تىل كېكەچلىكى ۋە تەپەككۇر نامراتلىقى(1)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-19 07:20:43

تىل كېكەچلىكى ۋە تەپەككۇر نامراتلىقى(1)بىلىشىمچە، مەدەنىيەت ئوبزورچىلىرى، يەنى پەيلاسوپ، مۇتەپەككۇر، پەلسەپىچىلەر جەمئىيەت مەسىلىلىرىنى توغرا كۆزىتىش، كىشىلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسى ۋە ئوي - پىكر...



    تىل كېكەچلىكى ۋە تەپەككۇر نامراتلىقى(1)

     


    بىلىشىمچە، مەدەنىيەت ئوبزورچىلىرى، يەنى پەيلاسوپ، مۇتەپەككۇر، پەلسەپىچىلەر جەمئىيەت مەسىلىلىرىنى توغرا كۆزىتىش، كىشىلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسى ۋە ئوي - پىكرىنى توغرا تەھلىل قىلىش، ئۇلارنىڭ پائالىيىتى، ھەرىكىتى ئۈستىدە ئويلىنىپ، مۇۋاپىق يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشى، پىسخىكىسىغا تەسىر قىلىپ ياخشىلىققا باشلاش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان كىشىلەردۇر. مەلۇم مەسىلىنىڭ توغرا يۆلىنىشى ئۈستىدە ئەمىلى، ئىجابىي ئىزدىنىش، شۇنداقلا ھەممىگە ئورتاق بولغان قانۇنىيەتنى تېپىش ھەم يەتكۈزۈش جەريانى پەلسەپە، تەپەككۇر بولسا كېرەك. شۇڭا تەپەككۇر رېئالى مەسىلە ئۈستىدە بولىدۇ، گۈزەللەشتۈرۈلگەن ئەدەبىي تەسەۋۋۇر بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. پەلسەپە  بىر قاراشتىن مۇرەككەپ، سىرلىق جەمئىيەت ئىلىمى بولۇپ، ئەگەر چۈشىنىشلىك، ئامىباپ مەزمۇندا بولسا مۇرەككەپ بولمىغان ئىلىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پەلسەپەنىڭ تۈپ مەقسىتى دۇنيادىكى نەرسىلەرنىڭ(شەيئىلەرنىڭ)، مەيلى ئۇ كۆرگىلى-تۇتقىلى بولىدىغان ياكى مەۋھۇم نەرسە بولسۇن، ئىچىگە يوشۇرۇنغان تۈپ قانۇنىيىتنى(مىسالەن ئىنساننىڭ ماھىيىتى)نى ئىزدەش، بايقاش ھەم بەرھەق نەرسىگە ھۆرمەت قىلىش جەريانى بولۇپ، ھەقىقەتتىن ئايرىلغاندا پەلسەپەنىڭ قىلچىلىك قىممىتى بولمايدۇ. ئۇ كىشىلەرنى  ئەقىل-پاراسەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەپەككۇر ۋە ھەرىكىتىدە ئىدراك، پاكىتنى ئاساس قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئىلىم. شۇڭا بۇ ئىلىمىنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق زاكۇنشۇناسلىق ئىلىمى دىيىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇ مەڭگۈ تېخىمۇ يېڭى بولغان قانۇنىيەتلەرنى بايقاشنى ئۆزىنىڭ ئىزدىنىش نىشانى قىلغان. شۇنداق بولغاندىلا ھەقىقىي ئەھۋال (قانۇنىيەت)نى بىلىش تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، بۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ ئالدىغا سىلجىتىپ، تەدرىجىي تەرەققىيات ئۈنۈمىگە ئېرىشتۈرىدۇ.

     

    ئۇزۇندىن بۇيان كۆزىتىشىمگە ئاساسەن نۆۋەتتىكى «يېزىقچىلىق، پەلسەپە، دۇنياغا قاراش، قىممەت قاراش» قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىۋاتقان بىر قىسىم مەسلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئويلىشىپ كېلىۋاتقان ئىدىم. بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇپ پىكىرلەشمەكچى بولغانلىرىم بىر خىل ئوبزور ياكى بىرەر كىشىگە ھىسىيات ھۇجۇمى قىلىش مەقسىتىدىن كۆپ يىراق بولۇپ، ئاساسلىقى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ساقلىنىۋاتقان پاكتلىق مەسىلىلەرنى توپتوغرا ئوتتۇرىغا تاشلاپ، كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشىنى مەقسەت قىلدىم.

