:دەۋا ئۈستىدىكى ئۇيغۇر خاراكتېرى(2)

يوللىغۇچى : Hatem يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-24 12:41:00

دەۋا ئۈستىدىكى ئۇيغۇر خاراكتېرى(2)ئۆمەر راخمان 2 -ھىكايە : ئۆز نىكاھىغا ئىگە بولالمايدىغان ئەر خوتۇنلار -سىرتتىن ئاڭلىغۇچىلار سۆز قىستۇرۇشقا بولمايدۇ، دېققەت قىلىڭلار-سوتچى سەل چېچىلىپ نىكادىن...

    دەۋا ئۈستىدىكى ئۇيغۇر خاراكتېرى(2)

    ئۆمەر راخمان

     

    2 -ھىكايە :  ئۆز نىكاھىغا ئىگە بولالمايدىغان ئەر خوتۇنلار

     

          -سىرتتىن ئاڭلىغۇچىلار سۆز قىستۇرۇشقا بولمايدۇ، دېققەت قىلىڭلار-سوتچى سەل چېچىلىپ نىكادىن ئاجىرىشىش سوتىدىكى دەۋاگەرلەرنىڭ سوتنى سىرتتىن ئاڭلاۋاتقان تۇققانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

       ئادەتتە نىكاھتىن ئاجىرىشىش دىلولىرنى سوت قىلغاندا دەۋالاشقۇچى ئەر ئايالنىڭ ئاتا-ئانا قاتارلىق ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ سوتقا كېلىپ سىرتتىن ئاڭلىشى يېزىلىقلاردا كۆپ  ئىدى. شەھەر ئاھالىلىرى ئىچىدىمۇ پات-پات كورۈلۈپ قالاتتى. ئۇچۇق سوت بىلەن يېپىق سوتنىڭ پەرقىنى بىلمەيدىغان دەۋالاشقۇچىلار، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى شەخسى بايانلار چىقىپ قېلىشى ئېھتىماللىغى بولغان دىلۇلاردىمۇ يېپىق سوت ئېچىشنى ئىلتىماس قىلىشنى بىلمەيتى. نەتىنجىدە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى سوت ئاڭلاشقا كېلۋالاتتى. بۇنداق چاغدا دەۋاگەرلەر  سوت داۋامىدا ئاتا ئانىلار ئالدىدا ئۆز ئاساسلىرىنى ئەركىن ئوتتۇرغا قويالمايتى ياكى سوتنىڭ ئېھتىياجى يۈزسىدىن ئاتا ئانىلار ئالدىدا دىيىشكە بولمايدىغان سۆزلەرنى سۆزلەشكە مەجبۇر بۇلۇپ ئوڭايسىزلىق ئەھۋاللىرى يۈز بېرەتتى. شۇڭا سودىيەلەر بەزىدە سىرتتىن ئاڭلاۋاتقان ئۇرۇق تۇققانلارنى سوت زالىدىن چىقىرۋېتەتتى ياكى باشتىلا سوت زالىغا كۈرگۈزمەيتى. بۈگۈنكى بۇ دىلۇدا گەرچە دەۋالاشقۇچىلارنىڭ پىكىر بايان قىلىشىدا ئوڭايسىزلىق ئەھۋاللىرى كورۈلمىسىمۇ لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ  ئاتا-ئانا ، ئاچا-سىڭىل قاتارلىق تۇغقانلىرى ھە دىسە سوتقا پىكىر بايان قىلىپ ھەتتا پەستە ئىككى تەرەپ بولۇپ تالاش-تارتىش قىلىشىپ سوت تەرتىۋىنى قالايمىققانلاشتۇرماقتا ئىدى.

