ئەتراپىمىزدىكى ئاياللار

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-02 11:43:25

ئەتراپىمىزدىكى ئاياللار* ئەتراپىمىزدىكى ئاياللارنىڭ ھايات چەمبىرىكىدىكى ئۇپا–ئەڭلىك ، كىيىمگە بولغان شەيدالىقنىڭ ئورنىنى بىلىم، كىتابقا بولغان ھېرىسمەنلىك، توي –تۆكۈن، چاي–ئولتۇرۇشلارغا بول...

    ئەتراپىمىزدىكى ئاياللار

      

     

       

    * ئەتراپىمىزدىكى ئاياللارنىڭ ھايات چەمبىرىكىدىكى ئۇپا–ئەڭلىك ، كىيىمگە بولغان شەيدالىقنىڭ ئورنىنى بىلىم،  كىتابقا بولغان ھېرىسمەنلىك، توي –تۆكۈن، چاي–ئولتۇرۇشلارغا بولغان خۇمارىنىڭ ئورنىنى يۈرەك پارىلىرىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن تەر تۆكۈش، ھەشەمەتچىلىككە، ئابرويپەرەسلىككە بېرىلىش ئورنىغا ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىش توغرىسىدا ئىزدىنىش ئىگىلىگەن بولسىدى، ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى قالمىغان بولاتتى .

      

    * ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزگۈچى ئاياللار مىللەتنىڭ نۇرلۇق كېلەچىكىنى يارىتالايدىغان ئىقتىدارلىق ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرەلەيدۇ .

      

    * ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تالاي بۈيۈك ئىمپېرىيە، قۇدرەتلىك خاندانلىقلار  ئەقلىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن چىرىگەن ئاياللار سەۋەبىدىن زاۋاللىققا يۈزلەنگەن .

      

     * ئايالنىڭ ۋاقتى، زېھنى بىلىم ۋە قابىلىيەت بىلەن مەۋجۇتلۇق قىممىتىنى يارىتىش، ئېرىگە ھەمنەپەس بولۇپ، ئاياللىق بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈندۇر .

     

        * ئاياللارنىڭ تەۋەلىكى ۋە ئەخلاقى بىر مىللەتنى يېڭىدىن يارىتالايدۇ ، ئاياللارنىڭ بۇزۇلۇشى مىللەتنى ھالاكەت گىردابىغا سۆرەيدۇ .

      

     * ئانا–ئاياللىق خاراكتېرىدىكى ئەۋرىشىملىك، يۇمشاقلىق ، مېھىر–مۇھەببەت بىلەن بالا تەربىيەلەشتىكى زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى .

      

        * ئەرلەرنىڭ بېشى چۈشۈپ ، ئەرلىك سالاھىيىتى ئۆز ئورنىنى تاپالمىغاندا ئاياللار تەربىيەسى تولىمۇ مۇھىم. چۈنكى ئاياللار ئەرلەرگە كۈچ ۋە شىجائەت ئاتا قىلغۇچى، بالىلارنىڭ ئىشەنچ ۋە ئەقىل بىلەن چوڭ قىلغۇچى.


       * ئىپپەتلىك، بىلىملىىك ئاياللار مىلللىي روھنى چاقتىنىتشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل.

      

     بىلىم – كۈچ بلوگىدىن ئېلىندى     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.