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىۋاتقان ئىدى.
    ئانىنىڭ خىياللىرى ئىككى كۈن بۇرۇن يۈز بەرگەن ئىشقا يۆتكەلدى. شۇ كۈنى فىلورە مەكتەپتىن كەچ سائەت سەككىزدىن ئاشقاندا قايتىپ كەلگەن ئىدى.
    __ نەگە باردىڭ، سېنى مەكتەپتىن ئەمدى قويۇپ بەردىما؟ ئەمدىلا ئىشىكتىن كىرگەن فىلورە ساقلاپ تاقىتى تاق بولغان ئاتىنىڭ سۇئالىغا دۇچ كەلدى.
    __ بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىگە كىتاب ئالغىلى بارغان. تاماق يەپ كەت دەپ تۇرىۋالغانتى...
    __ قايسى دوستۇڭنىڭ ئۆيىگە باردىڭ، ئەجەپ بىز بىلمەيدىغان دوستۇڭ باركىنا سېنىڭ...ئانا شۇنداق دېگىنىچە فىلورەنىڭ قۇلىقىدىن ئالدى-دە، ئۇنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يەرلىرىگە ئۇرۇشقا باشلىدى. ئاتا ئاچچىقىدىن يېرىلايلا دەپ قالغان ئىدى. ئۇ قانداقمۇ ئۆزىنى تۇتالىسۇن؟ خوشنىسى ھېلىلا  كىرىپ ئەمدىلا 14ياشقا كىرگەن قىزىنى« بىر ئوغۇل بىلەن پالانى ئاشخانىدا ئولتۇرىدۇ» دەپ قويۇپ چىقىپ كەتكەن تۇرسا. ئەگەر ئۇ قىز بالا بولماي ئوغۇل بالا بولۇپ قالغان بولسا ئىدى، ئاتا بۇ چاغقىچە ئۇنى بىرنېمە قىلىۋەتكەن بولاتتى. شۇنداقتىمۇ ئاتا ئۇنى بوش قويمىدى. فىلورە ئىككى كۈنگىچە ياتاق ئۆيىگە قامالدى. ئۇنىڭ خاپىلىقى ئاتا-ئانىسىنىڭكىدىن چوڭ ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ بۇ ئىككى كۈندە تاماقمۇ يىگىلى ئۇنىمىدى. ئۇنىڭچە بولغاندا ئاتا-ئانىسى ئۇنى توسماسلىقى، ئۇنى ئەشۇ بالا بىلەن توي قىلغىلى قويۇشۇ كېرەك ئىدى. ئەمما بۇ ئىككى كۈن ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇردى. ئىككىنچى كۈنى كەچ كىردى. فىلورەنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىگە ئىگىلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى-دە، ئىشنى باشقىچە ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلماقچى بولدى. ئۇشۇ كۈنى يېتىشتىن بۇرۇن ئانىسىغا يالۋۇردى، ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن بۇنداق ئىشلارنى قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىككى كۈندىن بۇيان چاندۇرمىغىنى بىلەن يۈرەك پارىسىنىڭ تاماقمۇ يېمەي سولىنىپ ياتقانلىقىغا چىدىيالمايۋاتقان ئانا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۆزىنى تۇتالماي قالدى. ئۇ كېچىچە ئاتىغا كۆپ خىزمەت ئىشلىدى. شۇنداق قىلىپ ئەتىسى ئۇلار فىلورەنى مەكتەپكە يولغا سالدى.
    فىلورە ئەتىگەن مەكتەپكە ماڭدىم دەپ چىقىپ كەتكەنىدى. ئەمما مانا ھازىر كەچ سائەت 11گە تاقاپ قالغان بولسىمۇ ئۇ تېخىچە ئۆيگە قايتمىدى. ئۆي ئىچىدىكى ھەممە نەرسە، ئاتىمۇ ۋە ئانىمۇ چۇڭقۇر خىيال، ئېغىر سۈكۈت، ئاجىز ئۈمۈد ئىچىدە كۈتۈۋاتاتتى.
    ئەتىسى بۇ ئىشتىن فىلورەنىڭ ئاكا-ئاچىسى ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرى خەۋەر تاپتى. ھەممە فىلورەنىڭ ئىز-دېركىنى قىلىشقا چۈشتى. سۈرۈشتۈرۈشلەر ئارقىلىق چۈشلەردە مەلۇم بولدىكى، فىلورە بىر ئوغۇل بىلەن قېچىپ كەتكەنىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئاتا كەينىگە ئۇچۇپ كەتتى. ئۆيدىكىلەر، ئۇرۇق-تۇققانلار دوختۇرخانىدا سەككىز سائەتتىن بېرى ھۇشسىز ياتقان ئاتىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە فىلورەغا بولغان بىلىنەر- بىلىنمەس نەپرەت يالتىرايتتى.