    -سىرتتىن ئاڭلىغۇچىلار دېققەت قىلىڭلار،سىرتتىن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى يوق، ئەگەر يەنە سوت تەرتىۋىنى قالايمىققانلاشتۇرساڭلار قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلدۇ-سودىيە قايتا قايتا ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن ئاخىرى بولالماي قانۇن ساقچىسىنى ئىشقا سېلىپ دەۋالاشقۇچى ئەر ئايالنىڭ بارلىق ئۇرۇق تۇققانلىرنى سوت زالىدىن قوغلاپ چىقاردى.  شۇ چاغدا دەۋالىشۋاتقان ئەر ئايالنىڭ چىرايلىرىدىن سەل پەل ئازادىلىككە ئىرىشكەنلىك ئالامەتلىرى پەيدا بولدى، بۇ چىراي ئىپادىللىرى كۆڭۈل ئەلبۇمىمدا قېتىپ قالدى .بۇ ئەر ئايالنىڭ تۇرمۇش سەزگۈرەشتىللىرى ئەشۇ ئىپادىلەردىن تۇلۇق بايان قىلىنغاندەك ئىدى.  قەلبىم يىغلامسىرغاندەك بولدى. سوتتىكى كېيىنكى سەمىمىلىك بىلەن ئېيتىلغان بايانلار ھەقىقەتەن كۆڭلۈمگە كەچكەن ئىشلارنىڭ راستلىغىنى  دەلىللىدى.

            بۇ قىز يىگىت ئىلگىرى پەقەت تۇنۇشمايدىغانلاردىن بۇلۇپ ،بارلىق توي ئىشلىرى ئىككى ئائىلىنىڭ چوڭلىرى تەرپىدىن كېلىشىپ بىر تەرەپ قىلىنغان. ئىككەيلەن تويغا بىر ھەپتە قالغاندا قىسقىغىنە كۆرۈشۈشنى باشتىن ئۆتكۈزگەن. بۇ ۋاپادار ئوغۇل ـ قىز تويغا ھىچقانداق قارشىلىق پىكىردە بولمىغان. نىكاھ ئەنە شۇنداق روياپقا چىقىرىلغان. خۇدانىڭ بۇلارنىڭ كۆڭلىگە مۇھاببەت ئۇچقىنىنى ياندۇرىشى بىلەن ئۇلار خېلىلا چىقىشىپ قالغان. ئەپسۇسكى بۇلارنىڭ بۇنداق ‹چىقىشىپ › قالغان تۇرمىشى ئۇزۇنغا بارمىغان.

          -قېينى ئاپام ھەر بىر ئىشلىرىمىزغىچە دېقەت قىلىپ تۇردۇ- دەپ شىكايەت قىلىدۇ دەۋاگەر ئايال سوتتا-بىز قېينى ئاتا – ئانىللىرىمنىڭ چۆڭ قوروسىدا بىرگە تۇرغان ئىدۇق، شۇڭا ئەتىگەندىن كەچكىرگىچە مەن تاپا تەنە دەستىدىن بېشىمنى كۆتۈرەلمەيمەن ،ئېرىم توغرا بولسۇن خاتا بولسۇن قېينى ئاپامنىڭ دىگەن يېرىدىن چىقالمايدۇ ، بىرەر يىلدىن كېيىن ئېرىم سىرتقا ئىش بىلەن چىقىپ كەتكەن بىر كۈنى قېينى ئاپام ‹ ئايىغىڭىز ياراشمىدى › دەپ مېنى ئاتا –ئانامنىڭ ئۆيىگە كېتىشكە مەجبۇر قىلدى، شۇنىدىن باشلاپ ئىككىمىز ئايرىلىپ تۇرۋاتىمىز.......

         جاۋاپكار ئورنىدىكى ئەر، ئايالنىڭ بۇ گەپلىرىگە باشقىچە پىكىردە بولمىدى.

        -ئايالىمنىڭ ئىككى ئاچىسى بار ئۇلار ۋە قېينى ئانام قوشۇلۇپ ئايالىمغا دائىم ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر ئىشلارغا كۆرسەتمە بېرىدۇ، ئايالىم ئائىلە ئىشلىرىغا شۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ ،بەزىدە مۇشۇ سەۋەپلىك  ئىككىمىز جېدەللىشىپ قالىمىز، بۇ سەۋەپلىك ئايالىم بىلەن ئاپاممۇ چىقىشالمىدى. مەن ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ قايتىپ كەلسەم ئايالىم ‹يامانلاپ› كېتىپ قاپتۇ ، شۇندىن بېرى ئايرىلىپ تۇرۋاتقىنىمىز راست- مانا بۇلار ئەرنىڭ بايانلىرى ئىدى.