     

    بايقىشىمچە، نۆۋەتتىكى مەدەنىيەت ئوبزورچىلىرى قاتلىمى ھەم خەلقنىڭ تەپەككۇر ئېڭىدا جىددىي ئويلىنىشقا تېگىشلىك تۆۋەندىكى مەسىلىلەر ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولماقتا.


    1


    1.1 تىلنىڭ كىكەچلىكى

     

    بۇ تىمىدىكى ئاتالغۇ نۆۋەتتىكى «پەيلاسوپ» ياكى «مۇتەپەككۇر» نامىدا ئاتىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ماقالە ۋە ئەسەرلىرىدىكى ئېغىر تىل، پاساھەتلىك تىل، مەزموندار تىل ئۇسلۇبىغا، ئۆزىنى تىلدار(تىلغا باي) قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان كىشىلەرگە قارىتا ئېيتقىنىمدىن ئىبارەت. ئۆزۈمنى گەرچە زىيالىيلاردىن دەپ ئېيتالمىساممۇ، پات - پات كىتاب ژۇرنال كۆرۈپ تۇرىدىغان ئادەم بولۇشۇم بىلەن يەنىلا ئاز-تۇلا بىرنىمە بىلىدىغانلاردىن دەپ ئويلايمەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق يوقۇرىدا دىيىلگەن كىشىلەر يازغان ماقالا ھەم ئېيتقان سۆزلىرىنى چۈشەنمەسلىكىم، تېگىگە ھەقىقىي يىتەلمەسلىكىم بىر پاكىتتۇر. ناۋادا سىز بۇ ئەسەرلەرنى تولۇق چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولسىڭىز مېنىڭدىن كۆپ ئەقىللىق ھەم تەلەيلىك ئىكەنسىز، ئەمما سىز  ئەڭ ئىشەنچلىك شاھىت ئەمەس. سىز سەۋىيىڭىز يۇقىرى زىيالىيلار قاتلىمىغا تەۋە بولۇپ، ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر توپىغا كىرىسىز. مەن كەڭ تۆۋەن سەۋىيىلىك كىشىلەر توپىغا، ئوقۇغۇچىلارغا، ئادەتتىكى كىشىلەرگە ھەم قارا تۈرۈك دېھقانلار توپىغا تەۋە بولغان بولىمەن. بۇنىڭ دائىرىسى كەڭ بولغاچقا مەن ئومۇمىيلىققا ۋەكىللىك قىلىمەن. مەن تۇرغان تەرەپ ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىدىن ئىبارەت.

     

    بىلىشىمچە، تەپەككۇر ئىگىلىرى ئۆزلىرىنىڭ توغرا كۆز قاراشلىرى ۋە ئىدىيىسى بىلەن جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى ئوبرازلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا روھ دۇنياسىدىكى «مۇنەۋۋەر سىياسىيونلار» دېيىشكە بولىدۇ، ئەپسوس، ئۇلاردىن بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيىسى، ھېس قىلغانلىرى، ئىزدىنىش نەتىجىسى ھەم كۆز قارىشىنى، ئىستراتېگىيە ۋە تەپەككۇرىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈش ئۇسولىدا كەتكۈزۈپ قويدى. ئۆز ئەجىرىنىڭ جەۋھىرى مېۋىلىرى بولغان يازما--ئەسەرلىرىدە ھەدىدىن زىيادە ئېغىر تىل ھەم پاساھەتلىك تىل ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ، ئۇنى ئىنتايىن دەبدەبىلىك بېزەپ چىقتى. مۇددىئاسىنى بىر تەرەپتىن زىيادە ئوخشىتىش ۋە كۆچمە مەنىدىكى سۆزلەرنى ئىشلىتىش، جۈملە قۇرۇلمىلىرىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى ئوقۇغان ئەمما تولۇق ھەزىم قىلىشقا ئۆلگۈرمىگەن كىتاپلاردىكى ئۈزۈندىلەرنى ئىشلىتىپ پەدازلاش، سىرلىق ئۇقۇملار بىلەن كىشىلەرنى گاڭگىرىتىش، ئۆز مەقسىتىنى ئۇدۇل ئېيتماي گەپ ئوينىتىش ئارقىلىق نەمەلۇم مەقسەتلىرىگە يەتمەكچى بولۇشتى. بۇنداق ئىپادىچىلىكنى «ئىلمىي پوخورلۇق قىلىش» دەپ ئاتاش ئەڭ مۇۋاپىق. ئۇندىن باشقا ئۆز مەقسەتلىرىنى  يەنە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلغا يات قەدىمىي سۆزلۈكلەر ھەم ئەرەب - پارس تىللىرىدىكى ئاتالغۇلار بىلەن ياپتى. ئەگەر بۇ گەپ - سۆزلەر بىلەن تىزىلغان جۈملىنىڭ ئىچىدىن مېغىزلىق مەزمۇنىغا يەتمەكچى بولساق ئالدى بىلەن بىر ئوخشىما تىلشۇناس بولۇشىمىز، ھېچ بولمىغاندا قولىمىزدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى ياكى ئىبارىلەر لۇغىتى بولۇشى كېرەك. ئۇنى تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. دېمەك، بىر ماقالىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ چۈشىنىش، تېگىگە يىتىش بەزى «پەيلاسوپ»لارنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىمۇ. ئۇلار ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ نەتىجىسى ئۈستىدە باشقىلارنىڭ ئىككىلەمچى مۇلاھىزە، شەرھ، تەپەككۇر ، ئىزدىنىش ئارقىلىق چۈشىنىشىنى بەخت، ئابرۇي دەپ قاراشسا كېرەك.

