ئەنئەنە ۋە مەدەنىيەت

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-16 07:07:55

ئەنئەنە ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنە-بىر مىللەتنىڭ ئۇزاق يىللىق پەن –مەدەنىيەت ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا شەكىللىنىدىغان ، مۇكەممەللىشىدىغان ، جۈملىدىن ئەۋلادتىن–ئەۋلادقا داۋامل...

    ئەنئەنە ۋە مەدەنىيەت


       ئەنئەنە-بىر مىللەتنىڭ ئۇزاق يىللىق پەن –مەدەنىيەت ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا شەكىللىنىدىغان ، مۇكەممەللىشىدىغان ، جۈملىدىن ئەۋلادتىن–ئەۋلادقا داۋاملىشىدىغان ، مىراس قالىدىغان مەدىنىيەتتۇر . ئەجدادلىرىمىز ئەدەپ–ئەخلاق مىزانىنى خېلى بۇرۇنلا ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا ئەڭ پايدىلىق ئامىل دەپ قاراپ ، كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن ۋە راۋاجلاندۇرغان ، خەلقىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇزاق يىللىق ئىجتىمائىي تۇرمۇش پائالىيەتلىرىدىكى داۋامىدىكى مول ئىجابى تەجرىبىلىرىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، مۇئەييەن قىممەتكە ئىگە . بىز بۇنى ئۆز نۆۋىتىدە خەلقىمىزنىڭ مۇقەددەس مەنىۋى بايلىقى دېيىشكە ھەقلىقمىز . مۇشۇ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ، مەنىۋى بايلىقلىرىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان دەۋر تەرەققىيات تارىخىنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ ، پۇت تىرەپ تۇرالىشى بىزنىڭ پەخىرلىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

       ئەنئەنە ئادەتلىرىمىزدە دۇنيا مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ، ئۈلگە بولالايدىغان روشەن ئالاھىدىلىكلەر جۇلالىنىپ تۇرسىمۇ ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ خاسلىقىنى قىممەت قارشىمىزغا ئايلاندۇرۇشقا سەل قارىدۇق.

       ھازىرقى مودا مەدەنىيەت ئېقىمىنىڭ جەمئىيەت مۇھىتىغا بۆسۈپ كىرىشى سەۋەبلىك ، ئاز ساندىكى ياشلىرىمىز خەلقىمىزنىڭ ئەزەلدىن بار بولغان ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇپ، ئايرىۋېلىش تەس بولغان بولغان ئەبجەش مەدەنىيەتكە چوقۇنۇپ ، تۇرمۇش قارىشى ئۆزگىرىپ ، پەقەت ماددىي بايلىق ۋە پۇلنىلا تونۇشتىن ئىبارەت تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدى. بىز ئەمدى بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرساق ، ئەجدادلىرىمىزغا يۈز كېلەلمىگەندىن سىرت ، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كېلەچىكىگە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن قارىغان بولىمىز .

       ئەجدادلىرىمىز ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا زۆرۈر بولغان بىر قاتار ئەدەپ– ئەخلاق ، قائىدە –يوسۇن ، مىزانلارنىمۇ ئوتتۇرغا ئوتتۇرغا قويۇپ ، كىشىلەرنىڭ مەنىۋىيىتىنىڭ ساغلام بولۇشىغا ئەھمىيەت بەرگەن . ئىنساپ ، دىيانەت ، ئاق كۆڭۈللۇك ، سەمىمىي ساداقەتلىك ، ئەدەپ–ئەخلاق ، ئۆزئارا ئىناق –ئىجىللىق ، پاك ، ھالال ئەمگىكى ئارقىلىق ياشاشنى مىزان قىلىپ كەلگەن . مانا بۇ خىل ئىسىل ئەنئەنىلىرىمىزنى ئائىلە تەربىيىسى ۋە مەكتەپ تەربىيىسىدىن باشقا ، يەنە جامائەت سورۇنلىرىدىمۇ تەشۋىق قىلىشىمىز ، بۇنى ھەممە كىشىنىڭ ، شۇنداقلا پۇتۇن جەمئىيەتنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچى دەپ بىلىشىمىز ، شۇ ئارقىلىق ياشلارنىڭ ئەدەپ– ئەخلاق ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ ، ئۇلارنى چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان ، باشقىلارغا مېھىر –شەپقەت يەتكۈزەلەيدىغان ، ئەمجكنى سۆيىدىغان، راستچىل ، ئىقتىسادچىل  بولۇشقا ، ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە قانۇن –پرىنسىپلارغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشقا يىتەكلىشىمىز كېرەك.

       ئاتا–بوۋىلىرىمىز بىزگە مىراس قىلىپ قالدۇرغان ئەنئەنىلەر مەيلى ئەخلاق –پەزىلەت جەھەتتە ياكى ئادەمگەرچىلىك،ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن بولسۇن ، ئوخشاشلا مەدەنىيەت خەزىنىمىزدىكى بىباھا گۆھەردۇر. ئەنئەنە بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ، تۇرمۇش ساپاسى ، شۇنداقلا تارىخى ئورنىنىڭ قىممىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ بېرەلەيدۇ . ئەنئەنە ئارقىلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ كىشىلىك قىممەت قارىشى ، روھى ساغلاملىقىنى تولۇق چۇشەنگىلى بولىدۇ . گەرچە ئەنئەنىمىزنىڭ مەنبەسى ئۇزاق يىللىق ئەمەلىيەت ئارقىلىق شەكىللەنگەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭدىكى دەۋر روھى ، تارىخى رول ، ئىجتىمائىي قىممەت ئۆزىنىڭ خاسلىقى ، ئىجابىيلىقى بىلەن يىتەكچىلىك ئورنىنى يوقاتمايدۇ.

       پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئەنئەنىلىرىمىزدە تەكىتلەنگەن كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئالاقىدە سەمىمىي بولۇش ، ياخشى پەزىلەت يىتىلدۈرۈش ، ئىناق–ئىتتىپاق ئۆتۈش ، قىيىنچىلىقى بارلارغا خەيرخاھلىق قىلىش قاتارلىق ياخشى خىسلەتلەر بىزنىڭ زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. قىسقىسى ، ئېسىل ئەنئەنىلەرگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى مەدەنىيەت يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش جەمئىىيىتىمىزدىكى ھەربىر كىشىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى ھېسابلىنىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.