            بۇ ئەر ئايالنىڭ بايانلىرىدىن ئۇلارنىڭ تويدىن كېيىنكى مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىغىنى بىلۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى،ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئوز ئاتا-ئانا، ئاچا -سىڭىل قاتارلىق ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ بۇلارنىڭ ئەر –ئاياللىق مۇناسىۋىتىگە ھەددىدىن ئارتۇق ‹كۆڭۈل › بۈلۈپ كېتىشى ئاخىردا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەپ بولغان. ئايال يامانلاپ كەتكەندىن كېيىن ئەر- ئايال ئىككىسى مىھرىنى ئۈزەلمەي يۇشۇرۇنچە بىر- بىرىنى ئىزدىشىپ تۇرغان، ھەم يارىشۋالماقچىمۇ بۇلۇشقان بىراق ئاتا – ئانىللىرى بۇنىڭغا يول قويمىغان، ئۆرۈپ –ئادىتىمىز بويىچە يامانلاپ كەتكەن قىزنى ئۇغۇل تەرەپنىڭ ئاتا –ئانىللىرى قىز تەرەپنىڭ ئاتا –ئانىللىرىنىڭ ئۈيىگە بېرىپ، ھۆزۈرخالىق ئېيتىپ قايتۇرۇپ كېلىشى ياكى قىزنىڭ ئاتا- ئانىللىرى قىزنى ئەكىلىپ قويۇشى  كېرەك ئىدى. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا ئەر –ئايالنىڭ ئۆز ئالدىغا يارىشۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەنە شۇنداق ئۆرۈپ –ئادەتكە يانداشقان ئۇرۇنسىز شۆھرەتپەرەسلىك ئىككى تەرەپنى بىر بىرىگە دۈشمەنلەشتۈرۋەتكەن ،ھەتتا  شۇ مەزگىلدە ئايالنىڭ پاخلاندەك بىر ئوغۇلنى يەڭگىشىمۇ ئىككى جەمەتنى يۇمشىتالمىغان ئىدى

          سودىيە بۇ ئەر –ئايالنىڭ بىر بىرىگە بولغان مۇھابىتىنى ۋە ئەمدىلا دۇنياغا كەلگەن ئوغلىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇلارغا ئويىنى تۇتۇپ قېلىش ھەققىدە نەسىھەت قىلدى، بىراق بۇ نەسىھەتلەرنىڭ ئۈنىمى بولمىدى، چۈنكى بۇ ئەر ئاياللارنىڭ تىزگىنى ئۆزلىرىنىڭ قولىدا ئەمەس بۇلۇپ، سوتقا كېلىشتىن ئىلگىرىلا ئۇلارنىڭ مەيدانى ئۇرۇق تۇققانلىرى تەرپىدىن مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ بۇلۇنغان ، ھەر ئىككىسى كۆڭلى قىيمىغان ھالدا ‹ قەتتى › ئاجراشماقچى....

          كۆڭۈلچەك سودىيە دەۋاگەر ئۇرۇندىكى ئايالنى دەۋادىن ۋاز كېچىشكە كۆندۈرمەكچى بولدى، چۈنكى قانۇن بويچە  ھامىلدار ياكى پەرزەنتى بىر ياشقا توشمىغان ئاياللار ئۆزى ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلمىغانلا بولسا نىكاھتىن ئاجرىشىشقا يول قۇيۇلمايتى.ئەپسۇسكى سودىيەنىڭ بۇ تەدبىرىمۇ ئۈنۈم بەرمىدى، سودىيە بۇ ئەر-ئايالنىڭ ئاجىرىشىش پىكىرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەققىل پىكىرى ئەمەسلىگىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ھەم قانۇن بويىچە دەۋالاشقۇچىلارنىڭ پىكىر ھەركىتى ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسى بويىچە بولمىغاندا قانۇنى كۈچكە ئىگە بولماسلىق ئېھتىماللىغى بولسىمۇ ئامال يوق ئىدى . چۈنكى نىكاھ دەۋاسىدا ئەر ئايالنىڭ سوتتا ئۆز ئاغزى بىلەن ئوتتۇرغا قويغان پىكىرى ئۆز ئىرادىسىنى ئەكىس ئەتتۈردۇ دەپ قارىلاتتى. ئاخىردا سودىيە يەنىلا بۇلارنىڭ يارىشۋېلىشىغا پۇرسەت بېرىپ سوت ھۆكۈمىنى دەرھاللا ئېلان قىلۋەتمەي ئۈچ كۈندىن كېيىن ئېلان قىلىدىغانلىغىنى جاكارلىدى. قانۇن بويىچە ھۆكۈم ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى دەۋالاشقۇچىلار يارىشۋالسا بولىۋېرەتتى.