     

    يەنە بىر نۇقتىدىن ئويلانغاندا ئۇلار دېمەكچى بولغىنىنى ئېغىر تىل ئىچىگە كۆمۈپ قويۇپ، ئويۇن ئويناۋاتامدۇ؟ پاساھەتلىك سۆز دۆۋىسىنىڭ ئىچىدە راستىنىلا قىممەتكە يارىغۇدەك نەرسە بارمۇ دېگەن خىياللار تەپەككۇرى ئويغاق كىشىلەرنى گۇمانغا سالماي قويمايدۇ. ئەگەر قىممىتى بار نەرسە بولسا ئوچۇق ئاشكارا ئوتتۇرىغا تاشلىماي نېمە سەۋەبتىن سۆز ئۇيۇنى قىلىپ چۈشىنىكسىز گەپ - سۆزلەر ئىچىگە كۆمۈپ قويىدۇ؟ ئۇلارنىڭ نامايان قىلماقچى بولغىنى تىل بايلىقىمۇ ياكى ئۆز ئويىدىكى دېمەكچى بولغىنىمۇ؟ مېنىڭچە، بىر قىسىملارنىڭ دېمەكچى بولغىنىدىن تىل بايلىقىغا «پىشقان» مەنمەنلىكىنى كۆز - كۆز قىلىشى مۇھىمدەك تۇرىدۇ. ئۇلار كىشىلەرگە ئالىقاچان سىر بولماي قالغان مەسىلىلەرنى قايتا - قايتا تىلغا ئالىدۇ. پەقەت ئەدەبىياتچىلارغا خاس ئىشلەتكەن تىل ئۇسلۇبى ھەم ياردەمچى ۋاستىلىرى ئوخشىمايدۇ.

     

    ئوي-پىكرىنى ئىپادىلەشتە ئېغىر خۇدىكسىرەش، گاڭگىراش، ئىشەنچىسىزلىك، كىلاسسىك پەلسەپىۋى پىكىر چەمبىرىكىنىڭ ئاسارىتى، يازمىلىرىدا يېڭى ئىدىيىنىڭ بولماسلىقى بۇ كىشىلەرنى مۇشۇنداق «رەڭلىك نىقاب» شەكىلىدىكى غەيرىي يېزىش شەكلىنى قوللىنىشقا مەجبورلىغانمۇ قانداق؟ ئۇنىڭ ئىچىدە تۇتامغا چىققۇدەك نەرسىنىڭ بار – يوقلۇقى شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە ئايان. ئاينىڭ يۈزىدە دېغى بولغىنىدەك، «مۆتىۋەر» كىشىلەرنىڭ بىلەرمەنلىكىنى شەكلى ئۆزگەرگەن ئۇسۇلدا كۆز - كۆز قىلىشى، شۆھرەت تەما قىلىشى نېمە دېگەن چوڭ پەسكەشلىك! ئۆز تەپەككۈرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇنداق غىلجىڭلاشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ ئوقۇرمەننى ھارغۇزۇپ قويىدۇ. بۇ ئەسەرلەر ياشلارنىڭ قەلب تارىنى چىكىپ ھاياجانغا سىلىپ قان ئايلىنىشى ھەم نەپىسىنى تېزلەتسە بولىدىكى، كىيىنكى ئۇزۇن مەنزىلدە يولنى قانداق مىڭىشنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. ئەمدى يەنە يېزىش توغرا كەلسە تەكلىپىم شۇكى، بۇ كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى مەسەل يازسۇن. تىلى چۈشىنىشلىك، ئوقۇشلۇقى بار، جەلپ قىلارلىق مەسەل ئارقىلىق پەلسەپىۋى ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈشكە تىرىشسۇن، خوددى «بۆرە كەلدى»، «بۆرە بىلەن قوزىچاق» قاتارلىقلاردەك. شۇنداق بولغاندا بىرلا ئوقۇپ چۈشۈنۋالغىلى بولىدۇ.

