مۇھەببەتكە توغرا يۈزلىنىڭ(ئابدۇخېلىل)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-18 17:33:57

مۇھەببەتكە توغرا يۈزلىنىڭئابدۇخېلىل بىر ئادەمنىڭ ھېسسىياتىنى قەدىرلىمىگەنلىك شۇ ئادەمنى قەدىرلىمىگەنلىك بىلەن باراۋەر، ھېسسىيات ئەڭ نازۇك نەرسە ھەمدە ئەڭ پىنھان نەرسە ئەگەر ئۇ زەربىگە ئۇچ...

    مۇھەببەتكە توغرا يۈزلىنىڭ
    ئابدۇخېلىل

     

         بىر ئادەمنىڭ ھېسسىياتىنى قەدىرلىمىگەنلىك شۇ ئادەمنى قەدىرلىمىگەنلىك بىلەن باراۋەر، ھېسسىيات ئەڭ نازۇك نەرسە ھەمدە ئەڭ پىنھان نەرسە ئەگەر ئۇ  زەربىگە ئۇچرىسا، بىر ئادەمگە ناھايىتى ئېغىر كېلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئول كىشىلىرىمىز سۇنغان كۆڭۈلنى ئالتۇن بېرىپ ئالغىلى بولماس دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان.

        قەدىرلەش-مېنىڭ تۇنجى ھايات مۇساپەم!

       ئارىلىق-ئۇ تەڭرىنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان ئەڭ چوڭ سوۋغىسى، دۇنيادا ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئارىلىقى ۋە پەرقى بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئادەملەر بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، ياخشى كۆرۈش، ئېرىشىش ۋە ئايرىلىش جەريانىدا بەزى كىشىلەر خۇشھال بولىدۇ، يەنە بەزى كىشىلەر بولسا ئازابلىنىدۇ.

       ئەگەر سىز ياخشى كۆرگەن قىز سىزنى ياخشى كۆرمىسە، سىز قانداق قىلىسىز؟ سىز چوقۇم ئۆزىڭىز توغرىسىدا بىلىپ-بىلمەي ئويلىنىشقا باشلايسىز، چەكسىز خىيال دېڭىزىغا چۆكۈسىز، ئازابلىنىسىز، بەزى ھاللاردا ھەتتا ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويىسىز، ئۈنسىز ياش تۆكۈسىز...

       لېكىن سىز بىر رېئاللىقنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ سىز ياخشى كۆرگەن قىز خۇددى سىزگە ئوخشاش بىر يىگىتنى ياخشى كۆرگەن بولۇشى، ئۇنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىشنى كۆتۈپ تۇرغان بولۇش مۇمكىن، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇمۇ سىزگە ئوخشاش ئاشىقتۇر، ئۇنىڭ ئۆزى ئۇزۇندىن بىرى ياخشى كۆرگەن بىر يىگىتىنى ئۇنتۇپ سىز بىلەن يۈرۈشى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۆز مەشۇقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئاسىيلىق بولۇشى مۇمكىن، توغرا، ھېقىقى ۋىجدانلىق يىگىت ياكى قىز ئۆزى ياخشى كۆرگەندىن ئادىمىدىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ، مانا بۇ ھەقىقىي مۇھەببەتتۇر!

       قىزنىڭ سىزنى رەت قىلىشى سىزنىڭ ھەرگىزمۇ قىز سۆيگەن يىگىتنىڭ سىزدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، سىز ھەتتا ئۇ يىگىتىدىن ئېشىپ چۈشكەن تەقدىردىمۇ، قىزنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قىلىشى ناتايىن! چۈنكى بۇ ھەرگىزمۇ يۇقىرى-تۆۋەنلىك مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى كۆڭۈل مەسىلىسى!

       كۆڭۈل دېگەن پادىشاھ، بۇ ئەقلىيەنى سىز چوقۇم ئاڭلىغان، دۇنيادا ئەڭ بىر نەرسە دەپ بولغىلى بولمايدىغان نەرسە كۆڭۈلدۇر، شۇڭا سىز قىز نېمىشقا ئۇ يىگىتنى ياخشى كۆرىدۇ، مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ، مېنىڭ ئۇنىڭدىن نېرىم كەم دېگەندەك تېگى يوق سوئاللارنى ئويلاپ يۈرمەڭ، ئۇنىڭ يىگىتى بولالمىسىڭىز، ئۇنىڭ دوستى بولۇڭ، ئۇنىڭغا پۈتۈن مۇھەببىتىڭىز بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ، ئۇنىڭغا پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن كۆڭۈل بۆلۈڭ، ئىشىنىمەنكى سىز مۇشۇنداق قىلالىسىڭىز، سىزدىن ھەتتا ئاللاھمۇ سىزدىن تەسىرلىنىدۇ...

       ئېرىشەلمىسىڭىز ۋاز كېچىپ، ئايرىلىدىغان ئىشنى ئاسانلىقچە قىلماڭ، چۈنكى بىرلا ئايرىلسىڭىز ئەڭ ئازاب چىكىدىغىنى يەنىلا سىز بولىسىز، بۇ ئىش كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سىزنىڭ يۈرىكىڭىزدىكى داغقا ئيلىنىدۇ، بىردەملىك ھاياجان سىزنى مەڭگۈلۈك ئازابقا قويىدۇ، ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن قىز ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىڭىزدىن  ھەرگىزمۇ ئۆكۈنمەڭ، چۈنكى سىز ئۇ قىزنى ياخشى كۆرىسىز، ئۇ قىز ئۈچۈن نېمە قىلسىڭىز ئەرزىيدۇ!

       سىز ئۇ قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىزدىن پەخىرلىنىڭ، ئۇنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرگەن يىگىت ئۈچۈن سىزنى رەت قىلغانلىقىدىن پەخىرلىنىڭ، ئەكسىچە ئۇنى تېخىمۇ ھۆرمەتلەش ئۇياقتا تۇرسۇن. مېنى ياخشى كۆرمىدى دەپ ئۇنىڭ دىلىنى رەنجىتىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلسىڭىز ئۇنىڭغا ئازار بەرگەن بولىسز!

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-24 23:07:30]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئابدۇخېلىل