روھ قىرغاقلىرىنى بويلاپ...(يۈسۈپجان سەمەت ئەفىيفىي)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-16 02:44:04

روھ قىرغاقلىرىنى بويلاپ...يۈسۈپجان سەمەت ئەفىيفىي روھنىڭ پايانى يوقتۇر. ﯰ چەكسىزلىكتە بەئەينى تەبىئەتكە ئوخشايدۇ. كائىناتتا سانسىزلىغان تۈر بولغىنىدەك، روھىيەتتىمۇ ساناقسىز روھى ھالەت بولىدۇ....

     


    روھ قىرغاقلىرىنى بويلاپ...
    يۈسۈپجان سەمەت ئەفىيفىي

     



         روھنىڭ پايانى يوقتۇر.  ﯰ چەكسىزلىكتە بەئەينى تەبىئەتكە ئوخشايدۇ.  كائىناتتا سانسىزلىغان تۈر بولغىنىدەك،  روھىيەتتىمۇ ساناقسىز روھى ھالەت بولىدۇ.  بىز خۇددى ئوخشاش ئىككى تاشنى تاپالمىغىنىمىزدەكلا،  روھى ھالىتى،  روھى كەيپىياتى ئوخشاش ئىككى ئادەمنى تارىختىن بېرى تاپالمىدۇق.   



        تەبىئەت ئۆزىنىڭ گۈزەل رۇخسارى ياكى بىيېقىم قىياپىتى بىلەن ئۆزىنى نامايان قىلسا،  روھ ئۆز ئىگىسىنىڭ ئەمەلىي ھاياتى ئارقىلىق ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ.  تەبىئەت ئىنسانلارنى كۆڭۈل بۆلۈشى،  ئۆزىنى بېزەپ،  ئاۋات قىلىشى،  ھېچ بولمىغاندا بۇزماسلىقىنى ئۈمىد قىلغاندەكلا،  روھىيەتمۇ ئۆزىنىڭ جەمئىيەت رەزىللىكلىرىگە بىدەۋا قىياپىتىنى پاك ساقلاشقا ئۇرۇنىدۇ.  ئەمما ئوبيېكتىپ رېئاللىق گۈزەل تەبىئەتنى بۇزۇشقا يۈزلەنگەندەكلا،  بىزنىڭ پاك روھىمىز تۇرمۇشىمىزدىكى نامەلۇم ئىش سەۋەبلەر ئارقىلىق دەپسەندە قىلىنىدۇ.

    تەبىئەت ئېچىرقايدۇ،  ئۇنىڭ يېشىل، غەيرىي يېشىل قىياپىتى سۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ماددىي نەرسىلەرگە مۇھتاج بولىدۇ ؛ روھمۇ ئېچىرقايدۇ،  ئۇمۇ ئۆز ۋۇجۇدىيىتىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن ئەقىلگە،  تەبىئەتكە - تەبىئىيلىككە،  ئىشقىلىپ ھەممە نېمىگە ئۆزىنى ئۇرىدۇ.  ئەقىل ئۆزىنىڭ ھاكىممۇتلەق نوپۇزى ئارقىلىق روھىيەتنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدۇ ياكى ئىنساننىڭ پاك روھىنى بۇلغاپ قويىدۇ.

