ئۆزبەكىستان كىنوچىلىقىدىكى چولپان ئەلشىر ۋە يېڭى ئاكتىيور ئابلىكىم ئاب

يوللىغۇچى : turgun2005 يوللىغان ۋاقىت : 2011-11-13 16:24:23

ئۆزبەكىستان كىنوچىلىقىدىكى چولپان ئەلشىر ۋە يېڭى ئاكتىيور ئابلىكىم ئابلاقىسقىچە مەمۇنى:يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ئۆزبەك كىنوچىلىقىنىڭ تەرەققى قىلشى بىلەن رايۇنىمىزدا ئۆزبەك كىنولىرنى كۆرۈش قى...



     

    ئۆزبەكىستان كىنوچىلىقىدىكى چولپان ئەلشىر ۋە يېڭى ئاكتىيور ئابلىكىم ئابلا

    قىسقىچە مەمۇنى:يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ئۆزبەك كىنوچىلىقىنىڭ تەرەققى قىلشى بىلەن   رايۇنىمىزدا ئۆزبەك كىنولىرنى كۆرۈش قىزغىنلىقى قوزغالدى.  بۇ قىسقىنە ماقالىدا  سېلىشتۇرما ئۇسۇل بۇيچە ئۆزبەك كىنوچىلىقى بىلەن ئۇيغۇر ئۇن –سىن ساھەسىدىكى   باش پىرسۇناژئەلشىر بىلەن ئابلىكىم ئابلا  ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلغان.ئاخىردا ئىخلاس گوپىرىت شاكىلات ئېلانىدا قىسقىنە ئاجايىپ جەلىپ قىلارلىق تەبىئى ئوبراز ياراتقان  ياش ئۇسۇلچى ئاكتىيۇر ئابلىكىم ئابلاغا باھا بىرىش بىلەن بىرگە ئۈن سىن ساھەسىگە تەكلىپ بىرىلگەن.

     كۆپىنچە ياشلار ئىخلاس شىركىتىنىڭ ‹گوپىرىت › شاكىلات  ئېلانىغا ۋە ھەزىرتى ئېلىنىڭ ‹ئەتلەس كوينەك› ناملىق ناخشىىسىنىڭ MTVسىىغا چىققان ئابلىكىم ئابلا ۋە ئۇنىڭ بۇ ئىككى سىن ماتىريالىدا بىر خىل ئۈزىگە خاس تىپىك ئوبراز ياراتقانلىقىنى ھىس قىلغان بۇلىشى ياكى بىلىپ بىلمەي ئېغىزىدا‹ ھوي ماۋۇ بالا ھەجەپ ياخشى چىقىپتۇ  !› دىگەن بۇلىشى مۇمكىن. يېقىندا ئۆزبەكىستاننىڭ  ‹ئۆيلىنىش› ،‹قارا كۆز›‹ كىچىك خوجايىن› ‹تۇندىن تۇنگىچە› قاتارلىق فىلىملىرنى كۈرۈپ چىقتىم.   ‹تۇتاش تەغدىرلەر› دىگەن كۆپ قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرنىمۇ تەپسىلى كۈرۈپ چىقتىم، بۇ كىنو ۋە تىلۋىزىيە تىياتىردىكى ئوتتۇرا ئاسيا كىلىشكەن  يىگىىتلىرگە خاس سەممى باتۇر ،ئەخلاقلىق ،ۋىجدانلىق ئوبرازغا ۋەكىللىك قىلدىغان ئەلشىر ياراتقان ئوبرازلار  بىلەن ئابلىكم ئابلانىڭ ئوبرازىدا ئوخشاشلىقنىڭ بارلىقىنى ھەم بۇنىڭدا ئابلىكىمنىڭ ئابلانىڭ ياراتقان ئوبرازىنىڭ  ئەلشىرنىڭكىدىن ئۈستىن تۇردىغان تەرەپلىرنى بايقاپ قالدىم.بۇنىڭدىن باشقا يۇرتىمىزدا ئىشلىنۋاتقان مىليۇن گۈل فىلىمى بىلەن ئۆزبەكىستاننىڭ تۇتاش تەغدىرلەردىگەن تىلۋىزىيە تىياتىرنى سېلىشتۇرۇپ قالدىم.ھەر ئىككىلا فىلىم نەق مەيدان ئاۋازىدا ئىشلەنگەن ،مەزمۇن خارەكتىردە ئاسمان زىمىن پەرىق بولسىمۇ ئەمما فىلىم تىلى بىلەن ئارتىسلار ئوبرازىدا نىمە ئۈچۈندۇر ئۆزبەكىستان فىلىمى تۇتاش تەغدىرلەرنىڭ ،باشقا كىنولىرنىڭ  تۇرمۇشىمىزغا تېخىمۇ يېقىن ،تاماشىبىنلارغا تېخىمۇ يېقىن ئىكەنلىگىنى ،بىزنىڭ ئۆرىپ ئادەت گۈزەللىك،باتۇرلۇق  قارشىمىزغا ماس كېلىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ قالدىم.بېشىدىكى گىپىمىزگە قايتىپ كەلسەك  ئەگەر ئابلىكىم مۇشۇ فىلىملەردىكى  ئەلشىر ياراتقان ئوبرازىنى ياراتسا ئىشىنمەنكى زور ئۇتۇق قازانغان بولاتتى.دىمەك دىيارىمىزدا ئابلىكىمنىڭ ئىقتىدارى ۋە تالانىتىنى تېخىمۇ جانلىق قانات يايدۇردىغان ئەلشىرنىڭكىدەك  پۇرسەت ئاز بولسا كېرەك.  ئەگەر مىليۇن گۈل فىلىمىمۇ ئۇنىڭغا ماس كەلگۈدەك ئوبرازىدىن بېرەرنى بەرسە ئىشىنمەنكى مىليۇن گۈل فىلىمىگە ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك يارشاتتى. ئابلىكىم ئابلامۇ ئۈزىنىڭ تەبىئىلىكى بىلەن،بىر يۇرۇق نوقتىغا ئايلىناتتى.يەنە ئۇنىڭدىن باشقا  بەزى تىپ ياراتسىمۇ ،ئىجىتمائى ئىسستىتىك ئوبراز  يارتالمايدىغان ،كىنوغا چىقىشتا ئۆمۈرلۈك باقىۋەندى بۇلۇپ كەتكەن ھۈنۈرنى تەكرار ئىشىلتىدىغان ئارتىسلىرمىزغا جەڭ ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە بۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇرالايتى.ئوتتۇر ئاسيادا ئەلشىرنى بېسىپ چۈشەتتى.ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئۇنىڭ تەبىئى ئالاھىلىكى بىلەن باشقا ئالاھىدىلىكىرمۇ نەزەردە تۇتۇلغان.

