كەسىپ ئەھلىلىرگە

يوللىغۇچى : Albidar يوللىغان ۋاقىت : 2008-01-27 21:20:00

<< كەسىپ ئەھلىيلىرگە>> . سالام، سورۇن ئەھلى، كەسىپچان مۇنبەر ئەھلى مەن خۇددى باشتىلا ئىيتقاندەك (دەسلەپكى يازمىلىرىم «ھاڭۋىقىش» ۋە <<سىغىنىش لىرىكىسى>>نىڭ ئالدىغائشارە قىلىپ ):مەزكۇر مۇنبەردىكى<< ...

    << كەسىپ ئەھلىيلىرگە>>

    .       سالام، سورۇن ئەھلى، كەسىپچان مۇنبەر ئەھلى مەن خۇددى باشتىلا ئىيتقاندەك (دەسلەپكى يازمىلىرىم «ھاڭۋىقىش» ۋە <<سىغىنىش لىرىكىسى>>نىڭ ئالدىغائشارە قىلىپ ):مەزكۇر مۇنبەردىكى<< كەسىپ ئەھلىيلىرى>>نىڭ ئەقىل تارازىسغا توغرا كەلمەيدىغان گەپلەرنى شىئىر دەپ يىزىپ سالىدىغانلىقىمنى، ھەم مۇشۇنداق شىېئىرسىمان نەرسىنى يېزىشنى كەسىپ قىلمايدىغانلىقىمنى قەيىت قىلغان ئىدىم. مانا ،ھازىر مەن ئويلىغان تەنقىت ئاز-ئازدىن يىغىلىشقا باشلاپتۇ. ۋايىغا يىتەمدۇ-يوق بىلمەيمەن. مەقسەت: مەن بەدىيئىيلىك دىگەننى ئۇقمايمەن، ئۇقۇشنىمۇ خالىمايمەن، ئۇقساممۇ پايدىسى يوق. بەدىئىيكلنىڭ ئۆلچىمىنىمۇ مەلۇم ئورۇن ياكى مەلۇم يازارمەن بەلگىلەپ بىرىدۇ دەپمۇ ئويلىمايمەن. منىڭ بىلىدىغىنىم -پەقەت «مەن مۇشۇنداق ئۆزىنى ئاۋۋال سۆكىدىغان ،ئاندىن يەنە ئىچ-ئىچىدىن ئۆزىگە ۋە ئۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توپنىڭ كەلگۇسگە غايىۋانە ئشىنىدىغان ئادەملەر ئارسىدا ياشىغانلىقىم-بۇ مىنىڭ ئەقلى يىتىلىش مۇھىت رىئاللىقىم، مەن ئۇنى ئۆزۇمگە ۋاكالىتەن ئىپادىلەپ قەلەمگە ئالدىم».
       پىتنى چۇشنىدىغانلار بىلىدۇ: پىت -ئاجايىپ نەرسە، ئۇنىڭ سانى، ياشاش مۇھىتى ،مەۋجۇتلۇق سىرى، قانداق پەيدا بولىدىغانلىقى ئاسان دىققەتكە چىلىقمايدىغان بىر مەسىلە.
       يىڭى پىتشۇناسلار-بۇنى ئويلىنىپ باقسىمۇ خەتىرى يوق!!!چۇنكى ئويغاق ئادەمنى پىت بىرلا قىتىم چاقالايدۇ.ئىككىنچى قىتىم بىلىپ قالىدىغان گەپ!! ئەمما پىتنىڭ رىئاللىقى-ھەقىقى رىئاللىق!!!پىتنىڭ بارلىقى راسىت ئش! تۇغۇلىشىدىنلا ئادەم چاقىدىغان ئەسلى پىتنڭ ۋە ئىدىيگە،تۇرمۇشنىڭ ھەر بىر قاتلىمىغا،ھەر بىر بۇلۇڭغا يامرىغان مەۋھۇم پىتنىڭ بارلىقىنى ھىچكىم ئنكار قىلالمايدۇ،ئۇ پىتنى سىز نىمىدەپ چۇشىنىڭ ئىختىيارىڭىز.
        توغرا مەن پىتلىق ئەلبىدار دەپ يازساممۇ بولىدۇ، بۇمۇ راسىت چۇنكى: مەن كىچىك چىغىمدا ئاپامدىن ئايرىلىپ قالغان(8يىشىم)، دادام ھەمىشەسىرتقا تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن چىقىپ كىتەتتى، تۇققانلارنىڭ ئۆيىدە ، ئۇ يەر-بۇ يەردە يىتىپ قوپۇپ مەن پىتلىق بولۇپ قالدىم. بىر دىھقان كىشى بىلەن بىر نەچچە كۈن بىرگە تۇردۇم. ئۇ تىخىمۇ پىتلىق ئىدى. قىش كۇنلىرى ئىكەنلىكى ئىنىق ئىسىمدە.بىر كۇنى ئۇ كۆڭلىكىنى ئىلىپ، پىتنى بىردىن بىردىن تۇتۇپ ئىلىپ مەشنىڭ ئاغزىنىڭ تۆپسگە قويۇشقا باشلىدى،پىتلار پاراسلاپ كۆيدى،ئۇ بۇنىڭدىن قاتتىق ھوزۇر ھىس قىلدى بولغاي ،ئاجىز دۇشمىنى ئۇستىدىن غالىپ كەلگەندەك تۇيغۇ بىلەن خىلى ئۇزۇن سۆزىسز ئولتۇرۇپ تاماششا قىلدى. ئاخىرىدا ئۇ بىر پىتنى ئىلىپ تاشلىۋەتتى، ئۇنىڭدىن سورىسام «بۇ گۇيلاردىن بىرەرسى بولسىمۇ قىينالماي ئۆلسۇن،ئەسلى ئوتقا تاشلاپ ئۆلتۇرسە ئىغىر گۇناھ بولاتتى .............» دىدى.
