كۈز يامغۇرى ۋە «كۆز يامغۇرى»(غالىب مۇھەممەد قارلۇق)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-16 04:11:15

كۈز يامغۇرى ۋە «كۆز يامغۇرى»غالىب مۇھەممەد قارلۇققوشنىمىزنىڭ بىر ئوغلى زەھەر چەككەنلىكى تۈپەيلى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتتى. بىزنىڭ بۇ يەردە كۈز ئايلىرى كىرىشىگىلا پات - پات يامغ...



    كۈز يامغۇرى ۋە «كۆز يامغۇرى»
    غالىب مۇھەممەد قارلۇق

     




    قوشنىمىزنىڭ بىر ئوغلى زەھەر چەككەنلىكى تۈپەيلى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتتى.  بىزنىڭ بۇ يەردە كۈز ئايلىرى كىرىشىگىلا پات - پات يامغۇر ياغىدىغان بولغاچقا،  ئۇ كۈنى يېغىۋاتقان سىم - سىم يامغۇردا مېيىت نامىزىغا ئازلا ئادەم قاتناشتۇق.  مېيىت نامىزى خالىسلىق تۈسىنى ئالغاچقا،  قانداق ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈشمۇ بىئەپ بولدى،  ھەتتا مەھەللىمىزدىكى مەسچىتنىڭ ئىمامىمۇ « زەھەر چېكىپ ئۆلگەن ئادەمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ » دەپ تۇرۇۋېلىپ قاتناشمىغىلى تاسلا قالدى.  مېيىت ئۇزاتقىلى چىققانلاردىن كۆپىنچىمىزنىڭ قەلبىدە مۇسىبەت ئازابىدىن كۆرە ئەپسۇسلۇق،  ئېچىنىش ھېسسىياتى ھۆكۈم سۈرەتتى.  شەخسەن مەن بىر ھاياتلىقنىڭ تراگېدىيىلىك خاتىمىسىگە ئاجايىپ ئېچىندىم،  چۈنكى،  قوشنامنىڭ ئوغلى ئەمدىلا 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان،  ئەمما ئاتا - ئانىسىنىڭ تەئەللۇقاتىنى سورۇۋەتكەن،  مەھەللىدىكىلەرنىڭ نەپرىتىگە دۇچار بولغان ئادەم ئىدى.  ئاتا - ئانا بولسا يەنىلا مۇسىبەتنىڭ ئېغىر قايغۇسىدا ئىدى.  ئاتا - ئانىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە مېھىر - مۇھەببەت دېگەنلەر مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ.  شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاران 22 يىل ياشىغان بولسىمۇ،  ئەمما مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان قىممەت ئابىدىسىنى تىكلەپ كەتتى.  ئەپسۇس،  مىڭ ئەپسۇس،  بىزنىڭ ماۋۇ « قېرىندىشىمىز » بولسا 30 يىلچە ياشاپ قارغىش،  قايغۇ ۋە نەپرەتتىن بۆلەك ھېچنېمىنى قالدۇرۇپ كېتەلمىدى.  ئېنىقكى،  بىر ئادەمنىڭ قانچىلىك ياشىشى مۇھىم ئەمەس،  قانداق ياشىشى مۇھىم ! كىشىلەر يامغۇر ياغسا،  يامغۇرنى زېمىننىڭ خۇشاللىق يېشى دەپ قارىشىدىكەن.  ئاشۇ كۈندىكى كۈز يامغۇرى كىشىگە قانداقتۇر زېمىننىڭ خۇشاللىق يېشى بولماستىن،  بەلكى ھەسرەتلىك يېشىدەك تۇيۇلاتتى.  تارىخ ۋە دەۋرىمىزدىكى نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمىگە ئوخشاش،  ئۇنىڭ ئۆلۈمىمۇ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنتۇلدى.  چۈنكى،  ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئەمەلىيەت غەرەرسىز،  رەھىمسىز ھەقىقەتتۇر.  بۇ ھەقىقەتنىڭ مەزمۇنى شۇ ئادەمنىڭ ھايات خۇلاسىسىدۇر.