        بالىلاردىكى بالدۇر مۇھەببەتلىشىش ئۇلارنىڭ فىزولوگىيىلىك يېتىلىشى، پىسخىك يىتىلىشى ۋە ئەتراپىدىكى ئىجتىمائىي مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا تەڭپۇڭسىزلىقتىن بارلىققا كېلىدىغان بىرخىل بىنورمال ھالەت بولۇپ، ئۇ ئېنىقلا بالىلارنىڭ ساغلام يېتىلىشى ياكى ئۆگىنىشىگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ. نۆۋەتتە بالدۇر مۇھەببەتلىشىش ھادىسىسى بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك ۋە ئېغىر بولماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مەلۇم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى تەكشۈرگەندە بىرمىڭ تۆت نەپەر ئوقۇچى ئىچىدىن 140نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقى بايقالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە 45نەپىرى ئوغۇل، 95نەپىرى قىز ئوقۇغۇچى ئىكەن. مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئېيتىشىچە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىمۇ «مۇھەببەت خېتى» يېزىشىدىغانلار بار ئىكەن. ئۇنداقتا، بالىلاردىكى بالدۇر مۇھەببەتلىشىش ھادىسىسىنى قانداق چۈشۈنۈش كېرەك؟ بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئاپتۇنۇم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى تەلىم تەربىيە باشقارمىسىدىكى دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچى گۈلباھار قاسىمنى زىيارەت قىلدىم. گۈلباھار قاسىم بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دىدى:
    بالىلاردىكى بالدۇر مۇھەببەتلىشىشنىڭ  پىسخىك سەۋەبلىرىنى ئوبېكتىپ ۋە سوبېكتىپ جەھەتلەردىن تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:
        1. روھىي بوشاڭلىق يەنى فىزولوگىيىلىك ئۆزگىرىش بىلەن پىسخىك يېتىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالماسلىق. بالىلىق مەزگىل بولۇپمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلى بالىلارنىڭ بەدىنىدە فىزولوگىيىلىك يېتىلىش ئىنتايىن تېز بولىدىغان بىر باسقۇچ. بۇ جەھەتتە قىزلار تېخىمۇ گەۋدىلىك. بۇ باسقۇچتا بالىلارنىڭ پىسخىكىسىدا بۇخىل ئۆزگىرىشلەرگە ماس ھالدا يات جىنىسلارغا بولغان قىزىقىش ۋە ھەۋەس پەيدا بولىدۇ. بۇخىل تاللاشسىز فىزولوگىيىلىك ئۆزگىرىش ۋە ئېستىخىيىلىك پىسخىك ھالەت ئاستىدا توغرا قوبۇل قېلىش ئېڭى بولمىسا، ئۇ ھالدا ئۇلار ساغلام بولمىغان تاشقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىسا ئاسانلا ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ مەزگىلدىكى تاللىشى بالىلارچە سەبىيلىك ۋە تۇراقسىزلىق ئاستىدا بولۇپ، پەقەت توغرا بولغان پىسىخىك يېتەكلەشكە ئېرىشەلىسىلا بۇخىل ئەھۋالنى تىزگىنلەش مۇمكىن.
        2. ياخشى بولمىغان ئائىلە مۇھىتىنىڭ تەسىرى. ئەگەر بالىلارنىڭ يۇقىرىقىدەك فىزولوگىيلىك ۋە پىسخىك شارائىتتا تۇرىۋاتقان مەزگىلىدە ئائىلىدە تىنچسىزلىق، ئاتا-ئانىلار ئارىسىدا ئۇرۇش جىدەل كۆپ بولسا، ئايرىلىپ تۇرسا، ئاجراشسا، قايتا نىكاھلانسا بۇ بالىدا بىرخىل غېرىپلىق، مىسكىنلىك، غەمكىنلىك كەيپىياتى پەيدا قىلىپ، بالىنىڭ خۇشاللىق، ئىللىقلىقنى سىرتتىن ئىزدىشىگە سەۋەب بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئەگەر بىرەر يات جىنس بىلەن تونۇشۇپ قالسا، دوست بولسا ياكى قارشى تەرەپنىڭ كۆيۈنۈشىگە ئۇچرىسا ئۇنىڭغا قارىتا ياخشى كۆرۈش ھىسسىياتى شەكىللىنىدۇ.
       3. مۇھەببەت تېمىسىدىكى كىنولار، ئەدەبىي ئەسەرلەر ئەتراپىمىزدا ناھايىتى كۆپ. بۇلارنىڭ بالىلارنىڭ ئەمدىلا بىخلىنىۋاتقان ھېسسىي ۋە پىسخىك كەيپىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايتى چوڭ. بۇلاردىن باشقا يەنە بالىلاردىكى بالدۇر يېتىلىش، تەلىم-تەربىيەدىكى ناتوغرىلىق قاتارلىقلارنىڭمۇ بالىلارغا تەسىرى زور بولىدۇ. دېمەك ، بالىلاردىكى بالدۇر مۇھەببەتلىشىشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولۇپ، بۇخىل ھادىسىگە دۇچ كەلگەن ئاتا-ئانىلار چوقۇم ئالدى بىلەن مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقىشى، بالىغا ھۇجۇم قىلىش، ئەيىبلەش يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا قارىتا پىسخىك ۋە تاشقى مۇھىت جەھەتتىكى يىتەكلەشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشى كېرەك.
    ئون تۆت ياشلىق بىر قىز بىزنىڭ نەزىرىمىزدە تېخى بالا ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئۇ ئۆيىنى، ئاتا-ئانىسىنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى. بۇنىڭدىكى ئىجتىمائىي سەۋەبلەرنى كۆپ نۇقتىدىن كۆزىتىش مۇمكىن. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇ قىز ئۈچۈن سىرتتا ئائىلىسىدىنمۇ ئىشەنچلىك ۋە ياخشى كۆرۈلىدىغان بىر ماكان، بىر شەخس بار. ئۇ شۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ھەممىدىن ئاتا-ئانىدىن، مەكتەپتىن كېچەلەيدۇ. ئۇنداقتا بۇلار قەيەردە، كىملەر تەرىپىدىن تەمىلىنىدۇ؟
    گۈلباھار بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دىدى:
    ئەگەر بىز ئۇ  قىزنى مەلۇم ئىدولوگىيە، قىممەت قارىشى ئاساسىدىكى ھەرىكەت ئۆلچىمى بىلەن  تىزگىنلەش، نەسىھەت قىلىش، قايىل قىلىشنى ئويلىغىنىمىزدا خاتالاشقان بولىمىز. چۈنكى ئۇنىڭدا ئۆزى تىكلىۋالغان «قاراش» بار. بۇلار قەيەردىن كەلدى؟
    كۆرىۋىلىش تەس ئەمەسكى، شۇ قىزنىڭ يېشى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭى، ئىجتىمائىيلىشىش دەرىجىسى ئېشىپ كەتكەن دېيشكە بولىدۇ. ئەسلىدە يەتتە ياشلىق بىر بالىنىڭ ئۆيدە ئاتا-ئانىسى، سىرتتا پەقەت ئوينايدىغان بالىلىرى بولىدۇ. ئون ياشلىق بالىنىڭ ئۆيدە ئاتا-ئانىسى، مەكتەپتە ساۋاقداشلىرى، مەھەللىدە دوستلىرى بولىدۇ. ئون تۆت ياشلىق بالىنىڭ بولسا ئۆيدە ئاتا-ئانىسى، ئەتراپىدا ئۇرۇق- تۇققانلىرى، مەكتەپتە ساۋاقداشلىرى، دوستلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى بولىدۇ. دېمەك ھەر ئادەمنىڭ يېشىغا، مۇھىتىغا ماس بولغان ئىجتىمائىيلىشىش دەرىجىسى بولىدۇ. ئادەمنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش دەرىجىسى ئۆز يېشىدىن كىچىك بولسىمۇ، چوڭ بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ. ئەمما بۇ يۇقۇرىدىكى ئون تۆت ياشلىق قىزنىڭ سىرتتا «ياخشى كۆرىدىغان» ئادىمى بار. ئۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن نەرسىدىن كېچەلەيدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئىجتىمائىيلىشىش ئۇنىڭغا قەيەردىن كەلگەن؟ ئۇ ياخشى كۆرىدىغان «ئادەم» كىم؟ ئۇ قانچە ياشتا ۋە نېمە ئىش قىلىدۇ؟ بۇ سۇئاللارغا ئەلۋەتتە ئۇ قىز ئەمەس، بەلكى ئۇ قىزنىڭ ئەتراپىدىكىلەر جاۋاپ بېرىشىمىز كېرەك.
