كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ(مۇختار قادىر)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-29 00:38:05

كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇمۇختار قادىر ھۇنزادە كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ، ئەقلىمىزنى ئىلمىي تەپەككۇر! بۇ بىر تەرەققىيات زۆرۈرىيىتى. ئۇچۇرلىشىۋاتقان دۇنيا تارىخنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى بارغانسېرى ...

    كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ
    مۇختار قادىر ھۇنزادە


       كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ، ئەقلىمىزنى ئىلمىي تەپەككۇر! بۇ بىر تەرەققىيات زۆرۈرىيىتى. ئۇچۇرلىشىۋاتقان دۇنيا تارىخنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرمەكتە. تارىخنى يوشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، ئۇنى دەستەك قىلىۋېلىشقا بولمىغاندەك، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. ئۆتمۈش - يېزىلىپ بولغان تارىخ، رېئاللىق - يېزىلىۋاتقان تارىخ.


       ئىنسانىيەتنىڭ مۇقەددەس ئۆتمۈشى شەكىللەنگەن ۋاقىتتىن باشلاپ، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان تارىخ پەنلىرى بىر مىللەت، بىر رايون ياكى بىرەر ئائىلىگە نىسبەتەن كەم بولسا بولمايدىغان نۇرلۇق ئەڭگۈشتەر ھېسابلىنىپ كەلمەكتە. كىمنىڭ ياكى قەيەرنىڭ بولۇشىدىن، كىمگە ياكى نېمىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ تارىخلا بولىدىكەن، ئۆزىگە تۇشلۇق ئارزۇ - ئارمانلارنى مۇجەسسەملىگەن ئەپسانە - رىۋايەتلىرى، قان - ياشلىق ھايات ئۇلانمىلىرىنىڭ پولاتتەك پاكىتلىرى ھەم مۇشۇ پاكىتلار ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئىدىيە - مۇلاھىزىلىرى بىلەن مەدەنىيەت خەزىنىسىنى ئۇلغايتىپ ھەم نۇرلاندۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ يۈزىنى يورۇق، كۆزىنى ئوچۇق، يولىنى دۇرۇس قىلىدۇ. بىر مىللەت، بىر دۆلەتكە نىسبەتەن، تارىخنى ئۇنتۇش ھالاكەتكە يۈزلىنىش ھېسابلانسا، بىر ئائىلە، بىر ئادەمگە نىسبەتەن، تارىخنى ئۇنتۇش ئاسىيلىق - كۇپۇرلۇقتىن دېرەك بېرىدۇ. تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرگىنىمىزدە، يۇقىرىقى يەكۈننى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلىپلا قالماستىن، بەلكى كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، جاھاندا بولغان ۋە بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ شۇنچە كۆپ، شۇنچە ئەھمىيەتلىك، شۇنچە جەلپكار ئىكەنلىكىدىن ھەيران قالىمىز. بەلكىم، نۇرغۇن زامانلاردىن بۇيان ئۆز تارىخىنى ئۆزى يوقىتىپ كېلىۋاتقان نادان خەلقلەر ئۈچۈن كۆزىنى ئېچىش تېخىمۇ مۇھىم بولسا كېرەك.
    دۇنيا تارىخى چوڭ - كىچىك مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي تارىخى بولسىمۇ، ئەزەلدىن تارتىپ ھۆكۈمران مىللەتلەرنىڭ يازما - قېزىلمىلىرى ئارقىلىق نامايان بولۇپ كەلدى ھەم شۇ خىل مىللەتلەرنىڭ ساقلاش، رەتلەش، كۆزىتىش، ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئەنئەنىسى ئاساسىدا دۆلەت بىرلىكى، مىللەت ئىپتىخارلىقى سۈپىتىدە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇردى. تارىخنىڭ يېڭى بەتلىرىدىن ئورۇن ئالالمىغان بەزى مىللەتلەرنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشى بىر تەرەپتىن سىياسىي، جۇغراپىيىلىك ئامىللارنىڭ سەۋەبىدىن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆز ۋۇجۇدىدىكى پسىخىك ئامىللار سەۋەبىدىن جۈملىدىن تارىخنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئاڭ ۋە مەدەنىيەتنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن بولدى. تارىخنىڭ ئۆزى شەپقەتسىز، ئۇنىڭ شاللاش ئوبيېكتلىرى ئوخشاشمىغان ماكان ۋە زاماندا ئوخشاشمىغان ھالەت ۋە قىياپەتتە شەكىللىنىپ تۇرىدۇ. ئىلگىرى پارلاق تارىخقا ئىگە بولغان بەزى ماكان ۋە ئاۋاملار كېيىنچە ئۇنىڭدىن مەھرۇم قېلىشى مۇمكىن. ئەكسىچە، ئانچە كۆزگە چېلىقمىغان بەزى رايون ياكى خەلقلەر بىردىنلا ئۇتۇق قازىنىپ، دۇنياۋى مىللەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ خىل رېئاللىقتىن قارىغاندا، تارىخ ئارقىلىق نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىش، تارىخ ئارقىلىق ئەۋلاد تەربىيىلەش، تارىخ ئارقىلىق رېئاللىقنىڭ ئەڭ يېڭى تەپەككۇر يولىنى ئىزدەش، ياشاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغان زامانىۋى مىللەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر.