     مەن ئاخىردا ئۈن-سىن تىلۋىزىيە فىلىم ئىشلەيدىغانلارنىڭ ھە دىسىلا چەتنىڭ ياكى دۆلىتىمىزنىڭ بەزى كىنو ئىشلەش ئۇسۇلىنى قارغۇلارچە دورماي ،ئىختىساسلىقلارنى بايقاش پوزىتسىيسىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئارتىسلارنى قېزىپ چىقىپ رايۇن مىللەتنىڭ پىسخىكىلىك  ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بىر ياخشى چولپاننى بارلىققا كەلتۈرۈپ ئۇنىڭ ئوبرازىنى ئىقتىسادى ئىجىتمائى قىممەتكە ئايلاندۇرۇشىنى ،خۇددى يېقىندا ئۆزبەكىستان كىنو ساھەسدە رول ئېلىشتا تەبىئىلىكى بىلەن نام قازانغان  ئەلشىىرگە ئوخشاش كىنوچىلىق ،ئېلانچىلىق ساھەسىدىكى كوزۇر ئارتىسنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، پۇل تېپىش بىلەن ياشلارنىڭ ئۆز چولپانلىرغا قەلىپ دۇنياسىدىكى ھۆرمەت پەخىرلىنىش تۇيغۇسى  قەسىردىن ئۇرۇن بېردىغان،چەتنىڭ چولپانلىرغا قارغۇلارچە چۇقۇمايدىغا   رىئال ئىجىتمائى ۋەزىيەتنى يارتىش ئۈچۈن بىر يېڭى قەدەم بېسىشقا تىلەكداشمەن ،ئەلۋەتتە بۇ مىنىڭ جەميەتىمىزگە ،بۇلۇپمۇ كىنوچىلىق سەنئىتىمىزگە مەسئۇليەتچانلىق بىلەن قاراپ ئوتتۇرغا  قويغان شەخسى قاراشلىرىم خالاس.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.