    تەبىئەت چۆللىشىش،  قۇرغاقلىشىشقا قاراپ ماڭغاندەك،  بىزنىڭ روھىمىزمۇ قۇرغاقلىشىشقا قاراپ ماڭماقتا.  ﯰ گويا بىر نەرسىگە ئىنتىلىدۇ،  ئەمما ئۇنىڭدىن ئۆزى قانائەتلەنگۈدەك نەپكە ئېرىشەلمەيدۇ.  ئىنسان ئۇسسايدۇ،  سۇ ئۇنى قاندۇرالمايدۇ ؛ ﯰ مۇزلايدۇ،  ئوت ئۇنى ئىللىتالمايدۇ ؛ ﯰ كۈلىدۇ،  كۈلكىسى ئۇزۇنغا بارمايدۇ. .. ئىنسان ئۆز روھىيىتىدە بىلىپ بولغىلى بولمايدىغان بىر نەرسىگە موھتاج بولىدۇ.  نىھايەتكى،  ﯰ بۇ موھتاجلىق تەڭقىسلىقىدا ئىنسانىي،  غەيرىي ئىنسانىي قىلمىشلار ئارىسىدا تېڭىرقايدۇ.  جەمئىيەتنى،  تەبىئەتنى تۈزەيمەن دەيدىغانلار،  ئالدى بىلەن روھىيەتنى چۈشىنىشى ۋە تۈزىشى كېرەك.

    ۋۇجۇدىمىز تارچۇق يوللار،  ئېگىز بىنالاردىكى تار ئۆيلەردە قىسىلىش ئىلكىدە ؛ روھىيىتىمىز تۈمەن خىل ئىدىيىۋىي يوللار ۋە كۆز قاراشلار ئارىسىدا قىسىلىش ئىلكىدە.  روھنىڭ ئېچىرقىشى ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل كائىناتنىڭ ئېچىرقىشىدۇر.

    بىر ئىنسان ئاددى ئادەمدۇر.  ئەمما ئۇنىڭ روھى بىپايان چەكسىزدۇر.  بەلكىم ﯰ ئۆزىنى مەڭگۈ ئىپادىلىيەلمەسلىكى مۇمكىن.  ئۇنىڭ روھى گاھ ئۇنداق،  گاھ بۇنداق چايقىلىپ تۇرىدۇ.  شۇڭلاشقا ئىنسانلار ئۇنى ھەرخىل شەكىللەر ئارقىلىق ئىپادىلەشكە تىرىشىدۇ.  ئەمما بىتخوۋېننىڭ " توققۇزىنچى سېمفونىيە " سى،  مېكلانجىلونىڭ نەپىس ھەيكەللىرى،  پىكاسسونىڭ سېترېئولۇق رەسىملىرى ئىنسان روھىنى مەڭگۈ ئەينەن ئىپادە قىلالمايدۇ.  چۈنكى سەنئەت ھەقىقىي تۈردە روھىيەت چوڭقۇرلۇقىغا چۆككىنى يوق !

    ئەگەر روھنى بىر چەكسىزلىك دېسەك،  ئۇنىڭغا يېتەر كۆز يوقتۇر.  تاۋۇش،  ھەرپ،  سۆز،  سىزمىلار. .. ئەدەبىي ئەسەرلەر. .. ئىشقىلىپ ھەرقانداق نەرسە روھنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ئىپادە قىلىپ بېرەلمەيدۇ.  تارىختا ئۆز روھىنى تولۇق ئىپادە قىلالىغانلار بولمىسا كېرەك.  

    مۇھەببەت روھىيەتتىكى نەپىسلىك ياكى پەسلىك بولۇپ،  ئىنسان ۋۇجۇدىيىتى بۇ خىل ۋەسۋەسە تەرىپىدىن سەرسان ئېتىلىدۇ ياكى جەۋلان قىلىنىدۇ.  مانا بۇ خىل ئىچكى روھى ھالەت ئىنساننىڭ پاك روھىنى ئۇلۇغلۇق تەختىدە ئولتۇرغۇزىدۇ ياكى چۈشكۈنلۈكنىڭ ئەۋرەت لاتىسىغا ئوراپ،  روھىيەتنىڭ ئەخلەتخانىسىغا تاشلىۋېتىدۇ.

    ئىنسان روھىي ھالىتى چەكسىز بولغىنىدەك،  ئۆزگىرىشچان بولىدۇ.  گەرچە مىجەز - خۇلققا بىرنېمە دېمەك ئاسان بولسىمۇ،  ئەمما روھقا بىر نېمە دېمەك تەستۇر.  چۈنكى روھىيەتنىڭ ئىجابىي،  سەلبىي سۈپەتلىرى ئارىسىدا مۇئەييەن چېگرا بولمايدۇ.  ئىنساننىڭ كۆڭلى بۇ خىل روھ تەبىئىتى قوينىدا ئەركىن - ئازادە يۈرىدۇ دە،  ئىنسان ھاياتىدا گاھ يامان، گاھ ياخشى دەپ ئايرىلىدۇ.  بىز " ياخشى " دېگەنلەر يامان بولۇشىمۇ،  " يامان " دېگەنلەر ياخشى بولۇشىمۇ مۇمكىن.  چۈنكى،  چېگرىسىز روھىيەت مۇھىتىدا ئىنساننىڭ ئەڭ ياخشى ئادەم بولۇش ئىمكانىيىتىمۇ،  ئەڭ رەزىل ئادەم بولۇش ئىمكانىيىتىمۇ تامامەن مۇمكىندۇر.  ھاياتتا شۇنداق ئادەملەر ئۇچرايدۇكى،  ئۇنىڭ كەشىنى سۈرتۈش شەرەپ بولسا،  يەنە شۇنداق ئادەملەرمۇ ئۇچرايدۇكى،  چاپاننىڭ پېشى تېگىپ كەتسە،  ﯰ يەرنى كېسىۋېتىپ مېڭىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.  يۈرەك ئىنساندىكى ئەڭ ئۇلۇغ نەرسە ياكى ئەڭ يىرگىنچلىك - رەزىل نەرسە !

    شەرق ئالىملىرى ئىنسانغا شۇنداق تەبىر بېرىدۇ : ئىنسان،  جىسمانىي جەھەتتىن ھايۋانغا،  نەپسى جەھەتتىن شەيتانغا، روھىي جەھەتتىن پەقەت ئىنسانغا تەئەللۇقتۇر.  بۇ يەردىكى " روھ " ھەقىقىي ئىنسان روھىغا قارىتىلغان بولسا كېرەك.  ئۇلار يەنە روھنى تۆۋەندىكىدەك بۆلىدۇ : يامانلىققا بۇيرىغۇچى روھ،  يامانلىقتىن توسقۇچى روھ،  خاتىرجەم بولغۇچى روھ.  ئەمما بۇ ھاياتتا روھىي خاتىرجەملىك ھەممىلا ئادەمگە نېسىپ بولۇۋەرمەيدۇ.  ئۆز روھىدىن قانائەت ھېس قىلالىغانلار ھەقىقىي بايلار ۋە بەختلىك كىشىلەردۇر.

    تەبىئەت نۇرلۇق ئۇپۇق،  سۈپسۈزۈك بۇلاق،  ئاپئاق ئاي نۇرى،  پاكىز چەكسىزلىك. ..قاتارلىق ماددىي قىياپىتى بىلەن ئىپادىلىنىشكە ئۇرۇنغىنىدەك،  روھىيەتمۇ ئېسىللىق،  ئۇلۇغلۇق كەبىي مەنىۋىي قىياپەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىشكە موھتاج بولىدۇ.  گاھى ئادەملەر تەبىئەتنى ۋەيران قىلغىنىدەك، روھىيەتنى دەپسەندە قىلسا،  گاھى ئادەملەر تەبىئەتنى گۈزەل قىلغىنىدەك،  روھىيىتىنى ئېسىللىق،  ئالىيجانابلىقلار بىلەن بېزەپ تۇرىدۇ.  ئەگەر روھىيەتنى بىر تەبىئەت دېيىشكە توغرا كەلسە،  ھەقىقەت ئۇنىڭ قۇياشىدۇر.

    ئىنسان ئۆزىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى پاكىزلاپ تۇرۇشقا موھتاج بولغىنىدەك،  ئۆز روھىيىتىنىمۇ پاكلاشقا موھتاجدۇر.  ھەقىقەت خاتىرىلەنگەن ياخشى كىتاب كەبىي نەرسىلەر ۋە ھەقىقەت ئەمەلىيىتى كۆڭۈل،  قەلب ئۆيلىرىنىڭ سۈپۈرگىلىرىدۇر.  چۈنكى ئىنسانلارغا تەبىئەت گۈزەللىكىگە قارىغاندا،  روھىيەتنىڭ گۈزەللىكى بەكرەك مۇھىمدۇر.  ئۇلار بۇ ئارقىلىق چاڭقاق قەلبىگە سۇ باشلىسا،  روھىيەتتىن ھەقىقەتنىڭ گۈزەل گۈللىرى ئۈنۈپ چىقىدۇ.  مانا بۇ خىل گۈللەر شۇ ئىنساننىڭ بىرلا قەلبىنى ئەمەس،  ﯰ شۇنىڭغا تەۋە ئادەملەر تۈركۈمىنىڭ قەلبىنىمۇ تىترىتىپ تۇرىدۇ.  مانا بۇ خىل ئىنسانلار شۇ قەۋمنىڭ روھباشچىسى سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىدىن ئورۇن ئالىدۇ.  قەۋم بۇ خىل مەنىۋىيەت نەپىسلىكىدىن ئەسىر،  قەرنەلەپ ئوزۇق ئېلىپ،  چاڭقىغان قەلبىگە مەلھەم قىلىدۇ.  مانا بۇلار ئەفىيف - پاك ئىنسانلاردۇر،  روھىيەت گۈلزارىنى مىسلىسىز بېزىگەن ئىنسانلاردۇر.  

    گەرچە ماددىنىڭ روھقا بولغان تەسىرىنىڭ ئازراق ئىكەنلىكىنى بايقىساقمۇ،  روھنىڭ ماددىغا بولغان تەسىرى زوردۇر.  روھ ئىنساننى مەڭگۈ كونترول قىلىپ تۇرىدۇ.  مەلۇم بىر ئىش ئىنساننىڭ بىردەملىك روھى ھالىتى بولسا،  ئۆمۈرلۈك ئىش ئۇنىڭ بارلىق روھى ھالىتىدۇر.  ئۆمۈرلۈك روھى ھالەت شۇ ئىنساننىڭ ھايات تارازىسىدىكى نېسىۋېسىدۇر.  بۇ خىل نېسىۋە ھەرقايسى ئىنسانلاردا ئوخشىمىغان قىممەتتە ئىپادىلىنىدۇ.

    ئىنسان ئەزالىرىنى مېڭە باشقۇرىدۇ،  مېڭىنى يۈرەك باشقۇرىدۇ،  يۈرەك روھىيەت بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

     

    بىر قىسىم غەرب كىشىلىرى ماددىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىي ئىپادىلىرى ئارقىلىق روھىيىتىنى بېزەش،  خۇرسەن قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ ؛ بۇ خىل بىر تەرەپلىمىلىك ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى بىگۈزەل مەنىۋىي قىياپىتىنى بەرپا قىلغان بولۇشى مۇمكىن.  شەرق كىشىلىرى ( بىر قىسىم ) قۇرغاق چۆللەردە ياشاپ،  ئۆز قەلبىدىكى پىنھان ئەپسانىۋىي تۈسنى ئالغان دىنى ئەقىدىلەر ياكى رىۋايەتلەر ئارقىلىق كۆڭلىنى قانائەتلەندۈرمەكچى بولىدۇ ؛ ئۆز ئەقىدىلىرىنىڭ ماددىي مودېلىدىن مۇستەسنا بۇ خىل ھايات ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى روھىيىتىنى بەرپا قىلغان بولۇشى مۇمكىن.  ئىشقىلىپ،  شەرقلىكلەر بىلەن غەربلىكلەر ئارىسىدىكى روھىي ھالەت ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ.

    ئەجدادلىرىمىز روھ ھەققىدە ئەڭ كۆپ ئىزدەنگەن،  ئۇنى ئەڭ ئىنچىكە رەۋىشتە بۆلۈش،  چۈشىنىشكە ئۇرۇنغان.  ئۇنىڭ پىنھان سىرلىرى،  تىلسىملىرىنى يېشىشكە تىرىشقان.  مانا بۇلار مۇقام تېكىستلىرى،  كلاسسىك نەزمە،  ئەسەرلەر،  بۇرۇنقى ئىدىيىۋىي ئېقىملاردا روشەن گەۋدىلىنىدۇ.

    روھىيەتنىڭ ھەممىگە مەلۇم ئاشكارا قاتلىمى،  مۇتلەق سىرلىق ئىچكى قاتلىمى بولىدۇ.  روھىيەتنىڭ تاشقى - ئاشكارا قاتلىمى ئاۋامغا تەئەللۇق قاتلام بولسا،  پىنھان ئىچكى قاتلىمى شەخسكە تەئەللۇقتۇر.  ئىنسانىيەت چوڭقۇر ياكى غەيرىي چوڭقۇر روھىيەت توپلانمىسىدىن ئىبارەت.

    روھىيەتنىڭ تاشقى ئاشكارا قاتلىمىدا ئىنسانلار دائىم ئۇچرىشىپ،  مۇڭدىشىپ تۇرسىمۇ،  ئۇنىڭ شۇ ئىنسانغىلا ( تەڭرىگىمۇ ) مەلۇم بولغان پىنھان تەرەپلىرىگە ئورتاق بولغان ھەمسۆھبەت ئىنسان چىقمايدۇ.  چۈنكى،  بۇ جەھەتتىمۇ ئورتاقلىققا ئىگە ئىنساننىڭ بولۇشى مەھال ( مۇمكىن ئەمەس ) دۇر.

    ئىجادىيەت روھىيەتنىڭ قېزىلىشى بولۇپ،  ﯰ يېڭى بىر روھىي قىياپەت ھېسابلىنىدۇ.  مەيلى بىزنىڭ ماددىي ياكى مەنىۋىي ئىجادىيەت،  كەشپىياتلىرىمىز بولسۇن،  ﯰ پەقەت روھىيىتىمىزنىڭ بىر قىسمىدىن،  يەنى سۇبيېكتنىڭ ئوبيېكىتقا ئۆتىشىدىن ئىبارەت،  خالاس !

    ئەگەر ئىنسانلار كۆز ئالدىدىكى ماددىي دۇنياغا،  نانغا،  ئاشقا كۆڭۈل بۆلگىنىدەك،  روھىيىتىنىڭ گۈزەللىكى،  نەپىسلىكى،  ئۇلۇغلىقىغا كۆڭۈل بۆلسە ئىدى،  ئاشۇ ماددىي نەرسىلەرگە ئېرىشىشمۇ ئاسان بولار ئىدى.  مەن شۇنداق قارايمەنكى،  ھاياتتىكى بارچە مەسىلىلەر ئەمەلىيەتتە روھىيەت مەسىلىسىدۇر.  رېئاللىقىمىزدىكى ئوبيېكتىپ پائالىيەتلەر روھىيىتىمىزنىڭ ماددىي مودېلىدۇر.

     ماددىي جەھەتتە جاندىن كېچىپ قۇربان بېرىش ئەڭ شەرەپلىك بولسا،  مەنىۋىيەتتە - روھىيەتتە قۇربان بېرىش ئەڭ شەرەپلىكتۇر ۋە مۇقەددەستۇر.  ئالدىنقىسى ماددىي جاراھەت ئىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالسا،  كېيىنكىسى مەڭگۈلۈك روھنىڭ ئازابى،  يۈرەكنىڭ جاراھىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  يۈرەكنىڭ جاراھىتى ئۈچۈن ئاللادىن باشقا شىپا بولمايدۇ ( بۇ جۈملە سۆز تەھرىر تەرىپىدىن قىرقىۋېتىلگەن - ئەفىيفىي ).  جىسمانىي سۈرگۈنلۈك،  سەرسانلىق كىشىنىڭ بەدىنىنى جۈدەتسە،  روھىي ئازاب ئۇنىڭ ھەممە يېرىنى جۈدىتىدۇ.  شۇڭا،  ئاشىقلار،  ساراڭلار،  ساراڭغا ئوخشايدىغانلار روھىي سەرگەردانلاردۇر. روھىي سەرگەردانلىق دۇنيا ئازابىنىڭ ئەڭ قاتتىقىدۇر.

    روھىيەتنىڭ ئىجابىي سۈپەتلىرىگە تولۇق ئېرىشكەن ئىنسان مۇكەممەل ئىنساندۇر.  روھىيەتنىڭ ئىجابىي،  سەلبىي سۈپەتلىرى ئىنسان ھاياتىدا پارچىلىنىپ تۇرىدۇ - دە،  ﯰ بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى ئىنسانلارنى ھەر خىل ئىپادە قىلىدۇ.  شۇڭلاشقا بىز ﯰ ياخشى،  بۇ يامان دەيمىز.  كۆز ئالدىمىزدىكى ماددىي شەكلى رەڭگارەڭ دۇنيا يۈرىكىمىزدىكى رەڭگارەڭ دۇنيا بىلەن ئوڭ تاناسىپ ياكى تەتۈر تاناسىپلىق ھالىتىدە كۆزلىرىمىزنى ئالىچەكمەن قىلىۋېتىدۇ.  نەتىجىدە سۇبيېكتىپ ئېڭىمىزدا گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك ئارىلىشىپ كېتىدۇ.  بۇ چاغدا روھىيىتىمىز بىر قېتىملىق ئىمتىھاندىن قاتتىق چارچايدۇ.

    دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق سىناق روھىي سىناقتۇر ؛ ئەڭ قاتتىق ئازاب روھىي ئازابتۇر ؛ ئەڭ قاتتىق ئىمتىھان روھىي ئىمتىھاندۇر ؛ ئەڭ قاتتىق خارلىق روھىي موھتاجلىقتۇر ؛ ھەقىقىي قىممەت روھىي قىممەتتۇر ؛ ھەقىقىي غالىبلىق روھىي غالىبلىقتۇر. .. ھەممە روھىيەتتىدۇر.  روھ ئىنساننىڭ ماددىيىتى ۋە مەنىۋىيىتىدۇر.  ﯰ،  روھىيەت ۋە جىسمانىيەتنىڭ ھەر بىر ھۈجەيرە،  ئۈگىلىرىگە سىڭگەن.  ﯰ،  روھتىمۇ،  بەدەندىمۇ ئېرسىيەت خاراكتېرلىك مۇجەسسەمدۇر.  ئۇنى بايقاش ئاقىللارغا خاستۇر.

    روھ بىر تىلسىمدۇر.  بۇ تېپىشماقنىڭ جاۋابى ئەڭ تەستۇر.  ئىنسان گاھىدا بىر خىل روھىي ھالەتنى دەۋرى قىلىپ ئايلىنىپ قالىدۇ،  ئۆز روھىنىڭ چوڭقۇرلىقىنى تاپالمايدۇ.  گاھىلار ئۇنى پۇچەكلەشتۈرۈپ،  مۈجمەللەشتۈرۈۋېتىدۇ.  نەتىجىدە ئۇنىڭ دېڭىزغا ئوخشاش بىپايان،  چوڭقۇر،  سۈزۈك قەلبى سېسىق كۆلچەككە ئوخشاپ قالىدۇ.  دەۋرىمىز كىشىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇ خىل كىرىزىسقا ئورتاق مۇبتىلادۇر.  بىز تېخى روھىيەت دېڭىزىدىن ھەقىقى ئۈنچىلەرنى قازمىدۇق !...

