قەلبىمىز بىر مۇزېي

يوللىغۇچى : gulnar يوللىغان ۋاقىت : 2010-03-05 09:57:28

قەلىبلىرىمىز بىر مۇزىيې! بىر دوستۇمنىڭ ھاۋالە قىلىشى ۋە بېرىپ تۇرشى بىلەن بۈگۈن ئەتىگەندىلا «جۇڭگولۇقلارنىڭ كورىيەلىكلەردىن نېمىسى كەم» ناملىق كىتابنى كۆرۈشكە باشلىدىم. جاڭ خوڭجىې قەلىمىدى...

    قەلىبلىرىمىز بىر مۇزىيې!

        بىر دوستۇمنىڭ ھاۋالە قىلىشى ۋە بېرىپ تۇرشى بىلەن بۈگۈن ئەتىگەندىلا «جۇڭگولۇقلارنىڭ كورىيەلىكلەردىن نېمىسى كەم» ناملىق كىتابنى كۆرۈشكە باشلىدىم. جاڭ خوڭجىې قەلىمىدىكى بۇ كىتاب جۇڭگو خەلقى بىلەن كورىيە خەلقى ئوتتۇرىسىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك، ئەنئەنىگە بولغان مۇئامىلە، مائارىپ ۋە دىھقانلار مەسىلىلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيە... قاتارلىق ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن چىقىپ، سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، كىتابنى ئېچىپلا تۇنجى كىرىشكەن تېمام «كورىيەلىكلەر ئەنئەنىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ»دېگەن تېما بولدى. «ئومۇمەن كورىيەلىكلەرنىڭ ئۆزىگە خاس نەرسىسىلا بولسا چوقۇم ئۇنىڭ مۇزىيې بار» دەپ سۆز باشلاپتۇ ئاپتور مەزكۇر تېمىدا.
        جاڭ خوڭجىې ئەپەندى يەنە بۇ ماقالىدىكى بىر تېمىچاقتا «يوقىتىشتىنمۇ قورقىنىشلىقى بىلمەسلىك» دېگەن ماۋزۇدا مەخسۇس توختىلىپ، ئومۇمەن كۆپچىلىك جۇڭگو خەلقىنىڭ كاللىسىدا ئەنئەنىنى «فىئودال» ۋە «قالاق» دەپ قارايدىغان ئۇقۇمنىڭ بارلىقى، ئەسلى بۇ خىل ئۇقۇملارنىڭ پەيدا بولىشىدا ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن كېيىنكى جۇڭگو تارىخىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ئاقارتىش، يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكەتلىرى ۋە تەشەببۇسلىرىنىڭ شۇنداقلا كېيىنكى مەدەنىيەت ئىنقىلابى قاتارلىق بىر قىسىم ھەرىكەتلەر جەريانىدىكى ئەنئەنىگە، كونا مەدەنىيەتكە قارا قويۇق قارشى تۇرۇش ۋە يەكلەشنىڭ ئەكس تەسىرىنىڭ ئاساسىي سەۋەب بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئاپتور ئاخىرىدا خۇلاسىلەپ مۇنداق يازىدۇ: كۆپچىلىك كىشىلەردىن «تۆت ئۆلچەم سەككىز پەزىلەت »، «كۇڭزىچىلىق»، «قەلىبشۇناسلىق» توغرىسىدا سورىساڭ ئۇلار ھىچنىمە بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ باي بولغاندا ئەسىرلەرگە شاھىد بولغان كونا پاسۇندىكى ئۆينى چىقىپ، بەتبەشىرە سىمۇنت ئۆيلەرنى سېلىۋاتقانلىقىدىن، نەچچە ئون يىللارنى قېرىتقان ئائىلە سايمانلىرىنى تاشلىۋىتىپ، پەنەركە قوراللارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىدىن، چوڭ شەھەرلەردە ئەنئەنىۋى بايراملارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش كەيپىياتى سۇسلاپ، مىلاد بايرىمىغا ئوخشاش ئەجنەبىيلەر بايراملىرىنىڭ بازار تېپىۋاتقانلىقىدىن، ياشلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە بولغان ناتونۇشلۇقى شۇنچە كۈچىيىپ، خۇددى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىر كۈنلەرگە بارغاندا بۇ ئەنئەنىلەر «ياتلارنىڭ مەدەنىيىتى» بوپقالغۇدەك ھالغا كەپقالغانلىقىدىن ئەجەپلەنمەيمىز. ئۇ چاغقا بارغاندا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت پۈتۈنلەي تۈگىشىدۇ، قايتا تىرىلمەيدۇ.
