ستارباكسنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-26 11:47:04

ستارباكسنىڭ دەسلەپتىكى نىشانى خېرىدارغا ئۆزگىچە ھېسىيات ئاتا قىلىش ئىدى، ئۇلار بوشاشماي تىرىشىپ ئاخىر بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇردى.

    ستارباكسنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى
    رۇخسارى ئابدۇرېشىت
    \
    ستارباكس 1971-يىلى بارلىققا كەلگەن ئامېرىكىدىكى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زەنجىرسىمان قەھۋە دۇكىنى، كىشىلەر ستارباكسنىڭ پەقەت قەھۋەلا ساتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. گەرچە باشقا قەھۋەخانىلار خېرىدارلغا قەھۋەدىن باشقا ھەر خىل يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك ساتسىمۇ، ئەمما ستارباكس پەقەت قەھۋەلا ساتىدۇ، شۇنداقتىمۇ بۇ يەردىن خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ.
    ستارباكس ئەسلىدە بىر قانچە قەھۋەخۇمارنىڭ رومانتىك ھېسىياتىنىڭ مەھسۇلى ئىدى. شۇلتىس ستارباكسقا تۇنجى كەلگەن چاغدىلا، قەھۋەخۇمار خېرىدارلارنىڭ قەلبىدە ئالاھىدە تەسىرات قالدۇرۇشنى ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى، بۇ نىيەتنىڭ تۈركىسىدە شۇلتىس ستارباكسنى تەرتىپكە سېلىپ، ئۇنى ھەرقانداق چاغدا خېرىدارغا ئەركىن-ئازادە، خۇشال-خۇرام كەيپىيات بېغىشلايدىغان قەھۋاخانىغا ئايلاندۇردى. شۇلتىس ستارباكس قەھۋەسى 2000-يىلى جۇڭگو بازىرىغا كىرىپ، شاڭخەيدە تۇنجى قەھۋەخانىسىنى ئاچتى ۋە جۇڭگولۇقلارنى تېزلا جەلپ قىلدى، ئۇزاق ئۆتمەي ستارباكسنىڭ جۇڭگولۇق خېرىدارى نەچچە مىليونغا يەتتى.
     
    ستارباكس 20 يىللىق تەرەققىياتتىن كېيىن، دەسلەپكى ئاددىي بىر كىچىك دۇكاندىن چوڭىيىپ سودىسى دۇنيادىكى 54 دۆلەت ۋە رايونغا تارقالغان، 16 مىڭدىن ئارتۇق دۇكىنى بار دۆلەت ھالقىغان كارخانىغا ئايلاندى. قانچىلىك تەرەققىي قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ستارباكس ئىزچىل ئەڭ دەسلەپكى نىشانغا قاراپ دادىل ئىلگىرىلىدى. دۇنيادىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان نۇرغۇن شىركەت چوڭ ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك كىچىك ئىشلاردىن باشلىغان، ستارباكسنىڭ دەسلەپتىكى نىشانى خېرىدارغا ئۆزگىچە ھېسىيات ئاتا قىلىش ئىدى، ئۇلار بوشاشماي تىرىشىپ ئاخىر بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇردى.
    مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى:«ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغانلار چوقۇم ئالدى بىلەن ئۆزىگە خاس ئارزۇ ۋە نىشان بولۇشى، شۇ ئاساستا بازارنى ئانالىز قىلىپ نىشاننىڭ ئەمەلگە ئېشىش مۇمكىنچىلىكىنى تەھلىل قىلىشى؛ ئەڭ مۇھىمى ئۆز نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ ھەم ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن، كۆلەمنى كېڭەيتىش قاتارلىق باشقا ئىشلارغا تۇتۇش قىلىشى كېرەك».
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى. 

     ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ستارباكس