     

     

    1.2 ئېغىر تىل ۋە چۈشنىكلىك تىلنىڭ سىلىشتۇرمىسى

     

     

    ئۆز گىپىمىزنى داۋام ئەتسەك، ئېغىر تىل ئارقىلىق يېزىلغان ماقالىلەر زىيالىيلارنى ئويلىغانمۇ ياكى پۈتكۈل جەمئىيەتكە مەسئۇل بولۇشنى ئويلىغانمۇ دېگەن يەنە بىر مەسىلە بىزنى تەشۋىشكە سالماي قويمايدۇ. زىيالىيلار بۇنداق نەرسىلەرگە ھەممىدىن بەك ئېھتىياجلىق ئەمەس. زىيالىيلار قاتلىمى جەمئىيەتنىڭ باشلامچى قوشۇنى بولۇپ، نىمىنىڭ توغرا، قايسى يولنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى باشقىلاردىن ئېنىق بىلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ماقالىلار پۈتكۈل جەمئىيەت ئۈچۈن يېزىلغانمۇ؟ ياق، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېغىر تىل بىلەن بېزەلگەن ماقالە - نۇتۇقلىرىنى جەمئىيەتتىكى ئادەتتىكى بىر ئوقۇتقۇچى، ئىشچى ياكى بىر سودىگەر ۋە ياكى بىر قارا تۈرۈك دېھقان تولۇق چۈشىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس. ئۇلارنىڭ بۇنداق نەرسىلەرنى ئىككىلەمچى تەتقىق قىلىپ چۈشۈنىشىگىمۇ زېھنى يوق. مېنىچە بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنىمۇ ئېنىق ئاڭقىرىپ كىتەلمىسە كېرەك.  دېمەك، بۇ «پەيلاسوپلار» ئاخىرىدا يىڭىلگۈچىلەردىن ئىبارەت. شۇڭا ھە دېسىلا جەمئىيەتتىن ئاغرىنىدۇ، بارغانسېرى بۇزۇلۇپ كىتۋاتقانلىقىدىن ئىچىنىدۇ. جىنسىي ئەركىنلەشتۈرۈش، ئاشنىدارچىلىق(بۇلار ئۇچوق - ئاشكارا دىيىلمىگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئاللىقاچان جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي مەسىلىسىگە ئايلىنىپ بولغان ئاشكارا مەخپىيەتلىك، خالاس)، ئەرلەردىكى مەسئۇلىيەت، بالىلارغا بولغان تەربىيەنىڭ يىتەرسىز بولۇشى، بەزمىخانىلار، ئاجرىشىش ئىلىپ كەلگەن ئىگىسىز يېتىم بالىلار... قاتارلىقلاردا مۇناسىپ كىشىلەرنىڭ مەسئولىيىتى بولغىنىدىن سىرت، جەمئىيەتنى تەربىيىلەش مەسئولىيىتىنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئالدۇق، دەپ مەيدىسىگە ئۇرىدىغان ئوپراتسىيەچى پەيلاسوپ – قەلەم ئىگىلىرىنىڭمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان زور مەسئولىيىتى بار. ئۇلار بۇ مەسئولىيەتنى ئادا قىلىشنى ئويلايدىكەن ئۆز تەپەككۇرىنى كىشىلەرگە ئەڭ يېقىن، ئاددىي، چۈشۈنۈشلۈك زاغىرا تىل بىلەن بايان قىلىشنى ئۆگۈنىۋىلىشى كېرەك. شۇندىلا كىشىلەر ئۇلارنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى بىلەلەيدۇ. بىزنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىمىز دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشى، كىشىلەرنىڭ ئىلمىي، مەدەنىي ۋە بەختلىك ياشىشىدۇر.  بىر كىشىنىڭ بىلىمى قانچە يۇقىرى بولسىمۇ ئەمما كىشىلەر چۈشىنەلەيدىغان نەرسىگە ئايلانمىسا، باشقىلارغا نەپ ئېلىپ كىلەلمىسە بەرىبىر ئۇنى ئېتىراپ قىلىشمايدۇ. ئېتىراپ قىلىدىغانلار پەقەت ۋە پەقەت ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا بولۇپ قالىدۇ، خالاس. يوقۇرقىدا تىلغا ئىلىنغان كىشىلەر يازغان «ھىكىمەتلىك سۆزلەرنى»نى يىغىپ بىر توپلام قىلغاندا بۇ توپلامنىڭ ئادەتتىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھاياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى مەلۇم بىر مەشھۇر ئىنسانشۇناسنىڭ ئاددىي تىل بىلەن قارا ئاشلىق بولكىسىدەك يىرىك ئېيتقان «ئۈمۈر دېگەن بەك قىسقا، كىچىك ئىشلار ئۈچۈن قايغۇرۇپ يۈرمەسلىك كېرەك» دېگەن نەق گىپىچىلىك بولمىسا كېرەك.