            ئۈچ كۈن ئۆتتى....

            بۇ ئەر ئايالنىڭ يارىشۋالغانلىغى ھەققىدە ھىچقانداق خەۋەر يوق....

            ئۇلار ئاجراشتۇرۇلدى.

            شۇنداق قىلىپ مۇھاببىتى بۇزۇلمىغان بىر ئائىلە كىشلىرى قانۇن بويىچە ئايرىۋېتىلدى، تۇغۇلغاندا ئاتىسى تەرپىدىن باغرىغا بېسىلىشقا قادىر بولالمىغان بىر بوۋاق ئاتا مىھرىدىن مەھرۇم قىلىندى.ئۇقۇرمەنلەر بۇ ئەر ئايالنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىشىغا  سەۋەپ بولغۇدەك بىرەر باھانىنى تاپالمىغان بۇلىشى مۇمكىن ، ھەقىقەتەن ئەرزگۈدەك باھانە مەۋجۇت ئەمەس. بۇ يەردىكى مەسىلە نىكاھ بۇ ئەر خۇتۇننىڭ نىكاھى بولماي ئىككى جەمەتنىڭ نىكاھى بۇلۇپ قالغانلىغىدا ئىدى. ئەنە شۇنداق ئەر خوتۇندىن ھالقىپ كەتكەن نىكاھ مۇناسىۋىتى يۈكسەك دەرىجىدە مۇرەككەپلىشىپ ئىككى جەمەت مۇناسىۋىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن. بۇ نىكاھنىڭ ھۇلى بولغان مۇھاببەتنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى يۈكسەك ئورنىنى پەگاغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. قانۇن بىلەن ھەپلىشىش جەريانىدا مەيلى ‹ مەدەنيەتلىك› شەھەرلىكلىرىمىزدە بولسۇن ياكى كەڭ يېزىلىقلىرىمىزدا بولسۇن ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىگە ئارلاشمايدىغان جەمەتلەرنى ئىنتايىن ئاز ئۇچۇراتتىم. بىزگە قارىماققا نورمالدەك كۆرۈنۋاتقانلىرى ئەمەليەتتە بۇنداق ئارلىشىشنىڭ بەختىمىزگە يارىشا نىسبەتەن ئاز بولغانلىغىدىن خالاس.

     

     يەنە بىر ھىكايە : خوتۇنپۇرۇش ئەر، ئەرپۇرۇش خوتۇن

     

      -ھوي يەنە سەنغۇ ؟.....

    سوت سەھىنىسىگە ئەمدىلا قەدەم قويغان سودىيە دەۋالاشقۇچىلار ئورنىدىكى ئەرنى كۆرۈپ بىزار بولغاندەك سورىدى:

    -مېنىڭ ئۆمرۈم سېنىڭ نىكاھ دەۋايىڭنى سوتلاپ تۈگەپ كېتەمدۇ نىمە، نەچچىنچى قېتىم كېلىشىڭ بولدى بۇ ؟

    -خۇدايىم بۇيرىسا سوتچى، سىلنىڭ قوللىرىغا ئۈچ قېتىم چۈشۈپتىمەن، مەمەت سوتچى ئىككى قېتىم سوتلىغان بوپتۇ، شۇنداق بولغاندا بەش قېتىم سوتتا ئاجراشقان بوپتىمەن. ئۇنداق دىمىسىلە سوتچى، سىلىنىڭ ئۆمۈرلىرىمۇ تۈگەپ كەتمەس، پىنسىيەگە  چىقىپ كەتسىلە  ئەشۇ ئىڭىكىگە سېرىق تۈك چىقمىغان ياش سوتچىلىرىڭلارنىڭ قولىغا قالارمەن شۇ چاغدا...

