ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئۇتۇق-ئىككىنچى بۆلىكى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-23 09:32:26

ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئۇتۇقتاھىر ئىمىن ئىلتەبىرياشلىرىمىز نېمىش قىلىۋاتىدۇ؟ئادەم ئۆز ئالدىغا خالىغانچە ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. شۇڭا ئۇ شەخس نۇقتىسىدىن ھۆددىسىدىن چىقالىسىلا نېمىش قىلسىلا ب...



    ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئۇتۇق
    تاھىر ئىمىن ئىلتەبىر





    ياشلىرىمىز نېمىش قىلىۋاتىدۇ؟



    ئادەم ئۆز ئالدىغا خالىغانچە ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. شۇڭا ئۇ شەخس نۇقتىسىدىن ھۆددىسىدىن چىقالىسىلا نېمىش قىلسىلا بولىۋېرىدۇ. لېكىن كوللېكتىپ بىلەن ياشاۋاتقان ھەربىر ئادەم ئۆزى قىلىۋاتقان ھەربىر ئىش – ھەرىكىتىدە بىلىپ – بىلمەي باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىگە، ئابرويىغا مۇناسىۋەتلك ئىشلارنى قىلىپ سالىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن سۆرەلمە ياكى ئاشقۇن كىشىلەرر ھەققىدە توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەن شىمالىي شىنجاڭدىن ئۈرۈمچى، سانجى، جىمىسار، گۇچۇڭ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن قەشقەر، يەكەن، پوسكام، قاغىلىق، مارالبىشى ناھىيىلىرى، ئۈرۈمچى، سانجى شەھەرلىرىدە زىيارەت ئارىلاش تەكشۈرۈش ئې،لىپ بېرىش ئارقىلىق ئىگىلىشىمچە:
    جانۇبى شىنجاڭدىكى ياشلارنىڭ ئىگىلىك شەكىللىرى ئاساسەن: ئاتا – ئانىسى بىلەن بىرلىشىپ قىلغان تىجارەت؛ دېھقانچىلىك ۋە يەككە تىجارەت (ئۇلاغچىلىق، بورداقچىلىق، كۆكتاتچىلىق، باققاللىق، ئاشلىق سودىسى، تىرىكچىلىك قىلىش؛ ئاتا – ئانىسى سىلىپ بەرگەن دەسمايىنى ئاساس قىلىش ئىلىپ – سىتىش بىلەن مۇستەقىل سودا قىلىش؛ مائاشقا تايىنىپ تۇرمۇش كۆچۈرۈش؛ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش… قاتارلىقلار ئىكەن.


    دەۋر تەلىپى ۋە ئىستىمال سەۋىيىسىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ خۇسۇسىي ئىگىلىككە مەنسۇپ بولغان بارلىق تۈرلەر ياكى شەللىنىش ياكى شەكىل ئۆزگەرتىپ ماسلىشىش، يىتىشىۋېلىشتىن ئىبارەت تاللاشقا دۇچ كېلىۋېتىپتۇ.


    پوسكام ناھىيىسىدە ئابدۇۋەلى ئىسىملىك بىر ياش ئۆزىنىڭ تىجارەت يولى ھەقىدە مۇنداق دېدى:
    مەن بۇ يىل 24 ياشقا كىردىم، تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن. بىر قېتىم توي قىلىپ ئاجراشقان. بوۋام كاتتا تىۋىپ بولغاچقا دەسلەپتە دادام مېنى ئۇنىڭغا شاگىرتلىققا بەردى.ئۇنىڭ يىنىدا ئۈچ يىل تېبابەتچىلىك ئۆگەندىم، كېيىن بوۋام ئۆلۈپ كەتتى. تېبابەتچىلىك مېنىڭ ئەستايىدىل ۋە ئېغىر بېسىق مىجەزىمگە ماس كېلىپ قالدى. مەن ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ دۇكان ئاچتىم. تاپقان پۇلنى دەسلەپكى ئىككى يىل ئىچىدە دادام تۇتتى، كېيىن مەن ئىشەنچلىك دەپ قارالغاندىن باشلاپ ئۆزۈم تۇتتۇم.ناھىيىلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن تېببىي ئىمتىھانغا قاتنىشىشىم كېرەك ئىدى. مەن خوتەن تېببىي تېخنىكومى ئوقۇشلۇقى ۋە يەرلىك رېتسىپلارنى ياخشى ئۆگىنىپ ئىمتىھاندىن ئۆتتۈم. ھازىر يېڭى ئۆي سالدۇق. بىر كىچىك ماشىنا ئالدىم. كومپيۇتېرىممۇ بار بولدى، مەن بۇ جەرياندا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم. مۇناسىۋەت دائىرەمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى جامائەت خوش بولىدىغان توغرائىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بالىلار. يەنە ناھىيىمىزدە كۆزدە كۆرۈنگەن، ئىش ئوقىتى ياخشى، يۈز – ئىناۋىتى بار، بىزگە پايدىلىق نەسىھەت ۋە مەسلەھەت بېرەلەيدىغان كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ، ئارىلىق ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. يەنە بىر نەچچە يىل ئىشلەپ پۇل يىغىپ تېببىي تېخنىكومدا مەخسۇس ئوقۇپ كېلىش پىلانىم بار. شۇ چاغدا ئاساسىم تېخىمۇ پۇختا بولىدۇ دەپ قارايمەن.
    بۇ مەن جەنۇبتا ئۇچراتقان، ئائىلىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۆز يولىنى پۇختا باسقان، ھۆكۈمەتكە يۆلەنمەي، مۇستەقىل يول تۇتۇۋاتقان ياشلىرىمىز ئىچىدىكى ئەڭ تىپىك بىرسى.


    ياشلىرىمىزنىڭ جان بېقىش شەكىللىرى:


    (1) مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش؛ (2) ئاتا – ئانىسىغا ھەمكارلىشىپ ئىگىلىك تىكلەش؛ (3) مائاشىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇسۇلى؛ (4) سەرسانلارچە تۇرمۇش كۆچۈرۈش شەكلى؛ (5) قانۇنسىزلارچە جان بىقىش شەكلى؛ (6) پارچە سودا ئارقىلىق جان بىقىش شەكلى



    ئۈرۈمچىدىكى ئىشسىز ياشلار



    نوغاي كوچىسىدىن بۇلاقبىشى كوچىسىغىچە بولغان ئۈچ كىلومېتىرغا يېقىن جايغا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۇششاق ئىلىم – سىتىم بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئات بەيگە مەيدانى، ليۇداۋان كۆمۈر كېنى، باگاڭ، ۋىيخۇلىياڭ، خىيجياسەن، يۆجىڭگەي، ۋاڭ جيالياڭ، ئەرمو قاتارلىق جايلاردىكى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان نامراتلىق ۋە بىچارىلىك بۇ يەردىكى ياشلىرىمىزنىڭ ھەقىقەتەن ھالسىز ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلىپ تۇرۇپتۇ.


    مۇنداق ئۈچ قىسىم ياشلار:


    1) جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەن، ھۈنەر – تېخنىكىسى بولمىغان ياكى ئۈرۈمچىگە ماس كەلمىگەن ياشلار؛ 2) ئۈرۈمچىگە يەرلىك بولۇپ،مەكتەپتە ياخشى ئوقۇمىغان، جەمئىيەتكە ئارىلىشىپ ئويۇنخۇمارلىق قىلغانلار، ئىچكىرىگە، سىرتلارغا قاڭقىپ يۈرگەنلەر؛ 3) ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، مۇناسىپ يول تاپالمايۋاتقانلار.

    بۇلارنىڭ ئىشسىز قىلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئائىلە كېلىپ چىقىشى ۋە تەربىيە ئەھۋالىدىن بولغان.

    مۇستەقىل جان بىقىشنى ئۆگىنىش ئائىلە تەربىيىسىنىڭ يادروسى بولۇشى كېرەك

    تەرەققىيات بىلەن بىۋاسىتە توقۇنىشىۋاتقان، تىڭىرقاۋاتقان بۇ خىل ياشلىرىمىزنىڭ قىلىشقا ئۈلگۈرىدىغان بىردىنبىر يولى ئېغىر ئەمگەككە چىداش، مەسئۇلىياتچان ۋە تىجەشلىك بولۇش، ھەرقاچان سگەك بولۇپ يول تىپىش كويىدا بولۇشتۇر.


    قەشقەردىن كەلگەن مۇھەممەتتۇرسۇن ئىسىملىك بىر ياش مۇنداق سۆزلەپ بەردى: مەن بۇ يىل 25 ياشقا كىردىم. تولۇقسىزغىچە ئوقۇغانمەن.ئىلگىرى يۇرتۇمدا سودا قىلغان، ھۈنەر ئۆگەنمىگەن ئەمما ئۆگەنگەنلىرىم بۇ يەرگە ماس كەلمىگەچكە ئىش تىپىش بەك تەسكە چۈشتى.ئۇچۇر مۇلازىمەت ئورنى بىلەن بىر ھەپتە ئالاقىلىشىپ پويىز ئىستانسىسىدا مال چۈشۈرىدىغان ئىش تاپتىم. دەسلەپتە ئايلىقىم مىڭ يۈەن بولدى. ھەر كۈنى ئۈچ نان بىلەن جان بېقىپ بىر ئاينى ئۆتكۈزدۈم. جاپاغا چىدىغانلىقىم، ئىش ئىگىسى دېگەن يەردىن چىققانلىقىم ئۈچۈن مەن بۇ يەردە خىلى ئىناۋەتكە ئىگە بولۇپ ئىشلەپ قالدىم. كېيىن ھېساب تۇتىدىغان ئادەم كېسەل سەۋەبىدىن خىزمەتتىن بوشىغانلىقى ئۈچۈن مەن ھېسابقا ئەستايىدىل بولۇش شەرتى بىلەن پۇل تۇتىدىغان، ئامبار باشقۇرىدىغان بولدۇم. مائاشىم بىر يىرىممىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى. ھازىر مۇشۇ ئىشنى قىلىپ كېلىۋاتقىلى يەتتە ئاي بولدى. تاپقان پۇلۇمنى ئۇدۇللۇق بانكىغا قويۇپ، ئانچە – مۇنچە ئۆيگە ئەۋەتىپ كېلىۋاتىمەن. ئەگەر شىركەتكە جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگىنىم يەردە قالمىسا مەن چوقۇم يەنە ئۆرلەيمەن. ئەگەر شىركەت ۋەيران بولسا تاپقان پۇللۇرۇم بىلەن ئۆزۈم مۇستەقىل بىرەر ئىشنىڭ ئىپىنى تۇتساممۇ بولىدۇ.
    ئادىلجان ئىسىملىك بىر ياش مۇنداق سۆزلەپ بەردى:


    مەن 19 ياشقا كىردىم، ئۈرۈمچىگە كەلگىلى بىر يىل بوپتۇ. ئىلگخرى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. كېيىن دادامغا ئەگىشىپ دىلكالىق قىلغان. دەسلەپتە مەن بەك تىڭىرقىدىم. كېيىن خىجىل بولۇپ ھېچكىمگە ھال ئېيتماي ياكى يول سورىماي يۈرىۋەرسەم ئاچ قالىدىغانلىقىمنى بىلدىم. ئاخىرى ئاغرىپ قالغان چىغىمدا ئەخمەتجان ئىسمايىل دەيدىغان بىر دوختۇرغا كۆرۈنگەچ مەسلىھەت سورىدىم. ئۇ كىشى ماڭا كۆپ ئىلھام بەردى ۋە يول كۆرسەتتى. مەن ئۆز جىنىمنى پەقەت ئۆزۈمنىڭلا بىقىشىمكېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر قۇرۇلۇش شىركىتىگە بېرىپ خەنزۇلار ئارىسىدا ئىشلىدىم. خەنزۇ تىلىنى بىلمىسەممۇ سەۋرچانلىق ۋە چاققانلىق بىلەن ئىشلىدىم. كۈنلۈكۈم 40 يۈەندىن توختىدى.
    بۇ ئىشىم بەك جاپالىق.جاپاغا چىدىمىسام قانداق قىلىمەن؟ مېنىڭ ئاتا – ئانام ياكى باشلىق ياكى باي ئەمەسكەن. مەكتەپتە يا ئاخىرغىچە ئوقۇماپتىمەن. ئەمدى چىدىشىم، ۋايسىماسلىقىم كېرەك. مەن ھامان ياخشى تۇرمۇش قۇرالايدىغانلىقىمغا، يۇرتۇمغا نۇرغۇن پۇل كۆتۈرۈپ ئۆيدىكىلىرىمنىڭ ئالدىغا يۈزۈم يورۇق بارالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.