     

     

    ئەتراپىمىزدا ئاددىي، چۈشۈنۈشلۈك تىل بىلەن ئىپادىلەنگەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەسەرلەر توغرىسىدا سۆزلىسەك زامانىمىزدىكى يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ «يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام» ناملىق ئەسىرى(بۇ ئەسەر ژۇرنىلىمىزنىڭ 1994-يىل 1-،2- قوشما سانىدا بىسىلغان ئىدى—مەسئول مۇھەررىردىن) تىىپىك بىر مىسال بولالايدۇ. بۇ ئەسەردە يازغۇچى دېمەكچى بولغانلىرىنى كىتابى تىل بىلەن ئەمەس، خەلققە تېخىمۇ يېقىن بولغان ئاددىي تىل، تۈز تىل، جانلىق تىل ئارقىلىق بىۋاسىتە ئىپادىلەپ بەرگەن، شۇڭا بۇ ئەسەر خەلقنىڭ سۈيۈپ ئوقۇشىغا ئېرىشىپ، زىلزىلىسى، تەربىيەۋى ئەھمىيىتىمۇ غايەت زور بولدى. قارىغاندا بىز ئەدەبىي تىل بىلەن تەپەككۇر تىلىغا قايتا ئېنىقلىما بەرسەك بولىدىغاندەك قىلىدۇ.ئېيتايلۇق، يەر شارىدا كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا زۆر تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن دۇنياۋى شۆھرەتلىك مەشھۇر ئەسەرلەردىن «ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئارتۇقچىلىقلار ۋە ئاجىزلىقلار»، «ئەقىل - پاراسەت دەستورى»، «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى»، «ھۆكۈمدارلار دەستورى» قاتارلىق كىتابلار ناھايىتى چۈشىنىشلىك يېزىلغان بولۇپ، بىۋاسىتە تەسىر قىلىش شەكلى بىلەن دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتكەن. سېتىلىش مىقتارىمۇ غايەت زور مىقداردا ئاشقان. مانا بۇ چۈشىنىشلىك، ئاممىباب ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى. بىز بۇ ئەسەرلەرنى ئوقىغىنىمىزدا ئاساسەن ھېچقانداق تىل قىيىنچىلىقىغا ئۇچرىماستىن بىۋاسىتە چۈشۈنەلەيمىز. تىلدىكى ئىپادىلەش قانچىكى ئېغىر، قانچىكى مۈجىمەل بولسا، ئۇنىڭ تەسىرى شۇنچە خۇنۈك، شۇنچە قىممىتى يوق بولىدۇ، تەسىر دائىرىسىمۇ تار بولىدۇ، خالاس.

     

    دىمەك، زامانىمىزدا قائىدەشۇناسلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان كىشى تەپەككۈرىنى ئىپادىلەشتە «ئاددىي»، «چۈشۈنۈشلۈك» تىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىغا كۈچ چىقىرىشى ھاجەت.