    تارىخقا ھۆرمەت قىلىش - بىر خىل ئىلمىي پەزىلەت. تارىخقا توغرا باھا بېرىش - بىر خىل تەپەككۇر پائالىيىتى بولۇپلا قالماستىن، ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى ياقلاش پائالىيىتى. ئېلىمىز جۇڭگو قەدىمكى دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تۆت چوڭ بۆشۈكىدىن بىرى. ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن شەرەپلىك مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرسى. ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم مەركەزلەرنىڭ بىرى بولغان تارىم ئويمانلىقى جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولماقتا، تارىمدىكى تارىخىي تىندۇرمىلار ئېچىلىش ئالدىدىكى مۇزېيغا ئوخشايدۇ.
    نىھايەت، تارىخقا ئەھمىيەت بېرىش بىزدە تېخى تولۇق يېتىلمىگەن ھامىلە. ئاز ساندىكى نەشر بۇيۇملىرى ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، زىيالىيلىرىمىز ئارىسىدا تارىخ ئوقۇيدىغانلار ياكى تارىخ ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىدىغانلار نەچچە يۈز نەپەردىن ئاشمىسا كېرەك. نەچچە يۈز نەپەر كادىر - خىزمەتچى توپى ئارىسىدىن تارىخ تەتقىقاتىغا ئائىت ژۇرنال ياكى كىتاب تېپىلمايدۇ. دەرسلىكلەردىكى مىللەت تارىخىغا ئائىت ئاز - تولا بايانلاردىن ھالقىپ، بايقاپ ۋە كۆزىتىپ، بەلگىلىك خۇلاسە چىقىرالايدىغان ئىجتىمائىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ساناقلىقلا. يېقىندا بىر نەپەر باشقارما دەرىجىلىك كادىرنىڭ ئۆزىدىن يىگىرمە نەچچە ياش كىچىك بىر ستودېنتقا سۆزلەۋاتقان پارىڭىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇنىڭ «چۈشەندۈرۈشى»چە، ئۇيغۇرلارنىڭ پەننىي مائارىپى يېقىنقى 50 يىل مابەينىدە بارلىققا كەلگەن مائارىپكەن. ئۇيغۇر دېھقانلار ئوچاق سېلىشنى بىلمىگەنلىكتىن، ھازىرغىچە كۆمەچ نان پىشۇرۇپ يەيدىكەن. بۇنى ئۇ يېزىلارغا مۇقىملىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ بارغاندا ھېس قىلىپتۇ … ياندا تۇرۇپ ئاڭلاۋېتىپ، بۇ خىل تېتىقسىز تونۇشتۇرۇشنى دەۋاتقان ئادەمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن گۇمانلاندىم. ئۆز مىللىتىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشلۇقى بولمىغان بۇ بايقۇشنىڭ تىلىنى كېسىۋەتكۈم كەلدى. ئېھتىمال، باشقا كىشىلەر ئۇنداق ئەمەستۇ، تارىخىي مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ۋە مۇناسىۋەتنى توغرا چۈشىنىدىغاندۇ ھەم توغرا چۈشەندەرەلەيدىغاندۇ. ئالىي مائارىپ تەربىيىسى تۇرماق، ئادەتتىكى مائارىپ تەربىيىسى، ھېچبولمىسا ئائىلە تەربىيىسىنى ئالغان ھەرقانداق بىر ئادەم بىلىدىغان بۇ ھەقىقەت ئۇنىڭغا نېمىشقا تەسىر كۆرسەتمىدىكىنە؟
    بۇ ئادەم ھەققىدە ھەسرەت چېكىۋېتىپ، ئىختىيارسىز ھالدا تارىخىمىزدىكى سەلبىي تەكرارلىنىشلارنى ئەسلەپ قالدىم. گەرچە تارىخ تەكرارلانمايدىغان ھەقىقەت بولسىمۇ، تارىخىي ھادىسىلەر ياخشى تەتقىق قىلىنمىسا ياكى ئۇنىڭدىن تېگىشلىك خۇلاسە چىقىرىلمىسا، سەلبىي ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. دۇنيا مىقياسىدىن ئالغاندا، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئىنسانىيەتكە كەلتۈرگەن زىيىنى ئاز ئەمەس. تارىختىكى مۇسۇلمانلار بىلەن خىرىستىئانلارنىڭ سوغۇق مۇناسىۋىتى ئۆتكەن ئەسىردە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى مەركەز قىلغان پرولېتارلار بىلەن غەرب بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مۇناسىۋىتىدە تەكرارلاندى. ئەينى ۋاقىتتا، سوۋېت سوتسىيالىزمىنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرى گۈزەل، نىشانى پارلاق بولسىمۇ، چېكىدىن ئاشقان سولچىل سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكتىن، سائادەت مەنزىلىگە