    ئۆيسىزلىك، خوتۇنسىزلىق، ئىشسىزلىق، سەرسانلىق ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئەڭ نەق ۋە ئېغىر مەسىلىمىز. لېكىن بىز ھەممىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىمىزغا، ياشلىرىمىزنىڭ جاپاغا بەرداشلىق بېرىپ، كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قارىغان يۇقىرىدىكى ئىككى ياش دوستىمىزغا ئوخشاش ئۆزىدىكى روھىي ئاجىزلىقنى كەسكىن ئىرادە بىلەن يېڭەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
    ئۆيسىزلىك، خوتۇنسىزلىق، سەرسانلىقنىڭ ئالدىدا جاپاغا چىداپ ئىشلەش خىلى ئوغۇلبالىدارچىلىققا ياتىدىغان ئىشتۇر.



    توغرۇلۇق ئىچىدە ئىزىۋاتقان ياشلىرىمىز



    قەلبىگە نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇ -ئارمانلارنى پۈككۈن بىر تۈركۈم ياشلىرىمىز ئىزىپ يۈرمەكتە. ئۇلار بارلىق شىرىن ئارزۇلىرىنى كىتاب دۆۋىسىگە ئاتىۋەتكەن بولۇپ، ئاشۇ كىتابلار دۆۋىسىدىن ئاللىقانداق غايىۋى نەتىجىلەرنى كۈتىدۇ.كىتاب ئۇلارغا لەززەتلىك سىزىم بېرەلەيدۇ. ئۇلار خەلقئارا خەۋەرلەرنى كۆرىدۇ. گېزىتنى ئەستايىدىللىق بىلەنئوقۇيدۇ. بىرقىسىم ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولىدۇ. بارلىق ئۇچۇر ۋە ھادىسىلەردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدۇ. ماقالە، شېئىر يېزىشقا ھېرىسمەن كېلىدۇ. سورۇنلاردا بەس – بەستە تۈرلۈك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىشىدۇ. تولىمۇ قىزغىن ۋە ھاياجانبىلەن سۆز باشلىيالايدۇ ۋە ئاخىرلاشتۇرالايدۇ. غەلىتە ۋە ئۆزگىچە ئىبارىلەرنى ياد ئېلىۋالغان بولۇپ دەل جايىدا كەلتۈرۈپ ئىشلىتەلەيدۇ. قارىماققا ئۇلار ھەممىدىن خەۋەرداردەك، ھەممىنى بىلىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كاللىسى ئەخلەتلەرگە توشۇپ كەتكەن بولۇپ، كاللىسىدىن مۇھىم ۋە مۇھىم بولمىغان بارچە ئۇچۇرلارنى تاپالايدۇ. ئۇلار مەشھۇرلىرىمىزغا ئائىت ئىنچىكە ئۇچۇرلارنىئىگىلەپمۇ قويىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ئەيىپلىرىنى قاتتىق سۆكەلەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ سەكسەن خالتا ئەيىپلىرىنى بىلىدۇ. بەزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مىللەت ئىكەنلىكىنى ئۇزۇن تارىخ ئارقىلىق سۆزلەپ بېرىدۇ. مۇشۇ قاتلام ياشلىرىمىز بىر تەجرىبە ئىتىزى بولۇپ قالغانبولۇپ،ئۇلار ھازىر مەخسۇس تەربىيە كۆرگەن، مەلۇم بىر ئىدىئولوگىيىگە مەنسۇپ كىشىلەرنى ئىدىيىۋى لەشكىرى بولۇپ قالماقتا. ئۇلار تاشقى كۆرۈنۈشتە ھەممىنى بىلىدىغاندەك قىلسىمۇ،ئەمەلىيەتتە ھېچقايسى ساھەدە ۋايىغا يەتمىگەن، لېكىن ھەممىدىن ئاندا – ساندا خەۋەردار بولۇپ، «تەرمىلەر» ژۇرنىلىغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇلار بۇنىڭدىن خۇشال، ئۇلارنىڭ ياخشى تەرىپى كىتاب ۋە بىلىمنى سۆيىدۇ. يېڭى كۆز قاراشلارغا ھېرىسمەن.قەلبى بىر يېڭى دۇنياغا تەلپۈنىدۇ. تېخى ئۇلار باشقىلارنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە باش قاتۇرىدۇ، كۆڭۈل بۆلىدۇ، رېئاللىقنى ئۆزگەرتىشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. دېمەك ئۇلار بىر تۈركۈم ياخشى نىيەتلىك، ساپ دىل ياشلىرىمىز بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىرىشچان، كۆيۈملۈك ۋە غايىۋى روھىدىن سۆيۈنۈشكە بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ يامان تەرىپى ئۆزى رېئاللىقتا ياشاپ تۇرۇپمۇ،ئاشۇ رېئاللىقنى چۈشەنمەيۋاتقان، ئۆزى بىلەن رېئاللىقنى سۈنئىي ھالدا ئايرىۋېتىپ بارماقتا. ئۇلار بىلىم ۋە رېئاللىق ئوتتۇرىسىدا تىڭىرقاپ يۈرىدۇ. ئىنچىكىلىك بىلەن زەڭ سالساق ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۇشبۇ ھادىسىلەرنى ئۇچرىتالايمىز.