    ئۇ قىز بىراۋنى «ئۆزىگە كۆيۈنگەنلىكى، قىززىقچى، ئويۇنچى» ئىكەنلىكى ئۈچۈن ياخشى كۆردى. ئەگەر قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇ مۇھتاج بولغان كۆيۈنۈش، كۆڭۈللۈك ئائىلە مۇھىتى شۇلارغا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ بالىلارغا سىڭىپ كېتىدىغان ئەخلاقىي دەرسخانىلىق رولىنى ئۆتۈيەلىگەن بولسا ئەھۋال قانداق بولغان بولاتتى. بالا نوقۇل ماددى ئىھتىياجلىرىنىڭ قاندۇرۇلىشى بىلەنلا قانائەت تاپمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ھېسسىي ئىھتىياجلىرىغا كۆڭۈل بۆلمىگەندە چوقۇمكى ئۇ بۇ ئىھتىياجلىرىنى سىرتتىن ئىزدەيدۇ. ئائىلە نوقۇل ھالدىكى ماددى، جىسمىي قورغان ئەمەس، ھېسسىي، مەنىۋى قورغانلىق رولىنىمۇ ئۆتۈشى كېرەك. تىجارەت، خىزمەت، تىرىگچىلىك ئۈچۈن تىنىمسىز تىپىرلاشلارنىڭ ھەممىسى كۆپۈنچە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ماددى ئېھتىياجى ئۈچۈن بولغان بولىدۇ. ماددى ئېھتىياج ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارغا ماس ھالدىكى مەنىۋى تولۇقلاش قوشۇلمىغاندا، بالىلىرىمىز ئۆز ئىھتىياجلىرىنى سىرتتىن ئىزدىشى تەبئىي.
       ئائىلىدە ئىللىقلىق بولمىغانلىقتىن سىرتمۇ ئۇ قىز ئۈچۈن ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئەمەس بولۇپ قالغان. سىرتتا بەلگىلىك ئىجتىمائىي شارائىت ئۇ قىزنى قوللايدۇ. گەرچە نۇرغۇنلىغان قىزلىرىمىز ئۇ قىزدەك نەچچە كۈنلەپ يوقاپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بىر كۈن، بىر كېچە يوقاپ كىتىۋاتقانلار، كەچ قېلىشقا باشلىغانلار ئاز ئەمەس. بىز ئۇلارغا كېرەكلىك مۇھەببەت، كۆيۈمچانلىق بېرەلىدۇقمۇ؟ شاھزادىدەك ئوغۇل، مەلىكىدەك قىزلىرىمىزغا يىراقنى كۆرۈشنى، ئېتىقاد-غايىنى، ئۆگىتەلىدۇقمۇ؟ ئۇلارنى تارىخى رومانلار، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ئېنىق ئەسەرلەر ئارقىلىق جەمىيەت تەجرىبىسىگە ئىگە قىلالىدۇقمۇ؟
       كىشىلەرنىڭ نىمە كارىم دەيدىغان پىسخىكىسىنىڭ باش كۆتۈرىشىگە ئەگىشىپ جامائەت پىكرىنىڭ جەمىيەتتتىكى ئەخلاقنى تەڭشەش رولى ئفجىلىشىپ كەتكەنلىكتىن سىرتمۇ، ۋە سىرتنى شەكىللەندۈرگۈچى مەلۇم ئائىلە مەنبەلىك كىشىلەرمۇ ئۇلارنى تەبئىي قوبۇل قىلالىغان. نەتىجىدە بۇ ئۇلارنى سىرتتىن قورقماس قىلىۋەتكەن. سۈكۈت قىلغۇچىلاردىن باشقا يەنە سىرتتا ئۇلارنى قوللايدىغان، ئۇلاردىن پايدىلىنىدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر بار. بۇ كىشىلەرنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرمۇ ئۇلارنى تەبىئىي قوبۇل قىلغانلىقتىن ئۇلار جامائەت بىزنى يەكلەيدۇ دەيدىغان ئەقەللى چۈشەنچىدىن مەھرۇم قالغان.
         مائارىپ ئادەمگە نوقۇل بىلىم بېرىدىغان قۇرۇلما ئەمەس بەلكى مۇئەييەن قاراش، ئەخلاق ئېڭى بېرىدىغان، يىراقنى كۆرەرلىك ، كوللىكتىۋىزىملىق روھ ۋە جامائەت چۈشەنچىسى بېرىدىغان  يېتەكچى. ئەمما ئەمدىلا ئون تۆت ياشقا كىرگەن-ئائىلىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن بىر نادان قىزنىڭ مائارىپتىنمۇ سوۋۇشى، ھەتتا خەق نىمە دەپ قالار دەيدىغان جامائەت پىكرى چۈشەنچىسىنىڭمۇ بولماسلىقى  بىزنى ئويغا سالماي تۇرالمايدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر گۈلنار تىيىپ