    ئۆتكۈر ئەپەندى قازا قىلغان 1995-يىل 5-ئۆكتەبىر كۈنى كوچا ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان،  ناتونۇش ئەزىمەت - مەردانىلىرىمىزنىڭ قولىدا « ئۇچۇپ » كېتىۋاتقان جىنازا ئاجايىپ قايغۇلۇق،  تەسىرلىك ھېكمەت - كۆرۈنۈش تاپقانكى،  بۇ يەردە راستتىنلا بىر خىل « يامغۇر » _ كۆز يامغۇرى قۇيۇلغانىدى.  تارىختا تەبىئىي يامغۇردا ئۇزىتىلغانلار كۆپ بولسا كېرەك،  ئەمما كۆز يامغۇرىدا ئۇزىتىلغانلار ساناقلىقلا.  ئىككى خىل ئۆلۈم،  ئۆلۈمدىكى قىممەت،  راستتىنلا ئوخشاشمىغان ئۆلۈم مەنزىرىسى ؟! ئۆتكۈر ئەپەندى ھازىرغىچە ئۇنتۇلمىدى ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنتۇلمايدۇ.  ئۇنىڭ ئۈستىگە،  ئۆتكۈر ئەپەندىگە بولغان يىغا قەلبنىڭ خالىس يىغىسى،  قەلبنىڭ يىغىسى بولسا جۇدالىق بىلەن سېغىنىشنىڭ مەنىگە باي گارمونىيىسىدۇر.  تارىخىمىزدا باتۇر تەڭرىقۇتتىن تارتىپ مىرزا ئۇلۇغبەگكىچە،  دانىش تۇنيۇقۇقتىن تارتىپ مەمتىلى ئەپەندىگىچە،  بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرى ياشىغان بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي،  يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن تارتىپ نەۋائىي ھەزرەت،  ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغىچە ھەممىسى كۆز يامغۇرىغا نائىل بولغان پىداكار،  پەخىرلىك كىشىلەردۇر.  ئۇلارنى ئۇنتۇپ كېتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.  بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق دەيدۇ :

     



    ئەقىل كۆپ كېرەكتۇر،  تاللاشقا كىشى،
    بىلىم بەك كېرەكتۇر،  قىلىشقا ئىشى.

     



    بۇ يەردە يەنە شۇ نەرسە ئېنىق بولۇشى كېرەككى،  بىلىملىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا خەلقنىڭ يادنامىسىدە ساقلىنىۋەرمەيدۇ.  بەلكى،  شۇ بىلىمى،  پاراسىتى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەلگە تۆھپە،  ئەۋلادلارغا « گۆھەر » قالدۇرالىغان كىشىلا نامى تىرىك ھالەتتە ئەل بىلەن ئەبەدىي بىللە ياشايدۇ.  بىلىمى بولغان بىلەن،  ئۇ بىلىم توغرا ئەقىدە بويىچە خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىلمىسە،  بۇنداق بىلىم ئىگىسى خەلقنىڭ نەزەر كۆزىگە ئېلىنىپ كەتمەيدۇ،  ئۇنداق ئادەم بىر بولسا ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدىغان شەخسىيەتچىگە،  بىر بولسا لەنەتكەردىگە ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.  شۇڭا،  يۇقىرىقى شېئىرىي تەلقىندە زىكىر قىلىنىۋاتقان « ئەقىل »،  « بىلىم » دېگەن سۆزلەر كەڭ مەنە قاتلىمىغا ئىگە.


    دۇنيادا مەڭگۈلۈك ياشاش مۇمكىن ئەمەس.  ئەگەر شۇنداق بولسىدى،  تارىختا ئۆتكەن نۇرغۇن ھۆكۈمدارلار ئۆلمەسلىكنىڭ ئارمىنىدا كەتمىگەن بولاتتى.  شۇغىنىسى،  مەڭگۈ ئۆلمەي ياشاشنىڭ يەنە رېتسىپىمۇ بار،  ئۇ بولسىمۇ ۋەتەن،  خەلق ئۈچۈن خەيرلىك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ،  ياخشى نام قالدۇرۇشتۇر.  


    مەنبەسى:«جۇڭگو مىللەتلىرى» 2008-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.