    1) بىلىمنى ياخشى كۆرۈش ئەمما نېمىنى ئۆگىنىش ۋە قانداق ئۆگىنىشنى بىلمەسلىك.
    2) مۇئەييەن بىر ساھەدە مەخسۇس كەسىپ ئەھلى بولالماسلىق.
    3) ئۆگەنگەنلىرى رېئاللىقتا ئىشلىمەسلىك ياكى ئىشلىتەلمەسلىك.
    4)نوپۇزغا، شۆھرەتكە بېرىلىپ ئەمەلىي نەتىجە قازىنالماسلىق، غايىۋىلىشىپ مەغلۇپ بولۇش يولغا چىقىپ بولغان،ئەمما قانداق مىڭىشنى بىلەلمىگەن، كىتاب ۋە خىيال بىلەن تۈگىشىپ كېتىۋاتقان شۇ ياشلىرىمىزغا ئېيتىمىزكى، سىزنىڭ ئۆزىڭىز بىر كاتتا كىتاب.كىتابلا ئەمەس بىر كاتتا ئەسەر. سىزمۇ تىرىشسىڭىزلا ياخشى يازالايسىز.



    ئەمگەك قىلمىغانلارنىڭ ئۇلۇغ نەزەرىيىلىرىدىن گۇمانلىنىڭ!



    كىتابنى باشقىلار يازىدۇ. ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، كىتابى يازغۇچىنىڭ رېئال دۇنيانى ماددىي جەھەتتىن ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ياكى ئادەملەرنىڭ روھىغا، تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تەسۋىرلەرنى پۈتۈشتىن ئىبارەت. بىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان بىر تۈركۈم ئەسەرلەرنى يازىدىغان، تەرجىمە قىلىدىغانئاتور – يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىشى ھەل بولۇپ بولغان، مۇقىم خىزمىتى، ئىش ئورنى بار كىشىلەردۇر. ئۇلار يەنە قەلەم ھەققى ئالىدۇ. ئۇلار مۇھتاج نەرسە ئۆزىنىڭ تونۇلۇشى، ئېتىراپ قىلىنىشى. شۇڭا ئۇلار شۇنداقراق نەرسىلەرنى يازىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئىلمىي ئەمگەكنى ئىزلەنگۈچىلا قىلالايدۇ، يازالايدۇ بىز ئۇنىڭدا ئىزىپ يۈرگۈچىلەردىن ئەمەس، بەلكى باھا بېرەلەيدىغان،ماس كېلىدىغانلىرىنى تاللاپ ئوقۇيالىغىنىمىزدىلا كاللىنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى ساقلاش بىلەن ئەمەس، ئىشلىتىش بىلەن ئاشىدۇ. ئۆگەنگەنلىرىمىز ۋە ئىزلەۋاتقانلىرىمىز ئەمەلىي ئۈنۈمى بار ۋە بىزگە ماس كېلىدىغان بولسۇن.



    خىزمەت قىلىۋاتقان يالشىرىمىز



    نۇرغۇن ياشلىرىمىش خىزمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك چىقىش يولى دەپ قاراپ، ھۆكۈمەت مەسئۇللۇقىدىكى مۇقىم خىزمەتكە پۈتۈن تىرىشچانلىقى بىلەنئىنتىلىدۇ ۋە بىر ئاماللار بىلەن ئۇنىڭغا ئىرىشىدۇ.
    خىزمەتنى بىردىنبىر چىقىش يولى دەپ قاراش ياشلىرىمىزنى مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشتىن توسۇپ قويماقتا. ئۇلار بېقىندىچىلىق، ھورۇنلۇققا كۆنمەكتە. خىزمەتتىن ئايرىلسا قانداق كۈن ئىلىش ھەققىدە پىكىر قىلىش تولىمۇ زۆرۈر. ىزمەتنى ساقلاپ قىلىشمۇ مۇھىم. بۇ ئارقىلىق مەمۇرى ئورۇنلاردىكى نوپوزىمىزنى ساقلاپ، تېگىشلىك بولغاندا ئۆزىمىز ۋە باشقىلار ئۈچۈن كۆپلەپ ياخشى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ.
    خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ بولغانلار نۆۋەتتىكى خىرىس ۋە رىقابەت ئالدىدا ئۆز خىزمىتىنى ساقلاپ قىلىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە ھەرقاچان تاقابىل تۇرالىشى كېرەك.



    تەكشۈرۈش ۋە رىقابەت



    ھەرقانداق خىزمەت ئادەمدىن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق ۋە بەدەل تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭدا مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئىنتايىن مۇھىم. بانا كۆرسىتىش ئاقمايدۇ. كىم ياخشى قىلالىسا شۇ ئىشلىتىدۇ. بازار ئىگخلىكى – بىزدىن ئەڭ ياخشى قىلىشنى،ئەڭ يۇقىرى ئىقتىدارىمىزنى چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىزنىڭ قىلغان خىزمىتىمىز چوقۇم ئىستىمال قىممىتى، ئېھتىياج تەلىپىگەماس كەلگەندىلا ئاندىن ئورنىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز. تەكشۈرۈش ۋە رىقابەت ئادەتتە ئىككى نەرسىگە مەركەزلىشىدۇ. بىرى: كەسپى ماھارەت يەنە بىرى مەسئۇلىيەت ئىڭى. ئادەم قىلغانئىشنى چوقۇم ئەستايىدىل ۋە ئەڭ ئۈزۈل – كېسىل داۋاملاشتۇرۇپ قىلغاندىلا ئاندىن غەلىبە قازىنالايدۇ.



    ياشلارنىڭ شاللىنىپ كىتىشىگە سەۋەب بولىۋاتقان ئاساسلىق ئامىللار



    ۋاقىت ۋە ئىنتىزام مەسىلىسى بۇ ئەڭ مۇھىم ئامىل بولۇپ، ئەبگالىقنىڭ كېيىنكى تەسىرى تېخنىكا ۋە ئىقتىدار مەسىلىسى، تىل ۋە كەسىپكە ئەھمىيەت بەرمەسلىكنىڭ نەتىجىسى. مۇناسىۋەت ۋە پەزىلەت مەسىلىسى، مىللى پەرقنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈۋېلىش ۋە توغرا قاراشتا بولماسلىقنىڭ نەتىجىسى.
    نۇرغۇن كىشىلەر تۈرلۈك ئاماللار بىلەن قولغا كەلتۈرەلمەيۋاتقان خىزمەتنى بەزىلەر بوشاڭلىقى تۈپەيلى قولدىن بەرمەكتە. شىركەتلىرىنىڭ يالداما سۆزى بويىچە ئېيتىمىزكى، بۈگۈن سىز ئەستايىدىل خىزمەت قىلمىسىڭىز ئەتە يەنە ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت ئىزلەيسىز.
    ماھىنۇر ئىسىملىك بىر بانكا خىزمەتچىسى مۇنداق دېدى: بىزنى ھەر بىر خىزمەت پەسلىدە ئەخلاق، كەسپىي ماھارەت، مۇئامىلدارلار پىكرى، كۈندىلىك بېرىش – كېلىش، تازىلىق… قاتارلىق تەرەپلەردە مەخسۇس تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمى بويىچە باھالاپ چىقىدۇ. بىز ئاساسەن قىلىپقا چۈشتۇق. چۈشمەي ئامال يوق. بۇنىڭغا كۆنۈش كېرەك. بولمىسا نېمە ئىش قىلالايمىز؟ خىزمەتتىن ئايرىلساق يېڭى بىر ئىش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. لېكىن بۇ ئاسان ئەمەس. شۇڭا پۈتۈن كۈچىمى بىلەن تىرىشىپ جانىجان مەنپەئىتىمىزنى قوغداپ قىلىشىمىز كېرەك.