    -ھاي ھاي.... ئەمدى كەلمەسمەن دىمەكتە يوق پىنسىيەگە چىقسىڭىز ياش سوتچىللىرىڭىزنىڭ قولىغا قالارمەن دەيسەنغۇ يەنە....قاچان تۈگۈتەرسەن خوتۇنپۇرۇشلۇقنى ؟

    -ئاتام رەھمەتلىك ئون تۆتۈنچى خوتۇننىنىڭ قۇچىغىدا جان تەسلىم قىلىپتىكەن سوتچى، خۇدايىم بۇيرىسا مۇشۇنىڭ بىلەن توققۇزىنچى قېتىم ئاجراشقان بولىدىكەنمەن، ئاتامدەك ئون تۆتكە ئاپارغىچە  بۇ ئۆمۈرمۇ يار بەرمەيدىغاندەك قىلىدۇ ، قانداق قىلىمىز ئەمدى سوتچى، خودايىم رىزقىمىزنى قوشمىسا ئاجرىشىدىغان گەپكەن....

    ئەللىك ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ دەۋاگەرنىڭ سۆزلىرىگە ئۇنچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن سوتچى ئۇنى گەپتىن توساپ قويۇپ بىپەرۋالىق بىلەن سوتنىڭ باشلىنىدىغانلىغىنى ئېلان قىلدى...

       سوتتىكى بايانلاردىن ئېنىق بولدىكى بۇ ئەر ھازىرغىچە جەمى سەككىز قېتىم نىكاھلانغان بۇلۇپ  بەش نوۋەت سوت مەھكىمىسىدە ئاجراشقان ، ئىككى قېتىم نىكاھ تىزىملاش ئورنىدا ئاجراشقان، مۇشۇ نىكاھ تارىخىدا تۇغۇلغان يەتتە  پەرزەنتىدىن بىر پەرزەنتى ئۆز يېنىدا بۇلۇپ قالغان پەرزەنتلىرىدىن ئىككى پەرزەنتى تۇرمۇش قۇرۇپ مۇستەققىل ياشاۋاتقان، قالغانلىرى ئاپىسىنىڭ ۋەسىلىگىدە ئىكەن ،نەۋرىلىك بۇلۇپ قالغان بۇ ئەر بۇ قېتىم يەنە ئاجرىشىش ئۈچۈن سوت مەھكىمىسىدە دەۋالاشقان . بۇ يەردە بۇ ئەرنىڭ نىمە ئۈچۈن نىكاھتىن ئاجراشماقچى بولغانلىغى ھەققىدە توختالمايمىز .چۈنكى سوت داۋامىدا مەلۇم بولغان  قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار بۇ نىكاھقا كومىدىيەلىك تۈس بىرىپ دېقىتىمىزنى تېخىمۇ تارتماقتا ئىدى :

    -سىزمۇ تۇنۇشلا كۆرۈنىسىزغۇ- دىدى سودىيە ئايالغا دېققەت قىلىپ-ئېسىمدە قېلىشىچە سىزمۇ بىر نەچچە قېتىم سوتتا دەۋالاشتىڭىزغۇ دەيمەن؟ شۇ چاغلاردىكىسىمۇ نىكاھ  ماجىراسىمىدى ؟

    -ھە-ئايال قۇرۇنغاندەك قىلىپ جىلمىيىپ قويدى.

    نۇرغۇن سوت مەھكىمىللىرىدە نىكاھ دىلۇسىدا نىمىشقىدۇر دەۋالاشقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى بىلەن قۇشۇپ نەچچە قېتىم نىكاھلىق بولغانلىغىنى ئېنىقلايدىغان بىر ئادەت بار ئىدى ( ئەمىليەتتە بۇنداق بەلگىلمە يوق ). ئايان بولدىكى بۇ ئايالمۇ بەش قېتىم نىكاھلىق بولغان  ئىكەن، جەمى تۆت پەرەنتى بۇلۇپ بىر پەرزەنتى يېنىدا ئىكەن.

    سودىيە ئەر- ئايال ئىككىسىگە تەئەججۈپ بىلەن بىر پەس قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ئاخىردا ئۆزىنى تۇتىۋالالماي ھەيۋىتىنى بىر چەتكە قايرىپ قۇيۇپ كۈلۈپ كەتتى:

    -ئېلىشمىغۇچە تېپىشماس دەپ راسسا تېپىشقان بىر جۈپكەنسىلەر ھە.....

    راسىت، تەقدىر بۇ ئىككى «تەقدىرداش» نى  جەمى 13 نىكاھنى قۇربان قىلىش ، 11 پەرزەنىتنى يىتىم قىلىش بەدىلىگە باش قوشۇشقا نېسىپ قىلغان، ئەپسۇسكى بۇ :تەغدىرداش؛لار  يەنىلا  «خۇي» نى تاشلىماي ئاجراشماقچى بۇلۇپ سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشقان ئىدى. ئەلۋەتتە سودىيەنىڭ بۇ دەۋانى بىر تەرەپ قىلىشىمۇ ئۇنچە تەسكە توختىمىدى، چۈنكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يول قويمىغاچقا بۇ ئەر ئايالنىڭ ۋەسىلىگىنى تالىشىدىغان  پەرزەنتىمۇ يوق ئىدى. ئىككىلىسى ئاجرىشىش قارارىغا كەلگەن ئىدى ، بۇلارنى سوتتا دەۋالىششىقا مەجبۇر قىلغىنى ئەر تەرەپ تويدا ئايالغا ئېلىپ بەرگەن ئازراققىنە زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرى بۇلۇپ بۇلارنىڭ بىرگە تۇرغان ۋاختى بەك قىسقا بولغاچقا ئەر تەرەپ بۇ زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرىنى ئايالغا بېرۋېتىشكە چىدىمىغان، نەتىنجىدە نىكاھ تىزىملاش ئورنىدا ئاجرىشالماي سوتقا دەۋا قىلىشقان ئىدى.

    مەن بۇ يەردە سودىيەنىڭ بۇ دەۋانى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىغىنى تەپسىلى بايان قىلماقچى ئەمەسمەن .ئەلۋەتتە قانۇن بويىچە زىننەت بۇيۇملىرى ئايالغا تەئەللۇق قىلىنىپ بۇلار نىكادىن ئاجراشتۇرۇلدى، ھىكايىمىزدە بۇلار ئانچە مۇھىم ئەمەس.  دېقەت قىلىشقا  تېگىشلىگى بۇ ئىككى ئەر ئايالنىڭ نىكاھلىنىشتا ئوبىيېكىت تاللاشقا، ۋە ئەر -ئاياللىق تۇرمۇشقا تۇتقان يۈكسەك دەرىجىدىكى يەڭگىلتەكلىگى ئىدى .مۇشۇ باھانىدە مەن ئەتراپىمدىكى تۇنۇش كىشلەرنىڭ نىكاھ سەزگۈرەشتىسى ۋە  دەۋا جەريانىدا ئۇچۇراتقان  نىكاھ ماجرالىرنى قايتا خاتىرەمدىن ئۆتكۈزدۇم  ۋە بىردىن ھىس قىلدىمكى مۇشۇ خىلدىكى يەڭگىلتەكلىك پوزىتسىيەسى نۇرغۇنلىغان نىكاھلانغۇچىلاردا ئازدۇر-كۆپتۇر ساقلانماقتا ئىكەن. مەن باشقا مىللەت كىشلىرىدە بۇلۇپمۇ خەنزۇلاردا ئىككىدىن ئارتۇق نىكاھلانغانلارنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم (بولسىمۇ بەك ئاز بۇلۇشى مۇمكىن )، مۇتلەق كۆپچىلىگى بىر نىكاھ بىلەن ئومۈرىنى ئۆتكۈزىدۇ.  ئەكسىچە مىللىتىمىزدە بولسا ئىككى ياكى ئۈچ نىكاھلىق بولغانلار ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپ نىكاھلىق بولغانلار ئەتىراپىمىزدا ئاز ئەمەس. بىزدە نىكاھ غايىپ دەيدىغان گەپ بار، بۇ گەپتىن قارىماققا نىكاھنىڭ قانداق بۇلىشى تەلەيگە باغلىق دىگەندەك مەزمۇن ئىپادىلەنگەندەك قىلىدۇ، بىراق ئوزىمىز بىلەن ئۆزگىلەرنى سېلىشتۇرساق خۇتۇنپۇرۇشلۇق بىلەن ئەرپۇرۇشلۇق قىسمىتىمىز يالغۇز تەغدىر- تەلەيگە باغلىق بولمىسا كېرەك.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.