     

     


    1.3 تىلدىكى ئاتالغۇلار مەسىلىسى

     


    يېقىنقى 20-30 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر تىلىغا يىڭىدىن كىرگەن ۋە داۋاملىق كىرىۋاتقان تۈرلۈك ئاتالغۇ - سۆزلۈكلەرنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن بىۋاسىتە ئاھاڭ تەرجىمىسى بوپقىلىشى ھەم ئىستىمالدىن قالغان بىر قىسىم قەدىمىي سۆزلۈكلەرنىڭ قايتا تىرىلىشى، پارس، ئەرەب تىللىرىدىن بەئەينى «مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشكىنىدەك» قوبۇل قىلىنىۋاتقان سۆزلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلنىڭ ساپلىقى، راۋانلىقى تەسىرگە ئۇچراپ، مەنە ئىپادىلىشى مۈجمەل، چۈشىنىشلىك دەرىجىسى ئۆزلىكسىز چېكىنىپ بارماقتا. بولۇپمۇ كەسپىي ساھادە بۇ مەسىلىلەر تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك. بۇ سەل قارايدىغان ئىش ئەمەس. ئادەمنىڭ كۆرۈش ۋە ئاڭلاش ئارقىلىق قوبۇل قىلىدىغان ئۇچۇرى بەدەننىڭ باشقا ھەرقانداق سېزىم ئەزالىرى قوبۇل قىلىدىغان ئۇچۇرىدىن كۆپ. ئۇچۇر يەتكۈزۈش مەنبەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم تۈزگۈچى قىسىملىرىدىن بىرى بولغان تىل – يېزىق روشەن ھەم سۈزۈك بولمايدىكەن ئىپادىلىمەكچى بولغان مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا يېڭى سۆزلۈك ياساش ھەم چەت تىلىدىن كىرىۋاتقان ھەربىر ئاتالغۇنى تەرجىمە قىلىش، ئۆزلەشتۈرۈش ۋە قىلىپلاشتۇرۇشتا ئالدى بىلەن مەنە تەرجىمىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئاندىن باشقا تەرەپلەرنى ئويلىشىش زۆرۈر.  مىسالەن، ھېسابلاش ماشىنىسى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىگە يىڭى تۇنۇلۇپ خېلى بىر مەزگىللەرگىچە كىشىلەر ئېلېكترونلۇق مېڭە ياكى ھېسابلاش ماشىنىسى دەپ ئاتاپ يۈردى. كىيىن بىر قىسىم كىشىلەر بۇ ئاتالغۇنى بىراقلا تاشلاپ ئىنگلىزچىدىكى «كومپيۇتېر» دېگەن نامنى بىۋاسىتە ئوقۇلۇشى بۇيىچە ئىلىپ كىردى. خوش،  ئالدىدىكى ئاتالغۇ ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەش بولۇپ، ھەر ئىككىلا سۆزلۈك ئۇيغۇر تىلىغا تونۇش بولغان ئېلېكترون(گەرچە بۇ سۆز ئىنگلىزچە بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ مەنىسىنى كىشىلەر ئاساسەن بىلىپ كەتتى) ۋە مىڭىدىن ئىبارەت ئىككى تۈپ سۆزدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تىلىمىزغا ناھايىتى يېقىن، چۈشىنىشلىك، ئاڭلىغان كىشىگە «توك بىلەن ئىشلەيدىغان مېڭە» دېگەن ئۇقۇمنى يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ. ھېسابلاش ماشىنىسى دېگەن ئاتالغۇمۇ ھەم شۇنداق، بۇ ئاتالغۇلارنىڭ بىر ئادەمگە دەسلەپكى قېتىم ئاڭلىغاندا يەتكۈزىدىغان مەنە قىممىتىنى ئون دېسەك. كەينىدىكى كومپيۇتېر دېگەن ئاتالغۇنىڭ بىرىنچى قېتىم ئاڭلىغان كىشىگە بېرىدىغان مەنە قىممىتىنى نۆلگە تەڭ دېيىشكە بولىدۇ. ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان توك يولىنى ئۈزگۈچى ئەسۋابنىڭ «ۋىكلىيۇچاتىل» دەپ ئاتىلىشى چەت تىلدىن كىرگەن ئۇقۇم، ھازىر ئۇنىڭ مەنە ئاتالغۇسى «ئۈزچات» بولۇپ، ئۈزۈپ چاتىدىغان ئەسۋاب دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ نېمە دىگەنمۇ توغرا ھەم ئوبرازلىق ئاتاش؟ دېمەك، باشقا تىللاردىن بىۋاسىتە ئاھاڭى بۇيىچە تەرجىمە قىلىنغان ئاتالغۇلارنىڭ مەنە ئىپادىلەش قىممىتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ قالماقتا. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىغا قىلىنغان بىر تۈرلۈك ئەشەددىي خىرىستىن ئىبارەت. مۇشۇنداق ئەھۋالدا توغرا مەنە يەتكۈزۈشنى ئەمەس بەلكى پاساھەتلىكنى ھەم ئاسانلىقنى(سۆزلۈك ياساش جەھەتتىكى ئاسانلىق كۆزدە تۇتۇلىدۇ) قوغلاشساق يىتىلۋاتقان ئەۋلادلارنىڭ بىر نەرسە چۈشۈنىشىگە پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قالىدۇ، تىلنى بۇنچىلىك زەئىپلەشتۈرۈشنىڭ قىلچىلىك زۆرۆريىتى يوق. ئادەم ئىسمى، يەر – جاي نامى ھەم پەۋقۇلئاددە ئاتالغۇلاردىن باشقا ھەرقانداق ئاتالغۇنى مەنىسى بۇيىچە ئۆزلەشتۈرۈشكە قىلىشقا بولىدۇ. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆپلىگەن نوپۇزلۇق تىلشۇناسلار تەرجىمە خىزمىتىدە مەنە تەرجىمىسىنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە.

     

    ئاتالغۇلارنى ساپ ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئىپادىلەپ چىقىش بۇندىن كېيىنكى تىل تەتقىقاتىمىزنىڭ مۇھىم بىر نىشانى. ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىش ۋە يېڭى سۆزلۈك ئىجات قىلىشتا خەلقئارادا فرانسوزچىدىن، دۆلەت ئىچىدە خەنزۇ تىلىدىن ئۆرنەك ئالساق بولىدۇ. فرانسۇز تىلىنىڭ مەنە ئىپادىلىشى كۈچلۈك، قاراتمىلىقى يۇقىرى بولۇپ، مۈجمەل مەناسى ناھايىتى ئاز ئىكەن. مىسالەن «ئاۋىئاماتكا» دېگەن سۆزنىڭ فرانسوزچىدا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىنكى ئاتالغۇسى «ئايروپىلان ئېلىپ يۈرەلەيدىغان ھەربىي پاراخوت» دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ئىنتايىن ئوبرازلىق، ئىپادىلەنمەكچى بولغان نەرسىنى «ئاۋىئاماتكا» دېگەنگە قارىغاندا ئاسان چۈشەنگىلى بولىدۇ. ئاڭلىشىمچە بۇ تىل چۈشىنىشلىك ھەم مۈجمەل مەنىسى ئاز، ئېھتىياتچان بولغاچقا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ھۆججەت – قارارلىرى فرانسۇز تىلىدا چىقىدىكەن. خەنزۇ تىلىنىڭ ئىپادىلەش شەكىلىمۇ ناھايىتى ئوبرازلىق، چۈشىنىشلىك بولۇپ، تىل تەتقىقاتچىلار بۇ جەھەتتىمۇ نەزىرىنى ئاغدۇرۇشى زۆرۈر، بىز ئەڭ كۆپ ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان تىل بولغاچقا خەنزۇ تىلى توغرۇلۇق كۆپ توختالمىدىم.

     

    خۇلاسە كالام، تىلىمىزدىكى ئاتالغۇلارنى قانداقتۇر بىرەر سەۋەپكە تاقاپ زىيادە شالغۇتلاشتۇرۋىتىش ھەرگىز توغرا ئۇسۇل ئەمەس، چۈشىنىكسىز ئاتالغۇلارغا مۇرەسسە قىلىشقا بولمايدۇ. بىر تىلنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسى مۇشۇنداق ئاتالغۇلار بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇ مەسلىلەر توغرا ھەل بولغاندىلا ئۆزىمىزدىكى تىل ئۆتكىلى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلغان بولىمىز. تىل خىزمىتى ئۇل خىزمىتىدىن ئىبارەت.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.