يېتەلمەي، جاھالەت پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. بۇ سەھنىدە ئوينالغان قاباھەتلىك ئويۇننىڭ كۆلەڭگۈسى كىشىلەرنىڭ كۆزىنى ئېتىپ، ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىكنى كۈچەيتىۋەتتى. ئۇنىڭ قىلىقلىرى مەملىكىتىمىز جۇڭگودا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئاتالمىسى بىلەن تەكرارلىنىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ بېشىغا چىقتى. ئېلىمىز تارىخىدا سېرىق ياغلىقلىقلار قوزغىلىڭى دەيدىغان بىر قېتىملىق دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ بولغانلىقى دەرسلىكلەردىن ئايان. ئەنە شۇ قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ئالدىراپ كەتكەن فېئودال بەگ - سىپاھلار چاپارمەنلىرىگە »ياغلىقىنى ئېلىپ كېلىش» دەيدىغان مۇھىم ۋەزىپىنى تاپشۇرغاندا، قېنى قىزىپ كەتكەن چاپارمەنلەر ئۇلارنىڭ بېشىنى ئېلىپ كېلىپ، ئاللىقاچان تەييارلاپ قويۇلغان ئىنئام - تارتۇقلارغا ئېرىشكەن. ئىگىسىدىن ئىنئام ئالىدىغان بۇ ئادەت ئىككى مىڭ يىل مابەينىدە «ياغلىقىنى ئېلىپ كەل دېسە، بېشىنى كېسىپ كەپتۇ» دېگەن داڭلىق تەمسىلگە ئايلانغان. ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىكى خاتالىقلارنى پارتىيىمىز ۋە ھۆكۈمىتىمىز تۈزەتتى، ئەلۋەتتە. لېكىن شۇ مەزگىلدە ئۆگەنگەن سولچىل نەزەرىيە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەچكە، بەزىدە يەنىلا تارىخىي ھادىسىلەرنىڭ تەكرارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئىقتىساد تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بەزى ئىشلارنىڭ تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقانلىقى كىشىنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدۇ. «دوپپىسىنى ئەكەل دېسە، بېشىنى ئەكەپتۇ»غا ئۆزگەرگەن تارىخىي تەمسىل ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يەنىلا كۈچ كۆرسىتىۋاتىدۇ. شەھەر ھاياتىنى قويۇپ تۇرۇپ، يىراق يېزا - قىشلاقلىرىمىزنى كۆزىتىپ باقساق، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەككە رامكا بەلگىلەپ، ھويلا تېمىنى مەجبۇرىي كېسەكلەشتۈرۈش، ئاپئاق تامغا «تۇغۇسەن، تۇغمايسەن» دەپ شوئار يېزىپ قويۇش … قاتارلىق ياشاش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بىمەنە ھادىسىلەرنى كۆرىمىز. ئومۇمىيلىققا ياتمايدىغان بۇنداق ھادىسىلەرنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى كىچىك بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە بېرىۋاتقان دېشۋارچىلىقى ئاز بولمىدى. مەنىۋى جەھەتتە ئانچە تەرەققىي قىلمىغان، ئۆز مەنپەئەتىنى قانۇن - نىزاملار ئارقىلىق قوغداشنى تېخى ئۆگىنىپ بولالمىغان بىر مىللەتنىڭ دېھقانلىرى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كادىر ۋە زىيالىيلىرى مۇھىم رول ئوينىشى كېرەك ئىدى. ھالبۇكى، قىسمەن كادىر ۋە زىيالىيلىرىمىزدا ساقلىنىۋاتقان «قىزىپ كېتىش» كېسىلى بۇ خىل ھالەتكە پايدىلىق بولالمىدى. بەزى كادىرلار ھەتتا «يېڭىچە باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى»نى ئۆز مەيلىچە ئىجاد قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆز قوۋمىنى ئازابلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، باشقا مىللەتلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالدى. مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلىق مەدەنىيەتنى چۈشەنمەسلىك سەۋەبلىرىنىڭ مۇئەييەن يىلتىزى بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تارىخ ئۆگىنىش، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق مۇساپىسىنى كۆزىتىش ھەم تەھلىل قىلىش - قانۇنىيەتلىك ئىلگىرىلەشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل.