       ئاپتور ئاخىرىدا چاقىرىق تەرىزىدە «جۇڭگولۇقلار ئويغىنىڭلار، سۇ كېلىشتىن بۇرۇن توغان سېلىڭلار!» دەپ سۆزىنى تۈگىتىدۇ.
    كۆزۈم ئاخىرقى قۇرلارغا ئۇلاشقىنىدا، كۆڭلۈم ئۆزۈمگە يۆتكەلدى. چۈنكى مەنمۇ بىر جۇڭگولۇق، مەنمۇ جۇڭگو تۇپرىقىدا ياشاۋاتقان بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ئەزاسى. توساتتىن كۆزۈم ئۈستەلدە تۇرغان بىر ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىدىكى مۇتەپەككۇر، شائىر نەۋايى ئۇستازنىڭ بىر پارچە غەزىلى ئويۇلغان ئاپتۇۋىغا چۈشتى. ئەجدادلار قەلب چۇڭقۇرلىقىدىن چىققان ئەشۇ پىكىر دۇردانىلىرىنى چەككەن ئاپتۇۋا شەھەر تۇمۇشىدىكى قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆيىدە باردۇ دەپ ئويلاشقا ئۈلگۈردۈم. مېنىڭ بالىلىرىم ئاپتۇۋىنىڭ نېمە قىلىدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلەمدىغاندۇ؟ ئەجەبا ئاپتۇۋا ئىشلىتىشمۇ بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئاللىقاچان «فىئوداللىق»، «خۇراپىيلىق» قاتارىغا چىققانمىدۇ؟ ۋەھالەنكى ئۇ پاكىزلىق بابىدا بىز ئەجدادلاردىن قوش قوللاپ تاپشۇرىۋالىدىغان ئەنگۈشتەر بولىشى كېرەك ئىدى.
    بىز ئەنئەنىگە قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟ بىز ئەنئەنىمىزنى قانچىلىك بىلىمىز؟...
    بىردىنلا مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلغان بىر قانچە ئىش خىيال ئىكرانىمدىن كەچتى:
    -كىمنى ئىزدەيسىز؟
    دوستۇم باھارگۈلنىڭ ئۆيىگە ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم كەلگەن بولساممۇ، ئەمما ئۇ كۈنى نېمىنى خيال قىلىپ ماڭغىنىم ئىسىمدە يوق. مەن كىرىدىغان ئىشىككە خوشنا ئىشىكتىن كىرىپ كېتىپتىمەن. ئۈچىنچى قەۋەتكە چىقىپ، تېزلا ئىشىكنى چەكتىم. ئادەتتە باھارگۈل ھەر قېتىم كەلگىنىمدە ئىشىك چېكىلىشى ھامان ئىچىپ بولاتتى. ئەمما بۇ قېتىم قايتا-قايتا چەكسەممۇ ئىشىك ئېچىلمىدى. ئۆيدە ئادەم بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى تېخى بايىلا ئۇنىڭ بىلەن تېلفۇندا كېلىشىپ قويغان ئىدۇق. شۇڭا ئىشىكنى چېكىۋەردىم. خېلى ئۇزۇندىن كېيىن ياش قۇرامى مەندىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان بىرسى ئىشىكنى ئاچتى. ئۇ ئىشىك ئالدىدىكى ناتونۇش بىرسىنىڭ ئاۋارە قىلغانلىقىغا ئاچچىقى كەلدى بولغاي. شۇ ھامان چىرايىنى ئۆزگەرتىپلا مەندىن قاتتىق تەلەپپۇزدا سورىدى:
    ــ كىمنى ئىزدەيسىز؟
    مەن دەماللىق ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىكى قاتتىقلىقنى قوبۇل قىلىپ بولالماي، نەچچە سىكۇنت داڭقېتىپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن جاۋاب تەرىقىسدە سورىدىم:
    ـــ باھارگۈلنىڭ ئۆيى ئەمەسما؟
    ـــ ياق ئەمەس.
    ئۇ شۇنداق دەپلا مېنىڭ جاۋاب قايتۇرىشىمنىمۇ، كەينىمگە ئۆرۈلىشىمنىمۇ كۈتمەستىن ئىشىكنى يۈزۈمگىلا زەردە بىلەن ياپتى. ئىنسانىي قەدىر-قىممىتىمگە قىلىنغان بۇ ھۆرمەتسىزلىك نەپسىمگە شۇنچە ئېغىر كەلدىكى، ئىشىكنى قايتا ئاچتۇرۇپ ئۇنىڭغا تىل سالماقچى بولدۇميۇ، ئەمما ئۇنىڭدىكى شۇنچىكى ئادىمىيلىك ساپانىڭ تۆۋەنلىكىنى ئويلاپ، يەنىلا ئۆزۈمگە ئازار تېپىۋالىدىغانلىقىمغا كۆرۈم يەتتى-دە، بوغۇزۇمغا قاپلىشىپ قالغان ئاچچىقنى يۇتۇپ چۈشۈپ كەتتىم.
    كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدىكى ئەگرى-بۈگرى، تار كوچىلىق مەھەللىلىرىمىزدىكى تونۇش ۋە ناتونۇش كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئىللىقلىقى، سالاملىرى كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئەنە شۇ تار، توپىلىق كوچىلاردا ئۇچراشقان ھەر بىر كىشى شۇنچىلىك چىرايلىق سالاملىشاتتى ھەتتا قول ئېلىشىپ، يۈز يېقىشىپ كۆرۈشەتتى. بىراۋنىڭ ئىشىك ئالدىدىن ئۆتكىنىڭدە تونۇسۇن، تونىمىسۇن ئوخشاشلا «ئۆيگە كىرسىلە» دېگەن تەكەللۇپنى قىلىشنى ئۇنتۇمايتتى.ئەگەر بىراۋنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ قالغىنىڭدا ئىشىك ئاچقان كىشىنىڭ تۇنجى سۆزى «كىمنى ئىزدەيسىز؟» ئەمەس بەلكى «ئۆيگە كىرىڭ» بولاتتى. ئەنە شۇ ئەگرى كوچىلار، توپىلىق يوللارغا شاھىد كۆڭۈللەر، قەلىبلەر شۇنچىلىك تۈز، شۇنچىلىك تازا ئىدى. مانا ئەمدى ئۆيلەر ئىگىزلىدى، يوللار تۈزلەندى. ئەمما كۆڭۈللەر، قەلىبلەر ئەكسىچە.
    -ئۇ ئالدىراش ئەمەسمۇ!
    تاللا بازىرىغا كېرەكلىك سېتىۋالغىلى كىرگەن ئىدىم. ئىشىكتىن كىرىپلا ئىختىيارسىز 60ياشلار چامىسىدىكى بىر بوۋايغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. بوۋاي ھەدەپ ئىشىك تۈۋىدىكى پالاسقا ئايىغىنىڭ ئاستىدىكى لاينى سۈرتىۋاتاتتى. شۇنچە كىشىلەر ئىختىيارسىز ۋە ئالدىراش كىرىپ-چىقىۋاتقان بۇ تاللا بازىرىدا بوۋاينىڭ بۇ ھەرىكىتى مېنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇردى.
    تاللا بازارلىرىدا خىزمەتچى قىزلار تىنىمسىز ھالدا يەرنى سۈرتۈپ تۇرىدۇ. كىشىلەر ئۈستىلەپ دەسسەيدۇ. بەلكىم بۇ بوۋايغىمۇ ئايان. ئۇ بۇنچە ئاۋايلاپمۇ، ئۇ قىزلارنى بىرەر قېتىملىق يەر سۈرتۈشتىن ئاياپ قالالماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى ئايىماي دەسسەيدىغان پۇتلار ۋە ئالدىراش كىشىلەر تولىمۇ كۆپ. ئەمما ئۇ نېمىگە ئېرىشمەكچى؟
    ئۇ ئەنە شۇ پۇتلىرىنى سۈرتىۋاتقان تۇرقىدا ئارتۇق نەرسىنى ئويلىغان بولىشى ناتايىن. ئۇ پەقەت قەلبىدىن شۇ دەقىقىدە ئوخچۇپ چىققان كىچىككىنە بىر ئادىمىيلىك ئىستەكنى ئورۇنلىدى خالاس. ئەمما بۇ ئارقىلىق ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆزلۈك قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. بەلكىم مەن ۋە ماڭا ئوخشاش يەنە بىرسىمۇ شۇنچە كىشىلەر ئارىسىدىن يالغۇز ئۇنىڭغا دىققەت قىلغان بولساق كېرەك، شۇنداقلا ئۇ سەۋەبىدىن قەلىبلىرىمىزدە ئىللىق بىر سېزىمنىڭ ھوزۇرىنى ھېس قىلغان بولساق كېرەك. ئەمەلىيەتتە ئۇ ھەممىمىزدىن بەكرەك ئالدىراشتۇ. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ كىشىلىك قەدىر قىممىتىنى، ئۆز مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىلىرىدىكى گۈزەل نەرسىلەرنى بۇنداق ئالدىراشچىلىقلارغا تىگىشمەيدىغاندەك قىلىدۇ!

    مۇزلىغان قۇيماق

       شۇ كۈنى ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق بولغانىدى. مەن رەيھان بىلەن دېيىشىپ قويغان ئاشخانىنىڭ ئالدىغا كىلىپلا ماشىنىدىن چۈشتۈم. كىرسەم رەيھان مېنى ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇ. بىز تاماقنى بۇيرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن پاراڭغا كىرىشتۇق. شۇ ئەسنادا رەيھان تۇيۇقسىز بىر نەرسە ئېسىگە كېلىپ قالغاندەك، ئىتتىك سومكىسىنى ئالدى ۋە ئىككى تال قۇيماقنى چىقىرىپ ئۈستەلگە قويدى.
    ـــ يولدا سەككىز-ئون ياشلاردىكى بىر قىز بىر تەلەڭگە قۇيماقنى كۆتۈرۈۋاپتۇ. قارىسام قوللىرى قىزىرىپ ئۈششۈپ كېتىپتۇ بىچارىنىڭ. تاماق چىققۇچە يىگەچ ئولتۇرامىز دەپ ئېلىۋالغان ئىدىم.
    ـــ ھە، خوش بوپكەندۇ ھەقىچان.
    ــ  شۇ چاغدا چىرايىغا يۈگۈرگەن تەبەسسۇمدىن ئۇنىڭ قانچىلىك خوش بولغانلىقىنى بىلىش تەس ئەمەس.
    ـــ ئادەم دېگەننىڭ كۆڭلى ئەشۇنچىلىك ئىشلاردىن تەسكىن تاپىدۇ-دە...
    بىز قۇيماقنى سۈكۈت ئىچىدە يىيىشتۇق. ئېنىقكى ھەر ئىككىمىزنىڭ كۆڭلى قۇيماقتىكى ھوزۇرغا، پىكىرلىرى ئادىمىيلىكتىكى ئىپتىخارغا غەرق بولغان ئىدى. ئەشۇ دەقىقىلەردە چوڭلارنىڭ كوچىلاردا كېتىۋىتىپلا «بۇ كىشىگە سودا قىلىپ قويايلى» دەپ ئۇنىڭ-بۇنىڭغا پۇل خەجلەپ قويۇشلىرىدىكى ھىكمەتنى قايتا ھېس قىلغاندەك بولدۇم.
       «جۇڭگولۇقلارنىڭ كورىيەلىكلەردىن نېمىسى كەم» ناملىق كىتابتىن باشلانغان پىكىرلىرىم مېنى ئەنئەنە ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا قىستىدى. مەن خۇددى جاڭ خوجىې ئەپەندى يازغىنىدەك «كورىيەلىكلەر ماڭا بىر قېتىم دەرس ئۆتۈپ قويغاندەك» ھېسياتقا كەلدىم. خەلقىمىز ئارىسىدا بولۇپمۇ چوڭلاردا، كورىيە كىنولىرىنى كۆرۈشنىڭ ئەۋج ئېلىشىمۇ بەلكىم ئەنە شۇنداق دەرسلىكلەرنىڭ رولى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك.
       ئومۇمەن ھەر بىر ئەنئەنىسى ئۈچۈن كورىيەلىكلەرنىڭ بىر مۇزىيې بار. ئەلۋەتتە، بۇ مۇزىي باشقا نەرسە ئەمەس بەلكى ھەربىر كورىيەلىكنىڭ ئۆزى، ئۇلارنىڭ قەلىبلىرى، سۆيگۈلىرى!....

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر گۈلنار تىيىپ