    ستودىنتلىرىمىز



    ئوقۇۋاتقان، ئوقۇپ خىزمەت ئىزلەۋاتقان ياشلىرىمىز ئۆز كەلگۈسىنى روشەنراق كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ياشلىرىمىزدۇر. ئۇلارنىڭ ئۆز كەلگۈسىنى ئومۇمى مەۋجۇتلۇقىمىز ۋە خۇسۇسىي مۇۋەپپەقىيەت نۇقتىسىدىن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ ئويلىشى نۆۋەتتىكى قىسقا تەۋسىيەىمىزدۇر.
    سىتودىنتلىرىمىزدىكى مەسىلە مۇنداق بىرنەچچە جەھەتتە گەۋدىلىنىدۇ:
    1) ياخشى ئوقۇماسلىق (كەسپىي بىلىم، سىياسەت، خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلى)
    2) ياخشى ۋە تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتى يىتىلدۈرمەسلىك (ئىقتىساد ۋە تازىلىق)
    3) مۇستەقىللىق ۋە جاپاغا چىداش ئىڭى تىكلىيەلمەسلىك (بىقىنىش، خىزمەت تاپالماسلىق)
    4) ئەخلاق ۋە مىللىي ئاڭ مەسىلىسى (بىزگە پەزىلەتسىز ئالىم كېرەك ئەمەس دەيدۇ چوڭلار)
    بۇنىڭ سەۋەبلىرى ئىجتىمائىي مۇھىت، ياشلىق پسىخىكىسى ۋە ئېھتىياج.
    كۆرۈلىۋاتقان يامان خاراكتىرلىك مەسىلىلەرنى قويۇپ بىر ئىجابى مىسال كەلتۈرسەك: خوتەندىن كەلگەن تۇرسۇنجان ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى (شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتى) ئۆز ھېكايىسىنى مۇنداق بايان قىلغان. مەن 3 – يىللىقتا ئوقۇۋاتىمەن. يېڭى كەلگەندە خەنزۇ تىلىغا يېتىشەلمەي، خەنزۇ تىلىدىكى دەرسلەرنى چۈشەنمىگەچكە ئاخىرى يىل زېھنىمنى خەنزۇ تىلىغا قاراتتىم. بوش ۋاقىتلاردا كېرەكلىك كېتاب، خاتىرە ۋە باشقا مەدەنىي بويۇملارنى ئىلىپ كېلىپ ياتاقمۇ – ياتاق كۆتۈرۇپ يۈرۈپ خىلى پايدا تاپتىم. مەكتەنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلەپ تاماق مەسىلەمنى ھەل قىلدىم. ھەتتا بەزىدە قاراۋۇلخانىدىمۇ تۇردۇم. ئاساسەن جاپاغا پىشتىم. ئىككىنچى يىلى مەن ماتىماتىكا ۋە خىمىيە دەرسلىرى بويىچە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولدۇم. ھازىر ئۆزۈمگە ئاساسەن ئاساس سېلىپ بولدۇم. ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالالمىغان بولساممۇ لېكىنئىرادەم بار. ھەم شەرتىممۇ توشۇپ قالاي دېدى. كېلەر يىلى چوقۇم ئالىمەن. ئوقۇش پۈتتۈرۈش بىلەن تەڭ ئاسپىرانتلىققا تەييارلىق قىلىپ ئۈلگۈرىمەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.