    تارىختا تارىخ ئۆگەنگۈچىلەر ھامان قانۇنىيەت بويىچە ئىش كۆرۈپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشتا گېگانت رول ئوينىغان ماۋ زېدۇڭ بىر ئۆمۈر تارىخ ئۆگەنگەن ھەم تەتقىق قىلغان. ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا، ئەگەر ئۇ خەلقئارا ئىنتېرناتسىئونالنىڭ گېپى بويىچە ئىش قىلغان بولسا، ئەگەر ئۇ ستالىن بولشۋېكلىرى سىزغان ئەگرى - توقاي «خەرىتە» بويىچە ماڭغان بولسا، يېڭى جۇڭگونى قۇرۇپ چىقالمىغان بولاتتى. ئۇنىڭدا داھىيلارغا خاس سىياسىي سەزگۈرلۈكتىن باشقا جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ماركسىزمنى تەتبىقلىيالايدىغان جاسارەت ۋە تارىخىي دىت بار بولغانلىقى ئۈچۈن، مەسىلىلەرگە جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىدىن جاۋاب تاپقان. ياپون، يەھۇدىي مىللەتلىرىنىڭ مىللىي غۇرۇر تەربىيىسى بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئائىلە تەزكىرىچىلىك تەربىيىسى بۇ مىللەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرگەن ھەم ئېرىشتۈرۈۋاتقان زۆرۈر شەرت. خەنزۇ مىللىتىدە ھەر يىلدىكى چاغاندا ئائىلە يىغىلىشى ئۆتكۈزۈپ، ئاتا - بوۋىلىرى ھەققىدە تەزكىرە ئېيتىشىدىغان ياخشى ئادەت بار. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھېيت - بايراملىرىدا ئادەتتە ئائىلە تەزكىرىسى ئوقۇلمايدۇ. مىللىي قەھرىمانلارغا، ئاتاقلىق شەخسلەرگە سېغىنىش يوق دېيەرلىك. ئۆتمۈشتىكى ۋائىزلىق (داستانچىلىق) ئادىتىمۇ بارغانسېرى يوقاپ كەتتى. تارىخىي مۇزېي، كۆرگەزمىخانىلارغا بارىدىغانلار، قەدىمكى شەھەر - قەلئەلەرنى، مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورۇنلىرىنى ئارىلايدىغانلار ئىنتايىن ئاز. ئۆزى ئوقۇمىسىمۇ، پەرزەنتلىرىنى يېتىلەپ، كىتابخانىغا بارىدىغانلار، مۇئەللىپ تەكىتلەۋاتقان تارىخ، پەلسەپە پەنلىرىگە ئائىت كىتاب سېتىۋالىدىغانلار ئاساسەن يوق. بۇنى ئۆزلۈكنى يوقىتىشقا تاشلانغان تۇنجى قەدەم دېمەسلىككە بولارمۇ؟
    تارىخ - بىر مۇقەددەس قامۇس، كىملىك ۋە ئۆزلۈك ئۇنىڭ يادروسى. ئۆزىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئۆزلۈكنى كۈچەيتىش مۇمكىن ئەمەس، ئۆزلۈكنى بىلمەي، ياشاش ھوقۇقىغا ئېرىشىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق ھەقىقەت جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەر ساھە، ھەر كەسىپلىرى، يۇقىرى - تۆۋەن قاتلاملىرىغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر فولكلورى بىلەن ئۇنىڭ يازما، قازما يادىكارلىقلىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي ئىپتىخارى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭ كىملىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدىغان ئەڭگۈشتەرى. ئەگەر بۇ خىل ئەڭگۈشتەر يەڭگىلتەكلىك بىلەن چۆرۈۋېتىلسە ياكى نادانلارچە ئۇنتۇلدۇرۇلسا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن غايەت زور يوقىتىش بولىدۇ. بىچارىلىك، چۈشكۈنلۈك، ھۇرۇنلۇق دېگەنلەر ھامان ئۆزلۈكنى ھېس قىلماسلىقتىن كېلىدۇ. ئىلغارلىق ياخشى ئىش، ئەمما ئۆزلۈكنى ساقلىيالمىغان ھەرقانداق بىر ئىلغارلىقنىڭ ئۆمرى كۆتە بولىدۇ. مىسال ئۈچۈن ئوخشاش ئىمتىياز، ئوخشاش ئوقۇش ۋە ئۆرلەش تارىخى بولغان خەنزۇ، ئۇيغۇر كادىردىن ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ئىسىم - فامىلىسىنى نەچچە ئەۋلادقىچە دەپ بېرەلەيدىغانلىقىنى سوراپ كۆرسەك بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئالدىنقىسى ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ تەزكىرىسىنى نەچچە مىڭ يىللار ئالدىغا سۈرۈپ، ھەتتا خۇاڭدى، يەندى … لارغا باغلاپ سۆزلىيەلەيدۇ. كېيىنكىسى تۆتىنچى، بەشىنچى ئەجدادىغا بېرىپ، نائىلاج دۇدۇقلايدۇ. مەكتەپتە ئۆگەنگەن دەرسلىكلەر ئوخشاش بولسىمۇ، ئالدىنقىسى ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ ماڭغان، كېيىنكىسى ئۇنداق قىلالمىغان بولۇپ چىقىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا چىقىۋاتقان ئىجتىمائىي پەنلەرگە، بولۇپمۇ تارىخ، پەلسەپە، جۇغراپىيە پەنلىرىگە ئائىت گېزىت - ژۇرناللارنىڭ ئوقۇلۇش ۋە ساقلىنىش ھالىتى مۇئەللىپنىڭ سېلىشتۇرمىسىدىكى ئەڭ ئاددىي ئەينەك. كۆمەچ ناننى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشتىكى ئەنئەنىۋى ئوزۇقلۇق سۈپىتىدە ئەمەس، ئىپتىدائىي - قالاق تۇرمۇش ئادىتى سۈپىتىدە چۈشىنىۋالغان ھېلىقى باشقارما باشلىقىمۇ بىر خىل ئەينەك.
    كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ، ئەقلىمىزنى ئىلمىي تەپەككۇر! بۇ بىر تەرەققىيات زۆرۈرىيىتى. ئۇچۇرلىشىۋاتقان دۇنيا تارىخنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرمەكتە. تارىخنى يوشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، ئۇنى دەستەك قىلىۋېلىشقا بولمىغاندەك، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. ئۆتمۈش - يېزىلىپ بولغان تارىخ. رېئاللىق - يېزىلىۋاتقان تارىخ. تارىخ بەتلىرىنىڭ ھەربىر بېتىدە ئىنسانىيەت ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جۇغلانمىسى ياكى ساۋاقلىرى خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كونا تارىخ ئۈستىدىكى يېڭى تەتقىقاتلار يېڭىچە بايقاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يېڭىدىن قېزىپ چىقىرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلار تۆمۈر تامغا بېسىلىپ كەتكەن بەزىبىر يەكۈنلەرنى ئاغدۇرۇشقا قادىر. ئۇ خۇددى قاتتىق مېڭىنىڭ پارتلىشىغا ئوخشايدۇ. ئاللىقاچان قېلىپلىشىپ قالغان بەزى يېزىلمىلار مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا مەجبۇر. تارىخنىڭ ئىدىيە، نەزەرىيە ۋە ھەرىكەتنى يېڭىلايدىغان بۇ قۇدرىتى چەكسىز ھەم يىمىرىلمەستۇر. تارىخ ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر ئەسلىدىنلا قاراڭغۇ بولغان ياكى كېيىن خىرەلىشىپ كېتىۋاتقان دىللارنى يورۇتۇپ، ئىلگىرىلەش يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كىشىلەرنى يەڭگىللىك - گۇمراھلىقتىن ساقلايدۇ. ئۆزلۈك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، رېئاللىققا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇ ئاددىي بىلىم ئېلىش جەريانى ئەمەس، بەلكى ئىدىيە - ئەخلاق، پسىخىكا جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ تەربىيىلىنىش جەريانىدۇر.
     
    «جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژورنىلى»دىن ئىلىندى.

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-29 0:38:25]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.