    ئىنساننىڭ مۇكەممەل ئارزۇسى روھىي مۇكەممەللىككە،  روھىي شادلىققا ئېرىشىشتۇر.  ئىنسان بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەلگە تەيياردۇر.  ئەقىل دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن روھىي ھالەتلەرنىڭ قىممىتى كىشىلەر نەزىرىدە ئوخشىمايدۇ.  شۇڭلاشقا روھىي تەڭپۇڭسىزلىقلار،  روھىي ئادالەتسىزلىكلەر مەيدانغا كېلىپ،  بىر ئىنساننىڭ روھىي يەنە بىر ئىنساننىڭ ئاددى ئىش - ھەرىكىتى ( ئەمەلىيەتتە ئاددى ئەمەس ) ئارقىلىق دەپسەندە قىلىنىدۇ.  بۇ،  روھىيەتكە قىلىنغان ئاشكارا ھاقارەتتۇر.

    ئالىملار،  بىلىمدارلار،  ئۆلىمالار،  يازغۇچى - شائىرلار بىر قەۋمنىڭ روھىيەت قۇرغۇچىلىرى بولۇپ،  ئۇلار ئىنسانىيەت روھىنى گاھ ئويغا تارتىپ،  گاھ دۆڭگە تارتىپ ھاشارغا سېلىپ تۇرىدۇ.  ئىلىم ۋە ھەقىقەتكە ۋەكىللىق قىلغۇچىلارنىڭ ئازغۇنلىقى ئەمەلىيەتتە روھىيەتتىكى ئازغۇنلۇقتىن دېرەك بېرىدۇ.

    ئىنسانىيەتنىڭ روھىيەت قۇرۇلۇشى ئەڭ مۇكەممەل تېما بولۇپ،  بۇ پۈتكۈل ئىنسانلار روھى ئورتاقلىقىنىڭ يۇقىرى چېكىنى تەلەپ قىلىدۇ.  ھاياتىي دۇنيادىكى ئاددى ئادەملەر - ھۈنەرۋەن - كاسىپلار،  دېھقان،  سودىگەر،  مەدىكارلارمۇ بۇ خىل مۇكەممەللىككە مەيلى ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ھەسسە قوشىدۇ.

    روھىيەتتىكى نەپىسلىك،  گۈزەللىك،  ئۇلۇغلۇق بىزنىڭ ماددىيەتكە قارىغاندا روھىيەت توغرىسىدا كۆپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ روھىيەت ھالىتى بولۇپ،  بۇ بىزنىڭ بۈگۈنكى بۇلغانغان روھىيىتىمىزدىن مۇستەسنا ھالدا ھەقىقەت ئۇپۇقىدا جەۋلان قىلىپ تۇرىدۇ،  ھەقىقەت بوسۇغىسىدا ئىجادىيەت ساھىبلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ.  ئۈزلۈكسىز روھنى يېڭىلاش،  ئۇنى قىممەتكە،  گۈزەللىككە،  نەپىسلىككە ئىگە قىلىش،  ئۇنى ئەخلاق سۈيى بىلەن سۇغۇرۇپ،  ئىجابىيەت گۈللىرىنى تېرىش،  ﯰ ئارقىلىق گۈزەل مەنىۋىي قورغان بەرپا قىلىش بىزنىڭ ئەسلىي روھىي قىياپىتىمىزدۇر.  مانا بۇ بىزنىڭ روھىمىزدۇر !!! جەننەتۇل فىردەۋىس دېگەن دەل شۇلدۇر.

     

    ياشلىقنىڭ مەيىن شامىلىدا يېنىك يەلپۈنگەن چاچلىرىم كۆزۈمنى توسۇۋالىدۇ.  دەھشەتلىك ئازابىم - رېئاللىق بىلەن قەلبىمنىڭ ئەڭ پىنھان،  نازۇك سىرلىرى توقۇنۇشلىرىنىڭ چۇقانىدىن ئىبارەت.

     
    مەنبەسى:« شىنجاڭ مەدەنىيىتى» 2005-يىللىق 4-سانىدىن ئىلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.