       كىيىن باشقىلاردىن ئاڭلىسام، پىتنى يەرگە تاشلىۋەتسە ، يەنە كۆپىيپ قالارمىش...... ئۇنىڭدىن كىيىن مەن ئاياللارنىڭ پىت باقىدىغان ئولتۇرۇشنى كۆردۈم. بىرنەچچە ئايال ئاپتاپقا قاقلىنىپ ئولتۇرۇپ، بىۋاستە تىرنىقى ئارقىلىق پىت باققان كۆرۈنۈشلەر ئىنىق ئىسىمدە .بەلكىم پىت ھازىر كۆپ بولمىسا ، ياكى يوقالغان بولسا كىرەك. بۇ پىتلارنى ھىچكىم تىخى تولۇق ئاخىرغىچە بىقىپ باققىنى، نەتىجىسنى كۆرۈپ باققىنى يوق.
        مۇشۇ قۇرلارنى يىزىۋاتقاندا يىنىمىدىكى دوستۇم : «پىتنى بىقىۋەرسە ئىت بولىدۇ»دىدى.  پىت دىگەن پىت ،قانداقسىگە ئىتقا ئايلىنىدۇ،جۆيلۇۋاتىدۇ ،ئۇ!! كىيىن مەن چوڭ بولدۇم، ئۆزۇم ۋە يىنىمدىكى چوڭلارنىڭ پىتقا ئوخشايدىغان زىيانلىق مەخلۇقنى ئەتىۋارلاريدىغانلىقىنى بايقىدىم.بىۋاستە زىيانلىق قان شورىغۇچلارنى ، ئۆزى ئۇچۇن قىممىتى يوق نەرسسىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ئۇنىڭغا ئنكاس قايتۇرماسلىق ياكى خىيالىغا كەلمەسلىكنى مەن روھقا چاپلاشقان پىت دەپ ئاتىدىم. دىمەك بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا پىتلار قاينايتتى. لىكىن بۇنى بىلىپ قويۇشلا يەتمەيتتى. مەيلى تەندىكى پىت بولسۇن ياكى روھتىكى پىت بولسۇن ھەممىسى زادى نىمە بىلەن سەۋەبلىك؟ تەندىكى پىت -پاكىز ۋە ئىشچان بولمىغانلىقىمىزنىڭ ،روھتىكى پىت-ئىقتىدارلىق ۋە پەزىلەتلىك بولمىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبىدىن دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىز ئۇچۇن ئەڭ زەرەرلىك پىتنى ئۆزىمىز ئشلەپچىقىرىمىز دەپ قارىدىم. قىسقىسى :روھسىزلىق -پىتلاپ قىلىشنىڭ سەۋەبى دەپ ئويلىدىم. بەلكىم بۇنداق خىياللىرىم تىخىمۇ ئۆتكۇر «تەنقىتلەر» گە دۇچ كىلىشى مۇمكىن. ئەمما مەن يەنە يازىمەن. چۈنكى مەن بۇگۇنكى يىڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۇچۇن ياخشى باشلىنىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان  كۆپ قىسم يازغۇچىلارنىڭ ئوخشىمىغان ساپا ،ئوخشىمىغان تەسەۋۋۇر ،ئوخشىمىغان مەقسەتتىكى كىشلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئەدەبى يولدا مىڭىشىغا كىرەكلىك سەھنىنى تارتىۋالمايدىغان ،پەقەت بولمىغاندا بىر قەدەم بۇرۇن ئويلىيالايدىغان ئىجادىيەتچىلەر ئىكەنلىكىگە ئشىنىمەن. ئامان بولۇڭلار،ئىجادىيتىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن،پىت چاپلاشقان تىنىڭلار ۋە روھىڭلار ئامان بولسۇن!
         پىت چاپلاشقان ئەلبىداردىن!!!

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 9:02:33]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق