ئۆزلۈك ۋە كىملىك-ئۆزلۈكنىڭ چاقىرىشى(ئەسئەت سۇلايمان)

يوللىغۇچى : ehsan يوللىغان ۋاقىت : 2011-02-08 22:49:34

ئۆزلۈك ۋە كىملىك -ئەسئەت سۇلايمان(مۇقەددىمە)ئۆزلۈكنىڭ چاقىرىشىبىز كىم، بىزنىڭ مەدەنىيىتمىز جىددىي رەۋىشتە يۇغۇرۇلۇۋاتقان بۇگۈنكى دۇنيادىكى ئورنىمىز ۋە سالاھىيىتىمىز نېمە، بىز بۈگۈنكى يەر شار...

     



     ئۆزلۈك ۋە كىملىك -ئەسئەت سۇلايمان

    (مۇقەددىمە)

    ئۆزلۈكنىڭ چاقىرىشى

     

     بىز كىم، بىزنىڭ مەدەنىيىتمىز جىددىي رەۋىشتە يۇغۇرۇلۇۋاتقان بۇگۈنكى دۇنيادىكى ئورنىمىز ۋە سالاھىيىتىمىز نېمە، بىز بۈگۈنكى يەر شارى كەنتىدە باشقا نۇرغۇن خەلقلەرگە ئوخشاش ئۆزلۈكىمىزنى ۋە كىملىكىمىزنى قانداق ئىپادە قىلىمىز؟

    شىمالىي ياۋروپادا ياشىغان بىر يىل جەريانىدا مەن بۇ سوئاللارنى ئۆز- ئۆزۈمدىن تالاي قېتىملار سورىدىم. كۆك رەڭلىك ياۋروپانىڭ سوغۇق ۋە ھۆل رېئاللىقى ئىچىدىن يىراقتىكى ئانا يۇرتۇمنىڭ قۇرغاق كەيپىياتىغا نەزەر تاشلىدىم. ياۋروپا قىرغاقلىرىنى بويلاپ كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىمنى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ زامانىۋى يالتىراقلىرى ۋە قىممەت ئۆلچەملىرىدە ئەمەس، بەلكى مەركىزىي ئاسىيا چوڭقۇرلۇقلىرىغا باغلانغان بىر قەدىمىي خەلقنىڭ كۆزىدە تۇرۇپ كۆزەتتىم. ئۆزۈمنى، ئۆزۈمنىڭ كىملىكىمنى ۋەتىنىمدە ۋە خەلقىمنىڭ كۆزىدە تۇرۇپ ياشىغان شۇنچە ئۇزۇن يىللاردا ئەمەس، بەلكى ۋەتەندىن ئايرىلىپ مۇساپىرەتتە ئۆتكۈزگەن قىسقىغىنە ئاشۇ بىر يىل جەريانىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم...

    يىراققا سەپەر قىلدىم ھەم قايتىپ كەلدىم.

    قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ياۋروپادىكى خاتىرىلىرىم ئاساسىدا بىرەر كىتاب يېزىشنى ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن ئۇزاققىچە يازالمىدىم. تەسىراتلىرىممۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سۇسلاپ بېرىۋاتقاندەك ھېس قىلماقتا ئىدىم. دوستلىرىم كۆپ قېتىم مېنىڭ ياۋروپادىكى تەسىراتلىرىم ھەققىدە كىتاب يېزىشىمنىڭ زۆرۈرلىكىنى سەمىمگە سېلىپ تۇرۇشتى. بىر قىسىم ئوقۇرمەنلىرىممۇ ماڭا يازغان خەتلىرىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جىمىپ كەتكەنلىكىمنى تىلغا ئېلىپ، «نېمە ئۈچۈن كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىڭىزنى يازمايسىز؟» دەپ سوراشتى.

    كۆپ ئويلاندىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپونىيە، رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى ھەققىدە كۆپلىگەن ساياھەت خاتىرىلىرىنىڭ يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ قەلەم تەۋرىتىش ئويۇمدىن يالتىيىپمۇ قالدىم. راستىنى ئېيتسام، چەت ئەللەردىكى كۆرگەن - بىلگەنلىرىمنى پەش قىلىپ، ياۋروپانىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يالتىراقلىرى بىلەن باشقىلارنى مەھلىيا قىلىدىغان تاشقى پوستىنى كۆپتۈرۈپ يېزىپ، ياش ئوقۇرمەنلەرنىڭ «ياۋروپا چۈشى» نى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋېتىشنى خالىمىدىم.

    بىر يىلغا يېقىن ۋاقتىم دېلىغۇللۇق ئىچىدە ئۆتۈپ كەتتى. ئاخىرىدا ئۆزۈمگە ھاي بېرىپ، ياۋروپادا كۆرگەن - بىلگەنلىرىمدە ئوقۇرمەنلىرىمنىڭمۇ ھەققى بارلىقىنى، ئۇنى ئۆزۈمنىڭ دۇنياسىدا يوشۇرۇپ قېلىشنىڭ بېخىللىق بولىدىغانلىقىنى، تەسىراتلىرىمنى ئەينى قىياپىتى بويىچە خەلقىمگە يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتىمنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم.

    مەن بۇرۇن ئۆزۈم مەنسۇپ بولغان بۇ تۇپراقنى، بۇ تۇپراقتا تۇغۇلۇپ، كۆپىيىپ ئۇزاق تارىخنى بۈگۈنگە ئۇلىغان خەلقىمنى شۇنداقلا بۇ تۇپراقتىن ئوزۇق ئالغان مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى مۇشۇ تۇپراقتا ياشاۋېتىپ كۆزەتكەنىدىم. تەقدىر مېنى مېھرى ئىسسىق بۇ تۇپراقنىڭ قوينىدىن ئايرىپ يىراق ئەللەردە ھاياتىمنىڭ بىر يىلىنى ئۆتكۈزۈشكە نېسىپ قىلدى. مەن يىراقتا تۇرۇپ مەركىزىي ئاسىيا چوڭقۇرلۇقلىرىغا نەزەر تاشلىغىنىمدا ئۆزلۈكىمىز ۋە كىملىكىمىزنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىنى تېخى تەلتۆكۈس چۈشىنىپ يەتمىگەنلىكىمنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. شۇنداق، ياۋروپادىكى بىر يىل ماڭا ئۆزلۈكىمىز بىلەن كىملىكىمىزنى سوغۇق قانلىق بىلەن كۆزىتىدىغان پۇرسەت ۋە يېڭى كۆز بەردى. ئەمدى مۇشۇ كۆز بىلەن ئولىمپس تېغىدىن ئۇزاق ئاسىيا باياۋانلىرىدىكى ئانا تۇپراققا قايتا نەزەر ئاغدۇراي، تەڭرى تاغلىرىنىڭ يۈرەك سوقۇشىغا قۇلاق سالاي، تارىم چوڭقۇرلۇقلىرىنىڭ ئىچكى سۈكۈناتىغا شۇڭغۇپ باقاي...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.